18 - سۈرە كەھپ ()

|

(1) بارلىق مۇكەممەللىك ۋە ئۇلۇغلۇق سۈپەتلىرى بىلەن، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن نېئمەتلەرنىڭ ئىگىسى بولۇش بىلەن مەدھىيەلەر يېگانە ئاللاھقا خاستۇركى، ئۇ بەندىسى ۋە ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇرئاننى نازىل قىلدى، بۇ قۇرئاندا ھېچقانداق قىڭغىرلىق ۋە ھەقتىن مايىل بولۇپ كېتىش يوقتۇر.

(2) ئەكسىچە قۇرئاننى ھېچقانداق زىتلىق ۋە ئىختىلاپ بولمىغان راۋرۇس (كىتاب) قىلدى. (بۇ قۇرئان) ئاللاھ تەرەپتىن كاپىرلارنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان قاتتىق ئازابتىن ئۇلارنى قورقۇتۇش ئۈچۈن، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىغان مۇئمىنلەرگە تەڭداشسىز گۈزەل مۇكاپاتلار بىلەن خەۋەر بېرىش ئۈچۈندۇر.

(3) ئۇلار بۇ مۇكاپات ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ مۇكاپات ئۇلاردىن ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.

(4) (بۇ قۇرئان) ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگەن يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە بىر قىسىم مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر.

(5) ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەپ بىلجىرلايدىغان بۇ بوھتانچىلارنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي پاكىتى يوق، ئۇلار بۇنداق دېيىشتە قارىغۇلارچە ئەگەشكەن ئاتا - بوۋىلىرىنىڭمۇ بۇ ھەقتە مەلۇماتى يوق. ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن ئويلانماستىن چىقىۋاتقان بۇ سۆز نېمىدېگەن قەبىھ! ئۇلار ھېچقانداق ئاساسسىز، دەلىلسىز، يالغان سۆزنىلا دەيدۇ.

(6) ئەي پەيغەمبەر! بەلكىم سەن ئۇلارنىڭ بۇ قۇرئانغا ئىشەنمىگەنلىكىگە قايغۇرۇپ ۋە ئەپسۇسلىنىپ ئۆزۈڭنى تۈگەشتۈرۈۋېلىشىڭ مۇمكىن. ھەرگىز ئۇنداق قىلما. چۈنكى سېنىڭ ئۇلارنى ھىدايەت قىلىش مەجبۇرىيىتىڭ يوق، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەتلا ھەقنى يەتكۈزۈشتۇر.

(7) بىز ھەر كىمگە ئۆزىگە لايىق جازا - مۇكاپات بېرىش ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ قايسىسىنىڭ ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئەمەللەرنى ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا قايسىسىنىڭ ئەڭ يامان ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى سىناش مەقسىتىدە يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنى يەر يۈزىنىڭ زىننىتى قىلدۇق.

(8) بىز چوقۇم يەر يۈزدىكى بارچە مەخلۇقاتلارنى ئۆسۈملۈكتىن خالىي ھالەتتىكى تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىمىز. بۇ ئىش يەر يۈزىدىكى مەخلۇقاتلارنىڭ ھاياتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بېرىدىغان بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈندۇر.

(9) ئەي پەيغەمبەر! ئەسھابۇلكەھف ۋەقەلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى يېزىلغان تاختاينى بىزنىڭ ئاجايىب مۆجىزىلىرىمىزدىن دەپ ئويلاپ قالما. ئەكسىچە ئۇنىڭدىن باشقا ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىغا ئوخشاش مۆجىزىلەر تېخىمۇ ھەيران قالارلىقراقتۇر.

(10) ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا بىر قانچە مۇئمىن ياشنىڭ دىنىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن (غارغا) پاناھلانغانلىقىنى ئەسلىگىن. ئۇلار پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: ئەي رەببىمىز! گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلىپ، دۈشمەنلىرىمىزدىن قۇتۇلدۇرۇش ئارقىلىق بىزگە ھۇزۇرۇڭدىن رەھمەت ئاتا قىلغىن، ئىمانىمىزنى دەپ كاپىرلارنى تاشلاپ چىققان بۇ سەپىرىمىزدە بىزنى ھەق ۋە توغرا يولغا ئېرىشتۈرگىن، دېدى.

(11) ئۇلار كېتىپ، غارغا پاناھلانغاندىن كېيىن بىز ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىدا ئاۋازلارنى ئاڭلاشتىن توسىدىغان پەردىلەرنى قىلدۇق، ئۇلارنى ئۇزۇن يىللار ئۇخلىتىپ قويدۇق.

(12) ئۇلار ئۇزۇن يىللار ئۇخلىغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ غاردا قانچىلىك تۇرغانلىقى ھەققىدە دەتالاش قىلىشقان ئىككى تەرەپتىن قايسىسىنىڭ ئۇ ۋاقىتنى ئەڭ توغرا مۆلچەرلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئويغاتتۇق.

(13) ئەي پەيغەمبەر! بىز سېنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن شەكسىز توغرا رەۋىشتە خەۋەردار قىلىمىز. شەكسىزكى ئۇلار پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتقان ۋە ئىتائەت قىلىپ ئەمەل قىلغان يېگىتلەردۇركى، بىز ئۇلارنىڭ ھىدايىتىنى زىيادە قىلىپ، ھەق ئۈستىدە تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلدۇق.

(14) بىز ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ئىمان بىلەن ۋە ئىماندا مۇستەھكەم قىلىش بىلەن ھەمدە ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىغا سەۋرچان قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ روھىيىتىنى كۈچلەندۈردۇق. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار كاپىر پادىشاھنىڭ ئالدىدا دەس تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ يالغۇز ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقىنى جاكارلاپ پادىشاھقا: بىز ئىمان ئېيتقان ۋە قۇلچىلىق قىلغان پەرۋەردىگارىمىز ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، بىز ئۇنىڭدىن باشقا ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنمايمىز. ئەگەر بىز ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلساق، ھەقتىن يىراقلاشقان يامان سۆزنى قىلغان بولىمىز، دېدى.

(15) ئاندىن ئۇلار بىر - بىرىگە قاراپ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ بۇ قەۋم - قېرىنداشلىرىمىز ئاللاھنى قويۇپ باشقا مەبۇدلارنى چوقۇنىدىغان ئىلاھ قىلىۋېلىشتى. ئۇلارنىڭ ئۇ مەبۇدلارغا قۇلچىلىق قىلغانلىقىغا قارىتا روشەن دەلىل - پاكىتى يوق. ئاللاھنىڭ شېرىكى بار دەپ، ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان كىشىدىنمۇ زالىمراق بىرى يوق.

(16) (ئەي يىگىتلەر!) ئۆز ۋاقتىدا سىلەر قەۋمىڭلاردىن ئايرىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلىرىنى تاشلاپ چىقتىڭلار، ئاندىن يېگانە ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلدىڭلار. شۇڭا ئەمدى دىنىڭلارنى قوغداش ئۈچۈن غارغا پاناھلىنىڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار ئۆز رەھمىتى بىلەن سىلەرنى دۈشمەنلىرىڭلاردىن قوغدايدۇ، ھىمايە قىلىدۇ، قەۋمىڭلارنىڭ ئارىسىدىكى ياشىغان تۇرمۇشنىڭ ئورنىغا سىلەرگە تېخىمۇ مەنپەئەتلىك ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.

(17) ئۇلار بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردى، ئاللاھ ئۇلارغا ئۇيقۇ ئاتا قىلىپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىدىن قوغدىدى. ئەي ئۇلارنىڭ ھالىنى تاماشا قىلغۇچى! قاراپ باققىن، قۇياش مەشرىقتىن چىققان ۋاقتىدا ئۇلار تۇرغان غارنىڭ ئىچىدىن ئوڭ تەرىپىگە قايرىلىدۇ، پاتقان چاغدا غارنىڭ شىمال تەرىپىگە مايىل بولۇپ، غارغا قۇياش نۇرى چۈشمەيدۇ، ئۇلار داۋاملىق سايىدا بولۇپ، قۇياش نۇرىنىڭ قىزىقى ئۇلارنى بىئارام قىلمايدۇ. ئۇلار غارنىڭ ئوتتۇردىكى يېتەرلىك ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان كەڭرى جايدا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ غارغا پاناھلىنىشى، ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئېغىر ئۇيقۇ ئاتا قىلىشى، قۇياشنىڭ ئۇلاردىن قايرىلىپ ئۆتۈشى، ئۇلار تۇرغان جاينىڭ كەڭرى بولۇشى، ئۇلارنىڭ قەۋمىدىن قۇتۇلدۇرۇلۇشى قاتارلىق ئىشلار ئاللاھنىڭ ئاجايىپ قۇدرىتىنى نامايان قىلىدىغان ئالامەتلەردۇر. كىمنى ئاللاھ توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىدىكەن، ئۇ كىشى ھەقىقىي ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ كىمنى ھىدايىتىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئازدۇرۇۋېتىدىكەن، ئۇنى ھىدايەتكە ئېرىشتۈرۈپ، توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان بىرەر ياردەمچى تاپالمايسەن. چۈنكى ھىدايەت ئاللاھنىڭ قولىدا، ئۇ كىشىنىڭ قولىدا ئەمەس.

(18) ئەي ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزەتكۈچى! ئۇلارنى كۆزى ئوچۇق بولغاچقا ئويغاق دەپ ئويلايسەن، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۇيقۇدا. ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىنى زېمىن (نىڭ ھاشارەتلىرى) يەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇخلىغان ھالەتلىرىدە ئوڭ - سول تەرەپلەرگە ئۆرۈپ تۇرىمىز. ئۇلارنىڭ ئىتى ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ غارنىڭ بوسۇغىسىدا ئىككى پۇتىنى سوزۇپ ياتىدۇ، ئەگەر ئېڭىشىپ قاراپ ئۇلارنى كۆرىدىغان بولساڭ، ئۇلاردىن قورققىنىڭدىن ئۆرۈلۈپلا قاچقان ۋە قورقۇنچتىن ئالاقىزادە بوپكەتكەن بولاتتىڭ.

(19) يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىز بويىچە بىز ئۇلاردا قۇدرىتىمىزنىڭ ئاجايىباتلىرىنى نامايان قىلغىنىمىزدەك، ئۇلارنىڭ ئۇخلىغان ھالەتتە قانچىلىك تۇرغانلىقىنى ئۆز-ئارا سورىشىشى ئۈچۈن ئۇزۇن مەزگىلدىن كېيىن ئۇلارنى ئويغاتتۇق. ئۇلاردىن بىرى جاۋاب بېرىپ: بىز ئۇخلىغان ھالەتتە بىر كۈن ياكى يېرىم كۈن تۇردۇق، دېدى. ئۇخلىغان ھالەتتە قانچىلىك تۇرغانلىقىنى ئېنىق بىلەلمىگەنلەردىن يەنە بىرى بۇنىڭغا جاۋابەن: قانچىلىك ئۇخلىغىنىڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار ئوبدان بىلىدۇ، شۇڭا بۇنىڭ ئىلمىنى ئۇنىڭغا قويۇپ، ئۆزۈڭلارغا پايدىسى بولىدىغان ئىشقا تۇتۇش قىلىڭلار. بىرىڭلارنى ماۋۇ تەڭگە پۇللار بىلەن ئۆزىمىزگە تونۇشلۇق بولغان شەھەرگە ئەۋەتەيلى. ئۇ بېرىپ شەھەردىكىلەرنىڭ قايسىسىنىڭ يېمەكلىكى پاكىزە ۋە ھالال ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلسۇن ھەمدە شەھەرگە كىرىپ - چىقىشتا ۋە سودا - سېتىقتا ھوشيار بولسۇن، ھېچكىمگە ئورنۇڭلارنى سەزدۈرۈپ قويمىسۇن. بولمىسا بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئېغىر زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دېدى.

(20) ئەگەر قەۋمىڭلار سىلەردىن خەۋەر تېپىپ، ئورنۇڭلارنى بىلىپ قالىدىغان بولسا، سىلەرنى چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ ياكى ئۇلار سىلەرنى ئاللاھ سىلەرگە ياخشىلىق قىلىپ توغرا دىنغا ھىدايەت قىلىشتىن ئىلگىرىكى ئۆزلىرىنىڭ خاتا دىنىغا قايتۇرىدۇ. مۇبادا ئۇنىڭغا قايتساڭلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قەتئىي نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر، ئەكسىچە ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلغان ھەق دىننى تاشلاپ، خاتا دىنغا قايتقانلىقىڭلار سەۋەبلىك ئىككىلا دۇنيادا چوڭ زىيان تارتىسىلەر.

(21) ئۇلارنى ئۇزۇن يىللار ئۇخلاتقاندىن كېيىن ئويغىتىشتىن ئىبارەت ئۇلاردا قۇدرىتىمىزنىڭ ئاجايىباتلىرىنى نامايان قىلغىنىمىزدەك، شەھەر ئەھلى ئاللاھنىڭ مۇئمىنلەرگە چوقۇم ياردەم بېرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسىنىڭ ھەمدە ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنىڭ راستلىقىنى، شۇنداقلا قىيامەتنىڭ شەكسىز بولىدىغانلىقىنى بىلىپ قېلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلدۇق. ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئىشى ئاشكارىلىنىپ، ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغانلار ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى قانداق بىتەرەپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە دەتالاش قىلىشتى. ئۇلاردىن بىر قىسىم كىشىلەر: غارنىڭ كىرىش ئېغىزىغا بىر تام سېلىڭلار، تام ئۇلارنى توسۇپ، (باشقىلاردىن) ھىمايە قىلسۇن، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى پەرۋەردىگارى ئوبدان بىلىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ئورنى بار، دېيىشتى. ئۇلار ھەققىدە بىر نەرسە بىلمەيدىغان ھەم ساغلام دەۋەت يېتىپ كەلمىگەن كىشىلەر ئىچىدىن بىر قىسىم جامائەت ئەربابلىرى: ئۇلارنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئورنىنى باشقىلارغا ئەسلىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇ ئورۇننى ئىبادەت قىلىدىغان مەسجىد قىلايلى، دېيىشتى.

(22) ئۇلارنىڭ سانى ھەققىدە چوڭقۇر ئىزدەنگەن بىر قىسىم كىشىلەر: ئۇلار ئۈچ كىشى، تۆتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر، دېدى. يەنە بىر قىسمى: ئۇلار بەش كىشى، ئالتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر، دېدى. ھەر ئىككى تەرەپ ئېنىق پاكىتسىز ھالەتتە، پەقەت گۇمان بىلەنلا ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. يەنە بىر بۆلۈك كىشىلەر: ئۇلار يەتتە كىشى بولۇپ، سەككىزىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر، دېيىشتى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، رەببىم ئۇلارنىڭ سانىنى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ سانىنى ئاللاھ بىلدۈرگەن ئازغىنە كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. شۇڭا سەنمۇ ئۇلارنىڭ سانى ۋە باشقا ئەھۋاللىرى ھەققىدە ئەھلى كىتاب بىلەنمۇ، باشقىلار بىلەنمۇ دەتالاش قىلمىغىن، پەقەت چوڭقۇرلاپ كىرىپ كەتمىگەن ئاساستا، يۈزەكىيلا مۇنازىرىلەشكىن. چۈنكى سەن ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ساڭا نازىل بولغان ۋەھىي بىلەنلا كۇپايىلىنىشىڭ كېرەك. ئۇلارنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى ھەققىدە ھېچكىمدىن سوراپمۇ ئولتۇرمىغىن. چۈنكى ئۇلار بۇ ئەھۋالنى ئۇقمايدۇ.

(23) ئەي پەيغەمبەر! ئەتە قىلماقچى بولغان بىر ئىش توغرىسىدا: ئەتە مۇنۇ ئىشنى چوقۇم قىلىمەن، دېمىگىن. چۈنكى سەن ئۇ ئىشنى قىلالامسەن ياكى سېنى ئۇ ئىشنى قىلىشىڭ توسالغۇغا ئۇچرامدۇ؟ بۇنى بىلمەيسەن. بۇ ھەر قانداق مۇسۇلمانغا بېرىلگەن يوليورۇقتۇر.

(24) لېكىن ئۇ ئىشنى قىلىشنى ئاللاھنىڭ خاھىشىغا باغلاپ: -ئاللاھ خالىسا- مۇنۇ ئىشنى ئەتە قىلىمەن، دېسەڭ بولىدۇ. ئاللاھ خالىسا دېيىش ئارقىلىق پەرۋەردىگارىڭنى ئەسلىگىن، ئەگەر بۇ گەپنى دېيىشنى ئۇنتۇپ قالساڭ: پەرۋەردىگارىم مېنى بۇنىڭدىنمۇ توغرىراق ئىشقا مۇۋەپپەق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېگىن.

(25) ئەسھابۇلكەھف غاردا ئۈچيۈز توققۇز يىل تۇردى.

(26) ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئۇلارنىڭ غاردا قانچىلىك تۇرغانلىقىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، دەرۋەقە، ئاللاھ بىزگە ئۇلارنىڭ قانچىلىك تۇرغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئاللاھنىڭ سۆزىدىن كېيىن ھېچكىمنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيىبنى يارىتىش ۋە بىلىش يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ كۆرۈشى نېمىدېگەن مۇكەممەل! ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ ئاڭلىشى نېمىدېگەن مۇكەممەل! ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولىدىغان ئاللاھتىن باشقا ياردەمچى بولمايدۇ، ئاللاھ ھۆكمىگە ھېچ كىشىنى شېرىك قىلمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ ھۆكۈمدە يەككە - يېگانىدۇر.

(27) ئەي پەيغەمبەر! قۇرئاندىن ئاللاھ ساڭا ۋەھىي قىلغاننى ئوقۇغىن، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى ئۆزگەرتكۈچى يوق. چۈنكى ئاللاھنىڭ ھەممە سۆزى راست ھەم ئادالەتتۇر. ئاللاھتىن باشقا ئىلتىجا قىلىدىغان ۋە سىغىنىدىغان پاناھگاھ تاپالمايسەن.

(28) پەرۋەردىگارىغا قۇلچىلىق قىلىش ھەمدە تىلەك تىلەش مەقسىتىدە ئەتىگەن - ئاخشاملىرى ئۇنىڭغا ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان كىشىلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولغىن، بايۋەچچىلەر ۋە مۆتىۋەرلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش مەقسىتىدە ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي قالمىغىن، بىز قەلبىنى پېچەتلىۋېتىش ئارقىلىق زىكرىمىزدىن بىخۇتلاشتۇرۇۋەتكەن، ئاندىن سېنى كەمبەغەللەرنى يېقىن يولاتماسلىققا بۇيرۇپ، ئۆز خاھىشىنى پەرۋەردىگارىنىڭ ئىتائىتىدىن ئەلا بىلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئەمەللىرى تامامەن يوققا چىققان كىشىگە ئىتائەت قىلمىغىن.

(29) ئەي پەيغەمبەر! دىللىرىنىڭ بىخۇتلۇقىدىن ئاللاھنىڭ زىكرىدىن غاپىل بولغان بۇ ئادەملەرگە ئېيتقىنكى، مەن سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن قۇرئان ھەقىقەتتۇركى، ئۇ مېنىڭ ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەندۇر. مەن سىلەرنىڭ مۇئمىنلەرنى قوغلىۋېتىشىم ھەققىدىكى تەلىپىڭلارنى ئۇرۇنلىيالمايمەن. شۇڭا ئاراڭلاردىن كىم بۇ ھەقىقەتكە ئىمان ئېيتىشنى خالىسا ئىمان ئېيتسۇن، چوقۇم ئۇنىڭ مۇكاپىتىدىن خۇرسەن بولىدۇ. كىمكى ئۇنىڭغا خاپىر بولۇشنى خالىسا كاپىر بولسۇن، ئۇمۇ چوقۇم ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئازابتىن بىئارام بولىدۇ. شەكسىزكى بىز ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كۇپرىنى تاللىغان زالىملارغا ھەر تەرەپتىن قورشىۋالىدىغان كاتتا ئوتنى تەييارلىدۇق. ئۇلار ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇلار قاتتىق چاڭقاپ كەتكەنلىكتىن ناۋادا سۇ دەپ يالۋۇرسا قايناپ تۇرغان ياغدەك تېمپېراتۇرىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان قايناقسۇ بېرىلىدۇ، ئۇ سۇنىڭ ھارارىتىنىڭ كۈچىدىن ئۇلارنىڭ يۈزلىرى چارلىشىپ كېتىدۇ. ئۇلارغا سۇنۇلغان بۇ شاراب نېمىدېگەن يامان ئىچىملىك ھە! بۇ ئىچىملىك ئۇلارنىڭ ئۇسسۇزلىقىغا ئەسقاتمايدۇ، ئەكسىچە ئۇسسۇزلۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ. ئۇ ئۇلارنىڭ تېرىلىرىنى كۆيدۈرۈۋاتقان ئوت يالقۇنىنىمۇ ئۆچۈرەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ تۇرالغۇسى بولغان دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي ھە!

(30) ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى ئېھسان بىلەن قىلغان كىشىلەرگە كاتتا ساۋاب بار. شەكسىزكى بىز ئەمەللىرىنى ئېھسان بىلەن قىلغانلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيمىز. ئەكسىچە بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئەجىرلىرىنى قىلچە كېمەيتمەي، تولۇق بېرىمىز.

(31) ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن سۈپەتلەنگەن ئاشۇ مۇئمىنلەرگە مەڭگۈ تۇرىدىغان جەننەتلەر بار بولۇپ، تۇرالغۇلىرى ئاستىدىن جەننەتنىڭ شېرىن سۇلىرى ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇلارغا جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەزۈكلەر سېلىنىدۇ، ئۇلار نېپىز ۋە قېلىن يىپەكلەردىن توقۇلغان يېشىل كىيىملەرنى كىيىدۇ، چىرايلىق ياپقۇچلار بىلەن بېزەلگەن كارىۋاتلارغا يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇكاپاتى نېمىدېگەن گۈزەل! ئۇلارنىڭ تۇرالغۇسى بولغان جەننەت نېمىدېگەن گۈزەل!

(32) ئەي پەيغەمبەر! مۇنداق ئىككى ئادەمنى مىسال قىلىپ بەرگىن: بىرى كاپىر، بىرى مۇئمىن. بىز ئۇلاردىن كاپىر بولغان كىشىگە ئىككى دانە بوستانلىق ئاتا قىلدۇق، بۇ ئىككى بوستانلىقنىڭئەتراپىغا خورمىلارنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق، ئوتتۇرىسىدىكى بوش يەرگە زىرائەتلەرنى ئۆستۈردۇق.

(33) بۇ باغلارنىڭ ھەر بىرى خورما، ئۈزۈم ۋە زىرائەتلەردىن كەم قالماي، تولۇق مېۋە بەردى. ئۇلارنىڭ سۇغۇرۇش ئىشلىرى ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ئارىسىدىن ئېقىپ تۇرىدىغان ئۆستەڭ بەرپا قىلدۇق.

(34) بۇ ئىككى باغ ئىگىسىنىڭ بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن مال - ۋارانلىرى ۋە مېۋىلىك باغلىرى بار ئىدى. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ مۇئمىن بۇرادىرىگە پەخىرلىنىپ: مەن سەندىن باي، مېنىڭ بالا - چاقا ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىم سېنىڭكىدىن كۆپ، دېدى.

(35) كاپىر ئادەم مۇئمىن بۇرادىرىگە بېغىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ بېغىغا كىردى، ئۇ كۇپۇرلۇق ھەم تەمەننا قىلىش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئىدى. كاپىر ئېيتتى: سەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان بۇ باغنى يوقىلىدۇ، دەپ قارىمايمەن. چۈنكى مەن بۇ باغنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بارچە ئاماللارنى قىلدىم.

(36) مەن يەنە قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. شەكسىزكى بۇ ھايات داۋاملىشىدۇ. قىيامەت بولغان تەقدىردىمۇ، ناۋادا مەن قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ، پەرۋەردىگارىمنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلۇپ قالسام، ئەلۋەتتە قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ رەببىمنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلغىنىمدىن كېيىن بۇ باغچەمدىنمۇ ياخشىراقىغا ئېرىشىمەن. چۈنكى مېنىڭ بۇ دۇنيادا باي بولغانلىقىم قايتا تىرىلگەندىن كېيىنمۇ باي بولىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىدۇ.

(37) مۇئمىن بۇرادىرى ئۇنىڭغا مۇنازىرلەشكەن ھالدا ئېيتتى: ئاتاڭ ئادەمنى توپىدىن ياراتقان، ئاندىن سېنى مەنىي ئىسپىرمىدىن ياراتقان، ئاندىن سېنى ئەر قىلىپ، ئەزالىرىڭنى بىجىرىم، قاۋۇل ئىنسان قىلغان زاتقا كاپىر بولامسەن؟ بۇلارنىڭ ھەممىسىگە قادىر بولغان زات ئەلۋەتتە سېنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىردۇر.

(38) مەن سېنىڭ دېگىنىڭنى دېمەيمەن، پەقەتلا دەيمەنكى: ئۇ ئاللاھ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، ئۇ بىزگە نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغۇچىدۇر. مەن ئىبادەتتە ئۇنىڭغا ھېچكىمنى شېرىك قىلمايمەن.

(39) مەن ساڭا قارىغاندا ھەر قانچە كەمبەغەل ۋە بالا - چاقىلىرىم ئاز بولسىمۇ، سەن بېغىڭغا كىرگىنىڭدە: ئاللاھنىڭ خالىغىنى بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچكىمنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ، ئاللاھ خالىغاننى قىلىدۇ، ئۇ ھەممىدىن كۈچلۈكتۇر، دېسەڭچۇ!

(40) مەن پەرۋەردىگارىمنىڭ ماڭا سېنىڭ بېغىڭدىن ياخشىراقىنى ئاتا قىلىشىنى، سېنىڭ بېغىڭغا ئاسماندىن ئازاب ئەۋەتىشىنى، بېغىڭنى ھېچبىر گىياھسىز، قەدەملەر تېيىلىپ تۇرىدىغان تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

(41) ياكى ئۇنىڭ سۈيىنى يەرگە سىڭدۈرۋېتىشىنى تىلەيمەن. ئۇ چاغدا سەن ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيسەن. ناۋادا ئۇنىڭ سۈيى سېڭىپ كەتسە، بېغىڭنىڭ ئىزناسىمۇ قالمايدۇ.

(42) مۇئمىننىڭ كۈتكىنى ئىشقا ئېشىپ، كاپىرنىڭ بېغىنىڭ مېۋىلىرى تامامەن يوق بولدى. شۇنىڭ بىلەن كاپىر بۇ باغنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈشكە سەرپ قىلغان ماللىرىغا قاتتىق ھەسرەت - نادامەت چېكىپ، ئالقىنىنى ئۇۋۇلاشقا باشلىدى. باغ ئۈزۈم تاللىرى يېيىلغان باراڭلارنىڭ كۆتەكلىرى ئۈستىگىلا يىقىلغان ئىدى. ئۇ (ۋەيران بولغان بېغىغا قاراپ): كاشكى مەن يالغۇز رەببىمگە ئىمان ئېيتىپ، ئىبادەتتە ئۇنىڭغا ھېچكىمنى شېرىك قىلمىغان بولسامچۇ! - دېدى.

(43) بۇ كاپىرنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازابنى توسۇپ قالالايدىغان ھېچبىر جامائە بولمىدى. ئۇ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ جامائەسى بىلەن پەخىرلىنەتتى. ئەمما ئۇمۇ ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ بېغىنى ھالاك قىلىۋېتىشىگە دال بولالمىدى.

(44) بۇنداق ۋاقىتتا ياردەم پەقەت يېگانە ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئۇ بارچە ئەيىب - نۇقسانلاردىن پاكتۇركى، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇئمىن دوستلىرىغا ئەڭ ياخشى مۇكاپات بەرگۈچىدۇر. ئۇ مۇئمىنلەرگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىدۇ. ئەڭ ياخشى نەتىجە شۇلارغا مەنسۇپتۇر.

(45) ئەي پەيغەمبەر! دۇنياغا مەپتۇن بولغانلارغا مۇنداق بىر مىسال كەلتۈرگىن: دۇنيا ئۆتكۈنچىلىكى ۋە ئىنتايىن تېز يوقۇلۇشىدا بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن يامغۇر سۈيىگە ئوخشايدۇكى، بۇ سۇ بىلەن زېمىننىڭ ئۆسۈملۈكلىرى ئۈنۈپ، باراقسانلىشىدۇ. ئاندىن بۇ ئۆسۈملۈكلەر قۇرۇپ تۆكۈلىدۇ، ئۇنىڭ پارچىلىرىنى شاماللار تەرەپ - تەرەپكە ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ. نەتىجىدە زېمىن ئەسلىدىكى (قۇرۇق) ھالىتىگە قايتىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەر نەرسىگە قادىردۇر، ئۇنى ھېچ نەرسە ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ، ئۇ خالىغىنىنى ياشنىتىدۇ، خالىغىنىنى يوق قىلىدۇ.

(46) مال - ۋارانلار ۋە بالا - چاقىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر. ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن سەرپ قىلىنمىغان ماللارنىڭ ئاخىرەتتە پايدىسى بولمايدۇ. ئاللاھ رازى بولىدىغان سۆز - ھەرىكەتلەر دۇنيانىڭ ھەر قانداق زىننىتىدىن كۆپ ياخشىدۇر، شۇنداقلا ئىنسان ئۈمىد قىلىدىغان بارچە نەرسىدىن ياخشىدۇر. چۈنكى دۇنيانىڭ زىبۇزىننەتلىرى ئۆتكۈنچىدۇر، ئەمما ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىش - ھەرىكەت ۋە گەپ - سۆزلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەڭگۈ قالىدۇ.

(47) بىز تاغلارنى ئورۇنلىرىدىن يوق قىلىۋېتىدىغان، زېمىنلارنىڭ ئۈستىدىكى تاغلار، دەل - دەرەخلەر ۋە قۇرۇلۇشلارنى يوق قىلىپ تۈپتۈز قېلىۋىتىدىغان كۈننى ئەسلىگىن. ئۇ كۈندە بىز بارلىق مەخلۇقاتلارنى توپلايمىز، ئۇلاردىن ھېچ بىرىنى چالا قويمايمىز.

(48) پۈتكۈل خالايىق سەپ - سەپ بولۇپ پەرۋەردىگارىغا توغرىلىنىدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۇلاردىن ھېساب ئالىدۇ. ئۇلارغا: ھەقىقەتەن سىلەر بىزنىڭ ئالدىمىزغا سىلەرنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، يەنى يالغۇز، يالاڭ ئاياق، يالىڭاچ ۋە خەتنە قىلىنمىغان پېتى كەلدىڭلار. بەلكى سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلمەيمىز، بىزنى سىلەرگە قىلغان ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدىغان بىرەر ۋاقىت ۋە ئورۇن ھازىرلىيالمايدۇ، دەپ ئويلايتتىڭلار، دېيىلىدۇ.

(49) نامە - ئەمال دەپتەرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر نامە - ئەمالىنى ئوڭ قولى بىلەن ئالىدۇ، يەنە بىر قىسمى سول قولى بىلەن ئالىدۇ. ئەي ئىنسان! كاپىرلارنىڭ نامە - ئەمالىغا قاراپ قورقۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسەن. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرىنى بىلىدۇ. ئۇلار: ۋاي ئېسىت بىزگە! بىز تۈگەشتۇق. بۇ نامە - ئەمال دەپتىرى بىزنىڭ چوڭ - كىچىك بارلىق ئەمەللىرىمىزنى بىرىنىمۇ قويماي تولۇق خاتىرىلەپتۇغۇ؟ دېيىشىدۇ. ئۇلار دۇنيادا قىلغان گۇناھ - مەئسىيەتلىرىنىڭ ئېنىق خاتىرىلەنگەنلىكىنى بىلىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمايدۇ، ھېچكىمنى سەۋەبسىز جازالىمايدۇ، ئىتائەت قىلغۇچىنىڭ تائىتىنىڭ ئەجرىنى قىلچە كېمەيتىۋەتمەيدۇ.

(50) ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: ئادەمگە ھۆرمەت سەجدىسى قىلىڭلار دېدۇق. پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ سەجدە قىلدى، لېكىن ئىبلىس پەرىشتىلەر تىپىدىن ئەمەس، بەلكى جىنلار تىپىدىن بولغاچقا تەكەببۇرلۇق قىلىپ، ئادەمگە سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى، نەتىجىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىپ كەتتى. ئەي ئىنسانلار! سىلەر مېنى قويۇپ، ئىبلىسنى ۋە ئۇنىڭ يېقىنلىرىنى دوست قىلىۋالامسىلەر؟ ئۇلار سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلار تۇرسا، قانداقسىگە دۈشمىنىڭلارنى دوست تۇتىسىلەر؟ زالىملارنىڭ ئاللاھنى دوست تۇتقاننىڭ ئورنىغا شەيتاننى دوست تۇتقان قىلمىشى نېمىدېگەن يامان!

(51) سىلەر مېنى قويۇپ دوست تۇتۇۋالغان ئاشۇ شەيتانلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش مېنىڭ قۇللىرىمدۇر. مەن ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان ۋاقتىمدا ئۇلارنى شاھىت قىلمىغان ئىدىم. ئەكسىچە ئۇلار ئۇ چاغدا يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىنىڭ يارىتىلىشىغىمۇ گۇۋاھچى قىلغىنىم يوق.مەن يارىتىش ۋە پىلانلاشتا يالغۇزمەن. مەن ئىنسان ۋە شەيتانلاردىن بولغان ئازدۇرغۇچىلارنى ياردەمچى قىلىۋالغىنىممۇ يوق، چۈنكى مەن ياردەمچىلەردىن بىھاجەتمەن.

(52) ئەي پەيغەمبەر! قىيامەت كۈنىنى ئەسلىگىن، ئۇ كۈندە ئاللاھ تائالا دۇنيادا ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرگەن بەدبەختلەرگە: سىلەر دۇنيادا مېنىڭ شېرىكلىرىم دەپ بىلجىرلىغان شېرىكلىرىڭلارنى ياردەمگە چاقىرىڭلار، دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شېرىكلىرىنى چاقىرىدۇ، لېكىن شېرىكلىرى ئۇلارنىڭ چاقىرىقىغا جاۋاب بېرەلمەيدۇ ھەم ئۇلارغا ياردەممۇ بېرەلمەيدۇ. بىز چوقۇنغۇچىلار بىلەن مەبۇدلار ئارىسىدا ئورتاق بىر ھالاكەتنى قىلدۇقكى، ئۇ بولسىمۇ جەھەننەمدۇر.

(53) مۇشرىكلار دوزاخنى ئاشكارا كۆرگەندە ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن دوزاخقا كىرىدىغانلىقىغا چىن پۈتىدۇ. لېكىن ئۇلار دوزاختىن قېچىپ بارىدىغان باشقا جاي تاپالمايدۇ.

(54) بىز ئىنسانلارنىڭ پەند - نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئاندا تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق، لېكىن ئىنسان -بولۇپمۇ كاپىرلار- ئاساسسىز دەتالاشنى كۆپ قىلىدۇ.

(55) بويۇنتاۋ كاپىرلار بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىدىن ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتكە ئىمان ئېيتىشنىڭ ئارىسىنى، شۇنداقلا ئۇلار بىلەن ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەشنىڭ ئارىسىنى توسۇۋالغان نەرسە ھەرگىزمۇ كونكرېت باياننىڭ كەملىكى ئەمەس. چۈنكى قۇرئاندا ئۇلارغا نۇرغۇن مىساللار بايان قىلىندى، ئۇلارغا روشەن دەلىل - پاكىتلار كەلدى. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى توسۇپ قالغىنى ئۇلارنىڭ -تار يەردە قىستاش مەقسىتىدە- ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە چۈشكەن ئازابنى ئۆزلىرىگىمۇ چۈشۈرۈشنى ھەمدە ئۆزلىرىگە ۋەدە قىلىنغان ئازابنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىدۇر.

(56) بىز قانداق بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتسەك، ئۇنى پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ئىتائەت قىلغانلارغا خۇشخەۋەر بەرگۈچى، كاپىر ۋە ئاسىيلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتىمىز. پەيغەمبەرلەرنىڭ كاپىرلارنىڭ دىللىرىنى باشقۇرۇپ، ئۇلارنى ھىدايەت قىلىدىغان ھوقۇقى يوق. ئاللاھقا كاپىر بولغانلار پەيغەمبەرلەرنىڭ دەلىللىرى شۇنچىۋالا روشەن تۇرسىمۇ يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ سەپسەتىلىرى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ھەقنى يوقاتقىلى، قۇرئاننى ھەمدە ئۇلار تەھدىت قىلىنغان ئازابنى كۈلكە - چاقچاققا ئايلاندۇرغىلى بولارمىكىن دەپ ئۇلار بىلەن دەتالاش قىلىشىدۇ.

(57) پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ۋەز - نەسىھەت قىلىنسا، ئۇنىڭدىكى ئازاب تەھدىتلىرىگە پەرۋا قىلماستىن پەند - نەسىھەت ئېلىشتىن يۈز ئۆرۈگەن ھەمدە دۇنيا ھاياتىدا قىلغان كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرىنى ئۇنتۇپ، تەۋبە قىلمىغان ئادەمدىنمۇ زالىمراق بىرى بارمۇ؟ شەكسىزكى بىز مۇشۇنداق سۈپەتلىك كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىدە قۇرئاننى چۈشىنىشتىن چەكلەيدىغان پەردىلەرنى قىلدۇق، قۇلاقلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتۇق، شۇڭا ئۇلار قۇرئاننى قوبۇل قىلىدىغان تەرزدە ئاڭلىيالمايدۇ. ئۇلارنى ئىمان ئېيتىشقا چاقىرساڭمۇ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە پەردىلەر، قۇلاقلىرىدا ئېغىرلىقلا بولىدىكەن، ئۇلار سېنىڭ چاقىرىقىڭغا ھەرگىز ئاۋاز قوشمايدۇ.

(58) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىنى ئىنكار قىلغان يالغانچىلارغا ئازابنىڭ تېزراق كېلىشىگە ئىنتىزار بوپكەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا: ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەۋبە قىلغۇچى بەندىلىرىنىڭ گۇناھىنى تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. ئاللاھنىڭ رەھمىتى ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گۇناھكارلارغا تەۋبە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن مۆھلەت بېرىشىمۇ ئۇنىڭ رەھمىتىدىندۇر. ئەگەر ئاللاھ تائالا ھەقتىن يۈز ئۆرۈگەن بۇ ئاسىيلارنى جازالايدىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنى مۇشۇ دۇنيادىلا جازالايتتى. لېكىن ئاللاھ جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان، رەھىمدىل بولغاچقا تەۋبە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن ئۇلاردىن ئازابنى كېچىكتۈردى. ئۇلار ئۈچۈن مۇئەييەن ۋاقىت ھەم ئورۇن بېكىتىلگەن بولۇپ، ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلمىسا شۇ چاغدا كۇپرى ۋە يۈز ئۆرۈگەنلىكىگە قارىتا جازالىنىدۇ. ئۇلار ھەرگىز ئاللاھتىن باشقا سىغىنىدىغان پاناھگاھ تاپالمايدۇ.

(59) سىلەرگە يېقىن بولغان ئاشۇ كاپىر ئاھالىلىرى ھۇد، سالىھ ۋە شۇئەيب ئەلەيھىسسالاملارنىڭ قەۋمىنىڭ ئاھالىلىرىگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان چاغدا ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق ھەمدە ئۇلارنىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن مۇئەييەن ۋاقىت بېكىتتۇق.

(60) ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئەلەيھىسسالام خىزمەتكارى يۇشەئ ئىبنى نۇنغا: مەن تاكى ئىككى دېڭىز قوشۇلغان جايغا بارغانغا قەدەر مېڭىشنى توختاتمايمەن ياكى سالىھ بەندىگە ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭدىن تەلىم ئالغانغا قەدەر ئۇزاققىچە ماڭىمەن، دېدى.

(61) شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى يولغا چىقىپ، ئىككى دېڭىز قوشۇلىدىغان جايغا يېتىپ بارغاندا ئۆزلىرىنىڭ يېمەكلىكى بولغان بېلىقنى ئۇنتۇپ قالدى. ئاللاھ بېلىقنى تىرىلدۈردى، بېلىق خۇددى تونېلغا كىرگەندەك دېڭىزغا يول ئالدى، سۇ بىلىققا يېپىشمايتتى.

(62) ئۇلار ئىككى دەريا قوشۇلىدىغان جايدىن ئۆتكەندە مۇسائەلەيھىسسالام خىزمەتكارىغا: ناشتىلىقىمىزنى ئېلىپ كەلگىن، بۇ سەپىرىمىزدە ھەقىقەتەن بەك چارچاپ كەتتۇق، دېدى.

(63) خىزمەتكار: بىز تاشنىڭ يېنىدا ئارام ئېلىۋاتقاندا يۈز بەرگەن ئىشتىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟ مەن بېلىقنىڭ ئىشىنى ساڭا سۆزلەپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، بېلىقنىڭ ۋەقەسىنى ساڭا سۆزلەپ بېرىشنى ماڭا پەقەت شەيتان ئۇنتۇلدۇرۇپتۇ. بېلىق تىرىلىپ، سېۋەتتىن سەكرەپ چۈشۈپ، دېڭىزغا ئاجايىپ يول ئالغانتى، دېدى.

(64) مۇسا ئەلەيھىسسالام خىزمەتكارىغا: بىز بارماقچى بولغان يەر شۇ، بېلىقنىڭ ئىشى سالىھ بەندىنىڭ جايىنىڭ ئالامىتى، دېدى - دە، ئىككەيلەن ھېلىقى تاشنىڭ قېشىغا، تاشتىن بېلىق دېڭىزغا كىرىپ كەتكەن يەرگىچە يېتىپ بارغانغا قەدەر يولدىن ئېزىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن كەلگەن يولى بىلەن قايتتى.

(65) بۇ ئىككەيلەن بېلىقىنى يوقىتىپ قويغان جايغا كەلگەندە بىزنىڭ سالىھ بەندىلىرىمىزدىن بىرىنى تاپتى، بىز ئۇ بەندىمىزگە ھۇزۇرىمىزدىن رەھمەت ئاتا قىلدۇق. ئۇنىڭغا كىشىلەر خەۋەردار بولالمايدىغان ئىلىمنى ئۆگەتكەن ئىدۇق. ئۇ ئىلىم بولسا مۇشۇ ۋەقەلىك ئۆز ئىچىگە ئالغان ھادىسىدۇر.

(66) مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا كەمتەرلىك ۋە مۇلايىملىق بىلەن: ئاللاھ ساڭا بىلدۈرگەن، ھەقكە ئېلىپ بارىدىغان توغرا ئىلىمنى ماڭا ئۆگىتىشىڭ ئۈچۈن ساڭا ئەگىشەيمۇ؟ دېدى.

(67) خىزىر ئېيتتى: سەن مېنىڭ بىلگىنىمدىن كۆرىدىغانلىرىڭغا ھەرگىز چىداپ بولالمايسەن، چۈنكى ئۇ ئىشلار سېنىڭ بىلىدىغانلىرىڭغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

(68) سەن توغرا تەرىپىنى بىلمەيدىغان ئىشلارنى كۆرسەڭ قانداقمۇ چىداپ تۇرالايسەن؟ چۈنكى سەن ئىشلارغا ئۆزۈڭ بىلگىنىڭ بويىچە ھۆكۈم قىلىدىغان تۇرساڭ؟

(69) مۇسا ئېيتتى: ئاللاھ خالىسا سېنىڭ ئىشلىرىڭدىن كۆرگەنلىرىمگە سەۋر قىلىپ، ساڭا بويسۇنىدىغانلىقىمنى بىلىپ قالىسەن، سەن مېنى بۇيرۇغان ھېچبىر ئىشتا ساڭا ئاسىيلىق قىلمايمەن.

(70) خىزىر مۇساغا: ئەمىسە ماڭا ئەگىشىدىغان بولساڭ، تاكى مەن سەۋەبىنى چۈشەندۈرگەنگە قەدەر مەندىن كۆرگەن ھېچبىر ئىش ھەققىدە بىر نەرسە سورىمايسەن، دېدى.

(71) ئىكككىسى شۇنداق كېلىشكەندىن كېيىن دېڭىز ساھىلىغا باردى. ئۇ يەردە بىر كېمىنى ئۇچرىتىپ، خىزىرنىڭ يۈزى بىلەن كېمىگە كىراسىز چىقىۋېلىشتى. ئاندىن خىزىر كېمىنىڭ بىر تاختىيىنى قومۇرۇۋېتىپ، كېمىنى تۆشۈك قىلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۇنىڭغا: كېمىچىلەر بىزنى بىكارغا ئېلىۋالسا، سەن ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق بولسۇن دەپ كېمىنى تېشىۋەتتىڭمۇ؟ سەن ھەقىقەتەن چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزدۈڭ، دېدى.

(72) خىزىر مۇساغا: مەن ساڭا مەندىن كۆرگەنلىرىڭگە ھەرگىز چىداپ بولالمايسەن دېمىدىممۇ؟ دېدى.

(73) مۇسا خىزىرغا: ئۇنتۇپ قېلىپ ساڭا بەرگەن ۋەدەمدە تۇرالمىغىنىم ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمىگىن، ساڭا ھەمراھ بولۇشتا مېنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويمىغىن، دېدى.

(74) ئىككىسى كېمىدىن چۈشكەندىن كېيىن دېڭىز ساھىلىدا كېتىۋېتىپ، تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن بىر بالىنى كۆردى، ئۇ بالا باشقا بالىلار بىلەن ئويناۋاتاتتى. خىزىر ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئاندىن مۇسا ئۇنىڭغا: تېخى بالاغەتكىمۇ يەتمىگەن، پاك بىر جاننى ھېچبىر گۇناھسىزلا ئۆلتۈرۈۋەتتىڭ؟ سەن ھەقىقەتەن قەبىھ ئىش قىلدىڭ، دېدى.

(75) خىزىر مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: مەن ساڭا ئېيتقانتىم ئى مۇسا! ھەقىقەتەن .سەن مېنىڭ قېلىۋاتقان ئىشلىرىمغا سەۋىر قىلىپ تۇرالمايسەن

(76) مۇسا ئەلەيھىسسالام: مۇشۇ قېتىمدىن كېيىن سەندىن بىر نەرسە سورىسام مەندىن ئايرىلغىن، ھەقىقەتەن مەن سېنىڭ ماڭا ھەمراھ بولۇشنى تەرك قىلىشىڭدا ئۈزۈر ئېيتىشنىڭ ئەڭ چېكىگە يەتتىم، مەن ئۈچ قېتىم ساڭا بەرگەن ۋەدەمگە خىلاپلىق قىلدىم، دېدى.

(77) ئىككەيلەن بىرگە مېڭىپ بىر يۇرتقا يېتىپ كەلدى، يۇرت ئەھلىدىن يېمەكلىك سورىدى، ئۇلار بۇ ئىككەيلەنگە يېمەك بېرىشكە ئۇنىمىدى، مېھمان قىلىش ھەققىنى ئادا قىلمىدى. بۇ ئىككەيلەن بۇ يۇرتتا ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپلا قالغان بىر تامنى ئۇچۇراتتى، خىزىر بۇ تامنى راۋرۇس قىلىپ قويدى، مۇسا ئەلەيھىسسالام خىزىرغا:ئەگەر خالىساڭ تامنى تۈزەپ قويغانغا ئىش ھەققى ئالغان بولساڭ، ئۇلار بىزنى مېھمان قىلمىغاندىكىن ھاجىتىمىزنى قامدايتتۇق دېدى.

(78) خىزىر مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: تامنى ئوڭشاپ قويغانغا ئىش ھەققى ئالمىغانلىقىمغا ئىتىراز بىلدۈرۈشۈڭنىڭ ئۆزى سەن بىلەن مېنىڭ ئايرىلىدىغان ۋاقتىمىزدۇر. مەن ساڭا مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىمنى كۆرۈپ سەۋىر قىلىشقا قادىر بولالمىغان ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ قويىمەن دېدى.

(79) سەن مېنىڭ تېشىۋەتكەنلىكىمنى ئىنكار قىلغان كېمىگە كەلسەك، بۇ كېمە دېڭىزدا ئىشلەيدىغان كەمبەغەل ئىشلەمچىلەرنىڭ كېمىسى بولۇپ، ئۇلار كېمىسىنى قوغدىيالمايتتى، ئۇلار ماڭىدىغان يولدا بىر زالىم پادىشاھ بولۇپ، بۇ يەردىن ئۆتكەن ھەرقانداق ساق كېمىنى زورلۇق بىلەن تارتىۋالاتتى، ئەيىپلىك كېمە بولسا تارتىۋالمايتتى، پادىشاھنىڭ ئېلىۋالماسلىقى ئۈچۈن مەن ئۇلارنىڭ كېمىسىنى تېشىپ ئەيىپلىك قىلىپ قويدۇم.

(80) سەن مېنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىمنى ئىنكار قىلغان بالىغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى مۆئمىن بولۇپ، ئۇ بالا ئاللاھنىڭ ئىلمىدە كاپىر ئېدى، ئۇ بالىنىڭ چوڭ بولۇپ ھەددىدىن ئېشىپ ئاتا-ئانىسىنى كۇپىرغا ئېلىپ بېرىشىدىن ئەنسىرىدۇق. ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ ئۇ بالىنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكىدىن ياكى .ئۇ بالىغا ئېھتىياجلىق بولغانلىقىدىن ئەگىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىدۇق

(81) بىز ئۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا، ئاللاھنىڭ ئۇ بالىدىنمۇ دىندار، سالىھ، گۇناھدىن پاك ۋە ئاتا-ئانىسىغا كۆيۈمچان بىر بالىنى ئالماشتۇرۇپ .بېرىشىنى خالىدۇق

(82) مەن ئوڭشاپ قويغان ۋە سەن مېنىڭ ئوڭشىغىنىمنى ئىنكار قىلغان تامغا كەلسەك، بۇ بىز كەلگەن يۇرتتىكى ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئىككى كىچىك بالىنىڭ ئېدى، بۇ تامنىڭ ئاستىدا كۆمۈلگەن مال-دۇنيا بار ئېدى. بۇ ئىككى كىچىك بالىنىڭ دادىسى ياخشى كىشى ئېدى. ئى مۇسا! سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ بۇ بالىلارنىڭ چوڭ بولۇپ توغرا ئىش قىلىدىغان يېشىغا يەتكەندە تامنىڭ ئاستىدىن كۆمۈلگەن مالنى چېقىرىپ بېرىشنى خالىدى. ئەگەر تام ھازىر چۈشۈپ كەتكەن بولسا، ئىككى بالىنىڭ مېلى باشقىلار تەرىپىدىن زىيانغا ئۇچرايتتى. بۇ تەدبىر سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىككى بالىغا بولغان رەھمىتىدىن، مەن ئۆز تېرىشچانلىقىم بىلەن ئىش قىلمىدىم، بۇ سەن سەۋىر قىلىشقا قادىر بولالمىغان ئىشنىڭ ماھىيىتىدۇر.

(83) ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مۇشرىكلار ۋە يەھۇدىيلار زۇلقەرنەيننىڭ ساھىبى توغرىسىدىكى خەۋەرنى چوڭ بېلىپ سەندىن سورايدۇ، ئۇلارغا: مەن سىلەرگە سىلەرنىڭ ئىبرەت ئېلىشىڭلار ۋە ۋەز-نەسىھەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن زۇلقەرنەيننىڭ خەۋىرىنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى سۆزلەپ بېرىمەن، دېگىن.

(84) بىز ئۇنىڭغا زېمىندا ئىمكانىيەت بەردۇق، ئۇنىڭ تەلىپىگە ئالاقىدار بولغان .ۋە ئۇنى مەقسىدىگە يەتكۈزىدىغان بارلىق نەرسىلەرنى بەردۇق

(85) زۇلقەرنەين، بىز ئۇنىڭغا بەرگەن ئۇنىڭ مەقسىتىگە يەتكۈزىدىغان بارلىق .ۋاستىلەرنى ئېلىپ غەرپكە يول ئالدى

(86) زۇلقەرنەين زېمىندا يۈرۈپ كۈن پېتىش تەرەپتىن زېمىننىڭ ئاخىرقى چېكىگە يەتكەندە، قۇياشنىڭ قارالايلىق ئىسسىق بۇلاققا پېتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى، كۈن پاتىدىغان جايدا بىر بۆلۈك كاپىر قەۋمنى ئۇچراتتى. بىز ئۇنىڭغا تاللاش ئىختىيارلىقىنى بېرىپ: ئى زۇلقەرنەين! ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئازابلىغىن ياكى ئۇلارغا ياخشىلىق قىلغىن، .دېدۇق

(87) زۇلقەرنىين مۇنداق دېدى: كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن ۋە بىز ئۇنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلغاندىن كېيىن شېرىكلىك قىلمىشىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن ئۇنى دۇنيادا ئۆلتۈرۈش بىلەن جازالايمىز، ئاندىن قىيامەت كۈنىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ھوزۇرىغا قايتىدۇ، ئاللاھ ئۇنى ئېچىنىشلىق ئازاب بىلەن ئازابلايدۇ.

(88) كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، پەرۋەردىگارى ئۇنى ئىمانى ۋە ياخشى ئەمىلىگە ئاساسەن جەننەت بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. ئۇنىڭغا بىزنىڭ بۇيرىقىمىزدىن مۇۋاپىق ۋە قولايلىرىغا .بۇيرۇيمىز

(89) ئاندىن زۇلقەرنەين يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ دەسلەپكى يولىنىڭ .قارشىسىدا كۈن چېقىش تەرەپكە ماڭدى

(90) زۇلقەرنەين مېڭىپ كۈن چېقىدىغان ئورۇنغا كەلگەندە، قۇياشنىڭ بىر قەۋمنىڭ ئۈستىگە چۈشىۋاتقانلىقىنى كۆردى، بىز ئۇ قەۋم ئۈچۈن كۈننىڭ ھارارىتىدىن ساقلىنىدىغان ئۆيلەر ۋە دەرەخ سايىلىرىنىمۇ قىلمىدۇق.

(91) زۇلقەرنەيننىڭ ئىشى شۇنداق بولدى، ھەقىقەتەن بىز ئىلمىمىز بىلەن ئۇنىڭ قولىدىكى كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ھۆكۈمرانلىقتىن تولۇق خەۋەردار ئىدۇق

(92) ئاندىن زۇلقەرنەين ئەۋۋەلقى ئىككى قېتىملىق يولىنىڭ غەيرىدە كۈن چېقىش بىلەن كۈن پېتىشنىڭ ئارىسىدىن بۈرۈلۈپ يولىنى .داۋاملاشتۇردى

(93) زۇلقەرنەين يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىككى تاغنىڭ ئىغىزىغا يېتىپ كەلگەندە ئىككى تاغنىڭ يېنىدا ئۆز تىلىدىن باشقا تىلنى چۈشەنمەيدىغان بىر قەۋمنى ئۇچراتتى

(94) ئۇلار: ئى زۇلقەرنەين: ھەقىقەتەن يەجۈجە بىلەن مەجۈجە (بۇ ئادەم ئەۋلادىدىن بولغان ئىككى چوڭ ئۈممەت) زېمىندا ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بۇزۇقچىلىقلارنى قېلىۋاتىدۇ، بىز ساڭا بىر قىسىم ماللىرىمىزنى بەرسەك بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر توساق قېلىپ بېرەمسەن؟دېدى.

(95) زۇلقەرنەين: سىلەر ماڭا بېرىدىغان مالدىن پەرۋەردىگارىم ماڭا رىزىق قېلىپ بەرگەن پادىشاھلىق ۋە ھۆكۈمرانلىق مەن ئۈچۈن ياخشىدۇر، ماڭا ئادەم كۈچى ۋە سايمانلار بىلەن ياردەم قىلىڭلار، مەن سىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا مۇستەھكەم بىر توساق قىلىپ بېرەي دېدى.

(96) ماڭا تۆمۈر پارچىلىرىنى ھازىرلاپ بېرىڭلار دېدى، ئۇلار ھازىر قىلدى. تۆمۈر پارچىلىرى بىلەن ئىككى تاغنىڭ ئارىسىغا توساق سېلىشقا باشلىدى، ھەتتا ئىككى تاغنىڭ ئارىسى تۆمۈر پارچىلىرى بىلەن باراۋەر بولغاندا، ئىشچىلارغا: بۇ تۆمۈر پارچىلىرىغا ئوت يىقىڭلار دېدى، ھەتتا تۆمۈر پارچىلىرىنى ئوت يالقۇنىدا قىپ-قىزىل بولغاندا، ماڭا مىس ھازىر قىلىڭلار ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆكەي دېدى.

(97) ئۇ توساق ئۈستۈن بولغانلىقى ئۈچۈن يەجۈجە بىلەن مەجۈجە ئۇنىڭ ئۈستىگە يامىشىپ چېقىشقا قادىر بولالمىدى ۋە بەك مۇستەھكەم .بولغانلىقى ئۈچۈن ئاستىدىن تېشىشكىمۇ قادىر بولالمىدى

(98) زۇلقەرنەين ئېيتتىكى: بۇ توساقنىڭ ياسىلىشى پەرۋەردىگارىمنىڭ رەھمىتىدۇر، بۇ يەجۈجە بىلەن مەجۈجەنىڭ ئارىسى بىلەن ئۇلارنىڭ زېمىندا بۇزۇقچىلىق قېلىشىنىڭ ئارىسىنى توسىدۇ، قىيامەت بولۇشتىن ئىلگىرى ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ بەلگىلەنگەن چېقىش ۋاقتى بولغاندا، ئاللاھ ئۇنى يەر بىلەن باراۋەر تەپ-تۈز قېلىۋېتىدۇ. ئاللاھنىڭ بۇ توساقنى يەر بىلەن باراۋەر تەپ-تۈز قېلىۋېتىشى ۋە يەجۈجە بىلەن مەجۈجەنىڭ چېقىشى توغرسىدىكى ھەق ۋەدىسى بولۇپ ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ.

(99) بىز بەزى خەلقلەرنى قىيامەتكىچە قويۇپ قويىمىز، ئۇلار قىستىلىشىپ بىر-بىرى بىلەن ئارىلىشىپ كېتىدۇ، سۈر چېلىنغاندا خالايىقلارنىڭ ھەممىسىنى ھېساب ۋە جازا ئۈچۈن توپلايمىز

(100) ئۇ كۈندە كاپىرلارغا جەھەننەمنى كۆزى بىلەن ئېنىق كۆرىشى ئۈچۈن .ئاشكارا كۆرسىتىمىز

(101) بىز جەھەننەمنى دۇنيادا ئاللاھنىڭ زىكرىدىن كۆزلىرى كۆر بولغان كاپىرلارغا ئاشكارا كۆرسىتىمىز، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدە ئاشۇنىڭدىن چەكلەيدىغان پەردە بولغان ئېدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ھەقىقى قوبۇل قىلىش نىيىتى بىلەن ئاڭلاشقا قادىر بولالمايتتى.

(102) ئاللاھقا كاپىر بولغان بەدبەختلەر مېنىڭ: پەرىشتىلەر، پەيغەمبەرلەر ۋە شەيتانلاردىن ئىبارەت بەندىلىرىمنى مېنى قويۇپ چوقۇنىدىغان مەبۇد قىلىۋېلىشسا بولىدۇ دەپ ئويلامدۇ؟. بىز جەھەننەمنى كاپىرلارنىڭ دائىم .تۇرىدىغان ئارامگاھى قېلىپ تەييارلىدۇق

(103) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئېيتقىنكى: ئى ئىنسانلار! بىز سىلەرگە ئەمەل جەھەتتە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ چوڭ زىيان تارتقانلىرى توغرىسىدا خەۋەر بېرەيلىمۇ؟.

(104) ئۇلار قىيامەت كۈنىدە ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىنىڭ زايە بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئىشلىرىدا بىز ياخشى ئىش قىلدۇق، قىلغان ئەمەللىرىمىز مەنپەئەت بېرىدۇ دەپ ئويلايدۇ، ئىش ئۇنىڭ .ئەكسىچە بولىدۇ

(105) ئاشۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ بىرلىكىگە دالالەت قېلىدىغان ئايەتلەرنى ۋە ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىشنى ئىنكار قىلغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ كاپىر بولغانلىقى سەۋەبىدىن قىلغان ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتتى، ئۇلارنىڭ .قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ھېچ ئېتىبارى بولمايدۇ

(106) ئۇلارنىڭ ئاللاھقا كاپىر بولغانلىقلىرى، مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىمگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىمنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا تەييارلانغان .جازا جەھەننەمدۇر

(107) ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئۇلارنى ئىكرام قىلغانلىقتىن جەننەتنىڭ ئەڭ ئالىسى ئۇلارنىڭ ئارامگاھى .بولىدۇ

(108) ئۇلار جەننەتە ئەبەدى قالىدۇ، ئۇلارنىڭ جەننەتتىن يۆتكىلىشى تەلەپ .قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭغا باراۋەر كېلىدىغان مۇكاپات بولمايدۇ

(109) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئېيتقىنكى: ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمنىڭ سۆزلىرى بەك كوپتۇر. ئەگەر پەرۋەردىگارىمنىڭ سۆزلىرىنى يېزىش ئۈچۈن دېڭىز سۈيى سىيا بولسا، پەرۋەردىگارىمنىڭ سۆزلىرى تۈگەشتىن ئىلگىرى دېڭىزنىڭ سۇلىرى قۇرۇپ كەتكەن بولاتتى. ئەگەر يەنە باشقا دېڭىزلارنىڭ سۈيىنى ئېلىپ كەلسەكمۇ بۇ سۇلار يەنە تۈگەپ كېتەتتى.

(110) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئېيتىقىنكى: ھەقىقەتەن مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئىنسان، ماڭار سىلەرنىڭ مەبۇدىڭلار بولغان يالغۇز ھېچقانداق شېرىكى بولمىغان ھەقىقى مەبۇد ۋەھيى قېلىدۇ، ئۇ ئارللاھدۇر. كىمكى ئاللاھقا ئۇچرىشىشتىن قورقىدىكەن ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە مۇۋاپىق پەرۋەردىگارىغا ئىخلاس بىلەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلسۇن. پەرۋەردىگارىنىڭ ئىبادىتىگە باشقا بېرىنى شېرىك .قىلمىسۇن