(1) سۈرە بەقەرەنىڭ بېشىدا كەلگەندەك بۇ سۈرىنىڭمۇ باشلىنىشىدا (ھامىم) دەپ ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان.
(2) ئاللاھ تائالا ھەقىقەتكە ئېلىپ بارىدىغان ھىدايەت يولىنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدىغان قۇرئان بىلەن قەسەم قىلدى.
(3) ئەي قۇرئان ئۆز تىلىڭلاردا نازىل بولغان خەلق! شەكسىزكى بىز قۇرئاننى مەنىلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشۈڭلار ھەمدە ئۇنى چۈشىنىپ باشقا ئەللەرگىمۇ يەتكۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن ئەرەب تىلىدا نازىل قىلدۇق.
(4) شەكسىزكى بۇ قۇرئان لەۋھۇلمەھپۇزدا ئەلۋەتتە يۇقىرى مەرتىۋىلىك ھەم ھېكمەتلىكتۇر، ئۇنىڭ ئايەتلىرى ئەمىر - پەرمانلىرى ۋە چەكلىمىلىرىدە مۇكەممەل بايان قىلىنغاندۇر.
(5) سىلەرنىڭ شېرىك ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرىڭلارنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلىدىن بىز سىلەرگە قۇرئاننى نازىل قىلىشنى تەرك ئېتىمىزمۇ؟ ئۇنداق قىلمايمىز. بەلكى سىلەرگە بولغان رەھمەت بۇنىڭ ئەكسىچە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
(6) ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگىمۇ نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق
(7) ئىلگىرىكى ئاشۇ ئۈممەتلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن بىرەر پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇلار ئۇنى مەسخىرە قىلىشاتتى.
(8) بىز ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەر ئىچىدىن كۈچ - قۇۋۋەتتە (مەككە كاپىرلىرىدىن) ئۈستۈن بولغانلارنىمۇ ھالاك قىلدۇق، شۇڭا ئۇلاردىن ئاجىزلارنى ھالاك قىلىشتىن ئاجىز كەلمەيمىز. قۇرئاندا ئاد، سەمۇد، لۇت قەۋمى ۋە مەديەن ئاھالىسىگە ئوخشاش ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ قانداق ھالاك قىلىنغانلىقى بايان قىلىندى.
(9) ئەي پەيغەمبەر! بۇ ئىنكارچى مۇشرىكلاردىن: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟ دەپ سورىساڭ، ئۇلار ئەلۋەتتە سېنىڭ سوئالىڭغا جاۋابەن: ئۇلارنى ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان، ھەممىدىن غالىب، ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچى زات ياراتتى، دەيدۇ.
(10) ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى تۆشەك قىلىپ، سىلەرنىڭ دەسسەپ تۇرۇشۇڭلارغا لايىق قىلىپ بەردى، سەپەرلىرىڭلاردا يولۇڭلارنى تېپىپ ماڭالىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭ تاغلىرى ۋە جىلغىلىرىدا يوللارنى بەرپا قىلدى.
(11) ئاللاھ تائالا ئاسماندىن سىلەرگە، مال - چارۋىلىرىڭلارغا ۋە زىرائەتلىرىڭلارغا يەتكۈدەك مىقداردا يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، ئاندىن بىز شۇ يامغۇر ئارقىلىق گىياھسىز قاقاس زېمىننى جانلاندۇردۇق. ئاللاھ تائالا قاقاس زېمىننى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن جانلاندۇرغاندەك سىلەرنىمۇ ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرىدۇ.
(12) ئاللاھ تائالا كېچە - كۈندۈز ۋە ئەركەك - چىشى دېگەندەك تۈرلۈك مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىنى ياراتتى، سىلەر ئۈچۈن دېڭىزدا كېمىلەرنى، قۇرۇقلۇقتا چارىپايلارنى مىنىدىغان ئۇلاغ قىلىپ بەردى.
(13) ئاللاھ تائالا ئاشۇلارنىڭ ھەممىنى سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارغا سىلىپ بەردىكى، سەپەرلىرىڭلاردا ئۇلارنىڭ ئۈستىدە جايلىشىپ ئولتۇرغايسىلەر، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىدە جايلىشىپ ئولتۇرغىنىڭلاردا پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ نېئمىتىنى ئەسلەپ: ئاللاھ تائالا بارچە ئەيىب - نۇقسانلاردىن پاك ھەم مۇقەددەستۇركى، ئۇ مۇشۇ ئۇلاغنى بىزگە ياۋاش ھەم باشقۇرالايدىغان قىلىپ بەردى، ئاندىن بىز ئۇنى باشقۇرالايدىغان بولدۇق. ئەگەر ئاللاھ ئۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرمىگەن بولسا، بىزنىڭ ئۇنىڭغا كۈچىمىز يەتمەيتتى.
(14) شەكسىزكى بىز ئۆلگىنىمىزدىن كېيىن ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن يالغۇز پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز، دېگەيسىلەر.
(15) مۇشرىكلار پەرىشتىلەرنى ئاللاھنىڭ قىزلىرى، دېيىش ئارقىلىق بەزى مەخلۇقاتلارنى ئاللاھنىڭ بالىسى بارلىقىنى دەۋا قىلىشتى. شەكسىزكى مۇشۇنداق گەپنى قىلىدىغان ئىنسان ئەلۋەتتە كۇپۇرلۇقى ۋە ئازغۇنلۇقى ئېنىق بولغان كىشىدۇر.
(16) ئەي مۇشرىكلار! ئاللاھ ئۆزىنىڭ ياراتقانلىرىدىن ئۆزى ئۈچۈن قىزلارنى تاللىۋېلىپ، ئۆزۈڭلارغا ئوغۇللارنى خاس قىلدى، دەمسىلەر؟ سىلەر دەۋا قىلغان بۇ تەقسىمات قانداق تەقسىمات؟
(17) ئۇلارنىڭ بىرىگە ئۇ پەرۋەردىگارىغا مەنسۇپ قىلغان قىز پەرزەنت بىلەن بېشارەت بېرىلسە، قاتتىق قايغۇرۇپ غەمگە پاتقانلىقتىن چىرايى قارىداپ، ئاچچىققا بوغۇلىدۇ. ئۇلار ئۆزى بېشارەت بېرىلسە قايغۇغا پاتقان نەرسىنى قانداقمۇ پەرۋەردىگارىغا مەنسۇپ قىلىدۇ؟
(18) ئۇلار پەرۋەردىگارىغا زىبۇزىننەت ئىچىدە چوڭ بولىدىغان، قىز بولغانلىقى ئۈچۈن مۇنازىرىدە مەقسىتىنى ئوچۇق بايان قىلالمايدىغان قىزلارنى مەنسۇپ قىلامدۇ؟
(19) ئۇلار مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ بەندىلىرى بولغان پەرىشتىلەرنى «قىز» دەپ ئاتاشتى. ئاللاھ پەرىشتىلەرنى ياراتقان چاغدا ئۇلار ھازىر بولۇپ، پەرىشتىلەرنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىۋالغانمۇ؟ پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ بۇ گۇۋاھلىقىنى خاتىرىلەپ قويىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلار بۇ ھەقتە سوئال قىلىنىدۇ ھەم يالغان ئېيتقانلىقى ئۈچۈن شۇ گۇۋاھلىقى سەۋەبلىك ئازابلىنىدۇ.
(20) ئۇلار تەقدىرنى باھانە قىلىپ: ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا بىز پەرىشتىلەرگە چوقۇنمىغان بولاتتۇق. شۇڭا ئۇنىڭ بىزنىڭ ئاشۇنداق قىلىشىمىزنى خالىغانلىقى شۇنىڭغا رازى بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇم دېيىشتى. ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق. ئۇلار پەقەت يالغان ئېيتىدۇ.
(21) ياكى بىز بۇ مۇشرىكلارغا قۇرئاندىن ئىلگىرى ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنسا بولىدۇ، دەيدىغان بىرەر كىتاب بەرگەن بولۇپ، ئۇلار ئاشۇ كىتابقا ئاساسەن شۇنداق دەۋاتامدۇ؟
(22) ياق، ئۇنداق ئىش بولغىنى يوق. ئەكسىچە قارىغۇلارچە دوراشنى باھانە قىلىپ: شەكسىزكى بىز ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ بىزدىن بۇرۇن بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بىلدۇق. ئۇلار بۇتلارغا چوقۇناتتى، بىزمۇ ئاشۇ بۇتلارغا چوقۇنۇشتا شۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىۋاتىمىز، دېيىشتى.
(23) بۇ مۇشرىكلار ئاتا - بوۋىلىرىغا ئەگەشكەنلىكىنى باھانە قىلىپ يالغان ئېيتتى. ئەي پەيغەمبەر! بىز سەندىن ئىلگىرى ھېچبىر يۇرتقا قەۋمىنى ئاگاھلاندۇرىدىغان بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكىنىمىز يوق. لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى دۆلەتمەنلەردىن بىر بۆلۈك ئاقساقال مۆتىۋەرلەر: شەكسىزكى بىز ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلىپ، بىزمۇ شۇلارنىڭ ئىزىدىن ماڭدۇق. شۇڭا سېنىڭ قەۋمىڭ بۇ ئىشنى تۇنجى قىلغانلار ئەمەس، دېيىشتى.
(24) ئۇلارنىڭ پەيغەمبىرى ئۇلارغا: مەن سىلەرگە ئاتا - بوۋىلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن دىندىنمۇ ياخشىراق بىر دىننى ئېلىپ كەلسەم، سىلەر يەنىلا ئاتا - بوۋاڭلارنىڭ دىنىغا ئەگىشەمسىلەر؟ دېگىنىدە، مۇشرىكلار: سەن ۋە سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەنمەيمىز، دېيىشتى.
(25) شۇنىڭ بىلەن بىز سەندىن ئىلگىرى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغانلاردىن ئۆچ ئېلىپ، ھالاك قىلدۇق. پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغانلىقىغا نەزەر سالغىن. ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى تولىمۇ ئېچىنىشلىق بولغان ئىدى.
(26) ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسى بىلەن قەۋمىگە: شەكسىزكى مەن سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلاردىن ئادا - جۇدامەن، دېدى.
(27) پەقەت مېنى ياراتقان ئاللاھلا مېنى ئۆزىنىڭ توغرا دىنىغا ئەگىشىشتىن ئىبارەت ماڭا پايدىلىق بولغان يولغا باشلايدۇ.
(28) ئىبراھىم «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» دېگەن تەۋھىد كەلىمىسىنى كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئىچىدە مىراس قالدۇردى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھنى يەككە - يېگانە دەپ ئېتىقاد قىلىپ، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدىغانلار ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. ئۈمىدكى مۇشرىكلارمۇ شېرىك ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن تەۋبە قىلىپ ئاللاھقا قايتقاي.
(29) مەن بۇ ئىنكارچى مۇشرىكلارنى ھالاك قىلىشقا ئالدىراپ كەتمىدىم. ئەكسىچە ئۇلارنى دۇنيادا قالدۇرۇپ مەنپەئەتلەندۈردۈم، ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنىمۇ مەنپەئەتلەندۈرگەن ئىدىم. نىھايەت ئۇلارغا قۇرئان ھەمدە (توغرا - خاتانى) روشەن بايان قىلغۇچى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كەلدى.
(30) ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلچە شەك بولمىغان، ھەقىقەتنى (ئۆز ئىچىگە ئالغان) قۇرئان كەلگەندە: بۇ بىر سېھىردۇر، مۇھەممەد بىزنى مۇشۇنىڭ بىلەن سېھىرلەۋاتىدۇ. شەكسىزكى بىز ئۇنى ئىنكار قىلىپ، ھەرگىز ئىمان ئېيتمايمىز، دېيىشتى.
(31) ئىنكارچى مۇشرىكلار: ئاللاھ بۇ قۇرئاننى مۇھەممەدتەك بىر يوقسۇل، يېتىمەككە نازىل قىلغۇچە، نېمىشقا مەككە ياكى تائىفتىن بىرەر كاتتا ئادەمگە نازىل قىلمىدى؟ دېيىشتى.
(32) ئەي پەيغەمبەر! مۇشرىكلار پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىنى خالىغان كىشىگە بېرىپ، خالىغان كىشىدىن چەكلەپ شۇلار تەقسىم قىلامدۇ ياكى ئاللاھ تەقسىم قىلامدۇ؟ ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى رىزىقلىرىنى بىز تەقسىم قىلىمىز ۋە بىر - بىرىنى ئىشقا سالسۇن دەپ ئۇلاردىن باي - كەمبەغەللەرنى قىلىمىز. پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەندىلىرىگە ئاخىرەتتىكى رەھمىتى بۇلار توپلىغان ئۆتكۈنچى دۇنيانىڭ پۇل - پىچەكلىرىدىن كۆپ ياخشىدۇر.
(33) ئەگەر ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى (كاپىرلارنىڭ باياشاتلىقىنى كۆرۈپ) كاپىر بولۇپ كەتمەيدىغان ئىش بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئاللاھقا كاپىر بولغانلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىلىرىنى كۈمۈشتىن قىلىپ بېرەتتۇق ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆگزىگە چىقىدىغان شوتىلىرىنىمۇ كۈمۈشتىن قىلاتتۇق.
(34) ئۇلارنى بىخۇتلاشتۇرۇش ۋە سىناش ئۈچۈن ئۆيلىرىنىڭ ئىشىكلىرىنىمۇ، يۆلىنىپ ئولتۇرىدىغان تەختلىرىنىمۇ كۈمۈشتىن قىلىپ بېرەتتۇق.
(35) ئۇلارغا (يۇقىرىقىلارنىڭ بەزىسىنى) ئالتۇندىن قىلىپ بېرەتتۇق. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت ھاياتىي دۇنيانىڭ مەنپەئەتلىرى بولۇپ، ئۇ ئۇزۇن تۇرمىغانلىقى ئۈچۈن پايدىسى ئازدۇر. ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغانلارغا ئاخىرەتتىكى نېئمەتلەر پەرۋەردىگارىڭنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ياخشىدۇر.
(36) كىمكى قۇرئان ھەققىدە سالماقلىق بىلەن ئويلانماي، داۋاملىق يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭغا شەيتان ھۆكۈمران بولۇۋېلىپ، تېخىمۇ ئازدۇرۇۋېتىدۇ.
(37) شەكسىزكى قۇرئان كەرىمدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەرگە ھۆكۈمران بولۇۋالغان بۇ ھەمراھلار چوقۇم ئۇلارنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن توسىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنمايدۇ، چەكلىمىلىرىدىن يانمايدۇ ۋە ئۇلار يەنە ئۆزلىرىنى توغرىنى تاپقۇچىلار دەپ ئويلايدۇ. ئۇلار ئۇنىڭدىن كېيىن ئازغۇنلۇقىدىن تەۋبە قىلمايدۇ.
(38) ئاللاھنىڭ زىكرىدىن يۈز ئۆرۈگۈچى قىيامەت كۈنى ھۇزۇرىمىزغا كەلگەندە: ئەي ھەمراھ! كاشكى ئىككىمىزنىڭ ئارىسى مەشرىق بىلەن مەغرىب ئارىسىدىكى مۇساپىچىلىك يىراق بولسا بوپتىكەن. سەن نېمىدېگەن يامان ھەمراھ؟! دەپ ئارزۇ قىلىدۇ.
(39) ئاللاھ قىيامەت كۈنى كاپىرلارغا: سىلەرنىڭ ئازابتىكى ئورتاقلىقىڭلار بۈگۈن سىلەرگە قىلچە ئەسقاتمايدۇ (سىلەر شېرىك ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلغان ئىدىڭلار). چۈنكى سىلەرنىڭ شېرىكلىرىڭلار سىلەرگە كەلگەن ئازابتىن ھېچ نەرسىنى كۆتۈرۈشۈپ بەرمەيدۇ.
(40) شەكسىزكى بۇلار ھەقنى ئاڭلاشتىن گاستۇر، ھەقنى كۆرۈشتىن كوردۇر. ئەي پەيغەمبەر! سەن گاسلارغا ھەقنى ئاڭلىتالامسەن ياكى كورلارنى توغرا يولغا سالالامسەن؟ توغرا يولدىن ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا بولغان كىشىنى ھىدايەت قىلالامسەن؟
(41) گەرچە بىز سېنى (ئۇلارنى ئازابلاشتىن بۇرۇن ۋاپات تاپقۇزۇش ئارقىلىق) ئېلىپ كەتسەكمۇ، ئۇلارنى چوقۇم بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئازابلاش ئارقىلىق ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالىمىز.
(42) ياكى بىز ساڭا ھايات ۋاقتىڭدا ئۇلارغا تەييارلىغان ئازابنى كۆرسىتىمىز، بىزنىڭ ئۇلارغا كۈچىمىز يېتىدۇ. ئۇلار ھېچ ئىشتا بىزدىن ئۈستۈن كېلەلمەيدۇ.
(43) ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ ساڭا ۋەھىي قىلغانغا مەھكەم ئېسىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغىن. شەكسىزكى سەن شەكسىز توغرا يولدىسەن.
(44) بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ساڭا ۋە قەۋمىڭگە شەرەپتۇر. سىلەر قىيامەت كۈنى قۇرئانغا ئىمان ئېيتىش، ئۇنىڭ يوليورۇقلىرىغا ئەگىشىش ۋە ئۇنىڭغا چاقىرىش ھەققىدە سوئال قىلىنىسىلەر.
(45) ئەي پەيغەمبەر! بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەردىن سوراپ باققىن، بىز مېھرىبان ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇلىدىغان مەبۇدلارنى قىپتۇقمۇ؟
(46) ھەقىقەتەن بىز مۇسانى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاتتىلىرىغا مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ئەۋەتتۇق. مۇسا ئۇلارغا: شەكسىزكى مەن پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھنىڭ ئەلچىسىمەن، دېدى.
(47) مۇسا ئۇلارغا بىزنىڭ مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ كەلگەندە ئۇلار مۆجىزىلەرنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشتى.
(48) بىز پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاتتىلىرىنى كۇپۇرلۇقتىن قايتىپ قالارمىكىن دەپ مۇسا ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن دىننىڭ توغرىلىقى ھەققىدە بىر - بىرىدىن كاتتا بولغان دەلىل - پاكىتلارنى كۆرسەتتۇق ھەمدە ئۇلارنى مۇشۇ دۇنيادىلا جازالىدۇق. لېكىن پايدىسى بولمىدى.
(49) ئۇلار ئۆزلىرىگە بىر قىسىم ئازاب كەلگەن چاغدا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: ئەي سېھىرگەر! ئەگەر بىز ئىمان ئېيتساق پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئازابنى كۆتۈرۈۋېتىدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدىسى بويىچە پەرۋەردىگارىڭغا دۇئا قىلساڭ. ئەگەر ئۇ بىزدىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتسە، بىز شەكسىزكى توغرا يولدا بولىمىز، دېيىشتى.
(50) قاچانكى بىز (مۇسانىڭ دۇئاسى بىلەن) ئۇلاردىن ئازابنى كۆتۈرۋەتسەك، ئۇلار يەنە ۋەدىسىنى بۇزۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمايدۇ.
(51) پىرئەۋن قەۋمى ئىچىدە ئۆز سەلتەنىتىدىن پەخىرلەنگەن ھالدا نىدا قىلىپ ئېيتتى: ئەي قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى ۋە ئوردامنىڭ ئاستىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان مۇنۇ نىل دەرياسى مېنىڭ ئەمەسمۇ؟ مېنىڭ پادىشاھلىقىمنى كۆرۈپ، كاتتىلىقىمنى بىلمەيۋاتامسىلەر؟
(52) مەن تۈزۈكرەك گەپمۇ قىلالمايدىغان، ئاجىز ھەم قوغلاندى مۇسادىن ياخشى ئەمەسمۇ؟
(53) ئۇنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئاللاھ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن نېمىشقا ئۇنىڭغا ئالتۇن بىلەيزۈك تاشلاپ بەرمىدى؟ ياكى نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئارقىمۇئارقا پەرىشتىلەر كەلمىدى؟
(54) پىرئەۋن قەۋمىنى گوللىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭ گۇمراھلىقىغا ئىتائەت قىلدى. شەكسىزكى ئۇلار ئاللاھنىڭ تائىتىدىن چىققان پاسىق قەۋم ئىدى.
(55) ئۇلار كۇپۇرلۇقتا چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق بىزنى غەزەپلەندۈرگەن چاغدا بىز ئۇلاردىن ئىنتىقام ئېلىپ، ھەممىسىنى غەرق قىلىۋەتتۇق.
(56) ئاندىن بىز پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ تەۋەلىرىنى كىشىلەرنى (يامان يولغا) باشلايدىغان باشلامچى قىلدۇق. سېنىڭ قەۋمىڭنىڭ كاپىرلىرىنىڭمۇ ئىزلىرى بار. بىز كىيىنكىلەرنىڭمۇ مۇشۇلارغا ئوخشاش ئەمەل قىلىپ، مۇشۇلارغا ئوخشاش ئازابقا گىرىپتار بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ئىبرەت ئالىدىغانلارغا ئىبرەت قىلدۇق.
(57) مۇشرىكلار ناسارالار چوقۇنغان ئىيسانىمۇ ئاللاھنىڭ: «ھەقىقەتەن سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسەڭلار بىلەن قوشۇلۇپ دوزاخقا يېقىلغۇ بولىسىلەر» دېگەن سۆزىنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ دەپ ئويلىدى. ھالبۇكى ئاللاھ بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن چەكلىگەندەك ئىيساغا قۇلچىلىق قىلىشتىنمۇ چەكلىگەن ئىدى. ئەي پەيغەمبەر! سېنىڭ قەۋمىڭ توساتتىن دەتالاشقا چۈشۈپ: بىز سېنىڭ ئىيسانىڭ ئورنىدا ئىلاھىمىز بولۇشۇڭغا رازى بولدۇق، دېيىشىپ چۇقان - سۈرەن سېلىشىدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا: «شەكسىزكى بىز تەرەپتىن ياخشىلىق پۈتۈلگەنلەر دوزاختىن يىراق قىلىنىدۇ» دېگەن ئايەتنى ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ نازىل قىلدى.
(58) ئۇلار: بىزنىڭ مەبۇدلىرىمىز ياخشىمۇ ياكى ئىيسا ياخشىمۇ؟ دېيىشتى. بۇ مىسالنى ئىبنى زەبەئرا ۋە ئۇنىڭ ئوخشاشلىرى ھەقكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى جىدەل قىلىش ئۈچۈنلا كەلتۈردى. چۈنكى ئۇلار جىدەلخور خەقتۇر.
(59) ئىيسا پەقەت ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدىن پەيغەمبەرلىك ۋە ئەلچىلىك نېئمىتىمىزگە ئېرىشكەن بىر بەندىدۇر. ئادەممۇ ئاتا - ئانىسىز يارىتىلغىنىدەك، بىز ئىيسانىمۇ ئاتىسىز يارىتىش ئارقىلىق بەنى ئىسرائىلغا ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرستىدىغان بىر دەلىل قىلدۇق.
(60) ئەي ئادەمزات! ئەگەر بىز سىلەرنى ھالاك قىلىشنى خالىساق، ئەلۋەتتە ھالاك قىلاتتۇق ھەمدە پەرىشتىلەرنى زېمىندا سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا ئىزباسار قىلاتتۇق. ئۇلار ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلاتتى.
(61) شەكسىزكى ئىيسا ئاخىر زاماندا چۈشكەن چاغدا ئەلۋەتتە قىيامەتنىڭ بۈيۈك ئالامەتلىرىدىن بىرى بولىدۇ. شۇڭا قىيامەتنىڭ چوقۇم بولىدىغانلىقىدىن شەك قىلماي، مەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئېلىپ كەلگەن نەرسىگە ئەگىشىڭلار. مېنىڭ ئېلىپ كەلگىنىم قىلچە ئەگرىلىك بولمىغان داغدام يولدۇر.
(62) شەيتان سىلەرنى ئازدۇرۇپ، قۇترىتىش ئارقىلىق توغرا يولدىن بۇرۇۋەتمىسۇن. شەكسىزكى شەيتان سىلەرگە ئۆچ - ئاداۋىتى ئاشكارا دۈشمەندۇر.
(63) ئىيسا ئەلەيھىسسالام قەۋمىگە ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە روشەن دەلىللەرنى كەلتۈرگەن چاغدا ئۇلارغا: مەن سىلەرگە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ھېكمەتنى ئىلىپ كەلدىم، سىلەرگە دىندىن ئىختىلاپ قىلىشقان بەزى ئىشلىرىڭلارنى روشەن بايان قىلىپ بېرىمەن. شۇڭا ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق تەقۋادار بولۇڭلار، مەن سىلەرنى بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
(64) شەكسىزكى ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ پەرۋەردىگارىدۇركى، بىزنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا رەببىمىز يوق. شۇڭا يالغۇز شۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىڭلار. بۇ تەۋھىد ئېتىقادى قىلچە ئەگرىلىك بولمىغان توغرا يولدۇر.
(65) ناسارا تائىپىلىرى ئىيسا ھەققىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ، ئۇلاردىن بىر بۆلۈكى: ئۇ ئىلاھتۇر، دېگەن بولسا، يەنە بىر بۆلۈكى: ئۇ ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر، دېدى. يەنە بىر بۆلۈكى بولسا: ئۇ ئانىسى بىلەن ئىككى ئىلاھتۇر، دېيىشتى. ئىيسانى ئىلاھ بولۇش ياكى ئاللاھنىڭ بالىسى بولۇش ياكى ئۈچ ئىلاھنىڭ ئۈچىنچىسى بولۇش، دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ ھالىغا ۋايكى، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى دەرتلىك ئازاب كۈتۈپ تۇرىدۇ.
(66) ئىيسا ھەققىدە ئىختىلاپ قىلشقان بۇ گۇرۇھلار پەقەت قىيامەتنىڭ ئۇشتۇمتۇت كېلىشىنىلا كۈتىدۇ. ئۇلار ئۇنىڭ كەلگەنلىكىنى سەزمەي قالىدۇ. ئەگەر قىيامەت ئۇلارنىڭ كۇپۇرلۇق ھالىتىدە كەلسە، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى شەكسىزكى دەرتلىك ئازاب بولىدۇ.
(67) كۇپۇرلۇق ھەم ئازغۇنلۇق ئۈستىدىكى سىرداش دوستلار قىيامەت كۈنى بىر - بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ. لېكىن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغانلارنىڭ دوستلۇقى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدۇ.
(68) ئاللاھ تائالا ئۇلارغا: ئى بەندىلىرىم! ئەمدى سىلەرگە قورقۇنچ يوق، دۇنيادا قولدىن كەتكۈزۈپ قويغىنىڭلارغا قايغۇرماڭلار، دەيدۇ.
(69) ئۇلار پەيغەمبىرىگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ئىمان ئېيتقان ۋە قۇرئاننىڭ ھۆكمىگە بويسۇنغان كىشىلەر بولۇپ، پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىپ، چەكلىمىلىرىدىن ياناتتى.
(70) سىلەر ۋە ئىمان ئېيتىشتا سىلەر بىلەن ئوخشاش بولغانلار جەننەتكە كىرىڭلار، سىلەر تۈگەپ كەتمەيدىغان، ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان مۇقىم نېئمەتتىن خۇرسەن بولىسىلەر.
(71) ئۇلارنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇلارغا ئالتۇن تاۋاقلارنى ۋە (شاراپ تولدۇرۇلغان) قەدەھلەرنى ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. جەننەتتە ئۇلارنىڭ كۆڭلى تارتقان، كۆزلەر كۆرۈپ ھۇزۇرلىنىدىغان نېئمەتلەر بار. سىلەر شۇ نېئمەتلەر ئىچىدە مەڭگۈ قالىسىلەر، ئۇنىڭدىن قەتئىي چىقىرىۋېتىلمەيسىلەر.
(72) مەن سىلەرگە سۈپەتلەپ بەرگەن ئاشۇ جەننەت ئاللاھ تائالا ئۇنى سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەرگە ئىلتىپات قىلىپ بەرگەن جەننەتتۇر.
(73) ئۇ جەننەتلەردە سىلەر ئۈچۈن ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان كۆپلىگەن مېۋە - چېۋىلەر بار بولۇپ، سىلەر ئۇنىڭدىن يەيسىلەر.
(74) شەكسىزكى كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن جىنايەتچى بولغانلار قىيامەت كۈنى جەھەننەم ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالىدۇ.
(75) ئۇلاردىن ئازاب يەڭگىللىتىلمەيدۇ. ئۇلار دوزاختا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزىدۇ.
(76) بىز ئۇلارنى دوزاخقا كىرگۈزۈش ئارقىلىق زۇلۇم قىلمىدۇق، بەلكى ئۇلار كاپىر بولۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى.
(77) ئۇلار دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىگە نىدا قىلىپ: ئەي مالىك! پەرۋەردىگارىڭ بىزنىڭ جېنىمىزنى ئالسا، بىز بۇ ئازابتىن قۇتۇلغان بولساق، دەيدۇ. ئاندىن مالىك ئۇلارغا جاۋابەن: شەكسىزكى سىلەر ئۈزۈلمەيدىغان ئازابتا مەڭگۈ قالىسىلەر، ئۆلەلمەيسىلەر، سىلەردىن ئازابمۇ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.
(78) بىز ھەقىقەتەن سىلەرگە دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا قىلچە شەك بولمىغان دىننى كەلتۈرگەن ئىدۇق، لېكىن سىلەرنىڭ كۆپىنچىىڭلار ھەق دىننى ياقتۇرمىغان ئىدىڭلار.
(79) ئەگەر ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۇيىقەست پىلانلىغان بولسا، شەكسىزكى بىزمۇ ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنى بېسىپ چۈشىدىغان بىر تەدبىر قوللىنىمىز.
(80) ياكى ئۇلار دىللىرىدا يوشۇرغان سىرلىرىنى ياكى مەخپىي پىچىرلاشقانلىرىنى بىزنى ئاڭلىيالمايدۇ، دەپ ئويلامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. بىز ئۇنىڭ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. پەرىشتىلەرمۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇپ، ئەمەللىرىنى يېزىپ تۇرىدۇ.
(81) ئەي پەيغەمبەر! قىزلارنى ئاللاھقا مەنسۇپ قىلغانلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىدىن تولىمۇ ئۈستۈندۇر. ئاللاھنىڭ بالىسى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇ بۇنىڭدىن پاك ھەم مۇقەددەستۇر. مەن ئاللاھنى بارچە ئەيىب - نۇقسانلاردىن پاك دەپ بىلگەن ھالدا ئۇنىڭغا قۇلچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ تۇنجىسىمەن.
(82) ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى بۇ مۇشرىكلارنىڭ ئۇنىڭغا شېرىك، ھەمراھ ۋە بالىلارنى مەنسۇپ قىلىپ ئېيتقانلىرىدىن پاكتۇر.
(83) ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنى ئۆزلىرى داۋاملىشىپ كەلگەن خاتالىقىغا پېتىشىغا ۋە ئويۇن - تاماشا قىلىشىغا قويۇپ بەرگىن. ئۇلار قىيامەت كۈنى ۋەدە قىلىنغان كۈنگە ئۇچراشقانغا قەدەر شۇ پېتى قېلىۋەرسۇن.
(84) ئاللاھ تائالا ئاسماندىمۇ ھەقىقىي ئىلاھتۇر، زېمىندىمۇ ھەقىقىي ئىلاھتۇر. ئۇ يارىتىشىدا، ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ۋە پىلانلىشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر، بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا ئۇلاردىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
(85) ئاللاھنىڭ ياخشىلىقى ۋە بەرىكىتى ئىنتايىن كاتتىدۇركى، ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى يالغۇز ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇر. قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىم ئۇنى بىلمەيدۇ. سىلەر ئاخىرەتتە ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن يەنە يالغۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
(86) مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇلارغا شاپائەت قىلالمايدۇ. پەقەت ئىيسا، ئۇزەير ۋە پەرىشتىلەرگە ئوخشاش، ئۆزلىرىنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ «ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق» دەپ گۇۋاھلق بەرگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا.
(87) ئەگەر ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى كىم ياراتقانلىقىنى سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: بىزنى ئاللاھ ياراتتى، دەيدۇ. ئۇلار مۇشۇنداق ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇپ قانداقسىگە ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشتىن (بۇتلارغا چوقۇنۇشقا) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟
(88) ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۆز قەۋمىنىڭ ئىنكارچىلىقىدىن قىلغان شىكايەتلىرى مەلۇمدۇر. پەيغەمبەرنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزى: ئەي رەببىم! شەكسىزكى بۇلار سەن مەن بىلەن ئەۋەتكەن نەرسىگە ئىمان ئېيتمايدىغان كىشىلەردۇر، دېگەندىن ئىبارەتتۇر.
(89) ئۇلار بىلەن كارىڭ بولمىسۇن. ئۇلارغا ئۇلارنىڭ يامانلىقىغا رەددىيە بېرىدىغان سۆزلەرنى دېگىن. - بۇ مەككىدە بولغان ئىش ئىدى-. ئۇلار ئۇزۇنغا قالماي ئۆزلىرىنىڭ قانداق جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلىپ قالىدۇ.