(1) سۈرە بەقەرىنىڭ بېشىدا بۇ سۆزلەرنىڭ ئوخشىشى بايان قىلىندى. بۇ شانلىق ئايەتلەر قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىن نازىل بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ تەۋھىد ۋە شەرىئەتلەرنى بايان قىلىپ .بېرىدىغان روشەن قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدۇر
(2) قىيامەت كۈنى كاپىرلارغا قىيامەتنىڭ دەھشىتى ئاشكارا بولغاندا، ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادىكى كۇپىر ئەمەللىرىنىڭ باتىل ئىكەنلىكى ئوچۇق نامايەن بولغاندا، ئۇلار كاشكى مۇسۇلمان بولغان بولساقچۇ دەپ .ھەسرەتلىك ئارزۇلارنى قىلىدۇ
(3) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! چارۋىلاردەك يەپ-ئېچىدىغان يالغانچى كاپىرلارنى مەيلىگە قويۇۋەت، يوقالغۇچى دۇنيا لەززەتلىرىدىن مەنپەئەتلەنسۇن. ئۇلار ئىمان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى تەرك قىلىپ خام-خىياللار بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا كەلتۈرۈلگەندە زىيان تارتقانلىقتىن دۇنيادا قىلغان قىلمىشىنىڭ .ناچارلىقىنى بىلىدۇ
(4) بىز زالىملارنىڭ شەھەرلىرىدىن قانداق بىر شەھەرنى ھالاك قىلماقچى بولساق، ئاللاھنىڭ ئىلمىدە ئۇ شەھەرنىڭ ھالاك بولىشىنىڭ ۋاقتى .بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بولمايدۇ ۋە كېيىنمۇ قالمايدۇ
(5) ئۈممەتلەردىن ھەر قانداق بىر ئۈممەتنىڭ ھالاك بولۇش ۋاقتى بەلگىلەنگەن ۋاقتىدىن ئىلگىرى بولمايدۇ ۋە ۋاقتى توشقاندا كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، زالمىلار ئاللاھنىڭ ئۇلارنى جازالىماي مۆھلەت .بەرگەنلىكىدىن مەغرۇرلىنىپ قالمىسۇن
(6) مەككە ئەھلىدىن بولغان كاپىرلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا: ئى قۇرئان نازىل قىلىنغان ئىنسان! سەن ئۆزۈڭنىڭ بۇ دەۋايىڭدا ھەقىقەتەن مەجنۇنسەن ۋە مەجنۇنلارچە ئىش قىلىۋاتىسەن، دېدى.
(7) ئەي مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! سەن ھەقىقەتەن ئاللاھ تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر بولساڭ، بىزگە ئازاب چۈشىدىغانلىقى راست بولسا، سەن ئۆزۇڭنىڭ راست سۆزلىگەنلىكىڭگە گۇۋاھ قىلغىلى پەرىشتىلەرنى كەلتۈرۈپ باققىن؟.
(8) ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ پەرىشتە تەلەپ قىلىشنى ئوتتۇرغا قويغان پىكرىگە رەددىيە بېرىپ: پەرىشتىلەرنى ھېكمەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە سىلەرنى ئازاب بىلەن ھالاك قىلىش ۋاقتى كەلگەندە چۈشۈرىمىز، ئۇلار ئىمان ئېيتمىسا بىز پەرىشتىلەرنى ئېلىپ كەلسەك ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلمەيدۇ، .بەلكى ئازاب دەرھال ئىجرا قىلىنىدۇ
(9) ھەقىقەتەن بۇ قۇرئاننى مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىگە كىشىلەرگە ۋەز-نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلدۇق، بىز يەنە قۇرئان كەرىمنى كەم-زىيادە بولۇپ قىلىشتىن، ئالماشتۇرۇلۇشتىن ۋە .ئۆزگەرتىلىشتىن چوقۇم قوغدايمىز
(10) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ھەقىقەتەن بىز سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئىلگىرىكى كاپىر تائىپىلەرگە ئەۋەتتۇق، ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى، سەن ئۈممىتىڭنىڭ سېنى ئىنكار قىلىشتا پەيغەمبەرلەرنىڭ تۇنجىسى ئەمەسسەن.
(11) ئىلگىرىكى كاپىر قەۋملەرگە پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇنى ئىنكار قىلاتتى ۋە مەسخىرە قىلىشاتتى
(12) ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ دىللىرىغا يالغانچىلىقنى كىرگۈزگەنگە ئوخشاش مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ دىللىرىغىمۇ ھەقتىن يۈز ئۆرۈش ۋە گەردەنكەشلىك قېلىشنى كىرگۈزىمىز
(13) ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچى كاپىرلارنى ھالاك قىلىشى بۇرۇندىن ئادەت بولغان ئىش، سېنى ئىنكار قىلغۇچى يالغانچىلار بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشى كېرەك
(14) ئاشۇ ھەددىدىن ئاشقۇچى يالغانچى بەدبەختلەرگە ھەتتا روشەن دەلىللەر بىلەن ھەقىقەت ئاشكارا بولسىمۇ، بىز ئۇلارغا ئاسماندىن بىر ئېشىك ئېچىپ بەرسەك ئاسمانغا ئۆرلەپ ئۇ يەردىكى ئالامەتلەرنى كۆرسىمۇ ئوخشاشتۇر.
(15) ئۇلار ئىشەنمەستىن: چوقۇم بىزنىڭ كۆزىمىز كۆرۈشتىن توسالغان، بەلكى بىزنىڭ كۆرگەنلىرىمىز سېھىرنىڭ تەسىرىدىن بولغان، بىز سېھىرلەنگەن .دەيدۇ
(16) ھەقىقەتەن بىز ئىنسانلارنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز سەپەرلىرىدىكى قاراڭغۇلۇقتا يول تېپىشى ئۈچۈن ئاسماندا كاتتا يۇلتۇزلارنى قىلدۇق، نەزەر سالغۇچىلار ۋە كۈزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى .ئىپادىلەش ئۈچۈن ئاسمانلارنى يۇلتۇزلار بىلەن بېزىدۇق
(17) ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان ھەر بىر شەيتاندىن ئاسماننى .مۇھاپىزەت قىلدۇق
(18) لېكىن ئاسمان خەۋەرلىرىگە ئوغۇرلۇقچە قۇلاق سالماقچى بولغان شەيتانلارنى نۇرلۇق ئاقار يۇلتۇز قوغلاپ كۆيدۈرىدۇ.
(19) ئىنسانلارنىڭ ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن زېمىننى يايدۇق، زېمىننىڭ ئىنسانلار بىلەن تەۋرىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مۇستەھكەم تاغلارنى قىلدۇق، زېمىندە ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئۆلچەملىك نۇرغۇن .ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق
(20) ئى ئىنسانلار! زېمىندا سىلەر دۇنيادا ياشىغان ۋاقتىڭلاردا، سىلەرگە يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى قىلدۇق، سىلەردىن باشقا ئىنسانلار ۋە ھايۋانلاردىن سىلەر رىزىق بېرەلمەيدىغان نەرسىلەر .ئۈچۈنمۇ لازىمەتلىكلىرىنى قىلدۇق
(21) ئىنسانلار ۋە ھايۋانلار مەنپەئەتلىنىدىغان ھەرقانداق بىر نەرسە بولسا، بىز ئۇنى كىشىلەرگە مەنپەئەتلىك قىلىپ يارىتىشقا قادىرمىز، بىز ئۇنى بىزنىڭ خالىشىمىز ۋە ھېكمىتىمىزنىڭ تەقەززاسى بويۇنچە مەلۇم .مىقداردا پەيدا قىلىمىز
(22) بىز بۇلۇتلارنى ھەيدەيدىغان شامالنى ئەۋەتتۇق، شامالنىڭ سەۋەبىدىن ھەيدەلگەن بۇلۇتتىن يامغۇر چۈشۈردۇق، سىلەرنى يامغۇر سۈيىدىن سۇغۇردۇق. ئى ئىنسانلار! بۇ سۇنى سىلەر زېمىندا بۇلاق ۋە قۇدۇقلاردا ساقلىيالمايسىلەر، ھەقىقەتەن بۇنى ئاللاھ ساقلايدۇ.
(23) بىز خالايىقلارنىڭ ھەممىسى يوق بولغاندىن كېيىن تېرىلدۈرىمىز، ئۆلگەندىن كېيىن قەبىردىن قوزغايمىز، ھاياتلارنى ئەجىلى پۈتكەندە ۋاپات تاپتۇرىمىز، بىز مەڭگۈ باقى بولۇپ زېمىن ۋە زېمىندىكى .نەرسىلەرگە ۋارىسلىق قىلىمىز
(24) ھەقىقەتەن بىز سىلەردىن ئىلگىرى تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغانلارنى بىلىمىز، سىلەردىن كېيىن تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغانلارنى بىلىمىز، .ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە بىزگە مەخپى قالمايدۇ
(25) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ قىيامەت كۈنىدە ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلاش، ناچار ئىش قىلغۇچىلارنى يامانلىق بىلەن جازالاش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يېغىدۇ، ئاللاھ تەدبىرىدە ھېكمەتلىكتۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر. ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپى ئەمەستۇر.
(26) ھەقىقەتەن بىز ئادەمنى چەكسە جېرىڭلايدىغان، قۇرۇق لايدىن ياراتتۇق، ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلغان بۇ لاي ئۇزۇن تۇرۇش بىلەن .پۇرۇقى ئۆزگىرىدىغان قارا لايدۇر
(27) ئادەم ئەلەيھىسسالامنى يارىتىشتىن ئىلگىرى جىن-شەيتانلارنىڭ ئاتىسى .بولغان جىننى كۈچلۈك ئوتنىڭ يالقۇنىدىن ياراتتۇق
(28) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! پەرۋەردىگارىڭ ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر ۋە ئىبلىسقا (ئىبلىسمۇ ئۇلار بىلەن بىرگە ئىدى) ھەقىقەتەن مەن پۇرىقى ئۆزگىرىدىغان، چەكسە جېرىڭلايدىغان قۇرۇق قارا لايدىن بىر ئىنسان .يارىتىمەن دېدى
(29) مەن ئۇنى ئىنسان شەكلىگە كىرگۈزۈپ، مۇكەممەل ئىنسان قىلغاندىن كېيىن مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا بويسۇنۇپ ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت سەجدىسى .قىلىڭلار
(30) پەرىشتىلەر بۇيرۇققا بويسۇندى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارى .بۇيرۇغاندەك ئادەمگە سەجدە قىلدى
(31) لېكىن ئىبلىس پەرىشتىلەر بىلەن بىرگە بولغان تۇرۇغلۇق (گەرچە ئۇ پەرىشتىلەر تائىپىسىدىن بولمىسىمۇ)، پەرىشتىلەر بىلەن بىرگە ئادەمگە سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى.
(32) ئىبلىس ئادەمگە سەجدە قىلىشتىن باش تارتقاندىن كېيىن، ئاللاھ ئىبلىسقا: مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا بويسۇنۇپ ئادەمگە سەجدە قىلغان پەرىشتىلەر بىلەن بىرگە سەجدە قىلىشتىن سېنى نېمە چەكلەپ قويدى؟دېدى.
(33) ئىبلىس تەكەببۇرلۇق قىلىپ: ئۆزگىرىشچان قارا لايدىن شەكىلگە كىرگۈزۈپ، قۇرۇق لايدىن يارىتىلغان ئىنسان مېنىڭ سەجدە قىلىشىمغا لايىق بولمايدۇ دېدى.
(34) ئاللاھ ئىبلىسقا: جەننەتتىن چىق، ھەقىقەتەن سەن دەرگاھىمدىن قوغلاندىڭ، دېدى.
(35) قىيامەت كۈنىگىچە ساڭا مېنىڭ رەھمىتىمدىن قوغلۇنۇش ۋە لەنەتلىنىش بولسۇن.
(36) ئىبلىس: ئى پەرۋەردىگارىم! خالايىقلارنى تېرگۈزىدىغان قىيامەت كۈنىگىچە مېنى ۋاپات تاپقۇزمىغىن ۋە ماڭا مۆھلەت بەرگىن، دېدى.
(37) ئاللاھ ئۇنىڭغا: ھەقىقەتەن سەن ئەجىلى كېچىكتۈرۈلۈپ مۆھلەت بېرىلگۈچىلەردىن دېدى
(38) بىرىنچى قېتىم سۈر چېلىنغاندا خالايىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدىغان ۋاقىتقىچە
(39) ئىبلىس: پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ مېنى ئازدۇرغانلىقىڭ سەۋەبىدىن، زېمىندا ئاسىيلىقنى ئۇلارغا چىرايلىق كۆرسىتىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى توغرا يولدىن ئەلۋەتتە ئازدۇرىمەن، دېدى.
(40) لېكىن سېنىڭ بەندىلىرىڭدىن سېنىڭ ئىبادىتىڭ ئۈچۈن تاللانغان بەندىلەرنى ئازدۇرالمايمەن
(41) ئاللاھ: بۇ ماڭا ئۇلاشتۇرىدىغان مۆتىدىل توغرا يولدۇر دېدى
(42) ھەقىقەتەن مېنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرىمنى ئازدۇرۇشقا سېنىڭ كۈچ-قۇدىرتىڭ يەتمەيدۇ، پەقەت گۇمراھلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەرنى ئازدۇرۇشقا كۈچۈڭ يېتىدۇ.
(43) ھەقىقەتەن جەھەننەم ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ ئازغۇن ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ھەممىسىگە ۋەدە قىلىنغان جايدۇر
(44) جەھەننەمنىڭ يەتتە دەرۋازىسى بولۇپ، دەۋزەخ ئەھلى ئۇ دەرۋازىلاردىن كېرىدۇ، جەھەننەمنىڭ ھەر بىر دەرۋازىسى شەيتاننىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن مەلۇم كىشىلەرنىڭ كېرىشى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن.
(45) پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولغانلار ئاخىرەتتە باغۇ-بوستانلاردىن ۋە ساپ-سۈزۈك سۇلار ئېقىپ تۇرغان بۇلاقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ.
(46) ئۇلار جەننەتكە كېرىدىغان ۋاقىتتا: ئاپەتلەردىن سالامەت ۋە قورقۇنچىلاردىن خاتىرجەم بولۇپ كېرىڭلار دېيىلىدۇ
(47) ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى ئۆچمەنلىك، ئاداۋەتنى چېقىرىپ تاشلايمىز، ئۇلار بىر-بىرىنى ياخشى كۆرگەن قېرىنداش بولغان ھالەتتا تەختلەرنىڭ .ئۈستىدە بىر-بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ
(48) ئۇلارغا جەننەتتە ھېرىش-چارچاش بولمايدۇ، ئۇلار جەننەتتىن .چېقىرىۋېتىلمەيدۇ، جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ
(49) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مېنىڭ بەندىلىرىمگە بىلدۈرگىنكى: مەن ئۇلاردىن .تەۋبە قىلغانلارنى مەغپىرەت قىلىمەن ۋە ئۇنىڭغا رەھىم قىلىمەن
(50) ئۇلارغا بىلدۈرگىنكى: ھەقىقەتەن مېنىڭ ئازابىم دەرتلىك ئازابتۇر، مېنىڭ ئازابىمدىن ئەمىن بولۇش ۋە مەغپىرىتىمگە نائىل بولۇش ئۈچۈن ماڭا .تەۋبە قىلىڭلار
(51) ئۇلارغا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا پەرزەنت بىلەن، لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلىش بىلەن خۇشخەۋەر ئېلىپ كەلگەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مېھمانلىرىنىڭ خەۋىرىنى ئېيتىپ .بەرگىن
(52) ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىرىپ ئۇنىڭغا سالام بەردى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا چىرايلىقچە ھۆرمەت بىلەن جاۋاپ قايتۇردى ۋە ئۇلارنىڭ يېيىشى ئۈچۈن كاۋاپ قىلىنغان موزاينىڭ گۆشىنى ئېلىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ گۆشنى يېمىگەنلىكىنى كۆرۈپ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: بىز سىلەردىن قورقىۋاتىمىز، دېدى.
(53) پەرىشتىلەردىن بولغان ئەلچىلەر: قورقمىغىن، بىز سېنى خۇرسەن قىلىدىغان كەلگۈسىدە بىلملىك بولىدىغان بىر ئوغۇل بوۋاق بىلەن خۇشخەۋەر بېرىمىز، دېدى.
(54) ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ئۇلارنىڭ ئۆزىگە پەرزەنت بولۇش بىلەن بەرگەن بىشارىتىدىن ئەجەپلىنىپ: مەن قېرىپ، ئايالىم ياشىنىپ قالغاندا ماڭا پەرزەنت بىلەن خۇشخەۋەر بىرەمسىلەر!؟، ماڭا نېمە يۈزىدىن بۇ بىشارەتنى بىرىسىلەر؟، دېدى.
(55) پەرىشتىلەردىن بولغان ئەلچىلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا: شەك-شۈبھىسىز بىز ساڭا خۇشخەۋەر بەردۇق، بىز بىشارەت بەرگەن ئىشتا نائۈمىد بولمىغىن، دېدى.
(56) ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىدىن پەقەت توغرا يولدىن چەتنەپ كەتكەن ئازغۇنلاردىن باشقا كىممۇ نائۈمىد بولىدۇ؟، دېدى.
(57) ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: ئى ئەلچىلەر! ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭلار؟، دېدى.
(58) پەرىشتىلەردىن بولغان ئەلچىلەر: ئاللاھ بىزنى ھەقىقەتەن بۇزۇقچىلىقتا ھەددىدىن، يامانلىقتا چېكىدىن ئاشقان لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلىشقا ئەۋەتىلدۇق، دېدى.
(59) پەقەت لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرى ۋە مۆئمىنلەردىن بولغان ئەگەشكۈچىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ھالاكەت ئۇلارنى ئۆز .ئىچىگە ئالمايدۇ، بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرىمىز
(60) پەقەت لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا، بىز ئۇنى ئازاب ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلار بىلەن بىرگە قېلىشىنى ھۆكۈم قىلدۇق
(61) لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە ئەۋەتىلگەن پەرىشتىلەر ئەرلەرنىڭ شەكلىدە كەلگەن ئىدى.
(62) لۇت ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: سىلەر مەن تونۇمايدىغان كىشىلەرغۇ؟، دېدى.
(63) پەرىشتىلەردىن بولغان ئەلچىلەر لۇت ئەلەيھىسسالامغا: قورقمىغىن، ئى لۇت!بىز سېنىڭ يېنىڭغا قەۋمىڭ شەك قىلغان ھالاك قىلغۇچى ئازابنى ئىلىپ كەلدۇق، دېدى.
(64) بىز چاقچاق ئەمەس ھەقىقەتەنى ئىلىپ كەلدۇق، بىز ساڭا بەرگەن .خەۋىرىمىزدە ئەلۋەتتە راستچىلمىز
(65) كېچىدىن مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئائىلەڭنى ئېلىپ يولغا چىققىن، سەن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغىن، سىلەردىن ھېچ بىر كىشى قەۋمىگە چۈشكەن ئازابقا قاراش ئۈچۈن كەينىگە قارىمىسۇن.ئاللاھ سىلەرنى بۇيرىغان جايغا بارغىچە ئالدىڭلارغا قاراپ داۋام قىلىڭلار.
(66) ۋەھيى ئارقىلىق لۇت ئەلەيھىسسالامغا سۈبھى ۋاقتى بولغاندا ئاشۇ قەۋمنىڭ ئاخىرىنى ھالاك قىلىش بىلەن يىلتىزىنىڭ قۇرىتىلىدىغانلىقىنى ئىرادە قىلغانلىقىمىزنى بىلدۇردۇق.
(67) سەدۇم ئەھلى يەنى لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ناچار ئىش قىلىش ئۈچۈن لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە مېھمان كەلگىنىدىن خۇرسەن بولۇپ كەتتى.
(68) لۇت ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ھەقىقەتەن بۇلار مېنىڭ مېھمانلىرىم، ئۇلارغا ناچارلىق قىلىپ مېنى رەسۋا قىلماڭلار دېدى.
(69) ناچار ئىشنى تەرك قىلىش بىلەن ئاللاھدىن قورقۇڭلار، پاسكىنا .قىلىقلىرىڭلار بىلەن مېنى خارلىماڭلار
(70) لۇت ئەلەيھىسسالامغا قەۋمى: بىز سېنى كەلگەن كىشىلەردىن بىرىنى .مېھمان قىلىشتىن توسمىغانمىدۇق؟دېدى
(71) لۇت ئەلەيھىسسالام مېھمانلىرى ئالدىدا ئۆزۈر ئېيتىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: بۇلار مېنىڭ قىزلىرىم، سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلارمۇ بۇنىڭ قاتارىدىن، ئەگەر سىلەر شەھۋىتىڭلارنى ئادا قىلىشنى مەقسەت قىلساڭلار ئۇلارنى نىكاھلاپ ئېلىڭلار دېدى.
(72) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەمكى: ھەقىقەتەن لۇتنىڭ قەۋمى ئۆزلىرىنىڭ شەيتانىي شەھۋىتىنىڭ ئاسارىتىدە تېڭىرقاپ يۈرىشىدۇ.
(73) كۈن چىقىۋاتقان ۋاقتىدا ئۇلارغا ھالاك قىلغۇچى دەھشەتلىك چۇقان .يۈزلەندى
(74) بىز ئۇلارنىڭ شەھرىنىڭ ئۈستىنى ئاستىغا ئۆرىۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە لايدىن قاتۇرۇلغان تاشلارنى ياغدۇردۇق.
(75) ھەقىقەتەن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە چۈشكەن ھالاكەتلىك ئازابتا، تەپەككۇر قىلغۇچىلار ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار.
(76) لۇت ئەلەيھىسسالام قەۋمى ياشىغان شەھەر يول ئۈستىدە بولۇپ، ئۇ يەردىن ئۆتكەن يولۇچىلار ئۇ شەھەرنى كۆرۈپ ئۆتىدۇ.
(77) .ئاشۇ ھادىسىدە مۆئمىنلەر ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەت ئالىدىغان ئىشلار بار
(78) ھەقىقەتەن قويۇق بوستانلىق بولغان شەھەر ئاھالىسى بولغان شۈئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ئاللاھقا كاپىر بولۇش ۋە ئۆزلىرىگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر شۈئەيب ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىش بىلەن .ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلاردىن ئىدى
(79) ئۇلاردىن ئىنتىقام ئىلىش بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، لۇت ئەلەيھىسسالام قەۋمىنىڭ يۇرتى ۋە شۇئەيب ئەلەيھىسسالام قەۋمىنىڭ .تۇرالغۇلىرى ئۆتكەن يولۇچىلارغا ئوچۇق بولغان يول ئۈستىدىدۇر
(80) ھەقىقەتەن سەمۇد قەۋمى يەنى ئۇلار ھىجاز بىلەن شام ئارىسىدىكى ھىجىر ئاھالىسى بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىرگە بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى.
(81) بىز پەيغەمبەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن نەرسىسىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ھۆججەتلەرنى بەردۇق، ئۇ تۆگىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار بۇ مۆجىزىدىن ئىبرەت ئالمىدى ۋە ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى.
(82) ئۇلار تاغلارنى تېشىپ ئازابتىن خاتىرجەم ياشاش ئۈچۈن ئۆيلەرنى .ياسايدۇ
(83) كۈن چېقىدىغان ۋاقىتتا ئۇلارنى قاتتىق چوقانلىق ئازاب تۇتتى.
(84) ئۇلارنىڭ كەسىپ قىلىپ تاپقان ماللىرى ۋە ياسىغان ئۆيلىرى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى توسۇپ قالالمىدى.
(85) بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ھېكمەتسىز ياكى بىكارغا ياراتمىدۇق، ئاشۇنىڭ ھەممىسىنى ھەق ۋە ھېكمەت بىلەن ياراتتۇق، قىيامەتنىڭ بولىشى قەتئىدۇر. ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! سېنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن يۈز ئۆرىگىن ۋە ئۇلارنى .چېرايلىقچە ئەپۇ قىلغىن
(86) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر ۋە ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
(87) ھەقىقەتەن ساڭا كاتتا قۇرئاندىن ئىبارەت بولغان يەتتە ئايەتلىك پاتىھە .سۈرىسىنى بەردۇق
(88) بىزنىڭ بەزى كاپىرلارنى بەھرىمان قىلغان يوقالغۇچى دۇنيا مەنپەئەتىگە كۆز سالمىغىن، ئۇلارنىڭ سېنى ئىنكار قىلىشىغا قايغۇرمىغىن، مۆئمىنلەرگە كەمتەر بولغىن.
(89) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنى ئوچۇق-ئاشكارا ئازابتىن ئاگاھلاندۇرىمەن، دېگىن.
(90) ئاللاھنىڭ كىتابىنى پارچىلىۋەتكۈچىلەرگە (يەنى بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىگە كۇپۇر قىلغان) نازىل قىلىنغان ئازابنىڭ ئوخشىشى سىلەرگىمۇ يېتىپ قىلىشىدىن ئاگاھلاندۇرىمەن.
(91) قۇرئاننى پارچە-پارچە قىلىۋەتكەن كىشىلەر قۇرئاننى سېھىر ياكى جىنكەشلىك ياكى شىئېر دېدى
(92) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، قىيامەت كۈنىدە قۇرئانى پارچە-پارچە قىلىۋەتكەن بارلىق كىشىلەرنى .چوقۇم سوراق قىلىمىز
(93) ئۇلارنىڭ دۇنيادا قىلغان كۇپىر ۋە ئاسىيلىق قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسىدىن چوقۇم سوراق قىلىمىز.
(94) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى بۇيرىغان دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىشىنى ئوچۇق ئېلان قىلغىن، مۇشرىكلارنىڭ دېگەن .سۆزلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرىغا پەرۋا قىلمىغىن
(95) ئۇلاردىن قورقمىغىن، ھەقىقەتەن قۇرەيىش كاپىرلىرىنىڭ كاتىۋاشلىرىدىن سېنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا سەن ئۈچۈن بىز كۇپايە قىلىمىز.
(96) ئاللاھ بىلەن باشقا مەبۇدلارنى شېرىك قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ قىلغان .شېرىكتىن ئىبارەت ناچار ئىشىنىڭ ئاقىۋېتىنى يېقىندا بېلىدۇ
(97) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ سېنى ئىنكار قىلىشى ۋە مەسخىرە قىلىشىدىن سېنىڭ قەلبىڭنىڭ سېقىلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز.
(98) ئاللاھنىڭ شانۇ-شەۋكىتىگە لايىق بولمايدىغان سۈپەتلەردىن پاكلاش بىلەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلغىن، ئاللاھنى كامالى سۈپەتلىرى بىلەن مەدھىيىلىگىن. ئاللاھقا ئىبادەت قىلغۇچىلاردىن بولغىن، ئاللاھ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن، بۇ سېنىڭ قەلبىڭنىڭ سېقىلىشىنىڭ ئىلاجىدۇر
(99) پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغىن، سەن ھايات بولغان مۇددەتتە ھەتتا ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر شۇ ھالەتنى داۋاملاشتۇرغىن.