(1) ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئىنسانلارنىڭ رەببىنىڭ پاناھىغا سىغىنىمەن.
(2) ئىنسانلارنىڭ پادىشاھىغا سىغىنىمەنكى، ئۇ ئۇلارنى ئۆزى خالىغىنىچە باشقۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا پادىشاھى يوقتۇر.
(3) ئىنسانلارنىڭ ھەقىقىي مەبۇدىغا سىغىنىمەنكى، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي مەبۇدى يوقتۇر.
(4) ئىنسان ئاللاھنىڭ زىكرىدىن بىخۇتلىشىپ، ئاللاھ ئەسلىتىلسە ئۇنىڭغا سەل قارىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ دىلىغا ۋەسۋەسە قىلىدىغان شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاللاھقا سىغىنىمەن.
(5) شەيتان ئىنسانلارنىڭ دىللىرىغا ۋەسۋەسە قىلىدۇ.
(6) شەيتان جىنلاردىن بولغىنىغا ئوخشاش ئىنسانلاردىنمۇ بولىدۇ.