72 - سۈرە جىن ()

|

(1) ئەي پەيغەمبەر! ئۈممىتىڭگە ئېيتقىنكى، ئاللاھ تائالا ماڭا مۇنداق ۋەھيى قىلدى: بەتن نەخلە دېگەن جايدا بىر توپ جىنلار مېنىڭ قۇرئان ئوقۇشۇمغا قۇلاق ساپتۇ، ئاندىن ئۇلار قەۋمىنىڭ يېنىغا بارغانلىرىدا قەۋمىگە مۇنداق دەپتۇ: ھەقىقەتەن بىز بالاغەت ۋە پاساھەتتە ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئوقۇلىدىغان بىر سۆزنى ئاڭلىدۇق.

(2) بىز ئاڭلىغان بۇ سۆز بىزنى ئېتىقادتا، گەپ - سۆزدە ۋە ئىش - ھەرىكەتتە توغرا يولغا باشلايدىكەن. شۇڭا بىز ئۇنىڭغا ئىشەندۇق، بىز ئۇنى بەندىسىگە نازىل قىلغان پەرۋەردىگارىمىزغا ھېچكىمنى شېرىك قىلمايمىز.

(3) بىز ئۇلۇغلۇقى ۋە بۈيۈكلۈكى يۈكسەك بولغان پەرۋەردىگارىمىزنىڭ مۇشرىكلار ئېيتقاندەك خوتۇنى ۋە بالىسى يوقلۇقىغا ئىمان ئېيتتۇق.

(4) ھەقىقەتەن ئىبلىس ئاللاھ تائالانىڭ خوتۇنى ۋە بالىسى بار دېگەندەك يالغان گەپنى دەيتتى.

(5) بىز ھەقىقەتەن ئىنسان ۋە جىنلاردىن بولغان مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ خوتۇنى ۋە بالىسى بار دېگەن سۆزلەرنى قىلغاندا ئۇلارنى يالغان سۆزلىمەيدۇ، دەپ ئويلاپ قاپتۇق، ئاندىن ئۇلارنى دوراپ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپتۇق.

(6) ھەقىقەتەن جاھىلىيەت دەۋرىدە بىر بۆلۈك ئىنسانلار قورقۇنچلۇق بىرەر جايغا چۈشكۈن قىلغانلىرىدا بىر قىسىم جىنلارغا سىغىنىپ: مەن مۇشۇ ۋادىنىڭ خوجىسىغا سىغىنىپ ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئەقىلسىزلىرىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھلىق تىلەيمەن، دەيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار جىنلاردىن تېخىمۇ قورقىدىغان ۋە ئەيمىنىدىغان بوپكەتكەن ئىدى.

(7) ئەي جىنلار! ئىنسانلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش، ئاللاھ تائالا ھېچكىمنى ئۆلگەندىن كېيىن ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن تىرىلدۈرەلمەيدۇ، دەپ ئويلاپ قالدى.

(8) ھەقىقەتەن بىز ئاسمان خەۋەرلىرىنى (تىڭشىۋېلىشقا) ئۇرۇنۇپ باقتۇق. نەتىجىدە ئاسماننىڭ پەرىشتىلەردىن تەركىب تاپقان كۈچلۈك مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنى بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىدۇق. ئۇ مۇھاپىزەتچىلەر ئاسماننى بىز ئىلگىرى قىلىپ كەلگەن ئوغرىلىقچە خەۋەر تىڭشاشتىن مۇھاپىزەت قىلىدىكەن. يەنە ئاسمان لاۋۇلداپ يېنىپ تۇرىدىغان ئوتقا توشقۇزۇلغان بولۇپ، ئاسمانغا يېقىنلاشماقچى بولغان ھەر كىمگە شۇ ئوت ئېتىلىدىكەن.

(9) بىز ئىلگىرى ھەمىشە پەرىشتىلەر ئارىسىدا بولۇنغان سۆزلەرنى ئوغرىلىقچە تىڭشىۋېلىش ئۈچۈن ئاسماندىن ئورۇنلىرىمىزنى ئالاتتۇق، ئاندىن ئۇنى يەر يۈزىدىكى كاھىنلارغا ئېيتىپ بېرەتتۇق. ئەمدى ئىش باشقىچە بوپقاپتۇ. يەنى ھازىر بىزدىن كىمكى (ئاسمان خەۋىرىنى) تىڭشىماقچى بولسا، ئۆزى ئۈچۈن تەييارلانغان لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتنى تاپىدۇ. ئۇ قاچان ئاسمانغا يېقىنلاشماقچى بولغاندا ئۇنىڭغا شۇ ئوت ئېتىلىپ، ئۇنى كۆيدۈرۈۋېتىدىكەن.

(10) بىز ھەقىقەتەن (ئاسمان خەۋەرلىرىنىڭ) بۇنداق قاتتىق مۇھاپىزەت قىلىنىشىنىڭ سەۋەبىنى، يەنى يەر يۈزىدىكىلەرگە يامانلىق ئىرادە قىلىندىمۇ ياكى ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىقنى ئىرادە قىلدىمۇ؟ بىلمەيمىز. چۈنكى بىزدىن ئاسماننىڭ خەۋىرى ئۈزۈلۈپ قالدى.

(11) ئەي جىنلار! بىزنىڭ ئىچىمىزدە تەقۋادار، ياخشىلارمۇ بار، كاپىر ۋە پاسىقلارمۇ بار. دېمەك، بىز قىزىقىشى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان خىلمۇخىل تۈرلەرگە بۆلۈندۇق.

(12) بىز ھەقىقەتەن شۇنىڭغا ئىشەندۇقكى، ئەگەر ئاللاھ بىزگە بىرەر ئىشنى ئىرادە قىلغان بولسا، بىز ئۇنىڭدىن ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايمىز، ئۇ بىزنى ھەر تەرەپتىن قورشىغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز.

(13) ھەقىقەتەن بىز ئەڭ توغرا يولغا باشلايدىغان ئاشۇ قۇرئاننى ئاڭلىغان ۋاقتىمىزدىلا ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق. كىمكى پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتىدىكەن، ياخشىلىقلىرىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىدىن ھەمدە ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرىغا بىرەر گۇناھنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ.

(14) بىزنىڭ ئىچىمىزدىن ئىتائەتمەنلىك بىلەن ئاللاھقا بويسۇنىدىغان مۇسۇلمانلارمۇ بار، توغرا ۋە تۈز يولدىن چەتنەپ كەتكەن زالىملارمۇ بار. كىمكى تائەت - ئىبادەت ۋە سالىھ ئەمەللەر بىلەن ئاللاھقا باش ئىگىدىكەن، ئەنە شۇلار ھىدايەتنى ۋە توغرىلىقنى كۆزلىگەنلەردۇر.

(15) توغرا ۋە تۈپتۈز يولدىن چەتنەپ كەتكەن زالىملارغا كەلسەك، ئۇلار جەھەننەمگە ئوتۇن بولۇپ، ئۆزىگە ئوخشاش ئىنسانلار بىلەن بىرگە جەھەننەمدە يېقىلغۇ قىلىنىدۇ.

(16) شۇنداقلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەنە مۇنداق ۋەھىي قىلىندى: بىر بۆلۈك جىنلار ئۇنىڭغا مۇنداق ۋەھىي قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپتۇ: ئەگەر جىنلار ۋە ئىنسانلار ئىسلام يولى ئۈستىدە بولۇپ، ئىسلامدىكى كۆرسەتمىلەر بويىچە ئەمەل قىلىدىكەن، ئاللاھ چوقۇم ئۇلارغا مول يامغۇر ياغدۇرۇپ، تۈرلۈك - تۈمەن نېئمەتلەردىن بەھرىمەن قىلىدۇ.

(17) (بۇ نېئمەتلەر) ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكرى قىلىدىغانلىقى ياكى تۇزكورلۇق قىلىدىغانلىقىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈندۇر. كىمكى قۇرئاندىن ۋە قۇرئاندىكى پەند - نەسىھەتلەردىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، پەرۋەردىگارى ئۇنى بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ئېغىر ئازابقا تاشلايدۇ.

(18) ھەقىقەتەن مەسجىدلەر باشقا بىرىنىڭ ئەمەس، پەقەت ئاللاھ تائالانىڭدۇر. شۇڭا مەسجىدلەردە ئاللاھقا باشقا بىرىنى قوشۇپ ئىبادەت قىلماڭلار. بولمىسا چېركاۋلىرى ۋە ئىبادەتخانىلىرىدىكى يەھۇدىي ۋە ناسارالارغا ئوخشاش بوپقالىسىلەر.

(19) ئاللاھنىڭ بەندىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بەتن نەخلە دېگەن جايدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا تۇرغاندا جىنلار ئۇنىڭ قۇرئان تىلاۋىتىنى تىڭشاش ئۈچۈن قاتتىق قىستىلىشىپ، ئۇنى بېسىۋېلىشقا تاس قالدى.

(20) ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا: مەن پەقەت يېگانە رەببىمگىلا ئىبادەت قىلىمەن، كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭغا ئىبادەتتە باشقا بىرىنى شېرىك قىلمايمەن، دېگىن.

(21) ئۇلارغا يەنە: مېنىڭ ئاللاھ سىلەرگە پۈتۈۋەتكەن بىرەر زىياننى سىلەردىن دەپئى قىلىشقا ۋە ئاللاھ سىلەردىن چەكلىگەن بىرەر پايدىنى يەتكۈزۈشكە كۈچۈم يەتمەيدۇ، دېگىن.

(22) ئۇلارغا يەنە ئېيتقىنكى: ناۋادا مەن ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىپ سالسام، مېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچكىم قۇتقۇزالمايدۇ، مەن ئاللاھتىن باشقا ھېچ پاناھگاھمۇ تاپالمايمەن.

(23) لېكىن مەن پەقەت ئاللاھ مېنى سىلەرگە يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغاننى ۋە مېنى سىلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىشتىكى ۋەزىپەمنى يەتكۈزەلەيمەن. كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن، شەكسىزكى ئۇنىڭ ئاقىۋىتى جەھەننەمنىڭ ئوتىغا كىرىش بولىدۇ، ئۇ دوزاخ ئوتىدا مەڭگۈدىن - مەڭگۈگە قالىدۇ، ئۇنىڭدىن قەتئىي چىقالمايدۇ.

(24) كاپىرلار تاكى ئۆزلىرى دۇنيادا ۋەدە قىلىنغان ئازابنى قىيامەت كۈنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنگە قەدەر كۇپرى ئۈستىدە ئىزچىل تۇرىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلار كىمنىڭ ياردەمچىسىنىڭ ئەڭ ئاجىز، تەرەپدارلىرىنىڭ ئەڭ ئاز ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىپ قالىدۇ.

(25) ئەي پەيغەمبەر! ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: سىلەر ۋەدە قىلىنىۋاتقان ئازاب يېقىندا بولامدۇ ياكى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان مەلۇم بىر ۋاقىتقا قەدەر كېچىكتۈرۈلەمدۇ؟ ئۇقمايمەن.

(26) ئاللاھ تائالا پۈتكۈل غەيبلەرنى بىلگۈچىدۇر. ئۇنىڭغا غەيبتىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ ئۆز غەيبىدىن ھېچكىمنى خەۋەردار قىلمايدۇ. بەلكى ئۇ ئاللاھنىڭ ئىلمىگە خاس ھالدا قېپقالىدۇ.

(27) پەقەت ئاللاھ پەيغەمبەرلەردىن ئۆزىگە رازى بولغان كىشىگىلا ئۆزى خالىغان غەيبنى ئۇقتۇرىدۇ ھەمدە ئاشۇ پەيغەمبەردىن باشقا بىرى ئۇ غەيبتىن خەۋەردار بوپقالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەرنى ئۇ پەيغەمبەرنىڭ ئالدىدا قوغدىغۇچى قىلىپ ئەۋەتىدۇ.

(28) بۇ پەيغەمبەرنىڭ شۇنى بىلىشى ئۈچۈنكى، ھەقىقەتەن ئۆزىدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرمۇ پەرۋەردىگارى يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغان ۋەزىپىلىرىنى يەتكۈزدى. چۈنكى ئاللاھ ئۇلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى ھەمدە ئاللاھ ئۇ پەرىشتىلەر بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالدىدىكى نەرسىنى مۇكەممەل بىلەتتى. شۇڭا ئاللاھقا ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ سانىنى كونكرېت بىلىدۇكى، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.