81 - سۈرە تەكۋىر ()

|

(1) قۇياشنىڭ جىسمى يىغىلىپ، نۇرى ئۆچكەن چاغدا،

(2) يۇلتۇزلار تۆكۈلۈپ، نۇرى ئۆچكەن چاغدا،

(3) تاغلار ئۆز ئورنىدىن قوزغىتىلغان چاغدا،

(4) قىيامەت بولىدىغان ۋاقىتتا ئىگىلىرى ئالاھىدە پەخىر قىلىدىغان ئېسىل بوغاز تۆگىلەرمۇ سەل قارىلىپ تاشلىنىدۇ .

(5) ياۋايى ھايۋانلار ئىنسانلار بىلەن بىر يەرگە توپلانغان چاغدا،

(6) دېڭىزلار ئوت بولۇپ يانغان چاغدا.

(7) جانلار ئۆز قاياشلىرىغا قوشۇلۇپ، پاجىر پاجىر بىلەن، تەقۋادار تەقۋادار بىلەن بىر يەرگە كەلگەن چاغدا.

(8) تىرىك پېتى كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن ئاللاھ: سېنى ئۆلتۈرگەنلەر قايسى گۇناھىڭ ئۈچۈن ئۆلتۈردى؟ دەپ سورىغان چاغدا.

(9) تىرىك پېتى كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن ئاللاھ: سېنى ئۆلتۈرگەنلەر قايسى گۇناھىڭ ئۈچۈن ئۆلتۈردى؟ دەپ سورىغان چاغدا.

(10) ھەر كىم ئۆزىنىڭ نامە - ئەمەللىرىنى ئوقۇسۇن ئۈچۈن بەندىلەرنىڭ نامە - ئەمەل دەپتەرلىرى ئېچىلغان چاغدا.

(11) ئاسمان قوينىڭ تېرىسى سويۇلغاندەك سويۇپ ئېچىلغان چاغدا.

(12) دوزاخقا ئوت يېقىلغان چاغدا.

(13) جەننەت تەقۋادارلارغا يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا.

(14) مۇشۇ ئىشلار يۈز بەرگەن چاغدا ھەر كىم ئاشۇ كۈن ئۈچۈن ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنى بىلىدۇ.

(15) ئاللاھ تائالا كېچىدە چىقىشتىن بۇرۇن يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلدى.

(16) ئۇلار تاڭ ئاتقان چاغدا خۇددى كېيىكلەر ئۇۋىلىرىغا كىرگىنىگە ئوخشاش غائىب بولىدىغان ئوربىتلىرىدا ماڭغۇچى يۇلتۇزلاردۇر.

(17) كېلىش ئالدىدا تۇرغان كېچىنىڭ ئەۋۋىلى بىلەن، كېتىش ئالدىدا تۇرغان كېچىنىڭ ئاخىرى بىلەن قەسەم قىلىمەن.

(18) نۇر چېچىشقا باشلىغان تاڭ بىلەن قەسەم قىلىمەن.

(19) شەكسىزكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ كالامىدۇركى، ئۇنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىشەنچلىك پەرىشتە جىبرىئىل يەتكۈزدى، ئۇنىڭغا ئاللاھمۇ ئىشەنچ قىلىدۇ.

(20) ئۇ كۈچلۈكتۇر، ئەرشنىڭ رەببىنىڭ دەرگاھىدا كاتتا مەرتىۋىگە ئىگىدۇر.

(21) ئاسماندىكىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ۋەھىي يەتكۈزۈشتە ئىشەنچلىكتۇر.

(22) سىلەر ئەقللىقلىقىنى، ئامانەتچانلىقىنى ۋە راستچىللىقىنى بىلىدىغان ھەمراھىڭلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سىلەر يالغاندىن بىلجىرلىغاندەك مەجنۇن ئەمەس.

(23) ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن ئەسلى يارىتىلغان قىياپىتىدە روشەن ئۇپۇقتا كۆردى.

(24) ئۇ سىلەرگە يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغان نەرسىنى يەتكۈزۈشكە بېخىللىق قىلىدىغان بېخىل ئەمەس ھەمدە كاھىنلارغا ئوخشاش ھەق ئالمايدۇ.

(25) بۇ قۇرئان ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەس.

(26) مۇشۇنچىۋالا دەلىل - پاكىتلاردىن كېيىنمۇ يەنە قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەنلىكىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن قايسى ئۇسۇلنى قوللىنىۋاتىسىلەر؟

(27) قۇرئان كەرىم پەقەت ئىنسانلار ۋە جىنلارغا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە نېئمەتلىرىنى) ئەسلىتىش ھەم ۋەز - نەسىھەتتۇر.

(28) ئاراڭلاردىن كىمكى ھەق يولىدا مېڭىشنى خالىغانلار ئۈچۈن نەسىھەتتۇر.

(29) سىلەر مەيلى توغرا يولدا بولۇش، مەيلى باشقا ئىشلار بولسۇن، پەقەت پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ شۇنداق بولۇشىنى خالىغاندىلا ئاندىن سىلەر خالايسىلەر.