(1) قورقۇنچىسىنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئىنسانلارنىڭ يۈرەكلىرىنى لەرزىگە كەلتۈرىدىغان ۋاقىت،
(2) قورقۇنچىسىنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئىنسانلارنىڭ يۈرەكلىرىنى لەرزىگە كەلتۈرىدىغان بۇ قايسى ۋاقىت؟
(3) ئەي پەيغەمبەر! قورقۇنچىسىنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئىنسانلارنىڭ يۈرەكلىرىنى لەرزىگە كەلتۈرىدىغان بۇ ۋاقىتنىڭ نېمىلىكىنى سەن قانداق بىلىسەن؟ شەكسىزكى ئۇ قىيامەت كۈنىدۇر.
(4) ئىنسانلارنىڭ يۈرەكلىرى لەرزىگە كېلىدىغان كۈندە ئىنسانلار بەئەينى ئۇ يەر، بۇ يەرلەرگە تارىلىپ كەتكەن پەرۋانىلەردەك بوپكېتىدۇ.
(5) تاغلار مېڭىشى ۋە ھەرىكىتىنىڭ يەڭگىللىكىدە خۇددى ئېتىلغان يۇڭدەك بوپكېتىدۇ.
(6) ياخشى ئەمەللىرى يامان ئەمەللىرىنى بېسىپ چۈشكەن كىشىگە كەلسەك،
(7) ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا بولىدۇ، بۇ تۇرمۇشقا جەننەتتە ئېرىشىدۇ.
(8) يامان ئەمەللىرى ياخشى ئەمەللىرىنى بېسىپ چۈشكەن ئادەمگە كەلسەك،
(9) ئۇنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى تۇرىدىغان جايى جەھەننەم بولىدۇ.
(10) ئەي پەيغەمبەر! ھاۋىيەنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلىسەن؟
(11) ئۇ ھارارىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ئوتتۇر.