(1) ئۆز بەندىسى ۋە ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى قۇرئاننى نازىل قىلغان ئاللاھنىڭ ياخشىلىقى ھەقىقەتەنمۇ كاتتا ھەم كۆپتۇركى، (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىشى) ئۇنىڭ ئىنسان ۋە جىنلارغا پەيغەمبەر بولۇپ، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇشى ئۈچۈندۇر.
(2) ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى يالغۇز ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ئۇنىڭ بالىسى يوق، پادىشاھلىقىدا شېرىكىمۇ يوقتۇر. ئاللاھ پۈتكۈل مەخلۇقاتلىرىنىڭ يارىتىلىشىنى ئۆز ئىلمى ۋە ھېكمىتىگە ئۇيغۇن ھالەتتە يارىتىشنى بېكىتكەن بولۇپ، ھەر نەرسە ئۇنىڭ بەلگىلىمىسىگە مۇناسىپتۇر.
(3) مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ چوڭ - كىچىك ھەر قانداق نەرسىنى پەيدا قىلالمايدىغان نەرسىلەرنى مەبۇد قىلىۋېلىشتى. ھالبۇكى ئۇلارنىڭ تۇتۇۋالغان مەبۇدلىرى يارىتىلغان نەرسىلەر بولۇپ، ئاللاھ ئۇلارنى يوقتىن بار قىلغان ئىدى. ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىدىن بىرەر زىياننىمۇ قايتۇرالمايدۇ، قىلچە پايدىمۇ ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، بىرەر جانلىقنىمۇ ئۆلتۈرەلمەيدۇ، بىرەر ئۆلۈككە ھاياتلىقمۇ بېرەلمەيدۇ، ئۆلۈكلەرنى قەبرىلىرىدىن تىرىلدۈرۈپمۇ چىقىرالمايدۇ.
(4) ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە كاپىر بولغانلار: بۇ قۇرئان مۇھەممەد ئۆزى توقۇپ چىقىپ، يالغاندىن ئاللاھقا نىسبەت بەرگەن ئويدۇرمىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇنىڭ قۇرئاننى توقۇپ چىقىشىغا باشقىلارمۇ ھەمكارلاشقان، دېيىشتى. بۇ كاپىرلار تامامەن ئاساسسىز سۆزنى قىلدى. چۈنكى قۇرئان ئاللاھنىڭ كالامىدۇركى، ئىنسانلارنىڭ ۋە جىنلارنىڭ ئۇنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرەلىشى مۇمكىن ئەمەس.
(5) قۇرئاننى ئىنكار قىلغۇچى بۇ يالغانچىلار: بۇ قۇرئان ئىلگىرىكىلەرنىڭ ھېكايىلىرى ۋە ئۇلار يېزىپ قالدۇرغان ئاساسسىز سەپسەتىلەردىن ئىبارەتتۇر. مۇھەممەد ئۇنى كۆچۈرۈۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەتىگەن - ئاخشاملىرى ئوقۇپ بېرىلىدۇ، دېدى.
(6) ئەي پەيغەمبەر! بۇ يالغانچىلارغا ئېيتقىنكى، قۇرئاننى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھ نازىل قىلدى، ئۇ سىلەرنىڭ بىلجىرلىغىنىڭلاردەك ئويدۇرما ئەمەس. ئاندىن كېيىن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى تەۋبىگە رىغبەتلەندۈرۈپ: شەكسىزكى ئاللاھ بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارغا مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا رەھىمدىلدۇر، دېدى.
(7) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغۇچى مۇشرىكلار ئېيتتى: ئۆزىنى ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر دەۋالغان بۇ ئادەم باشقىلارغا ئوخشاش تاماق يەيدۇ، جان بېقىش ئۈچۈن بازارلارنى ئايلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ، ئۇنى تەستىقلايدىغان ۋە ياردەم بېرىدىغان بىرەر پەرىشتە چۈشۈرمىدى؟
(8) ياكى نېمىشقا ئۇنىڭغا ئاسماندىن بىرەر خەزىنە چۈشۈرۈلمىدى؟ ياكى نېمىشقا ئۇنىڭ مېۋىلىرىنى يېگىلى بولىدىغان بىرەر بېغى يوق؟ ئۇ چاغدا ئۇ بازارلارنى ئايلىنىپ، جان باقىمەن دەپ ئاۋارە بولمايتتى. زالىملار مۇنداق دەيدۇ: ئەي مۇئمىنلەر! سىلەر بىر پەيغەمبەرگە ئەمەس، بەلكى سېھىرلەنگەنلكتىن ئەقلىدىن ئادىشىپ قالغان بىر ساراڭغا ئەگىشىۋاتىسىلەر.
(9) ئەي پەيغەمبەر! مۇشرىكلارنىڭ سېنى تامامەن ئاساسسىز سۈپەتلەر بىلەن قانداق تەسۋىرلىگەنلىكىگە ئەجەبلىنىپ قاراپ باققىن. ئۇلار سېنى سېھىرگەر دەپ باقتى، سېھىرلەنگەنمۇ دەپ باقتى، ساراڭمۇ دەپ باقتى. نەتىجىدە ئۇلار مۇشۇ سەۋەبلىك ھەقتىن ئېزىپ كەتتى. ئەمدى ئۇلار ھىدايەت يولىنى تاپالمايدۇ، سېنىڭ راستچىللىقىڭ ۋە ئامانەتچانلىقىڭغا داغمۇ يەتكۈزەلمەيدۇ.
(10) ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇركى، ئەگەر ئۇ خالىسا ساڭا مۇشۇ دۇنيادىلا سارايلىرى ۋە دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، مېۋىلىرى يېيىلىدىغان باغلارنى ھەمدە ھۇزۇر - ھالاۋەت سۈرۈپ ياشايدىغان سارايلارنى ئاتا قىلىش ئارقىلىق ئۇلار تەلەپ قىلغاندىنمۇ ياخشىراق نېئمەتلەرنى بېرەتتى.
(11) ئۇلار ھەقىقەتكە يېتىشنى كۆزلەپ، دەلىل - پاكىت ئىزدەيدىغان گەپ - سۆزلەرنى قىلمىدى. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ قىلغىنى قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلىش بولدى. بىز قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلغانلارغا قاتتىق يالقۇنجاپ تۇرغان كاتتا ئوتنى تەييارلىدۇق.
(12) دوزاخ كاپىرلارنىڭ يىراقتىن ئۆزى تەرەپكە يالاپ ئېلىپ كېلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە كاپىرلار ئۇنىڭ غەزىپىنىڭ قاتتىقلىقىدىن قاتتىق قاينىغان، بىئارام قىلغۇچى ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ.
(13) بۇ كاپىرلار جەھەننەمنىڭ ئەڭ تار يېرىگە قوللىرى زەنجىرلەر بىلەن بويۇنلىرىغا باغلانغان ھالدا تاشلانغان چاغدا دوزاختىن قۇلۇش ئارزۇسىدا ئۆزلىرىگە ئۆلۈم تىلەيدۇ.
(14) ئەي كاپىرلار! بۈگۈن سىلەر بىر ئۆلۈم ئەمەس، مىڭ ئۆلۈم تىلەڭلار. لېكىن سىلەرنىڭ تەلىپىڭلار ئورۇندالمايدۇ. ئەكسىچە دەرتلىك ئازابتا مەڭگۈ قالىسىلەر.
(15) ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، يۇقىرىدا سىلەرگە سۈپەتلەپ بېرىلگەن ئاشۇ ئازاب ياخشىمۇ ياكى نېئمەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغان، قەتئىي ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان مەڭگۈلۈك جەننەت ياخشىمۇ؟ ئۇ جەننەت ئاللاھ تائالا مۇئمىن بەندىلىرى ئىچىدىن تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلغان ساۋاب - مۇكاپات ۋە قىيامەت كۈنى قايتىپ بارىدىغان قارارگاھتۇر.
(16) ئۇلار بۇ جەننەتتە خالىغان نېئمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ۋەدىسىدۇركى، بۇنى ئاللاھنىڭ تەقۋادار بەندىلىرى ئۇنىڭدىن سورايدۇ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ، ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ.
(17) قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا يالغانچى مۇشرىكلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرىنى توپلايدۇ، ئاندىن بۇتلارغا چوقۇنغۇچىلارغا تەنە قىلىش يۈزىسىدىن مەبۇدلارغا: سىلەر مېنىڭ بەندىلىرىمنى ئۆزۈڭلارغا چوقۇنۇشقا بۇيرۇش ئارقىلىق ئازدۇردۇڭلارمۇ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ئېزىپ كەتتىمۇ؟ دەيدۇ.
(18) مەبۇدلار ئېيتىدۇكى، پەرۋەردىگارىمىز! سەن ھەر قانداق شېرىكىڭ بولۇشتىن پاكتۇرسەن. بىزگە ھەتتا سېنى قويۇپ دوستلارنى تۇتۇشمۇ ياراشمايدىغان تۇرسا، قانداقسىگە بەندىلىرىڭنى سېنى قويۇپ ئۆزىمىزگە چوقۇنۇشقا چاقىرىمىز؟ لېكىن سەن بۇ مۇشرىكلارنى بۇ دۇنيانىڭ ھۇزۇر - ھالاۋەتلىرىدىن بەھرىمەن قىلدىڭ. ئۇلاردىن بۇرۇنمۇ ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى بىخۇتلاشتۇرۇش ئۈچۈن دۇنيادىن بەھرىمەن قىلغان ئىدىڭ. نىھايەت ئۇلار سېنى ئۇنتۇپ، ساڭا باشقىلارنىمۇ قوشۇپ چوقۇندى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ بەدبەختلىكى تۈپەيلىدىن ھالاك بولغان ئىدى.
(19) ئەي مۇشرىكلار! سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرىڭلار سىلەرنىڭ ئۇلارنى مەبۇد دەپ چوقۇنغىنىڭلارنى ئىنكار قىلدى. ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلاردىن ئازابنى قايتۇرالمايسىلەر، ئاجىز بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا ياردەممۇ قىلالمايسىلەر. ئەي مۇئمىنلەر! ئاراڭلاردىن كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ئارقىلىق زۇلۇم قىلىدىكەن، بىز ئۇنىڭغا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كىشىلەرگە تېتىتقىنىمىزدەك كاتتا ئازابنى تېتىتىمىز.
(20) ئەي پەيغەمبەر! بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىمۇ تاماق يەيدىغان، بازار ئايلىنىدىغان ئىنسان قىلدۇق. سەن بۇنىڭدا تۇنجى پەيغەمبەر ئەمەسسەن. ئەي ئىنسانلار! بىز سىلەرنى بايلىق ۋە كەمبەغەللىكتە، ساقلىق ۋە كېسەللىكتە پەرقلىق قىلىش ئارقىلىق بىر - بىرىڭلارغا سىناق قىلدۇق. سىلەر مۇپتىلا بولغان خاپىلىقلارغا سەۋر قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ سەۋرچانلىقىڭلارغا قارىتا ساۋاب - مۇكاپات بېرىدۇغۇ؟ سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ سەۋر قىلغان ۋە سەۋر قىلمىغانلارنىمۇ، ئىتائەت قىلغان ۋە ئاسىيلىق قىلغانلارنىمۇ كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
(21) بىزگە ئۇچرىشىشنى ئۈمىد قىلمايدىغان ۋە ئازابىمىزدىن قورقمايدىغان كاپىرلار مۇنداق دېيىشتى: ئاللاھ نېمىشقا بىزگە مۇھەممەدنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى ئېيتىپ بېرىدىغان پەرىشتىلەرنى چۈشۈرمەيدۇ؟ ياكى بىز نېمىشقا پەرۋەردىگارىمىزنى كۆرمەيمىز؟ ئۇ چاغدا ئۇ بىزگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەر ئىدى. بۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ھاكاۋۇرلۇق ئۇلارنى ئىماندىن چەكلەيدىغان دەرىجىدە ھەقىقەتەن چوڭىيىپ كەتتى. ئۇلار مۇشۇ سۆزلىرى ئارقىلىق كۇپرى ۋە زۇلۇمدا ھەقىقەتەنمۇ ھەدددىن ئاشتى.
(22) كاپىرلار ئۆلىدىغان چاغدا، بەرزەختە ۋە قايتا تىرىلدۈرۈلگەن چاغدا پەرىشتىلەرنى كۆرگەن كۈندە ھېساب ئېلىنىش ئۈچۈن يالاپ ئېلىپ مېڭىلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلار دوزاخقا كىرىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن بۇ ئورۇنلاردا مۇئمىنلەرنىڭ ئەكسىچە ھېچقانداق خۇشبېشارەت بولمايدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلارغا: ئاللاھنىڭ خۇشبېشارىتى سىلەرگە مەڭگۈلۈك ھارامدۇر، دەيدۇ.
(23) بىز كاپىرلارنىڭ دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى ئۇلارنىڭ كاپىر بولغانلىقى تۈپەيلىدىن پۈتۈنلەي بىكار قىلىپ، قىلچە پايدىسىز، قارىغان ئادەمگە دېرىزىدىن چۈشكەن قۇياشنىڭ شولىسىدا ئۇچۇپ يۈرگەن چاڭ - توزاندەك كۆرۈنىدىغان قىلىۋېتىمىز.
(24) جەننەت ئەھلى بولغان مۇئمىنلەر بۇ كۈندە ئەڭ ئېسىل ئورۇندا، بۇ كاپىرلار دۇنيادىكى ۋاقىتلىرىدا دېگەن چاغدىكى راھەتتىنمۇ نەچچە ھەسسە ياخشى راھەتتە بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر.
(25) ئەي پەيغەمبەر! ئاسمان نېپىز ئاق بۇلۇت بىلەن يېرىلىپ كېتىدىغان كۈننى ئەسلىگىنكى، ئۇ كۈندە تاكى مەھشەر زېمىنىغا قەدەر ئىنتايىن كۆپ پەرىشتىلەر چۈشۈرۈلىدۇ.
(26) قىيامەت كۈنىدىكى قولدىن كەتمەيدىغان، ھەقىقىي پادىشاھلىق ئاللاھقا خاستۇركى، بۇ كۈن كاپىرلارغا قىيىندۇر، مۇئمىنلەرگە ئاساندۇر.
(27) ئەي پەيغەمبەر! زالىم ئۇ كۈندە پەيغەمبەرگە ئەگەشمىگەنلىكىگە قاتتىق پۇشايمان قىلىپ: كاشكى، مەن پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن قۇرئانغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە نىجاتلىق يولىغا ماڭغان بولسامچۇ؟ دېگىنىچە بارماقلىرىنى چىشلەيدۇ.
(28) كاپىر قاتتىق ئەپسۇسلىنىپ، ئۆز - ئۆزىگە ھالاكەت تىلەپ مۇنداق دەيدۇ: ئىسىت ماڭا، پالانى كاپىرنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟.
(29) قۇرئان ماڭا پەيغەمبەر ئارقىلىق يېتىپ كەلگەندىن كېيىن مۇشۇ كاپىر دوست مېنى قۇرئاندىن ئايرىۋەتكەن ئىدى. شەيتان ئىنسانغا كۆپ خارلىق كەلتۈرىدىكەن. ئىنساننىڭ بېشىغا خاپىلىق كەلگەن چاغدا ئۇنىڭدىن ئادا - جۇدا بولىدىكەن.
(30) پەيغەمبەر ئۇ كۈندە قەۋمىنىڭ ھالىدىن شىكايەت قىلىپ: ئەي پەرۋەردىگارىم! ھەقىقەتەن سەن مېنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن قەۋمىم بۇ قۇرئاننى تاشلاپ، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى، دەيدۇ.
(31) ئەي پەيغەمبەر! سەنمۇ قەۋمىڭنىڭ ئەزىيەتلىرىگە ۋە يولۇڭدىن توسۇشلىرىغا ئۇچرىغىنىڭدەك، سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەر بىرىگە قەۋمىنىڭ جىنايەتچىلىرىدىن دۈشمەنلەرنى قىلدۇق. پەرۋەردىگارىڭ سېنى ھەقكە يېتەكلەشكە، دۈشمەنلىرىڭگە قارشى ساڭا ياردەم بېرىشكە يېتەرلىكتۇر.
(32) ئاللاھقا كاپىر بولغانلار: بۇ قۇرئان نېمىشقا پەيغەمبەرگە بىر قتېىمدىلا نازىل قىلىنماي، پارچە - پارچە نازىل قىلىندى؟ دېيىشتى. ئەي پەيغەمبەر! بىز قۇرئاننى ئاستا - ئاستا نازىل قىلىش ئارقىلىق دىلىڭنى مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن ئاشۇنداق پارچە - پارچە نازىل قىلدۇق، شۇنداقلا ئۇنى چۈشىنىشىڭ ۋە ئېسىڭدە ساقلىۋېلىشىڭ قولاي بولسۇن ئۈچۈن ئاز - ئازدىن نازىل قىلدۇق.
(33) ئەي پەيغەمبەر! مۇشرىكلار سەندىن قانداق ئىشنى تەلەپ قىلسا، بىز ساڭا مۇستەھكەم، توغرا جاۋابنى ھەمدە ئەڭ گۈزەل بولغان باياننى كەلتۈرىمىز.
(34) ئۇلار قىيامەت كۈنى دۇم پېتى جەھەننەمگە سۆرىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرىدىغان جايى يامان جايدۇر، چۈنكى ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر. ئۇلارنىڭ يولى ھەقتىن تولىمۇ يىراقتۇر، چۈنكى ئۇلارنىڭ يولى كۇپرى ۋە ئازغۇنلۇق يولىدۇر.
(35) شۈبھىسىزكى بىز مۇساغا تەۋراتنى بەردۇق، ئۇنىڭغا ياردەمچى بولۇشى ئۈچۈن قېرىندىشى ھارۇننى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە پەيغەمبەر قىلدۇق.
(36) مۇسا ۋە ھارۇن ئىككىسىگە: ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ قېشىغا بېرىڭلار، دېدۇق. ئۇلار بۇيرۇقىمىزغا بويسۇنۇپ، ئۇلارنىڭ يېنىغا باردى ھەمدە ئۇلارنى ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشكە چاقىردى. لېكىن ئۇلار ئۇ ئىككىسىنى ئىنكار قىلدى، ئاندىن بىز ئۇلارنى ئېچىنىشلىق شەكىلدە ھالاك قىلدۇق.
(37) نۇھنىڭ قەۋمى نۇھنى ئىنكار قىلغانلىق سەۋەبتىن پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان چاغدا بىز ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق قىلىپ ھالاك قىلىۋەتتۇق. ئۇلارنىڭ ھالاكىتىنى بىزنىڭ زالىملارنى تەلتۆكۈس يوقىتىۋېتىشكە كۈچىمىز يېتىدىغانلىقىنىڭ پاكىتى قىلدۇق. بىز زالىملارغا قىيامەت كۈنى دەرتلىك ئازابنى تەييارلىدۇق.
(38) ھۇدنىڭ قەۋمى ئادنى، سالىھنىڭ قەۋمى سەمۇدنى ھالاك قىلدۇق، ئەسھابۇلبىئرىنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق.
(39) ھالاك قىلىنغان ئاشۇ قەۋملەرنىڭ پەند - نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ ھالاك قىلىنغانلىقىنى ھەمدە ھالاك قىلىنىش سەۋەبىنى ئېيتىپ بەردۇق. بىز ئۇلاردىن ھەر بىرىنى كۇپرىسى ۋە تەرسالىقى تۈپەيلىدىن ئېچىنىشلىق رەۋىشتە ھالاك قىلدۇق.
(40) سېنىڭ قەۋمىڭدىن چىققان ئىنكارچىلار شامغا بېرىش يولىدا تاش ياغدۇرۇلۇپ ھالاك قىلىنغان لۇت قەۋمىنىڭ ئاھالىسىدىن ئۆتىدۇ، ئۇلار قەبىھ گۇناھ قىلغانلىقى ئۈچۈن باشقىلارغا ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن جازالىغان ئىدۇق. سېنىڭ قەۋمىڭنىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ، ئۇلارنى كۆرمەي قالدىمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ھېسابقا تارتىلىشىنى ئويلىمايدۇ.
(41) ئەي پەيغەمبەر! بۇ ئىنكارچىلار ساڭا ئۇچراشقاندا سېنى مەسخىرە قىلىپ، كەم سۇندۇرۇپ ئىنكار قىلغان تەرزدە: ئاللاھ بىزگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن كىشى مۇشۇما؟.
(42) ھەقىقەتەن ئۇ بىزنى ئىلاھلىرىمىزغا چوقۇنۇشتىن قايتۇرۇۋەتكىلى تاسلا قالدى. ھېلىمۇ بىز شۇ ئىلاھلىرىمىزغا چوقۇنۇشتا چىڭ تۇرمىغان بولساق، ئۇ بىزنى دەلىل - پاكىتلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭدىن بۇرۇۋېتەتتى، دېيىشىدۇ. ئۇلار قەبرىلىرىدە ۋە قىيامەت كۈنىدە ئازابنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن چاغدا كىمنىڭ ئەڭ ئازغۇن ئىكەنلىكىنى، يەنى ئۆزلىرىمۇ ياكى بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزمۇ؟ چوقۇم بىلىپ قالىدۇ. ئۇلار چوقۇم كىمنىڭ ئەڭ ئازغۇن ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ.
(43) ئەي پەيغەمبەر! قېنى ئېيتقىنە؟ ھاۋايى - ھەۋىسىنى ئىلاھ قىلىپ، شۇنىڭغا ئىتائەت قىلغان ئادەمگە سەن كۆزەتچى بولۇپ، ئۇنى ئىمانغا قايتۇرۇپ، كۇپرىدىن توسۇپ قالالامسەن؟
(44) ئەي پەيغەمبەر! سەن ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشكە ھەم ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشقا چاقىرىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسىنى (گېپىڭنى) قوبۇل قىلىدىغان تەرزدە ئاڭلايدىغان ياكى دەلىل - پاكىتلارنى چۈشىنىدىغان كىشىلەر دەپ ئويلامسەن؟ ئۇلار ئاڭلاش، ئويلىنىش ۋە چۈشىنىشتە پەقەت چارىپايلارغىلا ئوخشايدىغان كىشىلەردۇر، بەلكى ئۇلار ئازغۇنلۇقتا چارىپايلاردىنمۇ بەتتەررەكتۇر.
(45) ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ تائالا يەر يۈزىدە سايىنى سوزغان ۋاقتىدا ئۇنىڭ يارىتىشتىكى ئالامەتلىرىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەگەر ئاللاھ ئۇ سايىنى مىدىرلىماي، جىم تۇرىدىغان قىلىۋېتىشنى خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلغان بولاتتى. ئاندىن كېيىن بىز قۇياشنى سايىنىڭ ئالامىتى قىلدۇقكى، ئۇ سايە قۇياش سەۋەبىدىن بەزىدە ئۇزىراپ، بەزىدە قىسقىرايدۇ.
(46) ئاندىن قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلۈشى بىلەن سايىنى تارايتىپ، تەدرىجىي يىغدۇق.
(47) ئاللاھ تائالا كېچىنى سىلەرنى ۋە باشقا نەرسىلەرنى يۆگەيدىغان لىباسنىڭ ئورنىدا قىلدى، ئۇيقۇنى سىلەرگە راھەت قىلدىكى، شۇ ئارقىلىق مەشغۇلاتلىرىڭلاردىن ئارام ئالىسىلەر. كۈندۈزنى سىلەرگە تىرىكچىلىك قىلىدىغان ۋاقىت قىلىپ بەردى.
(48) ئاللاھ تائالا شاماللارنى بەندىلىرىگە رەھمىتى بولغان يامغۇرنىڭ ياغىدىغانلىقىغا خۇش بېشارەت قىلىپ ئەۋەتتى. بىز ئاسماندىن پاك يامغۇر سۈيىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق، ئىنسانلار شۇ ئارقىلىق پاكلىنىدۇ.
(49) بىز (ئاسماندىن) چۈشكەن ئاشۇ سۇ بىلەن ھېچقانداق گىياھ ئۆسمەيدىغان قاقاس زېمىننى تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈپ، يېشىللىققا پۈركەش ئارقىلىق تىرگۈزىمىز، يەنە ئاشۇ سۇ ئارقىلىق بىز ياراتقان چارىپايلارنى ۋە كۆپلىگەن ئىنسانلارنى سۇغىرىمىز.
(50) ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە تۈرلۈك دەلىل -پاكىتلارنى بايان قىلدۇق، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ھەقكە كۇپۇرلۇق قىلىپ، ئۇنى ئىنكار قىلىدۇ.
(51) ئەگەر بىز خالىغان بولساق، ھەر بىر شەھەرگە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدىغان ھەم ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدىغان بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتكەن بولاتتۇق، لېكىن بىز بۇنداق قىلىشنى خالىمىدۇق. بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدنى بارلىق ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق.
(52) كاپىرلارنىڭ خۇشامەتگۇيلۇق بىلەن سەندىن قىلغان تەلەپلىرى ۋە تەكلىپلىرىگە قوشۇلمىغىن. ساڭا نازىل قىلىنغان مۇشۇ قۇرئانغا تايىنىپ ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلىش ھەمدە كىشىلەرنى ئاللاھ تەرەپكە چاقىرىشتا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىش ئارقىلىق بار كۈچۈڭ بىلەن كۈرەش قىلغىن.
(53) ئاللاھ تائالا ئىككى دېڭىزنىڭ سۈيىنى، يەنى تاتلىق سۇنى تۇزلۇق سۇ بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئۆزئارا ئارىلىشىپ كېتىشىدىن ساقلايدىغان توسۇق پەيدا قىلدى.
(54) ئاللاھ تائالا ئەر بىلەن ئايالنىڭ مەنىي ئىسپىرمىسىدىن ئىنساننى ياراتتى، ئىنساننى ياراتقان زات ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق ھەم قۇدا - باجىلىق ئالاقىلىرىنى پەيدا قىلدى. ئەي پەيغەمبەر! پەۋەردىگارىڭ ھەممىگە قادىردۇركى، ئۇنى ھېچنەرسە ئاجىز قىلالمايدۇ. ئىنساننى ئەر بىلەن ئايالنىڭ مەنىي ئىسپىرمىسىدىن ياراتقانلىقىمۇ ئۇنىڭ قۇدرىتىدىندۇر.
(55) كاپىرلار ئاللاھنى قويۇپ ئىتائەت قىلغانغا پايدىسى بولمايدىغان، ئاسىيلىق قىلغانغا زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلارغا چوقۇنىدۇ. كاپىرلار ئاللاھنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈشىگە قارىماي يەنىلا شەيتانغا ئەگىشىدۇ.
(56) ئەي پەيغەمبەر! بىز سېنى پەقەت ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلارغا خۇشبېشارەت بەرگۈچى، شۇنداقلا كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھلار ئارقىلىق ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق.
(57) ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، مەن ۋەزىپەمنى يەتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايمەن. ئاراڭلاردىن مال سەرپ قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى خالايدىغانلار شۇنداق قىلسۇن!
(58) ئەي پەيغەمبەر! بارلىق ئىشلىرىڭدا مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن، ئۇنى مەدھىيەلىگەن ھالدا (شېرىكلەردىن ۋە ئەيىب - نۇقسانلاردىن) پاكلىغىن. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇركى، ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە ئۇلارغا شۇ ئەمەللىرىگە ئاساسەن جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
(59) ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن ئەرشنىڭ ئۈستىدە ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق رەۋىشتە قارار ئالدى. ئۇ ناھايىتى مەرھەمەتلىكتۇر. ئەي پەيغەمبەر! بۇنى ھەممىدىن خەۋەردار زاتتىن سورىغىن. ئۇ ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھتۇركى، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
(60) كاپىرلارغا: رەھمان سۈپەتلىك ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار دېيىلسە، ئۇلار: بىز رەھمانغا سەجدە قىلمايمىز. رەھمان دېگەن نېمە؟ بىز ئۇنى تونۇمايمىز ھەم ئېتىراپمۇ قىلمايمىز. سەن بىزنى تونۇمايدىغان نەرسىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇساڭ، شۇنىڭغا سەجدە قىلىمىزمۇ؟ دېيىشتى. پەيغەمبەرنىڭ ئۇلارنى ئاللاھقا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغانلىقى ئۇلارنى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشتىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇۋەتتى.
(61) ئاسماندا بۇرۇجلارنى، ئايلىنىپ تۇرىدىغان يۇلتۇزلارنى ياراتقان زاتنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇركى، ئۇ قۇياشنى نۇر چاچىدىغان پارلاق قىلدى، ئاينى قۇياشتىن نۇر ئېلىپ زېمىننى يورۇتىدىغان قىلدى.
(62) ئاللاھ تائالا مۆجىزىلىرىدىن ئىبرەت ئېلىپ، توغرا يولغا ماڭىدىغان ياكى نېئمەتلىرىگە شۈكرى قىلىشنى خالايدىغانلارغا كېچە بىلەن كۈندۈزنى بىر كەتسە بىرى كېلىپ نۆۋەتلىشىپ تۇرىدىغان قىلدى.
(63) مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ مۇئمىن بەندىلىرى زېمىندا ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ كەمتەرلىك بىلەن ماڭىدۇ. نادانلار ئۇلارغا (يامان) سۆزلەرنى قىلغاندا ئۇلار بىلەن تەڭ بولماي، ياخشى سۆزلەرنى قىلىدۇ، نادانلىق قىلمايدۇ.
(64) ئۇلار كېچىلەرنى پەرۋەردىگارىغا سەجدە قىلىش ھەم قىيامدا تۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھقا ناماز ئوقۇپ ئۆتكۈزىدۇ.
(65) ئۇلار پەرۋەردىگارىغا مۇنداق دۇئا قىلىدۇ: پەرۋەردىگارىمىز! جەھەننەم ئازابىنى بىزدىن يىراق قىلغىن، شەكسىزكى جەھەننەمنىڭ ئازابى كاپىر پېتى ئۆلگەنلەردىن ئايرىلمايدىغان، ئۈزلۈكسىز ئازابتۇر.
(66) جەھەننەم كىرگەنلەرگە ھەقىقەتەن يامان قارارگاھ ھەم يامان جايدۇر.
(67) ئۇلار ماللىرىنى سەرپ قىلغاندا ئىسراپچىلىق قىلمايدۇ، ئۆزى ۋە باشقىلاردىن نەپىقىسىنى بېرىش ۋاجىب بولغانلارنىڭ نەپىقىسىنىمۇ قىسىۋالمايدۇ. ئۇلار ئىسراپمۇ قىلماي، بېخللىقمۇ قىلماي، ئوتتۇراھال چىقىم قىلىدۇ.
(68) ئۇلار ئاللاھقا ئىككىنچى بىر مەبۇدنى شېرىك قىلمايدۇ، ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ئۆلتۈرمەيدۇ. قاتىلنى ياكى مۇرتەدنى، ياكى توي قىلغان زىناخورنى ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئاللاھ رۇخسەت قىلغان ئىشلار بۇنىڭ سىرتىدا. ئۇلار زىنا قىلمايدۇ. كىمكى مۇشۇنداق چوڭ گۇناھلارنى سادىر قىلىدىكەن، قىيامەت كۈنى قىلغان گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.
(69) قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، ئۇ ئازابتا خارلانغان، كۆزگە ئېلىنمىغان ھالدا مەڭگۈ قالىدۇ.
(70) ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ، ئىمان ئېيتقان ھەمدە تەۋبىسىدە سەمىمىيلىكىنى ئىسپاتلاپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ تائالا بۇلارنىڭ قىلىپ سالغان يامانلىقلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگۈچىدۇر، ئۇلارغا مېھرىباندۇر.
(71) كىمكى ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ ھەمدە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ۋە يامانلىقلارنى تاشلاش ئارقىلىق تەۋبىسىنىڭ سەمىمىيلىكىنى ئىسپاتلىسا، ئۇنىڭ تەۋبىسى چوقۇم قوبۇل قىلىنىدۇ.
(72) ئۇلار ھارام قىلىنغان گۇناھ - مەئسىيەت ۋە ئويۇن - تاماشا سورۇنلىرىغا ئوخشاش جايلارغا بارمايدۇ. ناچار گەپ - سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەتلەرنى كۆرگەندە ئۇنداق ئىشلارغا ئارىلىشىپ ئۆزىنى بۇلغىماستىن، ئېسىللىك بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ.
(73) ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئاندىكى ۋە كائىناتتىكى ئايەتلىرى ئەسلىتىلگەندە قۇلاقلىرىنى ئاڭلايدىغان ئايەتلەردىن پاڭ قىلىۋالمايدۇ، كۆرىدىغان مۆجىزىلەرگە كور بولۇۋالمايدۇ.
(74) ئۇلار پەرۋەردىگارىغا مۇنداق دۇئا قىلىدۇ: پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ ئاياللىرىمىز ۋە پەرزەنتلىرىمىزدىن تەقۋالىق ۋە ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇش ئارقىلىق بىزنى خۇرسەن قىلىدىغان كىشىلەرنى چىقىرىپ بەرگىن، بىزنى باشقىلارغا يولباشچى بولىدىغان توغرا يولدىكى پېشۋالاردىن قىلىغىن.
(75) مۇشۇنداق سۈپەتلەرگە ئىگە بولغانلار ئاللاھقا تائەت - ئىبادەت قىلىشتا چىدامچان بولغانلىقى تۈپەيلىدىن فىردەۋس جەننىتىدىكى ئالىي سارايلار بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ، ئۇ سارايلاردا پەرىشتىلەر تەرىپىدىن ئىززەت - ئىكرام ۋە سالاملار بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ، تۈرلۈك ئاپەتلەردىن ئامان بولىدۇ.
(76) ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلار ئورۇنلاشقان جەننەت نېمىدېگەن ياخشى جاي!
(77) ئەي پەيغەمبەر! كۇپرى ئۈستىدە چىڭ تۇرغان كاپىرلارغا ئېيتقىنكى، پەرۋەردىگارىم ئۆزىگە سىلەرنىڭ تائىتىڭلارنىڭ بىرەر پايدىسى تېگىپ قالارمىكى، دەپ ئۈمىد قىلىدىغان ئىش يوق. ئەگەر قۇلچىلىق قىلىش ھەم ئىلتىجا قىلىش مەقسىتىدە ئۆزىگە دۇئا قىلىدىغان بەندىلەر بولمىسا ئىدى، سىلەرگە قىلچە پەرۋا قىلمايتتى. چۈنكى پەيغەمبەر سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن نەرسىنى ئىنكار قىلدىڭلار. سىلەر ئىنكار قىلغانلىقىڭلارنىڭ جازىسىنى چوقۇم تارتىسىلەر.