(1) ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭنىڭ كەبىنى يىقماقچى بولغان ئەبرەھە ۋە ئۇنىڭ پىللارنىڭ ئېلىپ كەلگەن ھەمراھلىرىنى قانداق قىلىۋەتكەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟
(2) ئاللاھ ئۇلارنىڭ كەبىنى يىقىش ئۈچۈن پىلانلىغان سۇيىقەستلىرىنى بەربات قىلىۋەتتى. نەتىجىدە ئۇلار كىشىلەرنى كەبىدىن توسۇش مەقسىتىگە يېتەلمىدى، ئۇنىڭدىن ھېچنەرسىگە ئېرىشەلمىدى.
(3) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە توپ - توپ بولۇپ كېلىدىغان قۇشلارنى ئەۋەتتى.
(4) قۇشلار ئۇلارغا لايدىن پىشۇرۇلغان ساپال تاشلارنى ئاتاتتى.
(5) ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنى چارىپايلار چايناپ، چەيلىۋەتكەن ساماندەك قىلىۋەتتى.