56 - سۈرە ۋاقىئە ()

|

(1) قىيامەت قايىم بولغاندا (بولۇشىدا شەك يوق)،

(2) ئۇنى دۇنيادا ئىنكار قىلغاندەك ئىنكار قىلىدىغان ھېچكىم بولمايدۇ.

(3) زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا قىيامەت بولىدۇ. ئۇ گۇناھكار كاپىرلارنى دوزاخقا كىرگۈزۈش ئارقىلىق دەرىجىسىنى چۈشۈرىدۇ. تەقۋادار مۇئمىنلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش ئارقىلىق دەرىجىسىنى كۆتۈرىدۇ.

(4) زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا قىيامەت بولىدۇ. ئۇ گۇناھكار كاپىرلارنى دوزاخقا كىرگۈزۈش ئارقىلىق دەرىجىسىنى چۈشۈرىدۇ. تەقۋادار مۇئمىنلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش ئارقىلىق دەرىجىسىنى كۆتۈرىدۇ.

(5) زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا قىيامەت بولىدۇ. ئۇ گۇناھكار كاپىرلارنى دوزاخقا كىرگۈزۈش ئارقىلىق دەرىجىسىنى چۈشۈرىدۇ. تەقۋادار مۇئمىنلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش ئارقىلىق دەرىجىسىنى كۆتۈرىدۇ.

(6) زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا قىيامەت بولىدۇ. ئۇ گۇناھكار كاپىرلارنى دوزاخقا كىرگۈزۈش ئارقىلىق دەرىجىسىنى چۈشۈرىدۇ. تەقۋادار مۇئمىنلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش ئارقىلىق دەرىجىسىنى كۆتۈرىدۇ.

(7) سىلەر ئۇ كۈندە ئۈچ پىرقىگە بۆلۈنىسىلەر.

(8) نامە - ئەماللىرىنى ئوڭ قوللىرى بىلەن ئالىدىغان سائادەتمەنلەرنىڭ مەرتىۋىسى نېمىدېگەن يۈكسەك ھەم كاتتا!.

(9) نامە - ئەماللىرىنى سول قوللىرى بىلەن ئالىدىغان بەختسىزلەرنىڭ مەرتىۋىسى نېمىدېگەن پەس!

(10) دۇنيادا ياخشىلىقنى ئالدىدا قىلغۇچىلار ئاخىرەتتىمۇ جەننەتكە ئالدىدا كىرىدىغانلاردۇر.

(11) ئەنە شۇلار ئاللاھقا يېقىن بولغۇچىلار بولۇپ، نازۇنېئمەتلىك جەننەتلەردە تۈرلۈك نېئمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ.

(12) ئەنە شۇلار ئاللاھقا يېقىن بولغۇچىلار بولۇپ، نازۇنېئمەتلىك جەننەتلەردە تۈرلۈك نېئمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ.

(13) ئۇلار مۇشۇ ئۈممەتتىن ۋە ئىلگىرىكى ئۈممەتلەردىن بىر توپ كىشىلەردۇر.

(14) كېيىنكىلەرنىڭ ئېچىدە ئازدۇر. ئۇلار ياخشى ئەمەللەردە مۇسابىقىلىشىپ ئاللاھقا يېقىن بولغۇچىلاردۇر.

(15) ئۇلار ئالتۇندىن بىزەلگەن تەختلەرگە يۆلەنگەن ھالدا بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ، بىر - بىرىگە ئارقىسىنى قىلمايدۇ.

(16) ئۇلار ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن تەختلەرگە يۆلەنگەن ھالدا بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ، بىر - بىرىگە ئارقىسىنى قىلمايدۇ.

(17) قېرىماي ھەمىشە بىر خىل تۇرىدىغان غىلمانلار ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ، ئېقىپ تۇرغان شارابلارنى پىيالە، چەينەك ۋە جاملارغا تولدۇرۇپ سۇنۇپ تۇرىدۇ.

(18) قېرىماي ھەمىشە بىر خىل تۇرىدىغان غىلمانلار ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ، ئېقىپ تۇرغان شارابلارنى پىيالە، چەينەك ۋە جاملارغا تولدۇرۇپ سۇنۇپ تۇرىدۇ.

(19) جەننەتنىڭ شارابلىرى بۇ دۇنيانىڭ شارابلىرىغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇنى ئىچكەنلەرنىڭ بېشى ئاغرىمايدۇ ۋە ئەقلىنى يوقاتمايدۇ.

(20) بۇ غىلمانلار جەننەت ئەھلى خالىغان مېۋە - چېۋىلەرنى ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ.

(21) ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرى تارتقان قۇش گۆشلىرىنى ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ.

(22) ئۇلارغا جەننەتتە سەدەپنىڭ ئىچىدىكى مەرۋايىتقا ئوخشاش شەھلا كۆزلۈك، گۈزەل ھۆرلەر بېرىلىدۇ.

(23) ئۇلارغا جەننەتتە سەدەپنىڭ ئىچىدىكى مەرۋايىتقا ئوخشاش شەھلا كۆزلۈك، گۈزەل ھۆرلەر بېرىلىدۇ.

(24) بۇ ئۇلارنى دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىگە قارىتا مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر.

(25) ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە سۆزلەرنى ۋە گۇناھ بولىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلىمايدۇ.

(26) ئۇلار پەقەت پەرىشتىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن سالاملىرىنى ۋە جەننەت ئەھلىنىڭ ئۆزئارا قىلىشقان سالاملىرىنىلا ئاڭلايدۇ.

(27) ئەسھابۇل يەمىن دېگەن: نام-ئەمەل كىتابى ئوڭ تەرەپتىن بېرىلگەنلەر بولۇپ، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئۇلارنىڭ مەرتىۋېىسى ۋە ئورنى نېمە دېگەن كاتتا!.

(28) ئۇلار تىكەنلىرى ئېلىۋېتىلگەن، كىشىگە زىيان قىلمايدىغان سىدر مېۋىلىرىدىن، سانجاق - سانجاق بولۇپ بىر - بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن مەۋزلەردىن، يوقىلىپ كەتمەي ئۈزلۈكسىز تاشلىنىپ تۇرىدىغان سايىلاردىن، توختاپ قالماي ئېقىپ تۇرىدىغان سۇلاردىن، توساقسىز، ھېچقاچان ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان، ئۆزلىرى خالىغان ۋاقىتتا چەكلىمىسىز يېيەلەيدىغان مېۋىلەردىن، كارىۋاتلار ئۈستىگە سېلىنغان ئېگىز تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ.

(29) ئۇلار تىكەنلىرى ئېلىۋېتىلگەن، كىشىگە زىيان قىلمايدىغان سىدر مېۋىلىرىدىن، سانجاق - سانجاق بولۇپ بىر - بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن مەۋزلەردىن، يوقىلىپ كەتمەي ئۈزلۈكسىز تاشلىنىپ تۇرىدىغان سايىلاردىن، توختاپ قالماي ئېقىپ تۇرىدىغان سۇلاردىن، توساقسىز، ھېچقاچان ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان، ئۆزلىرى خالىغان ۋاقىتتا چەكلىمىسىز يېيەلەيدىغان مېۋىلەردىن، كارىۋاتلار ئۈستىگە سېلىنغان ئېگىز تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ.

(30) ئۇلار تىكەنلىرى ئېلىۋېتىلگەن، كىشىگە زىيان قىلمايدىغان سىدر مېۋىلىرىدىن، سانجاق - سانجاق بولۇپ بىر - بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن مەۋزلەردىن، يوقىلىپ كەتمەي ئۈزلۈكسىز تاشلىنىپ تۇرىدىغان سايىلاردىن، توختاپ قالماي ئېقىپ تۇرىدىغان سۇلاردىن، توساقسىز، ھېچقاچان ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان، ئۆزلىرى خالىغان ۋاقىتتا چەكلىمىسىز يېيەلەيدىغان مېۋىلەردىن، كارىۋاتلار ئۈستىگە سېلىنغان ئېگىز تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ.

(31) ئۇلار تىكەنلىرى ئېلىۋېتىلگەن، كىشىگە زىيان قىلمايدىغان سىدر مېۋىلىرىدىن، سانجاق - سانجاق بولۇپ بىر - بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن مەۋزلەردىن، يوقىلىپ كەتمەي ئۈزلۈكسىز تاشلىنىپ تۇرىدىغان سايىلاردىن، توختاپ قالماي ئېقىپ تۇرىدىغان سۇلاردىن، توساقسىز، ھېچقاچان ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان، ئۆزلىرى خالىغان ۋاقىتتا چەكلىمىسىز يېيەلەيدىغان مېۋىلەردىن، كارىۋاتلار ئۈستىگە سېلىنغان ئېگىز تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ.

(32) ئۇلار تىكەنلىرى ئېلىۋېتىلگەن، كىشىگە زىيان قىلمايدىغان سىدر مېۋىلىرىدىن، سانجاق - سانجاق بولۇپ بىر - بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن مەۋزلەردىن، يوقىلىپ كەتمەي ئۈزلۈكسىز تاشلىنىپ تۇرىدىغان سايىلاردىن، توختاپ قالماي ئېقىپ تۇرىدىغان سۇلاردىن، توساقسىز، ھېچقاچان ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان، ئۆزلىرى خالىغان ۋاقىتتا چەكلىمىسىز يېيەلەيدىغان مېۋىلەردىن، كارىۋاتلار ئۈستىگە سېلىنغان ئېگىز تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ.

(33) ئۇلار تىكەنلىرى ئېلىۋېتىلگەن، كىشىگە زىيان قىلمايدىغان سىدر مېۋىلىرىدىن، سانجاق - سانجاق بولۇپ بىر - بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن مەۋزلەردىن، يوقىلىپ كەتمەي ئۈزلۈكسىز تاشلىنىپ تۇرىدىغان سايىلاردىن، توختاپ قالماي ئېقىپ تۇرىدىغان سۇلاردىن، توساقسىز، ھېچقاچان ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان، ئۆزلىرى خالىغان ۋاقىتتا چەكلىمىسىز يېيەلەيدىغان مېۋىلەردىن، كارىۋاتلار ئۈستىگە سېلىنغان ئېگىز تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ.

(34) ئۇلار تىكەنلىرى ئېلىۋېتىلگەن، كىشىگە زىيان قىلمايدىغان سىدر مېۋىلىرىدىن، سانجاق - سانجاق بولۇپ بىر - بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن مەۋزلەردىن، يوقىلىپ كەتمەي ئۈزلۈكسىز تاشلىنىپ تۇرىدىغان سايىلاردىن، توختاپ قالماي ئېقىپ تۇرىدىغان سۇلاردىن، توساقسىز، ھېچقاچان ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان، ئۆزلىرى خالىغان ۋاقىتتا چەكلىمىسىز يېيەلەيدىغان مېۋىلەردىن، كارىۋاتلار ئۈستىگە سېلىنغان ئېگىز تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ.

(35) ھەقىقەتەن بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھۆرلەرنى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۆزگىچە گۈزەللىكتە ياراتتۇق.

(36) بىز ئۇلارنى ئىلگىرى ھېچكىم يېقىن كېلىپ باقمىغان قىزلار قىلدۇق.

(37) ئۇلار ئەرلىرىنى ياخشى كۆرىدىغان، ياشتىمۇ تەڭتۇش جۈپتلەردۇر.

(38) بىز بۇ ھۆرلەرنى نامە - ئەمالى ئوڭ تەرەپتىن بېرىلگەن سائادەتمەنلەرنىڭ بەخت - سائادىتىنىڭ ئالامىتى قىلدۇق.

(39) بۇلار ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۈممىتى ئىچىدە كۆپتۇر.

(40) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى ئىچىدىمۇ كۆپ بولۇپ، ئۇلار ئەڭ ئاخىرقى ئۈممەتتۇر.

(41) ئەسھابۇل شىمال دېگەن: نام-ئەمەل دەپتىرى سول تەرەپتىن بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ئاقىۋېتى نېمە دېگەن يامان!.

(42) ئۇلار تولىمۇ ئاتەشلىك شامال ۋە ئىنتايىن ھارارەتلىك قايناق سۇنىڭ، قاپقارا ئىس - تۈتەكتىن شەكىللەنگەن، سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ.

(43) ئۇلار تولىمۇ ئاتەشلىك شامال ۋە ئىنتايىن ھارارەتلىك قايناق سۇنىڭ، قاپقارا ئىس - تۈتەكتىن شەكىللەنگەن، سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ.

(44) ئۇلار تولىمۇ ئاتەشلىك شامال ۋە ئىنتايىن ھارارەتلىك قايناق سۇنىڭ، قاپقارا ئىس - تۈتەكتىن شەكىللەنگەن، سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ.

(45) ھەقىقەتەن ئۇلار مۇشۇ ئازابقا دۇچار بولۇشتىن بۇرۇن دۇنيادىكى ۋاقىتلىرىدا تولىمۇ باياشات، شەھۋەتلىرىنى قاندۇرۇشتىن باشقا غېمى يوق كىشىلەر ئىدى.

(46) ئۇلار ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، ئاللاھنى قويۇپ بۇتلىرىغا چوقۇنۇشتا قاتتىق چىڭ تۇراتتى.

(47) ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغانلىقتىن (مۇسۇلمانلارنى) مەسخىرە قىلىپ ھەمدە (قايتا تىرىلىشنى) يىراق ساناپ: بىز ئۆلۈپ، تۇپراققا ۋە چىرىپ كەتكەن سۆڭەككە ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن يەنە قايتا تىرىلىمىزمۇ؟ بىزدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا - ئەجدادلىرىمىزمۇ قايتا تىرىلەمدۇ؟ دەيتتى.

(48) ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغانلىقتىن (مۇسۇلمانلارنى) مەسخىرە قىلىپ ھەمدە (قايتا تىرىلىشنى) يىراق ساناپ: بىز ئۆلۈپ، تۇپراققا ۋە چىرىپ كەتكەن سۆڭەككە ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن يەنە قايتا تىرىلىمىزمۇ؟ بىزدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا - ئەجدادلىرىمىزمۇ قايتا تىرىلەمدۇ؟ دەيتتى.

(49) ئەي پەيغەمبەر! ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى بۇ ئادەملەرگە ئېيتقىنكى، ھەقىقەتەن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى پۈتۈن خالايىقلار ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن شەكسىز بولىدىغان قىيامەت كۈنىدە ئەلۋەتتە توپلىنىدۇ.

(50) ئەي پەيغەمبەر! ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى بۇ ئادەملەرگە ئېيتقىنكى، ھەقىقەتەن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى پۈتۈن خالايىقلار ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن شەكسىز بولىدىغان قىيامەت كۈنىدە ئەلۋەتتە توپلىنىدۇ.

(51) ئاندىن سىلەر ئەي ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى ۋە توغرا يولدىن ئازغۇچىلار! قىيامەت كۈنى ئۇلار ئەلۋەتتە زەققۇم دەرىخىنىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ، بۇ بەك نىجىس ۋە ناچار مېۋىدۇر.

(52) ئاندىن سىلەر ئەي ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى ۋە توغرا يولدىن ئازغۇچىلار! قىيامەت كۈنى ئۇلار ئەلۋەتتە زەققۇم دەرىخىنىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ، بۇ بەك نىجىس ۋە ناچار مېۋىدۇر.

(53) ئاشۇ دەرەخنىڭ ئاچچىق مېۋىسىدىن ئېچىپ كەتكەن قورسىقىڭلارنى تولدۇرىسىلەر.

(54) ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرى ھارارەتلىك قايناق سۇنى ئىچىسىلەر.

(55) يۇقىرى ھارارەتلىك قايناق سۇنى خۇددى قاتتىق چاڭقاپ كەتكەنلىكتىن كۆپ ئىچىدىغان تۆگىدەك ئىچىسىلەر.

(56) يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەنە شۇ ئاچچىق يېمەكلىك ۋە قايناق سۇ ئۇلارنىڭ زىياپىتى بولۇپ، ئۇلار قىيامەت كۈنى شۇ زىياپەتلەر بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ.

(57) ئەي ئىنكارچىلار! بىز سىلەرنى يوقلۇقتىن بار قىلغان تۇرساق. ئەمدىلىكتە بىزنىڭ سىلەرنى ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشەنمەمسىلەر؟

(58) ئەي ئىنسانلار! سىلەر ئاياللىرىڭلارنىڭ بەچچىدانلىرىغا تۆكۈۋاتقان مەنىنى دەپ بېقىڭلارچۇ!

(59) ئاشۇ مەنىنى سىلەر (ئىنسان قىلىپ) يارىتىۋاتامسىلەر ياكى بىز يارىتىۋاتامدۇق؟

(60) بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بېكىتتۇقكى، ھەر بىرىڭلارنىڭ قىلچە ئىلگىرى - كېيىن بولمايدىغان مۇئەييەن ئۆلۈش ۋاقتىڭلار بار. بىز سىلەرنى ئۆزۈڭلارغا تونۇشلۇق بولغان ھازىرقى يارىتىلىشىڭلار ۋە شەكلىڭلاردىن باشقا بىر ھالەتكە ئالماشتۇرۇپ، سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان باشقا بىر يارىتىش ۋە شەكىلدە پەيدا قىلىشتىنمۇ ئاجىز ئەمەسمىز.

(61) بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بېكىتتۇقكى، ھەر بىرىڭلارنىڭ قىلچە ئىلگىرى - كېيىن بولمايدىغان مۇئەييەن ئۆلۈش ۋاقتىڭلار بار. بىز سىلەرنى ئۆزۈڭلارغا تونۇشلۇق بولغان ھازىرقى يارىتىلىشىڭلار ۋە شەكلىڭلاردىن باشقا بىر ھالەتكە ئالماشتۇرۇپ، سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان باشقا بىر يارىتىش ۋە شەكىلدە پەيدا قىلىشتىنمۇ ئاجىز ئەمەسمىز.

(62) ھەقىقەتەن سىلەر بىزنىڭ ئۆزۈڭلارنى دەسلەپتە قانداق ياراتقانلىقىمىزنى بىلىسىلەر. شۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقان زاتنىڭ ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟

(63) قېنى ئۆزۈڭلار يەرگە تېرىۋاتقان ئۇرۇقلارنى دەپ بېقىڭلارچۇ!

(64) ئاشۇ ئۇرۇقلارنى سىلەر ئۈندۈرۈۋاتامسىلەر ياكى بىز ئۈندۈرۈۋاتىمىزمۇ؟

(65) ئەگەر بىز خالىساق ئىدۇق، ئاشۇ زىرائەتلەر پىشىپ، ھوسۇل بېرەي دېگەندە قۇرۇق چۆپكە ئايلاندۇرۇۋېتەتتۇق - دە، ئاندىن سىلەر بۇ ئەھۋالدىن ئەجەبلىنىپ قايغۇراتتىڭلار.

(66) سىلەر: بىز ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا سەرپ قىلغان (ئەمگەك كۈچى ھەم ئۇرۇقلاردىن) قۇرۇق قېلىش بىلەن جازالاندۇق، بەلكى بىز رىزىقتىن مەھرۇم قالدۇق، دەيتتىڭلار.

(67) سىلەر: بىز ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا سەرپ قىلغان (ئەمگەك كۈچى ھەم ئۇرۇقلاردىن) قۇرۇق قېلىش بىلەن جازالاندۇق، بەلكى بىز رىزىقتىن مەھرۇم قالدۇق، دەيتتىڭلار.

(68) قېنى سىلەر ئۇسسىغاندا ئىچىۋاتقان سۇنى دەپ بېقىڭلارچۇ!

(69) ئۇنى ئاسماندىكى بۇلۇتتىن سىلەر چۈشۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز چۈشۈردۇقمۇ؟

(70) ئەگەر بىز خالىساق، ئاشۇ سۇنى ئىنتايىن تۇزلۇق قىلىۋېتەتتۇق - دە، ئۇنى نە ئىچكىلى، نە يەر سۇغارغىلى بولمايتتى. ئاللاھنىڭ سىلەرگە شەپقەت قىلىش يۈزىسىدىن ئۇنى تاتلىق قىلىپ چۈشۈرۈپ بەرگىنىگە نېمىشقا شۈكرى قىلمايسىلەر؟

(71) ئۆز مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن يېقىلغۇ قىلىۋاتقان ئوتنى دەپ بېقىڭلارچۇ!

(72) يېقىلغۇ قىلىنىدىغان دەرەخنى سىلەر پەيدا قىلدىڭلارمۇ ياكى سىلەرگە شەپقەت قىلىپ بىز پەيدا قىلدۇقمۇ؟

(73) بىز بۇ ئوتنى سىلەرگە ئاخىرەتنىڭ ئوتىنى ئەسلىتىدىغان قىلدۇق، شۇنداقلا ئۇنى ئاراڭلاردىن سەپەرگە چىققانلارغا پايدىلىق قىلىپ بەردۇق.

(74) ئەي پەيغەمبەر! ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى ئۇنىڭغا لايىق كەلمەيدىغان نەرسىلەردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن.

(75) ئاللاھ تائالا يۇلتۇزلارنىڭ ئورۇن ھەم جايلىرى بىلەن قەسەم قىلدى.

(76) ھەقىقەتەن بۇ ئورۇنلار بىلەن قەسەم قىلىش -ئەگەر ئۇنىڭ كاتتىلىقىنى بىلسەڭلار- ئەلۋەتتە بۈيۈك قەسەمدۇركى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئالامەتلەر ۋە چەكسىز ئىبرەتلەر بار.

(77) ئەي ئىنسانلار! ھەقىقەتەن سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلىۋاتقىنى ئۇلۇغ قۇرئاندۇركى، ئۇنىڭدا كاتتا مەنپەئەتلەر باردۇر.

(78) ئۇ ئىنسانلارنىڭ كۆزلىرى كۆرەلمەيدىغان كىتاب، يەنى لەۋھۇلمەھپۇزغا (پۈتۈلگەندۇر).

(79) ئۇنى پەقەت گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن ۋە ئەيىب - نۇقسانلاردىن پاك بولغان پەرىشتىلەرلا تۇتالايدۇ.

(80) ئۇ پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغاندۇر.

(81) ئەي مۇشرىكلار! سىلەر مۇشۇ قۇرئانغا ئىشەنمەي، ئىنكار قىلامسىلەر؟

(82) ئاللاھنىڭ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇنى ئىنكار قىلىپ، يامغۇرنىڭ يېغىشىنى پېتىش ئالدىدىكى يۇلتۇزغا مەنسۇپ قىلىپ: بىز پالان ۋە پۇستان يۇلتۇز سەۋەبىدىن يامغۇر ياغدۇرۇلدۇق، دەمسىلەر؟

(83) جان ھەلقۇمغا كەلگەندە سىلەر (سەكراتتىكى كىشىگە) قاراپ تۇرىسىلەرغۇ!؟

(84) ئاشۇ چاغدا سىلەر كۆز ئالدىڭلاردا سەكراتقا چۈشۈپ قالغان كىشىگە قاراپ تۇرىسىلەر، (يەنى ئۇنىڭ ئۈچۈن قولۇڭلاردىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ).

(85) بىز ئىلمىمىز، قۇدرىتىمىز ۋە پەرىشتىلىرىمىز بىلەن مېيىتلىرىڭلارغا سىلەردىنمۇ يېقىنراقمىز. لېكىن سىلەر ئۇ پەرىشتىلەرنى كۆرەلمەيسىلەر.

(86) ئەگەر سىلەر ئويلىغىنىڭلاردەك ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلمەيدىغان، ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازاغا تارتىلمايدىغان بولساڭلار، مېيىتىڭلاردىن چىقىپ كېتىۋاتقان ئاشۇ جاننى نېمىشقا قايتۇرمايسىلەر؟ سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار، (قېنى شۇنداق قىلىپ باقمامسىلەر؟). ئۇنداق قىلالمايسىلەر.

(87) ئەگەر سىلەر ئويلىغىنىڭلاردەك ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلمەيدىغان، ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازاغا تارتىلمايدىغان بولساڭلار، مېيىتىڭلاردىن چىقىپ كېتىۋاتقان ئاشۇ جاننى نېمىشقا قايتۇرمايسىلەر؟ سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار، (قېنى شۇنداق قىلىپ باقمامسىلەر؟). ئۇنداق قىلالمايسىلەر.

(88) ئەگەر مېيىت ياخشى ئەمەللەرگە ئالدىرىغۇچىلاردىن بولسا، ئۇنىڭغا ئۆلگەندىن كېيىنلا راھەت، ياخشى رىزىق، رەھمەت ۋە كۆڭلى تارتقان نەرسىدىن بەھرىلىنەلەيدىغان جەننەت بار.

(89) ئەگەر مېيىت ياخشى ئەمەللەرگە ئالدىرىغۇچىلاردىن بولسا، ئۇنىڭغا ئۆلگەندىن كېيىنلا راھەت، ياخشى رىزىق، رەھمەت ۋە كۆڭلى تارتقان نەرسىدىن بەھرىلىنەلەيدىغان جەننەت بار.

(90) ئەگەر مېيىت سائادەتمەنلەردىن بولسا (ئۇلارغا): ئەنسىرىمىگىن. چۈنكى سائادەتمەنلەرگە تىنچ - ئامانلىق بار، دېيىلىدۇ.

(91) ئەگەر مېيىت سائادەتمەنلەردىن بولسا (ئۇلارغا): ئەنسىرىمىگىن. چۈنكى سائادەتمەنلەرگە تىنچ - ئامانلىق بار، دېيىلىدۇ.

(92) ئەگەر مېيىت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچى، توغرا يولدىن ئازغان گۇمراھلاردىن بولسا، ئۇ يۇقىرى ھارارەتلىك قايناق سۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ.

(93) ئەگەر مېيىت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچى، توغرا يولدىن ئازغان گۇمراھلاردىن بولسا، ئۇ يۇقىرى ھارارەتلىك قايناق سۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ.

(94) ئۇ جەھەننەمنىڭ ئوتىدا كۆيدۈرۈلىدۇ.

(95) ئەي پەيغەمبەر! بىز ساڭا سۆزلەپ بەرگەن بۇ قىسسە شەكسىز چىن ھەقىقەتتۇر.

(96) ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمىنى پاك دەپ بىلگىن، ئۇنى ئەيىب - نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن.