(1) بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك سەۋەبىدىن دەرتلىك ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئۈچۈن ئەۋەتتۇق.
(2) نۇھ قەۋمىگە ئېيتتى: ئەي قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنى شۇنداق بىر ئازابتىن ئوچۇق - ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەنكى ئەگەر تەۋبە قىلمىساڭلار ئۇ ئازاب سىلەرنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ.
(3) مېنىڭ سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ دەيدىغىنىم شۇكى، يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، مەن سىلەرنى بۇيرۇغان ئىشلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
(4) ئەگەر سىلەر شۇنداق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ بەندىلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولمىغان بارلىق گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىپ، بۇ دۇنيادا ياشاش مۇددىتىڭلارنى ئاللاھنىڭ ئىلمىدە بېكىتىلگەن ۋاقىتقا قەدەر ئۇزارتىدۇ. سىلەر بۇ دۇنيادا تۇرغان مۇددەتچە يەر يۈزىنى ئاۋات قىلىسىلەر. ھەقىقەتەن ئۆلۈم كەلگەن چاغدا كېچىكتۈرۈلمەيدۇ. كاشكى سىلەر بۇنى بىلگەن بولساڭلار، ئەلۋەتتە ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشقا ۋە شېرىك ھەم ئازغۇنلۇقتىن تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىغان بولاتتىڭلار.
(5) نۇھ ئېيتتى: ئەي رەببىم! مەن ھەقىقەتەن قەۋمىمنى ساڭا قۇلچىلىق قىلىشقا ۋە سېنى بىر دەپ بىلىشكە كېچە - كۈندۈز ئىزچىل دەۋەت قىلدىم.
(6) مېنىڭ ئۇلارغا قىلغان دەۋىتىم پەقەت ئۇلارنى مەن چاقىرغان نەرسىدىن نەپرەتلەندۈرۈپ، تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇۋەتتى.
(7) مەن قاچانكى ئۇلارنى يالغۇز ساڭا قۇلچىلىق قىلىش، ساڭا ۋە سېنىڭ پەيغەمبىرىڭگە ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرىتىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشقا دەۋەت قىلسام، ئۇلار مېنىڭ دەۋىتىمنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن قۇلاقلىرىنى بارماقلىرى بىلەن ئېتىۋېلىپ، مېنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن باشلىرىنى كىيىملىرى بىلەن چۈمكىۋېلىشتى. ئۇلار شېرىك ئۈستىدە ئىزچىل تۇردى ھەمدە مەن ئۇلارنى چاقىرغان دىننى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا بويسۇنۇشتىن باش تارتتى.
(8) ئى پەرۋەردىگارىم! ئاندىن كېيىن ئۇلارنى ئاشكارا دەۋەت قىلدىم.
(9) ئاندىن كېيىن ئۇلارنى ئاشكارىمۇ دەۋەت قىلدىم، يوشۇرۇنمۇ دەۋەت قىلدىم. ئۇلارنى دەۋەت قىلىشتا تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللاندىم.
(10) ئۇلارغا: ئى قەۋمىم! پەرۋەردىگارىڭلارغا تەۋبە قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلەڭلار. ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن بەندىلىرىدىن ئۆزىگە تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، دېدىم.
(11) ئەگەر سىلەر شۇنداق قىلساڭلار، ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئېھتىياجلىق بولغىنىڭلاردا ئارقىمۇ-ئارقا يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، ئاندىن سىلەرگە قەھەتچىلىك يەتمەيدۇ.
(12) ئاللاھ سىلەرگە كۆپلەپ مال - مۈلۈك ۋە بالا - چاقىلارنى ئاتا قىلىدۇ. سىلەرگە باغ - بوستانلارنى ئاتا قىلىدۇ، ئۇنىڭ مېۋىلىرىدىن يەيسىلەر. ئۆستەڭلەرنى ئاتا قىلىدۇ، ئۇنىڭ سۈيىدىن ئىچىسىلەر، زىرائەتلىرىڭلارنى ۋە مال - چارۋىلىرىڭلارنى سۇغىرىسىلەر.
(13) ئەي قەۋمىم! سىلەرگە نېمە بولدى؟ ئاللاھقا پەرۋاسىزلارچە ئاسىيلىق قىلغان ۋاقتىڭلاردا ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن ئەيمەنمەمسىلەر؟
(14) ھەقىقەتەن ئاللاھ سىلەرنى ئىسپىرمىلىق ھالىتى، ئۇيۇل قان ھالىتى، بىر چاينام گۆش ھالىتى قاتارلىق باسقۇچلارغا بۆلۈپ ياراتتى.
(15) سىلەر ئاللاھ تائالانىڭ يەتتە قات ئاسماننى بىر - بىرىنىڭ ئۈستىدە قانداق ياراتقانلىقىنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟
(16) ئاللاھ ئاينى دۇنيا ئاسمىنىدا زېمىن ئەھلى ئۈچۈن نۇر قىلدى، قۇياشنى نۇر چاچىدىغان چىراق قىلدى.
(17) ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى تۇپراقتىن يارىتىش ئارقىلىق سىلەرنى زېمىندىن ياراتتى. ئاندىن سىلەر شۇ تۇپراق سىلەرگە ئۆستۈرۈپ بەرگەن نېئمەتلەردىن غىزالىنىۋاتىسىلەر.
(18) ئاندىن ئاللاھ سىلەرنى ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن يەنە شۇ تۇپراققا قايتۇرىدۇ، ئاندىن يەنە شۇ تۇپراقتىن قايتا تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن چىقىرىدۇ.
(19) يەرلىشىشكە قولاي بولسۇن ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى يېيىپ بەردى.
(20) ھالال كەسىپ قىلىشقا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن زېمىندا كەڭرى يوللارنى قىلدى.
(21) نۇھ ئېيتتى: ئەي رەببىم! ھەقىقەتەن مېنىڭ قەۋمىم سېنى بىر دەپ بىلىش ۋە يالغۇز ساڭىلا قۇلچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت مەن ئۇلارنى بۇيرۇغان ئىشتا ماڭا ئاسىيلىق قىلىپ، ئۆزلىرىدىن بۇرۇنقىلارغا ئەگەشتى. سەن ئۇلارنىڭ كاتتىلىرىغا مال - دۇنيا ۋە بالا - چاقا ئىنئام قىلغان ئىدىڭ. سېنىڭ ئۇلارغا قىلغان ئىنئاملىرىڭ ئۇلارنىڭ گۇمراھلىقىنى تېخىمۇ زىيادە قىلىۋەتتى.
(22) ئۇلارنىڭ كاتتىۋاشلىرى ئۆز ئارىسىدىكى ئەقىلسىزلەرنى نۇھقا ئەزىيەت يەتكۈزۈشكە كۈشكۈرتۈپ چوڭ ھىيلە - مىكىر ئىشلەتتى.
(23) ئۇلار ئەگەشكۈچىلىرىگە: مەبۇدلىرىڭلارغا چوقۇنۇشنى تەرك ئەتمەڭلار، يەنى ۋەد، سۇۋائ، يەغۇس، يەئۇق ۋە نەسردىن ئىبارەت بۇتلىرىڭلارغا چوقۇنۇشنى ھەرگىز تاشلىماڭلار، دېدى.
(24) ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ مەبۇدلىرى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى. ئى پەرۋەردىگارىم! كۇپۇرلۇق ۋە ئاسىيلىقتا چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارنى پەقەت ھەقىقەتتىن تېخىمۇ ئازدۇرۇۋەتكىن.
(25) ئۇلار سادىر قىلغان خاتالىقلىرى تۈپەيلىدىن دۇنيادا توپان بىلەن غەرق قىلىندى. ئۆلگەندىن كېيىن ئۇدۇل دوزاخقا كىرگۈزىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى سۇغا غەرق بولۇشتىن ۋە دوزاخ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ياردەمچى تاپالمايدۇ.
(26) ئاللاھ تائالا نۇھقا ئۇنىڭ قەۋمىدىن (مۇشۇ چاغقىچە) ئىمان ئېيتقانلاردىن باشقىلارنىڭ ئىمان ئېيتمايدىغانلىقىنى ئېيتقاندا نۇھ ئېيتتى: ئى پەرۋەردىگارىم! يەر يۈزىدە مىدىرلاپ يۈرىدىغان كاپىرلاردىن بىرىنىمۇ قويمىغىن.
(27) پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر ئۇلارنى ساق قويۇپ، مۆھلەت بەرسەڭ، ئۇلار سېنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلاردىن دۇنياغا كەلگەن ئەۋلادلار ساڭا ئىتائەت قىلمايدىغان پاجىر ۋە سېنىڭ نېئمەتلىرىڭگە شۈكرى قىلمايدىغان ئەشەددىي كاپىر بولىدۇ.
(28) پەرۋەردىگارىم! مېنىڭ ۋە ئاتا - ئانامنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغىن، مېنىڭ ئۆيۈمگە مۇئمىن بولۇپ كىرگەنلەرنىڭ ھەمدە بارلىق مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغىن. كۇپۇرلۇق ۋە ئاسىيلىق بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارغا پەقەت ھالاكەت ۋە زىيانكارلىقنى زىيادە قىلغىن.