(1) ئى كاپىرلار! سىلەرنىڭ ئازابىڭلاردىن ئاللاھ ھۆكۈم قىلغان نەرسە يېقىنلاشتى، ۋاقتى كېلىشتىن بۇرۇن ئالدىراپ ئۇنى تەلەپ قىلماڭلار، ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ شېرىك قىلغان نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە ئالىدۇر
(2) ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن خالىغان كىشىگە قىلغان ھۆكۈملىرىنى پەرىشتىلەر ئارقىلىق ۋەھيى بىلەن نازىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى! مەندىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەقىقى مەبۇد بولمىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار. ئى ئىنسانلار! مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىمدىن يىراق بولۇش بىلەن مەندىن قورقۇڭلار.
(3) ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ھالەتتە ياراتتى، ئۇلارنى بىكارغا ياراتمىدى، بەلكى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلىق ۋە كاتتىلىقىنى ئىسپاتلاش .ئۈچۈن ياراتتى، ئاللاھ كاپىرلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن .پاكتۇر
(4) ئاللاھ ئىنساننى ئېتىبارسىز سېپىرمىدىن ياراتتى، باسقۇچمۇ باسقۇچ ئۆسۈپ يېتىلدى، ئۇ ئىنسان ھەقنى يوق قېلىش ئۈچۈن باتىل بىلەن .قاتتىق جىدەل قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭ جىدىلى ئاشكارىدۇر
(5) ئى ئىنسانلار! ئاللاھ تۆگە، كالا ۋە قوي قاتارلىق چارۋىلارنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن ياراتتى. ئۇنىڭ يۇڭ ۋە تېۋىتلىرىدىن ئېسىنىشىڭلارمۇ مۇشۇ مەنپەئەتنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئۇنىڭ سۈتى، تېرىسى، ئۈچۇسى ۋە سىلەر يەيدىغان گۆشىدە يەنە بىر مەنپەئەت باردۇر.
(6) ئۇ چارۋىلارنى كەچتە يايلاقتىن قايتۇرۇپ قوتانغا كېرگۈزگەندە ۋە ئەتىگەندە يايلاققا ئېلىپ ماڭغاندا، سىلەر ئۈچۈن ئۇ چارۋىلاردا زىننەت باردۇر.
(7) بىز سىلەرگە يارىتىپ بەرگەن مۇشۇ چارۋىلار سىلەرنىڭ ئېغىر يۈك-تاقىلىرىڭلارنى سەپەرلەردە سىلەر جاپا-مۇشەققەت تارتىپ يېتىپ بارىدىغان شەھەرلەرگە كۆتۈرۈپ بارىدۇ، ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار شەپقەتلىكتۇر، بۇ چارۋىلارنى سىلەرگە .بويسۇندۇرۇپ بېرىش بىلەن مېھرىباندۇر
(8) ئاللاھ تائالا ئاتنى، خېچىرنى ۋە ئېشەكنى سىلەرنىڭ مېنىشىڭلار، يۈك ئارتىشىڭلار ۋە ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ئالدىغا زىننەتلىنىپ چېقىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇ نەرسىلەرنى ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ زىننىتى قىلىپ ياراتتى، ئاللاھ ئۆزى يارىتىشنى خالىغان نەرسىلەردىن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى يارىتىدۇ.
(9) ئىسلامدىن ئىبارەت بولغان ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا يەتكۈزىدىغان توغرا يولنى بايان قېلىپ بېرىشنى ئاللاھ ئۈستىگە ئالغان، ھەقتىن بۇرۇلۇپ كەتكەن شەيتاننىڭ يوللىرى بار، ئىسلام يولىدىن باشقا يوللارنىڭ ھەممىسى قىڭغىر يولدۇر، ئەگەر ئاللاھ سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ئىمانغا مۇۋەپپەق قېلىشنى خالىغان بولسا ئېدى، ئەلۋەتتە ھەممىڭلارنى ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلاتتى.
(10) ئاللاھ تائالا سىلەرگە بۇلۇتتىن سۇ چۈشۈرۈپ بەردى، ئۇ سۇدىن سىلەر ئېچىسىلەر، چارۋىلىرىڭلارنى سۇغۇرىسىلەر، بۇ ئارقىلىق چارۋىلىرىڭلارنى باقىدىغان ئۆت-چۆپلەر ئۈنۈپ چىقىدۇ.
(11) يامغۇر سۈيىدىن ئاللاھ سىلەرگە سىلەر يەيدىغان زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، ئۇ سۇ بىلەن زەيتۇن، خورما، ئۈزۈم ۋە باشقا تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، ھەقىقەتەن ئاشۇ سۇدا ۋە سۇ ئارقىلىق پەيدا قىلغان نەرسىلەردە ئاللاھنىڭ ياراتقان نەرسىلىرى توغرىسىدا پىكىر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىللەر بار، بۇ نەرسىلەر بىلەن ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىنىڭ كاتتىلىقى نامايەندە بولىدۇ.
(12) ئاللاھ كېچىنى سىلەرنىڭ ئارام ئېلىشىڭلار ۋە راھەتلىنىشىڭلار ئۈچۈن ياراتتى، كۈندۈزنى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى كەسىپ قېلىش ئۈچۈن ياراتتى. قۇياشنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى ۋە ئۇنىڭدا يورۇقلۇقنى قىلدى، ئاينى نۇرلۇق قىلىپ ياراتتى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ بۇيرىقى بىلەن يۇلتۇزلارنىمۇ سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى. قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا ئۇنىڭ بىلەن يول تاپىسىلەر، ۋاقىتنى بىلىسىلەر ۋە باشقا مەنپەئەتلەر بار. ھەقىقەتەن مۇشۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بويسۇندۇرۇپ بېرىشتە ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان روشەن دەلىللەر بار، ئۇلار ئەقىللىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بۇ نەرسىلەرنى يارىتىشتىكى ھېكمەتلەرنى بىلەلەيدۇ.
(13) ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن زېمندا ياراتقان تۈرلۈك، رەڭگارەڭ كان بايلىقلىرى، ھايۋاناتلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە زرائەتلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئاشۇ يارىتىلغان ۋە بويسۇندۇرۇلغان نەرسىلەردە ئېبرەت ئالىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان روشەن دەلىللەر بار، ئۇلار ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىر ۋە نېمەت بەرگۈچى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
(14) ئاللاھ سىلەرنى دېڭىزدا سەپەر قىلىشىڭلار، دېڭىز بايلىقلىرىنى چېقىرىشىڭلار، دېڭىزدىكى ساپ-تازا بېلىقلارنى يېيىشىڭلار، سىلەر ۋە ئاياللىرىڭلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۈنچە-مەرۋايىتلەرنى چېقىرىشىڭلار ئۈچۈن دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. كېمىلەرنىڭ دېڭىزدا دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىلەر، تىجارەتتىن پايدا تېپىش ۋە ئاللاھنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ كېمىلەر بىلەن سەپەر قىلىسىلەر. ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان بۇ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنى ئىبادەتتە يەككە-يېگانە بىلىڭلار.
(15) زېمىننىڭ سىلەرنى تەۋرىتىۋەتمەسلىكى ۋە ئېغىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇنىڭدا تاغلارنى بەرپا قىلدى. سىلەرنىڭ ئېچىشىڭلار، چارۋىلارنى ۋە زىرائەتلەرنى سۇغۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن ئېرىق-ئۆستەڭلەرنى ئاقتۇردى. سىلەرنىڭ ئېزىپ كەتمەي كۆزلىگەن مەقسىدىڭلارغا يېتىشىڭلار ئۈچۈن .ماڭىدىغان يوللارنى قىلدى
(16) ئاللاھ سىلەرنىڭ كۈندۈزدە يولنى توغرا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن زېمىندا يول بەلگىلىرىنى قىلدى، كېچىدە يولنى توغرا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن ئاسماندا .يۇلتۇزلارنى قىلدى
(17) مۇشۇ نەرسىلەرنى ۋە باشقا نەرسىلەرنى ياراتقان ئاللاھ، ھېچ نەرسىنى يارىتالمايدىغانلارغا ئوخشاش بولامدۇ؟. ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچى، ئبادەتتە يەككە-يېگانە بولغۇچى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ئويلىمامسىلەر؟. ھېچ نەرسە يارىتالمايدىغان نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار.
(18) ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان كۆپ نېئمەتلىرىنى ساناشقا ئۇرۇنۇپ باقساڭلار، ئۇ نېمەتلەرنىڭ كۆپلىكى ۋە تۈرلۈك بولغانلىقىدىن ئۇنى ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر. ئاللاھ سىلەرنىڭ نېمەتلەرگە شۈكۈر ئېيتىشتىن غاپىل بولغانلىقىڭلاردىن ئىبارەت كەمچىلىكىڭلارنى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر. سىلەرگە مېھرىبانلىقىدىن سىلەرنىڭ ئاسىيلىقىڭلار ۋە نېئمەتكە شۈكۈر ئېيتماسلىقىڭلار سەۋەبىدىن ئۇ نېمەتلەرنى ئۈزۈپ قويمايدۇ.
(19) ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرنىڭ مەخپى قىلغان ۋە ئاشكارا قىلغان بارلىق ئەمەللىرىڭلارنى بىلىدۇ، ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپى قالمايدۇ، شۇنىڭغا .ئاساسەن جازالايدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ
(20) مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان بۇتلىرى كېچىكىنەك بىر نەرسىنىمۇ يارىتالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان نەرسىلىرى ئىبادەت قىلىنغۇچىلار تەرىپىدىن ياسالغاندۇر، ئۇلار قانداقمۇ ئاللاھنى قويۇپ ئۆزلىرى قوللىرى بىلەن ياسىۋالغان بۇتلارغا ئىبادەت .قىلىدۇ؟
(21) ئۇلار قوللىرى بىلەن ياساپ ئىبادەت قىلىۋاتقان نەرسە ھېچ قانداق ھاياتلىقى بولمىغان، ئىلىم-ئىدراكى بولمىغان ۋە چۈشەنچىسى بولمىغان جانسىز نەرسىلەر بولۇپ، ئۇلار قىيامەت كۈنىدە ئۆزلىرىگە چوقۇنغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە قاچان تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلار بىلەن بىللە دوزاخقا تاشلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
(22) سىلەرنىڭ ھەقىقى ئىبادەتكە لايىق بولغان مەبۇدىڭلار ھېچقانداق شېرىكى بولمىغان يەككە-يىگانە ئاللاھدۇر، ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشقا ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرنىڭ دىللىرى ئاللاھدىن قورقۇش تۇيغۇسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇلار قىيامەتتىكى ھېساب ۋە ئازابقا ئىشەنمەيدۇ، تەكەببۇرلۇق قىلىپ ھەقنى قوبۇل قىلمايدۇ ۋە ھەقكە بويسۇنمايدۇ.
(23) ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا قىلغان ھەممە ئەمەللىرىنى راستىنلا بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپى قالمايدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن جازالايدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئىبادەت قىلىشتا تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۆزىگە بويسۇنمىغانلارنى ياقتۇرمايدۇ، ئۇلارنى قاتتىق ئازاب بىلەن ئازابلايدۇ.
(24) ياراتقۇچىنىڭ بىرلىكىنى ئىنكار قىلىدىغان، ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشنى يالغانغا چېقارغان كاپىرلارغا: ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نېمىلەرنى نازىل قىلدى؟دېيىلسە، ئۇلار: ھېچ نەرسە نازىل قېلىنمىدى، ئۇ ئۆز ئېچىدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ يالغان-توقۇلمىلىرىنى پەيدا قىلدى، دەيدۇ.
(25) ئۇلار قىيامەت كۈنىدە ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تولۇق ئۈستىگە ئالىدۇ، نادانلىق ۋە قارغۇلارچە ئەگىشىش بىلەن ئۆزلىرى ئىسلامدىن ئازدۇرىۋەتكەن كىشىلەرنىڭ بەزى گۇناھلىرىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى ئۈستىگە ئېلىشى نېمىدېگەن قەبىھ!.
(26) مەككە كاپىرلىرىدىن ئىلگىرىكى ئۆتكەن ئاشۇ كاپىرلار ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۈچۈن ھىلە-مىكىرلەرنى ئىشلەتتى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھىلە-مىكىر قۇرۇلمىسىنى تۈپ-يىلتىزىدىن ۋەيران قىلدى، بۇ قۇرۇلمىنىڭ ئۆگزىسى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئۆرۈلۈپ چۈشتى، ئۇلارغا، ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن ئازاب كەلدى، ئۇلار ئالغان تەدبىرلەر ئۆزلىرىنى ئازابدىن ھىمايە قىلىدۇ دەپ ئويلايتتى، ئەكسىچە ئۇلار بۇنىڭ بىلەن ھالاك قىلىندى.
(27) ئاندىن قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ ئۇلارغا ئازابىنى تەييارلايدۇ، ئۇلارنى خار قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: قېنى سىلەرنىڭ ئىبادەتتە مەن بىلەن شېرىك قىلغان شېرىكلىرىڭلار، ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن سىلەر مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىم ۋە مۆئمىن بەندىلىرىمگە دۈشمەنلىك قىلدىڭلار؟. رەببانىي ئۆلىمالار: ھەقىقەتەن خارلىق ۋە ئازاب قىيامەت كۈنىدە كاپىرلارغا ھەقلىق بولىدۇ، .دەيدۇ
(28) ئۇلار ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، ئۆز نەپسىگە زۇلۇم قىلغان ھالەتتە ئۆلۈم پەرىشتىلىرى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى بولغان پەرىشتىلەر جانلىرىنى ئالىدۇ، ئۇلارغا ئۆلۈم كەلگەندە تەسلىم بولۇپ بويسۇنىدۇ، ئۇلار كۇپۇرلۇق ۋە ئاسىلىقتىن ئىبارەت ئاللاھنى ئىنكار قىلىدىغان ئەمەللىرىنى ئۆزلىرىگە پايدىسى تېگىدۇ دەپ ئويلايدۇ. ئۇلارغا: يالغان ئېيتتىڭلار، سىلەر ئاسىيلىق قېلىش بىلەن كاپىر بولدۇڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ سىلەرنىڭ دۇنيادا قىلىۋاتقان قىلمىشىڭلارنى بىلگۈچىدۇر، ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپى قالمايدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن سىلەرنى جازالايدۇ.
(29) ئۇلارغا: قىلمىشلىرىڭلارنىڭ ھېسابى بىلەن مەڭگۈ تۇرۇش تەقدىر قېلىنغان جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كېرىڭلار دېيىلىدۇ، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتىن تەكەببۇرلۇق قىلغانلارنىڭ بارىدىغان جايى نېمىدېگەن يامان-ھە!.
(30) پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن تەقۋادارلىق قىلغۇچىلارغا: پەرۋەردىگارىڭلار پەيغەمبىرىڭلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نېمىلەرنى نازىل قىلدى؟، دېيىلسە، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ: ئاللاھ ئۇنىڭغا كۆپ ياخشىلىقلارنى نازىل قىلدى دەيدۇ، ئاللاھنىڭ ئىبادىتىنى ياخشى قىلغان ۋە كىشىلەر بىلەن ياخشى مۇئامىلىدە بولغانلار دۇنيادا غەلبە-نۇسرەت ۋە كەڭرى رىزىقتىن ئىبارەت ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. ئاللاھ ئۇلار ئۈچۈن تەييارلىغان ئاخىرەتتىكى ئەجىر-ساۋاپ ئۇلارغا دۇنيادا بېرىلگەن مۇكاپاتلاردىن ئەۋزەلدۇر، پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن تەقۋادارلىق قىلغۇچىلارنىڭ يۇرتى بولغان ئاخىرەت .دىيارى نېمىدېگەن ياخشى
(31) ئۇلار دائىم تۇرىدىغان قەسىر ۋە باغلىرىنىڭ ئاستىدىن ئېرىقلاردا سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كېرىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقا نەرسىلەردىن كۆڭلى تارتقان نەرسىلەر بار، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىدىن بولغان تەقۋادارلار مۇكاپاتلانغان مۇشۇ مۇكاپاتقا ئوخشاش، ئىلگىرىكى ئۈممەتنىڭ تەقۋادارلىرىنىمۇ .مۇكاپاتلايدۇ
(32) تەقۋادارلارنى ئۆلۈم پەرىشتىسى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىدىن بولغان پەرىشتىلەر قەلبى كۇپىردىن پاك ھالەتتە قەبزى روھ قىلغاندا، پەرىشتىلەر ئۇلارغا: سالام سىلەرگە! بارلىق خاتىرجەمسىزلىكتىن ئامان بولدۇڭلار، دۇنيادىكى ساغلام ئەقىدە ۋە ياخشى ئەمەللىرىڭلار سەۋەبىدىن جەننەتكە كېرىڭلار دەيدۇ.
(33) ئاشۇ يالغانچى مۇشرىكلار پەقەت ئۆلۈم پەرىشتىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرى كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ جانلىرىنى ئىلىش ئۈچۈن يۈزلىرىگە ۋە كاسىلىرىغا ئۇرۇشنى كۈتەمدۇ ياكى دۇنيادا ئاللاھنىڭ بۇيرىقى بىلەن ئۇلارنى تۈپ-يىلتىزىدىن يوق قېلىۋىتىدىغان ئازابنىڭ كېلىشىنى كۈتەمدۇ؟. ئىلگىرىكى مۇشرىكلارمۇ مەككە مۇشرىكلىرىغا ئوخشاش پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلدى، ئۇلارنى ھالاك قىلغاندا ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، بەلكى ئۇلار ئاللاھقا كاپىر بولۇش بىلەن ئۆز نەپسىگە زۇلۇم قىلىپ ھالاكەت گىرداۋىغا كېلىشنى خالىدى.
(34) ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن ئۇلارغا ئازاب چۈشتى. مەزكۇر ئازاب زىكىر قىلىنغاندا ئۇلار مەسخىرە قىلغان ئازاب ئەمدىلىكتە ئۇلارنى ھەممە تەرەپتىن قورشىدى.
(35) ئۆزلىرىنىڭ ئىبادىتىدە ئاللاھقا ئاللاھنىڭ غەيرىنى قوشۇپ مۇشرىك بولغانلار: ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا، بىز ۋە بىزنىڭ ئىلگىرىكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلاتتۇق، ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلمايتتۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بۈلسا بىز ھېچ نەرسىنى ھارام قىلمايتتۇق دەيدۇ. ئۇلاردىن بۇرۇنقى كاپىرلارمۇ مۇشۇنداق باتىل دەلىللەرنى دېگەن. پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغان نەرسىنى يەتكۈزۈشتۇر، ھەقىقەتەن ئۇلار يەتكۈزدى، ئاللاھ كاپىرلارغا خالاش ۋە ئىختىيارلىقنى بېرىپ، پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ (ئىمان ئېيتماستىن بىزنى ئاللاھ كاپىر بولۇشىمىزنى ئىرادە قىلغان) تەقدىر دەپ ئۆزۈر ئېيتىشىنىڭ ھېچ .ئاساسىي يوقتۇر
(36) بىز ھەقىقەتەن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ ھەر بىرىگە ئۇلارنى يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھنى قويۇپ بۇتلار، شەيتانلار ۋە ئۇلارنىڭ غەيرىدىكى نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلىشنى تەرىك قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى ھەقكە بۇيرۇيدىغان ئەلچىلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلار ئارىسىدىن ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلغانلار پەيغەمبەرگە ئېشەندى ۋە پەيغەمبەر ئىلىپ كەلگەن ھەقىقەتكە ئەگەشتى. ئۇلاردىن بەزىلىرى ئاللاھقا كاپىر بولدى، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلدى، توغرا يولغا مۇۋەپپەق بولمىدى. قىلمىشلىرى تۈپەيلى ئازغۇنلۇق ئۇلارغا زۆرۈر بولدى. زېمىندا سەيرى قىلىڭلار يالغانچىلارنىڭ ئۈسىتىگە ئازاب ۋە ھالاكەت چۈشكەندىن كېيىن ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈڭلار.
(37) ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سەن كۈچۈڭنىڭ يېتىشچە ئۇلارنى دەۋەت قىلىشقا تېرىشساڭمۇ ۋە ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا ھېرىسمەن بولساڭمۇ، بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى قلساڭمۇ، ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۆزى ئازدۇرىۋەتكەن كىشىنى ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلمايدۇ، ئۇلارغا ئاللاھدىن باشقا ياردەم بەرگۈچى ۋە ئۇلاردىن ئازابنى مەنئىي قىلغۇچى يوقتۇر.
(38) ئۇلار قاتتىق قەسەم بىلەن ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشنى ئىنكار قىلىپ، قىلغان قەسەملىرىنى تەكىتلەپ: ھېچ قانداق دەلىلسىزلا ئاللاھ ئۆلۈكنى تېرىلدۈرەلمەيدۇ دەيدۇ، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئاللاھ ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى تېرىلدۈرىدۇ. بۇ ئاللاھدىن بولغان راست ۋەدىدۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى ئاللاھنىڭ ئۆلۈكنى تېرگۈزىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، نەتىجىدە ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشنى ئىنكار قىلىدۇ.
(39) مۇشرىكلار ئىختىلاپ قىلىشقان؛ ئاللاھنىڭ بىرلىكى، ئۆلگەندىن كىيىن تېرىلىش ۋە نۇبۇۋۋەت قاتارلىق ئىشلارنى قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرۈپ، ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشنى ئىنكار قىلىپ، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن مۇشرىكلارنىڭ دەۋاسىدا يالغانچى ئىكەنلىكىنى ئۇلارغا بىلدۈرىدۇ.
(40) ئەگەر بىز ئۆلۈكلەرنى تېرىلدۈرۈش ۋە ئۇلارنى قەبىردىن قوزغاشنى خالىساق، بىزنى ئۇنداق قىلىشىمىزدىن چەكلەپ قويىدىغان ھېچقانداق چەكلىمە يوق، بىز بىر نەرسىنى خالىساق "ۋۇجۇتقا كەل" دەيمىز دەرھال بولىدۇ.
(41) كاپىرلار زۇلۇم قىلىپ ئازابلىغاندىن كېيىن، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يۇرتى، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە مال-مۈلكىنى تاشلاپ كاپىرلارنىڭ يۇرتىدىن ئىسلام دىيارىغا ھىجرەت قىلىپ چىققانلارنى ئەلۋەتتە دۇنيادا ئىززەت-ئىكرامغا مۇشەررەپ قىلىمىز. ئەلۋەتتە ئاخىرەتنىڭ ساۋابى كاتتىدۇر، چۈنكى ئۇ جەننەتتىن ئىبارەت بۈيۈك نېئمەتكە نائىل بولىدۇ. ئەگەر ھىجرەت قېلىشتىن كېچىكىپ قالغانلار ھىجرەت قىلغانلارغا بېرىلىدىغان ساۋابنىڭ كاتتىلىقىنى بىلگەن بولسا ئېدى ئەلۋەتتە ھىجرەت قىلىشتىن كىچىكىپ قالمايتتى.
(42) ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىپ چېققان ئاشۇ مۇھاجىرلار ئۆز قەۋمىنىڭ ئەزىيەتلىرىگە، ۋەتىنى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ئايرىلىشقا، ئاللاھقا ئېتائەت قېلىشتا سەۋىر قىلغانلىقلىرى، بارلىق ئىشلىرىدا يەككە-يېگانە پەرۋەردىگارىغا تايانغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا بۇ كاتتا مۇكاپاتلارنى ئاتا قىلدى.
(43) ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىز سەندىن ئىلگىرى ئىنسانلاردىن پەقەت ئەرلەرگىلا ۋەھيى نازىل قىلىمىز، پەرىشتىلەردىن پەيغەمبەر ئەۋەتمىدۇق، بۇ بىزنىڭ داۋاملىشىۋاتقان يولىمىز، ئەگەر سىلەر بۇنى ئىنكار قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىنى بىلمىسەڭلار، ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن سوراپ بىقىڭلار، ئۇلار سىلەرگە ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ پەرىشتە بولماستىن بەلكى ئىنسان ئىكەنلىكىدىن .خەۋەر بېرىدۇ
(44) بىز ئىنسانلاردىن بولغان ئاشۇ پەيغەمبەرلەرنى روشەن دەلىللەر ۋە نازىل قېلىنغان كىتابلار بىلەن ئەۋەتتۇق، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ساڭا قۇرئاننى كىشىلەر ئېھتىياجلىق بولىدىغان نەرسىلەرنى بايان قىلىپ بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ پىكىر قېلىشى، ئويلىنىشى ۋە قۇرئان ئۆز ئېچىگە .ئالغان نەرسىلەردىن ۋەز-نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن نازىل قىلدۇق
(45) كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش ئۈچۈن ھىلە-مىكىر ئىشلەتكەنلەر قارۇننى يەرگە يۇتقۇزىۋاتقاندەك ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى يەرگە يۇتقۇزىۋېتىشىدىن ياكى ئۇلار كۈتمىگەن جايدىن ئۆزلىرىگە ئازاب .كېلىشىدىن قورقمامدىغاندۇ؟
(46) ياكى ئۇلار تۇرمۇش ئېھتىياجى سەۋەبلىك كەسىپ قىلىش ئۈچۈن سەپەرلەردە كېتىۋاتقاندا ئازابقا يولۇقۇشىدىن قورۇقمامدۇ؟، بۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئازابتىن قۇتۇلالمايدۇ ۋە ئۇنى چەكلىيەلمەيدۇ.
(47) ياكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھدىن قورۇققان ھالىتىدە ئاللاھنىڭ ئازابى يېتىشىدىن خاتىرجەم بولدىمۇ؟، ئاللاھ ئۇلارنى ھەر ۋاقىت ئازابلاشقا قادىر. شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئەلۋەتتە كۆيۈمچاندۇر، مېھرىباندۇر، بەندىلىرىنىڭ تەۋبە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئالدىراپ جازالىمايدۇ.
(48) ئاشۇ يالغانچى كاپىرلار ئاللاھنىڭ ياراتقان نەرسىلىرىگە تەپەككۈر قىلىش نەزىرى بىلەن قارىمامدىغاندۇ؟، قۇياشنىڭ ھەركىتى ۋە كۈندۈزدىكى سەيرى قېلىشىغا ئەگىشىپ ئۇ نەرسىلەرنىڭ سايىلىرى ئوڭ ۋە سول تەرەپكە مايىل بولۇپ تۇرىدۇ، كېچىدە ئايغا ئەگىشىدۇ، ئۇ نەرسىلەر تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆز پەرۋەردىگارىغا ھەقىقى سەجدە قىلىدۇ.
(49) ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى ھەممە جانلىق نەرسىلەر يالغۇز ئاللاھقا سەجدە قېلىدۇ، پەرىشتىلەرمۇ يالغۇز ئاللاھقا سەجدە قېلىدۇ، ئۇلار ئاللاھقا .ئىبادەت قىلىش ۋە بويسۇنۇشتىن تەكەببۇرلۇق قېلىپ باش تارتمايدۇ
(50) پەرىشتىلەر دائىم ئاللاھقا تائەت-ئىبادەت قىلىپ تۇرۇش بىلەن تۇرۇغلۇق ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى زاتتىن قورقىدۇ، پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلىپ بۇيرىغاننى تولۇق ئورۇندايدۇ.
(51) ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بارلىق بەندىلىرىگە: ئىككى ئىلاھقا ئىبادەت قىلماڭلار، ھەقىقى ئىبادەت قېلىنغۇچىنىڭ بىر ئىكەنلىكىدە ھېچ شەك يوقتۇر، ئۇنىڭ ئىككىنچىسى يوق ۋە ھېچ شېرىكى يوق، مەندىنلا قورقۇڭلار، مەندىن باشقا ھېچكىمدىن قورۇقماڭلار.
(52) ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە يارىتىلىش، ئىگىدارچىلىق ۋە تەدبىر قىلىش جەھەتتە يالغۇز بىر ئاللاھنىڭدۇر. ئىتائەت قىلىش، بويسۇنۇش ۋە ئىخلاس قىلىش يالغۇز بىر ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ غەيرىدىن قورقامسىلەر؟، قورۇقماڭلار، بەلكى يەككە-يېگانە ئاللاھدىن .قورقۇڭلار
(53) ئى ئىنسانلار! سىلەر بەھرىمان بولىۋاتقان دىنى ۋە دۇنيالىق نېئمەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تەرىپىدىندۇر، ئاللاھنىڭ غەيرىدىن ئەمەس. سىلەرگە بىرەر بالا-مۇسىبەت، كېسەللىك ياكى كەمبەغەلچىلىك يەتسە سىلەرگە يەتكەن نەرسىنى ئۈستۈڭلاردىن كۆتۈرىۋېتىش ئۈچۈن يالغۇز بىر ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىسىلەر، يالغۇز ئىبادەتكە ھەقلىق بولغان ئاللاھ .نېئمەتلەرنى ئاتا قېلىدۇ ۋە ئازابنى كۆتۈرۋېتىدۇ
(54) ئاللاھ سىلەرنىڭ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قېلىپ سىلەرگە يەتكەن زىياننى كۆتۈرۈۋەتسە، سىلەردىن بىر قىسىم كىشىلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ ئاللاھقا ئىبادەتتە باشقىنى شېرىك قىلىدۇ، بۇ قانداق يۈزسىزلىك!؟.
(55) ئۇلارنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشى، ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۋەتكەنگە ئوخشاش نېئمەتلىرىگە تۈزكورلۇق قىلىشىغا ئىلىپ بارىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا ھازىر بولسۇن ياكى كېيىن بولسۇن، سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى كەلگەنگە قەدەر سىلەر .مەنپەئەتلىنىۋاتقان نېئمەتتىن بەھرىمان بولۇڭلار دېيىلىدۇ
(56) مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ ھېچ نەرسە بىلمەيدىغان، جانسىز، پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلىرىنى بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن ماللىرىغا شېرىك قېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۇتلىرىغا يېقىنلىشىدۇ. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى مۇشرىكلار! سىلەر قىيامەت كۈنىدە ماللىرىڭلاردىن نېسىۋە قېلىپ بەرگەن ۋە ئىلاھ دەپ گۇمان قىلغان بۇتلىرىڭلار .توغرىسىدا ئەلۋەتتە سۇئال قىلىنىسىلەر
(57) مۇشرىكلار قىزلارنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىدۇ، پەرىشتىلەرنى ئاللاھنىڭ قىزلىرى دەپ ئېتىقاد قېلىدۇ، ئوغۇللارنى ئۆزلىرىگە نىسبەت بېرىدۇ، ئۆزلىرى ياقتۇرمايدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ قېلغان ئىشلىرىدىن پاك ۋە مۇقەددەستۇر، كۆڭلى مايىل بولغان ئوغۇل ئەۋلادلارنى ئۆزلىرىگە قىلىدۇ، بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر جىنايەت .بولامدۇ!؟
(58) مۇشرىكلارنىڭ بىرىگە قىزى تۇغۇلغانلىق توغرىسىدا خەۋەر بېرىلسە، خەۋەر بېرىلگەن نەرسىنى قاتتىق ئۆچ كۆرگەنلىك سەۋەبىدىن چىرايلىرى قارىداپ كېتىدۇ، دىلى غەم-قايغۇغا توشۇپ كېتىدۇ، ئاندىن ئۆزىگە رازى بولمىغان نەرسىنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىدۇ!.
(59) قىز تۇغۇلغانلىق توغرىسىدا يەتكۈزۈلگەن يامان خەۋەردىن قورقۇپ ئۆز قەۋمىگە كۆرۈنمەي يوشۇرۇنىۋالىدۇ، كۆڭلىدە: بۇ قىزنى خارلىق ۋە كۆڭلى سۇنغان ھالدا تۇتۇپ قالامدۇ ياكى توپىغا ئاستىغا تېرىك كۆمۈۋېتەمدۇ؟ مۇشرىكلارنىڭ قىلغان ھۆكمى نېمىدېگەن قەبىھ!، ئۇلار ئۆزلىرىگە ياقتۇرمىغاننى پەرۋەردىگارى ئۈچۈن ھۆكۈم بېرىدۇ.
(60) ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان كاپىرلار ئۈچۈن ئوغۇلغا ئېھتىياجلىق بولۇش، نادانلىق ۋە كۇپىردىن ئىبارەت يامان سۈپەتلەر بار، ئاللاھ ئۈچۈن كاتتىلىق، كامالەت، بىھاجەتلىك ۋە ئىلىم قاتارلىق ماختالغۇچى سۈپەتلەر بار. ئاللاھ غالىب بولۇپ، ھېچ بىراۋ ئۇنى مەغلۇپ قىلالمايدۇ. ئاللاھ ئۆز مەخلۇقاتلىرىغا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. يولغا قويغان .ھۆكۈملىرىدە، بەلگىلىمىلىرىدە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
(61) ئەگەر ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا ئىنسانلارنى زۇلۇم قىلغانلىقى ۋە كاپىر بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئازابلايدىغان بولسا ئىدى، زېمىن يۈزىدە پۇتى بىلەن ماڭىدىغان ئىنسان ۋە ئۆمۈلەپ يۈرىدىغان ھايۋان قالمىغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئۆز ئىلمىدە بەلگىلەنگەن مۇددەتكىچە كېچىكتۈرىدۇ، ئۆز ئىلمىدىكى بەلگىلەنگەن مۇددەت كەلگەندە، قىلچىمۇ كېچىكتۈرۈلمەيدۇ ۋە قىلچىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ.
(62) ئۇلار ئۆزلىرىگە نىسبەت بېرىلىشنى ياقتۇرمايدىغان قىزلارنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىدۇ، ئۇلار تىللىرى بىلەن يالغان سۆزلەپ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئېسىل مەرتىۋىلەرنىڭ بارلىقىنى دەۋا قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ سۆزى راست بولسا چوقۇم ئۇلار قىيامەت كۈنىدە دېگەنلىرىدەك تېرىلدۈرىلىدۇ، دوزاخ ئۇلارغا لايىق بولدى، ئۇلار دوزاخقا تاشلىنىدۇ، دوزاختىن ئەبەدى چىقمايدۇ.
(63) ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ھەقىقەتەن بىز سېنىڭدىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق. شەيتان ئۇلارغا: ئۇلارنىڭ شېرىك، كۇپۇر، گۇناھ-مەسىيەت قاتارلىق ئەمەللىرىنى چېرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلار شەيتاننى قىيامەت كۈنىدە ئۆزلىرىگە ياردەم بېرىدىغان مەدەتكار دەپ ئويلىدى، ئۇلار ئۈچۈن قىيامەت كۈنىدە دەرتلىك ئازاب بار.
(64) ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىز قۇرئان كەرىمنى ساڭا پەقەت بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن ئۇلار ئىختىلاپ قېلىشقان تەۋھىد، ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىش ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بايان قىلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن نازىل قىلدۇق. قۇرئان كەرىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشەنگەن مۆئمىنلەر ئۈچۈن ھىدايەت ۋە رەھمەتتۇر، ھەقىقەتەن قۇرئاندىن ئۇلارلا .مەنپەئەتلىنىدۇ
(65) ئاللاھ ئاسماندىن يامغۇر ياغدرۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن قاغجىراپ كەتكەن زېمىننى ياشنىتىپ زېمىندىن تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنى چېقىرىدۇ، ھەقىقەتەن ئاسماندىن يامغۇر چۈشۈرۈشتە، زېمىندىن زىرائەتلەرنى چېقىرىشتا، ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلايدىغان ۋە ئۇنى تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى نامايەندە قېلىدىغان روشەن دەلىللەر .بار
(66) ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن سىلەر ئۈچۈن تۆگە، كالا ۋە قويلاردا بىر ۋەز-نەسىھەت بار، بىز سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ قورسىقىدىكى ئارتۇق نەرسىلەر بىلەن، جىسمىدىكى قاننىڭ ئارىسىدىن چىققان سۈت بىلەن سۇغۇرىمىز، مۇشۇنداق جايدىن ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان ساپ- سۈزۈك سۈت چېقىدۇ.
(67) سىلەر ئۈچۈن بىز سىلەرگە رىزىق قېلىپ بەرگەن خورمە ۋە ئۈزۈم مېۋىلىرىدە سىلەرگە ئىبرەت باركى، سىلەر ئۇنىڭدىن ئەقىلنى كەتكۈزىۋېتىدىغان ياخشى بولمىغان شاراپلارنى ياسايسىلەر، ۋە ئۇنىڭدىن يەنە خورما، قۇرۇق ئۈزۈم، ئاچچىقسۇ، ۋە خورما تالقىنى قاتارلىق مەنپەئەتلىنىدىغان چېرايلىق رىزىقلارنى قېلىسىلەر، ھەقىقەتەن يۇقىرىدا زىكىر قېلىنغاندەك بەندىلەرگە ئىنئام قىلىنغان نەرسىلەردە ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان ۋە ئىبرەت ئالىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەر بار.
(68) ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! پەرۋەردىگارىڭ ھەسەل ھەرىسىگە ئىلھام قىلىپ يول كۆرسۈتۈپ: تاغلاردا، دەرەخلەردە ئۇۋا تۇتقىن، كىشىلەرنىڭ ھەسەل ھەرىلىرى ئۈچۈن ياسىغان جايلىرىدا ئۇۋا تۇتۇپ ئۇلارنى .ھەسەل بىلەن مەنپەئەتلەندۇرگىن، دېدى
(69) ئاندىن ئىشتىھايىڭ تارتقان تۈرلۈك مېۋىلەرنىڭ ھەممىسىدىن يېگىن، پەرۋەردىگارىڭ ساڭا ئىلھام قىلغان ۋە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن يولدىن ماڭغىن، ئاشۇ ھەرىنىڭ قورسىقىدىن ئاق، سېرىق رەڭدىكى تۈرلۈك ھەسەللار چېقىدۇ، بۇنىڭدا كىشىلەرگە شىپا بار، ئۇنىڭ بىلەن كېسەللىرىنى داۋالايدۇ. ھەقىقەتەن ئاشۇ ھەرىگە ئىلھام قىلىش ۋە ئۇنىڭ قورسىقىدىن چىققان ھەسەللەردە پىكىر قىلىدىغان ۋە ئىبرەت ئالىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشتىكى .قۇدىرتىگە .دالالەت قىلىدىغان دەلىللەر بار
(70) ئاللاھ سىلەرنى ئۆرنەكسىز ياراتتى، ئاندىن ئەجىلىڭلار تۈگۈگەندە سىلەرنى ۋاپات تاپتۇرىدۇ، سىلەردىن بەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يامان باسقۇچىغىچە يەنى بەك قېرىپ كەتكۈچە ياشايدىغانلار بار، ئۇ دەۋرىدە ئىلگىرى بىلگەن نەرسىلىرىنى بىلمەيدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، بەندىلىرىنىڭ ئىشىدىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپى قالمايدۇ، ئاللاھ ھەممىگە قادىر، ئاللاھنى ھېچ .نەرسە ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ
(71) ئاللاھ سۈبھانەھۇ ۋەتەئەلا سىلەرنىڭ بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن رىزىقتا ئۈستۈن قىلدى، سىلەردىن بەزىڭلارنى باي، بەزىڭلارنى كەمبەغەل، بەزىڭلارنى خوجايىن قىلسا بەزىڭلارنى ئىشلەمچى قىلدى. ئاللاھ رىزقىنى ئۈستۈن قىلغانلار قول ئاستىدىكىلەر بىلەن رىزىققا ئىگە بولۇشتا باراۋەر بولۇپ ئۇلارنى رىزىققا شېرىك قېلىۋىلىش ئۈچۈن، ئاللاھ ئۆزلىرىگە بەرگەن نەرسىلەرنى ئۇلارغا بەرمەيدۇ، ئەمما ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى ئاللاھقا شېرىك قىلىشقا قانداقمۇ رازى بولىدۇ؟، ئۇلار قۇللارنىڭ ئۆزلىرىگە شېرىك بولۇشنى ۋە ئۆزلىرى بىلەن رىزىقتا باراۋەر بولۇشىغا رازى بولمايدىغان تۇرسا؟، بۇ قانداق زۇلۇم؟! ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە بۇنىڭدىنمۇ بەكراق تۇزكورلۇق بولمىسا كېرەك!؟.
(72) ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرنىڭ جىنسىڭلاردىن سىلەرنىڭ ئۈنسى-ئۇلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ئاياللىرىڭلارنى ياراتتى، ئاياللىرىڭلاردىن ئەۋلادلارنى ۋە نەۋىرلەرنى قىلدى، سىلەرگە گۆش ۋە مېۋىلەرگە ئوخشاش پاك يېمىكلىكلەرنى رىزىق قېلىپ بەردى. بۇت-ھەيكەللەردىن ئىبارەت باتىلغا ئىشىنىپ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان ساناپ-تۈگەتكۈسىز نېئمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قېلامسىلەر؟ ئاللاھقا شۈكۈر قىلمامسىلەر، يالغۇز بىر ئاللاھقىلا ئىشەنمەمسىلەر!؟.
(73) ئاشۇ مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا ئىبادەت قىلىدۇ، ئۇ بۇتلار ئۇلارغا ئاسمانلاردىن ھېچقانداق رىزىق چۈشۈرۈپ بېرەلمەيدۇ ۋە زېمىندىنمۇ ھېچقانداق رىزىق چېقىرىپ بېرەلمەيدۇ، ئۇلار جانسىز ۋە ھېچ نەرسە بىلمەيدىغان ماددىلاردىن بولغانلىقى ئۈچۈن ھېچ نەرسىگە .ئىگە بولالمايدۇ
(74) ئى ئىنسانلار! سىلەر پايدا-زىيان كەلتۈرەلمەيدىغان بۇ بۇتلارنى ئاللاھقا ئوخشاتماڭلار ۋە ئىبادەتتىمۇ ئۇنىڭغا شېرىك قىلماڭلار. ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۆزى ئۈچۈن بولغان ئۇلۇغ، كاتتا سۈپەتلەرنى بىلىدۇ، ئۇنى سىلەر بىلمەيسىلەر، بۇتلىرىڭلار ئۈچۈن ئوخشاشلىقنى دەۋا قىلىپ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىسىلەر.
(75) ئاللاھ سۈبھانەھۇ ۋەتەئەلا مۇشرىكلارغا رەددىيە بېرىپ مۇنداق بىر مىسالنى بايان قىلىدۇ: ھېچ قانداق پايدا-مەپەئەت يەتكۈزەلمەيدىغان، تەسەررۇپ قىلىشتىن ئاجىز بولغان بىر قۇل بىلەن، بىز بەرگەن مال-مۈلۈكنى ئەركىن خالىغانچە تەسەررۇپ قېلىدىغان، ئاشكارا-يوشۇرۇن خالىغانچە خەيرى-ئېھسان قىلىدىغان بىرى قانداقمۇ باراۋەر بولىدۇ؟، سىلەر ئۆز مۈلكىدە خالىغانچە تەسەررۇپ قېلىدىغان ئاللاھ بىلەن ئاجىز بۇتلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى قانداق باراۋەر قىلىسىلەر؟. ھەمدۇ-سانالارغا ئاللاھ ئەڭ ھەقلىقتۇر. بەلكى مۇشرىكلارنىڭ كۆپچىلىكى ئاللاھنىڭ يەككە-يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى ۋە ئىبادەتكە لايىق مەبۇد بەرھەق .ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ
(76) ئاللاھ تائالا ئۇلارغا رەت قايتۇرۇپ بۇ ئىككى كىشىنىڭ مىسالىغا ئوخشاش يەنە بىر مىسال بايان قىلىپ بەردى: ئىككى كىشى بىرى ئاڭلىمايدىغان، سۆزلىيەلمەيدىغان ۋە بىر نەرسە چۈشەنمەيدىغان گاچا، ئۇنىڭ پاڭلىقى گاچىلىقى ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتىن ئاجىز كەلگەنلىكى ئۆزىگە ئىگە بولغان كىشىگە ئېغىرچىلىق بولىدۇ، قايسى تەرەپكە ئەۋەتسە ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ، تەلەپ قىلغان نەرسىگە ئېرىشىش بىلەن ئۇتۇق قازىنالمايدۇ، مۇشۇنداق ھالەتتىكى كىشى بىلەن ئاڭلاش ۋە سۆزلەش ئەزاسى ساغلام، تۈرلۈك مەنپەئەتلەرنى يەتكۈزەلەيدىغان، كىشىلەرنى ئادالەتنى بەرپا قېلىشقا بۇيرۇيدىغان، ھېچ قانداق قىڭغىرلىقى بولمىغان روشەن توغرا يولدا بولغان بىر كىشى باراۋەر بولامدۇ؟. ئى مۇشرىكلار سىلەر قانداقمۇ ھەممىدىن ئۇلۇغ ۋە مۇكەممەل سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن ئاللاھ بىلەن، ئاڭلىمايدىغان ۋە سۆزلىيەلمەيدىغان، ھېچقانداق پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان ۋە زىياننى يوق قېلىۋېتەلمەيدىغان بۇتلارنىڭ ئارىسىنى باراۋەر قىلىسىلەر؟.
(77) ئاسمان ۋە زېمىندىكى بارلىق غەيبى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىش يالغۇز بىر ئاللاھقا خاستۇر. غەيىب ئىلمى ئاللاھ ئۆزىنىڭ بىلىشى بىلەن چەكلەنگەن خۇسۇسىيەتتۇر. قىيامەتنىڭ ئىشىمۇ ئاللاھنىڭ بېلىشى بىلەنلا چەكلىنىلگەن غەيبى ئىلىملەردىن بولۇپ، ئەگەر ئاللاھ خالىسا قىيامەت كۆز-يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تىز ۋاقىتتا بولىدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، ئاللاھنى ھېچ نەرسە ئاجىز قىلالمايدۇ، ئاللاھ بىر نەرسىنىڭ بولىشىنى خالىسا "ۋۇجۇتقا كەل" دەيدۇ، ئۇ بولىدۇ.
(78) ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرنى ھامىلدارلىق مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن سىلەر ھېچ نەرسىنى بىلمەيدىغان ھالەتتە چىقاردى، سىلەرنىڭ ئاڭلىشىڭلار ئۈچۈن قۇلاقنى قىلدى، كۆرۈشۈڭلار ئۈچۈن كۆزنى قىلدى، ئەقىل ئېشلىتىشىڭلار ئۈچۈن قەلبنى قىلدى، ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىشىڭلار ئۈمىد .قېلىنىدۇ
(79) مۇشرىكلار، بويسۇندۇرۇلغان ۋە ئاللاھ ئاتا قىلغان قانات ۋە يۇمشاق ھاۋادا ئۇچۇشقا تەييارلانغان قۇشلارغا قاراپ باقمامدۇ؟. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىلھامى بىلەن قاناتلىرىنى يايىدۇ ۋە يېغىدۇ، ئۇلارنى ھاۋادا چۈشۈپ كېتىشتىن تۇتۇپ تۇرۇشقا پەقەت ئاللاھ قادىر بولالايدۇ، ھەقىقەتەن ئاشۇنداق قۇشلارنى بويسۇندۇرۇش ۋە چۈشۈپ كېتىشتىن تۇتۇپ تۇرۇشتا ئاللاھقا ئېشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەر بار، چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ قۇدرىتىغا دالالەت قىلىدىغان نەرسىلەردىن ئىبرەت ۋە مەنپەئەت ئالىدۇ.
(80) ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئارام ئېلىشىڭلار ۋە راھەتلىنىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە تاشتىن ۋە باشقا نەرسىلەردىن ياسالغان ئۆيلەرنى قىلدى. بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يۆتكەلگەندە ئۇنى كۆتۈرۈش سىلەرگە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، تۆگىنىڭ، كالىنىڭ ۋە قوينىڭ تېرىلىرىدىن سەھرادا شەھەرلەردىكى ئۆيلەرگە ئوخشايدىغان چېدىرلارنى قىلدى. بىر يەرگە چۈشكەندە ئۇنى قوراشتۇرۇشمۇ ئاسان بولىدۇ، سىلەر ئۈچۈن قوي ۋە تۆگىنىڭ يۇڭى، ئۆچكىنىڭ تىۋىتى، مەلۇم مۇددەتكىچە مەنپەئەتلىنىدىغان تولۇم، يۇڭ تاغار ۋە ئۆيگە سالىدىغان كىگىز ۋە شىرداقلارنى قىلدى.
(81) ئاللاھ سىلەرگە تاغلاردىن ۋە بىنالاردىن ئىسسىقتىن ساقلىنىدىغان سايىلەرنى قىلدى. تاغلاردىن سوغۇقتىن، ئىسسىقتىن ۋە دۈشمەندىن مۇداپىئە قېلىدىغان غار، ئۆڭكۈر كامارلارنى قىلدى. سىلەرنىڭ ئىسسىق ۋە سوغۇقتىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە پاختا ۋە باشقا رەختلەردىن كۆينەك قاتارلىق كىيىملەرنى قىلدى. ئۇرۇشتا سىلەرنى مۇداپىئە قىلىدىغان تۆمۈر كىيىملەرنى قىلدى، قورال سىلەرنىڭ جىسمىڭلارغا تەگمەيدۇ، ئاللاھ سىلەرگە ئىلگىرىكى نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغاندەك سىلەرگە نېئمىتىنى مۇكەممەل قىلىپ بېرىدۇ. سىلەردىن پەقەت يېگانە ئاللاھقىلا بويسۇنۇش ۋە ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرمەسلىكلا .ئۈمىد قېلىنىدۇ
(82) ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇلار سەن ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى تەستىقلاش ۋە ئىمان كەلتۈرۈشتىن يۈز ئۆرۈسە، سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ پەقەت ئۇلارغا يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغاننى ئوچۇق يەتكۈزۈشتۇر. ئۇلارنى ھىدايەت قىلىش سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ ئەمەس.
(83) مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنى تونۇيدۇ، ئۇ نېئمەتلەر جۈملىسىدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا ئەۋەتتى، ئاندىن ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلماستىن ئۇنىڭدىن تانىدۇ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى يالغانغا چېقىرىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە تانغۇچىلاردۇر.
(84) ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىنى، ھەر بىر ئۈممەت ئىچىدىن ئىمان ئېيتقان ياكى كاپىر بولغانلىقىغا گۇۋاھچى بولۇش ئۈچۈن ئەۋەتىدۇ، ئاندىن كېيىن كاپىرلارنىڭ ئۆزۈر ئېيتىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى دۇنياغا قايتۇرمايدۇ، چۈنكى ئاخىرەت ھېساب مەقامى ئەمەلنىڭ ماكانى ئەمەستۇر.
(85) زالىم مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ ئازابىنى ئاشكارا كۆرگەن ۋاقتىدا ئازاب ئۇلاردىن يەڭگىللىتىلمەيدۇ، ئازابنى ئۇلاردىن كېچىكتۈرۈشكە مۆھلەتمۇ .بېرىلمەيدۇ، بەلكى ئۇلار دوزاخقا كېرىپ ئۇ يەردە ئەبەدى مەڭگۈ قالىدۇ
(86) مۇشرىكلار ئاخىرتتە ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلىرىنى ئاشكارا كۆرگەن ۋاقىتتا: پەرۋەردىگارىمىز! بۇلار بولسا بىزنىڭ سىلىنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلىرىمىز دەيدۇ، ئۇلار بۇ سۆزنى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى ئۇلارغا يۈكلەپ قويۇش ئۈچۈن دەيدۇ، مەبۇدلىرى ئۇلارغا رەت قايتۇرۇپ: ئى مۇشرىكلار! سىلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ قىلغان ئىبادەتلىرىڭلاردا يالغانچى، ئاللاھ بىلەن بىرگە ئىبادەت قېلىنىدىغان ھېچ .شېرىكى يوق، دەيدۇ
(87) مۇشرىكلار تەسلىم بولىدۇ، بىر ئاللاھقا بويسۇنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بۇتلىرىمىز شاپائەت قىلىدۇ دېگەن توقۇلما دەۋالىرى يوق .بولىدۇ
(88) ئاللاھقا كاپىر بولغان ۋە باشقىلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان بەدبەختلەرگە ئۇلارنىڭ بۇزۇقلىقى ۋە باشقىلارنى بۇزۇپ يولدىن ئازدۇرغانلىقى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كاپىر بولغانلىقى سەۋەبىدىن ھەقلىق بولغان ئازابقا ئازابنى تېخىمۇ زىيادە قېلىمىز.
(89) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! قىيامەت كۈنى بىز ھەر بىر ئۈممەتكە ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتقان ياكى كاپىر بولغانلىقىغا شاھىت بولىدىغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىمىز، بۇ پەيغەمبەر ئۇلارنىڭ مىللىتىدىن بولىدۇ، ئۇلارنىڭ تىلىدە سۆزلەيدۇ. ئى پەيغەمبەر! بىز سېنى بارلىق ئۈممەتلەرگە شاھىت قىلىپ ئەكىلىمىز. بىز ساڭا ھالال-ھارام، ساۋاب-جازا قاتارلىق بايان قىلىپ بېرىشكە ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق نەرسىلەرنى بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن قۇرئاننى نازىل قىلدۇق. قۇرئاننى كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلايدىغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭدىكى ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلغانلارغا رەھمەت قىلىپ، ئاللاھقا ئىشەنگەن مۆمىنلەرگە ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان دائىملىق نېمەتلەر بىلەن خوشخەۋەر بېرىش ئۈچۈن .نازىل قىلدۇق
(90) ھەقىقەتەن ئاللاھ بەندىلىرىنى ئادىللىق قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەندە ئاللاھنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئادا قىلىدۇ. ھۆكۈمدە كىشىلەر بىر-بىرىدىن ئارتۇق بولمايدۇ، بۇ ئارتۇقچىلىق پەقەت ھەق بىلەن بولىدۇ، ئاللاھ ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئىنسان ئۆزىگە پەرز بولمىغان خەير-ئېھسان، زۇلۇمنى ئەپۇ قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قېلىدۇ، يېقىن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىغا ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنى بىرىشكە بۇيرۇيدۇ، ناچار سۆز ۋە زىناغا ئوخشاش قەبىھ ئىشلاردىن ۋە شەرىئەت ئىنكار قىلغان گۇناھ ئىشلاردىن چەكلەيدۇ، باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشتىن، كىشىلەرگە چوڭچىلىق قېلىشتىن توسىدۇ، ئاللاھ مۇشۇ ئايەتتە سىلەرنى بۇيرىغان ۋە چەكلىگەن ئىشلار بىلەن سىلەرگە ۋەز-نەسىھەت قىلىدۇ، بۇ ۋەز-نەسىھەتتىن سىلەرنىڭ ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈمىد قىلىنىدۇ.
(91) سىلەر ئاللاھ بىلەن تۈزۈشكەن ۋە كىشىلەر بىلەن تۈزۈشكەن بارلىق ئەھدىلەرگە تولۇق ۋاپا قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ كۈچەيتكەن قەسەمنى بۇزماڭلار. سىلەر قەسەم قىلىپ تۈزگەن ئەھدىگە ۋاپا قىلىشتا ئاللاھنى شاھىت قىلدىڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپى قالمايدۇ، ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا كۆرە جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
(92) سىلەر ئەقىلسىز دۆت كىشىلەردەك ئەھدىنى بۇزماڭلار، خۇددى جاپا تارتىپ يۇڭ ياكى پاختىدىن يىپ ئېگىرىپ، يىپنى پىششىق ئېگىرىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى بۇزۇپ، پارچە-پارچە قىلىپ ئىگىرمىگەندەك ئەسلى ھالىتىگە ئەكىلىپ قويغان ئەخمەق خوتۇنغا ئوخشاش بولماڭلار، ئۇ ئايال يىپىنى ئېگىرىش ۋە بۇزۇشتا كۆپ جاپا تارتتى، لېكىن تەلەپ قىلغان نەرسىسىگە ئېرىشەلمىدى. جامائەتلىرىڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلاردىن كۆپ ۋە كۈچلۈك بولىشى ئۈچۈن سىلەر قەسەملىرىڭلارنى بىر-بىرىڭلارنى ئالدايدىغان ۋاسىتە قېلىۋالماڭلار. سىلەرنى ئەھدىگە ۋاپا قىلامدۇ ياكى بۇزامدۇ؟ دەپ ھەقىقەتەن ئاللاھ سىلەرنى ئەھدىگە ۋاپا قىلىش بىلەن سىنايدۇ. ئاللاھ قىيامەت كۈنىدە دۇنيادا سىلەرنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشىڭلارنى ئەلۋەتتە روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇ كۈندە ھەقنى باتىلدىن، راستنى يالغاندىن ئايرىپ بايان قىلىپ بېرىدۇ.
(93) ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ھەقكە ئىتتىپاق كەلگەن بىر ئۈممەت قىلاتتى، لېكىن ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئادالىتى بىلەن خالىغان كىشىنى ھەقتىن ۋە ئەھدىگە ۋاپا قىلىشتىن خارلاش بىلەن ئازدۇرىدۇ ۋە خالىغان كىشىنى ئۆزىنىڭ پەزلى بىلەن ھەققە مۇۋەپپەق قېلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن قىيامەت كۈنى دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىڭلاردىن ئەلۋەتتە سوئال قىلىنىسىلەر.
(94) سىلەر قەسەملىرىڭلارنى بىر-بىرىڭلارنى ئالدايدىغان ۋاستە قىلىۋالماڭلار، قەسەملىرىڭلاردا خاھىشىڭلارغا ئەگىشىسىلەر، خالىغان ۋاقىتتا ئەھدىنى بۇزىسىلەر ۋە خالىغان ۋاقىتتا ۋاپا قىلىسىلەر، سىلەر شۇنداق قىلساڭلار قەدەملىرىڭلار توغرا يولدا مۇستەھكەم بولغاندىن كېيىن ئۇ يولدىن تېيىلىپ كېتىسىلەر، ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازغانلىقىڭلار سەۋەبىدىن ئازابنى تېتىيسىلەر، باشقىلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىۋەتكىنىڭلار ئۈچۈن ھەسسىلەپ ئازاب بار.
(95) سىلەر ئاللاھنىڭ ئەھدىسىنى ۋاپا قىلىشنى تەرك قىلىپ ئەھدىنى بۇزۇشقا ئاساسەن ئەرزىمەس نەرسىگە ئالماشتۇرىۋەتمەڭلار، ئەگەر بىلىسەڭلار ئەھدىنى بۇزۇش بەدىلىگە ئېرىشكەن ئازراق نەرسەڭلاردىن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى دۇنيادا غەلبە-غەنىمەت، ئاخىرەتتە دائىملىق نېمەت قاتارلىقلار ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ياخشىدۇر.
(96) ئى ئىنسانلار! سىلەرنىڭ يېنىڭلاردىكى مال-دۇنيا، لەززەت ۋە نېئمەتلەر ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ تۈگەيدۇ، ئەمما ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى مۇكاپات باقىدۇر، ئۇنداقتا يوقالغۇچى نەرسىنى قانداقمۇ باقى قالىدىغان نەرسىدىن ئارتۇق بىلىسىلەر!؟ بەرگەن ئەھدىسىگە سەۋىر قىلىپ ئەھدىسىنى بۇزمىغانلارنى، قىلغان تائەت -ئەمەللىرىدىن ياخشىراق بولغان ساۋاپ بىلەن مۇكاپاتلايمىز. بىر ياخشىلىقنى ئۆزىنىڭ ئون باراۋىرىدە ھەتتا يەتتە يۈز ھەسسە ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ئاشۇرۇپ مۇكاپاتلايمىز.
(97) ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن كىمكى ئاللاھقا ئىشىنىپ شەرىئەتكە مۇۋاپىق ياخشى ئەمەل قېلىدىكەن، ئۇنى دۇنيادا تائەت-ئىبادەتكە مۇۋەپپەق قىلىپ، قانائەتچانلىق، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە رازى بولىدىغان ياخشى بىر ھاياتتا ياشنىتىمىز، ئاخىرەتتە ئۇلارنى دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىدىن كاتتا بولغان ئەجىر-ساۋاپ بىلەن مۇكاپاتلايمىز.
(98) ئى مۆمىن! قۇرئان ئوقۇشنى مەقسەت قىلغان ۋاقتىڭدا ئاللاھدىن ئۇنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن پاناھلىق بېرىشنى سورىغىن.
(99) ئاللاھقا ئىشەنگەن، بارلىق ئىشلىرىدا يالغۇز پەرۋەردىگارىغا تايانغان كىشىلەرگە شەيتان ھەرگىزمۇ ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ.
(100) ھەقىقەتەن شەيتان ۋەسۋەسە بىلەن ئۆزىنى دوست تۇتقان ۋە ئىغۋا قىلىش بىلەن ئۆزىگە ئىتائەت قىلغان كىشىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلالايدۇ، ئۇلار شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى سەۋەبىدىن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدۇ ۋە ئاللاھقا ئىبادەتتە باشقا بىرىنى شېرىك قىلىدۇ.
(101) بىز قۇرئان ئايەتلىرىدىن بىر ئايەتنىڭ ھۆكمىنى يەنە بىر ئايەت بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرساق، ئۇ ئايەتنىڭ ھۆكمى نېمە ئۈچۈن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىدىكى ھېكمەتنى ئاللاھ ياخشى بىلگۈچىدۇر ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغاننىمۇ ئاللاھ بىلگۈچىدۇر. ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلار: ئى مۇھەممەد! سەن يالغانچى، ئاللاھقا يالغاننى توقۇغۇچى دەيدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى بەزى ھۆكۈملەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ يۈكسەك ئىلاھى ھېكمەت بىلەن بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
(102) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، بۇ قۇرئاننى جىبرائىل ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىن خاتاسىز، ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىشتىن خالى ھالدا ئىلىپ كەلدى. ھەرۋاقىت يېڭى بىر ئايەت چۈشكەندە مۆئمىنلەرنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىمانى مۇستەھكەملىنىدۇ ۋە ئىلگىرىكى بەزى ھۆكۈملەر ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ. بۇ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھىدايەت ۋە ھاسىل بولىدىغان كاتتا ساۋابقا بىشارەتتۇر.
(103) بىز مۇشرىكلارنىڭ: ھەقىقەتەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇرئاننى بىر ئىنسان تەلىم بېرىدۇ دېگەن سۆزىنى ئوبدان بىلىمىز، ئۇلار بۇ دەۋاسىدا يالغانچىدۇر. ئۇلار، رەسۇلۇللاھقا قۇرئان ئۈگىتىدۇ دەپ گۇمان قىلغان كىشىنىڭ تىلى ئەرەب تىلى ئەمەس. بۇ قۇرئان يۇقىرى بالاغەتلىك روشەن ئەرەب تىلى بىلەن نازىل قىلىنغان تۇرسا، ئۇلار قانداقمۇ بۇ تىلى ئەرەپ بولمىغان كىشىدىن تەلىم ئالىدۇ دەپ ئويلايدۇ!؟.
(104) ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىن نازىل بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمەيدىغانلارنى، ئۇلار مۇشۇ قارىشىنى داۋاملاشتۇرغان مۇددەتتە ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلمايدۇ. ئاللاھقا كاپىر بولغانلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا دەرتلىك ئازاب بار.
(105) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن قۇرئان توغرىسىدا يالغانچى ئەمەس، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمەيدىغان بەدبەختلەر ئاللاھقا يالغاننى توقۇيدۇ، چۈنكى ئۇلار ئازابتىن قورۇقمايدۇ ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلمايدۇ، كۇپۇرلۇق بىلەن سۈپەتلەنگەن ئاشۇلار يالغانچىلاردۇر، چۈنكى يالغانچىلىق ئۇلارنىڭ .كۆنۈپ كەتكەن ئادىتىدۇر
(106) كىمكى ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن مۇشرىكلارنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئاللاھقا كاپىر بولسا، تىلى بىلەن كۇپىر سۆزىنى دېسىمۇ دىلىدا ئىماننىڭ ھەقىقىتىگە ئىشىنىپ قەلبى ئىمانغا تولغان بولسا، بۇلار ئەپۇ قىلىنىدۇ. ئەمما قەلبى كۇپۇرغا مايىل بولۇپ، كۇپىرنى ئىماندىن ئۈستۈن بىلگەن، كۇپىر سۆزىنى ئىختىيارى سۆزلىگەن كىشى ئىسلامدىن يانغان مۇرتەد ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ غەزىبى ۋە كاتتا ئازابى باردۇر.
(107) ئۇلارنىڭ دىندىن يېنىۋىلىشىنىڭ سەۋەبى، ھەقىقەتەن ئۇلار ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىشنىڭ مۇكاپاتى ئۈچۈن دۇنيادا ئېرىشىدىغان ئېتىبارسىز نەرسىنى تاللىدى، ھەقىقەتەن ئاللاھ كاپىر قەۋمنى ئىمانغا ھىدايەت .قىلمايدۇ بەلكى ئۇلارنى خار قىلىدۇ
(108) ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن مۇرتەدلىك سۈپىتى بىلەن سۈپەتلەنگەن ئاشۇ كىشىلەرنىڭ دىللىرىغا، قۇلاقلىرى ۋە كۆزلىرىگە پېچەت ئۇرۇۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇلار ۋەز-نەسىھەتنى چۈشەنمەيدۇ، ھەقىقەتنى مەنپەئەتلىنىش تەرىقىسىدە ئاڭلىمايدۇ، ئاللاھنىڭ ئىمانغا يېتەكلەيدىغان ئايەتلىرىنى كۆرمەيدۇ، ئۇلار بەخت-سائادەتنىڭ سەۋەبلىرىدىن غاپىلدۇر، ئاللاھ .ئۇلارغا تەييارلىغان ئازاب بىلەن بەختسىز شەقىلەردىندۇر
(109) ھەقىقەتەن ئۇلار قىيامەت كۈنىدە چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردۇر، ئۇلار ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كاپىر بولغانلىق سەۋەبى بىلەن ئۆزلىرىنى زىيانغا ئۇچراتتى. ئەگەر ئۇلار ئىماندا مۇستەھكەم تۇرغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە جەننەتكە كېرگەن بولاتتى.
(110) ئاندىن ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ئاجىز مۇسۇلمانلاردىن مۇشرىكلارنىڭ قېيىن-قىستاقلىرىغا ۋە دىنى جەھەتتە ئېغىر سىناقلىرىغا دۇچ كىلىپ، قەلبى ئىمانغا تولغان ھالەتتە مەجبۇرى كۇپۇر كەلىمىسىنى سۆزلىگەندىن كېيىن مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان، ئاندىن ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئالى قىلىش ۋە كاپىرلارنىڭ سۆزىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان ۋە جىھادنىڭ مۇشەققەتلىرىگە سەۋىر قىلغانلارنى پەرۋەردىگارىڭ ئاشۇ سىناقلار بىلەن سىنىغاندىن كېيىن، ئۇلار كۇپىر سۆزىنى سۆزلىگۈدەك دەرىجىدە ئازابلانغاندىن كېيىن، مەجبۇرى ھالەتتە ئاللاھقا كاپىر بولىدىغان سۆزنى قىلغان تەقدىردە، ئاللاھ ئۇلارغا مەرھەمەت قىلىپ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قېلىدۇ، چۈنكى ئۇلار كۇپىر سۆزىنى ئۆزى خالاپ ئەمەس بەلكى يامان كۆرگەن ھالەتتە مەجبۇرى سۆزلىگەن.
(111) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ھەر كىشى ئۆز نەپسى بىلەن بولۇپ كېتىدىغان، ئورۇننىڭ ھەيبىتىدىن باشقىلار بىلەن كارى بولمايدىغان، ھەر بىر قىلغان ياخشى-يامان ئەمەللىرىنىڭ جازا-مۇكاپاتىنى تولۇق ئالىدىغان، ئۇلارغا ياخشىلىقى كېمەيتىلىش ۋە خاتالىقى زىيادە قېلىنىش بىلەن زۇلۇم قېلىنمايدىغان قىيامەت كۈنىنى ئەسلىگىن.
(112) ئاللاھ مەككىدىن ئىبارەت بىر شەھەرنىڭ مىسالىنى بايان قىلىپ، مەككە ئەھلى تېنچ-خاتىرجەم بولۇپ پاراۋان تۇرمۇشتا ياشايتتى، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر تالان-تاراجقا ئۇچرايتتى، مەككە ئەھلىنىڭ رىزقى ھەرتەرەپتىن ئاسانلا كېلەتتى، ئۇلار ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە كاپىر بولدى شۈكۈر ئېيتمىدى، ئاللاھ ئۇلارنى جىسىملىرىدا نامايەندە بولىدىغان ئاچارچىلىقتىن ئورۇقلاش، قاتتىق قورقۇنچتىن بىئارام بولۇش قاتارلىق جازالار بىلەن ئازابلىدى، ئۇلارنىڭ ئاللاھقا كاپىر بولۇش ۋە پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلىشقا ئوخشىغان ئەمەللىرى سەۋەبىدىن بۇ ئازابلار ئۇلاردىن .ئايرىلمىدى
(113) ھەقىقەتەن مەككە ئەھلىگە ئۇلارنىڭ ئېچىدە ئۇلارغا ئامانەتدارلىق ۋە راستچىللىق بىلەن تونۇشلۇق بولغان بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىمىز، ئۇ پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر، ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل بولغان قۇرئاننى ئىنكار قىلدى، ئاللاھ ئۇلارغا ئاچارچىلىق ۋە قورقۇنچتىن ئىبارەت ئازابنى چۈشۈردى. ئۇلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىپ ھالاك بولدى.
(114) ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قېلىپ بەرگەن يەنى يېيىش ھالال قىلىنغان پاكىز يېمەكلىكلەرنى يەڭلار، ئەگەر سىلەر يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قېلىدىغان ۋە ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدىغان بولساڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە بۇ نېئمەتنى ئاللاھ رازى بولىدىغان يولغا سەرپ قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىڭلار.
(115) ئاللاھ سىلەرگە يېمەكلىكلەردىن شەرئىي يول بىلەن ئۆلتۈرۈلمەستىن ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، ئېتىلىپ چىققان قاننى، چوشقىنىڭ ھەممە ئەزالىرىنى، ئاللاھنىڭ غەيرىگە يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋانلارنى يېيىشنى ھارام قىلدى. بۇ چەكلىمە ئىختىيارى ھالەتتە بولىدۇ، بىر كىشى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان نەرسىلەرنى يېيىشكە مەجبۇر بولسا، ئۇنىڭدىن ھارامدىن لەززەتلىنىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلگىلەنگەن ھاجەت مىقدارىدىن ئېشىپ كەتمىگەن ھالدا مەزكۇر نەرسىلەردىن يېسە ئۇ كىشىگە گۇناھ بولمايدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ كەچۈرۈم قىلغۇچىدۇر، ئۇ كىشىنىڭ يېگەن نەرسىسىنى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر. زۆرۈر بولغاندا ئۇ نەرسىلەرنى دۇرۇس قىلىش بىلەن .بەندىلىرىگە مېھرىباندۇر
(116) ئى مۇشرىكلار! سىلەر تىللىرىڭلار بىلەن ئاللاھقا يالغاننى سۆزلەش ئۈچۈن: بۇ ھالال، بۇ ھارام دەپ ئاللاھقا يالغاننى توقۇش مەقسىتىدە ئاللاھ ھارام قىلمىغان نەرسىلەرنى ھارام قىلدى، ھالال قىلمىغان نەرسىلەرنى ھالال قىلدى دېمەڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھقا يالغاننى توقۇغۇچىلار تەلەپ قىلغان نەرسىسىگە ئېرىشىش ۋە ئەنسىرىگەن نەرسىسىدىن قۇتۇلۇش بىلەن ئۇتۇق قازىنالمايدۇ.
(117) ئۇلار نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەنلىكى ئۈچۈن دۇنيادا ئەرزىمەس ئازغىنە مەنپەئەت بار، ئۇلارغا قىيامەت كۈنىدە دەرتلىك ئازاب مەۋجۇت.
(118) بىز ئىلگىرى (ئەنئام سۈرىسىنىڭ 146-ئايەتتە) ساڭا بايان قىلغان نەرسىلەرنى پەقەت يەھۇدىلارغىلا ھارام قىلدۇق، بىز ئۇ نەرسىلەرنى ھارام قىلىش بىلەن ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدۇق، لېكىن ئۇلار ئازابقا سەۋەب بولىدىغان جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئۆز نەپسىگە زۇلۇم قىلدى، ئۇلارنى ھەددىدىن ئاشقانلىق سەۋەبىدىن جازالىدۇق. ئۇلارنى جازالاش يۈزىسىدىن بۇ نەرسىلەرنى ئۇلارغا ھارام قىلدۇق.
(119) ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاندىن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ، ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلمەستىن گەرچە ئۇلار يامان ئىشنى قەستەن قىلسىمۇ ياكى يامان ئىشنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ خاتا ئەمەللىرىنى تۈزەتسە، تەۋبە قىلغاندىن كېيىن پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە ئۇلارغا مېھرىباندۇر.
(120) ھەقىقەتەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بارلىق ياخشى خىسلەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن، دائىم پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلىدىغان، بارلىق باتىل دىنلاردىن ئىسلام دىنىغا مايىل بولغان، ھەرگىزمۇ مۇشرىكلاردىن بولمىغان ئېدى.
(121) ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلغۇچى بولغانلىقتىن، ئاللاھ ئۇنى پەيغەمبەرلىك ئۈچۈن تاللىدى، ئۇنى راۋرۇس ئىسلام دىنىغا باشلىدى.
(122) بىز ئۇنىڭغا دۇنيادا پەيغەمبەرلىك، گۈزەل مەدھىيلىنىش، ياخشى ئەۋلادلارنى بەردۇق، ھەقىقەتەن ئۇ، ئاخىرەتتە ئاللاھ جەننەتتە ئالى مەرتىۋىلەرنى تەييار قىلغان ياخشى كىشىلەرنىڭ قاتارىدىندۇر
(123) ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاندىن بىز ساڭا تەۋھىدتە، مۇشرىكلاردىن ئادا-جۇدا بۈلۇشتا، ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىشتا، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلىشتا، بارلىق باتىل دىنلاردىن ھەق بولغان ئىسلام دىنىغا مايىل بولۇشتا ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگىشىشنى بۇيرۇدۇق، ئىبراھىم ھەرگىزمۇ مۇشرىكلار ئويلىغاندەك مۇشرىكلاردىن بولمىغان بەلكى ئۇ ئاللاھنى بىر بېلىدىغان مۇۋەھھىدلەردىن ئېدى.
(124) ھەقىقەتەن شەنبە كۈنىنى ئۇلۇغلاش بولسا، بۇ كۈن توغرىسىدا ئىختىلاپ قېلىشقان يەھۇدىيلارغا پەرز قېلىندى، ئۇلارغا جۈمە كۈنىنى ئۇلۇغلاپ ھېچ ئىش قىلماستىن ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇشقا بۇيرۇلغاندا، ئۇلار ئېزىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلارغا شەنبە كۈنىنى ئۇلۇغلاپ بۇ كۈندە ھېچ ئىش قىلماستىن ئىبادەت قېلىش بۇيرۇلدى. ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ قىيامەت كۈنى ئاشۇ ئىختىلاپ قىلغۇچىلارنىڭ دۇنيادا ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشلىرى توغرىسىدا ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر.
(125) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! سەن ۋە سېنىڭ مۆئمىنلەردىن بولغان ئەگەشكۈچىلىرىڭ، كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالى، چۈشەنچىسى ۋە بويسۇنۇشى خالايدىغان رەۋىشتە، ئۇلارنى قىزىقتۇرۇش ۋە قورقۇتۇشنى ئۆز ئېچىگە ئالغان نەسىھەتلەر بىلەن دىنغا دەۋەت قىلغىن. ئۇلار بىلەن سۆز، پىكىر ۋە ئەخلاقتا چېرايلىق شەكىلدە مۇنازىرىلەشكىن، سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ كىشىلەرنى توغرا يولغا كېرگۈزۈش ئەمەس پەقەت ئۇلارغا ھەقنى يەتكۈزۈش. ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ كىم ئىسلام دىنىدىن ئېزىپ كېتىۋاتىدۇ ۋە كىم دىنغا ھىدايەت قىلىنىۋاتىدۇ بۇنى ياخشى بىلگۈچىدۇر، ئۇلارنىڭ كاپىر بولغانلىقىغا ھەسرەتلىنىپ كەتمىگىن.
(126) ئەگەر سىلەر دۈشمەنلىرىڭلارنى جازالىماقچى بولساڭلار، ئاشۇرىۋەتمەستىن ئۇلارنى سىلەرگە قىلغىنىنىڭ ئوخشىشى بىلەن جازالاڭلار، ئەگەر ئۇلارنى جازالاشقا قادىر بولۇپ تۇرۇغلۇق سەۋىر قىلساڭلار ھەقىقەتەن بۇ سەۋىر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئىنتىقام ئىلىشتىن ياخشىدۇر.
(127) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئۇلاردىن ساڭا يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋىر قىلغىن، سېنىڭ سەۋىر قىلىشقا مۇۋەپپەق بولۇشۇڭ پەقەت ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەندۇر، كاپىرلارنىڭ سەندىن يۈز ئۆرىگەنلىكىگە قايغۇرمىغىن، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ھىلە-مىكىرلىرىدىن دىلىڭ سىقىلمىسۇن.
(128) ھەقىقەتەن ئاللاھ خاتالىقنى تەرك قىلىپ ئۆزىدىن قورققۇچىلار بىلەن بىرگىدۇر، ئۇلار ئىبادەتنى چىرايلىق شەكىلدە ئادا قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنىدۇ، غەلبە-ياردەمدە ئاللاھ ئۇلار بىلەن بىرگىدۇر.