(1) ئەي پەيغەمبەر! سېنىڭ دىنىڭغا ئاللاھنىڭ ياردىمى كېلىپ، دىنىڭنى كۈچەيتكەن ھەمدە مەككىنىڭ پەتھىسى ئەمەلىيلەشكەن چاغدا،
(2) كىشىلەرنىڭ توپ - توپ بولۇپ ئىسلامغا كىرگەنلىكىنى كۆرگىنىڭدە،
(3) بىلگىنكى، بۇ سېنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلىشىڭگە سەۋەب بولغان ۋەزىپەڭنىڭ ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغانلىقىنىڭ بېشارىتىدۇر. (بۇ چاغدا) پەرۋەردىگارىڭنىڭ ياردەم ۋە پەتھى نېئمەتلىرىگە شۈكرى قىلىش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا ھەمدى ئېيتىش بىلەن بىرگە تەسبىھ ئېيتقىن، ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلىگىن. شەكسىزكى ئۇ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇركى، بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ.