73 - سۈرە مۇزەممىل ()

|

(1) ئى كىيىمىگە يۆگىنىۋالغۇچى! (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دېمەكچى).

(2) كېچىدە مەلۇم ۋاقىت ئۇخلاپ، كېچىنىڭ يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىن ئازراقىدا، ھەتتا ئۈچتىن بىرىدە ياكى ئۈچتىن ئىككىسىگە قەدەر ناماز ئوقۇغىن. قۇرئان كەرىمنى ئوقۇغان ۋاقتىڭدا ئالدىرىماي، دانىمۇ-دانە، ئوچۇق ئوقۇغىن.

(3) كېچىدە مەلۇم ۋاقىت ئۇخلاپ، كېچىنىڭ يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىن ئازراقىدا، ھەتتا ئۈچتىن بىرىدە ياكى ئۈچتىن ئىككىسىگە قەدەر ناماز ئوقۇغىن. قۇرئان كەرىمنى ئوقۇغان ۋاقتىڭدا ئالدىرىماي، دانىمۇ-دانە، ئوچۇق ئوقۇغىن.

(4) كېچىدە مەلۇم ۋاقىت ئۇخلاپ، كېچىنىڭ يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىن ئازراقىدا، ھەتتا ئۈچتىن بىرىدە ياكى ئۈچتىن ئىككىسىگە قەدەر ناماز ئوقۇغىن. قۇرئان كەرىمنى ئوقۇغان ۋاقتىڭدا ئالدىرىماي، دانىمۇ-دانە، ئوچۇق ئوقۇغىن.

(5) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز ھەقىقەتەن ساڭا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلىمىز. ئۇ قۇرئان بىر مۇنچىلىغان پەرزلەرنى، قانۇنىي بەلگىلىمىلەرنى، ئەھكاملارنى، ئەدەب - قائىدىلەرنى ۋە باشقا مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقتىن تولىمۇ ۋەزنىلىك سۆزدۇر.

(6) ھەقىقەتەن كېچە ۋاقىتلىرى قەلبنىڭ قىرائەتكە ئەڭ ماس كېلىدىغان ھەم ئەڭ توغرا تىلاۋەت قىلغىلى بولىدىغان ۋاقىتلاردۇر.

(7) ھەقىقەتەن سېنىڭ كۈندۈزدە قىلىدىغان ئىشلىرىڭ بار. شۇڭا كۈندۈزى قۇرئان تىلاۋەت قىلىشتىن (باشقا ئىشلار بىلەن) ئالدىراش بوپقالىسەن. شۇڭا كېچىدە (قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئارقىلىق) ناماز ئوقۇغىن.

(8) ئاللاھ تائالانى تۈرلۈك زىكىرلەر بىلەن ياد ئەتكىن، ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلىش بىلەن تولۇق يۈزلەنگىن.

(9) ئاللاھ تائالا مەشرىقنىڭ ۋە مەغرىبنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھىي مەبۇد يوقتۇر. شۇڭا بارچە ئىشلىرىڭدا ئۇنى تايىنىدىغان ھامىي قىلىۋالغىن.

(10) ئىنكارچىلارنىڭ مەسخىرە قىلىپ، تىللاشلىرىغا سەۋر قىلغىن، ئۇلارنى ئازار بەرمەستىن تەرك ئەتكىن.

(11) دۇنيانىڭ ئەيش - ئىشرەتلىرىگە غەرق بولغان ئىنكارچىلارغا پەرۋا قىلمىغىن، ئۇلارنى ماڭا قويغىن ھەم ئۇلارنى تاكى ئەجىلى كەلگەنگە قەدەر ئازراق كۈتكىن.

(12) ھەقىقەتەن ئاخىرەتتە بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ئۇلارغا ئېغىر ئىشكەللەر ۋە يالقۇنجاپ تۇرغان ئوت بار.

(13) ئۇلارغا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئازابلاردىن سىرت، يەنە ناھايىتى ئاچچىق بولغانلىقتىن گاللىرىغا تۇرۇپ قالىدىغان يېمەكلىك ۋە دەرتلىك ئازاب بار.

(14) ئۇ ئازاب ئىنكارچىلارغا زېمىن ۋە تاغلار تەۋرەپ كېتىدىغان كۈندە كېلىدۇ. ئۇ كۈننىڭ دەھشىتىنىڭ قاتتىقلىقىدىن تاغلارمۇ ئېقىپ تۇرغان قۇمدەك بوپكېتىدۇ.

(15) ھەقىقەتەن بىز پىرئەۋنگە مۇسا ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكىنىمىزدەك، سىلەرگىمۇ قىيامەت كۈنى ئەمەللىرىڭلارغا شاھىت بولىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق.

(16) پىرئەۋن پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۆزىگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى دۇنيادا سۇغا غەرق قىلىش بىلەن قاتتىق ئازابلىدۇق. ئۇ ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ. شۇڭا سىلەرمۇ پەيغەمبىرىڭلارغا ئاسىيلىق قىلماڭلار. بولمىسا سىلەرگىمۇ پىرئەۋنگە كەلگەن ئازاب كېلىدۇ.

(17) ئەگەر سىلەر ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلساڭلار، ناھايىتى قىيىن ھەم ئۇزۇن بولغان كۈندە ئۆزۈڭلارنى قانداق قوغداپ، ھىمايە قىلىپ بولالايسىلەر؟ ئۇ كۈننىڭ دەھشىتىدىن ھەم ئۇزۇنلۇقىدىن كىچىك بالىلارنىڭ چاچلىرىمۇ ئاقىرىپ كېتىدۇ.

(18) ئۇ كۈننىڭ دەھشىتىدىن ئاسمان يېرىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى شەكسىز ئەمەلگە ئاشقۇچىدۇر.

(19) قىيامەت كۈنىدىكى قورقۇنچ ھەم قىيىنچىلىقلارنىڭ بايانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ پەند - نەسىھەتتىن پەقەت مۇئمىنلەرلا مەنپەئەتلىنەلەيدۇ. كىمكى پەرۋەردىگارىغا يەتكۈزىدىغان يولنى تۇتۇشنى خالىسا، شۇ (پەند - نەسىھەت) نى تۇتسۇن.

(20) ئى پەيغەمبەر! ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭ سېنىڭ بەزىدە كېچىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىدە، بەزىدە كېچىنىڭ يېرىمىدا، بەزىدە ئۈچتىن بىرىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇيدىغانلىقىڭنى، بىر بۆلۈك مۇئمىنلەرنىڭمۇ سەن بىلەن بىرگە تۇرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئاللاھ كېچە - كۈندۈزنى بەلگىلەيدۇ، ئۇنىڭ ۋاقىتلىرىنى ھېسابلايدۇ. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئۇ ۋاقىتلارنى ئىنچىكە ھېسابلاپ بولالمايدىغانلىقىڭلارنى، كۆزلىگەن نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ۋاقىت قىيامدا تۇرۇشنىڭ سىلەرگە ئېغىر كېلىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، سىلەرنىڭ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى. شۇڭا كېچىدە ئۆزۈڭلارغا قولاي بولغان مىقداردا ناماز ئوقۇڭلار. ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھ يېقىن كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا كېسەللەرنىڭ، ئاللاھتىن رىزىق تىلەپ سەپەر قىلغۇچىلارنىڭ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ئۇنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن كاپىرلار بىلەن جىھاد قىلغۇچىلارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلىدۇ. بۇلارغا كېچىدە قىيامدا تۇرۇش ئېغىر كېلىدۇ. شۇڭا كېچىدىن ئۆزۈڭلارغا قولاي بولغان مىقداردا ناماز ئوقۇڭلار. پەرز نامازلارنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىڭلار، ماللىرىڭلارنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىڭلار، ماللىرىڭلارنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىڭلار. ئۆزۈڭلار ئۈچۈن دۇنيادا قانداق ياخشىلىق قىلغان بولساڭلار، ئۇنىڭ بەدىلىگە ئاخىرەتتە ئۇنىڭدىنمۇ كاتتا ھەم ياخشى ساۋابقا ئېرىشىسىلەر. ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلاركى، ھەقىقەتەن ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارغا كۆپ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايتى مېھرىباندۇر.