26 - سۈرە شۇئەرا ()

|

(1) سۈرە بەقەرىنىڭ بېشىدا بۇنىڭغا ئوخشاش ئۈزۈك تاۋۇشلار ھەققىدىكى قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

(2) بۇ توغرىنى خاتادىن ئايرىپ بېرىدىغان قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدۇر.

(3) ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىۋېلىشىغا ھېرىسمەنلىكىڭدىن (ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىغا) قايغۇرۇپ ئۆزۈڭنى يوقىتىپ قويۇشۇڭ مۇمكىن.

(4) ئەگەر بىز ئۇلارغا ئاسماندىن بىرەر مۆجىزە چۈرۈشنى خالىساق ئىدۇق، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلاتتۇق. ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭغا تۆۋەنچىلىك بىلەن بويسۇنغان بولاتتى. لېكىن بىز ئۇلارنى غەيىبكە ئىشىنەمدۇ - يوق، سىناش ئۈچۈن ئۇنداق قىلىشنى خالىمىدۇق.

(5) ئۇلارغا مەرھەمەتلىك ئاللاھ تەرىپىدىن ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ۋە پەيغەمبىرىنىڭ راستلىقىنى ئۇقتۇرىدىغان يېڭى ۋەز - نەسىھەت نازىل قىلىنسا، ئۇلار ئۇنى ئاڭلاپ، ئىشىنىشتىن يۈز ئۆرۈيدۇ.

(6) ئۇلار راستتىنلا پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن قۇرئاننى ئىنكار قىلىشتى، ئۇلار مەسخىرە قىلىشقان خەۋەرلەر چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ ھەم ئۇلارغا ئازاب كېلىدۇ.

(7) كۇپرىسىدا چىڭ تۇرغان بۇ ئادەملەر زېمىنغا قاراپ باقمىدىمۇ؟ بىز زېمىندا مەنزىرىسى كۆركەم، پايدىسى كۆپ تۈرلۈك - تۈمەن ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردۇققۇ؟

(8) ھەقىقەتەن زېمىننىڭ تۈرلۈك - تۈمەن ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈشىدە شۇ ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرگەن زاتنىڭ ئۆلۈكلەرنى تىرگۈزۈشكە قادىر ئىكەنلىكىگە روشەن دەلىل - پاكىتلار بار، ئەمما ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى.

(9) ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ئۇنى ھېچكىم يېڭەلمەيدۇ، ئۇ بەندىلىرىگە تولىمۇ مېھرىباندۇر.

(10) ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نىدا قىلىپ، ئۇنى ئاللاھقا كاپىر بولۇش ھەمدە مۇسانىڭ قەۋمىنى قۇل قىلىش ئارقىلىق زالىم بولغان بىر قەۋمنىڭ يېنىغا بېرىشقا بۇيرۇدى.

(11) ئۇلار پىرئەۋننىڭ قەۋمى بولۇپ، مۇسا سىلىق ھەم مۇلايىملىق بىلەن ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىنى بەجە كەلتۈرۈشكە ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىشقا بۇيرۇيدۇ.

(12) مۇسا ئەلەيھىسسالام ئېيتتى: پەرۋەردىگارىم! ئۇلارغا مەن سېنىڭ ئەمرىڭنى يەتكۈزسەم مېنى يالغانغا چىقىرىشىدىن ئەنسىرەيمەن.

(13) ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن يۈرىكىم سىقىلىدۇ، تىلىممۇ سۆزدىن تۇتۇلىدۇ، شۇڭا ماڭا ياردەمچى بولۇشى ئۈچۈن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنى قېرىندىشىم ھارۇننىڭ قېشىغا ئەۋەتكىن.

(14) مەن بىر قىبتىنى ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقىم ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئالدىدا گۇناھكارمەن، شۇڭا ئۇلارنىڭمۇ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن.

(15) ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئېيتتى: ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ، يەنى ئۇلار سېنى ھەرگىز ئۆلتۈرەلمەيدۇ. شۇڭا سەن قېرىندىشىڭ ھارۇن بىلەن بىرگە ئىككىڭلارنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىڭلارنى ئۇقتۇرىدىغان مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ بېرىڭلار، مەن سىلەر بىلەن بىرگە، سىلەرگە ياردەم بېرىپ ھەم قوللاپ تۇرىمەن، سىلەرنىڭ دېگەنلىرىڭلارنىمۇ، سىلەرگە دېيىلگەننىمۇ ئاڭلاپ تۇرىمەن. بىز سىلەرنىڭ دېيىشكەنلىرىڭلاردىن ھېچنەرسىنى قولدىن بېرىپ قويمايمىز.

(16) ئىككىڭلار پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: بىز بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنىڭ ساڭا ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىمىز.

(17) ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز بىلەن قويۇۋەتكىن، دەڭلار.

(18) پىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: بىز سېنى كىچىكىڭدىن بېقىپ چوڭ قىلمىدۇقمۇ؟ بىر قانچە يىل يېنىمىزدا تۇردۇڭ. ئەمدى پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلىشىڭغا نېمە سەۋەب بولدى؟

(19) سەن ئۆز جەمەتىڭگە يان بېسىپ، بىر قىبتىينى ئۆلتۈرۈپ چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزمىدىڭمۇ؟ ئەمەلىيەتتە سەن مېنىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرىمىغا تۇزكورلۇق قىلدىڭ.

(20) مۇسا ئەلەيھىسسالام پىرئەۋنگە ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ: مەن ئۇ ئادەمنى ماڭا ۋەھىي كېلىشتىن بۇرۇن ئۆلتۈرۈپ قويغان بولۇپ، ئۇ چاغدا مەن نادانلاردىن ئىدىم، دېدى.

(21) مەن ئۇنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بەدىلىگە سىلەرنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىڭلاردىن قورقۇپ قېچىپ كەتتىم، ئاندىن پەرۋەردىگارىم ماڭا ئىلىم ئاتا قىلدى ھەمدە مېنى كىشىلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى.

(22) توغرا، سەن مېنى ئىسرائىل ئەۋلادىنى قۇل قىلغاندەك قۇل قىلماستىن بېقىپ چوڭ قىلىپ قويغىنىڭ ئۈچۈن مىننەت قىلىۋاتىسەن. لېكىن سېنىڭ بۇ قىلغىنىڭ مېنىڭ سېنى دەۋەت قىلىشىمنى توسۇپ قالالمايدۇ.

(23) پىرئەۋن مۇساغا: مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى دېگىنىڭ نېمە؟ سەن ئۆزۈڭنى ئۇنىڭ پەيغەمبىرى دەيسەن، دېدى.

(24) مۇسا پىرئەۋنگە جاۋابەن: مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى دېگىنىم ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئەگەر ئۇنىڭ شۇ نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئىكەنلىكىگە چىن پۈتىدىغان بولساڭلار يالغۇز شۇنىڭغىلا قۇلچىلىق قىلىڭلار، دېدى.

(25) پىرئەۋن ئەتراپىدا تۇرغان قەۋمىنىڭ كاتتىباشلىرىغا: مۇسانىڭ بەرگەن جاۋابىنى ھەم ئۇنىڭ يالغانچلىقىنى ئاڭلىغانسىلەر؟ دېدى.

(26) مۇسا ئۇلارغا: ئاللاھ سىلەرنىڭ ھەم ئىلگىرىكى ئاتا - بوۋىلىرىڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، دېدى.

(27) پىرئەۋن ئېيتتى: ئۆزىنى سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر دەۋالغان بۇ ئادەم چوقۇم ساراڭ، ئۇ قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلمەيدۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنىمۇ ئاڭقىرالمايدۇ.

(28) مۇسا ئېيتتى: مەن سىلەرنى چاقىرىۋاتقان ئاللاھ تائالا مەشرىقنىڭ، مەغرىبنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئەگەر سىلەرنىڭ ئەقلىڭلار بولسىدى بۇلارنى چۈشىنەتتىڭلار.

(29) پىرئەۋن مۇسا بىلەن داۋلىلىشىشتىن ئاجىز كەلگەندىن كېيىن: ئەگەر مەندىن باشقا بىرەر مەبۇدقا چوقۇنىدىغان بولساڭ، سېنى چوقۇم زىندانغا تاشلايمەن، دېدى.

(30) مۇسا پىرئەۋنگە: مەن ساڭا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئېلىپ كەلگەنلىرىمدە راستچىل ئىكەنلىكىمنى ئېنىق ئۇقتۇرىدىغان پاكىتلارنى كەلتۈرگەن تۇرسام، يەنە مېنى زىندانغا تاشلامسەن؟ دېدى.

(31) پىرئەۋن ئېيتتى: ئەگەر دېگەنلىرىڭدە راستچىل بولساڭ، ئۆزۈڭنىڭ راستچىللىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىلىڭنى كەلتۈرۈپ باقمامسەن؟

(32) مۇسا ھاسىسىنى يەرگە تاشلىغان ئىدى، ئۇ ھاسا بىردىنلا ھەممەيلەننىڭ كۆز ئالدىدا ئوچۇق بىر يىلانغا ئايلاندى.

(33) مۇسا قولىنى قوينىغا سېلىپ چىقىرىۋېدى، ئۇنىڭدا قىلچە ئالىلىق يوق، ھەممەيلەنگە ئوخشاش تامامەن ئاپئاق، نۇرلۇق بولۇپ كۆرۈندى.

(34) پىرئەۋن ئەتراپىدىكى قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا ئېيتتى: بۇ ئادەم ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن.

(35) ئۇ ئۆزىنىڭ سېھرىسى ئارقىلىق سىلەرنى زېمىنىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قانداق چارە قوللىنىمىز؟ بۇ ھەقتە ماڭا مەسلىھەت بېرىڭلار.

(36) ئۇلار پىرئەۋنگە ئېيتتى: ئۇنىڭ بىلەن قېرىندىشىنىڭ ئىشىنى قويۇپ تۇرغىن، ئۇلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمىگىن. (ئالدى بىلەن) مىسىرنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىگە سېھىرگەرلەرنى يىغىدىغان چاپارمەنلەرنى ئەۋەتكىن.

(37) ئۇلار سېھىر ئىلمىنى بىلىدىغان ئۇستا سېھىرگەرلەرنىڭ ھەممىنى سېنىڭ ھۇزۇرۇڭغا ئېلىپ كەلسۇن.

(38) پىرئەۋن مۇسا بىلەن بەسلىشىش ئۈچۈن كېلىشكەن ۋاقىتتا بېكىتىلگەن ئورۇنغا سېھىرگەرلىرىنى توپلىدى.

(39) كىشىلەرگە دېيىلدىكى: ھەممىڭلار كېلىپ بولدۇڭلارمۇ؟ ئۇتۇپ چىققۇچى مۇسامۇ ياكى سېھىرگەرلەرمۇ چوقۇم كۆرىسىلەر.

(40) ئەگەر سېھىرگەرلەر مۇسانى يېڭىۋالسا شۇلارنىڭ دىنىغا ئەگىشىشىمىز مۇمكىن.

(41) سېھىرگەرلەر مۇسانى يېڭىۋېلىشنى كۆڭۈللىرىگە پۈكۈشۈپ پىرئەۋننىڭ قېشىغا كەلگەندە ئۇنىڭغا: ئەگەر بىز مۇسانى يىڭىۋالساق، بىزگە ماددىي ياكى مەنىۋى مۇكاپات بېرىلەمدۇ؟ دېيىشتى.

(42) پىرئەۋن ئۇلارغا: شۇنداق، ئەگەر مۇسانى يېڭەلىسەڭلار، مەن سىلەرگە يۇقىرى ئۇنۋانلارنى بېرىپ، يېقىن ئادەملىرىمدىن قىلىۋالىمەن، دېدى.

(43) مۇسا ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ ھەم ئۆزىدىكى نەرسىنىڭ سېھىر ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ ئۇلارغا: سىلەر تاشلىماقچى بولغان ئارغامچا ۋە ھاسىلىرىڭلارنى تاشلاڭلار، دېدى.

(44) شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئارغامچىلىرى بىلەن ھاسىلىرىنى تاشلاشتى ھەمدە ئۇلارنى تاشلاۋېتىپ: پىرئەۋننىڭ كاتتىلىقى بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، بىز چوقۇم ئۇتۇپ چىققۇچىلارمىز، مۇسا بولسا مەغلۇبىيەتكە مەھكۇمدۇر، دېيىشتى.

(45) ئارقىدىن مۇسامۇ ھاسىسىنى تاشلىۋېدى، ھاسا بىردىنلا ئەجدىھاغا ئايلىنىپ، كۈتۈلمىگەندە سېھىرگەرلەرنىڭ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ ئوتتۇرىغا تاشلىغان نەرسىلىرىنى يۇتۇۋەتتى.

(46) سېھىرگەرلەر مۇسانىڭ ھاسىسىنىڭ ئۆزلىرى ئوتتۇرىغا تاشلىغان سېھىرلەرنى يۇتۇۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ سەجدىگە يىقىلىشتى.

(47) ئۇلار بارچە مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، دېدى.

(48) ئۇلار مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملارنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق، دېدى.

(49) پىرئەۋن سېھىرگەرلەرنىڭ ئىمان ئېيتقانلىقىغا قاتتىق غەزەبلىنىپ: مېنىڭ رۇخسىتىمسىز مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلارما؟ مۇسا چوقۇم سىلەرگە سېھىرگەرلىكنى ئۆگەتكەن پىرىڭلار ئىكەن. سىلەر بىرلىشىپ مىسىرلىقلارنى يۇرتلىرىدىن چىقىرىۋېتىشنىڭ كويىدا بولۇۋېتىپسىلەر. سىلەرنى قانداق جازالايدىغانلىقىمنى ئۇزۇنغا قالماي بىلىپ قالىسىلەر. مەن سىلەرنىڭ قول - پۇتلىرىڭلارنى چوقۇم ئوڭ - چەپ قىلىپ، يەنى ئوڭ پۇتۇڭلارنى سول قولۇڭلار بىلەن، ياكى سول پۇتۇڭلارنى ئوڭ قولۇڭلار بىلەن قوشۇپ كېسىۋېتىمەن، شۇنداقلا ھەممىڭلارنى خورما ياغاچلىرى (دىن ياسالغان دار)غا ئاسىمەن، سىلەردىن ھېچكىمنى ساق قويمايمەن، دېدى.

(50) سېھىرگەرلەر پىرئەۋنگە ئېيتتى: سېنىڭ بۇ دۇنيادىكى چېپىش، ئېسىش دېگەندەك تەھدىتلىرىڭنىڭ كارايىتى چاغلىق. چۈنكى سېنىڭ ئازابىڭ ھامان يوقىلىدۇ. بىز پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز. ئۇ بىزنى چوقۇم مەڭگۈلۈك رەھمىتىگە كىرگۈزىدۇ.

(51) بىز ھەممىدىن بۇرۇن مۇساغا ئىمان ئېيتىپ، ئۇنى تەستىقلىغانلار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئىلگىرى قىلىپ سالغان گۇناھلىرىمىزنى يوققا چىقىرىۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

(52) بىز مۇساغا ۋەھىي قىلىپ، ئىسرائىل ئەۋلادىنى كېچىدە (مىسىردىن) ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى بۇيرۇدۇق. چۈنكى پىرئەۋن ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن چاپارمەنلىرى بىلەن چوقۇم قوغلاپ كېلەتتى.

(53) پىرئەۋن ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ مىسىردىن يولغا چىققانلىقىنى بىلىپلا ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ئەتراپتىكى شەھەرلەرگە لەشكەر توپلاش ئۈچۈن چاپارمەنلەرنى ئەۋەتتى.

(54) پىرئەۋن ئۇلارنى مەنسىتمىگە ھالدا ئېيتتى: ئۇلار پەقەت ئازغىنە بىر ئوچۇم كىشىلەردۇر.

(55) ھەقىقەتەن ئۇلار بىزنىڭ ئاچچىقىمىزنى كەلتۈرىدىغان ئىشنى قىلدى.

(56) بىز ھەقىقەتەن سەگەكلىك بىلەن تۇرىدىغان كىشىلەرمىز.

(57) بىز پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىكىنى مول ھوسۇللۇق باغلىرى، سۈيى ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلاقلىرى بار بولغان مىسىر زېمىدىن چىقاردۇق.

(58) مىسىرنىڭ يەنە بايلىققا تولغان خەزىنىلىرى ۋە ھەشەمەتلىك تۇرالغۇلىرى بار.

(59) پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ تەۋەلىكىنى مۇشۇنداق باياشاتلىقتىن چىقارغىنىمىزدەك، ئۇلاردىن كېيىن ئىسرائىل ئەۋلادىنى شام زېمىنىدا مۇشۇنداق باياشاتلىققا ئىگە قىلدۇق.

(60) پىرئەۋن قەبىلىسى بىلەن بىرگە قۇياش كۆتۈرۈلگەن چاغدا ئىسرائىل ئەۋلادىنى قوغلاپ چىقتى.

(61) پىرئەۋن لەشكەرلىرى بىلەن مۇسا ۋە قەۋمىنى قوغلاپ چىقىپ، ئىككىلا تەرەپ بىر - بىرىنى كۆرەلەيدىغان دەرىجىدە يېقىنلىشىپ قالغاندا مۇسانىڭ ئادەملىرى: پىرئەۋن بىلەن لەشكەرلىرى بىزگە يېتىشىۋالىدىغان بولدى، بىز ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەيدىغان تۇرساق، دېيىشتى.

(62) مۇسا قەۋمىگە: بۇ ئىش سىلەر ئويلىغاندەك بولمايدۇ. پەرۋەردىگارىم چوقۇم مەنتەرەپتە تۇرۇپ، ماڭا ياردەم بېرىدۇ، ئۇ ماڭا چوقۇم چىقىش يولىنى كۆرسىتىدۇ، دېدى.

(63) بىز مۇساغا ۋەھىي قىلىپ: ھاساڭ بىلەن دېڭىزغا ئۇرغىن، دەپ بۇيرۇدۇق. مۇسا دەرھال دېڭىزغا ئۇرۋېدى، دېڭىزنىڭ سۈيى يېرىلىپ، ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ سانى بويىچە ئون ئىككى يولغا ئۆزگەردى. دېڭىزدىن يېرىلغان ھەر بىر پارچە سۇ چوڭلۇقتا ۋە مۇستەھكەملىكتە بىر تامچىمۇ ئېقىپ كەتمەيدىغان بەھەيۋەت تاغقا ئوخشايتتى.

(64) پىرئەۋن بىلەن لەشكەرلىرىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردۇق، نىھايەت ئۇلار دېڭىزغا كىرگەندە ئۇنى ماڭغىلى بولىدىغان يول، دەپ ئويلاپ قېلىشتى.

(65) بىز مۇسانى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان ئىسرائىل ئەۋلادىنى قۇتۇلدۇردۇق، ئۇلاردىن ھېچكىم غەرق بولۇپ كەتمىدى.

(66) ئاندىن پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنى دېڭىزغا غەرق قىلىۋەتتۇق.

(67) شەكسىزكى مۇساغا دېڭىزنىڭ يېرىلىشىدا ھەم ئۇنىڭ قۇتۇلۇپ، پىرئەۋننىڭ تەۋەلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ھالاك بولۇشىدا ئەلۋەتتە مۇسانىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى كۆرسىتىدىغان دەلىل بار. پىرئەۋننىڭ تەۋەلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى.

(68) ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە غالىبتۇر، دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالالايدۇ، ئۇلاردىن تەۋبە قىلغانلارغا تولىمۇ مېھرىباندۇر.

(69) ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ قىسىسەسىنى ئوقۇپ بەرگىن.

(70) ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسى ئازەرگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە: ئاللاھنى قويۇپ نېمىگە چوقۇنۇۋاتىسىلەر؟ دېدى.

(71) قەۋمى ئۇنىڭغا: بۇتلارغا چوقۇنۇۋاتىمىز ھەم ئۇلارغا چوقۇنۇشتا چىڭ تۇرىمىز، دېيىشتى.

(72) ئىبراھىم ئۇلارغا ئېيتتى: بۇتلىرىڭلارغا دۇئا قىلغىنىڭلاردا ئۇلار دۇئايىڭلارنى ئاڭلامدۇ؟

(73) ئىتائەت قىلساڭلار پايدا، ئاسىيلىق قىلساڭلار زىيان يەتكۈزەلەمدۇ؟

(74) ئۇلار ئېيتتى: ئۇلارغا دۇئا قىلساق دۇئالىرىمىزنى ئاڭلىمايدۇ، ئىتائەت قىلساق پايدا، ئاسىيلىق قىلساق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. گەپنىڭ قىسقىسى، بىز ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى بىلدۇق. ئاندىن بىزمۇ شۇلارغا ئەگەشتۇق.

(75) ئىبراھىم ئېيتتى: سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇ بۇتلار توغرىسىدا ئويلىنىپ باقتىڭلارمۇ؟

(76) سىلەرنىڭ ئىلگىرىكى ئاتا - بوۋىلىرىڭلار چوقۇنغىنى نېمە؟

(77) ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ دۈشمەنلىرىمدۇر، چۈنكى ئۇلار ساختا ئىلاھلاردۇر. پەقەت بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالالا مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر.

(78) ئۇ مېنى ياراتقان زاتتۇر، ئۇ مېنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىغا باشلايدۇ.

(79) ئۇ يەككە - يېگانىدۇركى، ئاچ قالسام يېمەك بېرىدۇ، ئۇسسۇز قالسام ئۇسسۇلۇق بېرىدۇ.

(80) ئاغرىپ قالسام ماڭا يالغۇز ئاللاھ شىپالىق بېرىدۇ، ماڭا ئۇنىڭدىن باشقا شىپالىق بەرگۈچى يوق.

(81) ئۇ يەككە - يېگانە زاتتۇركى، ئەجىلىم توشقاندا مېنى ۋاپات تاپقۇزىدۇ، ئۆلگىنىمدىن كېيىن تىرىلدۈرىدۇ.

(82) مەن يېگانە ئاللاھتىن قىيامەت كۈنى خاتالىقلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

(83) ئىبراھىم پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: پەرۋەردىگارىم! ماڭا دىندا توغرا چۈشەنچە ئاتا قىلغىن، مېنى مەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەردىن بولغان ياخشىلارنىڭ قاتارىغا قوشقىن، مېنى ئۇلار بىلەن بىرلىكتە جەننەتكە كىرگۈزگىن.

(84) مەندىن كېيىن كېلىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا ياخشى نامىمنى قالدۇرغىن.

(85) مېنى مۇئمىن بەندىلىرىڭ راھەت - پاراغەتتە ياشايدىغان جەننەتنىڭ تۇرالغۇلىرىغا ئىگە قىلغىن، مېنى شۇ جايلاردا تۇرغۇزغىن.

(86) ئاتامنى مەغپىرەت قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن شېرىك سەۋەبىدىن توغرا يولدىن ئېزىپ كەتتى. ئىبراھىم ئاتىسىنىڭ دوزاخ ئەھلى ئىكەنلىكىنى بىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ھەققىدە ياخشى دۇئا قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ دوزاخ ئەھلى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئادا-جۇدا بولۇپ، دۇئا قىلمايدىغان بولدى.

(87) ھېساب ئۈچۈن خالايىقلارنى تىرىلدۈرىدىغان كۈندە مېنى رەسۋا قىلمىغىن.

(88) ئۇ كۈندە ئىنساننىڭ دۇنيادا توپلىغان مال - مۈلۈك ۋە ئۇلارغا ياردەملىشىدىغان ئوغۇللار ئەسقاتمايدۇ.

(89) پەقەت ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا شېرىك، نىپاق، رىيا ۋە مەنمەنچىلىك بولمىغان ساغلام قەلب بىلەن كەلگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، بۇنداق كىشىلەرگە ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغان مال - مۈلكى ۋە ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ئوغۇللىرى ئەسقاتىدۇ.

(90) جەننەت پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، چەكلىمىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادار بولغانلارغا يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ.

(91) مەھشەردە توغرا دىندىن ئېزىپ كەتكەن ئازغۇنلارغا دوزاخ ئېنىق كۆرسىتىلىدۇ.

(92) ئۇلارغا قاتتىق كايىپ دېيىلىدۇكى: سىلەر دۇنيادا ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان بۇتلىرىڭلار قېنى؟

(93) سىلەر ئاللاھنى قويۇپ شۇلارغا چوقۇناتتىڭلارغۇ؟ ئەمدى ئۇلار سىلەردىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسۇش ئارقىلىق ياردەم قىلالامدۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرىگە بولسىمۇ ياردەم بېرەلەمدۇ؟

(94) ئۇلار ۋە ئۇلارنى ئازدۇرغانلار دوزاخقا ئۈستى - ئۈستىلەپ تاشلىنىدۇ.

(95) ئىبلىسنىڭ ياردەمچى شەيتانلىرىمۇ ھەممىسى دوزاخقا تاشلىنىدۇ، ئۇلاردىن ھېچكىم چەتتە قالمايدۇ.

(96) ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنغان ۋە ئاللاھنى قويۇپ شېرىكلەرنى تۇتۇۋالغان مۇشرىكلار ئۆزلىرى چوقۇنغان بۇتلىرى بىلەن تاكاللىشىپ مۇنداق دەيدۇ:

(97) ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئىكەنمىز.

(98) ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارىغا تەڭ قىلىپ، خۇددى شۇنىڭغا چوقۇنغاندەك چوقۇنۇپتىكەنمىز.

(99) بىزنى ھەق يولدىن ئازدۇرۇۋەتكىنى پەقەت ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا چوقۇنۇشقا چاقىرغان جىنايەتچىلەردۇر.

(100) ئەمدى بىزگە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئۇنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇشىمىز ئۈچۈن شاپائەت قىلىدىغان شاپائەتچىلەر يوق.

(101) بىزگە چاپان ياپىدىغان ۋە بىزگە شاپائەت قىلىدىغان سەمىمىي دوستمۇ يوق.

(102) كاشكى بىز ھاياتىي دۇنياغا قايتالىغان بولساق، ئاللاھقا ئىمان ئېيتقۇچىلاردىن بولاتتۇق.

(103) ھەقىقەتەن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسىسى ۋە كاپىرلارنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدىكى بايانلاردا ئىبرەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن ئىبرەت باردۇر. ئۇلارنىڭ تولىسى مۇئمىن بولمىدى.

(104) ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە غالىبتۇر، دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالالايدۇ، ئۇلاردىن تەۋبە قىلغانلارغا تولىمۇ مېھرىباندۇر.

(105) نۇھنىڭ قەۋمى نۇھ ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغان ۋاقتىدا بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى.

(106) ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئۆز قېرىندىشى نۇھ ئېيتتى: ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنۇشنى تاشلاپ ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلمامسىلەر؟

(107) مەن شەكسىزكى سىلەرنىڭ پەيغەمبىرىڭلاردۇرمەن، ئاللاھ مېنى سىلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. مەن ئىشەنچلىك بولۇپ، ئاللاھنىڭ ماڭا ۋەھىي قىلغىنىغا قوشۇپمۇ قويمايمەن، كەممۇ قىلمايمەن.

(108) ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مەن بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.

(109) مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن سىلەرگە يەتكۈزگەن نەرسىگە ھەق تەلەپ قىلمايمەن. ماڭا مۇكاپات بېرىشنى باشقىسى ئەمەس، پەقەت پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

(110) ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مەن بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.

(111) نۇھنىڭ قەۋمى ئۇنىڭغا: ئەي نۇھ! سېنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىڭ تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئېچىدە دۆلەتمەن، كاتتىباشلار بولمىسا، بىز يەنە ساڭا ئىمان ئېيتىپ، دىنىڭغا ئەمەل قىلىمىزمۇ؟ دېيىشتى.

(112) نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئېيتتى: مەن ئۇ مۇئمىنلەرنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى بىلمەيمەن، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ھېسابلاپ تۇرۇشقا مۇئەككەل ئەمەسمەن.

(113) ئۇلارنىڭ ھېسابىنى پەقەت ئۇلارنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھەممە ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھ ئالىدۇ. ئەگەر بىلگەن بولساڭلار، ھەرگىز ئۇنداق دېمەيتتىڭلار.

(114) مەن سىلەرنى ئىمان ئېيتىپ قالارمىكىن دەپ سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارغا ئاساسەن مۇئمىنلەرنى سورۇنۇمدىن قوغلىۋەتمەيمەن.

(115) مەن پەقەت ئوچۇق - ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەنكى، سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرىمەن.

(116) نۇھنىڭ قەۋمى ئۇنىڭغا: ئەي نۇھ! ئەگەر سەن بىزنى چاقىرىۋاتقان ئىشتىن توختىمىساڭ، چوقۇم تىل - ئاھانەتكە قېلىپ، تاش كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلىسەن.

(117) نۇھ پەرۋەردىگارىغا ئىلتىجا قىلىپ ئېيتتى: پەرۋەردىگارىم! قەۋمىم ھەقىقەتەن مېنى ئىنكار قىلدى، سېنىڭ دەرگاھىڭدىن ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتكە ئىشەنمىدى.

(118) مەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغىنكى، ئۇلار ئازغۇنلۇقىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھۆكۈم ئۇلارنىڭ ھالاكىتى بولسۇن. مېنى ۋە مەن بىلەن بىرگە بولغان مۇئمىنلەرنى قەۋمىمنىڭ كاپىرلىرىنى ھالاك قىلغان ئازابتىن قۇتۇلدۇرغىن.

(119) بىز نۇھنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئادەملەر ۋە ھايۋانلار بىلەن لىق تولغان كېمىدە ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۇئمىنلەرنى قۇتۇلدۇردۇق.

(120) ئۇلارنى قۇتۇلدۇرغاندىن كېيىن نۇھنىڭ قەۋمىدىن قېپقالغانلىرىنى ھالاك غەرق قىلىۋەتتۇق.

(121) يۇقىرىدا بايان قىلىنغان نۇھ ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ۋەقەلىكىدە، شۇنداقلا نۇھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۇئمىنلەرنى قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاپىرلىرىنىڭ ھالاك قىلىنىشىدا پەند - نەسىھەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىبرەت بار. ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى.

(122) ئەي پەيغەمبەر! سېنىڭ رەببىڭ شەكسىز غالىبتۇركى، دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالغۇچىدۇر، ئۇلاردىن تەۋبە قىلغانلارغا ناھايىتى مېھرىباندۇر.

(123) ئاد خەلقى ھۇد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغانلىقتىن بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان بولدى.

(124) ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئۆز قېرىندىشى ھۇد ئېيتتى: ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنۇشنى تاشلاپ ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلمامسىلەر؟

(125) مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن، ئاللاھ تائالا مېنى سىلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. مەن ئىشەنچلىك بولۇپ، ئاللاھ ماڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنى يەتكۈزۈشتە قوشۇپمۇ قويمايمەن، كەممۇ قىلمايمەن.

(126) ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادار بولۇڭلار، مەن بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.

(127) مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن سىلەرگە يەتكۈزگەن نەرسىگە ھەق تەلەپ قىلمايمەن. ماڭا مۇكاپات بېرىشنى باشقىسى ئەمەس، پەقەت پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

(128) سىلەر ھەر بىر ئېگىز جايغا ئويۇن - تاماشىنىڭ ئالامىتى قىلىپ بۇ دۇنيا ياكى ئۇ دۇنيالىقىڭلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمايدىغان بىنالارنى سالامسىلەر؟

(129) گوياكى سىلەر بۇ دۇنيادا مەڭگۈ قېلىپ، بۇ جايدىن يۆتكەلمەيدىغاندەك پۇختا سارايلارنى سالامسىلەر؟

(130) ئەگەر (بىراۋغا) ئۆلۈم جازاسى ياكى كالتەكلەش جازاسى بەرسەڭلار، قىلچە رەھىم قىلماستىن زالىملارچە جازالايسىلەر.

(131) ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادار بولۇڭلار، مەن بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.

(132) ئۆزۈڭلارمۇ بىلىدىغان نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن قورقۇڭلار.

(133) ئۇ سىلەرگە چارۋىلارنى ۋە ئوغۇللارنى بەردى.

(134) باغ - بوستانلارنى ۋە ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلاقلارنى ئاتا قىلدى.

(135) ئەي قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىيامەت كۈنىدىن ئىبارەت كاتتا كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن.

(136) قەۋمى ئۇنىڭغا: سەن بىزگە نەسىھەت قىلساڭمۇ - قىلمىساڭمۇ بەرىبىر، چۈنكى بىز ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز، ئۆز دىنىمىزدىنمۇ قايتمايمىز، دېدى.

(137) بۇ پەقەت بۇرۇنقىلارنىڭ دىنى، ئادىتى ۋە ئەخلاقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

(138) بىز جازالانمايمىز.

(139) ئۇلار پەيغەمبىرى ھۇد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. ئاندىن بىز ئۇلارنى پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلغانلىقى سەۋەبىدىن قاتتىق بوران بىلەن ھالاك قىلدۇق. ھەقىقەتەن ئاشۇ ھالاكەتتە ئىبرەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن ئىبرەت بار. ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى.

(140) ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەدىگارىڭ ئەلۋەتتە غالىبتۇركى، دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارغا رەھىم قىلغۇچىدۇر.

(141) سەمۇد خەلقى ئۆز پەيغەمبىرى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى.

(142) ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئۆز قېرىندىشى سالىھ ئېيتتى: ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنۇشنى تاشلاپ ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلمامسىلەر؟

(143) مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن، ئاللاھ تائالا مېنى سىلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. مەن ئىشەنچلىك بولۇپ، ئاللاھ ماڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنى يەتكۈزۈشتە قوشۇپمۇ قويمايمەن، كەممۇ قىلمايمەن.

(144) ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش، چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا مەن بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ئىتائەت قىلىڭلار.

(145) مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن سىلەرگە يەتكۈزگەن نەرسىگە ھەق تەلەپ قىلمايمەن. ماڭا مۇكاپات بېرىشنى باشقىسى ئەمەس، پەقەت پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

(146) سىلەر مۇشۇ يەرلەردە باغچىلاردىن، بۇلاقلاردىن، زىرائەتلەردىن، يۇمشاق پىشقان خورمىلاردىن ۋە كۆپ ياخشىلىقلاردىن بەھرىمەن بولۇپ، ھېچنېمىدىن ئەنسىرىمەي، خاتىرجەم ھالدا داۋاملىق قېلىشنى ئويلامسىلەر؟

(147) سىلەر مۇشۇ يەرلەردە باغچىلاردىن، بۇلاقلاردىن، زىرائەتلەردىن، يۇمشاق پىشقان خورمىلاردىن ۋە كۆپ ياخشىلىقلاردىن بەھرىمەن بولۇپ، ھېچنېمىدىن ئەنسىرىمەي، خاتىرجەم ھالدا داۋاملىق قېلىشنى ئويلامسىلەر؟

(148) سىلەر مۇشۇ يەرلەردە باغچىلاردىن، بۇلاقلاردىن، زىرائەتلەردىن، يۇمشاق پىشقان خورمىلاردىن ۋە كۆپ ياخشىلىقلاردىن بەھرىمان بولۇپ، ھېچنېمىدىن ئەنسىرىمەي، خاتىرجەم ھالدا داۋاملىق قېلىشنى ئويلامسىلەر؟

(149) سىلەر تاغلارنى تېشىشكە ماھىر بولغانلىقىڭلاردىن پايدىلىنىپ تاغلارنى تېشىپ، ئولتۇرىدىغان ئۆيلەرنى ياسامسىلەر؟

(150) ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مەن بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.

(151) گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلىدىغانلارنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنماڭلار.

(152) ئۇلار گۇناھ - مەئسىيەت تارقىتىش ئارقىلىق زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش بىلەن ئۆزلىرىنى تۈزىمەيدۇ.

(153) قەۋمى ئۇنىڭغا: سەن ھەقىقەتەن قايتا - قايتا سېھىرلىنىپ، ساراڭ بوپقاپسەن، دېدى.

(154) سەنمۇ پەقەت بىزگە ئوخشاش بىر ئىنسان، سېنىڭ پەيغەمبەر بولغۇدەك بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭ يوق. ئەگەر سەن ئۆزۈڭنى پەيغەمبەر دېگەن گېپىڭدە راستچىل بولساڭ، پەيغەمبەرلىكىڭنى ئىسپاتلايدىغان بىرەر مۆجىزە كەلتۈرۈپ باققىن.

(155) سالىھ ئۇلارغا ئېيتتى: (سىلەرنىڭ مۆجىزە كەلتۈرۈشۈمنى تەلەپ قىلغىنىڭلارغا قارىتا) ئاللاھ تائالا بىر ئالامەت ئاتا قىلدى. ئۇ ئالامەت ئاللاھ تائالا قورام تاشتىن چىقىرىپ بەرگەن چىشى تۆگىدۇركى، ئۇنى كۆرۈپ، تۇتۇپ باققىلى بولىدۇ. (سىلەر ئىچىۋاتقان) سۇدىن مۇشۇ تۆگىنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق نېسىۋىسى بار، سىلەرنىڭمۇ مەلۇم نېسىۋەڭلار بار. سىلەرنىڭ نۆۋىتىڭلار كەلگەن كۈندە تۆگە سۇ ئىچمەيدۇ، تۆگىنىڭ نۆۋىتى كەلگەن كۈندە سىلەر ئىچمەيسىلەر.

(156) ئۇ تۆگىنى ئۇرۇش ياكى بوغۇزلاش ئارقىلىق يامانلىق قىلماڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلساڭلار، شۇ سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىسىلەر. ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئازاب كەلگەن كۈندە سىلەرنى شۇ ئازاب بىلەن ھالاك قىلىدۇ.

(157) ئۇلار تۆگىنى بوغۇزلاشقا تىل بىرىكتۈرۈۋالغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەسكىسى تۆگىنى بوغۇزلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىگە چوقۇم ئازاب كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ قىلمىشىغا پۇشايمان قىلدى، لېكىن ئازابنى كۆرگەندە قىلغان پۇشايماننىڭ پايدىسى بولمايدۇ.

(158) ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان ئازاب ئۇلارنى تۇتتى، ئۇ ئازاب يەر تەۋرەش ۋە كۈچلۈك ئاۋاز ئىدى. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سالىھ ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ۋەقەلىكىدە ئىبرەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن كاتتا ئىبرەت بار. ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى.

(159) ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەدىگارىڭ ئەلۋەتتە غالىبتۇركى، دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارغا رەھىم قىلغۇچىدۇر.

(160) لۇت قەۋمى لۇتنى ئىنكار قىلغانلىق تۈپەيلىدىن بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان بولدى.

(161) ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ قېرىندىشى لۇت ئۇلارغا ئېيتتى: ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنۇشنى تاشلاپ ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلمامسىلەر؟

(162) مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن، ئاللاھ تائالا مېنى سىلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. مەن ئىشەنچلىك بولۇپ، ئاللاھ ماڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنى يەتكۈزۈشتە قوشۇپمۇ قويمايمەن، كەممۇ قىلمايمەن.

(163) ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مەن بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.

(164) مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن سىلەرگە يەتكۈزگەن نەرسىگە ھەق تەلەپ قىلمايمەن. ماڭا مۇكاپات بېرىشنى باشقىسى ئەمەس، پەقەت پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

(165) سىلەر ئىنسانلاردىن ئەرلەر بىلەن جىنسىي تەلىپىڭلارنى قاندۇرامسىلەر؟

(166) پەرۋەردىگارىڭلار شەھۋىتىڭلارنى قاندۇرۇش ئۈچۈن يارىتىپ بەرگەن ئاياللىرىڭلارنى تاشلامسىلەر؟ سىلەر مۇشۇنداق ناچار قىلمىشىڭلار ئارقىلىق ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدىن ئۆتۈپ كەتكەن قەۋمسىلەر.

(167) قەۋمى ئۇنىڭغا: ئەي لۇت! ئەگەر سەن بىزنى بۇ ئىشتىن چەكلەشتىن ۋە بىزنى ئەيىبلەشتىن توختىمىساڭ، سەن ۋە ساڭا ئەگەشكەنلەر يۇرتىمىزدىن چوقۇم قوغلاپ چىقىرىلىسىلەر، دېدى.

(168) لۇت ئۇلارغا ئېيتتى: مەن سىلەرنىڭ بۇ يىرگىنچلىك قىلمىشىڭلارنى ئىنتايىن ئۆچ كۆرىمەن.

(169) لۇت يەنە پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: پەرۋەردىگارىم! مۇشۇلارنىڭ ناچار قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلار دۇچار بولىدىغان ئازابتىن مېنى ۋە تەۋەلىرىمنى قۇتۇلدۇرغىن.

(170) شۇنىڭ بىلەن بىز لۇتنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنى ھەم تەۋەلىرىنى تولۇق قۇتۇلدۇردۇق.

(171) لېكىن ئۇنىڭ ئايالى كاپىر بولغانلىقتىن ھالاك بولغۇچىلار بىلەن بىرگە كەتتى.

(172) لۇت ئۆز تەۋەلىرىنى ئېلىپ سەدۇم شەھىرىدىن چېقىپ كەتكەندىن كېيىن قەۋمىنىڭ قالغانلىرىنى ئېچىنىشلىق ھالاك قىلدۇق.

(173) بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئاسماندىن خۇددى يامغۇر ياغدۇرغاندەك تاش ياغدۇردۇق. بۇلارنىڭ يامغۇرى نېمىدېگەن يامان! لۇت ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئۇلار يەنە مۇشۇنداق ناچار قىلمىشنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىغا قېلىشتىن ئەسكەرتكەن ئىدى.

(174) شەكسىزكى يۇقىرىدا لۇت قەۋمىنىڭ ناچار قىلىقى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ بېشىغا كېلىدىغانلىقى ئېيتىلغان ئازابتا ئەلۋەتتە پەند - نەسىھەت ئالىدىغانلار ئۈچۈن ئىبرەت بار. ئۇلارنىڭ تولىسى مۇئمىن بولمىدى.

(175) ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەدىگارىڭ ئەلۋەتتە غالىبتۇركى، دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارغا مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.

(176) مەديەن شەھىرىگە يېقىن جايدىكى بۈك - باراقسان ئورمانلىققا جايلاشقان كەنتتىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرى شۇئەيبنى ئىنكار قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان بولدى.

(177) ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ پەيغەمبىرى شۇئەيب ئۇلارغا ئېيتتى: ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنۇشنى تاشلاپ ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلمامسىلەر؟

(178) مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن، ئاللاھ تائالا مېنى سىلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. مەن ئىشەنچلىك بولۇپ، ئاللاھ ماڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنى يەتكۈزۈشتە قوشۇپمۇ قويمايمەن، كەممۇ قىلمايمەن.

(179) ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مەن بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.

(180) مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن سىلەرگە يەتكۈزگەن نەرسىگە ھەق تەلەپ قىلمايمەن. ماڭا مۇكاپات بېرىشنى باشقىسى ئەمەس، پەقەت پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

(181) كىشىلەرگە بىر نەرسە ساتقاندا تولۇق (تارتىپ) بېرىڭلار، ئۆلچەمدە كەم بەرگۈچىلەردىن بولماڭلار.

(182) باشقىلارغا بىر نەرسە تارتىپ بەرگەندە توغرا تارازىدا تارتىڭلار.

(183) كىشىلەرنىڭ ھەققىنى كەم بەرمەڭلار، گۇناھ - مەئسىيەت قىلىش ئارقىلىق زېمىندا بۇزۇقچىلىقنى كۆپەيتىۋەتمەڭلار.

(184) سىلەرنى ۋە ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى ياراتقان ئاللاھنىڭ ئازابى بېشىڭلارغا كېلىشتىن بۇرۇن ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار.

(185) شۇئەيبنىڭ قەۋمى ئۇنىڭغا ئېيتتى: ھەقىقەتەن سەن قايتا - قايتا سېھىرلىنىپ، سېھىر ئەقلىڭنى يېڭىپ، سېنى ئەقىلسىز قىپ قويۇپتۇ.

(186) سەن پەقەت بىزگە ئوخشاش بىر ئىنسان، چۈنكى سېنىڭ بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭ يوق. ئۇنداق بولغانىكەن، سەن قانداقسىگە پەيغەمبەر بوپقالىسەن؟ ھەقىقەتەن بىز سېنىڭ ئۆزۈڭنى پەيغەمبەر دەۋېلىشىڭدا يالغانچى دەپ ئويلايمىز.

(187) ئەگەر دەۋايىڭدا راستچىل بولساڭ، بىزگە ئاسماندىن بىر پارچە (ئازاب) چۈشۈرگىن.

(188) شۇئەيب ئۇلارغا: پەرۋەردىگارىم سىلەرنىڭ شېرىك ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، دېدى.

(189) ئۇلار شۇئەيبنى ئىنكار قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولدى. يەنى، بىر كۈنى قاتتىق ئىسسىق بولغاندىن كېيىن ئۇلارغا بۇلۇت سايە تاشلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئوت يېغىپ، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋەتتى. ھەقىقەتەن ئۇلار ھالاك بولغان كۈن دەھشەتلىك بىر كۈن بولدى.

(190) ھەقىقەتەن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شۇئەيب قەۋمىنىڭ ھالاك قىلىنىش ۋەقەلىكىدە ئىبرەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن ئىبرەت بار. ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى.

(191) ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەدىگارىڭ ئەلۋەتتە غالىبتۇركى، دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارغا مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.

(192) شەكسىزكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئان پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.

(193) قۇرئاننى ئىشەنچلىك پەرىشتە جىبرىئىل ئېلىپ چۈشتى.

(194) ئەي پەيغەمبەر! ئۇ سېنىڭ كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدىغان، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدىغان پەيغەمبەرلەردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن قۇرئاننى دىلىڭغا ئېلىپ چۈشتى.

(195) جىبرىئىل ئۇنى ئوچۇق ئەرەب تىلىدا ئېلىپ چۈشتى.

(196) ھەقىقەتەن بۇ قۇرئان ئىلگىرىكىلەرنىڭ كىتابلىرىدىمۇ تىلغا ئېلىنغان. يەنى ئىلگىرىكى ساماۋىي كىتابلارمۇ بۇ قۇرئاندىن ئالدىن بېشارەت بەرگەن.

(197) ئابدۇللاھ ئىبنى سالامدەك بەنى ئىسرائىل ئۆلىمالىرىنىڭ ساڭا نازىل بولغان قۇرئاننىڭ ھەقلىقىنى بىلگەنلىكى بۇ ئىنكارچى مۇشرىكلارغا سېنىڭ راستلىقىڭنىڭ دەلىلى بولمامدۇ؟

(198) ئەگەر بىز بۇ قۇرئاننى ئەرەب بولمىغان بىرىگە نازىل قىلغان بولساق، ئاندىن ئۇ قۇرئاننى ئۇلارغا ئوقۇپ بەرسە، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشەنمەيتتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ: بىز بۇنىڭ تىلىنى چۈشەنمەيمىز، دېيىشى مۇقەررەر. شۇڭا ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تىلىدا نازىل بولغانلىقىدىن ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتسۇن.

(199) ئەگەر بىز بۇ قۇرئاننى ئەرەب بولمىغان بىرىگە نازىل قىلغان بولساق، ئاندىن ئۇ قۇرئاننى ئۇلارغا ئوقۇپ بەرسە، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشەنمەيتتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ: بىز بۇنىڭ تىلىنى چۈشەنمەيمىز، دېيىشى مۇقەررەر. شۇڭا ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تىلىدا نازىل بولغانلىقىدىن ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتسۇن.

(200) ئەنە شۇنىڭدەك، ئىنكارچىلىق ۋە كۇپۇرلۇقنى جىنايەتچىلەرنىڭ دىللىرىغا سالىمىز.

(201) ئۇلار تاكى دەرتلىك ئازابنى كۆرمىگۈچە كۇپۇرلۇق ھالىتىدىن ئۆزگەرمەيدۇ ھەم ئىمان ئېيتمايدۇ.

(202) شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا بۇ ئازاب ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ - دە، ئۆزلىرىگە ئازابنىڭ كەلگەنلىكىنى تۇيماي قالىدۇ.

(203) ئۇلارغا ئازاب ئۇشتۇمتۇت كەلگەندە قاتتىق ھەسرەتلەنگەنلىكتىن: بىزگە ئاللاھقا تەۋبە قىلىۋېلىشىمىز ئۈچۈن مۆھلەت بېرىلمەمدۇ؟ دەيدۇ.

(204) بۇ كاپىرلار: سېنىڭ دېگىنىڭ بويىچە تاكى ئاسمان ئۈستىمىزگە پارچە بولۇپ چۈشمىگۈچە بىز ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز، دەپ بىزنىڭ ئازابىمىزنى ئالدىرىتىۋاتامدۇ؟

(205) ئەي پەيغەمبەر، ئېيتىپ باققىنا! سەن ئېلىپ كەلگەن قۇرئانغا ئىمان ئېيتقىلى ئۇنىمىغان بۇ كاپىرلارنى ئۇزۇن يىللار نېئمەتلىرىمىزدىن بەھرىمەن قىلساق، ئاندىن ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان ئازاب كەلسە، ئۇلار بەھرىمەن بولغان نېئمەتلەر ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسۇپ قالالمايدۇ.

(206) ئەي پەيغەمبەر، ئېيتىپ باققىنا! سەن ئېلىپ كەلگەن قۇرئانغا ئىمان ئېيتىشتىن يۈز ئۆرۈگەن بۇ كاپىرلارنى ئۇزۇن يىللار نېئمەتلىرىمىزدىن بەھرىمەن قىلساق، ئاندىن ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان ئازاب كەلسە، (ئۇلار بەھرىمەن بولغان نېئمەتلەر ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسۇپ قالالمايدۇ).

(207) ئۇلار دۇنيادا ئېرىشكەن نېئمەتلەر نېمىگە ئەسقاتىدۇ؟ ئۇ نېئمەتلەر ئاللىبۇرۇن ئۈزۈلۈپ، ئۇلار ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيدىغان تۇرسا؟

(208) بىز قانداق بىر ئۈممەتنى ھالاك قىلساق، پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش ھەمدە كىتابلارنى نازىل قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ باھانە - سەۋەب كۆرسىتىشىگە ئىمكانىيەت قالدۇرمىغاندىن كېيىن ھالاك قىلدۇق.

(209) بۇ ئۇلارغا پەند - نەسىھەت ۋە ئەسلىتىشتۇر. بىز پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ، كىتابلارنى نازىل قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ باھانە - سەۋەب كۆرسىتىشىگە ئىمكانىيەت قالدۇرمىغاندىن كېيىن ئۇلارنى ئازابلاشتا زۇلۇم قىلغۇچى بولمىدۇق.

(210) بۇ قۇرئاننى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىلىغا شەيتانلار ئېلىپ چۈشكىنى يوق.

(211) قۇرئاننى ئۇنىڭ دىلىغا شەيتانلارنىڭ ئېلىپ چۈشۈشى لايىق ئەمەس ھەم ئۇلارمۇ ئۇنداق قىلالمايدۇ.

(212) ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلالماسلىقىدىكى سەۋەب، ئۇلار قۇرئاننىڭ ئاسماندىكى ئورنىدىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىلگەن. ئۇنداق بولغانىكەن، ئۇلار ئۇنىڭغا قانداق ئېرىشىپ، قانداق ئېلىپ چۈشەلەيدۇ؟

(213) ئاللاھقا باشقا ھېچقانداق مەبۇدنى شېرىك قىلغان ھالدا ئىبادەت قىلمىغىن، بولمىسا مۇشۇ سەۋەبلىك ئازابلانغۇچىلاردىن بوپقالىسەن.

(214) ئەي پەيغەمبەر! قەۋمىڭنى ئاگاھلاندۇرۇشتا ئەڭ يېقىن ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭدىن باشلىغىن. ئۇلار شېرىك ئۈستىدە قېلىپ ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولمىسۇن.

(215) ساڭا ئەگەشكەن مۇئمىنلەرگە مېھىر - شەپقەت كۆرسىتىش يۈزىسىدىن سۆز - ھەرىكەتتە مۇلايىم بولغىن.

(216) ئەگەر ئۇلار ساڭا ئاسىيلىق قىلىپ، ئاللاھنى بىر دەپ بىلىش ھەم ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت بۇيرۇقۇڭغا بويسۇنمىسا ئۇلارغا ئېيتقىنكى، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ شېرىك كەلتۈرۈشۈڭلاردىن ۋە ئاسىيلىقىڭلاردىن ئادا - جۇدامەن.

(217) سەن بارلىق ئىشلىرىڭدا دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالالايدىغان، ھەممىدىن غالىب، بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارغا رەھىمدىل بولغان زاتقا تايانغىن.

(218) ئۇ سېنى نامازغا تۇرغىنىڭدا كۆرۈپ تۇرىدۇ.

(219) ئۇ سېنىڭ نامازخانلار ئىچىدە بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە يۆتكەلگىنىڭنىمۇ كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھقا سېنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.

(220) ھەقىقەتەن ئاللاھ سېنىڭ قۇرئاندىن ئوقۇغانلىرىڭنى، نامازدىكى زىكىر - تەسبىھلىرىڭنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، نېيىتىڭنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

(221) (ئى مۇھەممەد! مەككە كاپىرلىرىغا ئېيتقىنكى)، سىلەر بۇ قۇرئاننى ئېلىپ چۈشكەن، دەپ بىلجىرلاۋاتقان شەيتانلارنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟

(222) شەيتانلار ھەر بىر يالغانچى، گۇناھكار، ئاسىي رەمباللارغا چۈشىدۇ.

(223) شەيتانلار پەرىشتىلەرنىڭ (دېيىشكەنلىرىنى) ئوغرىلىقچە ئاڭلىۋېلىپ، كاھىن دوستلىرىغا تاشلايدۇ. كاھىنلارنىڭ كۆپىنچىسى يالغانچىلاردۇر. ئۇلار بىر ئېغىز راست سۆزگە يۈز يالغاننى قوشىدۇ.

(224) سىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەگىشىدۇ، دەپ بىلجىرلاۋاتقان شائىرلار توغرا، تۈپتۈز يولدىن چەتنەپ كەتكەنلەر بولۇپ، ئۇلار شېئىرلارنى ئوقۇيدۇ.

(225) ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ گۇمراھلىقىغا قارىمامسەن؟ ئۇلار ھەر بىر ۋادىدا تېڭىرقاپ يۈرىدۇ، گاھ ماختايدۇ، گاھ ئەيىبلەيدۇ، گاھ باشقا نەرسىلەرنى دەيدۇ.

(226) ئۇلار يالغان ئېيتىپ، ئۆزلىرى قىلمىغاننى بىز قىلدۇق، دەيدۇ.

(227) پەقەت شائىرلار ئىچىدىن ھەسسان ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشاش ئىمان ئېيتىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغان، ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزىنى قوغدىغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە تاجاۋۇز قىلىش ئارقىلىق زۇلۇم قىلغانلار ئۆزلىرىنىڭ نەگە قايتىدىغانلىقىنى يېقىندا بىلىدۇ، ئۇلار بۈيۈك تۇرۇش ۋە ئىنچىكە ھېسابقا قايتۇرۇلىدۇ.