(1) قۇرەيشلەر ئادەتلىنىپ، كۆنۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن،
(2) قىشتا يەمەنگە، يازدا شامغا قىلغان سەپەرلىرىدە خاتىرجەملىككە ئېرىشكەنلىكلىرى ئۈچۈن،
(3) ئۇلارنىڭ مۇشۇ سەپەرلىرىنى قولايلاشتۇرۇپ بېرىۋاتقان مۇشۇ ھۆرمەتلىك ئۆينىڭ رەببى يېگانە ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلسۇنكى، ئۇنىڭغا ھېچكىمنى شېرىك قىلمىسۇن!
(4) ئۇ زات پۈتۈن ئەرەبلەرنىڭ دىللىرىغا ھەرەمنى ۋە ھەرەم ئاھالىسىنى ئۇلۇغلاشنى ئىلھام قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئاچلىقتا ئۇزۇقلاندۇردى، قورقۇنچتىن خاتىرجەم قىلدى.