30 - سۈرە رۇم ()

|

(1) بۇنىڭغا ئوخشاش ئۈزۈك تاۋۇشلار ھەققىدىكى قاراشلار سۈرە بەقەرەنىڭ بېشىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

(2) پارسلار رۇملۇقلارنى يېڭىۋالدى.

(3) (ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش) شام زېمىنىنىڭ پارسقا ئەڭ يېقىن جايىدا (يۈز بەرگەن ئىدى). رۇملۇقلار پارسلارنىڭ غەلىبىسىدىن كېيىن ئۇزۇنغا قالماي قايتا غەلىبە قىلىدۇ

(4) (رۇملۇقلارنىڭ غەلىبىسى) ئۈچ يىلدىن ئاز بولمىغان، ئون يىلدىنمۇ ئېشىپ كەتمىگەن بىر مۇددەت ئىچىدە (ئىشقا ئاشىدۇ). رۇملۇقلارنىڭ غەلىبە قىلىشىدىن بۇرۇنقى ھەم ئۇنىڭدىن كېيىنكى بارچە ئىشلار يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. رۇملۇقلار پارسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان كۈندە مۇئمىنلەر خۇشاللىققا چۆمىدۇ.

(5) مۇئمىنلەرنىڭ ئاللاھنىڭ رۇملۇقلارغا نۇسرەت ئاتا قىلىشىدىن خۇشاللىققا چۆمۈشى ئۇلارنىڭ كىتاب ئەھلى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىگە ئۆزى خالىغان كىشىگە قارشى ياردەم بېرىدۇ. ئاللاھ غالىبتۇركى، قەتئىي يېڭىلىپ قالمايدۇ. ئۇ مۇئمىن بەندىلىرىگە كۆيۈمچاندۇر.

(6) بۇ غەلىبە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىدۇركى، ئۇنىڭ ئىشقا ئېشىشى بىلەن مۇئمىنلەرنىڭ ئاللاھنىڭ نۇسرەت ئاتا قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدىسىگە بولغان ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشىدۇ. ئەمما كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى كاپىر بولغانلىقى تۈپەيلىدىن بۇنى چۈشەنمەيدۇ.

(7) ئۇلار ئىماننى ۋە شەرىئەتنىڭ ئەھكاملىرىنى بىلمەيدۇ، پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ جان بېقىشقا ۋە ماددىي گۈللىنىش قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تەرىپىنىلا بىلىدۇ. ئۇلار ھەقىقىي ھاياتلىق جايى بولغان ئاخىرەتتىن پەرۋاسىزلارچە يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر.

(8) بۇ ئىنكارچى مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى قانداق مۇكەممەل ياراتقانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ باقمىدىمۇ؟ ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى پەقەت ھەق بىلەن ياراتتىكى، ھەرگىز بىكارغا ياراتقىنى يوق. شۇنداقلا بۇلارنىڭ دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئېنىق ۋاقتىنى بېكىتتى. ھەقىقەتەن نۇرغۇن كىشىلەر قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىغا ئۇچرىشىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغۇچىدۇر. شۇڭلاشقا ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىدىغان ياخشى ئەمەل بىلەن قايتىدىن تىرىلىشكە تەييارلىق قىلمايدۇ.

(9) ئۇلار ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنكارچى ئۈممەتلەرنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالغانلىقىنى كۆزىتىش ئۈچۈن يەر يۈزىدە سەپەر قىلمىدىمۇ؟ ئۇ ئۈممەتلەر بۇلاردىن خېلىلا كۈچلۈك كىشىلەر بولۇپ، تېرىقچىلىق قىلىش ھەم ئىمارەتلەرنى سېلىش ئۈچۈن يەرلەرنى ئاغدۇراتتى، شۇنداقلا ئۇلار يەر يۈزىنى بۇلاردىنمۇ بەك ئاۋاتلاشتۇرغان ئىدى. ئۇلارغا (يەنى ئىلگىرىكىلەرگە) پەيغەمبەرلىرى ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان روشەن دەلىل - پاكىتلارنى كەلتۈرسە، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلىپ ئۇلارغا زۇلۇم قىلغىنى يوق، بەلكى ئۇلار كۇپۇرلۇقى بىلەن ئۆزلىرىنى ھالاكەتكە ئىتتىرىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى.

(10) نەتىجىدە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە خاتا ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئەمەللىرى يامان بولغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ، مەسخىرە قىلىپ، زاڭلىق قىلىشاتتى.

(11) ئاللاھ دەسلەپتە پۈتكۈل مەخلۇقاتنى ئۆرنەكسىز يارىتىدۇ، بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇلارنى يوق قىلىدۇ، ئاندىن قايتىدىن تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن سىلەر قىيامەت كۈنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن يالغۇز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.

(12) قىيامەت قايىم بولغان كۈندە گۇناھكارلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ، پۈتۈن ئازۇ - ئارمانلىرى كۆپۈككە ئايلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاللاھقا كاپىر بولۇشقا كۆرسەتكەن باھانە - سەۋەبلىرى يوققا چىقىدۇ.

(13) ئۇلارنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن دۇنيادا ئۇلار چوقۇنغان بۇتلىرىدىن شاپائەت قىلغۇچىلار بولمايدۇ، ئۇلار شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىدىن تانىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېھتىياجى چۈشكەن چاغدا بۇتلىرى ئۇلارنى تاشلىۋەتتى، چۈنكى ئۇلار ئوخشاشلا ھالاكەتكە دۇچار بولدى.

(14) قىيامەت قايىم بولغان ئاشۇ كۈندە كىشىلەر دۇنيادىكى ئەمەللىرىگە يارىشا جازا - مۇكاپاتقا ئېرىشىشتە ئىككىگە ئايرىلىدۇ، يەنى بىر بۆلۈكى ئىللىييىنغا (جەننەتكە) كۆتۈرۈلسە، يەنە بىر بۆلۈكى دوزاخنىڭ ئەڭ تېگىگە چۈشىدۇ.

(15) ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا رازىلىققا ئېرىشىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار جەننەتتە بولۇپ، مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان نېئمەتلەرگە ئېرىشكەنلىكىدىن خۇرسەن بولىدۇ.

(16) ئاللاھقا كاپىر بولغان، پەيغەمبىرىمىزگە نازىل قىلىنغان ئايەتلىرىمىزنى ھەمدە ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى ۋە ھېساب بېرىشنى ئىنكار قىلغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار ئازابقا دۇچار قىلىنىدىغان، ئاندىن ئازابتىن قۇتۇلالمايدىغانلاردۇر.

(17) كەچ ۋاقتىدا، يەنى شام ۋە خۇپتەن نامازلىرىنىڭ ۋاقتىدا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار، شۇنداقلا ئەتىگەندە، يەنى بامدات ناماز ۋاقتىدا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار.

(18) بارلىق ھەمدۇسانالار يالغۇز ئاللاھقا خاستۇركى، ئۇنىڭغا ئاسمانلاردا پەرىشتىلىرى، زېمىندا پۈتكۈل مەخلۇقاتلىرى ھەمدۇسانا ئېيتىپ تۇرىدۇ. سىلەر كەچ ۋاقتىدا، يەنى ئەسىر ناماز ۋاقتىدا ھەم چۈش ۋاقتىدا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار.

(19) ئاللاھ تائالا جانلىقنى جانسىزدىن چىقىرىدۇكى، بۇنىڭ مىسالى، ئىنساننى ئابى مەنىيدىن، چۈجىنى تۇخۇمدىن چىقارغانلىقىدۇر. جانسىزنى جانلىقتىن چىقىرىدۇكى، بۇنىڭ مىسالى، ئابى مەنىينى ئىنساندىن، تۇخۇمنى توخۇدىن چىقارغانلىقىدۇر. زېمىننى قۇرۇپ كەتكىنىدىن كېيىن يامغۇر ياغدۇرۇش ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق جانلاندۇرىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش سىلەرمۇ ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قەبرەڭلاردىن چىقىرىلىسىلەر.

(20) ئەي ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ ئاتاڭلارنى لايدىن يارىتىش ئارقىلىق سىلەرنى تۇپراقتىن ياراتقانلىقى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە يەككە - يېگانلىكىنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدىغان بۈيۈك مۆجىزىلىرىدىندۇركى، ئاندىن سىلەر نەسىل قالدۇرۇش ئارقىلىق كۆپىيىدىغان، يەر يۈزىنىڭ مەشرىق ۋە مەغرىبلىرىگە تارقالغان ئىنسان بولدۇڭلار.

(21) ئەي ئەرلەر! ئەنە شۇنىڭدەك، ئاراڭلاردىكى ئوخشاشلىق تۈپەيلىدىن كۆڭلۈڭلارنىڭ ئارام تېپىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئاياللىرىڭلارنى ئۆز تىپىڭلاردىن يارىتىپ بەرگەنلىكى ھەمدە ئاراڭلاردا مېھىر - مۇھەببەت پەيدا قىلغانلىقى ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە يەككە - يېگانىلىكىنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدىغان بۈيۈك ئالامەتلەردىندۇر. ھەقىقەتەن بۇلاردا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن روشەن دەلىل - پاكىتلار بار، چۈنكى ئۇلار ئەقىللىرىنى ئىشقا سېلىپ پايدىلىنالايدىغانلاردۇر.

(22) ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانلىقى، تىللىرىڭلارنى ۋە رەڭلىرىڭلارنى خىلمۇخىل قىلغانلىقى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بۈيۈك مۆجىزىلىرىدىندۇر. ھەقىقەتەن بۇلاردا ئىلىم ۋە پاراسەت ئىگىلىرى ئۈچۈن دەلىل - پاكىتلار بار.

(23) ئىشلەپ چارچىغانلىقتىن ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن كېچىدە ھەم كۈندۈزدە ئۇخلىشىڭلار، پەرۋەردىگارىڭلاردىن رىزىق تەلەپ قىلىپ كۈندۈزى ھەرىكەت قىلىشىڭلار ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بۈيۈك مۆجىزىلىرىدىندۇر. ھەقىقەتەن بۇلاردا ئويلىنىپ، قوبۇل قىلىش مەقسىتىدە ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن دەلىل - پاكىتلار بار.

(24) ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاسماندا چاقماقنى كۆرسىتىپ، بىر تەرەپتىن گۈلدۈرمامىدىن قورقۇش، يەنە بىر تەرەپتىن يامغۇر يېغىشىغا بولغان ئۈمىدنى پەيدا قىلغانلىقى، ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، زېمىندا ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق قاقاس زېمىننى جانلاندۇرغانلىقى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان بۈيۈك مۆجىزىلىرىدىندۇر. ھەقىقەتەن بۇنىڭدا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن روشەن دەلىل - پاكىتلار باركى، بۇلار ئۇ مۆجىزىلەرنى ئۆلگەندىن كېيىن ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قايتا تىرىلىشكە دەلىل قىلىدۇ.

(25) ئاسماننىڭ چۈشۈپ كەتمەي، زېمىننىڭ يىمىرىلمەي ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۆز جايىدا تۇرغانلىقى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە يەككە - يېگانلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بۈيۈك مۆجىزىلىرىدىندۇر. ئاندىن ئاللاھ پەرىشتىنىڭ سۈر چېلىشى بىلەن سىلەرنى زېمىندىن چاقىرغان ۋاقىتتا سىلەر ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قەبرىلىرىڭلاردىن چىقىسىلەر.

(26) ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىش، يارىتىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى مەخلۇقاتلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنغۇچىلاردۇر.

(27) ئاللاھ تائالا پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنى دەسلەپتە ئۆرنەكسىز ياراتقان، ئاندىن ئۇنى يوق بولۇپ كەتكەندىن كېيىن قايتىدىن تىرىلدۈرىدىغان زاتتۇركى، قايتىدىن تىرىلدۈرۈش دەسلەپكى يارىتىشتىن كۆپ قولايدۇر. ئەمەلىيەتتە ھەر ئىككىلىسى ئاللاھقا ئاسان، چۈنكى ئاللاھ بىر نەرسىنى پەيدا قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭغا: ۋۇجۇدقا كەل، دەيدۇ - دە، ئۇ نەرسە دەرھال ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ئۇلۇغلۇق ۋە مۇكەممەللىك سۈپەتلىرى ئىچىدىن ئەڭ ئالىي سۈپەتلەر ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ غالىبتۇركى، (ھېچكىمگە) يېڭىلمەيدۇ، يارىتىش ۋە پىلانلاشتا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.

(28) ئەي مۇشرىكلار! ئاللاھ سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن مۇنداق بىر مىسال كەلتۈرىدۇ: قۇل - چۆرىلىرىڭلار ئىچىدە ماللىرىڭلاردىن سىلەر بىلەن ئورتاق پايدىلىنىدىغانلار بولسا، خۇددى سىلەرنىڭ بىرىڭلار ھۆر بىر شېرىكىنىڭ مال - مۈلۈكنى ئۆزى بىلەن تەڭ ئۆلۈشۈۋېلىشىدىن قورققىنىدەك، سىلەرمۇ ئۇلارنىڭ ماللىرىڭلارنى سىلەر بىلەن تەڭ ئۆلۈشۈۋېلىشىدىن قورقامسىلەر؟ قۇللىرىڭلارنىڭ سىلەرگە مۇشۇنداق قىلىشىغا قاراپ تۇرامسىلەر؟ شەكسىزكى، قۇللىرىڭلارنىڭ بۇنداق قىلىشىغا قاراپ تۇرمايسىلەر. دېمەك، ئاللاھ مەخلۇقاتلىرى ۋە قۇللىرىدىن ئىبارەت مۈلكىدە شېرىكى بولماسلىقىغا ئەڭ لايىقتۇر. بىز ئەقىل ئىشلىتىدىغانلارغا بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان باشقا مىساللارنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق دەلىل - پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. چۈنكى بۇ مىساللاردىن مۇشۇنداق كىشىلەر پايدىلىنالايدۇ.

(29) ئۇلارنىڭ ئېزىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى دەلىل - پاكىتلارنىڭ كەمچىللىكى ياكى روشەن يورۇتۇپ بېرىلمىگەنلىكى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ھاۋايى - ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ، ئاتا - بوۋىلىرىنى قارىغۇلارچە دورىغانلىقىدۇر. ئاللاھ گۇمراھ قىلغان كىشىنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسۇپ قالالايدىغان ياردەمچىلەرمۇ بولمايدۇ.

(30) ئەي پەيغەمبەر! سەن ۋە ساڭا ئەگەشكەنلەر پۈتۈن باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ، ئاللاھ سېنى يۈزلەندۈرگەن دىنىغا يۈزلىنىڭلار. ئۇ ئاللاھ بارلىق ئىنسانلارنى ئۈستىدە ياراتقان ئىسلام دىنىدۇركى، ئاللاھنىڭ يارىتىشىدا ئۆزگىرىش يوق. ئەنە شۇ قىلچە ئەگرىلىك بولمىغان توغرا دىندۇر. لېكىن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھەق دىننىڭ مۇشۇ ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.

(31) گۇناھىڭلاردىن تەۋبە قىلىپ، ئاللاھقا قايتىڭلار، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، نامازنى ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىڭلار، تەبىئىي خاراكتېرگە زىت ئىش قىلىپ، ئىبادەتلىرىدە ئاللاھقا باشقىلارنى شېرىك قىلىدىغان مۇشرىكلاردىن بولماڭلار.

(32) سىلەر مۇشرىكلاردىن بولماڭلاركى، ئۇلار دىنىنى ئالماشتۇردى، دىننىڭ بىر قىسمىغا ئىمان ئېيتىپ، يەنە بىر قىسمىغا كاپىر بولدى، كۆپلىگەن پىرقىلەرگە ۋە گۇرۇھلارغا بۆلۈندى، ئۇلاردىن ھەر بىر پىرقە ئۆزلىرىنىڭ خاتا قىلمىشلىرىدىن خۇشال بولۇپ، پەقەت ئۆزلىرىنىلا ھەق ئۈستىدە، باشقىلارنى خاتالىق ئۈستىدە، دەپ ئويلايدۇ.

(33) مۇشرىكلارغا كېسەللىك، كەمبەغەللىك ياكى قەھەتچىلىككە ئوخشاش بىرەر خاپىلىق كەلسە، پەرۋەردىگارىغا يېلىنىپ، يالۋۇرۇپ، ئۆزلىرىگە كەلگەن خاپىلىقلارنى كۆتۈرۈۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىپ پەقەت شۇنىڭغىلا دۇئا قىلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن خاپىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىش ئارقىلىق ئۇلارغا شەپقەت قىلسا، ئۇلاردىن بىر بۆلۈكى دەرھال شېرىككە قايتىپ، ئاللاھقا باشقىلارنى قوشۇپ دۇئا قىلىدۇ.

(34) ناۋادا ئۇلار ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە كاپىر بولۇپ، -باشلىرىغا كەلگەن خاپىلىقنى كۆتۈرۈۋەتكەنلىكىمۇ بىر نېئمەت- قوللىرىدا بار نەرسىدىن مۇشۇ دۇنيادىلا بەھرىمەن بولۇشنى كۆزلىسە، قىيامەت كۈنى چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ روشەن ئازغۇنلۇقتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ.

(35) ھېچقانداق پاكىتسىز ھالەتتە ئۇلارنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشكە ئۈندىگەن نەرسە نېمە؟ بىز ئۇلارغا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشكە پاكىت قىلىدىغان بىرەر كىتاب چۈشۈرگىنىمىز يوق. ئۇلارنىڭ قولىدا شېرىكلىرى ھەققىدە سۆزلەيدىغان، ئۇلارنىڭ كۇپرىسىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىرەر كىتابمۇ يوق.

(36) ئەگەر بىز ئىنسانلارغا ساقلىق ۋە باي - باياشاتلىققا ئوخشاش نېئمەتلىرىمىزنى تېتىتساق ئۇلار كۆرەڭلەپ، ھاكاۋۇرلۇق قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلارغا ئۆزلىرى قىلغان گۇناھلىرى سەۋەبلىك كېسەللىك ۋە كەمبەغەللىككە ئوخشاش كۆڭۈلسىزلىك يەتسە ئۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ، خاپىلىقنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزىدۇ.

(37) ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىنى ئۆزىگە شۈكرى قىلامدۇ ياكى تۇزكورلۇق قىلامدۇ؟ دەپ سىناش ئۈچۈن رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ. ئۇلاردىن خالىغان ئادەمنى سەۋر قىلامدۇ ياكى نارازى بولامدۇ؟ دەپ سىناش ئۈچۈن رىزقىنى تار قىلىدۇ. ھەقىقەتەن بەزىلەرنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىپ، بەزىلەرنىڭ رىزقىنى تار قىلىشتا مۇئمىنلەرگە ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى ۋە رەھمىتىنىڭ دەلىل - پاكىتلىرى بار.

(38) ئەي مۇسۇلمان! خىش - ئەقرىبالىرىڭغا ئۆز لايىقىدا ۋاپادارلىق ۋە سىلە - رەھىم قىلغىن، ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلغىن، يۇرتىدىن ئايرىلغان مۇساپىرغىمۇ ياخشىلىق قىلغىن. ئاشۇنداق يوللارغا مال سەرپ قىلىش ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. مۇشۇنداق ياردەملەرنى قىلىپ، مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلغانلار كۆزلىگەن جەننەتكە ئېرىشىش ھەمدە قورققان ئازابتىن ئامان قېلىش ئارقىلىق نىجاتلىققا ئېرىشكۈچىلەردۇر.

(39) سىلەرنىڭ بىراۋغا تېخىمۇ كۆپ قايتۇرۇپ ئېلىش مەقسىتىدە بەرگەن مېلىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۆسمەيدۇ. ماللىرىڭلارنى كىشىلەردىن ھېچقانداق مەرتىۋە ۋە مۇكاپات كۈتمەستىن پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بەرسەڭلار، ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ ئەجرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھەسسىلىنىدۇ.

(40) ئاللاھ سىلەرنى يالغۇز ئۆزى ياراتتى، ئاندىن سىلەرگە رىزىق بەردى، ئاندىن سىلەرنى قەبزى روھ قىلىدۇ، ئاندىن قايتا تىرىلدۈرىدۇ. سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلاردىن قايسى بىرى شۇنداق قىلالايدۇ؟ ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ دېگەنلىرىدىن ۋە ئېتىقاد قىلغانلىرىدىن پاكتۇر.

(41) كىشلەرنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىدە كېمىيىش، ئۆزلىرىدە كېسەللىك ھەم ۋابا تارقىلىش ئارقىلىق دېڭىزدا ۋە قۇرۇقلۇقتا ئاپەت يۈز بەردى. بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى؛ ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزىگە تەۋبە قىلسۇن دەپ ھاياتىي دۇنيادىكى بىر قىسىم ناچار قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى ئۇلارغا تېتىتىشنى ئىرادە قىلدى.

(42) ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، يەر يۈزىدە سەپەر قىلىپ، ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنكارچى ئۈممەتلەرنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار. ئۇلار ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە دۇچار بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشرىك ئىدى، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرەتتى. نەتىجىدە ئۇلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلىندى.

(43) ئەي پەيغەمبەر! كەلگەن چاغدا قايتۇرغىلى بولمايدىغان قىيامەت كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن قىلچە ئەگرىلىك بولمىغان توغرا دىن ئىسلامغا يۈزلەنگىن. ئۇ كۈندە ئىنسانلار پىرقىلەرگە بۆلۈنۈپ كېتىدىغان بولۇپ، بىر بۆلۈكى جەننەتتە نېئمەتكە ئېرىشىدۇ، يەنە بىر بۆلۈكى دوزاختا ئازابلىنىدۇ.

(44) كىمكى ئاللاھقا كاپىر بولىدىكەن، ئۇنىڭ كۇپرىسىنىڭ زىيىنى ئۆزىگە بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن جەننەت ۋە ئۇنىڭ نېئمەتلىرىنى تەييارلىغان بولىدۇ، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ.

(45) بۇ ئاللاھنىڭ ئىمان ئېيتقانلارنى ۋە پەرۋەردىگارى رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى مۇكاپاتلىشى ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ ئۆزىگە ۋە پەيغەمبەرلىرىگە كاپىر بولغانلارنى دوست تۇتمايدۇ، بەلكى ئۇلارنى ناھايىتى ئۆچ كۆرىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى چوقۇم ئازابلايدۇ.

(46) ئەي ئىنسانلار! يامغۇردىن كېيىن مەيدانغا كېلىدىغان مولچىلىق ۋە باياشاتلىق بىلەن سىلەرگە ئۆز رەھمىتىنى تېتىتىش ئۈچۈن، ئەمرى بويىچە دېڭىزدا كېمىلەرنى ماڭدۇرۇش ئۈچۈن، دېڭىزدا تىجارەت قىلىش ئارقىلىق مەرھەمىتىنى تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ يېقىندا يامغۇر ياغىدىغانلىقىدىن خۇشبېشارەت بېرىدىغان شاماللارنى ئەۋەتكەنلىكى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان بۈيۈك مۆجىزىلىرىدىندۇركى، ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلساڭلار، ئاللاھ نېئمەتلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ بېرىدۇ.

(47) ئەي پەيغەمبەر! شۈبھىسىزكى بىز سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئۈممەتلىرىگە ئەۋەتتۇق، پەيغەمبەرلەر ئۆزلىرىنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان دەلىل - پاكىتلارنى ئېلىپ كەلدى، لېكىن ئۈممەتلەر پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن نەرسىنى ئىنكار قىلدى. ئاندىن بىز يامان ئەمەل قىلغانلارنى جازالاپ، ئازابىمىز بىلەن ھالاك قىلدۇق، پەيغەمبەرلەرنى ۋە مۇئمىنلەرنى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇردۇق. مۇئمىنلەرنى قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئۇلارغا نۇسرەت ئاتا قىلىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىزدۇر.

(48) ئاللاھ شاماللارنى ئەۋەتىدۇ، شاماللار بۇلۇتلارنى قوزغاپ، ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ، ئاندىن ئۇنى ئاسماندا ئاللاھ خالىغان مىقداردا تارقىتىدۇ ۋە ئۇنى پارچە - پارچە قىلىدۇ. ئى كۆزەتكۈچى! ئاندىن يامغۇرنىڭ بۇلۇت ئارىسىدىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. ناۋادا ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىلەرگە يامغۇر ياغدۇرسا، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە يامغۇر ياغدۇرۇش ئارقىلىق رەھمەت قىلغانلىقىدىن خۇشال بولىدۇ، يامغۇردىن كېيىن زېمىندا ئۇلار ئۆزلىرى ۋە ئۇلاغلىرى ئېھتىياجلىق نەرسىلەر ئۈنۈپ چىقىدۇ.

(49) ھالبۇكى ئۇلار ئاللاھ يامغۇر ياغدۇرۇشتىن بۇرۇن ئۆزلىرىگە يامغۇر يېغىشىدىن ھەقىقەتەن ئۈمىدسىزلىنىپ كەتكەن ئىدى.

(50) ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ بەندىلىرىگە رەھمەت قىلىپ ياغدۇرغان يامغۇرنىڭ تەسىرىگە قارىغىنكى، زېمىن قۇرۇپ، قاقاسلىققا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن ئاللاھ تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئۇنى قانداق جانلاندۇرىدۇ؟ شۈبھىسىزكى، قۇرۇپ كەتكەن زېمىننى تىرىلدۈرگەن زات ئۆلۈكلەرنى قايتىدىن تىرىلدۈرگۈچىدۇر. دەرۋەقە ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، ئۇنى ھېچنەرسە ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ.

(51) ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرى ۋە ئۆسۈملۈكلىرىگە زىيانلىق شامالنى ئەۋەتسەك، ئۇلار زىرائەتلىرىنىڭ يېشىللىققا پۈركەنگەندىن كېيىن سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە، ئۇلار بۇ ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن ئاللاھنىڭ بۇرۇن ئاتا قىلغان نۇرغۇن نېئمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىدۇ.

(52) سەن ھەقىقەتەن ئۆلۈكلەرگە ئاڭلىتالمايسەن، گاسلارغىمۇ ئاڭلىتالمايسەن. ئۇلارنىڭ ئاڭلىمايدىغانلىقى ئېنىق بولۇشى ئۈچۈن ئۇلار سەندىن تولىمۇ يىراقلاپ كەتتى. شۇڭا سەن يۈز ئۆرۈش ۋە مەنپەئەتلىنەلمەسلىكتە بۇ دەرىجىدە بوپكەتكەنلەرنى ھىدايەت قىلالمايسەن.

(53) سەن توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەنلەرنى ھەق يولغا باشلىيالمايسەن، ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتقانلاردىن باشقىلارغا مەنپەئەتلىنەلەيدىغان رەۋىشتە ئاڭلىتالمايسەن. چۈنكى ئىمان ئېيتقان ئادەم سېنىڭ دېگەنلىرىڭدىن پايدىلىنالايدۇ ۋە بۇيرۇقىمىزغا بويسۇنىدۇ.

(54) ئەي ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرنى ئەرزىمەس سۇدىن ياراتتى، ئاندىن سىلەرنى ئاجىزلىقتىن كېيىن كۈچلۈك قىلدى، ئاندىن كۈچلۈكلۈكتىن ئاجىز قىلدى. ئاللاھ تائالا ئاجىزلىق ۋە كۈچلۈكلۈكتىن خالىغىنىنى يارىتىدۇ. ئۇ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇركى، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. قادىردۇركى، ئۇنى ھېچ نەرسە ئاجىز قىلالمايدۇ.

(55) قىيامەت قايىم بولغان كۈندە گۇناھكارلار قەبرىلىرىدە پەقەت ئازغىنا ۋاقىت تۇرغانلىقىغا قەسەم قىلىدۇ. ئۇلار قەبرىلىرىدە قانچىلىك تۇرغانلىقىنى بىلىشتىن بۇرۇۋېتىلگىنىدەك، دۇنيادا ھەقىقەتتىنمۇ بۇرۇۋېتىلگەن ئىدى.

(56) ئاللاھ ئىلىم ئاتا قىلغان پەيغەمبەرلەر ۋە پەرىشتىلەر: ھەقىقەتەن سىلەر ئاللاھ ئىلمى ئەزەلىيدە پۈتۈۋەتكەن مۇددەت، يەنى سىلەرنى ياراتقان كۈندىن باشلاپ تاكى سىلەر ئىنكار قىلىپ كەلگەن قايتا تىرىلىش كۈنىگە قەدەر تۇردۇڭلار. لېكىن سىلەر قايتا تىرىلىشنىڭ چوقۇم يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمەي كاپىر بولغان ئىدىڭلار، دەيدۇ.

(57) ئاللاھ تائالا پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرىدىغان كۈندە زالىملارنىڭ يالغان باھانىلىرى ئەسقاتمايدۇ، ئۇلاردىن تەۋبە قىلىپ ئاللاھنى رازى قىلىشمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ، چۈنكى تەۋبىنىڭ ۋاقتى ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتتى.

(58) ھەقىقەت باتىلدىن ئايرىلسۇن ئۈچۈن ئىنسانلارغا ھەر تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق، ئەي پەيغەمبەر! گەرچە سەن ئۇلارغا ئۆزۈڭنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت كەلتۈرسەڭمۇ، ئۇلار: ئېلىپ كەلگەن نەرسەڭلەردە پەقەت يالغانچىسىلەر، دەيدۇ.

(59) سەن مۆجىزە ئىلىپ كەلسەڭمۇ ئىشەنمەيدىغان بۇ ئادەملەرنىڭ قەلبلىرى مۇشۇنداق پېچەتلەنگەنگە ئوخشاش، ئاللاھ سەن ئېلىپ كەلگەن نەرسىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان ھەر كىمنىڭ دىللىرىنىمۇ پېچەتلىۋېتىدۇ.

(60) ئەي پەيغەمبەر! قەۋمىڭنىڭ سېنى يالغانغا چىقارغانلىقىغا سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ ساڭا نۇسرەت ئاتا قىلىپ، قۇدرەت تاپقۇزۇش ھەققىدىكى ۋەدىسى شەكسىز ھەقىقەتتۇر. قايتا تىرىلىشكە چىن پۈتمەيدىغانلار سېنى ئالدىراقسانلىققا ۋە سەۋرسىزلىككە ئېلىپ بارمىسۇن.