(1) ئەلىف، لام، مىيم، رائ. بۇ خىلدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلار ھەققىدە بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا تەپسىلىي مەلۇماتلار ئۆتتى. ئەي پەيغەمبەر! بۇ سۈرىدىكى مۇشۇنداق يۈكسەك مۆجىزىلەر ۋە ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان شەكسىز ھەقىقەتتۇركى، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەنلىكىدە شەك يوق. لېكىن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى تەرسالىق ۋە تەكەببۇرلۇقىدىن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتمايدۇ.
(2) ئاللاھ تائالا سىلەر كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان ئاسمانلارنى ئىنتايىن يۈكسەك ھالەتتە، تۈۋرۈكسىز ياراتتى. ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدىكى، ئاللاھنىڭ قارار ئېلىشىنىڭ نە سۈپىتىنى بىلگىلى بولسۇن، نە ئۇنى بىر نەرسىگە ئوخشاتقىلى بولسۇن. قۇياشنى ۋە ئاينى مەخلۇقاتلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بويسۇندۇرۇپ بەردى. قۇياش ۋە ئاينىڭ ھەر بىرى ئاللاھنىڭ ئىلمىدە بېكىتىلگەن ۋاقىتقىچە توختىماي مېڭىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئىشلارنى ئۆزى خالىغانچە باشقۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىڭلار بىلەن ئۇچرىشىشقا ئىشىنىپ، ئۇ كۈن ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىۋېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىپ ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدىغان ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ.
(3) ئاللاھ تائالا زېمىننى يايدى ۋە كىشىلەرنى تەۋرىتىپ قويماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدا مۇستەھكەم تاغلارنى ياراتتى. خۇددى ھايۋانلارنى ئەركەك-چىشى قىلىپ ياراتقاندەك، ھەر تۈرلۈك مىۋېلەرنىمۇ جۈپ-جۈپ ياراتتى. ئۇ كېچىنى كۈندۈزگە كىيگۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۈندۈز يورۇق بولغاندىن كېيىن قاراڭغۇ بولىدۇ. شەكسىزكى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىشلاردا ئاللاھنىڭ ياراتقانلىرى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ، چوڭقۇر ئويلىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە دەلىل - پاكىتلار بار بولۇپ، بۇ دەلىل - پاكىتلاردىن ئاشۇ كىشىلەر مەنپەئەت ئالىدۇ.
(4) زېمىندا بىر-بىرىگە يېقىن قىتئەلەر بار بولۇپ، ئۇلاردا ئۈزۈملۈك باغلار، ئېكىنلەر، بىر تۈپ ئۈستىدە كۆپ شاخلىرى بولغان ۋە بىر تۈپتە بىردىن شېخى بولغان خورمىلار بار. بۇ باغلار ۋە زىرائەتلەر ئوخشاش سۇدا سۇغۇرۇلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز-ئارا يانداش تىكىلگەن ھەمدە بىر خىل سۇدا سۇغۇرۇلغان تۇرۇپمۇ بىز ئۇلارنى تەمدە ۋە باشقا پايدىلىق تەرەپلەردە بىر-بىرىدىن پەرقلىق قىلىمىز. شەكسىزكى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلاردا ئەقىل ئىشلىتىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە دەلىل - پاكىتلار بار. چۈنكى بۇلار مۇشۇلاردىن ئىبرەت ئالىدىغان كىشىلەردۇر.
(5) ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر بىرەر نەرسىدىن ئەجەبلىنىدىغان بولساڭ، ئۇلارنىڭ ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىشنى ئىنكار قىلغانلىقىدىن ھەمدە «بىز ئۆلۈپ توپىغا ئايلىنىپ، سۆڭەكلىرىمىز چىرىپ كەتكەندىن كېيىن قەبرىلىرىمىزدىن چىقىرىلىپ، تىرىك ھالىتىمىزگە قايتۇرۇلامدۇق؟ دېگەننى ئۆزلىرىنىڭ ئىنكارىغا باھانە قىلغانلىرىدىن ئەجەبلەنسەڭ بولىدۇ. ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىشنى ئىنكار قىلغان ئەنە شۇ كىشىلەر پەرۋەردىگارىغا كاپىر بولغانلار بولۇپ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆلۈكلەرنى تىرگۈزۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىشتى. قىيامەت كۈنى ئەنە شۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئوتتىن زەنجىرلەر سېلىنىدۇ، ئەنە شۇلار دوزاخنىڭ مەھكۇملىرى بولۇپ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلار يوق بولۇپ كېتەلمەيدۇ، ئۇلاردىن ئازابمۇ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.
(6) ئەي پەيغەمبەر! مۇشرىكلار سەندىن ئازابنى تېز چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلار ئاللاھ تائالا ئالدىن بېكىتكەن نېئمەتلەردىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشتىن بۇرۇن ئازابنى كېچىكىپ كەتتى، دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلاردىن ئىلگىرى شۇلارغا ئوخشاش ئىنكارچى ئۈممەتلەرگە ئازاب كەلگەن ئىدى. ئۇلار نېمىشقا بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالمايدۇ؟. ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى پەرۋەردىگارىڭ ئىنسانلار ھەددىدىن ئىشىپ تۇرسىمۇ ئۇلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، ئۇلارنى تەۋبە قىلىۋالسۇن دەپ جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ. شەكسىزكى كۇپرىسىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلار تەۋبە قىلمىسا ئاللاھنىڭ جازاسى ئەلۋەتتە قاتتىقتۇر.
(7) ئاللاھقا كاپىر بولغانلار تەرسالىق قىلىپ، تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ: مۇسا ۋە ئىيساغا چۈشۈرۈلگىنىگە ئوخشاش، نېمىشقا مۇھەممەدكىمۇ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بىرەر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى، دەيدۇ. ئەي پەيغەمبەر! سەن پەقەت كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدىغان ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن. سېنىڭ ئاللاھ ساڭا بەرگەندىن باشقا مۆجىزىلەرنى كەلتۈرۈش قولۇڭدىن كەلمەيدۇ. ھەر بىر قەۋمنىڭ توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان ۋە ئۇنى كۆرسىتىپ قويىدىغان بىر پەيغەمبىرى بار.
(8) ئاللاھ ھەر بىر ھامىلدارنىڭ قورسىقىدىكىنى بىلىدۇ، ئۇنىڭدىكى ھەر بىر نەرسىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ بالىياتقۇلاردا بولىدىغان كېمىيىش، كېڭىيىش، ساقلىق ۋە كېسەللىكلەرنىمۇ بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھەر نەرسىگە مەلۇم ئۆلچەم بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئېشىپمۇ كەتمەيدۇ، كېمىيىپمۇ كەتمەيدۇ.
(9) چۈنكى ئاللاھ تائالا پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىدىن مەخپىي بولغان نەرسىلەرنىمۇ ۋە ئۇلار ھېس قىلالايدىغان نەرسىلەرنىمۇ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ سۈپەتلىرى، ئىسىملىرى ۋە ئىشلىرىدا بۈيۈك زاتتۇر. ئاللاھ ئۆز زاتى ۋە سۈپەتلىرى بىلەن ھەر قانداق مەخلۇقاتلىرىدىن ئۈستۈندۇر.
(10) ئاللاھ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئەي ئىنسانلار! سىلەردىن بىرى بىرەر ئىشنى ھەر قانچە مەخپىي قىلسۇن ياكى ئاشكارا قىلسۇن، ئاللاھنىڭ ئىلمىگە نىسبەتەن ئۇ بەرىبىر. شۇنداقلا كېچىنىڭ زۇلمىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىدىن ئۆزىنى دالدىغا ئالغۇچى ۋە ئىش - پائالىيەتلىرىنى كۈپكۈندۈزدە ئوپئوچۇق قىلغۇچى ئاللاھنىڭ ئىلمىدە ئوخشاشتۇر.
(11) ئاللاھ تائالانىڭ ئارقىمۇ-ئارقا ئىنسانلارنىڭ قېشىغا نۆۋەتلىشىپ كېلىپ تۇرىدىغان پەرىشتىلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى كېچىدە كەلسە، يەنە بىر قىسمى كۈندۈزى كېلىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىنساننى ئاللاھ كەلتۈرمەسلىكنى پۈتۈۋەتكەن ھادىسىلەردىن ساقلاپ قالىدۇ، ئۇلار ئىنساننىڭ گەپ - سۆزلىرى ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىنى يېزىپ تۇرىدۇ. شەكسىزكى ئىنسانلار ئۆزلىرى ئاللاھقا شۈكرى ئېيتىشنىڭ ئورنىغا تۇزكورلۇق قىلمىغۇچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ياخشى ھالىتىنى ناچار ھالەتكە ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ. ناۋادا ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ھالاك قىلىۋەتمەكچى بولسا ئۇنىڭ ئىرادىسىگە توسقۇنلۇق قىلغۇچى بولمايدۇ. ئەي ئىنسانلار! سىلەرگە نىسبەتەن ئىشىڭلارغا ئاللاھتىن باشقا ئىگە بولغۇچى يوق، شۇڭا بېشىڭلارغا كەلگەن خاپىلىقلارنى كۆتۈرۈۋېتىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا دۇئا قىلىڭلار.
(12) ئەي ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرگە چاقماقنى كۆرسىتىدۇ ھەمدە بىر تەرەپتىن گۈلدۈرمامىنىڭ (قاتتىق ئاۋازى ئارقىلىق) سىلەرنى قورقۇتسا، يەنە بىر تەرەپتىن يامغۇرغا تەلپۈندۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا مول يامغۇر سۈيىنى كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان بۇلۇتلارنى پەيدا قىلىدۇ.
(13) گۈلدۈرماما پەرۋەردىگارىنى بارچە ئەيىپ - نۇقسانلاردىن پاك دەپ مەدھىيىلەش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ. پەرىشتىلەرمۇ پەرۋەردىگارىدىن ئەيمەنگەن، ئۇلۇغلىغان ۋە كاتتىلىغان ھالدا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلىرىدىن خالىغىنىغا كۆيدۈرگۈچى چاقماقنى ئەۋەتىپ، ھالاك قىلىۋېتىدۇ. كاپىرلار ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىقى ھەققىدە دەتالاش قىلىشىدۇ. ئاسىيلىق قىلغانلارغا قارىتا ئاللاھنىڭ كۈچ - قۇۋۋىتى ئىنتايىن مۇكەممەلدۇر.
(14) تەۋھىد چاقىرىقى پەقەت يەككە - يېگانە ئاللاھ ئۈچۈن بولۇپ، بۇنىڭدا ئاللاھقا ھېچكىم شېرىك بولالمايدۇ. مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان بۇتلار ھېچبىر ئىشتا ئۆزىگە دۇئا قىلغان كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلالمايدۇ. مۇشرىكلارنىڭ ئۇلارغا دۇئا قىلغانلىقى پەقەت ئېغىزىمغا سۇ كىرسە ئىچسەم، دەپ يىراقتىن قولىنى سۇغا ئۇزىتىپ تۇرغان ئۇسسىز كىشىگە ئوخشايدۇكى، ئەمەلىيەتتە سۇ ئۇنىڭ ئېغىزىغا يەتمەيدۇ. كاپىرلارنىڭ بۇتلىرىغا قىلغان دۇئالىرىمۇ قۇرۇق ئاۋارىچىلىق ۋە توغرىدىن يىراقلاپ كېتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى ئۇ بۇتلار ئۇلارغا قىلچە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.
(15) ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارچە مەخلۇقات يەككە - يېگانە ئاللاھقا باش ئېگىدۇ، بۇنىڭدا مۇئمىنمۇ، كاپىرمۇ ئوخشاش. لېكىن مۇئمىن ئاللاھقا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن باش ئېگىپ، سەجدە قىلىدۇ. لېكىن كاپىر ئاللاھقا مەجبۇرىي باش ئېگىدۇ، ئۇنىڭ تەبىئىتى ئاللاھقا ئىختىيارىي باش ئېگىشتىن كېچىكتۈرۈپ قويىدۇ. مەخلۇقاتلىرىنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا بويسۇنىدۇ.
(16) ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھقا باشقىلارنى قوشۇپ چوقۇنۇۋاتقان كاپىرلارغا ئېيتقىنكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ياراتقۇچىسى، ئۇلارنى باشقۇرغۇچى كىم؟ ئەي پەيغەمبەر ئېيتقىنكى، ئۇلارنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى ئاللاھ تائالادۇر، سىلەرمۇ بۇنى ئېتىراپ قىلىسىلەر. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، قىلچە پايدا ياكى زىيان كەلتۈرەلمەيدىغان ئاجىزلارنى ئۆزۈڭلارغا ھېماتچى قىلىۋالدىڭلارمۇ؟ ئۇلار قانداقمۇ باشقىلارغا پايدا - زىيان ئېلىپ كېلەلىسۇن؟ ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، كۆزى كۆرمەيدىغان كاپىر كۆزى ئوچۇق، ھىدايەت تاپقان مۇئمىنگە ئوخشاش بولامدۇ؟ قاراڭغۇ - زۇلمەت بولغان كۇپرىلىق نۇر بولغان ئىمان بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ شېرىكلىرىمۇ ئاللاھنىڭ ياراتقىنىغا ئوخشاش يارىتىپ، ئاندىن ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئاللاھنىڭ يارىتىشىغا ئۆزلىرىنىڭ شېرىكلىرىنىڭ يارىتىشى ئارىلىشىپ كېتىپ، يارىتىشتا ئاللاھ تائالاغا شېرىكلەرنى قىلدىمۇ؟. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ تائالا بارچە نەرسىنىڭ يەككە - يېگانە ياراتقۇچىسىدۇركى، يارىتىشتا ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، ئۇ ئىلاھلىقتا يەككە - يېگانىدۇركى، قۇلچىلىق قىلىنىشقا ئەڭ ھەقلىقتۇر، ئۇ ھەممىدىن غالىبتۇر.
(17) ئاللاھ تائالا باتىلنىڭ يوقىلىپ، ھەقىقەتنىڭ قېپقالىدىغانلىقىغا بۇلۇتتىن چۈشىدىغان يامغۇر سۈيىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن بولۇپ، يامغۇر سۈيى جىلغىلارنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە قاراپ لىق تولۇپ ئاقىدۇ، (شۇ يامغۇردىن ھاسىل بولغان) سەل سۈيى ئەخلەت - چاۋا ۋە لاي - لاتقىلارنى سۇ يۈزىگە چىقىرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئىككى ئىش ئۈچۈن باشقا بىر مىسالنى كۆرسەتتى، كىشىلەر قىممەتلىك مەدەنلەرنى ئېرىتىپ، ئۆزلىرىگە زىننەت بويۇملىرى ياساش ئۈچۈن ئوتقا سالىدۇ. مانا بۇ ئىككى مىسالنى ئاللاھ تائالا ھەق بىلەن باتىلنىڭ مىسالىغا ئوخشاتتىكى، باتىل سۇ يۈزىدە لەيلەپ قالغان ئەخلەت - چاۋالارغا، شۇنداقلا مەدەننى تاۋلاپ چىقىرىپ تاشلىغان داتلارغا ئوخشايدۇ. ھەقىقەت بولسا ئىچكىلى بولىدىغان، (مېۋىلەرنى ۋە ئوت - چۆپلەرنى ئۆستۈرىدىغان) سۈزۈك سۇغا ئوخشايدۇ. تاۋلانغاندىن كېيىن قېپقالغان ساپ مەدەندىن كىشىلەر مەنپەئەتلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇشۇ ئىككى مىسالنى بايان قىلغىنىغا ئوخشاش، ھەقىقەت باتىلدىن ئېنىق بولۇشى ئۈچۈن ئىنسانلارغا يەنە نۇرغۇن مىساللارنى بايان قىلىدۇ.
(18) پەرۋەردىگارىنىڭ يەككە - يېگانىلىقى ۋە ئىتائىتىگە قىلىنغان چاقىرىققا ئاۋاز قوشقان مۇئمىنلەرگە ئەڭ ياخشى مۇكاپات بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ جەننەتتۇر. شۇنىڭدەك پەرۋەردىگارىنىڭ يەككە - يېگانلىكى ۋە ئىتائىتىگە قىلىنغان چاقىرىققا ئاۋاز قوشمىغان كاپىرلارغا كەلسەك، يەر يۈزىدىكى بارچە مال - مۈلۈكلەر ۋە يەنە شۇنىڭ ئوخشىشى شۇلارنىڭ بولۇپ، ئۇلار ئۇ مال - مۈلۈكلەرنىڭ ھەممىنى ئۆزلىرىنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بېرىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، پەرۋەردىگارىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشمىغان بۇ كىشىلەر پۈتۈن يامانلىقلىرىغا قارىتا ھېسابقا تارتىلىدۇ، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەم بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بىساتلىرى ۋە تۇرىدىغان جايى بولغان ئوت نېمىدېگەن يامان جاي - ھە؟!
(19) ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان نەرسىنىڭ پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن كەلگەن شەكسىز ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان، ئاللاھنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقۇچى مۇئمىن كۆزى (ھەقىقەتنى كۆمەيدىغان) كور، ئاللاھنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشمايدىغان كاپىر بىلەن ئوخشا بولامدۇ؟ شەكسىزكى ئاشۇنىڭدىن پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىلا پەند - نەسىھەت ئالىدۇ.
(20) ئاللاھنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان كىشىلەر ئاللاھ بىلەن قىلىشقان ئەھدىسىگە ۋە ئاللاھنىڭ بەندىلىرى بىلەن قىلىشقان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىدۇ، ئاللاھ بىلەن ياكى باشقىلار بىلەن قىلىشقان ۋەدىلىرىنى بۇزمايدۇ.
(21) ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئۇرۇق - تۇغقانچىلىقنى يەتكۈزىدۇ، پەرۋەردىگارىدىن شۇ دەرىجىدە قورقىدۇكى، بۇ قورقۇنچ ئۇلارنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشكە ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىشقا ئۈندەيدۇ، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزلىرى قىلغان پۈتۈن گۇناھلاردىن ھېساب ئېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. چۈنكى كىم ئىنچىكە سۈرۈشتە قىلىنسا تۈگىشىدۇ.
(22) ئۇلار ئاللاھقا تائەت - ئىبادەت قىلىشتا چىدامچان، ئاللاھ تەقدىر قىلغان بارچە خۇشاللىق ۋە خاپىلىقلارغا سەۋرچان كىشىلەردۇركى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ئۇنىڭغا ئاسىيلىق بولىدىغان ئىشلاردىن ئۆزىنى تۇتۇۋالىدۇ، نامازلارنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىدۇ، بىز ئۇلارغا بەرگەن مال - مۈلۈكلەردىن بېرىشكە تېگىشلىك بولغان ھەقلەرنى بەرگەندىن سىرت، رىيادىن ساقلىنىش ئۈچۈن يوشۇرۇن ھالەتتە نەپلە سەدىقىلەرنىمۇ بېرىدۇ، باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن ئاشكارىمۇ سەدىقە قىلىدۇ، ئۆزىگە يامانلىق قىلغانلارغا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ. مۇشۇنداق سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان بۇ كىشىلەر قىيامەت كۈنى مەدھىيەگە لايىق ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىدۇ.
(23) بۇ ياخشى نەتىجە جەننەت ئەھلىگە بولۇپ، ئۇلار جەننەتلەردە ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان مەڭگۈلۈك نېئمەتلەر ئىچىدە تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى، ئانىلىرى، خاتۇنلىرى ۋە ئەۋلادلىرىدىن توغرا يولدا بولغانلارنىڭمۇ شۇلار بىلەن بىرگە جەننەتكە كىرىشى ئۇلارغا ئاتا قىلىنغان نېئمەتنىڭ مۇكەممەلىكىدىندۇركى، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆز ئۇرۇق -تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولۇپ كۆڭلى ئارام تېپىشى ئۈچۈندۇر. پەرىشتىلەرمۇ ئۇلارنى تەبرىكلەپ جەننەتتىكى تۇرالغۇلىرىنىڭ ئىشىكلىرىدىن كىرىدۇ.
(24) پەرىشتىلەر ھەر قېتىم ئۇلارنىڭ يېنىغا كىرگەندە: سىلەرگە خاتىرجەملىك تىلەيمىز، دەپ ئۇلارنى تەبرىكلىشىدۇ، يەنى سىلەر ئاللاھ تائالاغا تائەت - ئىبادەت قىلىشتا چىدامچان، تەقدىرنىڭ قىسمەتلىرىگە سەۋرچان بولغىنىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشتىن ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالغىنىڭلار ئۈچۈن ئەمدى بارچە ئاپەتلەردىن ئامان - ئېسەن بولدۇڭلار. سىلەر ئېرىشكەن بۇ نەتىجە نېمىدېگەن ياخشى - ھە؟
(25) ئاللاھقا چىن ئەھدە قىلغاندىن كېيىن ۋەدىسىنى بۇزىدىغان، ئاللاھ ئۇلاشقا بۇيرۇغان سىلە - رەھىمنى ئۈزىدىغان ئەنە شۇ بەدبەختلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلىنىشقا مەھكۇمدۇر، ئاقىۋەت ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاخ بولىدۇ.
(26) ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئىچىدىن خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ. بىراۋنىڭ رىزقىنىڭ كەڭرى قىلىنغانلىقى ئۇنىڭ سائادەتمەنلىكىنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشكەنلىكىنىڭ ئالامىتى ئەمەس، رىزقىنىڭ تار بولغانلىقىمۇ ئۇنىڭ بەدبەخت بولىدىغانلىقىنىڭ ئالامىتى ئەمەس. كاپىرلار ھاياتىي دۇنيادىن خۇشال بولۇشۇپ، دۇنياغا بېرىلىپ كەتتى ۋە شۇ ئارقىلىق كۆڭلى ئارام تاپتى. ھاياتىي دۇنيا ئاخىرەتكە نىسبەتەن پەقەت ئازغىنە ئۆتكۈنچى مەنپەئەتتۇر.
(27) ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كاپىر بولغانلار: نېمىشقا مۇھەممەدكە پەرەۋردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىرەر ماددىي مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟ شۇ چاغدا بىز ئۇنىڭغا ئىشەنگەن بولاتتۇق، دېيىشىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ماددىي مۆجىزە تەلەپ قىلغان بۇلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ تائالا ئۆز ئادالىتى بىلەن خالىغان كىشىنى ئازغۇن قىلىدۇ، تەۋبە بىلەن ئۆزى تەرەپكە يۈزلەنگەنلەرنى ئۆز پەزلى بىلەن توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ. ئۆزلىرىنىڭ ھىدايەت تېپىشىنى مۆجىزىلەرنىڭ چۈشۈرۈلۈشىگە باغلىغۇدەك، ھىدايەت ئۇلارنىڭ قوللىرىدا ئەمەس.
(28) ئاللاھ ھىدايەت قىلىغان ئاشۇ كىشىلەر ئىمان ئېيتقان كىشىلەردۇركى، ئۇلار ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىش، ھەمدۇ-سانا ئېيتىش ھەمدە ئۇنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىش ۋە ئاڭلاش بىلەن ئۇنى ياد ئېتىش ئارقىلىق كۆڭۈللىرى تەسكىن تاپىدىغان كىشىلەردۇر. ئاگاھ بولۇڭلاركى، قەلبلەر پەقەت ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەنلا تەسكىن تاپىدۇكى، ئۇ قەلبلەر شۇنىڭغا لايىقتۇر.
(29) ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەمدە ئۆزلىرىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ئاشۇ كىشىلەر ئاخىرەتتە ياخشى تۇرمۇشقا ھەمدە جەننەتتىن ئىبارەت ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىدۇ.
(30) ئەي پەيغەمبەر! بىز ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنى ئۆز ئۈممەتلىرىگە ئەۋەتكىنىمىزگە ئوخشاش، ساڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئاننى ئوقۇپ بەرسۇن دەپ سېنىمۇ ئۈممىتىڭگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. چۈنكى قۇرئان سېنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىڭنىڭ يېتەرلىك ئىسپاتىدۇر. لېكىن قەۋمىڭنىڭ ئەلپازىدىن قارىغاندا ئۇلار بۇ مۆجىزىنى ئىنكار قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار مېھىر - شەپقىتى چەكسىز ئاللاھ تائالاغا باشقىلارنى شېرىك قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا كاپىر بولىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، سىلەر باشقىسىنى شېرىك قىلىۋاتقان مېھىر - شەپقىتى چەكسىز زات مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇركى، ئۇنىڭدىن باشقا قۇلچىلىق قىلىشقا لايىق ھېچ بىرى يوقتۇر. مەن بارچە ئىشلىرىمدا ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم ۋە ئۇنىڭغا تەۋبە قىلدىم.
(31) مۇبادا ئىلاھىي كىتابلار ئىچىدىن مەلۇم بىر كىتابنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى، ئۇ كىتاب تىلاۋەت قىلىنسا تاغلار ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىپ كېتىدىغان ياكى زېمىن يېرىلىپ، ئۆستەڭلەر ۋە بۇلاقلار ئېقىپ كېتىدىغان ۋە ياكى ئۆلۈكلەرگە ئوقۇلسا ئۆلۈكلەر تىرىلىپ كېتىدىغان بولسا ئىدى، ئەي پەيغەمبەر، ئەلۋەتتە ساڭا نازىل قىلىنغان مۇشۇ قۇرئان كەرىم ئىنتايىن روشەن ھەم تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك پاكىت ئىدى. كاشكى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا تەقۋادارلىق بولسىچۇ! لېكىن ئۇلار ئىنكارچىلاردۇر. مۆجىزىلەرنى ۋە باشقا نەرسىلەرنى چۈشۈرۈشتە بارچە ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھ ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەر بىلمەمدۇكى، ئەگەر ئاللاھ ھېچبىر ئايەت نازىل قىلماستىن پۈتۈن ئىنسانلارنى ھىدايەت قىلىشنى خالىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇنىڭسىزمۇ ئۇلارنى ھىدايەت قىلغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ ئۇنداق قىلىشنى خالىمىدى. ئاللاھقا كاپىر بولغانلارغا ئۆزلىرىنىڭ كۇپرى ۋە ئاسىيلىقتىن ئىبارەت قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى ساراسىمىگە سالىدىغان ئېغىر خاپىلىقلار يېتىپ تۇرىدۇ ياكى ئاشۇ ئېغىر خاپىلىقلار ئۇلارنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى جايلارغا چۈشۈپ تۇرىدۇ. نىھايەت ئاللاھ تائالانىڭ ئۈزلۈكسىز ئازابنى چۈشۈرۈشنى ۋەدە قىلغان ۋاقىت كەلگەندە، شەكسىزكى ئاللاھ تائالا بېكىتىلگەن ۋاقتى كەلگەن ئازابنى چۈشۈرۈش ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
(32) ئەي پەيغەمبەر! سەن قەۋمىنىڭ ئىنكار قىلىشى ۋە مەسخىرىسىگە ئۇچرىغان تۇنجى پەيغەمبەر ئەمەس، سەندىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرمۇ پەيغەمبەرلىرىنى مەسخىرە قىلاتتى ۋە يالغانغا چىقىراتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن پەيغەمبەرلىرىگە كاپىر بولغانلارغا مۆھلەت بەرسەم، ئۇلار مېنى ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىۋەتمەيدۇ دەپ ئويلاپ قېلىشتى. ئاندىن مەن ئۇلارغا بىر مەزگىل مۆھلەت بەرگەندىن كېيىن ئۇلارنى تۈرلۈك ئازابلار بىلەن جازالىدىم. ئۇلارنى قانداق ئازابلىغانلىقىمنى كۆردۈڭغۇ؟ ئۇ ھەقىقەتەنمۇ قاتتىق ئازاب ئىدى.
(33) بارچە مەخلۇقاتلارنىڭ رىزقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ۋە ھەر كىمنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇپ، ئەمەللىرىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدىغان زات قۇلچىلىق قىلىنىشقا لايىقراقمۇ ياكى قۇلچىلىق قىلىنىشقا قىلچە سالاھىيىتى يوق مۇشۇ بۇتلار لايىقمۇ؟ ھالبۇكى كاپىرلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىپ ۋە ئاللاھقا بوھتان قىلىپ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈردى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، ئاللاھ بىلەن قوشۇپ چوقۇنغان شېرىكلىرىڭلارنى بىزگە دەپ بېقىڭلار ياكى سىلەر يەر يۈزىدە ئاللاھ بىلمەيدىغان شېرىكلىرىڭلار بار دېمەكچىمۇ؟ ياكى چىنلىقى يوق قۇرۇق گەپنى دەۋاتامسىلەر؟ شەيتان كاپىرلارغا ئۆزلىرىنىڭ سۇيىقەستلىرىنى چىرايلىق قىلىپ كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاللاھقا كاپىر بولدى ھەمدە ئاللاھمۇ ئۇلارنى توغرا يولدىن ۋە ھىدايەتتىن بۇرۇۋەتتى. ئاللاھ كىمنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇۋەتسە، ئۇنى توغرا يولغا يېتەكلىگۈچى بولمايدۇ.
(34) ئۇلار مۇشۇ دۇنيادىلا مۇئمىنلەرنىڭ قوللىرى ئارقىلىق ئۆلتۈرۈلۈش ۋە ئەسىر ئېلىنىش ئارقىلىق ئازابلىنىدۇ. ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئاخىرەتنىڭ ئازابى ئۇلارغا تېخىمۇ قاتتىق ھەم دۇنيا ئازابىدىن تولىمۇ ئېغىردۇر. چۈنكى ئۇ ئازاب ئۈزلۈكسىز ھەم قاتتىق بولىدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قوغدىيالايدىغان ھىمايىچى بولمايدۇ.
(35) بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغانلارغا ئاللاھ تائالا ۋەدە قىلغان جەننەتنىڭ سۈپەتلىرى شۇكى، ئۇ جەننەتلەرنىڭ سارايلىرى ۋە دەرەخلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ، جەننەت دەرەخلىرىنىڭ مېۋىلىرى دۇنيا مېۋىلىرىنىڭ ئەكسىچە ھەر دائىم بار بولۇپ، ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، سايىسىمۇ ئىزچىل تاشلىنىپلا تۇرىدۇ، تارىيىپ قالمايدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغانلارنىڭ نەتىجىسىدۇر. كاپىرلارنىڭ ئاقىۋىتى دوزاخ بولۇپ، ئۇلار دوزاخقا كىرىدۇ ۋە شۇ جايدا مەڭگۈ قالىدۇ.
(36) ئەي پەيغەمبەر! بىز تەۋراتنى بەرگەن يەھۇدىيلار ۋە ئىنجىلنى بەرگەن ناسارلاردىن بىر بۆلۈك كىشىلەر ساڭا نازىل قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ ھۆكمىنىڭ ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان تەۋراتنىڭ بىر قىسىم ئايەتلىرىنىڭ ھۆكمى بىلەن بىردەكلىكىدىن خۇرسەن بولىدۇ. يەھۇدىي ۋە ناسارالاردىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئايەتلەر ئىچىدىن ئۆزلىرىنىڭ ھاۋايى - ھەۋەسلىرىگە ماس كەلمەيدىغان ياكى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى ۋە بۇرمىلىغانلىقىنى بايان قىلىدىغان قىسمىنى ئىنكار قىلىدىغانلارمۇ بار. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، شەكسىزكى ئاللاھ تائالا مېنى پەقەت ئۆزىگىلا قۇلچىلىق قىلىشقا، ئۇنىڭغا باشقا بىرىنى شېرىك قىلماسلىققا بۇيرۇدى. مەن پەقەت ئۇنىڭغىلا يىلىنىمەن، ئۇنىڭدىن باشقىغا يىلىنمايمەن، ئاخىرى ئۇنىڭ ھۇزۇرىغىلا قايتىمەن. تەۋرات ۋە ئىنجىللارمۇ مۇشۇنداق ئېتىقادنى ئېلىپ كەلگەن
(37) ئەي پەيغەمبەر! ئىلگىرىكى كىتابلارنىمۇ ئۆز قەۋمىنىڭ تىللىرىدا نازىل قىلغىنىمىزغا ئوخشاش، قۇرئان كەرىمنىمۇ توغرا - خاتانى ۋە ھالال - ھارامنى ئايرىغۇچى، ھەقىقەتنى يورۇتۇپ بەرگۈچى ھالەتتە ئەرەب تىلىدا نازىل قىلدۇق. ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر سەن ئاللاھ تائالا ساڭا ئۆگەتكەن ئىلىم كەلگەندىن كېيىنمۇ يەنە ئەھلى كىتابنىڭ ھاۋايى - ھەۋەسلىرىگە ماس كەلمەيدىغان ئايەتلەرنى تاشلىۋېتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خاھىشى بويىچە ئىش قىلساڭ، بۇ چاغدا ئاللاھ تەرەپتىن سېنىڭ ئىشىڭغا ئىگە بولىدىغان ۋە دۈشمىنىڭگە قارشى ساڭا ياردەم بېرىدىغان ھېچكىم يوق، سېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قوغداپ قالىدىغان ھىمايىچىمۇ بولمايدۇ.
(38) ئەي پەيغەمبەر! بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ ئىنسانلار ئىچىدىن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق. سەن پەيغەمبەرلەرنىڭ تۇنجىسى ئەمەس. بىز ئۇلار ئۈچۈنمۇ باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش جۈپتلەرنى قىلغان، پەرزەنتلەر ئاتا قىلغان ئىدۇق، ئۇلارنى ئۆيلەنمەيدىغان ۋە بالا تاپمايدىغان پەرىشتە قىلغىنىمىز يوق. سەنمۇ ئۆيلىنىدىغان ۋە بالا تاپىدىغان ئاشۇ ئىنسان تىپىدىكى پەيغەمبەرلەر ئىچىدىن بىرىسەن. مۇشرىكلار سېنىڭ شۇنداق بولغانلىقىڭدىن نېمىشقا ئەجەبلەنگۈدەك؟ ھېچبىر پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆز ئالدىغا بىرەر مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ. ھەر بىر ئىشنى ئاللاھ پۈتۈۋەتكەن بىر كىتاب بار بولۇپ، ھەممىسى شۇ كىتابقا خاتېرىلەنگەندۇركى، ھېچكىمنىڭ ئەجىلى ئازراقمۇ ئىلگىرى كەلمەيدۇ، كېچىكىپمۇ قالمايدۇ.
(39) مەيلى ياخشىلىق، مەيلى يامانلىق بولسۇن، مەيلى بەخت، مەيلى بەختسىزلىك بولسۇن ۋە ياكى باشقا بىر ئىش بولسۇن، ئاللاھ تائالا ئۆزى خالىغاننى يوق قىلىپ، خالىغاننى قالدۇرىدۇ. لەۋھۇلمەھفۇز ئۇنىڭ دەرگاھىدا بولۇپ، بارچە ئىشلار شۇنىڭدا خاتېرىلەنگەن بويىچە يۈز بېرىدۇ، شۇنداقلا ئۆچۈرۈلۈش ياكى بېكىتىلىش شۇ كىتابتىكى بويىچە بولىدۇ.
(40) ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر بىز ساڭا كاپىرلارغا تەييارلىغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسەتمەكچى بولساق، بۇمۇ بىزنىڭ ئىشىمىز. ياكى بىز ساڭا ئۇنى كۆرسىتىشتىن بۇرۇن سېنى ۋاپات تاپقۇزساق، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغاننى يەتكۈزۈشتۇر. سېنىڭ ئۇلارغا جازا - مۇكاپات بېرىش، ۋە ئۇلاردىن ھېساب ئېلىش مەجبۇرىيىتىڭ يوق، بۇنداق قىلىش بىزنىڭ ئىشىمىزدۇر.
(41) بۇ كاپىرلار ئىسلامنىڭ كېڭىيىشى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ فەتھى قىلىشى ئارقىلىق زېمىنلىرىنى قەدەممۇ-قەدەم تارايتىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرمىدىمۇ؟ ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئارىسىدا خالىغىنىچە ھۆكۈم قىلىدۇ. ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭ ھۆكمىنى بۇزۇش ياكى ئۆزگەرتىش ياكى ئالماشتۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ. ئۇ ناھايىتى تېز ھېساب ئالغۇچىدۇركى، ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى بارلىق كىشىلەردىن بىر كۈندىلا ھېساب ئالىدۇ.
(42) ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر پەيغەمبەرلىرىگە ھىيلە - مىكىر ئىشلىتىپ، سۇيىقەستلەرنى پىلانلاپ، ئۇلار ئېلىپ كەلگەن دىننى ئىنكار قىلىشتى. ئۇلار پەيغەمبەرلىرىگە شۇنداق سۇيىقەستلەرنى پىلانلىشىپ، زىيانكەشلىك قىلالىدىمۇ؟ ياق. چۈنكى مۇتلەق ئۈنۈملۈك پىلان ئاللاھ تائالانىڭ پىلانىدۇركى، باشقا بىرىنىڭ ئەمەس. شۇنداقلا ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدە ئويلىغان يامانلىقلارنى بىلىدۇ، ھەمدە ئۇلارغا شۇنىڭغا قارىتا جازا بېرىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلارمۇ ئاللاھقا ئىمان ئېيتماسلىق ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك خاتا قىلغانلىقىنى ھەمدە مۇئمىنلەرنىڭ نەقەدەر توغرا قىلغانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق ئاشۇ جەننەتكە ۋە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ.
(43) ئەي مۇھەممەد! كاپىرلار سېنى ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئەمەس دېيىشىدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمگە مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ ھەمدە مېنىڭ سۈپەتلىرىم تىلغا ئېلىنغان ساماۋى كىتابلاردىن مەلۇماتى بولغان كىشىلەرنىڭ گۇۋاھلىقى يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ راستلىقىغا گۇۋاھ بولغان كىشىگە ئىنكارچىلارنىڭ يالغانچىلىقىنىڭ ھېچ زىيىنى بولمايدۇ.