(1) ئەي ئىنسانلار! مال - دۇنيا ۋە بالا - چاقىلار بلىەن پەخىرلىنىش سىلەرنى ئاللاھنىڭ تائىتىدىن كاشىلا قىلىپ قويدى.
(2) نىھايەت سىلەر ئۆلۈپ، قەبرەڭلارغا كىردىڭلار.
(3) سىلەرنى نېمىشقا مال - دۇنيالىرىڭلارنى كۆز - كۆز قىلىشىش ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن كاشىلا قىپ قويدى؟ بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ئۇزۇنغا قالماي بىلىپ قالىسىلەر.
(4) چوقۇم ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلىپ قالىسىلەر.
(5) ئەمەلىيەتتە، ئەگەر سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن تىرگۈزۈلۈپ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بارىدىغىنىڭلارنى ھەمدە ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى بىلگەن بولساڭلار، ھەرگىزمۇ مال - دۇنيا ۋە بالا - چاقىلىرىڭلار بىلەن كاشىلا بولمايتتىڭلار.
(6) ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر قىيامەت كۈنى چوقۇم دوزاخنى كۆرىسىلەر.
(7) ئاندىن ئۇنى شەكسىز ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر.
(8) ئاندىن كېيىن ئاشۇ كۈندە ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن ساقلىق، بايلىق ۋە باشقا نېئمەتلەرنىڭ ھېسابىنى چوقۇم سورايدۇ.