104 - سۈرە ھۈمەزە ()

|

(1) باشقىلارنىڭ كۆپ غەيۋىتىنى قىلىدىغان ھەمدە ئۇلارغا تەنە قىلىدىغانلارغا ۋاي ۋە قاتتىق ئازاب بولسۇن!

(2) بۇنداق ئادەمنىڭ پۈتكۈل غېمى مال توپلاش ۋە ھېسابلاش بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا غېمى بولمايدۇ.

(3) ئۇ جۇغلىغان مېلى ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرىدۇ، دۇنيا تىرىكچىلىكىدە مەڭگۈ قالىدۇ، دەپ ئويلايدۇ.

(4) ئەمەلىيەت بۇ نادان خىيال قىلغاندەك ئەمەس، ئۇ چوقۇم ھارارىتىنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن تاشلانغانلىكى نەرسىنى ئېزىپ، كۇكۇم - تالقان قىلىۋېتىدىغان جەھەننەمنىڭ ئوتىغا تاشلىنىدۇ.

(5) ئەي پەيغەمبەر! تاشلانغان ھەر قانداق نەرسىنى كۇكۇم - تالقان قىلىۋېتىدىغان بۇ ئوتنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟

(6) شەكسىزكى ئۇ ئاللاھنىڭ لاۋۇلداپ كۆيۈپ تۇرىدىغان ئوتىدۇر.

(7) ئۇ ئىنسانلارنىڭ بەدەنلىرىنى تېشىپ، يۈرىكىگە قەدەر يېتىپ بارىدۇ.

(8) شەكسىزكى ئازابلانغۇچىلار جەھەننەمگە سولىنىدۇ.

(9) ئۇلار ئېگىز تۈۋرۈكلەرگە باغلانغان بولۇپ، دوزاختىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ.