51 - سۈرە زارىيات ()

|

(1) ئاللاھ تائالا تۇپراقنى سورۇيدىغان شاماللار بىلەن قەسەم قىلىدۇ.

(2) مول مىقداردا سۇ ئېلىپ ماڭىدىغان بۇلۇتلار بىلەن قەسەم قىلىدۇ.

(3) دېڭىزدا ناھايىتى سىلىق ۋە يەڭگىل ماڭىدىغان كېمىلەر بىلەن قەسەم قىلىدۇ.

(4) ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىدىن تەقسىم قىلىشقا بۇيرۇغاننى تەقسىم قىلىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلىدۇ.

(5) پەرۋەردىگارىڭلار ۋەدە قىلغان ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئەلۋەتتە شەكسىز ھەقىقەتتۇر.

(6) بەندىلەردىن ھېساب ئالىدىغان ئىش قىيامەت كۈنى شەكسىز ئەمەلىيلىشىدۇ.

(7) ئاللاھ تائالا يوللىرى بار، يارىتىلىشى گۈزەل بولغان ئاسمان بىلەن قەسەم قىلىدۇ.

(8) ئەي مەككىلىكلەر! شەكسىزكى سىلەر ھەقىقەتەن بىر - بىرىگە زىت سۆزلەرنى قىلىۋاتىسىلەر، بەزىدە: قۇرئان سېھىردۇر، دەيسىلەر، بەزىدە: شېئىر، دەيسىلەر. يەنە بەزىدە: مۇھەممەد سېھىرگەر، دېسەڭلار، بەزىدە: شائىر، دەيسىلەر.

(9) ئاللاھنىڭ ئىلمىدە ھەقتىن بۇرۇۋېتىلگەن ئادەم قۇرئانغا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتىشتىن بۇرۇۋېتىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئۇنىڭ ئىمان ئېيتمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا ئۇ ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلىنمايدۇ.

(10) قۇرئان كەرىم ۋە ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرى ھەققىدە ئېغىزىغا كەلگەننى بىلجىرلايدىغان بۇ كاززاپلارغا لەنەت بولسۇن.

(11) ئۇلار جاھالەتكە چۆمگەن، ئاخىرەتتىن بىخۇتلاشقانلىقتىن ئۇنىڭغا پەرۋاسىز قارايدىغانلاردۇر.

(12) ئۇلار: بۇ جازا - مۇكاپات كۈنى قاچان دەپ سورايدۇ، ھالبۇكى ئۇلار ئۇ كۈن ئۈچۈن ئەمەل قىلمايدۇ.

(13) ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: ئۇ كۈندە ئۇلار دوزاختا ئازابلىنىدۇ، دەيدۇ.

(14) ئۇلارغا: ئازابىڭلارنى تېتىڭلار، سىلەر ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇلغان ۋاقتىڭلاردا مەسخىرە قىلىپ ئالدىراتقان ئازاب مۇشۇ شۇ، دېيىلىدۇ.

(15) شەكسىزكى پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغان كىشىلەر قىيامەت كۈنى باغ - بوستانلاردا ھۆر - پەرىلەرنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ.

(16) ئۇلار پەرۋەردىگارى بەرگەن ئېسىل مۇكاپاتلارنى قوبۇل قىلىدۇ. شەكسىزكى ئۇلار بۇ ئېسىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشىشتىن بۇرۇن دۇنيادىكى ۋاقىتلىرىدا ياخشىلىق قىلاتتى.

(17) ئۇلار كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ناماز ئوقۇيتتى، ئىنتايىن ئاز ئۇخلايتتى.

(18) ئۇلار سەھەر ۋاقىتلىرىدا گۇناھلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيتتى.

(19) كىشىلەر ئىچىدىن سائىللار ۋە (ئىپپەتلىكلىكىدىن بىر نەرسە سوراشتىن خىجىل بولىدىغان) مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن رىزىقتىن مەھرۇم قالغان موھتاجلارمۇ ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن بەھرىمەن بولالايتتى -يەنى ئۇلار موھتاجلارغا سەدىقە قىلاتتى-.

(20) زېمىندا ۋە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدا ياراتقان تاغلار، دېڭىزلار، دەريالار، دەل - دەرەخلەر، ئۆسۈملۈكلەر ۋە جانلىقلاردا ئاللاھنىڭ ھەممىنى ياراتقۇچى، شەكىل بەرگۈچى زات ئىكەنلىكىگە چىن پۈتىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىل - پاكىتلىرى بار.

(21) ئەي ئىنسانلار! سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلاردىمۇ ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرى بار. بۇلارنى كۆرۈپ، ئىبرەت ئالمامسىلەر؟

(22) ئاسماندا سىلەرنىڭ دۇنيالىق ھەم دىنىي رىزقىڭلار ھەمدە سىلەر ۋەدە قىلىنغان ساۋاب ۋە جازا بار.

(23) ئاسمان - زېمىنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، ئۆلگەندىن قايتا تىرىلىش خۇددى ئۆزۈڭلار سۆزلەۋاتقان سۆزۈڭلاردا شەك بولمىغاندەك ئەلۋەتتە شەكسىز ھەقىقەتتۇر.

(24) ئەي پەيغەمبەر! ساڭا ئىبراھىم كۈتۈۋالغان پەرىشتە مېھمانلىرىنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟

(25) ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئىبراھىمنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنىڭغا: سالام، دېدى. ئىبراھىممۇ ئۇلارنىڭ سالامىنى ئىلىك ئېلىپ: سالام، دېدى ھەمدە كۆڭلىدە: بۇلار ناتونۇش ئادەملەرغۇ، دېدى.

(26) ئىبراھىم مېھمان قىياپىتىدە كەلگەن پەرىشتىلەرنى ئىنسان دەپ ئويلاپ، ئاستاغىنە ئائىلىسىدىكلەرنىڭ قېشىغا چىقىپ، ئۇلارنىڭ يېنىدىن تولۇپ سەمرىگەن بىر موزاينىڭ (گۆشىنى پىشۇرۇپ) ئېلىپ كەلدى.

(27) ئاندىن موزاي گۆشىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ ۋەزمىن ئاھاڭدا: ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈلگەن تائامنى يېمەمسىلەر؟ دېدى.

(28) ئۇلار گۆشنى يېمىگەندىن كېيىن ئىبراھىم كۆڭلىدە ئۇلاردىن قورقتى. ئۇلار ئىبراھىمنىڭ كەيپىياتىنى سېزىپ، كۆڭلىنى تىندۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا: ئەنسىرىمىگىن، شەكسىزكى بىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرمىز، دېدى ھەمدە ئۇنىڭ كەلگۈسىدە ئىنتايىن ئىلىملىك بىر ئوغلى بولىدىغانلىقىنى، ئېيتتى. بېشارەت بېرىلگەن بۇ ئوغۇل بولسا ئىسھاق ئەلەيھىسسالام ئىدى.

(29) ئىبراھىمنىڭ ئايالى بۇ بېشارەتنى ئاڭلاپ خۇشاللىقتىن سۈرەن سالغىنىچە كەلدى، ئاندىن بۇ ئىشتىن ھەيران قىلىپ يۈزىگە كاچاتلاپ تۇرۇپ: بۇرۇندىن تۇغماس بىر قېرى مومايمۇ تۇغامدۇ؟ دېدى.

(30) پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا: بىز ساڭا بەرگەن خەۋەرنى پەرۋەردىگارىڭ دېدى، ئۇنىڭ دېگىنىنى قايتۇرغۇچى يوقتۇر. ئۇ يارىتىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ھەقىقەتەنمۇ ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچى، مەخلۇقاتلىرىنى ۋە ئۇلارغا نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.

(31) ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام پەرىشتىلەرگە: نېمىشقا كەلدىڭلار؟ نېمە قىلماقچى سىلەر؟ دېدى.

(32) پەرىشتىلەر ئىبراھىمغا جاۋابەن: ھەقىقەتەن ئاللاھ بىزنى قەبىھ گۇناھلارنى سادىر قىلىدىغان گۇناھكار بىر قەۋمنى جازالىغىلى ئەۋەتتى، دېدى.

(33) بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە لايدىن پىشۇرۇلغان تاشلارنى ياغدۇرىمىز.

(34) ئۇ تاشلارغا پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا بەلگە سېلىنغان بولۇپ، ئۇلار كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەردە ھەددىدىن ئىشىپ، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاسىلىق قىلغانلار ئۈستىگە ياغدۇرۇلىدۇ.

(35) لۇت قەۋمىنىڭ يۇرتىدا ياشايدىغان مۇئمىنلەرنى گۇناھكارلارغا كەلگەن ئازاب كېلىپ قالمىسۇن دەپ (شەھەر سىرتىغا) چىقىرىۋەتتۇق.

(36) بىز بۇ شەھەردە مۇسۇلمان ئائىلىدىن پەقەت بىرنى بايقىدۇق، ئۇ بولسىمۇ لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىدۇر.

(37) لۇت قەۋمىگە كەلگەن دەرتلىك ئازابتىن قورقىدىغان كىشىلەر ئىبرەت ئالسۇن ھەم ئۇلارنىڭ قىلغىنىنى قىلماي شۇنداق ئازابتىن قۇتۇلۇپ قالسۇن دەپ ئۇلارنىڭ يۇرتىدا بىز ئۇلارغا كەلگەن ئازابقا دالالەت قىلىدىغان ئىزلارنى قالدۇردۇق.

(38) بىزنىڭ مۇسانى پىرئەۋنگە روشەن دەلىل - پاكىتلار بىلەن ئەۋەتىشىمىزدىمۇ دەرتلىك ئازابتىن قورقىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئىبرەت بار.

(39) پىرئەۋن ئۆز كۈچىگە ھەم لەشكەرلىرىگە ئىشىنىپ ھەقتىن يۈز ئۆرۈدى. ئۇ مۇسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدە: ئۇ باشقىلارغا سېھىر قىلىدىغان بىر سېھىرگەر يا بولمىسا ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان گەپلەرنى دەيدىغان ساراڭ، دېدى.

(40) بىز ئۇنى پۈتۈن لەشكەرلىرى بىلەن قوشۇپ دېڭىزغا تاشلىدۇق. ئاندىن ئۇلار تامامەن غەرق بولۇپ تۈگەشتى. پىرئەۋن مۇسانى يالغانغا چىقىرىش ۋە ئۆزىنى ئىلاھ دەپ دەۋا قىلىش ئارقىلىق جازالىنىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلدى.

(41) دەرتلىك ئازابتىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن ھۇد قەۋمى ئادتىمۇ ئىبرەت بار. ئەينى چاغدا بىز ئۇلارغا شۇنداق بىر شامالنى ئەۋەتتۇقكى، ئۇ شامال نە يامغۇر ئېلىپ كەلمەيدۇ، نە بىر ئۆسۈملۈكنى چاڭلاشتۇرمايدۇ، ئۇنىڭدا قىلچە ياخشىلىق يوق.

(42) ئۇ بوران نە بىر ئىنسان، نە بىر مال - چارۋا ياكى باشقا ھەر قانداق نەرسىنى ساق قويمايدىغان بولۇپ، يېنىدىن ئۆتكەنلىكى نەرسىنى تىتما - تىما قىلىپ، چىرىپ كەتكەن سۆڭەكتەك قىلىۋېتىدۇ.

(43) دەرتلىك ئازابتىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن سالىھنىڭ قەۋمى سەمۇدتىمۇ ئىبرەت بار. ئەينى چاغدا ئۇلارغا: ئەجىلىڭلار توشۇشتىن بۇرۇن ھاياتىڭلاردىن بەھرىمەن بولۇۋېلىڭلار، دېيىلدى.

(44) ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقىدىن باش تارتىپ، ئىمان ئېيتىش ۋە ئىتائەت قىلىشتىن چوڭچىلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئازاب ئېلىپ كەلگەن چاقماق ھالاك قىلدى. ھالبۇكى ئۇلار ئۇنىڭ چۈشكىنىگە قاراپ تۇراتتى. ئەينى چاغدا ئۇلارغا ئۈچ كۈن بۇرۇن مۇشۇ ئازابنىڭ كېلىشى ۋەدە قىلىنغان ئىدى.

(45) ئۇلارغا ئازاب چۈشكەن چاغدا ئۆزلىرىدىن ئازابنى توسۇپ قالالمىدى، ئۇلار ئۈچۈن ئۇ ئازابنى توسۇپ قالالايدىغان بىرەر كۈچمۇ بولمىدى.

(46) بىز ھەقىقەتەن مەزكۇر قەۋملەردىن بۇرۇنمۇ نۇھنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلغان ئىدۇق. ئۇلارمۇ ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان كىشىلەر بولغاچقا، ئاللاھنىڭ ئازابىغا لايىق بولغان ئىدى.

(47) بىز ئاسماننى بىنا قىلىپ، كۈچ - قۇۋۋەت بىلەن ئۇنى ئىنتايىن پۇختا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ئۇنى ئەتراپقا كېڭەيتىپ تۇرىمىز.

(48) بىز زېمىننى ئۈستىدە تۇرىدىغانلارغا كۆرپىگە ئوخشاش يېيىپ بەردۇق. بىز ئۇنى ئۇلارغا يېيىپ بەرگەن ۋاقتىمىزدا نېمىدېگەن ياخشى يايغۇچىلارمىز!؟

(49) بىز ھەر نەرسىنى ئەركەك - چىشى، ئاسمان - زېمىن، قۇرۇقلۇق - دېڭىز دېگەندەك جۈپ قىلىپ ياراتتۇق. ئۈمىدكى سىلەر ھەر نەرسىنى جۈپ قىلىپ ياراتقان ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىكى ۋە ئۇنىڭ قۇدرىتىنى ئەسلىگەيسىلەر.

(50) ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە ئاسىيلىقنى تاشلاش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئۇنىڭ مۇكاپاتىغا قېچىڭلار. ئەي ئىنسانلار! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنى ئۇنىڭ ئازابىدىن ئوچۇق - ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن.

(51) ئاللاھقا ئۇنى قويۇپ چوقۇنىدىغان باشقا بىر مەبۇدنى شېرىك قىلماڭلار. مەن ھەقىقەتەن سىلەرنى ئۇنىڭ ئازابىدىن ئوچۇق - ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن.

(52) مەككە مۇشرىكلىرى ئىنكار قىلغانغا ئوخشاش ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرمۇ ئىنكار قىلغان ئىدى. ئۇلارغا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن قانداق بىر پەيغەمبەر كەلسە ئۇلار ئۇنى: سېھىرگەر ياكى ساراڭ دېيىشەتتى.

(53) ئىلگىرىكى كاپىرلار كېيىنكىلەرگە پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىش توغرىسىدا ۋەسىيەت قالدۇرغانمۇ؟ ياق، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئىشتا ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر.

(54) ئەي پەيغەمبەر! بۇ ئىنكارچىلاردىن يۈز ئۆرۈگىن. سەن (ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا قارىتا) مالامەتكە ئۇچرىمايسەن. چۈنكى سەن ئۇلارغا ۋەزىپەڭنى يەتكۈزدۈڭ.

(55) سېنىڭ ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىڭ ئۇلارغا ۋەز - نەسىھەت قىلىشتىن چەكلەپ قويمىسۇن. ئۇلارغا پەند - نەسىھەت قىلىپ تۇرغىن. چۈنكى ۋەز - نەسىھەت ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغانلارغا ئەسقاتىدۇ.

(56) جىنلارنى ۋە ئىنسانلارنى يالغۇز ماڭىلا ئىبادەت قىلىشلىرى ئۈچۈن ياراتتىم. مەن ئۇلارنى ماڭا شېرىك كەلتۈرسۇن دەپ ياراتمىدىم.

(57) مەن ئۇلارنىڭ رىزىق بېرىشىنىمۇ، ماڭا يېمەكلىك بېرىشىنىمۇ كۈتمەيمەن.

(58) ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىگە رىزىق ئاتا قىلغۇچىدۇر، ھەممە ئاللاھنىڭ رىزىق بېرىشىگە موھتاج. ئاللاھ ھېچ نەرسە يېڭەلمەيدىغان كۈچ - قۇۋۋەتكە ئىگىدۇر. جىنلار ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قۇۋۋىتىگە باش ئەگكۈچىلەردۇر.

(59) ئەي پەيغەمبەر! سېنى ئىنكار قىلىپ ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارغا ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى ھەمراھلىرىغا ئوخشاش ئازاب بار بولۇپ، ئۇ ئازابنىڭ مۇئەييەن ۋاقتى بار. شۇڭا ئۇلار مەندىن ۋاقتى كېلىشتىن بۇرۇن ئۇ ئازابنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلمىسۇن.

(60) ئاللاھقا كاپىر بولغان ۋە پەيغەمبەرلىرىنى يالغانغا چىقارغانلارغا ئازاب چۈشىدىغانلىقى ۋەدە قىلىنغان قىيامەت كۈنىدە ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي!.