52 - سۈرە تۇر ()

|

(1) ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا سۆز قىلغان تاغ بىلەن قەسەم قىلدى.

(2) ئوچۇق قەغەزگە يېزىلغان قۇرئان بىلەن قەسەم قىلدى.

(3) ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئوخشاش ئوچۇق قەغەزگە يېزىلغان قۇرئان بىلەن قەسەم قىلدى.

(4) پەرىشتىلەر ئاسماندا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش بىلەن ئاۋاتلاشتۇرۇۋاتقان ئۆي بىلەن قەسەم قىلدى.

(5) زېمىننىڭ ئۆگزىسىدىن ئىبارەت يۈكسەك ئاسمان بىلەن قەسەم قىلدى.

(6) سۈيى لىق بولغان دېڭىز بىلەن قەسەم قىلدى.

(7) ئەي پەيغەمبەر! ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئازابى كاپىرلارغا چوقۇم كېلىدۇ.

(8) ئۇلاردىن ئۇ ئازابنى توسۇپ قالالايدىغان ۋە ئۇلارغا كېلىشىنى چەكلەپ قالالايدىغان ھېچكىم يوق.

(9) ئۇ كۈندە ئاسمان قىيامەتنىڭ بولغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قاتتىق تەۋرەپ، تىترەيدۇ.

(10) تاغلار ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىپ كېتىدۇ.

(11) ئۇ كۈندە ئاللاھ كاپىرلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!

(12) ئۇلار يالغان - ياۋىداققا پاتقانلار بولۇپ، ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىپ قەبرىلىرىدىن چىقىپ، توپلىنىدىغانلىقىغا پەرۋا قىلماي ئويۇن - تاماشا قىلىدۇ.

(13) ئۇلار ئۇ كۈندە جەھەننەمنىڭ ئوتىغا قوپاللىق بىلەن قاتتىق ئىتتىرىلىدۇ.

(14) ئۇلارغا ئەيىبلەش يۈزىسىدىن: پەيغەمبەرلىرىڭلار سىلەرنى قورقۇتقان چاغدا سىلەر ئىنكار قىلغان دوزاخ مانا مۇشۇ، دېيىلىدۇ.

(15) سىلەر ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگەن بۇ ئازاب سېھىرمۇ؟ ياكى سىلەر ئۇنى ئوچۇق كۆرمەيۋاتامسىلەر؟

(16) بۇ دوزاخنىڭ ھارارىتىنى تېتىپ، ئازابنى ھېس قىلىپ بېقىڭلار. ئۇنىڭ ھارارىتىنىڭ جاپاسىغا بەرداشلىق بېرىڭلار ياكى بەرمەڭلار بەرىبىر ئوخشاش. بۈگۈن سىلەر پەقەت دۇنيادا قىلغان كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرىڭلارغا قارىتا جازاغا تارتىلىسىلەر.

(17) ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق تەقۋادار بولغانلار جەننەتلەردە ۋە ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان كاتتا نېئمەتلەر ئىچىدە بولىدۇ.

(18) ئۇلار ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان يېمەك - ئىچمەك ۋە جىنسىي تۇرمۇش قاتارلىق نېئمەتلەردىن ھۇزۇرلىنىدۇ. پەرۋەردىگارى ئۇلارنى دوزاخنىڭ ئازابىدىن خالاس قىلىدۇ. نەتىجىدە ئۇلار ئارزۇ قىلغان ھۇزۇر - ھالاۋەتكە ئېرىشىپ، كۆڭۈلسىزلىكلەردىن قۇتۇلىدۇ.

(19) ئۇلارغا: كۆڭلۈڭلار تارتقاننى ھۇزۇرلىنىپ يەپ - ئىچىڭلار، يەپ - ئىچكەنلىرىڭلارنىڭ زىيان قىپ قېلىشىدىن ياكى بىئارام قىلىشىدىن ئەنسىرىمەڭلار. بۇ سىلەرنىڭ دۇنيادىكى ياخشى ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر، دېيىلىدۇ.

(20) ئۇلار قاتار تىزىلغان، چىرايلىق بېزەلگەن كارىۋاتلارغا يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ. بىز ئۇلارغا بەدەنلىرى ئاپئاق، شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەرنى جۈپلەپ بېرىمىز.

(21) ئۆزلىرى ئىمان ئېيتقان ۋە ئەۋلادلىرىمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرنىڭ خۇرسەن بولۇشلىرى ئۈچۈن، ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمەللىرى ئۇلارنىڭ دەرىجىسىگە يەتمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇلار بىلەن جەم قىلىمىز. ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتىدىن قىلچە كېمەيتىۋەتمەيمىز. ھەر كىم ئۆزى قىلغان ناچار قىلمىشىغا مەسئۇل بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەمىلىدىن ھېچ نەرسىنى باشقا بىرى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ.

(22) بىز ئاشۇ جەننەت ئەھلىنى تۈرلۈك مېۋىلەر بىلەن، كۆڭلى تارتقان ھەر قانداق گۆش بىلەن تەمىنلەپ تۇرىمىز.

(23) ئۇلار جەننەتتە بىر - بىرىگە (مەي تولدۇرۇلغان) جاملارنى تۇتۇشىدۇ. ئۇلار ئۇ مەيلەرنى ئىچسە، مەستلىك تۈپەيلىدىن ئۇلاردىن دۇنيادىكىدەك بىكار گەپ ۋە گۇناھ سادىر بولمايدۇ.

(24) ئۇلارنى خىزمىتىگە سېلىنغان خىزمەتكارلار ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇ خىزمەتكارلار تېرىلىرىنىڭ سۈزۈكلۈكى ھەم ئاقلىقىدا گوياكى سەدەپ ئىچىدىكى مەرۋايىتقا ئوخشايدۇ.

(25) جەننەت ئەھلى ئۆزئارا قارىشىپ ئولتۇرۇپ، بىر - بىرىدىن دۇنيادىكى ئەھۋالى توغرىلىق سورىشىدۇ.

(26) ئۇلار بىر - بىرىگە جاۋابەن ئېيتىدۇ: بىز دۇنيادا بالا - چاقىلىرىمىز بىلەن ياشىغان ۋاقتىمىزدا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھەقىقەتەن قورقاتتۇق.

(27) ئاللاھ ئىسلامغا ھىدايەت قىلىش ئارقىلىق بىزگە ياخشىلىق قىلدى ۋە بىزنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئازابتىن ساقلاپ قالدى.

(28) بىز ھەقىقەتەن دۇنيادا ئاللاھقا ئىبادەت قىلاتتۇق، دوزاخ ئازابىدىن ساقلىشىنى تىلەپ ئاللاھقا دۇئا قىلاتتۇق. ئاللاھ بەندىلىرىگە قىلغان ۋەدىسىدە راستچىل ھەم بەندىلىرىگە ئېھسان بىلەن مۇئامىلە قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا رەھىمدىلدۇر. بىزنى ئىمانغا ھىدايەت قىلىپ، جەننەتكە كىرگۈزۈپ، دوزاختىن يىراق قىلغانلىقىمۇ ئۇنىڭ بىزگە قىلغان ياخشىلىقى ۋە مەرھەمىتىدىندۇر.

(29) ئەي پەيغەمبەر! قۇرئان بىلەن ۋەز - نەسىھەت قىلغىن. ئاللاھنىڭ ساڭا ئىمان ۋە ئەقىل ئىنئام قىلغانلىقى بىلەن جىندىن كارامەت كۆرگەنلىكىڭنى دەۋا قىلىدىغان كاھىن ئەمەس، ساراڭمۇ ئەمەسسەن.

(30) ياكى بۇ ئىنكارچىلار: ھەقىقەتن مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەمەس، ئەكسىچە ئۇ بىر شائىردۇر. ئۇ ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭدىن بىراقلا قۇتۇلۇشنى كۈتۈۋاتىمىز، دەمدۇ؟

(31) ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، سىلەر مېنىڭ ئۆلۈمۈمنى كۈتۈڭلار. مەنمۇ سىلەرنىڭ مېنى ئىنكار قىلغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەرگە كېلىدىغان ئازابنى كۈتىمەن.

(32) ئۇلارنىڭ ئەقىللىرى ئۇلارنى: مۇھەممەد ھەقىقەتەن بىر كاھىن ياكى ساراڭدۇر، دېيىشكە بۇيرۇمدۇ؟ ئۇلارھېچكىمدە بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولمايدىغان ئىككى سۈپەتنى جۇغلايدۇ. بەلكى ئۇلار چەكتىن ئاشقان قەۋمدۇركى، نە شەرىئەتكە، نە ئەقىلگە مۇراجىئەت قىلمايدۇ.

(33) ياكى ئۇلار: مۇھەممەد بۇ قۇرئاننى ئۆزى توقۇپ چىققان، قۇرئان ئۇنىڭغا ۋەھىي قىلىنغىنى يوق، دەمدۇ؟ ئەمەلىيەتتە مۇھەممەد ئۇنى توقۇۋالغىنى يوق. ئەكسىچە ئۇلار ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشتىن چوڭچىلىق قىلىپ: ئۇنى مۇھەممەد ئۆزى توقۇغان، دېيىشىدۇ.

(34) ئەگەر قۇرئان توقۇلما بولۇپ، ئۇلار قۇرئاننى مەھەممەد توقۇدى، دېگەن دەۋاسىدا راستچىل بولسا، شۇ قۇرئانغا ئوخشاش (توقۇلما) سۆزنى كەلتۈرۈپ باقسۇن.

(35) ئۇلار ئۆزلىرىنى ياراتقان ھېچقانداق ياراتقۇچىسىز يارىلىپ قالدىمۇ ياكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ياراتقۇچىسىمۇ؟ ھېچبىر مەخلۇقنىڭ ياراتقۇچىسىز بارلىققا كېلىشى مۇمكىن ئەمەس، ھېچبىر مەخلۇق ياراتقۇچىمۇ ئەمەس. ئۇنداق بولغانىكەن، نېمىشقا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ياراتقۇچىسىغا ئىبادەت قىلمايدۇ؟

(36) ياكى ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانمۇ؟ ئۇنداق ئىش يوق. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ياراتقۇچىسى ئىكەنلىكىگە چىن پۈتمەيدۇ. ئەگەر ئۇلار بۇنىڭغا چىن پۈتكەن بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئاللاھنى يەككە - يېگانە دەپ بىلىپ، ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان بولاتتى.

(37) ياكى ئۇلارنىڭ يېنىدا پەرۋەردىگارىڭنىڭ رىزىق خەزىنىلىرى بولۇپ، ئۆزلىرى خالىغان كىشىگە رىزىق ھەم پەيغەمبەرلىكنى بېرىپ، خالىغان كىشىگە بەرمەيۋاتامدۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خاھىشى بويىچە باشقۇرالايدىغان ھۆكۈمرانلارمۇ؟

(38) ياكى ئۇلارنىڭ ئاسمانغا چىقالايدىغان شوتىسى بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەت ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىنى تىڭشامدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاشۇنداق ۋەھىينى تىڭشىغانلار بولسا، سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنى زادى ھەقىقەت ئۈستىدە دېگەن دەۋايىڭلاردا راستچىل ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلايدىغان روشەن دەلىل - پاكىت كەلتۈرۈپ باقسۇنچۇ!؟

(39) ياكى سىلەر ئۆچ كۆرىدىغان قىزلار ئاللاھقا، ئۆزۈڭلار ياخشى كۆرىدىغان ئوغۇللار سىلەرگە تەئەللۇقمۇ؟

(40) ئەي پەيغەمبەر! ياكى سەن ئۇلاردىن پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن تاپشۇرۇلغان ۋەزىپەڭنى يەتكۈزگەنلىكىڭگە ھەق تەلەپ قىلىپ، شۇ سەۋەبلىك ئۇلارغا كۆتۈرۈپ بولالمىغۇدەك يۈك ئارتىلىپ قالدىمۇ؟

(41) ياكى ئۇلارنىڭ يېنىدا غەيبنىڭ ئىلمى بولۇپ، ئىنسانلارغا ئۆزلىرى خەۋەردار بولغان غەيبلەرنى يېزىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرى خالىغان ئىشتىن خەۋەردار قىلىۋاتامدۇ؟

(42) ياكى ئۇ ئىنكارچىلار ساڭا ۋە سېنىڭ دىنىڭغا سۇيىقەست قىلماقچىمۇ؟ ھاسىل كالام، سەن ئاللاھقا ئىشەنچ باغلىغىن. ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە كاپىر بولغانلارنىڭ سۇيىقەستى بەربات بولىدۇ، سەن ئەمەس.

(43) ياكى ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي مەبۇدى بارمۇ؟ ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ چاپلىغان شېرىكلىرىدىن پاك ھەم مۇقەددەستۇر. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىشلارنىڭ ھېچبىرى يۈز بەرگىنى يوق، ئۇنداق بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلىمۇ بولمايدۇ.

(44) ئەگەر ئۇلار ئاسماندىن بىر پارچىنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى كۆرسە: بۇ ئادەتتىكىگە ئوخشاش بىر - بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن بۇلۇتتۇر دەپ، پەند - نەسىھەت ئالمايدۇ ھەم ئىمان ئېيتمايدۇ.

(45) ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنى تاكى ئازابقا دۇچار بولىدىغان قىيامەت كۈنىگە ئۇچراشقانغا قەدەر ئۆزلىرىنىڭ تەرسالىقى ۋە ئىنكارچىلىقىدا قويغىن.

(46) ئۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرى ھېچ نېمىگە ئەسقاتمايدۇ، ئازابتىن قۇتقۇزۇلۇش ئارقىلىق ياردەمگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ.

(47) شەكسىزكى شېرىك كەلتۈرۈش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارغا ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن بۇرۇنمۇ ئازاب بار. يەنى دۇنيادا ئۆلتۈرۈلۈش ۋە ئەسىرگە چۈشۈش بىلەن، بەرزەختە قەبرە ئازابى بىلەن ئازابلىنىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇنى بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار كۇپرىسىدا ئىزچىل تۇرىدۇ.

(48) ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭنىڭ تەقدىرىگە ۋە ئۇنىڭ شەرئىي ھۆكمىگە سەۋرچان بولغىن. چۈنكى سەن بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋە ھىمايىمىزدە سەن. ئۇيقۇڭدىن ئويغانغىنىڭدا پەرۋەردىگارىڭغا ھەمدۇسانا ئېيتىش ئارقىلىق تەسبىھ ئېيتقىن.

(49) كېچىدىمۇ پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، يۇلتۇزلار پاتقاندىن كېيىن تاڭ يورۇغاندا بامدات نامىزىنى ئوقۇغىن.