17 - سۈرە ئىسرا ()

|

(1) ئاللاھ تائالا ئۆزىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان بارلىق ئىشلارغا قادىر بولغانلىقى ئۈچۈن بارچە ئەيىب - نۇقسانلاردىن پاكتۇر ھەم ئۇلۇغدۇر. ئۇ بەندىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى روھى ۋە بەدىنى بىلەن ئويغاق ھالەتتە كېچىنىڭ مەلۇم قىسمىدا مەسجىدى ھەرامدىن بەيتۇلمۇقەددەستىكى ئەقسا مەسجىدىگە ئېلىپ كەلدى. بىز بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ ئەتراپىنى مېۋە - چېۋىلەر، زىرائەتلەر ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تۇرالغۇلىرى بىلەن بەرىكەتلىك قىلدۇق. بىزنىڭ بۇنداق قىلىشىمىز ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۆجىزىلىرىمىزنىڭ بىر قىسمىنى كۆرۈشى ئۈچۈندۇر. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا ئاڭلىغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا ھېچبىر ئاۋاز مەخپىي قالمايدۇ، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.

(2) بىز مۇساغا تەۋراتنى ئاتا قىلىپ، ئۇنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا يېتەكچى ۋە توغرا يولنى كۆرسەتكۈچى قىلدۇق. شۇنداقلا ئىسرائىل ئەۋلادىغا: مەندىن باشقىنى ئىشلىرىڭلارنى تاپشۇرىدىغان ھامىي قىلىۋالماڭلار، بەلكى پەقەت ماڭىلا تەۋەككۈل قىلىڭلار، دېدۇق.

(3) سىلەر بولساڭلار، بىز نۇھ ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە توپان بالاسىدا غەرق بوپكېتىشتىن قۇتۇلدۇرۇپ نېئمەت ئاتا قىلغانلارنىڭ ئەۋلادلىرى سىلەر. ئۇنداق بولغانىكەن، مۇشۇ نېئمەتنى ئېسىڭلارغا ئېلىپ، يېگانە ئاللاھقىلا قۇلچىلىق ۋە تائەت - ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا شۈكرى قىلىڭلار، بۇنىڭدا نۇھقا ئەگىشىڭلار. چۈنكى ئۇ ئاللاھقا كۆپ شۈكرى قىلغۇچى بەندە ئىدى.

(4) بىز تەۋرات ئارقىلىق ئىسرائىل ئەۋلادىغا ئالدىن خەۋەر بېرىپ، ئۇلارنىڭ چوقۇم يەر يۈزىدە ئىككى قېتىم گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى سادىر قىلىپ، كۆرەڭلەيدىغانلىقىنى، كىشىلەرگە زۇرلۇق - زومبۇرلۇق قىلىش بىلەن چوڭچىلىق قىلىشتا ھەددىدىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈردۇق.

(5) ئۇلاردىن تۇنجى قېتىم بۇزۇقچىلىق سادىر بولغاندا ئۇلارغا بىزنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ھەم شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىدىغان بەندىلىرىمىزنى ئەۋەتتۇق، ئۇلار ئىسرائىل ئەۋلادىنى ئۆلتۈرۈپ، يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتتى. ئۇلار يەنە يۇرتمۇ - يۇرت كېزىپ يۈرۈپ، ئالدىغا ئۇچرىغانلىكى نەرسىنى ۋەيران قىلاتتى. ئاللاھنىڭ بۇ ھەقتىكى ۋەدىسى شەكسىز ئىشقا ئاشىدۇ.

(6) ئەي ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەر ئاللاھقا تەۋبە قىلغىنىڭلاردا سىلەرنى بېسىۋالغانلارغا قارشى قايتا غەلبە ئاتا قىلىپ، ھۆكۈمرانلىقىڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بەردۇق، ئۇلار ماللىرىڭلارنى بۇلاپ - تالاپ، ئەۋلادلىرىڭلارنى ئەسىر ئېلىپ قۇل قىلغاندىن كېيىن سىلەرگە يەنە مال ۋە ئەۋلادلارنى ئاتا قىلدۇق، سىلەرنى دۈشمەنلىرىڭلاردىن كۆپ قىلىۋەتتۇق.

(7) ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! ئەگەر ئەمەللىرىڭلارنى ياخشىلاپ، تەلەپكە لايىق ئىش قىلساڭلار، چوقۇم بۇنىڭ مۇكاپاتىغا ئۆزۈڭلار ئېرىشىسىلەر. چۈنكى ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن بىھاجەتتۇر. ناۋادا يامان ئىش قىلساڭلار، بۇنىڭ ۋابالىنىمۇ ئۆزۈڭلار تارتىسىلەر. چۈنكى سىلەرنىڭ ياخشى ئىشىڭلارنىڭ ئاللاھقا پايدىسى بولمايدۇ، يامانلىقىڭلارنىڭ زىيىنىمۇ بولمايدۇ. ئىككىنچى قېتىملىق بۇزۇقچىلىق يۈز بەرگەندە بىز سىلەرگە دۈشمەنلىرىڭلارنى يەنە ئەۋەتتۇق. ئۇلار سىلەرنى خورلايتتى، سىلەرگە تۈرلۈك ئازابلارنى تېتىتقانلىقى ئۈچۈن يۈزلىرىڭلاردا قايغۇنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلەتتى. ئۇلار بەيتۇلمۇقەددەسكە تۇنجى قېتىم قانداق كىرىپ، ۋەيران قىلغان بولسا بۇ قېتىممۇ شۇنداق قىلاتتى، شەھەرلەرنى قانداق ۋەيران قىلغان بولسا بۇ قېتىممۇ شۇنداق ۋەيران قىلاتتى.

(8) ئەي ئىسرائىل ئەۋلادى! ئەگەر سىلەر تەۋبە قىلىپ، ئەمەللىرىڭلارنى تۈزىسەڭلار، مۇشۇنداق قاتتىق جازادىن كېيىن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەرگە رەھىم قىلىشى مۇھەققەقتۇر. ناۋادا ئۈچىنچى قېتىم ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك بۇزۇقچىلىقنى قايتىلىساڭلار، بىزمۇ سىلەردىن قايتا ئىنتىقام ئالىمىز. بىر جەھەننەمنى ئاللاھقا كاپىر بولغانلارغا تۆشەك ھەم داۋاملىق تۇرىدىغان جاي قىلدۇق.

(9) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئەڭ گۈزەل يولغا باشلايدۇ، بۇ يول ئىسلام يولىدۇر. ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن كاتتا ساۋاب بېرىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئۇلارنى خۇرسەن قىلىدىغان خۇشخەۋەرنى بېرىدۇ.

(10) قىيامەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغانلارغا ئۇلارنى قايغۇغا سالىدىغان نەرسە ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ. ئۇلارنى قايغۇغا سالىدىغان ئىش بىزنىڭ ئۇلارغا قىيامەت كۈنى دەرتلىك ئازابنى تەييارلىغانلىقىمىزدۇر.

(11) ئىنسان ئۆزىگە ياخشىلىق تىلەپ دۇئا قىلغىنىغا ئوخشاش، ئاچچىقى كەلگەندە نادانلىقىدىن ئۆزىگە، بالا - چاقىلىرىغا ۋە مال - مۈلكىگە يامانلىق تىلەپمۇ دۇئا قىلىدۇ. ئەگەر بىز ئۇنىڭ بەددۇئاسىنى ئىجابەت قىلساق ئۇنىڭ ئۆزى، مال - مۈلكى ۋە بالا - چاقىلىرى تامامەن تۈگىشىدۇ. ئىنسان ئالدىراڭغۇ تەبىئەتلىك بولغاچقا بەزىدە ئۆزىگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلارغا ئالدىراقسانلىق قىلىدۇ.

(12) بىز كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىكى ھەم قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان ئىككى ئالامەت قىلىپ ياراتتۇق. بۇ ئىككىسىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى ۋە ئىسسىق - سوغۇقلۇقى بىر - بىرىدىن پەرقلىقتۇر. كېچىنى ئارام ئىلىش ۋە ئۇيقۇ ئۈچۈن قاراڭغۇ قىلدۇق، كۈندۈزنى ئىنسانلارنىڭ كۆزلىرى كۆرۈپ، تىرىكچىلىك قىلالايدىغان دەرىجىدە يورۇق قىلدۇق. ئۈمىدكى سىلەر بۇ ئىككىسىنىڭ نۆۋەت بىلەن ئالمىشىپ تۇرۇشى نەتىجىسىدە يىللارنىڭ سانىنى ھەمدە ئۆزۈڭلار ئېھتىياجلىق بولغان ئايلارنىڭ، كۈنلەرنىڭ ۋە سائەتلەرنىڭ ھېسابىنى بىلگەيسىلەر. شەيئىلەرنىڭ بىر - بىرىدىن پەرقلىنىشى، ھەقىقەتنىڭ سەپسەتىدىن ئايرىلىشى ئۈچۈن بىز ھەر نەرسىنى روشەن بايان قىلدۇق.

(13) ھەر بىر ئىنساننىڭ قىلغان ئەمىلىنى بويۇنچاق بويۇندىن ئايرىلمىغاندەك، ئۇنىڭدىن ئايرىلمايدىغان قىلدۇق، تاكى ئۇنىڭدىن ھېساب ئېلىنغانغا قەدەر ئەمىلى ئۇنىڭدىن ئايرىلمايدۇ. قىيامەت كۈنى بىز ئۇنىڭ قىلغان بارلىق ياخشى - يامان ئەمەللىرى پۈتۈلگەن ئەمەل دەپتىرىنى چىقىرىپ بېرىمىز، ئۇ نامە - ئەمال دەپتىرىنىڭ ئالدىدا ئوچۇق تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ.

(14) ئۇ كۈندە ئۇنىڭغا: ئەي ئىنسان! نامە - ئەمال دەپتىرىڭنى ئوقۇغىن، قىلغان ئەمەللىرىڭگە قارىتا ئۆز - ئۆزۈڭدىن ھېساب ئالغىن. قىيامەت كۈنى سەن ئۆزۈڭدىن ھېساب ئېلىشقا يېتەرلىكسەن.

(15) كىمكى ئىمانغا ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. كىمكى ئازىدىكەن، ئازغۇنلۇقىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. ھېچكىم باشقا بىرىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. بىز ھېچ بىر قەۋمنى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق دەلىل - پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويماي تۇرۇپ ئازابلىغىنىمىز يوق.

(16) بىز بىرەر شەھەر (ئاھالىسى)نى زۇلۇم قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلماقچى بولساق، ئۇلارنىڭ دۆلەتمەن كىشىلىرىنى ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇيمىز، ئاندىن ئۇلار بويسۇنماي، ئاسىيلىق بىلەن ئىتائەتسىزلىك قىلىدۇ. ئاندىن ئۇلارغا تەلتۆكۈس يوق قىلىۋېتىش جازاسى بېرىش ھەققىدىكى سۆز لايىق بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوق قىلىۋېتىمىز.

(17) نۇھنىڭ قەۋمىدىن كېيىن ئاد ۋە سەمۇد قەۋمىگە ئوخشاش بىز ھالاك قىلغان ئىنكارچى ئۈممەتلەر نېمىدېگەن كۆپ؟ ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىدىن خەۋەردار بولۇش ۋە كۆرۈپ تۇرۇشقا يېتەرلىكتۇر، ئاللاھقا ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە ئاللاھ ئۇلارغا ئەمەللىرىگە قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.

(18) كىمكى ياخشى ئەمەللىرى ئارقىلىق دۇنيا تىرىكچىلىكىنى كۆزلەپ، ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتماي ھەم ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيدىكەن، بىز ئۇنىڭغا نېئمەتلەردىن ئۆزى خالىغىنىنى ئەمەس، بەلكى بىز ئۆزىمىز خالىغىنىمىزنى بېرىمىز. ئاندىن جەھەننەمنى قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ كىرىدىغان جايى قىلىمىز، ئۇ جەھەننەمنىڭ ھارارىتىنى تېتىيدۇ. بۇ ئۇنىڭ دۇنيانى تاللاپ، ئاخىرەتكە كاپىر بولغانلىقىنى ئەيىبلەش ھەمدە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈندۇر.

(19) كىمكى ياخشى ئەمەللىرى ئارقىلىق ئاخىرەتنى كۆزلەپ، ئاللاھ ئىمان ئېيتىشنى ۋاجىب قىلغان نەرسىگە ئىمان ئېيتقان ھالدا ئاخىرەت ئۈچۈن رىيا ۋە شۆھرەتتىن خالىي تىرىشچانلىق قىلىدىكەن، بۇنداق سۈپەتكە ئىگە بولغان كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەقبۇل بولىدۇ ھەمدە ئاللاھ ئۇلارغا قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا مۇكاپات بېرىدۇ.

(20) ئەي پەيغەمبەر! يامان بولسۇن، ياخشى بولسۇن، ھەر ئىككىلىسىگە پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئېھسانىنى ئۈزۈپ قويماستىن تېخىمۇ كۆپەيتىپ بېرىمىز. پەرۋەردىگارىڭنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئېھسانلىرى ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن ھېچكىمدىن چەكلەنمەيدۇ.

(21) ئەي پەيغەمبەر! بۇ دۇنيادا ئىنسانلارنى رىزىقتا ۋە مەرتىۋىدە بىر - بىرىدىن قانداق پەرقلىق قىلغانلىقىمىزنى ئويلىنىپ باققىن. ئەلۋەتتە ئاخىرەت ھۇزۇر - ھالاۋەتنىڭ دەرىجىلىرىدە دۇنيا تىرىكچىلىكىدىن كۆپ پەرقلىق ھەم كۆپ ئارتۇقتۇر. شۇڭا مۇئمىنلەر ئاخىرەتكە ھېرىسمەن بولسۇن!

(22) ئەي بەندە! ئاللاھقا قوشۇپ چوقۇنىدىغان باشقا بىر مەبۇد تۇتۇۋالمىغىن. بولمىسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كايىشقا ئۇچرايسەن، ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرى ئارىسىدىمۇ سېنى ئالقىشلىغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن ئىكەنسەن، ساڭا ھېچ ياردەمچى بولمايدۇ.

(23) ئەي بەندە! پەرۋەردىگارىڭ سېنى ئۆزىدىن باشقىغا قۇلچىلىق قىلماسلىققا، ئاتا - ئاناڭ بولۇپمۇ ياشانغان ۋاقىتتا ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدى. ئەگەر ئۇلاردىن بىرى ياكى ئىككىلىسى يېنىڭدا بولۇپ، ياشىنىپ قالغىنىدا ئۇلارغا كىچىككىنە مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرنىمۇ قىلمىغىن. ئۇلارنى سىلكىشلىمە، ئۇلارغا قوپال سۆزلەرنى قىلما. ئۇلارغا مۇلايىملىق ۋە سىلىق - سىپايىلىك بىلەن چىرايلىق سۆزلەرنى قىلغىن.

(24) ئۇلارغا كامالى ئېھتىرام بىلەن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ھەمدە: ئەي پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيەلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن، دېگىن!

(25) ئەي ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ قىلغان ئىبادىتىڭلاردا، ياخشى ئەمەللەردە، ئاتا - ئانىغا ياخشىلىق قىلىشتا دىلىڭلاردىكى ئىخلاسنى ياخشى بىلىدۇ. ناۋادا سىلەرنىڭ ئىبادىتىڭلاردىكى، ئاتا - ئاناڭلارغا قىلغان مۇئامىلەڭلاردىكى ۋە باشقا ئەمەللىرىڭلاردىكى نىيىتىڭلار ياخشى بولىدىكەن، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا تەۋبە قىلىپ ئۆزىگە قايتقۇچىلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. كىمكى پەرۋەردىگارىغا تائەت - ئىبادەت ياكى ئاتا - ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشتا ئىلگىرى ئۆتكۈزۈپ سالغان كەمچىلىكلىرىدىن ئاللاھقا تەۋبە قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلىدۇ.

(26) ئەي مۇئمىن! سىلە - رەھىم قىلىپ، يېقىن تۇغقانلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغىن، موھتاجلىقتا قالغان يوقسۇللارغا ئېھسان قىلغىن، سەپىرىدە يېرىم يولدا قالغۇچىغا ياخشىلىق قىلغىن، مال - مۈلكۈڭنى گۇناھ - مەئسىيەتكە ياكى ئىسراپ بولىدىغان جايلارغا سەرپ قىلمىغىن.

(27) شەكسىزكى مال - مۈلكىنى گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە سەرپ قىلغۇچىلار ۋە ئىسراپ قىلغۇچىلار شەيتاننىڭ قېرىنداشلىرىدۇر. ئۇلار ماللىرىنى بۇزۇپ - چېچىشتا شەيتاننىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنىدۇ. شەيتان پەرۋەردىگارىغا كاپىر بولغان ئىدى. ئۇ پەقەت ئاللاھقا ئاسىيلىقلا قىلىدۇ، ئاللاھنى غەزەبلەندۈرىدىغان ئىشلارغىلا بۇيرۇيدۇ.

(28) ئەگەر سەن بېرىدىغان نەرسەڭ يوقلۇقىدىن بۇلارغا بىر نەرسە بېرەلمەي قالغان بولساڭ، ئاللاھنىڭ ساڭا رىزىق بېرىشىنى كۈتكەن ھالدا ئۇلارنىڭمۇ رىزقىنىڭ كەڭرى بولۇشىغا دۇئا قىلىش ياكى ئاللاھ ساڭا مال - دۇنيا بەرگەندە بىر نەرسە بېرىدىغانلىقىڭنى ۋەدە قىلغانغا ئۇخشاش مۇلايىم، سىپايە سۆزلەرنى قىلغىن.

(29) مال سەرپ قىلىشتىن بېخىللىق قىلمىغىن، سەرپ قىلىشتا چەكتىنمۇ ئاشۇرۇۋەتمىگىن. بولمىسا بېخىللىق قىلغىنىڭ ئۈچۈن باشقىلارنىڭ تاپا - مالامىتىگە قالىسەن، سەرپ قىلىشتا چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكىنىڭ ئۈچۈن مېلىڭ تۈگەپ قېلىپ، سەرپ قىلىدىغانغا بىر نەرسە تاپالماي قالىسەن.

(30) ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ چوڭقۇر ھېكمىتى بىلەن ئۆزى خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەرداردۇر، ئەھۋالىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇلارنىڭ ئىشىدىن ھېچ نەرسە ئۇنىڭغا مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ بەندىلىرى ھەققىدىكى ئىشىنى ئۆزى خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

(31) پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ چىقىمى تۈپەيلىدىن كەلگۈسىدە كەمبەغەل بوپقېلىشتىن قورقۇپ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتمەڭلار. ئۇلارغىمۇ، سىلەرگىمۇ رىزىق بېرىشكە بىز كېپىل بولىمىز. ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈشكە سەۋەب بولغۇدەك ھېچ گۇناھى يوقتۇر.

(32) زىناغا يېقىن يولىماڭلار، زىناغا قىزىقتۇرىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭلار، شەكسىزكى ئۇ ئىنتايىن قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر. چۈنكى بۇ ئىش نەسەبلەرنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىغا قېلىشقا سەۋەب بولىدۇ.

(33) ئىمان ئېيتقانلىقى ياكى ئامانلىق بېرىلگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئاللاھ قېنىنى تۆكۈشنى ھارام قىلغان جاننى ئۆلتۈرمەڭلار. لېكىن مۇرتەدلىك ياكى توي قىلغان تۇرۇپ زىنا قىلىش ۋە ياكى قىساس تۈپەيلىدىن ئۆلتۈرۈشكە تېگىشلىك بولغانلار بۇنىڭ سىرتىدا. كىمكى ئۆلۈمگە لايىق بىرەر سەۋەبسىزلا ناھەق ئۆلتۈرۈلىدىكەن، ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ ۋارىسلىرىدىن بىرىنى ئۇنىڭ قاتىلى ئۈستىدىن دەۋاگەر قىلىمىز. بۇ چاغدا ئۇ ئۆلتۈرۈلگەن تۇغقىنىنىڭ قىساسىنى تەلەپ قىلسىمۇ، ھېچ نەرسە ئالماي ئەپۇ قىلسىمۇ ياكى دىيەت ئېلىپ، قىساسنى كەچۈرۈم قىلسىمۇ بولىدۇ. ئەمما قاتىلنىڭ ئەزالىرىنى كېسىش ياكى قاتىلنى ئۆزىنىڭ تۇغقىنىنى ئۆلتۈرگەن ئۇسۇلدىن باشقا ئۇسۇل بىلەن ئۆلتۈرۈش ۋە ياكى قاتىلدىن باشقا بىرىنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلغان چەكتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. شەكسىزكى ئۇ قوللاشقا ئېرىشىدۇ ھەم ياردەم بېرىلىدۇ.

(34) ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن يېتىملارنىڭ مال - مۈلكىنى تاكى ئۇ ئەقلىنى تېپىپ، ئۆز يولىنى تېپىپ ماڭالىغۇدەك بولغانغا قەدەر ئۇنىڭ مېلىنى مۇھاپىزەت قىلىپ، ئۇنىڭغا پايدىلىق شەكىلدە تەسەررۇپ قىلىڭلار. ئاللاھ بىلەن ۋە باشقا بەندىلەر بىلەن ئاراڭلاردىكى ئەھدىنى بۇزماستىن ۋە كەم قىلماستىن ئورۇنداڭلار. شەكسىزكى ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئەھدە قىلغۇچىدىن سورايدۇ: ئەگەر ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغان بولسا ساۋاب بېرىدۇ، ۋاپا قىلمىغان بولسا جازالايدۇ.

(35) باشقىلارغا بىر نەرسە ئۆلچەپ بەرگەندە كەمچىنى تولۇق قىلىڭلار، كەم بەرمەڭلار. ئازراقمۇ كەم قىلمايدىغان ۋە زىيان تارتقۇزمايدىغان توغرا تارازىدا تارتىڭلار. ئۆلچەم ۋە تارازىدا تولۇق بېرىش، كەم قىلىپ باشقىلارنىڭ ھەققىنى يەۋالغاندىن بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر ۋە ئاقىۋىتى گۈزەلدۇر.

(36) ئەي ئادەمزات! ئۆزۈڭ بىلمەيدىغان ئىشتا گۇمان ۋە پەرەز بويىچە ئىش قىلما. شەكسىزكى ئىنسان قۇلىقى، كۆزى ۋە يۈرىكىنى ئىشقا سالالايدىغان ياخشىلىق ۋە يامانلىقلار ھەققىدە سوراققا تارتىلىدۇ. ئاندىن ياخشىلىققا قارىتا مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، يامانلىققا قارىتا جازاغا تارتىلىدۇ.

(37) زېمىندا تەكەببۇرلۇق قىلىپ، مەغرۇرانە يۈرمىگىن. چۈنكى ھەر قانچە ھاكاۋۇرلۇق قىلساڭمۇ، ئايىغىڭ بىلەن زېمىننى تېشىۋېتەلمەيسەن، ھەر قانچە گىدەيسەڭمۇ ئېگىزلىكتە ۋە ئۈستۈنلۈكتە تاغلارغا يېتەلمەيسەن. ئۇنداق بولغان ئىكەن، يەنە نېمىشقا تەكەببۇرلۇق قىلىسەن؟

(38) ئەي ئىنسان! يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارىڭنىڭ نەزىرىدە يامان ۋە چەكلەنگەن ئىشلاردۇر، ئۇ ئىشلارنى قىلغان كىشىدىن ئاللاھ رازى بولمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭغا غەزەبلىنىدۇ.

(39) بىز يۇقىرىدا ئوچۇق بايان قىلغان بۇيرۇقلار، چەكلىمىلەر ۋە ھۆكۈملەر پەرۋەردىگارىڭنىڭ ساڭا ۋەھىي قىلغانلىرىنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئەي ئىنسان! ئاللاھقا باشقا بىر مەبۇدنى شېرىك قىلمىغىن. بولمىسا قىيامەت كۈنى ئۆز - ئۆزۈڭگە مالامەت قىلغان، باشقىلارنىڭمۇ مالامىتىگە ئۇچرىغان ھەمدە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان ھالەتتە جەھەننەمگە تاشلىنىسەن.

(40) ئەي پەرىشتىلەرنى ئاللاھنىڭ قىزلىرى دەپ دەۋا قىلىۋاتقان مۇشرىكلار! پەرۋەردىگارىڭلار ئوغۇللارنى سىلەرگە خاس قىلىپ، پەرىشتىلەرنى ئۆزىنىڭ قىزلىرى قىلىۋالغانمۇ؟ ئاللاھ سىلەر دەۋاتقان تۆھمەتلەردىن يۈكسەكتۇر. شەكسىزكى سىلەر ئاللاھ تائالانىڭ بالىسى بار دېيىش ئارقىلىق تولىمۇ قەبىھ سۆزنى قىلىۋاتىسىلەر، كۇپرىدا تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ، ئاللاھنىڭ قىزلىرى بار دەپ بىلجىرلاۋاتىسىلەر.

(41) بىز بۇ قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلارنى پەند - نەسىھەت ئېلىپ، ئۆزلىرىگە پايدىلىق يولدا ماڭسۇن، زىيانلىق ئىشلارنى تاشلىسۇن دەپ ئەھكاملارنى، ۋەز - نەسىھەتلەرنى ۋە مىساللارنى روشەن بايان قىلدۇق. ھالبۇكى ئۇلاردىن تەبىئىتى بۇزۇلغان بىر تۈركۈم كىشىلەر بولۇپ، قۇرئان كەرىمنىڭ ۋەز - نەسىھەتلىرى ئۇلارنى تېخىمۇ ھەقتىن يىراقلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ھەقنى ياقتۇرمايدىغان قىلىۋەتتى.

(42) ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: سىلەرنىڭ يالغان ئېيتقىنىڭلاردەك، ئەگەر ئاللاھ بىلەن بىرگە باشقا مەبۇدلار بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ئاشۇ ساختا مەبۇدلار ئەرشنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ پادىشاھلىقى ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئەرشنى تارتىۋېلىشنىڭ چارىسىنى ئىزدىگەن بولاتتى.

(43) ئاللاھ تائالا مۇشرىكلارنىڭ سۈپەتلىگەن نەرسىلىرىدىن پاك ۋە مۇقەددەستۇر، ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىدىن يۈكسەك دەرىجىدە ئۈستۈندۇر.

(44) ئاسمانلارمۇ ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ، زېمىنمۇ ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى پۈتكۈل مەخلۇقاتلارمۇ ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ. ھەر قانداق مەۋجۇدات ئاللاھنى مەدھىيىلەش بىلەن ئۇنى پاك دەپ بىلىدۇ. لېكىن سىلەر ئۇلارنىڭ قانداق تەسبىھ ئېيتىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيسىلەر. چۈنكى سىلەر پەقەت ئۆز تىلىڭلاردا تەسبىھ ئېيتىدىغانلارنىڭ تەسبىھ ئېيتىشلىرىنىلا چۈشىنەلەيسىلەر. شەكسىزكى ئاللاھ جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان ھەلىيم سۈپەتلىك زاتتۇر، تەۋبە قىلغانلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.

(45) ئەي پەيغەمبەر! سەن قۇرئان ئوقۇغان ھەمدە ئۇلارمۇ قۇرئاندىكى چەكلىمىلەر ۋە پەند - نەسىھەتلەرنى ئاڭلىغان چاغدا بىز سەن بىلەن قىيامەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ ئارىسىدا بىر توسۇق پەيدا قىلىمىز، بۇ توسۇق ئۇلارنى قۇرئاننى چۈشىنىشتىن توسىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ يۈز ئۆرۈگەنلىكلىرىگە قارىتا بېرىلگەن جازادۇر.

(46) قۇرئاننى چۈشەنمىسۇن دەپ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پەردىلىۋەتتۇق، قۇرئاننى مەنپەئەتلىنەلەيدىغان رەۋىشتە ئاڭلىمىسۇن دەپ ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق. سەن قۇرئان كەرىمدە يالغۇز پەرۋەردىگارىڭنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ساختا ئىلاھلىرىنى تىلغا ئالمىساڭ، ئۇلار دىننى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلىشتىن يىراقلىشىپ، كەينىگە قاچىدۇ.

(47) ئۇلارنىڭ كاتىۋاشلىرىنىڭ قۇرئانغا نېمە مەقسەتتە قۇلاق سالىدىغانلىقىنى بىز ياخشى بىلىمىز، ئۇلار بۇ ئارقىلىق توغرا يول تېپىشنى ئويلىمايدۇ، بەلكى سەن تىلاۋەت قىلىۋاتقاندا ئويۇن - كۈلكە قىلىپ، قۇرئانغا ھۆرمەتسىزلىك قىلماقچى بولۇشىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ قۇرئاننى ئىنكار قىلىش ھەمدە باشقىلارنى قۇرئاندىن توسۇش ھەققىدە ئۆز-ئارا پىچىرلىشىۋاتقانلىقىنىمۇ ئوبدان بىلىمىز. كۇپرى ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان بۇ زالىملار: ئەي ئىنسانلار! سىلەر سېھىرلىنىپ ئېلىشىپ قالغان بىر ئادەمنىڭ كەينىگە كىرىۋاتىسىلەر، دېيىشىدۇ.

(48) ئەي پەيغەمبەر! قارايدىغان بولساڭ، ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن چىققان ساختا، ئويدۇرما سۈپەتلەردىن چوقۇم ھەيران قالىسەن. ئۇلار ھەقىقەتتىن چەتنەپ كېتىپ، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى، نەتىجىدە ھەق يولىنى تاپالمىدى.

(49) مۇشرىكلار ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىپ: بىز ئۆلۈپ، قۇرۇق ئۇستىخانغا ئايلىنىپ، بەدەنلىرىمىز چىرىپ كەتكەندىن كېيىن چوقۇم قايتىدىن تىرگۈزۈلىمىزمۇ؟ بۇنداق بولۇشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس، دېيىشىدۇ.

(50) ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئەي مۇشرىكلار! كۈچۈڭلار يەتسە قاتتىقلىقتا تاش، كۈچ - قۇۋەتتە تۆمۈر بولۇپ كېتىڭلار. ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايسىلەر.

(51) ياكى خىيالىڭلاردا تەسەۋۋۇر قىلىش تېخىمۇ قىيىن بولغان باشقا بىر مەخلۇق بولۇپ كېتىڭلار. ئاللاھ چوقۇم سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقاندەك قايتىدىن يارىتىپ، تىرىلدۈرىدۇ. بۇ بويۇنتاۋ ئىنسانلار: بىزنى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن كىم تىرىلدۈرىدۇ؟ دېيىشىدۇ. ئۇلارغا: سىلەرنى تۇنجى قېتىم ئۆرنەكسىز ياراتقان زات تىرىلدۈرىدۇ، دېگىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سېنىڭ بەرگەن جاۋابىڭنى مەنسىتمىگەن ھالدا باشلىرىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ ۋە بۇنداق بولۇشىنى يىراق ساناپ: بۇ قايتىلىنىش قاچان بولىدۇ؟ دەيدۇ. ئۇلارغا: پات - يېقىندا بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس، دېگىن.

(52) ئاللاھ سىلەرنى مەھشەر مەيدانىغا چاقىرغان كۈندە قايتا تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن سىلەر ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، ئۇنى مەدھىيەلەيسىلەر ھەمدە ئۆزۈڭلارنى يەر يۈزىدە پەقەت ئازغىنا ۋاقىت تۇرغاندەك ئويلايسىلەر.

(53) ئەي پەيغەمبەر! ماڭا ئىمان ئېيتقان مۇئمىن بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، ئۇلار ئۆزئارا پاراڭلاشقاندا ياخشى سۆزلەرنى قىلسۇن، ناچار، يىرگىنىشلىك سۆزلەردىن ساقلانسۇن. چۈنكى شەيتان شۇنداق ناچار سۆزلەردىن پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ھاياتىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنىدۇ. شەكسىزكى شەيتان ئىنساننىڭ ئوپئوچۇق دۈشمىنىدۇر. شۇڭا ئۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.

(54) ئەي ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنى ياخشى بىلىدۇ، سىلەرنىڭ ھېچبىر ئىشىڭلار ئۇنىڭغا مەخپىي قالمايدۇ، ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلىشنى خالىسا، سىلەرنى ئىمانغا ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىش ئارقىلىق رەھمەت قىلىدۇ. ناۋادا سىلەرنى ئازابلاشنى خالىسا، سىلەرنى ئىماندىن مەھرۇم قىلىش ئارقىلىق ئازابلايدۇ ۋە سىلەرنى كاپىر پېتى ۋاپات تاپقۇزىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! بىز سېنى ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلايدىغان، كۇپرىدىن توسىدىغان، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ساناپ تۇرىدىغان ھامىي قىلىپ ئەۋەتكىنىمىز يوق. سەن پەقەتلا ئاللاھ يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغاننى يەتكۈزىدىغان پەيغەمبەرسەن.

(55) ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەر كىمنى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ۋە نېمىگە لايىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. ھەقىقەتەن بىز پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ كۆپلۈكى ۋە كىتاب نازىل قىلىنىش بىلەن بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق. داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا زەبۇرنى بەردۇق.

(56) ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، ئەي مۇشرىكلار! سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىلاھ دەۋالغان مەبۇدلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار، ئەگەر سىلەرگە بىرەر خاپىلىق كەلسە، ئۇلار ئاجىز بولغاچقا سىلەردىن خاپىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىشكىمۇ، باشقىلارغا يۆتكىۋېتىشكىمۇ كۈچى يەتمەيدۇ. ئاجىز نەرسە ئىلاھمۇ بولالمايدۇ.

(57) ئۇلار سىغىنىۋاتقان پەرىشتىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئوخشاشلىرىنىڭ ئۆزلىرىمۇ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلاشماقچى بولىدۇ، تائەت - ئىبادەت بىلەن قايسى ئاللاھقا بەكرەك يېقىنلىشالايدىغانلىقى توغرىسىدا بەسلىشىدۇ ھەمدە ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە رەھىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىشىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئازابلىشىدىن قورقىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئازابى ھەقىقەتەنمۇ ئېھتىيات قىلىنىشقا تېگىشلىكتۇر.

(58) ھەر قانداق بىر كەنت ياكى شەھەر (ئاھالىسى)نىڭ كۇپرىلىقى تۈپەيلى بىز ئۇلارغا مۇشۇ دۇنيانىڭ ئۆزىدىلا ئازاب ۋە ھالاكەت چۈشۈرىمىز ياكى ئۆلتۈرۈلۈش يا باشقا ئازابلار بىلەن قاتتىق جازالايمىز. بۇ ھالاك قىلىش ۋە ئازاب لەۋھۇلمەھفۇزدا پۈتۈلگەن ئىلاھىي ھۆكۈمدۇر.

(59) مۇشرىكلار پەيغەمبەرنىڭ راستلىقىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە تەلەپ قىلغان ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش ۋە باشقا مۆجىزىلەرگە ئوخشاش ماددىي مۆجىزىلەرنى چۈشۈرمەسلىكىمىز، پەقەت ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە نازىل قىلغىنىمىزدا ئۇلارنىڭ ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقى سەۋەبىدىندۇر. بىز ھەقىقەتەن سەمۇدقا كاتتا ھەم روشەن مۆجىزە بولغان تۆگىنى بەردۇق. ئۇلار ئۇنىڭ مۆجىزىلىكىنى ئىنكار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئارقىدىنلا ئۇلارنى ئازابلىدۇق. بىز پەيغەمبەرلىرىمىز ئارقىلىق مۆجىزىلەرنى پەقەت ئۇلارنىڭ ئۈممەتلىرىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىپ قورقۇتۇش ئۈچۈنلا ئەۋەتىمىز.

(60) ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا بىز ساڭا: پەرۋەردىگارىڭنىڭ قۇدرىتى ھەقىقەتەن ئىنسانلارنى تولۇق قورشاپ تۇرىدۇ. ئىنسانلار ئۇنىڭ چاڭگىلىدىدۇر، ئاللاھ سېنى ئۇلاردىن قوغدايدۇ. شۇڭا سەن يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغاننى يەتكۈزگىن، دېدۇق. مىراج كېچىسى بىز ساڭا كۆرسەتكەن ئىشلارنى پەقەت ئىنسانلارنىڭ ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغان ياكى ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن بىر سىناق قىلدۇق. بىز قۇرئان كەرىمدە جەھەننەمنىڭ قەئرىدە ئۆسىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان زەققۇم دەرىخىنىمۇ پەقەت كىشىلەر ئۈچۈن سىناق قىلدۇق. ئۇلار بۇ ئىككى مۆجىزىگە ئىشەنمىگەن يەردە بۇنىڭدىن باشقا مۆجىزىلەرگە ھەرگىز ئىشەنمەيدۇ. بىز مۆجىزىلەرنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى قورقۇتىمىز. لېكىن ئۇلارنى قورقۇتۇش ئۈچۈن نازىل قىلغان مۆجىزىلىرىمىز ئۇلارنىڭ كۇپرىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئازغۇنلۇقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلىتىدۇ.

(61) ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە ئادەمگە ئىبادەت سەجدىسى ئەمەس، ھۆرمەت سەجدىسى قىلىڭلار، دېدۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇيرۇققا بويسۇنۇپ، ئادەمگە سەجدە قىلدى، لېكىن ئىبلىس تەكەببۇرلۇق بىلەن ئادەمگە سەجدە قىلىشتىن باش تارتىپ: مېنى ئوتتىن ياراتقان تۇرساڭ، سەن لايدىن ياراتقان بىرىگە سەجدە قىلىمەنمۇ؟ مەن ئۇنىڭدىن بەكرەك ھۆرمەتكە سازاۋەر، دېدى.

(62) ئىبلىس پەرۋەردىگارىغا: سەن مەندىن ئۈستۈن قىلىپ، مېنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان مەخلۇق مۇشۇ شۇمۇ؟ ئەگەر مېنى قىيامەتكىچە ھايات قالدۇرساڭ، ئۇنىڭ ئەۋلادىنى سېنىڭ توغرا يولۇڭدىن ئازدۇرىمەن، پەقەت سەن ساقلاپ قالغانلار بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ئۇلار سېنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرىڭدۇر، دېدى.

(63) پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا: بارغىن، ساڭا مۆھلەت بەردىم، سەن ۋە ئۇلاردىن ساڭا ئىتائەت قىلغانلارغا جەھەننەم بار. جەھەننەم سەن ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا بېرىلگەن تولۇق جازادۇر، دېدى.

(64) سەن ئاسىيلىققا چاقىرىدىغان ئاۋازىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن قوزغىتىشقا كۈچۈڭ يەتكەنلىكى ئادەملەرنى قوزغاتقىن، ئۇلارنى ئۆزۈڭگە ئىتائەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا ئاتلىق ۋە پىيادە قوشۇنلىرىڭ بىلەن ھۇجۇم قىلغىن، ئۇلارنىڭ شەرىئەتكە خىلاپ بارچە ئىشلىرىنى پەردازلاپ كۆرسىتىپ ماللىرىغا شېرىك بولغىن، يالغان - ياۋىداقلىرىڭ بىلەن، ئۇلارنى زىناغا چىللاش بىلەن ھەمدە ئۇلارنى بىسمىللاھ دەيدىغان چاغدا ئاللاھنىڭ باشقىسىغا چوقۇندۇرۇش بىلەن ئۇلارنىڭ بالىلىرىغىمۇ شېرىك بولغىن، ئۇلارغا ساختا ۋەدىلەرنى ۋە قۇرۇق خىياللارنى چىرايلىق كۆرسەتكىن. شەيتان ئۇلارغا پەقەت ئۇلارنى ئالدايدىغان ساختا ۋەدىلەرنىلا بېرىدۇ.

(65) ئەي ئبلىس! ھەقىقەتەن ماڭا ئىتائەت قىلىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىغان ئىخلاسمەن بەندىلىرىمگە سېنىڭ كۈچۈڭ يەتمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇلارنى شېرىكتىن ساقلايدۇ. بارلىق ئىشلىرىدا ئاللاھقا تايانغان كىشى ئۈچۈن ھامىي بولۇشقا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر.

(66) ئەي ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ تىجارەت ۋە باشقا پايدا ئېلىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق رىزقىڭلارنى ئىزدىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە دېڭىزدا كېمىلەرنى ماڭدۇرۇپ بېرىدۇ. مۇشۇنداق ۋاسىتىلەرنى قولايلاشتۇرۇپ بېرىدىغان ئاللاھ سىلەرگە ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر.

(67) ئەي مۇشرىكلار! سىلەر دېڭىزدا بىرەر خاپىلىق ۋە قىيىنچىلىققا يولۇقۇپ، ھالاك بوپكېتىشتىن ئەندىشە قىلىپ تۇرغان ۋاقتىڭلاردا ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرىڭلار ئېسىڭلارغا كەلمەي، پەقەت ئاللاھنىلا ئەسلەيسىلەر، ئاللاھتىن ياردەم سورايسىلەر. ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بېرىپ، سىلەرنى ئەندىشىدىن قۇتقۇزۇپ، قۇرۇقلۇققا چىققىنىڭلاردا ئاللاھنى بىر بىلىش ۋە يالغۇز ئاللاھقىلا تىۋىنىشتىن يۈز ئۆرۈپ، بۇتلارغا چوقۇنۇشقا قايتىۋالىسىلەر. ئىنسان ئەزەلدىن ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە تانغۇچى ئىدى.

(68) ئەي مۇشرىكلار! ئاللاھ سىلەرنى دېڭىزدا غەرق بولۇشتىن قۇتۇلدۇرۇپ، قۇرۇقلۇققا چىقارغىنىدا سىلەرنى شۇ قۇرۇقلۇققا يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن خاتىرجەم بولالامسىلەر؟ ياكى لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە قىلغاندەك ئۈستۈڭلارغا ئاسماندىن تاش ياغدۇرۇشىدىن خاتىرجەم بولالامسىلەر؟ ئۇ چاغدا ئۆزۈڭلارنى قوغدىيالايدىغان بىرەر قوغدىغۇچى، ھالاكەتتىن توسۇپ قالىدىغان بىرەر ياردەمچى تاپالمايسىلەر.

(69) ياكى ئاللاھنىڭ سىلەرنى يەنە بىر قېتىم دېڭىزدا قاتناتقۇزۇپ، دېڭىزدىكى چېغىڭلاردا سىلەرگە قاتتىق بوران ئەۋەتىش ئارقىلىق تۇنجى قېتىم ئاللاھ قۇتقۇزغاندىن كېيىن ئۇنىڭ نېئمەتلىرىگە كۇپۇرلۇق قىلغانلىقىڭلار سەۋەبلىك دېڭىزغا غەرق قىلىۋېتىشىدىن خاتىرجەم بولالامسىلەر؟ ئاندىن سىلەر بىزنىڭ قىلغانلىرىمىزدىن ئۆچ ئېلىپ بېرىدىغان ۋە سىلەرگە يانباسىدىغان ھېچ بىرىنى تاپالمايسىلەر.

(70) شەك - شۈبھىسىزكى بىز ئادەم بالىلىرىنى ئەقىل - پاراسەت ئاتا قىلىش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئادەمگە پەرىشتىلەرنى سەجدە قىلدۇرۇش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ھۆرمەتلىك قىلدۇق، ئۇلارغا قۇرۇقلۇقتا مىنىدىغان ئۇلاغ ۋە قاتناش ۋاسىتىلىرىنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، دېڭىزدا كېمىلەرگە چىقاردۇق، ئۇلارنى پاك، ھالال يېمەك - ئىچمەكلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، جىنسىي تۇرمۇش ۋە باشقا تۈرلۈك لەززەتلەردىن بەھرىمەن قىلدۇق، ئۇلارنى بىز ياراتقان نۇرغۇن مەخلۇقاتلاردىن ئالاھىدە ئۈستۈن قىلدۇق. شۇنداق بولغانىكەن، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشى كېرەك.

(71) ئەي پەيغەمبەر! بىز ھەر بىر جامائەنى دۇنيادا ئەگەشكەن يولباشچىلىرى بىلەن بىرگە چاقىرىدىغان كۈننى ئەسلىگىن. ئۇ كۈندە نامە - ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىنىڭ نامە - ئەمالىنى خۇرسەن بولغان ھالدا ئوقۇيدۇ، ئۇلارنىڭ ئەجىرلىرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ، ھەتتا خورما ئۇرۇقچىسىنىڭ كاتىكىدىكى يىپقا چاغلىق كىچىك ساۋابمۇ چالا قويماي بېرىلىدۇ

(72) دۇنيادا ھەقنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇشتىن دىلى كور بولغان كىشى قىيامەت كۈنى تېخىمۇ ئېغىر كور بولىدۇ، شۇ سەۋەبتىن جەننەتنىڭ يولىنى تاپالمايدۇ، توغرا يولدىن ئازىدۇ. دېمەك جازا - مۇكاپات ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ ئۇسۇلى بويىچە بولىدۇ.

(73) ئەي پەيغەمبەر! مۇشرىكلار بىزنىڭ نامىمىزدىن ئۆزلىرىنىڭ ھاۋايى - ھەۋەسلىرىگە ماس كېلىدىغان نەرسىلەرنى ئويدۇرۇشۇڭ ئۈچۈن سېنى بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئان كەرىمدىن بۇرۇۋېتىشكە تاس قالدى. ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ خالىغىنىنى قىلغان بولساڭ، ئەلۋەتتە ئۇلار سېنى ئۆزلىرىگە دوست قىلىۋالاتتى

(74) ئەگەر بىز سېنى ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلمىغان بولساق، ئۇلارغا ئازراق مايىل بولۇپ كېتىشكە، شۇنداقلا سېنىڭ ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىغا تولىمۇ ھېرىسمەن بولۇشۇڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ كۈچلۈك ھىيلە - نەيرەڭلىرى ۋە ئالدامچىلىقىدىن ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىگە قوشۇلۇشقا تاس قالغان ئىدىڭ. لېكىن بىز سېنى ئۇلارغا مايىل بولۇپ كېتىشتىن ساقلاپ قالدۇق.

(75) ئەگەر ئۇلارنىڭ ساڭا قويغان تەلىپىگە مايىل بوپكەتكەن بولساڭ، ئەلۋەتتە سېنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەسسىلەپ ئازابلىغان بولاتتۇق، ئاندىن بىزگە قارشى ساڭا ياردەم بېرىدىغان ۋە سەندىن ئازابنى قايتۇرىدىغان بىرەر ياردەمچى تاپالمايتتىڭ.

(76) كاپىرلار سېنى مەككىدىن چىقىرۋېتىش ئۈچۈن دۈشمەنلىك قىلىپ سېنى بىئارام قىلماقچى بولدى. لېكىن سەن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھىجرەت قىلغانغا قەدەر ئاللاھ ئۇلارنىڭ سېنى مەككىدىن چىقىرۋېتىشىنى توسۇپ قالدى. مۇبادا ئۇلار سېنى مەككىدىن چىقىرۋەتكەن بولسا ئىدى، سېنى چىقىرىۋېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ھالاك بولاتتى.

(77) ئۇلارنىڭ سېنى مەككىدىن چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي ھالاك بولۇشى ئاللاھ تائالانىڭ سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەردىمۇ تۇتقان ئومۇمىي قانۇنىيتىدۇر. يەنى قانداق بىر پەيغەمبەرنى قەۋمى ئارىسىدىن ھەيدەپ چىقىرىدىكەن، ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب نازىل قىلىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! بىزنىڭ قانۇنىيىتىمىزدە ئۆزگىرىش بايقىيالمايسەن، ئەكسىچە ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس، ئومۇمىي پىرىنسىپ ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىپ قالىسەن.

(78) كۈن ئىگىلگەندىن باشلاپ نامازنى ئۆز ۋاقتىدا مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلغىن، بۇ ناماز كېچە قاراڭغۇلۇقىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى پېشىن ۋە ئەسىر نامىزىنى، شۇنداقلا شام ۋە خۇپتەن نامازلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بامدات نامىزىنىمۇ ئادا قىلغىن، بامدات نامىزىدا قىرائەتنى ئۇزۇن قىلغىن، بامدات نامىزىغا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ پەرىشتىلىرىمۇ قاتنىشىدۇ.

(79) ئەي پەيغەمبەر! مەرتىۋەڭنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى كىشىلەرگە قىيامەتنىڭ قورقۇنچلىرىدىن شاپائەتچى قىلىشىنى، شۇنداقلا ئىلگىرىكىلەر ۋە كېيىنكىلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولىدىغان بۈيۈك شاپائەت ماقامىنىڭ ئۆزۈڭگە مەنسۇپ بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان ھالدا كېچىنىڭ مەلۇم قىسمىدا تۇرۇپ، نەپلە نامازلارنى ئوقۇغىن.

(80) ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئەي رەببىم! مېنىڭ كىرىدىغان ۋە چىقىدىغان ئورنۇمنىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ تائىتىڭ ۋە رازىلىقىڭدا قىلغىن، مەن ئۈچۈن ھۇزۇرۇڭدىن دۈشمىنىمگە قارشى ماڭا ياردىمى بولىدىغان كۈچلۈك دەلىل - پاكىتلارنى ئاتا قىلغىن.

(81) ئەي پەيغەمبەر بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، ئىسلام كەلدى، ئاللاھنىڭ يارەم بېرىشتىن ئىبارەت ۋەدىسى ئىشقا ئاشتى، شېرىك ۋە كۇپرى يوقالدى. دەرۋەقە ساختا نەرسە ھەقىقەت ئالدىدا پۇت تېرەپ تۇرالماي، ئاسانلار يوقىلاتتى.

(82) بىز قۇرئان كەرىمدىن قەلبلەرنىڭ نادانلىق، كۇپۇرلۇق ۋە شېرىكتىن ئىبارەت ئىللەتلىرىگە شىپا بولىدىغان، دۇئا سۈپىتىدە ئوقۇلسا جىسمانىي كېسەللەرگىمۇ شىپا بولىدىغان ئايەتلەرنى نازىل قىلىمىز. قۇرئان كەرىم ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەرگە رەھمەتتۇر. بۇ قۇرئان كاپىرلارغا پەقەت ھالاكەتنى زىيادە قىلىدۇ. چۈنكى قۇرئاننى ئاڭلاش ئۇلارنى ئاچچىق يۇتقۇزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنى تېخىمۇ بەك ئىنكار قىلىشىدۇ.

(83) بىز ئىنسانغا ساقلىق ۋە بايلىققا ئوخشاش تۈرلۈك نېئمەتلەرنى ئاتا قىلساق، ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىش ۋە ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈپ، تەكەببۇرلۇقىدىن (ھەقتىن تېخىمۇ) يىراقلاپ كېتىدۇ. ناۋادا ئۇنىڭغا كېسەللىك ياكى كەمبەغەللىككە ئوخشاش بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتسە، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، قايغۇغا پاتىدۇ.

(84) ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ھەر ئىنسان ھىدايەت ۋە ئازغۇنلۇقتا ئۆزى بىلگەنچە ئەمەل قىلسۇن، پەرۋەردىگارىڭلار كىمنىڭ ھەقكە ئېلىپ بارىدىغان توغرا يولدا ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ.

(85) ئەي پەيغەمبەر! ئەھلى كىتابتىن بولغان كاپىرلار سەندىن روھنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا سورىشىدۇ. ئۇلارغا: روھنىڭ ماھىيىتىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەرگە ۋە پۈتۈن مەخلۇقاتلارغا بېرىلگەن ئىلىم ئاللاھنىڭ ئىلمىگە نىسبەتەن پەقەت ئازغىنە نەرسىدۇر.

(86) ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر بىز ساڭا نازىل قىلغان ۋەھىينى دىللاردىن ۋە مۇسھەپلەردىن يوق قىلىۋېتىشنى خالىساق ئىدۇق، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلاتتۇق، ئاندىن سەن ئۆزۈڭگە ياردەملىشىپ، ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىدىغان بىرىنى تاپالمايتتىڭ.

(87) لېكىن پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتى بىلەن قۇرئاننى يوق قىلىۋەتمەي، قوغدالغان ھالەتتە قالدۇردۇق. پەرۋەردىگارىڭنىڭ پەزلى - مەرھەمىتى ساڭا ھەقىقەتەن كاتتا بولدى، ئۇ سېنى ئەلچى قىلدى، سەن بىلەن پەيغەمبەرلىككە خاتىمە بەردى ۋە ساڭا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلدى

(88) ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئېيتقىنكى، ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ ھەممىسى پاساھەتتە، تۈزۈلۈشىنىڭ گۈزەللىكىدە ۋە ئىخچاملىقتا ساڭا نازىل قىلىنغان مۇشۇ قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىرلىشىپ، بىر - بىرىگە ياردەملەشكەن تەقدرىدىمۇ، قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى ھەرگىز كەلتۈرەلمەيدۇ.

(89) بىز ئىنسانلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىنى ئۈمىد قىلىپ بۇ قۇرئاندا ۋەز-نەسىھەتلەر، ئىبرەتلەر، بۇيرۇقلار، چەكلىمىلەر ۋە قىسسەلەرنى تۈرلۈك شەكىلدە بايان قىلدۇق، لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇ قۇرئاننى ئىنكار قىلىپ، ئىمان ئېيتقىلى ئۇنىمىدى.

(90) مۇشرىكلار: سەن تاكى بىزگە مەككە زېمىنىدا ئۈزۈلۈپ قالماي ئېقىپ تۇرىدىغان بىر بۇلاق چىقىرىپ بەرمىگۈچە ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز، دېدى.

(91) ياكى بۈك - باراقسان خورما ۋە ئۈزۈمزارلىقىڭ بولسۇن، ئۆستەڭلىرىدە لىق سۇ ئېقىپ تۇرسۇن.

(92) ياكى ئۆزۈڭ ئېيتقاندەك ئاسماننى بىزگە ئازاب قىلىپ پارچە - پارچە چۈشۈرگىن، ياكى سەن چاقىرىۋاتقان بۇ دىننىڭ توغرىلىقىغا گۇۋاھچى قىلىپ ئاللاھنى ۋە پەرىشتىلەرنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرگىن.

(93) ياكى سېنىڭ ئالتۇن ۋە باشقا بېزەكلەر بىلەن زىننەتلەنگەن ئۆيۈڭ بولسۇن، ياكى سەن ئاسمانغا چىقىپ، تاكى ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن سېنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىڭ يېزىلغان ۋە بىز ئوقۇيالايدىغان بىر كىتاب ئېلىپ چۈشمىگۈچە سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە ھەرگىز ئىشەنمەيمىز، دېيىشتى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا: مېنىڭ رەببىم پاكتۇر، مەن پەقەت باشقا پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن، خالىغان بىر ئىشنى قىلىشقا كۈچۈم يەتمەيدىغان تۇرسا، قانداقمۇ سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارنى ئورۇندىيالايمەن؟ دېگىن.

(94) كاپىرلارنى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىشتىن ھەمدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن دىنغا ئەمەل قىلىشتىن ئۇلارنى پەقەت ئىنسان تىپىدىن پەيغەمبەر كەلگەنلىكىنى ئىنكار قىلىش توسۇپ قالدى. ئۇلار ئىنكار قىلىپ: ئاللاھ بىزگە ئىنساندىن پەيغەمبەر ئەۋەتەمدىكەن؟ دېيىشتى.

(95) ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا جاۋابەن ئېيتقىنكى، مۇبادا زېمىندا ئولتۇراقلاشقان ۋە سىلەردەك خاتىرجەم مېڭىپ يۈرىدىغان پەرىشتىلەر بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە بىز ئۇلارغا پەرىشتىلەرنىڭ ئۆز تىپىدىن بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولاتتۇق. چۈنكى پەرىشتىلەرگە پەقەت پەرىشتىلا مەقسىتىنى چۈشەندۈرەلەيدۇ. ئۇ چاغدا بىزنىڭ پەرىشتىلەرگە ئىنسان تىپىدىن ئەلچى ئەۋەتىشىمىزمۇ ئاقىلانىلىك بولمايتتى. سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر.

(96) ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى: ئاللاھ تائالا مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا مېنىڭ سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىم ھەمدە سىلەرگە يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغان ھەقىقەتنى يەتكۈزگەنلىكىمگە گۇۋاھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ، ئۇ بەندىلەرنىڭ دىللىرىغا يوشۇرغان ھەر قانداق مەخپىي سىرلىرىنىمۇ كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

(97) ئاللاھ تائالا كىمنى ھىدايەتكە ئېرىشتۈرىدىكەن، ئۇ كىشى ھەقىقەتەن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ. ئاللاھ كىمنى ھىدايەتتىن مەھرۇم قىلىپ، ئازدۇرۇۋېتىدىكەن، ئەي پەيغەمبەر! سەن ھەرگىز بۇلارنى ھەقىقەتكە يېتەكلەيدىغان، ئۇلاردىن زىياننى توسۇپ، پايدا كەلتۈرەلەيدىغان دوستلارنى تاپالمايسەن. بىز قىيامەت كۈنى ئۇلارنى توپلايمىز، ئۇلار دۇم ھالەتتە سۆرىلىپ ئېلىپ كېلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى كۆرمەيدۇ، گەپ قىلالمايدۇ ھەم ئاڭلىيالمايدۇ. ئۇلارنىڭ بارار جايى جەھەننەم بولىدۇ. جەھەننەمنىڭ يالقۇنى ئازراق پەسىيىپ قالسا، بىز ئۇنى يەنە يالقۇنجىتىمىز.

(98) ئۇلار دۇچار بولغان ئازاب ئۇلارنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىمىزگە كاپىر بولغانلىقى تۈپەيلىدىن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى يىراق ساناپ: بىز ئۆلۈپ، سۆڭەكلىرىمىز چىرىپ، پارچە - پارچە بولۇپ توپىغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن يەنە تىرىلىپ يېڭىدىن يارىتىلامدۇق؟ دېگەن سۆزلىرى تۈپەيلىدىن بېرىلگەن جازادۇر.

(99) ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىدىغان بۇ ئادەملەر ئىنتايىن كاتتا بولغان ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزلىرىنى يارىتىشقا ئەلۋەتتە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلمىدىمۇ؟ چۈنكى كاتتا نەرسىنى يارىتالىغان زات ئۇنىڭدىن كىچىك ۋە تۆۋەننى ئەلۋەتتە يارىتالايدۇ - دە! ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان مۇئەييەن ۋاقىتنى بېكىتتى، ئۇلارنىڭ قايتا تىرىلىشى ئۈچۈنمۇ شەكسىز بىر سۈرۈك بەلگىلىدى. ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنىڭ دەلىل - پاكىتلىرى شۇنچىۋالا روشەن تۇرسىمۇ مۇشرىكلار يەنىلا ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇردى.

(100) ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىمنىڭ پۈتمەس - تۈگىمەس رەھمەت خەزىنىسىگە ئىگە بولغان بولساڭلار، ئۇ چاغدا خەزىنە تۈگەپ كېتىپ، كەمبەغەل بولۇپ قىلىشىڭلاردىن ئەنسىرەپ بېخىللىق قىلاتتىڭلار. چۈنكى بېخىللىق ئىنساننىڭ تەبىئىي خاراكتېرىدۇر. لېكىن مۇئمىن ئۇنداق بولمايدۇ. ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ مېلىنى سەرپ قىلىدۇ.

(101) ھەقىقەتەن بىز مۇساغا ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە شاھىت بولىدىغان روشەن توققۇز دەلىل ئاتا قىلدۇق، بۇ دەلىللەر: ھاسا، نۇرلۇق قول، قەھەتچىلىك يىللىرى، مېۋىلەرنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ كېمىيىپ كېتىشى، توپان، چېكەتكە، پىت، پاقا ۋە قاندىن ئىبارەت. ئەي پەيغەمبەر! يەھۇدىيلاردىن سوراپ باققىن: مۇسا ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىغا ئاشۇ مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەندە پىرئەۋن ئۇنىڭغا: ئى مۇسا! سەن بىزگە يوچۇن نەرسىلەرنى ئېلىپ كەلگەچكە، ئەلۋەتتە مەن سېنى سېھىرگەرمىكىن دەپ ئويلايمەن، دېدى.

(102) مۇسا پىرئەۋنگە جاۋابەن: سەن بۇ مۆجىزىلەرنى پەقەت ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ ئۆزىنىڭ قۇدرىتى ۋە پەيغەمبىرىنىڭ راستلىقىغا دەلىل قىلىپ نازىل قىلغانلىقىغا كۆڭلۈڭدە ئىشەنگەن بولساڭمۇ، ئاغزىڭدا ئىنكار قىلىپ تېنىۋاتىسەن. ئەي پىرئەۋن! مەن سېنى چوقۇم ھالاك بولۇپ، زىيان تارتىدۇ دەپ بىلىمەن، دېدى.

(103) پىرئەۋن مۇسائەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى مىسىردىن چىقىرۋېتىش ئارقىلىق جازالىماقچى بولغاندا بىز پىرئەۋننى ئۇنىڭغا يانتاياق بولغان پۈتۈن لەشكەرلىرى بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلدۇق.

(104) بىز پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى ھالاك قىلىۋەتكەندىن كېيىن ئىسرائىل ئەۋلادىغا: شام زېمىنىدا تۇرۇڭلار. قىيامەت كۈنى بولغاندا ھەممىڭلارنى ھېساب ئۈچۈن مەھشەر مەيدانىغا ئېلىپ كېلىمىز، دېدۇق.

(105) بىز بۇ قۇرئاننى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا نازىل قىلدۇق، بۇ قۇرئان ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئۆزگەرتىلمەستىن ۋە بۇرمىلانماستىن نازىل بولدى. ئەي پەيغەمبەر! بىز سېنى پەقەت تەقۋادارلارغا جەننەت بىلەن خۇشخەۋەر بەرگۈچى، كاپىر ۋە ئاسىيلارنى دوزاخ بىلەن قورقۇتقۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق.

(106) بىز قۇرئان كەرىمنى بۆلۈپ - بۆلۈپ نازىل قىلدۇق، سېنىڭ ئۇنى كىشىلەرگە ئالدىرىماي، تەرتىل بىلەن ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن تەپسىلىي بايان قىلدۇق، چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ قۇرئاننى چۈشىنىشى ۋە تەپەككۇر قىلىشىغا ئەڭ قولايلىقتۇر. بىز قۇرئان كەرىمنى ھادىسىلەر ۋە ئەھۋاللارغا قاراپ تەدرىجىي بۆلۈپ - بۆلۈپ نازىل قىلدۇق.

(107) ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، قۇرئانغا ئىشىنىڭلار ياكى ئىشەنمەڭلار بەرىبىر، چۈنكى سىلەرنىڭ ئىمانىڭلار ئۇنىڭ (كامالىتىگە) بىر نەرسە قوشالمايدۇ، كۇپرىڭلارمۇ ئۇنىڭ (مەرتىۋىسىنى) چۈشۈرەلمەيدۇ. شەكسىزكى ئىلگىرىكى ساماۋىي كىتابلارنى ئوقۇغان ھەمدە ۋەھىي ۋە پەيغەمبەرلىكتىن خەۋەردار كىشىلەرگە قۇرئان كەرىم ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇلار ئاللاھقا شۈكرى ئېيتىش يۈزىسىدىن دەرھال سەجدىگە يىقىلىدۇ.

(108) ئۇلار سەجدە قىلغان ھالەتتە: پەرۋەردىگارىمىز ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىشتىن پاكتۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىشتىن ئىبارەت ۋەدىسى ئىشقا ئاشتى. ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان باشقا ۋەدىلىرىمۇ چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ، دەيدۇ.

(109) ئۇلار ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلىغان پېتى سەجدىگە يىقىلىدۇ، قۇرئان كەرىمنى ئاڭلاپ، مەنىلىرىنى تەپەككۇر قىلىش ئۇلارنىڭ ئاللاھقا بويسۇنۇشىنى ۋە ئەيمىنىشىنى تېخىمۇ زىيادە قىلىدۇ.

(110) ئەي پەيغەمبەر! سېنىڭ «ئەي ئاللاھ! ئەي راھمان!» دەپ دۇئا قىلىشىڭنى ياقتۇرمىغانلارغا ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ۋە راھمان» ئاللاھ تائالانىڭ ئىككى ئىسمى بولۇپ، مەن مۇشۇ ئىككى ئىسىمدىن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ئىسىملاردىن قايسىسى بىلەن دۇئا قىلسام بولىۋېرىدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ نۇرغۇن گۈزەل ئىسىملىرى بار. بۇ ئىككىسىمۇ شۇ ئىسىملارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئاللاھنى مۇشۇ ئىككى ئىسىم بىلەن ياكى بۇنىڭدىن باشقا ئىسىملار بىلەن چاقىرساڭلار بولىدۇ. نامىزىڭدا قىرائەتنى بەك يۇقىرى ئاۋازدا قىلمىغىن، بولمىسا مۇشرىكلار ئاڭلاپ قالىدۇ. بەك پەسمۇ قىلمىغىن، بولمىسا مۇئمىنلەر ئاڭلىيالماي قالىدۇ. بۇ ئىككى ئەھۋال ئارىسىدا ئوتتۇراھال يول تۇتقىن.

(111) ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، بارلىق گۈزەل مەدھىيەلەر بالىدىن ۋە شېرىكتىن پاك بولغان، سەلتەنىتىدە ھېچقانداق شېرىكى بولمىغان، خارلىق ۋە زاۋاللىق يەتمەيدىغان، ھەر تۈرلۈك مەدھىيەلەرگە لايىق بولغان ئاللاھقا خاستۇر. ئۇنىڭ ياردەمچىگە ۋە قوللىغۇچىغا ئېھتىياجى يوق. ئۇنى كۆپ ئۇلۇغلىغىن، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا نە بالىنى، نە شېرىكنى نىسبەت بەرمىگىن، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغان ياردەمچىسى بار دېمىگىن.