3 - سۈرە ئال ئىمران ()

|

(1) ئەلىف، لام، مىم، بۇ ھەرپلەرنىڭ ئوخشىشى بەقەرە سۈرىسىدە ئىلگىرى ئۆتكەن، بۇ ھەرپلەرنى كەلتۈرۈشتە ئەرەپلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كالامى ۋە مۇشۇ سۈرىنىڭ باشلىنىشىدىكى ھەرپلەرنىڭ ئوخشىشىدىن تۈزۈلگەن قۇرئان كەرىمنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرۈشتىن ئاجىز كىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.

(2) يەككە يىگانە ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئاللاھ ھەمىشە ئەبەدىي ھاياتلىقتا بولۇپ، ئۇ ئۆلمەيدۇ ۋە نۇقساندىن پاكتۇر، ئۆزى يالغۇز بارلىق مەخلۇقاتلارنى ئىدارە قىلغۇچىدۇر، ئۇ بارلىق مەخلۇقاتلاردىن بىھاجەتتۇر، بارلىق مەخلۇقاتلار ئاللاھنىڭ ئىدارە قىلىشى بىلەن تۇرغۇچىدۇر، ئۇلار ھەرقانداق ئەھۋالدا كۆز-يۇمۇپ ئاچقىچىلىكمۇ ئاللاھدىن بىھاجەت بولالمايدۇ.

(3) ئى پەيغەمبەر! ئاللاھ ساڭا خەۋەرلەر، ئادالەت ۋە ھۆكۈملەرنى تەستىقلاشتا ئىلگىرىكى ئىلاھى كىتابلارغا مۇۋاپىق بولغان، ئۇلار بىلەن ئارىسىدا زىتلىق بولمىغان قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلدى، ساڭا قۇرئاننى نازىل قىلىشتىن ئىلگىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تەۋراتنى، ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئىنجىلنى نازىل قىلدى، بۇ ئىلاھى كىتابلارنىڭ ھەممىسى ھىدايەتتۇر ۋە ئىنسانلارنى دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىدا توغرا يولغا يىتەكلىگۈچىدۇر. ھەق بىلەن باتىلنىڭ ۋە ھىدايەت بىلەن ئازغۇنلۇقنىڭ ئارىسىنى ئايرىدىغان پۇرقاننى نازىل قىلدى، ئاللاھنىڭ ساڭا نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە كاپىر بولغانلارغا قاتتىق ئازاب بار، ئاللاھ ھەممىدىن غالىپتۇر، ئۆزىنىڭ بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلغان ۋە پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلاردىن ئىنتىقام .ئالغۇچىدۇر

(4) ئى پەيغەمبەر! ئاللاھ ساڭا خەۋەر، ئادالەت ۋە ھۆكۈملەرنى تەستىقلاشتا ئىلگىرىكى ئىلاھى كىتابلارغا مۇۋاپىق بولغان، ئۇلار بىلەن ئارىسىدا زىتلىق بولمىغان قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلدى، ساڭا قۇرئاننى نازىل قىلىشتىن ئىلگىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تەۋراتنى، ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئىنجىلنى نازىل قىلدى، بۇ ئىلاھى كىتابلارنىڭ ھەممىسى ھىدايەتتۇر ۋە ئىنسانلارنى دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىدا توغرا يولغا يىتەكلىگۈچىدۇر. ھەق بىلەن باتىلنىڭ ۋە ھىدايەت بىلەن ئازغۇنلۇقنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدىغان پۇرقاننى نازىل قىلدى، ئاللاھنىڭ ساڭا نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە كاپىر بولغانلارغا قاتتىق ئازاب بار، ئاللاھ ھەممىدىن غالىپتۇر، ئۆزىنىڭ بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلغان ۋە پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلاردىن ئىنتىقام ئالغۇچىدۇر.

(5) شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا ئاسمان-زېمىندىكى ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس، ئاللاھنىڭ ئىلمى ئاشكارا-يوشۇرۇن ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

(6) ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قورسىغىدىكى چېغىڭلاردا ئوغۇل-قىز، سەت-چىرايلىق، ئاق- قارا دېگەندەك ئۆزى خالىغان تۈرلۈك شەكىللەردە ياراتتى، ئاللاھدىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئاللاھ ھەممىدىن غالىپتۇر، مەخلۇقاتلىرىنىڭ ئىشىنى ئىدارە قىلىش ۋە يولغا قويۇشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

(7) ئى مۇھەممەد ! سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەم ئاللاھ ساڭا ئايەتلىرى روشەن، ھېچ قانداق ئارىلىشىشى بولمىغان قۇرئاننى نازىل قىلدى، قۇرئان بارلىق كىتابلارنىڭ ئاساسى ۋە كاتتىسىدۇر، ئىختىلاپ بولغاندا قايتىدىغان مەنبەدۇر، ئۇنىڭدا مەنىسى مۇئەييەن بولمىغان، بىر قانچە مەنانى ئىپادىلەيدىغان ئايەتلەر بار، بۇنىڭ مەنىسى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوچۇق بولمايدۇ، دىللىرىدا ئەگىرلىك يەنى ھەقتىن باتىلغا مايىل بولۇش بولغان كىشىلەر پىتنە قوزغاش، كىشىلەرنى ئازدۇرۇش، ئۆزلىرىنىڭ بۇزۇق قاراشلىرىغا مۇۋاپىق ئۆز قاراشلىرى بويىچە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن مەنىسى ئىنىق بولغان ئايەتلەرنى تەرك قىلىپ، مەنىسى ئېنىق بولمىغان ئايەتلەرگە ئەگىشىدۇ، بۇ ئايەتلەرنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ، ئىلىمدا توشقان رەببانى ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: قۇرئاننىڭ ھەممىسىگە ئىشەندۇق، چۈنكى ئۇنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان، ئۇلار مەنىسى مۇئەييەن بولمىغان(مۇتاشابىھ) ئايەتلەرنى شۇ ئايەتتىكى تەقەززا بويۇنچە چۈشەندۈرىدۇ، بۇنىڭدىن .پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ۋەز-نەسىھەت ئالىدۇ

(8) ئىلىمدا توشقان رەببانى ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن دىللىرىمىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن، ھەقتىن قىڭغىر كىتىپ توغرا يولدىن چەتنەپ كەتكەنلەردىن بولۇپ قىلىشتىن ساقلىغىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن دىللىرىمىزنى توغرا يولغا يىتەكلەيدىغان، ئازغۇنلۇقتىن ساقلايدىغان چەكسىز رەھمەت ئاتا قىلغىن، ھەقىقەتەن سەن بەندىلىرىڭگە كۆپ نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغۇچىدۇرسەن.

(9) پەرۋەردىگارىمىز! شۈبھىسىزكى، كىلىشى شەكسىز بولغان كۈندە كىشىلەرنى ئۇلاردىن ھېساب ئېلىش ئۈچۈن توپلىغۇچىسەن. ئۇ پەرۋەردىگارىمىز! شۈبھىسىزكى، سەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن.

(10) شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا كاپىر بولغانلارنى ئۇلارنىڭ ماللىرى ۋە ئەۋلادلىرى دۇنيا-ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالالمايدۇ. بۇ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگۈچىلەر قىيامەت كۈنىدە جەھەننەمگە تۇترۇق بولىدۇ.

(11) ئاشۇ كاپىرلارنىڭ ئەھۋالى، پىرئەۋىن خانىدانى ۋە ئۇلاردىن ئىلگىرىكى ئاللاھقا كاپىر بولغان ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان كاپىرلارنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئايەتلەرنى ئىنكار قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئازابلىدى، ئۇلارنىڭ پۇل-ماللىرى ۋە ئەۋلادلىرى ھېچ نېمىگە ئەسقاتمىدى، ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئىمان ئېيتمىغان ۋە ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان كاپىرلارغا جازاسى قاتتىقتۇر.

(12) ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئېتىقادى تۈرلۈك بولغان كاپىرلارغا ئېيتقىنكى، مۆمىنلەر دۇنيادا سىلەرنى مەغلۇپ قىلىدۇ، كاپىر ھالەتتە ئۆلىسىلەر، ئاللاھ سىلەرنى ئاخىرەتتە جەھەننەمگە توپلايدۇ، سىلەر ئۈچۈن جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي ھە؟!

(13) ئى يەھۇدىيلار گورۇھى! بەدىر كۈنىدە جەڭ ئۈچۈن ئۇچراشقان ئىككى قوشۇندا سىلەر ئۈچۈن ئىبرەت بار، ئىككى قوشۇننىڭ بىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىپ كاپىرلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلغۇچى، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغۇچى مۆمىنلەر قوشۇنىدۇر. يەنە بىرى، مەككىدىن رىياخورلۇق، پەخىرلىنىش ۋە تەرەپبازلىق بىلەن چىققان كاپىرلار گورۇھى بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ سانىنى ئۆزلىرىدىن ئىككى باراۋەر ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئوپئوچۇق كۆرىدۇ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىغا ياردەم بېرىدۇ، خالىغان كىشىنى مەدەت بېرىش بىلەن كۈچلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ۋەز-نەسىھەت ۋە ئىبرەت باردۇر. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئىمان ئەھلىنىڭ گەرچە سانى ئاز بولسىمۇ غەلبە ئۇلارغا مەنسۇپتۇر، باتىل-كۇپىر ئەھلىنىڭ سانى ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ ھامان مەغلۇب بولىدۇ.

(14) ئاللاھ تائالا خەۋەر بېرىپ: ئىنسانلارنى سىناش ئۈچۈن دۇنيالىق كۆڭۈل تارتىدىغان ئاياللار، ئوغۇللار، ئالتۇن-كۈمۈشتىن توپلانغان مال-دۇنيالار، تەربىيلەنگەن ئارغىماقلار، قوي، كالا ۋە تۆگىدىن ئىبارەت چارۋىلار ۋە ئىكىنزارلىقلاردىن ئىبارەت نەرسىلەرنىڭ مۇھەببىتىنى ئىنسانغا ياخشى كۆرىلىدىغان قىلدى، ئۇلار دۇنيا تىرىكچىلىكىدە مەلۇم مۇددەت مەنپەئەتلىنىدىغان ئاندىن يوقىلىدىغان نەرسىلەر بولۇپ، مۆئمىننىڭ ئۇنداق نەرسىلەرگە كۆڭۈل باغلىشى لايىق بولمايدۇ. ئاللاھ ھوزۇرىدىكى ئاسمان-زېمىننىڭ باراۋىرىدىكى جەننەتتىن ئىبارەت قايتىدىغان جاي ئەڭ ياخشى .ماكاندۇر

(15) ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! قەۋمىڭگە ئېيتقىنكى، سىلەرگە دۇنيادا مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسىلەردىنمۇ ياخشىراق نەرسىدىن خەۋەر بىرەيمۇ؟، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئادا قىلىپ چەكلىمىلىرىدىن يېنىش بىلەن تەقۋادارلىق قىلغۇچىلار ئۈچۈن باغچىلىرى ۋە قەسىرلىرىنىڭ ئاستىدىن شۇ ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بولۇپ، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ ۋە يوقالمايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە يارىتىلىشى نۇقسانسىز ۋە ئەخلاقى گۈزەل بولغان پاك جۈپلەر بار، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارغا ئاللاھنىڭ رازىلىقى بار، ئاللاھ ئۇلارغا ئەبەدى غەزەپ قىلمايدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇلارنىڭ ھېچ قانداق ئىشى ئۇنىڭ بىلىشىدىن مەخپى قالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئەمەللىرىگە قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

(16) جەننەت ئەھلى ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارىغا قىلغان دۇئالىرىدا مۇنداق دەيدۇ: پەرۋەردىگارىمىز! بىز ساڭا ۋە پەيغەمبىرىڭگە نازىل قىلغان نەرسىگە شۈبھىسىز ئىمان ئېيتتۇق، سېنىڭ شەرىئىتىڭگە ئەگەشتۇق. بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن يىراق قىلغىن.

(17) تەقۋادارلار: ئاللاھ بۇيرىغاننى قىلىپ، چەكلىگەندىن يانغۇچىلار ۋە ئۆزلىرىگە يەتكەن مۇسىبەتلەرگە سەۋىر قىلغۇچىلاردۇر. ئۇلار سۆز-ھەرىكەتلىرىدە راستچىللار، ئاللاھقا تولۇق ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر. پۇل-ماللىرىنى ئاللاھ يولىدا ياخشى ئىشلارغا سەرپ قىلىپ، كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئىستىغپار ئېيتقۇچىلاردۇر، چۈنكى كېچىنىڭ ئاخىرىدا قىلغان دۇئا ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىندۇر، ئۇ ۋاقىتتا ئىنسان قەلبى ھەممە ئىشلاردىن خالى بولىدۇ.

(18) ئاللاھ شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەردىكى، ئۇنىڭدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، نازىل قىلىنغان كىتابلاردىكى ۋە كائىناتتىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بۇنى ئىسپاتلايدۇ، پەرىشتىلەرمۇ شۇنداق گۇۋاھلىق بەردى، ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى بايان قىلىپ ۋە ئۇنىڭ ۋەھدانىيىتىگە چاقىرىپ گۇۋاھلىق بەردى، ئۇلار گۇۋاھلىق بېرىلىدىغان ئەڭ كاتتا نەرسىگە گۇۋاھلىق بەردى، ئۇ بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە ئاللاھنىڭ ئۆز خەلقى ۋە شەرىئىتىدە ئادالەتنى بەرپا قىلغانلىقىنىڭ نامايەندىسىدۇر. ئاللاھدىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئۇ ھەممىدىن غالىبتۇر، ئۆز خەلقىنىڭ ئىشلىرىنى تەدبىر قىلىش ۋە بېكىتىشتە ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

(19) ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام دىنىدۇر. ئۇ بولسىمۇ يالغۇز ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن تولۇق بويسۇنۇش، ئاللاھنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرى، پەيغەمبەرلىك شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشقان ۋە ئۇنىڭ شەرىئىتىدىن باشقا دىن قوبۇل قىلىنمايدىغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان بارلىق پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىشتۇر، يەھۇدىي-ناسارالارغا ئىسلام دىنىنىڭ ھەق ئىكەنلىكى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بەرھەق پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىلىم ۋە ھۆججەت كەلگەندىن كېيىن ھەسەت قىلىپ ۋە دۇنياغا ھېرىسمەن بولۇپ ئۆز-ئارا ئىختىلاپ قىلىشتى، كىمكى ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئۆزىگە كاپىر بولغانلىقى ۋە پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن تىزدىن .ھېساب ئالىدۇ ۋە جازالايدۇ

(20) ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلار سەن بىلەن ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان ھەق دىن توغرىسىدا مۇنازىرىلەشسە، ئۇلارغا: مەن، ماڭا ئەگەشكەن مۆئمىنلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆزۈمنى ئاللاھغا تاپشۇردۇم دېگىن. ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: يەھۇدىي-ناسارالارغا ۋە ئەرەب مۇشرىكلىرىغا: مەن ئىلىپ كەلگەن دىنغا ئەگىشىش بىلەن ئاللاھقا سەمىمى بويسۇندۇڭلارمۇ؟دېگىن، ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا بويسۇنسا، سېنىڭ شەرىئىتىڭگە ئەگىشىدۇ، توغرا يولدا ماڭىدۇ، ئەگەر ئۇلار ئىسلامدىن يۈز ئۆرۈسە، ساڭا ھېچ زېيىنى يوق، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت ئاللاھ سەن ئارقىلىق ئەۋەتكەن دىننى يەتكۈزۈشتۇر، ئۇلارنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ھەر قانداق ئەمەل قىلغۇچىنى قىلغان ئەمىلىگە يارىشا مۇكاپاتلايدۇ ياكى جازالايدۇ.

(21) ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە چۈشۈرگەن ئايەت-ھۆججەتلىرىنى ئىنكار قىلغان، زۇلۇم قىلىپ ۋە دۈشمەنلىك قىلىپ ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ناھەق ئۆلتۈرگەن، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلىگەنلەرنى ئۆلتۈرگەنلەرگە قىيامەتتە دەرتلىك ئازاب بىلەن خوش-خەۋەر بەرگىن.

(22) ئەنە ئاشۇ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن ئۇ كىشىلەرنىڭ ئاللاھقا ئىمانى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتە قىلغان بارلىق ئەمەللىرى بىكار بولدى، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن مۇداپىئە قىلىدىغان ھېچ ياردەم بەرگۈچى يوق.

(23) ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! تەۋراتنىڭ ئىلمىدىن ۋە سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنى بىلدۈرىدىغان ئىلىملەردىن نېسىۋە بېرىلگەن يەھۇدىلارنىڭ ھالىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئۆز ئارىسىدا ئىختىلاپ قىلىشسا، بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان تەۋراتقا مۇراجىئەت قىلىشنى دەۋا قىلىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۆلىمالىرى ۋە كاتىۋاشلىرىدىن بىر قىسمى ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى قوبۇل قىلىشتىن يۈز ئۆرۈيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۇلارنىڭ نەپسى-خاھىشىغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى تەۋراتنىڭ ھۆكمىگە ئەگەشكۈچى دەپ ئويلىغاندىن كېيىن، باشقا كىشىلەرگە قارىغاندا ئۇلار تىزراق بۇ ھۆكۈمگە بويسۇنىشى زۆرۈر ئىدى.

(24) ئۇلارنىڭ ھەقتىن بۇرۇلۇپ يۈز ئۆرۈشىنىڭ سەۋەبى، ئۇلار قىيامەت كۈنى دوزاخ بىزنى ساناقلىق كۈنلەرلا كۆيدۈرىدۇ، ئاندىن بىز جەننەتكە كىرىمىز دەپ ئويلايدۇ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ يالغان-توقۇلما، باتىللىرى ئالداپ قويۇش سەۋەبلىك، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈشكە جۈرئەت قىلدى.

(25) كېلىشى شەكسىز بولغان قىيامەت كۈنىدە، ئۇلارنى ھېساب ئۈچۈن توپلىغىنىمىزدا، ھەر بىر كىشىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ مىقدارىدا جازالايمىز ياكى مۇكاپاتلايمىز، ئۇلارغا ياخشىلىقىنى كىمەيتىش ۋە يامانلىقىنى زىيادە قىلىپ قويۇش بىلەن زۇلۇم قىلىنمايدىغان، پۇشايمان پايدا بەرمەيدىغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولاپ كېتەر؟!.

(26) ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! پەرۋەردىگارىڭنى مەدھىيلەپ ۋە ئۇلۇغلاپ ئېيتقىنكى: ئى ئاللاھ! سەن دۇنيا-ئاخىرەتتىكى بارلىق پادىشاھلىقنىڭ ئىگىسى، خەلقىڭدىن خالىغان كىشىگە پادىشاھلىقنى بېرىسە، خالىغان كىشىدىن پادىشاھلىقنى تارتىپ ئالىسەن، ئۇلاردىن خالىغاننى ئەزىز قىلىسەن، خالىغاننى خار قىلىسەن، بۇنىڭ ھەممىسى سېنىڭ ھېكمىتىڭ ۋە ئادىللىقىڭدۇر، ياخشىلىقنىڭ ھەممىسى سېنىڭ قولۇڭدىدۇر، سەن ھەقىقەتەن ھەممىگە قادىرسەن.

(27) سېنىڭ قۇدرىتىڭنىڭ نامايەندىسىدىن، سەن كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىسەن، كۈندۈز ۋاقتى ئۈزۇن بولىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىسەن كېچە ۋاقتى ئۇزۇن بولىدۇ، كاپىردىن مۆئمىننى ۋە ئۇرۇقچىدىن زىرائەتنى چىقارغانغا ئوخشاش جانلىقنى جانسىزدىن چىقىرىسەن، مۆئمىندىن كاپىرنى ۋە توخۇدىن تۇخۇمنى چىقارغانغا ئوخشاش جانلىقتىن جانسىزنى چىقىرىسەن، ئۆزۇڭ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز، كەڭ-تاشا رىزىق بىرىسەن.

(28) ئى مۆئمىنلەر! مۆئمىنلەرنى قويۇپ كاپىرلارنى ياخشى كۆرۈپ ئۇلارنى ياردەمچى ۋە يېقىن دوست قىلىۋالماڭلار، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇ كىشى ئاللاھدىن ئادا-جۇدا بولىدۇ، ئاللاھمۇ ئۇ كىشىدىن ئادا-جۇدا بولىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئەنسىرىسە، ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاداۋەتنى يوشۇرۇپ چىرايلىق سۆز-ھەرىكەت بىلەن مۇئامىلە قىلسا بولىدۇ، ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇڭلار، خاتالىق سادىر قىلىپ ئاللاھنىڭ غەزىبىگە ئۇچرىماڭلار، بەندىلەرنىڭ ھەممىسى قىيامەت كۈنى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ جازا-مۇكاپاتى ئۈچۈن يالغۇز بىر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ.

(29) ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: دىلىلىڭلاردىكى ئاللاھ سىلەرنى چەكلىگەن كاپىرلارنى دوست تۇتىدىغان ئىشلارنى يوشۇرۇڭلار ياكى ئاشكارا قىلىڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپى قالمايدۇ، ئاللاھ ئاسمان-زېمىندىكى ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، ھېچ نەرسە ئاللاھنى ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ.

(30) قىيامەت كۈنى ھەر كىشى ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ ئالدىغا قىلغان ياخشىلىقلىرى كىمەيتىلمەستىن كەلتۈرىلىدۇ، يامان ئىش قىلغان كىشى بولسا ئۆزى بىلەن قىلغان يامانلىقىنىڭ ئارىسىدا ئۇزۇن بىر مۇساپە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، (ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئارزۇسى نەدە قالدى!) ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ، گۇناھ-مەسىيەت ئۆتكۈزۈش بىلەن ئاللاھنىڭ غەزىبىگە ئۇچرىماڭلار، ئاللاھ بەندىلىرىگە مېھرىبان بولغاچقا، ئۇلارنى قورقۇتۇپ، ئاگاھلاندۇردى

(31) ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ئەگەر سىلەر ئاللاھنى ھەقىقى ياخشى كۆرسەڭلار، قەلبىڭلار ۋە ئەمەلىيتىڭلار بىلەن مەن ئىلىپ كەلگەن دىنغا ئەگەشسەڭلار، ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشىسىلەر، گۇناھىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ، ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغان كىشىلەرنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ۋە ناھايىتى مېھرىباندۇر.

(32) ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش بىلەن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىسەڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۆزىنىڭ ۋە پەيغەمبىرىنىڭ بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلغۇچى كاپىرلارنى .ياقتۇرمايدۇ

(33) ھەقىقەتەن ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەرلىككە تاللىدى، ئۇنىڭغا پەرىشتىلىەرنى سەجدە قىلدۈردى، نۇھ ئەلەيھىسسالامنى تاللاپ، زېمىن ئەھلىگە ئەۋەتىلگەن تۇنجى ئەلچى قىلدى، ئىبراھىم ئەۋلادلىرىنى تاللاپ پەيغەمبەرلىكنى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىدا قىلدى، ئىمران ئەۋلادىنى تاللىدى، ئاشۇلارنىڭ ھەممىسىنى تاللاش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ زامانداشلىرى ئارىسىدا پەزىلەتلىك قىلدى.

(34) پەيغەمبەرلەردىن يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ كىلىپ ئاللاھنى بىر بىلىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلشتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلىرىدىن بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەتلەرنى قالدۇرىدۇ، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇچى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلاردىن ئۆزى خالىغان كىشىنى تاللايدۇ ۋە خالىغان كىشىنى پەيغەمبەر قىلىدۇ.

(35) ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۆز ۋاقتىدا ئىمراننىڭ ئايالى مەريەمنىڭ ئانىسىنىڭ دېگەن مۇنۇ سۆزىنى ئەسلە: ئى پەرۋەردىگارىم! مەن قورسىقىمدىكى پەرزەنتىمنى دۇنيا ئىشلىرىدىن ئازاد قىلىنغان ھالدا پەقەت سېنىڭ ۋە سېنىڭ بەيتىڭنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ئاتىدىم، مېنىڭ بۇ نەزىرەمنى قوبۇل قىلغىن، ھەقىقەتەن سەن مېنىڭ دۇئايىمنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى ۋە نىيىتىمنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇرسەن.

(36) ھامىلدارلىق مۇددىتى توشۇپ بوۋاقنى تۇققان ۋاقتىدا، تۇغۇلغان بوۋاق قىز بولغانلىقى ئۈچۈن (ئىمراننىڭ ئايالى بوۋاقنىڭ ئوغۇل بولىشىنى ئارزۇ قىلغان ئىدى) ئۈزۈر ئېيتىپ: ئى پەرۋەردىگارىم قىز تۇغدۇم دېدى، ئۇنىڭ نېمە تۇغقانلىقىنى ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ، ئۇ تەلەپ قىلغان ئوغۇل يارىتىلىش ۋە قۇۋۋەتتە ئاتا قىلىنغان قىزغا ئوخشاش ئەمەس، ئىمراننىڭ ئايالى ئېيتتىكى: مەن ئۇنى مەريەم دەپ ئاتىدىم، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ساڭا سېغىنىپ سېنىڭ رەھمىتىڭدىن قوغلاندى شەيتاندىن پاناھ تىلەيمەن.

(37) ئۇنىڭ نەزىرىسىنى ئاللاھ چىرايلىقچە قوبۇل قىلدى، ئۇنى ياخشى پەرۋىش قىلدى، ئۇنىڭغا بەندىلىرىدىن سالىھ كىشىلەرنىڭ قەلبىنى مايىل قىلدى، ئۇنىڭ خىزمىتىگە زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامنى كېپىل قىلدى، زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ھەرقېتىم ئۇنىڭ ئىبادەتگاھىغا ئۇنى كۆرگىلى كىرسە، ئۇنىڭ يېنىدا ياخشى يىمەكلىكلەرنى ئۇچرىتاتتى ۋە ئۇنىڭغا: ئى مەريەم! بۇ يىمەكلىك ساڭا قەيەردىن كەلدى؟ دەيتتى، مەريەم ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ: بۇ يىمەك ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن كەلدى دەيتتى، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمگە (جاپا ـ مۇشەققەتسىزلا) ھەددى-ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ.

(38) زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئادەتتىكى رىزىق بېرىش يولىنىڭ غەيرىدە مەريەمگە ئىنئام قىلغان رىزىقلىرىنى كۆرگەن ۋاقتىدا، ياشىنىپ قالغانلىقى ۋە ئايالىنىڭ تۇغماسلىقىنى بىلىپ تۇرۇغلۇق ئاللاھدىن بىر پەرزەنت تەلەپ قىلىپ: ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا سالىھ بىر پەرزەنت ئاتا قىلساڭ، سەن ھەقىقەتەن ساڭا دۇئا قىلغان كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئاڭلىغۇچىسەن ۋە ئىجابەت قىلغۇچىسەن، دېدى.

(39) ئۇ ئۆزىنىڭ ئىبادەتگاھىدا ناماز ئوقۇۋاتقاندا، پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا خىتاپ قىلىپ: ئاللاھ ساڭا يېقىندا دۇنياغا كىلىدىغان، ئاللاھنىڭ كەلىمىسى بولغان ئىسانى تەستىق قىلىدىغان، (ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بول دېگەن سۆزى بىلەن يارىتىلغان) ئىلىم ۋە ئىبادەتتە قەۋمىگە يېتەكچى بولىدىغان، ئاياللارغا يېقىنلىشىدىغان نەپسى شەھۋەتلەردىن ئۆزىنى تۇتىدىغان، ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ئىبادىتىگە ئاتىغان يەھيا ئىسىملىك بىر پەيغەمبەر بىلەن خۇشخەۋەر بېرىدۇ، دېدى.

(40) پەرىشتىلەر زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامغا يەھيا بىلەن خوشخەۋەر بەرگەندە، زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام: ئى پەرۋەردىگارىم! مەن قېرىپ قالغان تۇرسام، ئايالىم تۇغۇتتىن قالغان تۇرسا قانداقمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولسۇن؟، دېدى. ئاللاھ ئۇنىڭ سۆزىگە جاۋاپ بېرىپ: ئاللاھ ئادەتتىكى پرىنسىپقا زىت بولغان نەرسىلەرنى پەيدا قىلغانغا ئوخشاش، سېنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىڭ ۋە ئايالىڭنىڭ تۇغماسلىقىنى بىلىپ تۇرۇغلۇق يەھيانى پەيدا قىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، ئۆزىنىڭ ھېكمىتى ۋە ئىلمى بىلەن خالىغاننى قىلىدۇ.

(41) زەكەرىيا: ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئايالىمنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىغا بىر نىشانە قىلغىن دېدى، ئاللاھ: سەن تەلەپ قىلغان بەلگە شۇكى، ئۈچ كۈنگىچە كىشىلەرگە سۆز قىلالمايسەن پەقەت ئىشارەت بىلەن سۆز قىلىسەن، بۇ ساڭا بىرەر كېسەللىك يەتكەنلىكتىن ئەمەس، ئاللاھنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر ئېيتىش ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكىن، ئەتتىگەن ۋە كەچتە زىكىر-تەسبىھ ئېيتقىن.

(42) ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر مەريەمگە: ئى مەريەم! ئاللاھ ھەقىقەتەن سېنى ماختالغۇچى ئېسىل سۈپەتلەر بىلەن تاللىدى، سېنى پاك قىلدى، ئۆز زامانىدىكى پۈتۈن جاھان ئاياللىرىدىن ئارتۇق قىلدى.

(43) ئى مەريەم! نامازدا قىيامنى ئۇزۇن قىل، پەرۋەردىگارىڭغا سەجدە قىلغىن، سالىھ بەندىلەردىن رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە ئاللاھقا رۇكۇ قىلغىن.

(44) ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان زەكەرىيا بىلەن مەريەمنىڭ خەۋەرلىرى بولسا بىز ساڭا ۋەھيى قىلغان غەيبى خەۋەرلەر جۇملىسىدىندۇر. ئاشۇ ئۆلىمالار ۋە سالىھ كىشىلەر مەريەمنى قايسىسىنىڭ تەربىيسىگە ئېلىش مەسىلىسىدە تالاش-تارتىش قىلىپ ھەتتا چەك تاشلاش يۈزىسىدىن قەلەملىرىنى سۇغا تاشلىغاندا سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ، زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلىمى لەيلەش بىلەن ئۇتۇق قازاندى.

(45) ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر: ئى مەريەم! ھەقىقەتەن ئاللاھ ساڭا ئاتىنىڭ ۋاستىسىز تۇغۇلىدىغان، ئاللاھنىڭ بول دېگەن سۆزىدىن ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بولىدىغان بىر بوۋاق بىلەن خوشخەۋەر بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمى مەريەم ئوغلى مەسىھ ئىسادۇر، ئۇ دۇنيا-ئاخىرەتتە ئابرۇيلۇق ۋە ئاللاھقا يېقىنلاردىن بولىدۇ.

(46) ئۇ كىشىلەرگە سۆزلەش يېشىدىن بۇرۇنقى بوۋاقلىق ھالىتىدىمۇ سۆز قىلىدۇ، كۇچ-قۇۋۋەتكە تولغان ياشلىق ھالىتىدىمۇ سۆزلەيدۇ، ئۇلارغا دىن ۋە دۇنيا ئىشلىرىدا پايدىلىق بولغان نەرسىلەر بىلەن سۆزلەيدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ سۆز -ھەرىكەتلىرىدە ياخشىلارنىڭ قاتارىدىندۇر

(47) مەريەم ئۆزىنىڭ توي قىلماي تۇرۇپ قانداق بالىسى بولىدىغانلىقىدىن ھەيران قىلىپ: مەن توي قىلمىغان ۋە ماڭا يات ئىنساننىڭ قولى تەگمىگەن تۇرسا قانداقمۇ بالام بولىدۇ؟دېدى، پەرىشتە ئۇنىڭغا: ئاللاھ ساڭا ئاتىسىز پەرزەنت پەيدا قىلغانغا ئوخشاش ئادەتتىكى پىرىنسىپقا زىت ھالەتتە خالىغان نەرسىنى پەيدا قىلىدۇ، بىر ئىشنى مەقسەت قىلسا ئۇنىڭغا بول دەيدۇ-دە بولىدۇ، ئاللاھنى ھېچ نەرسە ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ، دەيدۇ.

(48) ئاللاھ ئۇنىڭغا خەت يېزىشنى، توغرا سۆز قىلىشنى، ھېكمەتنى، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان تەۋراتنى ۋە ئۇنىڭغا نازىل قىلىنىدىغان ئىنجىلنى ئۈگىتىدۇ.

(49) ئاللاھ ئۇنى بەنى ئىسرائىلغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىدۇ، ئۇ دەيدۇكى: مەن ھەقىقەتەن ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر، پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىر مۆجىزە ئىلىپ كەلدىم، ئۇ بولسىمۇ، مەن سىلەرگە لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدە بىر نەرسە ياسايمەن، ئاندىن ئۇنىڭغا پۈۋلەيمەن-دە، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ھايات قۇش بولىدۇ، تۇغما كورنى ساقايتىمەن، ئۇ كۆرىدىغان بولىدۇ، بەرەس كېسىلىنى داۋالايمەن، تېرىسى ئەسلىگە كېلىدۇ، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمەن، ئاشۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بولىدۇ، سىلەر يەيدىغان ۋە ئۆيۇڭلاردا يوشۇرۇپ قويغان يىمەكلىكلەردىن خەۋەر بېرىمەن، مەن يۇقىرىدا سىلەرگە زىكىر قىلغان كاتتا ئىشلارنى ئىنسان كەلتۈرۈشكە قادىر بولالمايدۇ، ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتىدىغان ۋە ھۆججەتلەرگە ئىشىنىدىغان بولساڭلار يۇقىرىقى ئىشلار مېنىڭ سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنىڭ ئاشكارا ئالامىتىدۇر

(50) مەن سىلەرگە مەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى تەستىق قىلغان ھالدا كەلدىم، سىلەرگە ئاسانلاشتۇرۇش ۋە يەڭگىللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىلگىرى سىلەرگە ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىش ئۈچۈن كەلدىم، دېگەن گىپىمنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان روشەن دەلىللەرنى ئىلىپ كەلدىم، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن ئاللاھدىن قورقۇڭلار، مەن سىلەرنى دەۋەت قىلىۋاتقان ئىشتا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار

(51) ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇ قورقۇش ۋە ئىتائەت قىلىشقا ھەقلىق بولغان بىردىن بىر زاتتۇر، يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋە تەقۋادارلىق قىلىش بولسا مەن سىلەرنى بۇيرىغان ئىشتۇر، ئۇ .ھېچ قانداق قىڭغىرلىق بولمىغان توغرا يولدۇر

(52) ئىسا ئەلەيھىسسالام يەھۇدىيلارنىڭ كۇپرىدا چىڭ تۇرۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى بىلگەن ۋاقىتتا، بەنى ئىسرائىلغا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: ئاللاھقا دەۋەت قىلىش يولىدا كىم ماڭا ياردەم بېرىدۇ؟ ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدىكى ساپ-سەمىمى كىشىلەر: بىز ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىمىز، ئاللاھقا ئىشەندۇق، ساڭا ئەگەشتۇق، ئى ئىسا! گۇۋاھ بولغىنكى، بىز يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچى ۋە بويسۇنغۇچىمىز دەيدۇ.

(53) شۇنىڭدەك ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەسھابىلىرىمۇ: پەرۋەردىگارىمىز! ئىنجىلدا نازىل قىلىنغان ئايەتلەرگە ئىشەندۇق، ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشتۇق، بىزنى ساڭا ۋە سېنىڭ پەيغەمبىرىڭگە ئىمان ئېيتقان ۋە ھەقكە شاھىت بولغۇچىلاردىن قىلغىن، دېدى.

(54) بەنى ئىسرائىلدىن بولغان كاپىرلار ھىلە ئىشلىتىپ ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھېلى-مىكرىنى بەربات قىلىپ ئۇلارنى ئازغۇنلىقىدا قويۇپ قويدى، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ شەكلىنى يەنە بىر كىشىگە تاشلىدى، ئاللاھ مىكىر قىلغۇچىلارنىڭ جازاسىنى ئوبدان بەرگۈچىدۇر، چۈنكى ئاللاھدىنمۇ بەكراق دۈشمەنلىرىنىڭ مىكرىنى بەربات قىلغۇچى يوقتۇر.

(55) ئاللاھ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلدى، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئىسا ئەلەيھىسسالامغا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: ئى ئىسا! مەن سېنى ئەجىلىڭ يەتكەندە ۋاپات تاپتۇرماستىن قەبزى روھ قىلىپ بەدىنىڭنى ۋە روھىڭنى مېنىڭ تەرىپىمگە كۆتۈرىمەن، ساڭا كاپىر بولغانلارنىڭ شەررىدىن پاكلايمەن، سېنى ئۇلاردىن يىراق قىلىمەن، ساڭا ئەگەشكەنلەرنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئىيتىش بىلەن ھەق دىندا قىلىمەن، قىيامەتكىچە ھۆججەت ۋە ئىززەت بىلەن كاپىرنىڭ ئۈستىدىن غالىپ قىلىمەن، قىيامەت كۈنىدە سىلەرنىڭ قايتىدىغان جايىڭلار يالغۇز مېنىڭ دەرگاھىمدۇر، سىلەر ئىختىلاپ قىلغان ئىش توغرىسىدا ھەق بىلەن ھۆكۈم قىلىمەن.

(56) ساڭا ۋە سەن ئىلىپ كەلگەن ھەق دىنغا كاپىر بولغان بەدبەختلەرنى دۇنيادا ئۆلتۈرۈش، ئەسىرگە ئىلىش ۋە خار قىلىش قاتارلىق ئازابلار بىلەن قاتتىق ئازابلايمەن، ئاخىرەتتە دوزاختا ئازابلايمەن. ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئۇلارنى مۇداپىئە قىلغۇچى ھېچ ياردەمچى بولمايدۇ.

(57) ئەمما ساڭا ۋە سەن ئىلىپ كەلگەن ھەق دىنغا ئىشەنگەن، ناماز، زاكات، روزا ۋە ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلاش قاتارلىق ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىدىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتىۋەتمەستىن تولۇق بېرىدۇ، بۇ ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشتىن بۇرۇن ئۆزى بىشارەت بېرىپ دېگەن سۆزىدۇر. ئاللاھ زالىملارنى ياقتۇرمايدۇ، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى يالغانغا چىقىرىش ئەڭ بۈيۇك زۇلۇمدۇر.

(58) ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ خەۋىرىدىن بىز ساڭا بىلدۇرگەن بۇ ۋەقەلىك ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان روشەن ئالامەتلەردىندۇر. بۇ قۇرئان بولسا تەقۋادارلارغا ۋەز-نەسىھەتتۇر، مەنىسى ئوچۇق بولۇپ ئۇنىڭغا ھېچقانداق باتىل ئارىلاشمايدۇ.

(59) ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسىز يارىتىلىشى، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتا-ئانىسىز توپىدىن يارىتىلغانلىقىغا ئوخشايدۇ، ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامغا: ئىنسان بول دېدى، ئۇ ئاللاھ ئىرادە قىلغاندەك بولدى، ئۇلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسان تۇرۇقلۇق ئاتا-ئانىسىز يارىتىلغانلىقىنى ئىقرار قىلىدۇ. ئۇلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسىز يارىتىلغانلىقىنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ قانداقمۇ ئۇنى ئىلاھ دەپ قارايدۇ؟.

(60) پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئىسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدىكى بۇ سۆز شەكسىز ھەقىقەتتۇر، سەن بۇ توغرىدا ئىككىلىنىپ شەك قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالمىغىن، بەلكى سەن ئۆزۈڭ تۇرىۋاتقان .ھەقىقەتتە مۇستەھكەم تۇرغىن

(61) ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! نەجران ناسارالىرىدىن بىر قىسمى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشى توغرىسىدا ساڭا توغرا ئىلىم كەلگەندىن كېيىن ئۇلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ئەمەس دەپ قاراپ سەن بىلەن مۇنازىرلەشسە، سەن ئۇلارغا: كىلىڭلار، ھازىر بولۇش ئۈچۈن بىزمۇ ئوغۇللىرىمىزنى چاقىرايلى، سىلەرمۇ ئوغۇللىرىڭلارنى چاقىرىڭلار، ئاياللىرىمىزنى چاقىرايلى، سىلەرمۇ ئاياللىرىڭلارنى چاقىرىڭلار، ئۆزىمىزنى تەييار قىلايلى، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى تەييار قىلىڭلار، ھەممەيلەن توپلۇشۇپ ئاللاھقا دۇئا قىلىپ يالۋۇرايلىكى، سىلەردىن ياكى بىزدىن بولغان يالغانچىلارغا ئاللاھنىڭ لەنىتى چۇشسۇن، دېگەن

(62) ھەقىقەتەن ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشى توغرىسىدا بىز ساڭا زىكىر قىلغان بۇ ۋەقەلىك ئۇنىڭدا ھېچ قانداق شەك-شۈبھە ۋە يالغان بولمىغان راست ۋەقەلىكتۇر، يالغۇز بىر ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەق مەبۇد يوقتۇر، ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۆز پادىشاھلىقىدا غالىپتۇر، خالايىقلارنىڭ .ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

(63) ئەگەر ئۇلار سەن ئىلىپ كەلگەن ھەق دىندىن يۈز ئۆرۈپ ساڭا ئەگەشمىسە، بۇ ئۇلارنىڭ پاسىق-بۇزغۇنچىلىقىدىندۇر، ئاللاھ زېمىندىكى بۇزغۇنچىلارنى بىلگۈچىدۇر، شۇنىڭغا ئاساسەن ئۇلارنى جازالايدۇ

(64) ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلارغا: ئى يەھۇدى ۋە ناسارالاردىن بولغان ئەھلى كىتابلار كىلىڭلار، ھەممەيلەن باراۋەر بولىدىغان بىر سۆزگە توپلىنايلى، ئىبادەتنى يالغۇز بىر ئاللاھقا قىلايلى، ھەرقانچە ئورنى يۇقىرى ۋە مەرتىۋىسى ئۈستۈن بىرى بولسىمۇ ئۇنى ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك قىلمايلى، ئاللاھنى قويۇپ بەزىمىز بەزىمىزنى ئىتائەت قىلىدىغان ۋە چوقۇنىدىغان رەب قىلىۋالمايلى، ئەگەر ئۇلار سىلەر چاقىرىلغان بۇ ھەقىقەت ۋە ئادالەتتىن يۈز ئۆرۈسە، ئى مۆمىنلەر! ئۇلارغا: گۇۋاھ بولۇڭلاركى، ھەقىقەتەن بىز ئاللاھقا تەسلىم بولغۇچى ۋە ئىتائەت قىلىش .بىلەن بويسۇنغۇچى دەڭلار

(65) ئى ئەھلى كىتاب! سىلەر نېمە ئۈچۈن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مىللىتى-دىنى توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟يەھۇدىيلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى يەھۇدىي دەپ قارايدۇ، ناسارالار ناسارا دەپ قارايدۇ، ھەقىقەتەن سىلەر يەھۇدىيەت بىلەن خرىستىئانلارنىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ ئۇزۇن مۇددەتتىن كېيىن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ياخشى بىلىسىلەر، سىلەر ئەقلىڭلار بىلەن سۆزۈڭلارنىڭ باتىللىقى ۋە قارىشىڭلارنىڭ خاتالىقىنى بىلمىدىڭلارمۇ؟.

(66) ئى ئەھلى كىتاب! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن سىلەر بىلگەن ۋە سىلەرگە ۋەھيى نازىل قىلىنغان ئىش توغرىسىدا مۇنازىرىلەشتىڭلار، ئەمدى سىلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنى ۋە ئىشى توغرىسىدا ئىلمىڭلار بولمىغان ۋە سىلەرنىڭ پەيغەمبىرىڭلارمۇ كىتابلىرىڭلارغا بىر نەرسە بايان قىلمىغان ئىش توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىلەر؟ ئىشلارنىڭ ھەقىقىتى ۋە مەخپىيىتىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، سىلەر بىلمەيسىلەر.

(67) ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام يەھۇدىي دىنىدىمۇ بولمىغان ۋە خىرىستىئان دىنىدىمۇ بولمىغان، لېكىن ئۇ باتىل دىنلاردىن مەيدانىنى ئايرىپ، يالغۇز بىر ئاللاھقا بويسۇنغان، ئەرەب مۇشرىكلىرى ئىبراھىمنى ئۆزىنىڭ دىنىدا دەپ ئويلىغاندەك ئۇ مۇشرىكلاردىن بولمىغان.

(68) ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بېرىلىشتە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ھەقلىق بولغانلىرى، ئۇلار ئۆز زامانىدا ئىبراھىمنىڭ يولىغا ئەگەشكەنلەر، ھەم ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ھەقلىق بولغىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە مۇشۇ ئۈممەتتىن ئۇنىڭغا ئىشەنگەن مۆئمىنلەر، ئاللاھ ئۇنىڭ دىنى بىلەن مۆئمىنلەرگە ياردەم بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ.

(69) ئى مۆمىنلەر! يەھۇدى ۋە ناسارالاردىن ئىبارەت بولغان ئەھلى كىتابنىڭ موللىلىرى، ئاللاھ سىلەرنى ھەقىقەتكە ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن سىلەرنىڭ ئۇ ھەقىقەتتىن ئېزىپ كىتىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىدىن باشقىلارنى ئازدۇرالمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ مۆئمىنلەرنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن قىلغان تېرىشچانلىقى ئۆلىرىنىڭ ئازغۇنلىقىنى زىيادە قىلىدۇ، ئۇلار ئۆز قىلمىشىنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلمەيدۇ.

(70) يەھۇدىي ۋە ناسارالاردىن بولغان ئى ئەھلى كىتابلار! سىلەر نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ سىلەرگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە كاپىر بولىسىلەر؟ ئۇ ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەر بولۇپ، سىلەر بۇنىڭ كىتابىڭلاردا ئىپادىلەنگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر؟

(71) ئى ئەھلى كىتاب! نېمە ئۈچۈن سىلەرنىڭ كىتابىڭلاردىكى ھەقىقەتنى ئۆزۈڭلارنىڭ يېنىڭلاردىكى باتىلغا ئارىلاشتۇرىسىلەر، ئۇنىڭدىكى ھەقىقەت ۋە ھىدايەتنى يوشۇرىسىلەر. سىلەر باتىلدىن ھەقىقەتنى ۋە ئازغۇنلۇقتىن ھىدايەتنى بىلىپ تۇرۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ .راستلىقىنى بىلدۈرىدىغان ھەقىقەتنى يوشۇرسىلەر

(72) يەھۇدىي ئۆلىمالىرىدىن بولغان بىر جامائەت مۇنداق دەيدۇ: مۆئمىنلەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئان كەرىمگە ئەتتىگەندە ئىمان ئېيتىڭلار، كەچ تەرەپتە كاپىر بولۇڭلار، سىلەرنىڭ ئەتتىگەندە ئىمان ئېيتىپ كەچتە يېنىۋالغانلىقىڭلار سەۋەبىدىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىدا شەك قىلىپ: ئەھلى كىتابلار ئاللاھنىڭ كىتابىنى بىزدىن ياخشى بىلىدۇ، ئۇلار ئىمان ئېيتىپ بولۇپ يېنىۋالدى دەپ ئۇلارمۇ دىندىن يېنىۋالىدۇ، دەيدۇ.

(73) ئۇلار يەنە: سىلەر پەقەت سىلەرگە ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئىشىنىڭلار ۋە ئەگىشىڭلار دەيدۇ، ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئېيتقىنكى: ھەقىقەتەن توغرا يول ئاللاھنىڭ يولىدۇر، سىلەر داۋاملاشتۇرىۋاتقان يالغانچىلىق ۋە تەكەببۇرلۇقىڭلار سەۋەبلىك، سىلەرگە بېرىلگەنگە ئوخشاش ياخشىلىقنىڭ باشقا بىرىگە بېرىلىشىدىن ئەنسىرەيسىلەر ياكى ئۇلارغا يەنى مۇئمىنلەرگە نازىل قىلىنغان دىننى ئېتىراپ قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ سىلەر بىلەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ھوزۇرىدا مۇنازىرىلىشىشىدىن ئەنسىرەيسىلەر. ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلارغا ئىيتقىنكى، ھەقىقەتەن پەزلى ئاللاھنىڭ قولىدا بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى ئۆزىنىڭ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە بېرىدۇ، ئۇنىڭ پەزلى-رەھمىتى بىر ئۈممەت بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، ئاللاھنىڭ پەزلى -رەھمىتى كەڭرىدۇر، ئاللاھ ئۇنىڭغا كىمنىڭ ھەقلىق بولىدىغانلىقىنى ياخشى بىلگۈچىدۇر.

(74) ئاللاھ ئۆزىنىڭ رەھمىتىنى خەلقىدىن ئۆزى خالىغان كىشىگە خاس قىلىدۇ، ئۇ كىشىگە ھىدايەت، پەيغەمبەرلىك ۋە تۈرلۈك ئاتا-ئېھسانلارنى بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇلۇغ پەزلى ئىگىسى بولۇپ، چەكسىز پەزلى ئىگىسىدۇر.

(75) ئەھلى كىتابتىن بەزى كىشىلەر باركى، ئۇنىڭغا سەن كۆپ مالنى ئامانەت قويساڭ، ئۇ ساڭا ئامانەت قويغان مېلىڭنى تولۇق قايتۇرىدۇ، ئۇلاردىن يەنە بەزى كىشىلەر باركى، ئۇلارغا ئازغىنە بىر نەرسىنى ئامانەت قويساڭ، سەن ئۇلاردىن قايتا-قايتا تەلەپ قىلىپ، سۈيلەپ تۇرمىغۇچە ئۇلار ئامانەتنى ساڭا قايتۇرمايدۇ، ئۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ: ئەرەبلەرنىڭ مال-مۈلكىنى يىۋالساق بىزگە گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئۇنى بىزگە ھالال قىلدى دېگەن، باتىل سۆزى ۋە بۇزۇق گۇمانى ئۈچۈندۇر، ئۇلار مۇشۇ يالغاننى دەيدۇ، ۋاھالەنكى ئۇلار بۇ سۆزىنىڭ ئاللاھقا قىلىنغان ئىپتىرا .ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ

(76) ئىش ئۇلار ئويلىغاندەك ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا گۇناھ بولىدۇ، لېكىن كىمكى ئۆزىنىڭ ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشىنىشتىن ئىبارەت بولغان ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىكەن، شۇنداقلا ئىنسانلار بىلەن بولغان ۋەدىسىگىمۇ ۋاپا قىلىدىكەن، ئامانەتنى ئادا قىلغان، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىسىدىن يېنىش بىلەن ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغان بولىدۇ، ھەقىقەتەن ئاللاھ تەقۋادارلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارنى شۇنڭغا ئاساسەن ئەڭ ئېسىل مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلايدۇ

(77) ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نازىل قىلغان كىتابىغا ۋە ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىش ۋە ئەگىشىش توغرىسىدا ئاللاھ ئۇلاردىن كەسكىن ۋەدە ئالغاندىن كېيىن ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزغانلار، دۇنيا مەنپەئەتىدىن ئازغىنە نەرسىگە ئالماشتۇرغانلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە ساۋاپتىن ھېچ نەسىۋە بولمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى خۇرسەن قىلىدىغان سۆز قىلمايدۇ، قىيامەت كۈنىدە ئۇلارغا رەھمەت نەزىرى بىلەن قارىمايدۇ، ئۇلارغا دەرتلىك ئازاب باردۇر.

(78) يەھۇدىيلاردىن بىر تائىپە ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان تەۋراتتا يوق نەرسىلەرنى قوشۇپ ئوقۇپ بېرىۋاتىدۇ، سىلەر ئۇلارنى تەۋرات ئوقۇۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالىسىلەر، بەلكى ئۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھقا قىلغان يالغان-توقۇلمىلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار: بىز ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتابنى ئوقۇۋاتىمىز دەيدۇ، لېكىن ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتاب ئەمەس، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا .يالغاننى توقۇغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا يالغاننى نىسبەت بېرىدۇ

(79) ئاللاھ ئۆزىنىڭ ھوزۇرىدىن نازىل قىلىنغان كىتابنى بەرگەن، ئۇنىڭغا ئىلىم-چۈشەنچە ئاتا قىلغان، ئۇنى پەيغەمبەر قىلىپ تاللىغان بىر كىشىنىڭ شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەرگە: ئاللاھنى قويۇپ ماڭا ئىبادەت قىلىڭلار دېيىشى لايىق بولمايدۇ، لېكىن ئۇ ئىنسانلارغا: ئىلمىگە ئەمەل قىلىپ كىشىلەرنى تەربىيلەيدىغان ئۆلىمالاردىن بولۇڭلار. سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابنى كىشىلەرگە تەلىم بېرىشىڭلار سەۋەبىدىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئىسلاھ قىلىدۇ، سىلەر كىتابتىن ئېسىڭلاردا تۇتقان ۋە چۈشەنگەن نەرسىلەرنى دەرىسلىك قىلىسىلەر.

(80) شۇنىڭدەك ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ سىلەرنى ئاللاھنى قويۇپ پەرىشتىلەرنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى چوقۇنىدىغان ئىلاھ قىلىشقا بۇيرىشى ئۇنىڭ شەنىگە لايىق بولمايدۇ، سىلەر ئاللاھقا بويسۇنغان ۋە تەسلىم بولغاندىن كېيىن ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ سىلەرنى كۇپىرغا بۇيرىشى توغرا بولمايدۇ؟

(81) ئى پەيغەمبەر! ئاللاھ تائالا ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەرلەردىن تەكىتلەنگەن ئەھدە ئىلىپ ئۇلارغا: مەن سىلەر نازىل قىلىنغان كىتابنى بەردىم، سىلەرگە ھېكمەتنى ئاتا قىلدىم، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئىلىم-ھېكمەتتىن يۇقىرى مەرتىۋىگە يەتكەندىن كېيىن مېنىڭ تەرىپىمدىن پەيغەمبەر كەلسە، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سىلەر بىلەن بىرگە بولغان ئىلىم-ھېكمەتنى تەستىقلايدۇ، ئەلۋەتتە ئۇ ئىلىپ كەلگەن دىنغا ئىشىنىشىڭلار، ئۇنىڭغا ئەگىشىشىڭلار ۋە ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك، ئى پەيغەمبەرلەر! بۇ ئەھدىنى ئېتىراپ قىلدىڭلارمۇ؟ مېنىڭ قاتتىق ئەھدىمنى قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟دېگەندە، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ: ئۇ ئەھدىنى ئېتىراپ قىلدۇق دەيدۇ، ئاللاھ:ئۆزۈڭلار ۋە سىلەرنىڭ ئۈممەتلىرىڭلارنىڭ ئېتىراپ قىلغانلىقىغىمۇ شاھىت بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن سىلەرگە ۋە ئۇلارغا .شاھىت بولىمەن، دەيدۇ

(82) كىمكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن تەكىتلەنگەن بۇ ئەھدىدىن كېيىن ئەھدىسىنى بۇزسا، ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنى ۋە ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر.

(83) ئاللاھنىڭ تائىتى ۋە دىنىدىن چىققان ئاشۇ يەھۇدىي-ناسارالار ئاللاھ ئۆز بەندىلىرى ئۈچۈن تاللىغان ئىسلام دىنىدىن باشقا دىننى تەلەپ قىلامدۇ؟ ئاسماندىكىلەر ۋە زېمىندىكىلەرنىڭ ھەممىسى مۆئمىنلارغا ئوخشاش ئىختىيارى ۋە كاپىرلارغا ئوخشاش ئىختىيارسىز ئاللاھقا بويسۇنغان بولۇپ، ئاندىن ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى قىيامەت كۈنىدە ھېساب-جازا .ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرىلىدۇ

(84) ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېيتقىنكى: بىز ئاللاھنى ئىلاھ دەپ ئىشەندۇق، بىزنى بۇيرىغان ئىشلاردا ئىتائەت قىلدۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، ئىبراھىمغا ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، مۇساغا بېرىلگەن تەۋراتقا، ئىساغا بېرىلگەن ئىنجىلغا ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن ئايەت ۋە كىتابلارغا ئىشەندۇق، ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز، بەزىسىگە ئىشىنىپ بەزىسىگە ئىنكار قىلمايمىز، بىز يالغۇز ئاللاھقا تەسلىم بولغۇچى ۋە بۇيسۇنغۇچىلارمىز.

(85) كىمكى ئاللاھ ئۆزى رازى بولغان ئىسلام دىنىدىن باشقا دىننى تاللايدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىدىن ئۇ دىننى قوبۇل قىلمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە دوزاخقا كېرىش بىلەن ئۆز نەپسىنى زىيانغا ئۇچراتقۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.

(86) ئاللاھقا ئىمان ئېيتقاندىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن دىننىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە شاھىت بولغاندىن، ئۇنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە روشەن دەلىل-ئىسپاتلار كەلگەندىن كېيىن كاپىر بولغان قەۋمنى ئاللاھ قانداقمۇ ئۆزىگە ۋە پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن؟ ئاللاھ ھىدايەتنىڭ ئورنىغا ئازغۇنلۇقنى تاللىغان زالىم قەۋمنى ئىمانغا مۇۋەپپەق .قىلمايدۇ

(87) ھەقىقەتەن باتىل يولنى تاللىغان ئاشۇ زالىملارنىڭ جازاسى بولسا، ئۇلار ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە بارلىق ئىنسانلارنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ. شۇنداقلا، ئۇلار ئاللاھ رەھمىتىدىن يىراقلاشتۇرغۇچى ۋە قوغلانغۇچىدۇر.

(88) ئۇلار دوزاختا ئەبەدىي قالىدۇ، دوزاختىن چىقمايدۇ، دوزاخ ئازابى ئۇلاردىن يەڭگىللىتىلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلىۋىلىشى ۋە ئۆزۈر ئېيتىۋىلىشى ئۈچۈن ئازاب كىچىكتۈرۈلمەيدۇ.

(89) پەقەت كاپىر بولۇپ، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغاندىن كېيىن ناچار قىلمىشلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ ۋە ئۇنىڭ تەرىپىگە يۈزلەنگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا، ھەقىقەتەن ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغان كىشىلەرنىڭ .تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر ۋە ئۇلارغا ناھايىتى مېھرىباندۇر

(90) ھەقىقەتەن ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كاپىر بولغانلار، ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر كۇپىرنى داۋاملاشتۇرغانلارنىڭ ئۆلۈم ھازىر بولغان، تەۋبىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ۋاقىتتا قىلغان تەۋبىسى قوبۇل بولمايدۇ. ئۇلار .ئاللاھنىڭ تەرىپىگە يەتكۈزىدىغان توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەنلەردۇر

(91) ھەقىقەتەن كاپىر بولغانلار ۋە كاپىر ھالەتتە ئۆلگەنلەرنىڭ ھېچبىرىدىن دوزاختىن قۇتۇلۇشنىڭ باراۋىرىگە زېمىن تولغۇدەك ئالتۇن پىديە بەرسىمۇ ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇلارغا دەرتلىك ئازاب بار، ئۇلارغا قىيامەت .كۈنىدە ئازابنى مۇداپىئە قىلىدىغان مەدەتكار بولمايدۇ

(92) ئى مۆمىنلەر! سىلەر ماللىرىڭلاردىن ئۆزۇڭلار ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلارنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلمۇغۇچە ياخشىلىقنىڭ ساۋابىغا ۋە ياخشىلارنىڭ مەرتىۋىسىگە يېتەلمەيسىلەر، ئاللاھنىڭ يولىدا ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن نېمىنى سەرپ قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ نىيەتلىرىڭلار ۋە قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھ ھەر كىشىنىڭ ئۆز ئەمىلىگە قارىتا جازا- مۇكاپات بېرىدۇ.

(93) بەنى ئىسرائىل ئۈچۈن بارلىق پاكىزە يېمەكلىكلەر ھالال قىلىنغان بولۇپ، تەۋرات نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى پەقەت يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە ھارام قىلغان يىمەكلىكتىن باشقا يېمەكلىكلەر ھارام قىلىنمىغان، يەھۇدىيلار ئويلىغاندەك بۇ يېمەكلىكلەر تەۋراتتا ھارام قىلىنمىغان. ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلارغا: ئەگەر سىلەر مۇشۇ دېگەن سۆزۈڭلاردا سەمىمى بولساڭلار، تەۋراتنى ئېلىپ كېلىپ ئوقۇڭلار دېگىن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ دىمى تۇتۇلۇپ، تەۋراتنى ئىلىپ كەلمەيدۇ، مانا بۇ يەھۇدىيلارنىڭ تەۋراتقا يالغاننى توقۇپ ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر.

(94) ھەق ئاشكارا بولغاندىن كېيىن ئاللاھقا يالغاننى توقۇغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى يوق، ئاللاھ ھارام قىلمىغان نەرسىنى پەقەت يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە ھارام قىلدى. شۇ كىشىلەر ھەقىقەت ئاشكارا بولغاندىن كېيىن ھەقكە ئەگىشىشنى تەرك قىلىش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم .قىلغان زالىملاردۇر

(95) ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئېيتقىنكى، ئاللاھنىڭ يەئقۇب ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا، نازىل قىلغان ۋە يولغا قويغان پرىنسىپى توغرىسىدا بەرگەن خەۋەرلىرى راستتتۇر. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىغا ئەگىشىڭلار، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بارلىق باتىل دىنلاردىن ھەق بولغان ئىسلام دىنىغا مايىل بولغان، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك .كەلتۈرمىگەن

(96) ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئىنسانلارغا زېمىندا تۇنجى سېلىنغان ئۆي، مەككە شەھرىدىكى ئاللاھنىڭ ھەرىمى بولغان بەيتۇللاھدۇر. ئۇ مۇبارەك ئۆيدۇر، دىن ۋە دۇنيالىق مەنپەئەتى كۆپتۇر، .ئۇنىڭدا پۈتۈن جاھان ئەھلىگە ھىدايەت باردۇر

(97) بۇ ئۆيدە ھەج پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا ئوخشاش ئۇنىڭ شەرىپى ۋە پەزىلىتىىنى ئىپادىلەيدىغان روشەن ئالامەتلەر باردۇر، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كەبىنىڭ تېمىنى قوپۇرىۋاتقاندا دەسسەپ تۇرغان تاشمۇ(يەنى ماقامى ئىبراھىم) مۇشۇ ئالامەتلەرنىڭ بىرىدۇر. يەنە بەيتۇللاھغا كىرگەن كىشىدە قورقۇنچ بولمايدۇ، ئەزىيەتكە ئۇچرىمايدۇ، ھەرەمكە كېلىشكە قادىر بولالىغان كىشىلەر ئۈچۈن ھەج پائالىيتىنى ئادا قىلىشتا ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى تاۋاپ قىلىشى پەرز قىلىندى، كىمكى ھەجنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئاللاھ بۇ ئىنكارچى كاپىردىن ۋە پۈتۈن جاھان ئەھلىنىڭ ئىبادىتىدىن بىھاجەتتۇر.

(98) ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئېيتقىنكى، يەھۇدىي ۋە ناسارالاردىن بولغان ئى ئەھلى كىتاب! تەۋرات-ئىنجىلدىمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ۋە ھۆججەتلەر بار تۇرۇغلۇق نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئىنكار قىلىسىلەر؟. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا شاھىتتۇر، شۇنىڭغا ئاساسەن ئاللاھ سىلەرنى جازالايدۇ.

(99) ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئېيتىقىنكى: يەھۇدىي-ناسارالاردىن بولغان ئى ئەھلى كىتاب! نېمە ئۈچۈن كىشىلەردىن ئىمان ئېيتقانلارنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن چەكلەيسىلەر؟، كىشىلەرنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇش مەقسىتىدە، ئاللاھنىڭ دىنى ئۈچۈن ھەقتىن باتىلغا بۇرايدىغان ئازغۇنلۇق تەلەپ قىلىسىلەر؟، ھالبۇكى سىلەر بۇ دىننىڭ ھەق ۋە سىلەرنىڭ كىتابىڭلارنى تەستىقلىغۇچى ئىكەنلىكىگە شاھىت بولىسىلەر!؟. ئاللاھ سىلەرنىڭ بۇ كۇپىر قىلمىشىڭلار ۋە ئۇنىڭ يولىدىن توسقان ئىشلىرىڭلاردىن غاپىل ئەمەس، شۇنىڭغا ئاساسەن ئاللاھ سىلەرنى جازالايدۇ.

(100) ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۆئمىنلەر! ئەگەر يەھۇدىي ۋە ناسارالاردىن بولۇپ ئەھلى كىتابتىن بولغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دېگەن سۆزلىرىگە ئىتائەت قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ گۇمانى قارىشىنى قوبۇل قىلساڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئۇلار قەلبلىرىدىكى ھەسەت ۋە توغرا يولدىن ئازغانلىق سەۋەبىدىن كۇپرىغا .قايتۇرىدۇ

(101) سىلەر ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى سىلەرگە ئوقۇلۇۋاتىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سىلەرگە ئۇنى بايان قىلىپ بېرىۋاتسا، شۇنداقلا سىلەر بىلەن بىللە ئىماندا مۇستەھكەم تۇرۇشنىڭ سەۋەبلىرى تۇرۇغلۇق ئاللاھقا قانداقمۇ كاپىر بولىسىلەر؟. كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە مەھكەم ئىسىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنى ھېچ قانداق شۈبھىسى بولمىغان توغرا .يولغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ

(102) ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا ئىشىنىڭلار، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگىشىڭلار، پەۋەردىگارىڭلاردىن ھەقىقى قورقۇڭلار، بۇ ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا ئەگىشىش ۋە چەكلىمىسىدىن يىراق بولۇش، نېئمىتىگە شۈكۈر ئېيتىش بىلەن بولىدۇ، ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر دىنىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار ۋە شۇ ھالاتتە دۇنيادىن .كېتىڭلار

(103) ئى مۆمىنلەر! قۇرئان -سۈننەتكە چېڭ يىپىشىڭلار، سىلەرنى بۆلۈنۇشكە ئېلىپ بارىدىغان ئىشتىن ساقلىنىڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنى ئەسلەڭلار، سىلەر مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى ئاددى ئىشلار ئۈچۈنمۇ ئۆزئارا ئۇرۇش قىلاتتىڭلار، ئاللاھ ئىسلام ئارقىلىق سىلەرنىڭ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى، ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن بىر-بىرىڭلارغا مېھرىبانلىق قىلىدىغان سەمىمى دوستلاردىن بولدۇڭلار، بۇنىڭدىن ئىلگىرى كاپىر بولغانلىقىڭلار سەۋەبىدىن دوزاخنىڭ گىرۋىكىگە كىلىپ قالغانتىڭلار، ئاللاھ ئىسلام ئارقىلىق بۇنىڭدىن قۇتقازدى، ئىمانغا باشلىدى، سىلەرنىڭ رۇس يولدا مېڭىشىڭلار، توغرا يولنى تىپىشىڭلار ئۈچۈن مۇشۇ ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ بەرگەندەك، سىلەرنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك .ئەھۋالىڭلارنى ئىسلاھ قىلىدىغان پرىنسىپلارنى بايان قىلىپ بېرىدۇ

(104) ئى مۆمىنلەر! سىلەردىن ئاللاھ ياقتۇرىدىغان ياخشى ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان بىر جامائەت بولسۇن، ئۇلار كىشىلەرنى شەرىئەتتە بۇيرۇلغان ۋە ئەقىل چىرايلىق دەپ قارىغان ئىشلارغا بۇيرىسۇن، شەرىەت چەكلىگەن ۋە ئەقىل ناچار دەپ قارىغان ئىشلاردىن چەكلىسۇن، مۇشۇ سۈپەت بىلەن .سۈپەتلەنگۈچىلەر، دۇنيا-ئاخىرەتتە تولۇق ئۇتۇق قازانغۇچىدۇر

(105) ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ تەرىپىدىن روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ دىنىدا ئىختىلاپلىشىپ تۈرلۈك پىرقە-گورۇھلارغا بۆلۈنۈپ كەتكەن ئەھلى كىتابقا ئوخشاش بولماڭلار، ئاشۇ مەزكۇر كىشىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن .كاتتا ئازاب بار

(106) بۇ ئازاب ئۇلارغا قىيامەت كۈنىدە بولىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئىمان ئەھلىنىڭ يۈزلىرى خۇرسەنلىك ۋە بەخت-سائادەتتىن نۇرلىنىپ ئاقىرىدۇ، كاپىرلارنىڭ يۈزلىرى بولسا غەم-قايغۇ، ئازابتىن قارىيدۇ، ئاشۇ كاتتا كۈندە يۈزى قارايغانلارغا كايىش يۈزىسىدىن: ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە تاندىڭلارمۇ، ئاللاھنىڭ سىلەردىن ئالغان؛ ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك توغرىسىدىكى ئەھدىسىنى تەستىقلاپ ۋە ئىقرار قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ ئەھدىنى بۇزدۇڭلارمۇ؟، كاپىر بولغانلىقىڭلار سەۋەبىدىن ئاللاھنىڭ .سىلەرگە تەييارلىغان ئازابىنى تېتىڭلار دېيىلىدۇ

(107) يۈزلىرى ئاقارغانلارنىڭ ئورنى نېئمەتلىك جەننەت بولۇپ ئۇلار نېئمەتلىرى .دائىم بولىدىغان، ئۆزگەرمەيدىغان جەننەتتە ئەبەدى قالىدۇ

(108) بۇ ئاللاھنىڭ ساۋاپ بېرىش بىلەن ئازابلاشتىن ئىبارەت ۋەدىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلىرى بولۇپ، ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇنى ساڭا بايان قىلىپ بېرىمىز، ئاللاھ خەۋىرىدە راستچىل ۋە ھۆكۈملىرىدە ئادىلدۇر، ئاللاھ ئىنسانلاردىن ھېچ بىرىگە زۇلۇم قىلمايدۇ، بەلكى ئىنساننىڭ ئۆزى .سادىر قىلغان خاتالىقىدىن باشقا سەۋەب بىلەن ئازابلىمايدۇ

(109) ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر ئىگىدارچىلىق، يارىتىش ۋە تەدبىر قىلىش جەھەتتە يالغۇز بىر ئاللاھنىڭ ئىكلىدىدۇر، ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى .ھەقلىق بولغان مىقداردا جازالايدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ

(110) سىلەر ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى! ئاللاھ تائالا سىلەرنى ئىمانىڭلار ۋە ئەمەللىرىڭلار ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن چىقىرىلغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر. سىلەر كىشىلەرنى شەرىئەت يولغا قويغان ۋە ئەقىل چېرايلىق دەپ قارىغان ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيسىلەر، شەرىئەت چەكلىگەن ئەقىل ناچار دەپ قارىغان يامان ئىشلاردىن چەكلەيسىلەر، ئىمانىڭلارنى ئەمەلىڭلار بىلەن تەستىقلاپ ئاللاھقا شەكسىز ئىشىنىسىلەر. يەھۇدىي ۋە ناسارالاردىن بولغان ئەھلى كىتابلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن بولسا، ئەلۋەتتە بۇ ئۇلار ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتتە ياخشى بولار ئىدى، ئەھلى كىتابنىڭ ئاز بىر قىسمى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن ھەق دىنغا ئىشىنىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاللاھنىڭ دىنىدىن ۋە پرىنسىپىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەردۇر.

(111) ئى مۆمىنلەر! ئۇلارنىڭ سىلەرگە بولغان ئاداۋىتى قايسى دەرىجىدە بولۇپ كەتسۇن، ئۇلار سىلەرگە ئاغزاكى ئەزىيەت يەتكۈزۈپ، دىنىڭلارغا تەنە قىلىپ سىلەرنى مەسخىرە قىلغاندىن باشقا، دىنىڭلار ۋە جىنىڭلارغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئەگەر ئۇلار سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلسا، سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن مەغلۇب بولۇپ قاچىدۇ، سىلەرنىڭ زىيىنىڭلار ئۈچۈن .ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىگە ياردەم بىرىلمەيدۇ

(112) يەھۇدىيلار قەيەردە بولسۇن ئۇلار خارلانغان ئاھانەتكە ئۇچرىغان ھالەتتە بولىدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھىمايىسىدە بولغانلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئۇلار ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، مۇھتاجلىق ۋە پىقىرلىق ئۇلارنى ئوراپ تۇرىدىغان قىلىندى، شۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كاپىر بولغانلىقى، پەيغەمبەرلەرنى زۇلۇم قىلىپ ھەقسىز ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈندۇر، شۇنداقلا ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىپ، ئاللاھنىڭ .بەلگىلىمىسىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈندۇر

(113) ئەھلى كىتابنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش ئەمەس، ئۇلاردىن بەزىلىرى ئاللاھنىڭ دىنىدا مۇستەھكەم تۇرىدۇ، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى ئادا قىلىدۇ، چەكلىمىسىدىن يانىدۇ، كېچىلىرى ناماز ئوقۇغان ھالەتتە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىشلىتىن بۇرۇنمۇ شۇنداق بىر جامائەت بولغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەۋەتىلگەندە ئۇلاردىن بار بولغانلىرى رەسۇلۇللاھقا ئىمان ئېيتقان.

(114) ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە كەسكىن ئىشىنىدۇ، خەيرلىك ۋە ياخشى ئىشلارغا بۇيرىدۇ، يامان ۋە مۇنكەر ئىشلاردىن توسىدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايدۇ، تائەت-ئىبادەت پەسىللىرىنى غەنىمەت بىلىدۇ. مۇشۇ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن ئاشۇ كىشىلەر، نىيىتى خالىس ۋە .ئەمەللىرى ساغلام بەندىلەردۇر

(115) ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ، ئەجىرنى كىمەيتىۋەتمەيدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىسىدىن يانغان تەقۋادار كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئاللاھ ياخشى بىلگۈچىدۇر، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېچ نەرسە ئاللاھنىڭ بىلىشىدىن مەخپى قالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

(116) ھەقىقەتەن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە كاپىر بولغانلاردىن ئۇلارنىڭ ماللىرى ۋە ئەۋلادلىرى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن بىر نەرسىنى توساپ قالالمايدۇ، ئازابىنى قايتۇرالمايدۇ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى جەلب قىلالمايدۇ، بەلكى ئازاب ۋە ھەسىرەتنى زىيادە قىلىدۇ، ئۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، .دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ

(117) ئاشۇ كاپىرلارنىڭ ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلغان ۋە ئۇنىڭ ساۋابىنى كۈتىۋاتقان نەپىقىلىرىنىڭ مىسالى، گۇناھ-مەسىيەت بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان بىر قەۋمنىڭ كۆپ ياخشىلىقىنى كۈتىۋاتقان زىرائەتلىرىگە يېتىپ، ئۇ زىرائەتلەرنى نابۇت قىلىۋەتكەن، قاتتىق سوغۇق شامالغا ئوخشاش بولۇپ شامال زىرائەتلىرىنى نابۇت قىلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنەلمىگەن، ئاشۇنىڭغا ئوخشاش كاپىرلارمۇ مەنپەئەتىنى ئۈمىت قىلىۋاتقان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنى بىكار قىلىۋىتىدۇ. بۇ ئىشتا ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمايدۇ، ھەقىقەتتە ئۇلار ئاللاھغا كاپىر بولۇش ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە ئۆزى زۇلۇم قىلدى.

(118) ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۆمىنلەر! مۆمىنلەردىن باشقىنى سىلەرنىڭ سىرلىرىڭلارنى بىلىدىغان ۋە ھەممە ئەھۋالىڭلاردىن خەۋەردار بولىدىغان يېقىن-سىرداش دوست تۇتىۋالماڭلار، ئۇلار سىلەرگە زىيان يەتكۈزۈش ۋە ئەھۋالىڭلارنى بۇزۇش ئۈچۈن تېرىشچانلىق قىلىدۇ، سىلەرگە زىيان يېتىشنى ۋە ئىشلىرىڭلارنىڭ قىيىن بولىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار تىللىرى ئارقىلىق سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا تەنە قىلىش، ئاراڭلارغا ئاداۋەت سېلىش ۋە سىرلىرىڭلارنى پاش قىلىش ئارقىلىق دۈشمەنلىك ۋە ئۆچمەنلىكىنى ئاشكارا قىلىدۇ، كۆڭلىگە يوشۇرغان ئۆچمەنلىكى بۇنىڭدىنمۇ كاتتىدۇر. ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان ئايەتلەرگە ئەقلىڭلارنى ئىشلەتسەڭلار، ئۇنىڭدا دۇنيا-ئاخىرەتتە سىلەرگە پايدىلىق .بولغان روشەن ھۆججەتلەرنى بايان قىلىپ بەردۇق

(119) ئى مۆئمىنلەر! سىلەر ئاشۇ قەۋمنى ياخشى كۆرىسىلەر، ياخشىلىقنى ئۈمىت قىلىسىلەر، ئۇلار سىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ، سىلەرگە ياخشىلىقنى ئۈمىت قىلمايدۇ، بەلكى سىلەرنى ئۆچ كۆرۈدۇ، سىلەر كىتابلارنىڭ ھەممىسىگە ۋە ئۇلارنىڭ كىتابىغىمۇ ئىمان ئېيتتىڭلار، ھالبۇكى ئۇلار سىلەرنىڭ پەيغەمبىرىڭلارغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىشەنمەيدۇ. سىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، تىلىنىڭ ئۇچىدا سىلەرگە ئىشەندۇق دەيدۇ، بەزىسى بەزىسى بىلەن يالغۇز قالغاندا، سىلەرنىڭ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىغىڭلارغا ۋە ئىسلامنىڭ كۈچلىنىشىگە چىدىماي، ئۆزلىرى خارلىق، ئاھانەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن ئاچچىقتىن بارماقلىرىنى چىشلەيدۇ. ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئۆلگۈچە ئاچچىق يۇتقان ھالەتتە بولۇڭلار. ئاللاھنىڭ ئىنسانلار قەلبىدىكى ئىمان، كۇپىر، ياخشىلىق ۋە يامانلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىشىدە ھېچ شۈبھە يوقتۇر.

(120) ئى مۆمىنلەر! سىلەرگە دۈشمەنلەرگە غالىپ كىلىش بىلەن غەلبە-نۇسرەت يەتسە ياكى مال-دۇنيا، پەرزەنتىڭلار كۆپەيسە، ئۇلارغا غەم-قايغۇ يېتىدۇ، ئەگەر سىلەرگە دۈشمەنلەردىن مەغلۇبىيەت يەتسە ياكى مال-دۇنيا، پەرزەنتلىرىڭلار كىمەيسە، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇرسەن بولىدۇ، سىلەرگە دەشنام قىلىدۇ، ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرىقى ۋە تەقدىرىگە سەۋىر قىلساڭلار، غەزىۋىدىن ساقلانساڭلار، ئۇلارنىڭ ھىلە-مىكىر، ئەزىيەتلىرىنىڭ سىلەرگە زېيىنى بولمايدۇ، ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ .ھىلە-مىكرىنى بەربات قىلغۇچىدۇر ۋە خارلىققا قايتۇرغۇچىدۇر

(121) ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئوھۇد ئۇرۇشى بولغاندا مۇشرىكلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن مەدىنىدىن ئەتتىگەندە چىققان ۋاقتىڭدىكى ئەھۋالنى ئەسلىگىن، مۆئمىنلەرنى ئۇرۇش مەيدانىغا ئورۇنلاشتۇردۇڭ، ھەر بىرىنىڭ تۇرىدىغان ئورنىنى بەلگىلەپ بەردىڭ، ئاللاھ سىلەرنىڭ .سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلىغۇچىدۇر ۋە قىلغان ئىشلىرىڭلارنى بىلگۈچىدۇر

(122) ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۆز ۋاقتىدا مۆمىنلەردىن بەنى سەلەمە قەبىلىسى بىلەن بەنى ھارىس قەبىلىسى مۇناپىقلار قايتقان ۋاقتىدا، ئۇلارمۇ ئاجىزلىق كۆرسۈتۈپ قايتىشنى مەقسەت قىلدى، ئاللاھ ئۇلارنى قايتىش مەقسىدىدىن ياندۇرۇپ، ئۇرۇش مەيدانىدا مۇستەھكەم قىلىش بىلەن ياردەم بەردى، مۆئمىنلار ھەرقانداق ئەھۋالدا بىر ئاللاھقىلا تايىنىشى .كېرەك

(123) ھەقىقەتەن ئاللاھ بەدىر ئۇرىشىدا مۇشرىكلارنىڭ ئۈستىدىن غەلبە-نۇسرەت ئاتا قىلدى، ئۇ ۋاقتىدا سىلەر ئاجىز، سان ۋە تەييارلىق تەرەپتىن ئاز ئىدىڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمىتىگە شۈكۈر ئېيتىش .يۈزىىسىدىن ئاللاھتىن قورقۇڭلار

(124) ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۆز ۋاقتىدا بەدىر ئۇرۇشىدا مۇشرىكلارغا ياردەم كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭدا مۆئمىنلەرنى ئۇرۇش مەيدانىدا مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ئۈچۈن: ئاللاھ سىلەرنى ئۇرۇش مەيدانىدا كۈچلاندۇرۇش ئۈچۈن سىلەرگە ئاسماندىن ئۈچ مىڭ پەرىشتە چۈشۈرۈش بىلەن ياردەم بەرسە كۇپايە قىلمامدۇ؟! دېگىن.

(125) شۇنداق، ھەقىقەتەن ئاشۇ كۇپايە قىلىدۇ، سىلەرگە ئاللاھ تەرەپتىن بىر بىرلەپ ياردەمنىڭ بىشارىتى بار، ئۇ بولسىمۇ: ئۇرۇش مەيدانىدا سەۋىر قىلساڭلار، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلساڭلار، دۈشمەنلىرىڭلار سىلەرگە ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە نىشانلىق ۋە ئاتلىرىدا .بەلگىلىرى بولغان بەش مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىدۇ

(126) ئاللاھ بۇ ياردەمنى ۋە پەرىشتىلەر بىلەن مەدەت بېرىشنى پەقەت سىلەرنى خۇرسەن قىلىش، كۆڭلۇڭلارنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن قىلدى، ئۇنداق بولمىغاندا، ھەقىقى غەلبە-نۇسرەت دېگەن بۇ كۆرۈنۈشتىكى سەۋەپلەر بىلەن بولمايدۇ، ھەقىقى غەلبە ھەممىدىن غالىپ بولغان ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىن بولىدۇ، ئاللاھ بەندىلەرنىڭ ئىشىنى بېكىتىش ۋە .يولغا قويۇشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

(127) بەدىر ئۇرىشىدا سىلەر ئۈچۈن ئەمەلىيلەشكەن بۇ غەلبە ئارقىلىق، ئاللاھ كاپىرلاردىن بىر تائىپىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ھالاك قىلىش، يەنە بىر تائىپىنى خار قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاچچىق يۇتۇپ خار .ھالەتتە قايتىشىنى ئىرادە قىلدى

(128) پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇھۇد ئۇرۇشى ۋەقەلىكىدىن كېيىن مۇشرىكلارنىڭ كاتىۋاشلىرىنىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن دۇئا قىلغان ۋاقتىدا، ئاللاھ ئۇنىڭغا: ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى تەدبىر قىلىش سىنىڭ ئىشىڭ ئەمەس بەلكى ئۇ ئاللاھنىڭ ئىشىدۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ھۆكۈم قىلغۇچە ياكى ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىپ مۇسۇلغان بولغۇچە ياكى ئۇلار كۇپرىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئاللاھنىڭ ئازابىغا ئۇچرىغانغا قەدەر سەۋىر .قىلغىن، ھەقىقەتەن ئۇلار ئازابقا لايىق بولغان زالىملاردۇر

(129) ئاسمان ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يارىتىش ۋە تەدبىر قىلىشتا ئاللاھنىڭ مۇلكىدۇر، ئاللاھ بەندىلىرىگە رەھمەت قىلىپ خالىغان كىشىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ئەدلى بىلەن خالىغان كىشىنى ئازابلايدۇ، ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغان كىشىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، .ئۇلارغا مېھرىباندۇر

(130) ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۆئمىنلەر! سىلەر قەرز بەرگەن ئەسلى ماللىرىڭلاردىن جاھىلىيەت دەۋرىدىكىگە ئوخشاش ھەسسىلەپ زىيادە جازانە ئىلىشتىن يىراق بولۇڭلار. ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئۈمىدكى، سىلەر دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىدىن تەلەپ قىلغان نەرسەڭلەرگە نائىل بولىسىلەر.

(131) ئاللاھ كاپىرلارغا تەييارلىغان دوزاخ بىلەن ئاراڭلارغا توساق قىلىڭلار، بۇ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ۋە چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىنىش ئارقىلىق .بولىدۇ

(132) دۇنيا-ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن ئاللاھ ۋە .ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار

(133) ئاللاھنىڭ كاتتا رەھمەت-مەغپىرىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ۋە تۈرلۈك تائەت-ئىبادەتلەر بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىشقا، ئاللاھنىڭ تەقۋادار بەندىلىرىگە تەييارلىغان كەڭلىكى ئاسمان-زېمىندىن .كەڭرى بولغان جەننەتكە كېرىشكە ئالدىراڭلار

(134) تەقۋادارلار دېگەن؛ ئۇلار ھەر قانداق ھالەتتە يەنى كەڭرىچىلىك ۋە قېيىنچىلىق ۋاقىتلىرىدىمۇ ماللىرىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدۇ، ئىنتىقام ئىلىشقا قادىر بولۇپ تۇرۇغلۇق ئاچچىغىنى بېسىۋالىدۇ، زۇلۇم قىلغانلارنى كەچۈرىۋىتىدۇ. مۇشۇنداق ئەخلاققا ئىگە بولغان ۋە سالىھ ئەمەل قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدۇ.

(135) تەقۋادارلار چوڭ گۇناھتىن بىرنى قىلىپ سالسا ياكى كىچىك گۇناھ قىلىش بىلەن ئېرىشىدىغان نەسىۋىسى كەمىيىپ كەتكەندە، ئۇلار ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، ئاللاھنىڭ گۇناھ قىلغانلارغا ۋەدە قىلىنغان ئازاب ۋە تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان نېئمەتلەرنى ئەسلەيدۇ، ئۇلار ئۆكۈنگەن ھالەتتە ئاللاھتىن گۇناھىنى يوشۇرۇش ۋە بۇنىڭ بىلەن ئازابلىماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ، چۈنكى گۇناھلارنى پەقەت يالغۇز بىر ئاللاھدىن باشقا ھېچ كىشى مەغپىرەت قىلالمايدۇ. ئۇلار خاتالىقلىرىنى داۋاملاشتۇرمايدۇ، ئۆزلىرىنىڭ خاتالاشقۇچى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ھەقىقەتەن ئاللاھ بارلىق گۇناھلارنى .مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر

(136) مۇشۇ ئېسىل سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن كىشىلەرنىڭ ساۋابى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھىنى يوشۇرىدۇ، خاتالىقىنى ئەپۇ قىلىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە قەسىرلىرىنىڭ ئاستىدىن ئېرىقتا سۇلار ئېقىپ تۇرىدىغان باغچىلار(جەننەت)بار، ئۇلار جەننەتتە ئەبەدى قالىدۇ، ئاللاھقا تائەت-ئىبادەت قىلغۇچىلارغا بېرىلىدىغان بۇ مۇكاپات نېمىدىگەن ياخشى

(137) مۆمىنلەر ئوھۇد كۈنىدە سىنالغان ۋاقىتتا، ئاللاھ ئۇلارغا تەسەللى بېرىپ: سىلەردىن ئىلگىرىمۇ ئىلاھى پرىنسىپ بىلەن نۇرغۇن كاپىرلار ھالاك قىلىندى، مۆئمىنلەر سىنالغاندىن كېيىن ياخشى ئاقىۋەت ئۇلار ئۈچۈن قىلىندى، زېمىندا سەيرى قىلىڭلار، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا ئىبرەت نەزىرىدە قاراڭلار، .ئۇلارنىڭ يۇرتى بوش قالدى، پادىشاھلىقى يوقالدى

(138) بۇ قۇرئان كەرىم ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىگە ھەقنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، باتىلدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ، توغرا يولغا باشلايدۇ، تەقۋادارلارنى يامان ئىشتىن چەكلەيدۇ، چۈنكى ئۇلار قۇرئان كەرىمدىكى ھىدايەت ۋە توغرا .يولدىن مەنپەئەتلەنگۈچىدۇر

(139) `ئى مۆمىنلەر! ئوھۇد كۈنىدە سىلەرگە يەتكەن مۇسىبەت سەۋەبىدىن بوشىشىپ كەتمەڭلار ۋە قايغۇرماڭلار، بۇنداق قىلىش سىلەرگە لايىق بولمايدۇ، ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ تەقۋادار بەندىلىرىگە ۋەدە قىلغان نېئمەتلىرىگە ھەقىقى ئىشەنسەڭلار، ئاللاھتىن ياردەم ئۈمىد قىلساڭلار، ئەگەر ئىمانىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، ئاللاھنىڭ تەقۋادار بەندىلىرىگە قىلغان ۋەدىسىگە ئېرىشىسىلەر.

(140) ئى مۆئمىنلەر! ئوھۇد كۈنىدە سىلەر يارىلانغان ۋە شېھىت قىلىنغان بولساڭلار، كاپىرلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش يارىدار بولدى ۋە ئۆلتۈرۈلدى، بۇ كۈنلەرنى ئاللاھ مۆئمىن ۋە كاپىر بولغان ئىنسانلار ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ، خالىغانغا غەلبە-نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ، خالىغاننى مەغلۇب قىلىدۇ، بۇنىڭدىكى ھېكمەتلەردىن: مۇناپىقلارنىڭ ئارىسىدىن ھەقىقى مۆئمىنلەرنى مەيدانغا چېقىرىش، خالىغان كىشىنى ئۆزىنىڭ يولىدا شاھادەت تىپىش بىلەن ئىكرام قىلىش قاتارلىقلاردۇر، ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشنى .تەرك قىلىش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ

(141) مۇشۇ ھېكمەتلەردىن: مۆئمىنلەرنى گۇناھتىن پاكلاش، سەپلىرىدىن .مۇناپىقلارنى تازىلاش، كاپىرلارنى ھالاك ۋە يوق قىلىش ئۈچۈندۇر

(142) ئى مۆمىنلار! سىلەر ئاللاھ يولىدا ھەقىقى جىھاد قىلىۋاتقان مۇجاھىدلاردا كۆرۈلىدىغان جاپا-مۇشەققەت ۋە سىناقلارغا دۇچ كەلمەستىن، ئۇلارغا يەتكەن بالا-مۇسىبەتكە سەۋىر قىلماستىن جەننەتكە كېرىمىز دەپ ئويلامسىلەر؟!.

(143) ئى مۆمىنلەر! ھەقىقەتەن سىلەر ئۆلۈمنىڭ قاتتىقلىقى ۋە سەۋەبلىرىگە ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى بەدىر كۈنىدە قېرىنداشلىرىڭلار ئېرىشكەندەك ئاللاھ يولىدا شەھىتلىك مەرتىۋىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن كاپىرلار بىلەن ئۇچرىشىشنى ئارزۇ قىلاتتىڭلار، ھە مانا ئوھۇد كۈنىدە ئارزۇ قىلغان ئىشنى .كۆردۇڭلار، مانا ئۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار

(144) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئىلگىرى ۋاپات بولغان ياكى ئۆلتۈرۈلگەن پەيغەمبەرلەردىن بىر پەيغەمبەر، ئەگەر ئۇ ۋاپات بولسا ياكى ئۆلتۈرۈلسە، جىھادنى تەرك قىلىپ دىنىڭلاردىن يېنىۋالامسىلەر؟، سىلەردىن كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىدىن يېنىۋالىدىكەن، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر ۋە غالىبتۇر، ھەقىقەتتە دىندىن يېنىۋالغۇچى دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش بىلەن زىيان تارتقۇچىدۇر، ئاللاھ نېئمىتىگە شۈكۈر ئېيتقۇچىلارنى، دىندا مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ۋە ئۆزىنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىن ئىبارەت ئېسىل مۇكاپات بىلەن شەرەپلەندۇرىدۇ.

(145) ھەر قانداق جان ئاللاھنىڭ تەقدىرىسىز ئۆلمەيدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا پۈتكەن مۇددەتنى تولۇقلاپ، بېكىتكەن ئەجەلنى توشقۇزۇپ ئۆلىدۇ، بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن كەم-زىيادە بولمايدۇ، كىمكى ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلى بىلەن دۇنيا نېئمىتىنى تەلەپ قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا دۇنيادا بېرىش تەقدىر قىلىنغان مىقداردا بېرىلىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا ھېچ نەسىۋە بېرىلمەيدۇ، كىمكى ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلى بىلەن ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ساۋابىنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا قىلغان ئەمىلىنىڭ ساۋابىنى بېرىمىز، پەرۋەردىگارىغا شۈكۈر قىلغۇچىلارنى كاتتا مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلايمىز.

(146) ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن بولغان كۆپلىگەن جامائەت ئۇرۇش قىلدى، ئاللاھ يولىدا يەتكەن جاراھەت ۋە ئۆلۈم ئۇلارنى جىھاد قىلىشتىن قورقىتالمىدى، دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن بوشاشتۇرمىدى ۋە باش ئەگدۈرمىدى، بەلكى ئۇلار سەۋىر قىلىپ ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇردى. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ يولىدىكى قېيىنچىلىق ۋە قاتتىقچىلىققا سەۋىر قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.

(147) ئاشۇ سەۋىر قىلغۇچى كىشىلەرگە بالا-مۇسىيبەت كەلگەندە ئۇلارنىڭ سۆزى پەقەت: پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى ۋە بىزنىڭ چەكتىن ئاشۇرۋەتكەن خاتالىقلىرىمىزنى كەچۈرگىن، دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقاندا قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن، ساڭا كاپىر بولغان قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن دېگەن سۆزدىن ئىبارەت بولدى.

(148) ئاللاھ ئۇلارغا دۇنيادا كاپىرلار ئۈستىدىن غەلبە قىلىش بىلەن ئاخىرەتتە بولسا ئۇلاردىن رازى بولۇشتىن ئىبارەت چىرايلىق مۇكاپات، نېمەتلىك جەننەتلەردە دائىم تۇرۇشتىن ئىبارەت كاتتا ساۋاپ ئاتا قىلدى، ئاللاھ ئىبادەت ۋە مۇئامىلە ئىشلىرىدا توغرا ئىش قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.

(149) ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۆمىنلەر!، ئەگەر سىلەر يەھۇدىي-ناسارا ۋە مۇشرىكلاردىن ئىبارەت كاپىرلارنىڭ بۇيرىغان ئىشلىرىغا ئىتائەت قىلساڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن قايتىدىن كۇپىرغا قايتۇرىدۇ، ئاندىن دۇنيا-ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسىلەر.

(150) گەرچە سىلەر ئاشۇ كاپىرلارغا ئىتائەت قىلساڭلارمۇ، ئۇلار ھەرگىز سىلەرگە ياردەم بەرمەيدۇ. بەلكى دۈشمەنلىرىڭلارغا قارشى سىلەرگە پەقەت ئاللاھ ياردەم بېرىدۇ. ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ياخشى ياردەم بەرگۈچىدۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ كىشىگە ئېھتىياجلىق بولماڭلار.

(151) ئاللاھقا كاپىر بولغان بەدبەختلەرنىڭ دىللىرىغا قاتتىق قورقۇنچ سالىمىز، ئۇلار ھېچ قانداق دەلىلى بولمىغان ئۆز خاھىشلىرى بىلەن چوقۇنغان ئىلاھلىرىنى يەككە-يېگانە ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن سىلەرگە قارشى ئۇرۇشتا مۇستەھكەم تۇرۇشقا قادىر بولالمايدۇ، ئاخىرەتتە ئۇلارنىڭ بارىدىغان قارارگاھى دوزاخ بولىدۇ، زالىملارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان جايى بولغان دوزاخ ھەقىقەتەن يامان جايدۇر.

(152) ئۇھۇد كۈنىدە ئاللاھ سىلەرگە دۈشمەنلىرىڭلار ئۈستىدىن غەلبە-نۇسرەت ئاتا قىلىش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، ئۇ ۋاقىتتا سىلەر ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن كاپىرلارغا قارشى قاتتىق ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىدىڭلار، ھەتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سىلەرنىڭ مىدىرلىماي تۇرۇشىڭلارنى بۇيرىغان ئورۇندىن بوشاشقان ۋاقىتتا، ئاجىزلىشىپ قالدىڭلار، ئورنۇڭلاردا مۇستەھكەم تۇرۇش ياكى ئورۇننى تاشلاپ غەنىمەت توپلاش ئۈچۈن ئىختىلاپ قىلىشتىڭلار. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەرقانداق ھالەتتە ئورنۇڭلاردىن تەۋرەنمەڭلار دېگەن بۇيرىقىغا ئاسىيلىق قىلدىڭلار، بۇ ۋەقە ئاللاھ سىلەرگە دۈشمەنلىرىڭلار ئۈستىدىن غەلبە قىلىشتىن ئىبارەت سىلەر ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى كۆرگەندىن كېيىن يۈز بەردى، سىلەردىن دۇنيا مەنپەئەتىنى مەقسەت قىلىدىغانلار بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئورنىنى تەرك قىلدى، سىلەردىن ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى مەخسەت قىلغۇچىلار بار، ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇپ ئۆز ئورنىدا تەۋرەنمەي تۇردى، ئاندىن ئاللاھ ئەھۋالىڭلارنى ئۆزگەرتتى، سىلەرنى سىناش ئۈچۈن كاپىرلارنى سىلەرگە مۇسەللەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بالا-مۇسىيبەت يەتكەندە بوشىشىپ، ھەق يولدىن تېيىلىپ كېتىدىغان مۇئمىنلار بىلەن، تالاپەت يەتكەندە سەۋىر قىلىدىغان ھەقىقى مۇئمىنلەر ئاشكارا بولدى. ئاللاھ سىلەرنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلغان خاتالىقىڭلارنى ئەپۇ قىلدى، ئاللاھ مۇئمىنلەرنى ئىمانغا ھىدايەت قىلىشتا كاتتا پەزلى ئىگىسىدۇر، ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلغۇچى ۋە مۇسىيبەتلىرىگە ساۋاپ بەرگۈچىدۇر.

(153) ئى مۆمىنلەر! ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئوھۇد مەيدانىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن مۇسىيبەتكە ئۇچرىغان ۋاقتىڭلاردا يىراققا قاچتىڭلار، سىلەردىن ھېچ بىرىڭلار يەنە بىرىگە قارىيالمىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سىلەرنىڭ كەينىڭلاردا ۋە مۇشرىكلارنىڭ ئالدى تەرىپىدە تۇرۇپ: ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! مېنىڭ تەرىپىمگە كىلىڭلار، ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! مېنىڭ تەرىپىمگە كىلىڭلار دەيتتى، مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ئاللاھ سىلەرنى غەلبە-نۇسرەت، غەنىمەتنى يوقۇتۇپ قويۇشتىن ئىبارەت دەرت-ئەلەم ۋە قېيىنچىلىق بىلەن جازالىدى، بۇنىڭغا قېتىلىپ ئاراڭلاردا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆلتۈرۈلدى دېگەن خەۋەر تارقالدى، بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى سىلەرنىڭ غەلبە ۋە غەنىمەتتىن يوقۇتۇپ قويغان نەرسىگە قايغۇرماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆلتۈرلمىگەنلىكىنى بىلگەن ۋاقتىڭلاردا، سىلەرگە يەتكەن جاراھەت ۋە ئۆلتۈرۈلۈش قاتارلىق بارلىق مۇسىبەت، دەرت-ئەلەملەر ئاددى بىلىندى، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر، سىلەرنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىڭلار ۋە قەلبىڭلاردىكى ھېچ بىر ئىش ئاللاھقا مەخپى قالمايدۇ.

(154) دەرت-ئەلەم، قېيىنچىلىقتىن كېيىن ئاللاھ سىلەرگە خاتىرجەملىك ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلدى، سىلەردىن ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنچ قىلىدىغان بىر جامائەتنى دىللىرىدىكى خاتىرجەملىك ۋە ئارامدىللىق سەۋەبىدىن مۈگە باستى، يەنە بىر جامائەتكە خاتىرجەملىك ۋە مۈگە كەلمىدى، ئۇلار مۇناپىقلار بولۇپ ئۇلارنىڭ بىردىن بىر غەم قىلىدىغىنى جېنىنىڭ سالامەت قىلىشى ئىدى، شۇڭا ئۇلار قورقۇنچ ۋە ئارامسىزلىق ئېچىدە ئاللاھ ھەققىدە يامان گۇمان قىلىپ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بەرمەيدۇ ۋە مۆئمىن بەندىلىرىنى كۈچلاندۇرمايدۇ دەپ جاھىلىيەت ئەھلىگە ئوخشاش ئاللاھنىڭ ھەقىقى ئۇلۇغلۇقى ۋە شانۇ-شەۋكىتىنى بىلمىدى، ئاشۇ مۇناپىقلار ئاللاھقا بولغان جاھىللىقى سەۋەبىدىن: ئۇرۇشقا چېقىش ئىشىدا بىزنىڭ پىكرىمىز قوبۇل قىلىنغان بولسا ئىدى، بىز جەڭگە چىقمىغان بولاتتۇق دېدى. ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ ئېيتقىنكى، ئىشنىڭ ھەممىسى ئاللاھ ئۈچۈندۇر، ئاللاھ خالىغانچە تەقدىر قىلىدۇ ۋە ئىرادىسى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ، سىلەرنىڭ ئۇرۇشقا چېقىشىڭلارنى ئاللاھ تەقدىر قىلغان، ئاشۇ مۇناپىقلار قورققانلىقى ئۈچۈن كۆڭلىدىكى شەك-شۈبھە ۋە يامان گۇمانلىرىنى ساڭا ئاشكارا قىلالمايدۇ، ئۇلار: ئۇرۇشقا چېقىش بىزنىڭ پىكرىمىز بىلەن بولغاندا بىز بۇ جايدا ئۆلتۈرۈلمەيتتۇق دەيدۇ، ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ ئېيتقىنكى: گەرچە سىلەر ئۆيۈڭلارغا مۆكۈنىۋىلىپ ئۇرۇش ئورۇنلىرى ۋە ئۆلۈمدىن يىراق بولساڭلارمۇ، ئەلۋەتتە ئاللاھ سىلەردىن بېرىڭلارغا ئۆلۈمنى پۈتىۋەتكەن بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆلتۈرىلىدىغان ئورنىغا چىققان بولاتتى، بۇنى ئاللاھ سىلەرگە پەقەت سىلەرنىڭ دىلىڭلاردىكى نىيەت-مەقسىدىڭلارنى سىناش ۋە ئۇنىڭدىكى ئىمان بىلەن كۇپىرنى ئايرىش ئۈچۈن تەقدىر قىلدى، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ دىللىرىدىكى نەرسىلەرنى بىلگۈچىدۇر، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپى قالمايدۇ.

(155) ئى مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى! ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلار قوشۇنى بىلەن مۇشرىكلار قوشۇنى ئوھۇد كۈنىدە ئۇچراشقاندا سىلەردىن مەغلۇپ بولغان بەزى كىشىلەرنىڭ قىلغان گۇناھلىرى سەۋەبىدىن شەيتان ئۇلارنى توغرا يولدىن چەتنەتتۈرگەن، ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۇلارنى ئەپۇ قىلدى، ئۆزىنىڭ پەزلى-رەھمىتى بىلەن ئۇلارنى جازالىمىدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى كەچۈرۈم قىلغۇچىدۇر. ھەلىملىك سۈپىتى بىلەن ئۇلارنى جازالاشقا ئالدىرمايدۇ.

(156) ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئەگەشكەن مۆمىنلەر! مۇناپىقلاردىن بولغان كاپىرلارغا ئوخشاش بولماڭلار، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىغا، ئۇلار رىزىق تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ياكى ئاللاھ يولىدا غازات قىلىش ئۈچۈن چىققاندا ئۆلۈپ كەتسە ياكى ئۆلتۈرۈلسە: ئەگەر ئۇلار سەپەرگە ياكى ئۇرۇشقا چىقماي بىزنىڭ يېنىمىزدا تۇرغان بولسا ئۆلمەيتتى ۋە ئۆلتۈرۈلمەيتتى دەيتتى، ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى غەم-قايغۇ، دەرت-ئەلەملەرنى زىيادە قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ بۇ ئېتىقادنى ئۇلارنىڭ دىللىرىغا سالدى، ئاللاھ ئۆزى يالغۇز ئۆزىنىڭ خالىشى بىلەن ئۆلتۈرگۈچى ۋە ھاياتلىق ئاتا قىلغۇچىدۇر، ئاللاھنىڭ تەقدىرىنى جىھادقا چىقماي ئۆيدە ئولتۇرغۇچى كېچىكتۈرەلمىگەندەك، جىھادقا چىققۇچىمۇ ئىلگىرى قىلالمايدۇ. ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپى قالمايدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

(157) ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلسەڭلار ۋە ياكى ئۆلسەڭلار، ئەلۋەتتە ئاللاھ سىلەرگە كاتتا مەغپىرەت ۋە كەڭرى رەھمەت ئاتا قىلىدۇ، ئۇ مۇشۇ دۇنيا ۋە دۇنيا ئەھلى ئېرىشىۋاتقان بارلىق يوقالغۇچى نېمەتلەردىن ياخشىدۇر.

(158) سىلەر قانداق ھالەتتە ئولۇڭلار مەيلى ئۆلتۈرۈلۈڭلار ھەممىڭلار پەقەت بىر ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتۇرىلىسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا كۆرە جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

(159) ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ساڭا بولغان رەھمىتى سەۋەبىدىن سېنىڭ ئەخلاقىڭ ساھابىلىرىڭغا يىقىشلىق بولدى، ئەگەر سەن سۆز-ھەرىكەتلىرىڭدە قوپال، دىلىڭ قاتتىق بولغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلار سېنىڭ ئەتراپىڭدىن تاراپ كىتەتتى، ئۇلارنىڭ سېنىڭ ھەققىڭدىكى كەمچىللىكلىرىنى ئۆتىۋەتكىن، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھدىن مەغپىرەت تىلىگىن، مەسلەھەتكە ئېھتىياجلىق ئىشلاردا ئۇلارنىڭ پىكىر-قارىشىنى تەلەپ قىلغىن، مەسلەھەتتىن كېيىن بىر ئىشنى كەسكىن قىلىشنى ئىرادە قىلساڭ، ئۇ ئىشنى قىلغىن، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغىن، ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۆزىگە تەۋەككۇل قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارنى ئۇ ئىشقا مۇۋەپپەق قىلىدۇ ۋە كۈچلاندۇرىدۇ.

(160) ئەگەر ئاللاھ ئۆزىنىڭ ياردىمى ۋە نۇسرىتى بىلەن سىلەرنى كۈچلاندۇرسا، گەرچە زېمىن ئەھلىنىڭ ھەممىسى توپلىشىپ كەلسىمۇ ھېچبىرى سىلەرنى يېڭەلمەيدۇ. ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بېرىشنى تەرك قىلسا، يەنى ئىشىڭلارنى ئۆزۈڭلەرگە قويۇپ قويسا، ئاللاھدىن كېيىن ھېچ كىشى سىلەرگە ياردەم بېرىشكە پىتىنالمايدۇ، غەلبە يالغۇز ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر، مۆئمىنلەر پەقەت يەككە-يېگانە ئاللاھقىلا تايىنىدۇ.

(161) پەيغەمبەرلەردىن ھېچ بىرىگە غەنىمەتتىن ئاللاھ ئۇنىڭغا خاس قىلىپ بەرگەن نەرسىدىن باشقىنى ئېلىپ خىيانەت قىلىشى لايىق بولمايدۇ، سىلەردىن كىمكى غەنىمەتتىن بىر نەرسە ئېلىش بىلەن خىيانەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنى قىيامەت كۈنى رەسۋا قىلىش بىلەن جازالايدۇ، ئىنسانلار ئالدىغا ئۆزى خىيانەت قىلغان نەرسىنى كۆتۈرۈپ كېلىدۇ، ئاندىن ھەر بىر كىشىگە قىلغان ئىشىنىڭ جازا-مۇكاپاتىنى كىمەيتىۋەتمەستىن تولۇق بېرىدۇ، ئۇلار خاتالىقىنى زىيادە قىلىش ۋە ياخشىلىقىنى كىمەيتىۋىتىش بىلەن زۇلۇم قىلىنمايدۇ.

(162) ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئىمان ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىدىغان نەرسىگە ئەگەشكەن كىشى بىلەن، ئاللاھقا كاپىر بولۇپ يامان ئەمەل قىلغان كىشى باراۋەر بولمايدۇ، كاپىر بولغان كىشى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولۇپ قايتىدۇ، ئۇنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر، ئۇلارنىڭ قايتىدىغان ۋە ئورۇنلىشىدىغان جايى نېمىدېگەن يامان جاي ھە!

(163) ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئۇلارنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتىكى دەرىجىسى تۈرلۈك بولىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپى قالمايدۇ. ئاللاھ ھەر كىشىنىڭ ئۆز ئەمىلىگە قارىتا جازا- مۇكاپات بېرىدۇ.

(164) ئاللاھ مۆئمىنلەرگە نېئمەت بېرىپ، ياخشىلىق قىلىپ، ئۇلارغا ئۆزلىرىدىن بولغان بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى، پەيغەمبەر ئۇلارغا قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ بېرىدۇ، ئۇلارنى شېرىكنىڭ كىرلىرىدىن ۋە رەزىل-ناچار ئەخلاقتىن پاكلايدۇ، قۇرئان-سۈننەت ئۈگىتىدۇ، ئۇلار بۇ پەيغەمبەر ئەۋەتىلىشتىن ئىلگىرى ھىدايەت ۋە توغرا يولدىن يىراق بولغان روشەن ئازغۇنلۇقتا ئىدى.

(165) ئى مۆمىنلەر! ئوھۇد كۈنىدە سىلەر مەغلۇپ بولۇپ سىلەرگە مۇسىيبەت يەتكەن ۋاقىتتا، سىلەردىن بەزىلەر ئۆلتۈرۈلدى، بەدىر كۈنىدە مۇشرىكلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە ئەسىر ئىلىشتا ئۇلارنى بۇنىڭدىن ئىككى ھەسسە كۆپ مۇسىيبەتكە ئۇچراتقان ئىدىڭلار. سىلەر: بىز مۆئمىن تۇرساق، بىزنىڭ ئارىمىزدا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى تۇرسا، بىزگە بۇ مۇسىيبەت قەيەردىن كەلدى؟دېدىڭلار. ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئېيتقىنكى: سىلەرگە يەتكەن ئۇ مۇسىيبەت، پەيغەمبەرنىڭ بۇيرىقىغا ئاسىيلىق قىلىشىڭلار ۋە بۇ مەسىلىدە تالاش-تارتىش قىلغانلىقىڭلار سەۋەبىدىن بولدى. ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىدۇ ۋە خالىغان كىشىنى خار قىلىدۇ.

(166) ئوھۇد كۈنى سىلەرنىڭ قوشۇنىڭلار بىلەن مۇشرىكلار قوشۇنى ئۇچراشقاندا سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا يۈز بەرگەن ئۆلتۈرۈلۈش، جاراھەت ۋە مەغلۇبىيەت، ئاللاھنىڭ ئىزنى-تەقدىرى ۋە كاتتا ھېكمەتلەر بىلەن بولدى. بۇ ھەقىقى مۆئمىنلەرنىڭ ئاشكارا بولىشى ئۈچۈندۇر.

(167) مۇناپىقلارنى ئايرىش ئۈچۈن ئۇلارغا: ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىڭلار ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش بىلەن ئۆزۈڭلارنى قوغداڭلار دىيىلگەندە، ئۇلار: ئۇرۇش بولىدىغانلىقىنى بىلگەن بولساق ئەلۋەتتە سىلەرگە ئەگىشەتتۇق، لېكىن سىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇرۇش بولىدىغانلىقىنى بىلمىدۇق دەيدۇ، ئۇلار شۇ كۈندە ئىمانغا قارىغاندا كۇپىرغا بەكرەك يېقىن ئىدى، ئۇلار كۆڭۈللىرىدە يوق نەرسىنى تىللىرى بىلەن دەيتتى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە يوشۇرغان نەرسىسىنى بىلگۈچىدۇر ۋە شۇنىڭغا ئاساسەن ئۇلارنى جازالايدۇ.

(168) ئۇرۇشقا چىقىشنى خالىماي ئۆيىدە قالغان مۇناپىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئوھۇد كۈنىدە مۇسىيبەتكە ئۇچرىغان يېقىنلىرىغا: ئەگەر ئۇلار بىزنىڭ سۆزىمىزنى ئاڭلاپ ئۇرۇشقا چىقمىغان بولسا ئۆلتۈرۈلمەيتتى دەيدۇ، ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلارغا جاۋابەن ئېيتقىنكى: ئەگەر سىلەر ئۇلار بىزنىڭ سۆزىمىزنى ئاڭلاپ ئۇرۇشقا چىقمىغان بولسا ئۆلتۈرۈلمەيتتى دېگەن سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار، سىلەرگە ئۆلۈم كەلگەندە، ئۆزۈڭلارنى ئۆلۈمدىن قوغداڭلار، ئەگەر ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىقماسلىق سىلەرنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇشنىڭ سەۋەبى بولسا شۇنداق قىلىڭلار.

(169) ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئاللاھنىڭ يولىدا جىھادتا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ئۆلۈك دەپ ئويلىمىغىن، بەلكى ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ھوزۇرىدا، ئىززەت دىيارىدا خاس بىر ھاياتلىقتا ھاياتتۇر، ئۇلار ئاللاھدىن باشقا ھېچ كىشى بىلمەيدىغان تۈرلۈك يېمەكلىكلەردىن رىزىقلىنىدۇ.

(170) ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان پەزلى-رەھمىتى بىلەن خۇرسەنلىك ۋە بەخت-سائادەت ئېچىدە بولىدۇ، ئۇلار دۇنيادا قالغان قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قېتىلىشىنى كۈتىدۇ ۋە ئارزۇ قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلار جىھادتا ئۆلتۈرۈلسە، ئۇلارغا ئوخشاش پەزلى-رەھمەتكە ئېرىشىدۇ، ئۇلارغا ئاخىرەتتە ئەنسىرەش بولمايدۇ ۋە دۇنيادا يوقۇتۇپ قويغان نەرسىلىرىگىمۇ قايغۇرمايدۇ.

(171) ئۇلار مۇشۇ خۇرسەنلىك بىلەن بىرگە ئاللاھ تەرىپىدىن كاتتا ساۋاپنى كۈتىدۇ، ھەقىقەتەن ئاللاھ مۆئمىنلەرنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەجىرنى مۇكەممەل تولۇقلاپ ۋە زىيادىسى بىلەن بېرىدۇ.

(172) ئوھۇد ئۇرىشىدا جاراھەتلىنىپ يارىلانغاندىن كېيىن، «ھەمرائۇل ئەسەد» ئۇرىشىدا مۇشرىكلار بىلەن ئۇچرۇشۇش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇرۇشقا چېقىشقا چاقىرىلغاندا، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقانلارنىڭ جاراھەتلىرى ئۇلارنى يەنە جىھادقا ئاتلىنىشتىن توسۇپ قالالمىدى. مۆئمىنلەردىن ئەمەللىرىنى ياخشى قىلغانلار، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇپ ۋە توسقانلىرىدىن چەكلىنىش بىلەن تەقۋادارلىق قىلغانلار ئاللاھ تەرىپىدىن جەننەتتىن ئىبارەت بولغان كاتتا ئەجىرگە ئېرىشىدۇ.

(173) مۇشرىكلاردىن بولغان بىر كىشى مۆئمىنلەرگە: ھەقىقەتەن قۇرەيشلەر ئەبۇ سۇپياننىڭ قوماندانلىقىدا سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ، سىلەرنى يوق قىلىش ئۈچۈن كۆپ قوشۇن توپلىدى، دىققەت قىلىڭلار ۋە ئۇلارغا ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىڭلار دېگەندە، بۇ سۆز ئۇلارغا ئاللاھدىن قورقۇش، ئاللاھقا ئىشىنىش ۋە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنچ قىلىشنى زىيادە قىلدى، ئۇلار مۇشرىكلار بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقتى ۋە: بىزگە ئاللاھ كۇپايە قىلىدۇ، بىز ئىشلىرىمىزنى تاپشۇرىدىغان ئەڭ ياخشى ھامى ئاللاھدۇر، دەيدۇ.

(174) ئۇلار «ھەمرائۇل ئەسەد»كە چىققاندىن كېيىن ئاللاھ تەرىپىدىن كاتتا ساۋاپ ۋە يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە مۇشەررەپ بولۇش، دۈشمەنلىرىدىن سالامەت قىلىش، جاراھەت ۋە ئۆلۈمسىز قايتىشقا مۇشەررەپ بولدى. ئۇلار ئاللاھغا ئىتائەت قىلىشنى لازىم تۇتۇش ۋە ئاسىيلىق قىلىشتىن قول يېغىش بىلەن ئاللاھ رازى بولىدىغان يولغا ئەگەشتى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ مۆئمىن بەندىلىرىگە چەكسىز پەزلى ئىگىسىدۇر.

(175) شەيتان سىلەرنى ئۆزىنىڭ ياردەمچىلىرى ۋە ئەنسارلىرى بىلەن قورقۇتىدۇ، ئۇلاردىن قورقماڭلار، ئۇلاردا ھېچقانداق كۈچ-قۇۋۋەت يوق، سىلەر ھەقىقى مۆئمىن بولساڭلار ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى لازىم تۇتۇش بىلەن .يالغۇز ئاللاھدىن قورقۇڭلار

(176) ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! مۇناپىقلاردىن مۇرتەد بولۇپ دىندىن يېنىۋىلىپ كۇپىرغا ئالدىرغانلار سېنى قايغۇغا سالمىسۇن، ھەقىقەتتە ئۇلار ئاللاھغا ھېچ بىر زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ، ئۇلار ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، ئىتائەت قىلغاندىن كېيىن پەقەت ئۆز نەپسىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى خارلارشنى، توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلماسلىقنى ۋە ئاخىرەتتە نېئمەتتىن نەسىۋە بولماسلىقنى ئىرادە قىلىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن دوزاختا ئېغىر ئازاب بار.

(177) ئىماننى كۇپىرغا ئالماشتۇرغانلار ماھىيەتتە ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، پەقەت ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە .دەرتلىك ئازاب بار

(178) پەرۋەردىگارىغا كاپىر بولغان ۋە ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە گەردەنكەشلىك قىلغان بەدبەختلەر ئۆزلىرىنىڭ كۇپىر ئەمەللىرىدە ئۇزۇن مۇددەت ياشىشى ۋە جازالانماستىن تۇرىۋىرىشىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشىلىق دەپ ئويلاپ قالمىسۇن، ئىش ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئاسىيلىقنى كۆپ قىلىش بىلەن خاتالىق ئۈستىگە خاتالىقنى زىيادە قىلىشى ئۈچۈن مۆھلەت بېرىمىز، ئۇلار ئۈچۈن خار قىلغۇچى ئازاب باردۇر.

(179) ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ ھېكمىتىدىن: ئاللاھ سىلەرنى مۇناپىقلار بىلەن ئارىلاش ھالەتتە، سىلەرنىڭ ئاراڭلارنى ئايرىماي، يەنى ھەقىقى مۆئمىننى تاللىماي قويمايدۇ، ھەتتا تۈرلۈك ئەمەللەرگە بۇيرۇش ۋە سىناش ئارقىلىق ھەقىقى مۆئمىن ئىپلاس مۇناپىقتىن ئايرىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ھېكمىتىدىن: ئاللاھ سىلەرنىڭ مۆئمىنلەر بىلەن مۇناپىقلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە غەيىبنى بىلدۈرمىدى، لېكىن ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن خالىغان كىشىنى تاللايدۇ، خۇددى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بەزى مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ بەزى غەيب ئىشلاردىن خەۋەردار قىىلىدۇ، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا بولغان ئىمانىڭلارنى نامايەندە قىلىڭلار، سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارغا ھەقىقى ئىشىنىپ، ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن تەقۋادارلىق قىلساڭلار، سىلەرگە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا كاتتا ساۋاپ بار.

(180) ئاللاھ ئاتا قىلغان پەزلى-نېئمەتتىن مەنپەئەتلىنىپ، بېخىللىق قىلىپ ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشتىن باش تارتقۇچىلار، ئۆزلىرىنىڭ بېخىللىقىنى ياخشى دەپ ئويلاپ قالمىسۇن، بەلكى ئۇ بېخىللىق ئۇلارغا زىيانلىقتۇر، چۈنكى ئۇلار دۇنيادا بېخىللىق قىلغان نەرسە قىيامەت كۈنىدە ئۇلارنىڭ بوينىغا تاقاق بولۇپ سېلىنىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئازابلىنىدۇ، ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يالغۇز بىر ئاللاھنىڭ بولۇپ، خالايىقلارنىڭ ھەممىسى يوقالغاندىن كېيىنمۇ ئاللاھ ھەمىشە ھاياتتۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىنچىكە ئىشلىرىڭلاردىن تارتىپ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر. ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئەمەلگە ئاساسەن جازا- مۇكاپات بېرىدۇ.

(181) ھەقىقەتەن ئاللاھ يەھۇدىيلارنىڭ: ئاللاھ پىقىر بىزدىن قەرز تەلەپ قىلىدۇ، بىز يېنىمىزدىكى مال-دۇنيالىرىمىز بىلەن باي دېگەن سۆزىنى ئاڭلىدى، بىز ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارىغا قىلغان بۆھتان-توقۇلمىلىرىنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ھەقسىز ئۆلتۈرگەنلىك ئەھۋالىنى پۈتۈپ قويىمىز ۋە ئۇلارغا: دوزاختىكى كۆيدۈرگۈچ ئازابنى تېتىڭلار دەيمىز.

(182) ئى يەھۇدىيلار! سىلەرگە بېرىلگەن ئاشۇ ئازاب سىلەرنىڭ ئىلگىرى قىلغان ئاسىيلىق ۋە خارلىقىڭلارنىڭ سەۋەبىدىندۇر، ھەقىقەتتە ئاللاھ ئۆزىنىڭ بەندىلىرىدىن ھېچ كىشىگە زۇلۇم قىلمايدۇ.

(183) ئۇلار ئاللاھقا بۆھتان قىلىپ، يالغاننى توقۇپ: ھەقىقەتەن ئاللاھ بىزگە ئۆزىنىڭ كىتابىدا، پەيغەمبەرلىرىنىڭ تىلىغا ئاساسەن ۋەسىيەت قىلىپ، ھەر قانداق بىر پەيغەمبەر ئۆزىنىڭ سۆزىنى تەستىقلايدىغان بىر مۆجىزە ئىلىپ كەلمىسە، يەنى ئۇلار بىر سەدىقە بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىدۇ، ئۇ سەدىقەنى ئاسماندىن بىر ئوت چۈشۈپ كۆيدۈرۋېتىدۇ، شۇنداق قىلمىسا ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىككە بۇيرۇيدۇ، دەيدۇ. ئۇلار بۇ توقۇلما ۋەسىيەتنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىشتە ئاللاھقا يالغاننى چاپلىدى، پەيغەمبەرنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىلنى مۇشۇ بىر مۆجىزىگىلا مەركەزلەشتۈردى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا مۇنداق دېيىشكە بۇيرىدى: مەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر سىلەرگە ئۆزلىرىنىڭ سۆزىنى ئىسپاتلايدىغان روشەن مۆجىزىلەرنى ۋە سىلەر زىكىر قىلغان ئاللاھقا يېقىنلىشىدىغان سەدىقىنى كۆيدۈرۋىتىدىغان ئاسماندىن چۈشىدىغان ئوتنىمۇ ئىلىپ كەلدى، ئەگەر سىلەر دېگەن سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى ئىنكار قىلىپ ئۆلتۈرىسىلەر؟.

(184) ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلار سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنى ئىنكار قىلسا قايغۇرمىغىن، بۇ كاپىرلارنىڭ ئادىتى، سەندىن بۇرۇنمۇ نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئىنكار قىلىنغان، ئۇلار روشەن دەلىللەرنى، ئۇلارنىڭ قەلبىنى يۇمشىتىدىغان ۋەز-نەسىھەتلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالغان ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىدىن ئۇلارنى ھىدايەتكە باشلايدىغان كىتابلارنى ئېلىپ كەلگەن.

(185) ھەرقانداق جان ئىگىسى قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر، ھاياتلىق دۇنياسىدىكى نەرسىلەر ئۇنى مەغرۇرلاندۇرۇپ قويمىسۇن، قىيامەت كۈنىدە سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنىڭ ئەجىر-ساۋابى كەمەيتىلمەستىن تولۇق بېرىلىدۇ، ئاللاھ كىمنى دوزاختىن يىراق قىلىپ، جەننەتكە كىرگۈزىدىكەن، ئۇ كىشى ياخشىلىقتىن ئارزۇ قىلغان نەرسىسىگە ئېرىشىپ، يامانلىقتىن قورقىدىغان نەرسىسىدىن قۇتىلىدۇ. دۇنيا ھاياتى بولسا يوقالغۇچى نەرسىدۇر، بۇنىڭغا پەقەت ئالدانغان كىشىلەرلا يېپىشىۋالىدۇ.

(186) ئى مۆمىنلەر! سىلەر ماللىرىڭلاردا پەرز قىلىنغان ھەق-ھوقۇقنى ئادا قىلىش بىلەن ۋە ئۇنىڭغا كەلگەن بالا-مۇسىيبەت بىلەن ئىمتىھان قىلىنىسىلەر، جانلىرىڭلاردا شەرىئەت بەلگىلىمىسىنى ئورۇنلاش ۋە سىلەرگە يەتكەن تۈرلۈك بالا-قازالار بىلەن سىنىلىسىلەر. سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن ۋە مۇشرىكلاردىن سىلەرنى غەمكىن قىلىدىغان ۋە دىنىڭلارغا تەنە قىلىدىغان نۇرغۇن ئەزىيەتلەرنى ئاڭلايسىلەر، ئەگەر سىلەرگە يەتكەن بۇ تۈرلۈك مۇسىيبەت ۋە سىناقلارغا سەۋىر قىلساڭلار، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى ئورۇنداش ۋە چەكلىمىسىنى تەرك قىلىش ئارقىلىق تەقۋادارلىق قىلغان بولىسىلەر، ماھىيەتتە بۇ كەسكىن ئىرادىگە ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئىشلار بولۇپ، بەسلىشىدىغانلار بۇ ئىشتا بەسلىشىدۇ.

(187) ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ يەھۇدىي-ناسارالاردىن ئىبارەت ئەھلى كىتابنىڭ مۆللىلىرىدىن: ئاللاھنىڭ كىتابىنى كىشىلەرگە ئوچۇق بايان قىلىپ بېرىش، ئۇنىڭدىكى ھىدايەت ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى بىلدۈرىدىغان دەلىللەرنى يوشۇرماسلىق توغرىسىدا چىن ئەھدە ئالغان، لېكىن ئۇلار ئەھدىنى بۇزۇپ ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى، ھەقىقەتنى يوشۇرۇپ باتىلنى ئاشكارا قىلدى، ئاللاھنىڭ ئەھدىسىنى يۈز-ئابرۇي ۋە ئېرىشكەن ئازغىنە دۇنيانىڭ يوقالغۇچى نەرسىلىرىگە ئالماشتۇردى، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئەھدىسىگە تېگىشىپ ئالغان قىممەتسىز نەرسىسى نېمىدېگەن يامان!.

(188) ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ناچار ئىشلارنى قىلىش بىلەن خۇرسەن بولىدىغان، ياخشىلىقتىن قىلمىغان نەرسە بىلەن كىشىلەرنىڭ ماختىشىنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنى ئازابتىن قۇتۇلغۇچى ۋە سالامەت قالغۇچى دەپ ئويلىمىغىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ئورنى جەھەننەم، ئۇلارغا جەھەننەمدە دەھشەتلىك ئازاب باردۇر.

(189) ئاسمانلار ۋە زېمىننىڭ ۋە ئۇنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى، يارىتىش ۋە تەدبىر قىلىش يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر.

(190) ھەقىقەتەن ئاسمانلار ۋە زېمىننى ئىلگىرى ئوخشىشى بولمىغان يوقلۇق ھالىتىدىن پەيدا قىلىش، كېچە-كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرىشى، ئۇزۇن-قىسقىلىقىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدا ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى، ئىبادەتكە ھەقلىق بولغان ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە روشەن دەلىللەر بار.

(191) ئۇلار ھەممە ھالەتتە ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، ئاسمانلار ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈپ ئويلىنىدۇ، ئۇلار: ئى پەرۋەردىگارىمىز! سەن بۇ كاتتا كائىناتنى بىكارغا ياراتمىدىڭ، سەن بىر شەيئىنى غەرەزسىز يارىتىشتىن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن يىراق قىلغىن، ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلغىن، ناچار ئىشلاردىن ساقلىغىن.

(192) ئى پەرۋەردىگارىمىز! سەن كىمنى دوزاخقا كىرگۈزسەڭ، ھەقىقەتتە ئۇنى خار قىلغان ۋە رەسۋا قىلغان بولىسەن، زالىملار ئۈچۈن قىيامەت كۈنىدە ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن توسىدىغان ياردەمچى بولمايدۇ.

(193) پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن سېنىڭ پەيغەمبىرىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىمانغا چاقىرىپ: پەرۋەردىگارىڭلار بولغان بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتىڭلار دېگەن چاقىرىقىنى ئاڭلىدۇق، چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ئىمان ئېيتتۇق، ئۇنىڭ شەرىئىتىگە ئەگەشتۇق، گۇناھىمىزنى يوشۇرغىن، رەسۋا قىلمىغىن، ناچارلىقلىرىمىزنى ئەپۇ قىلغىن، جازالىمىغىن، بىزنى ياخشى كىشىلەر بىلەن بىرگە ۋاپات تاپقۇزغىن، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ۋە يامان ئەمەللەرنى تەرك قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن.

(194) پەرۋەردىگارىمىز! دۇنيادا پەيغەمبىرىڭنىڭ تىلى ئارقىلىق بىزگە بېرىشنى ۋەدە قىلغان غەلبە-نۇسرەت ھىدايەتنى بەرگىن، بىزنى دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن قىيامەت كۈنىدە رەسۋا قىلمىغىن. ئى پەرۋەردىگارىمىز! سەن ھەقىقەتەن ئېسىل، سەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن.

(195) ئاللاھ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ: مەن سىلەردىن ئەر ياكى ئايال بولسۇن، قىلغان ئەمىلى ئاز ياكى كۆپ بولسۇن ئەمىلىڭلارنىڭ ساۋابىنى زايە قىلىۋەتمەيمەن، سىلەرنىڭ بەزىڭلار بەزىڭلاردىن بولغان بىر مىللەت، ھەرگىزمۇ ئەر كىشىنىڭ ياخشىلىقى زىيادە قىلىنىپ، ئايال كىشىنىڭ قىلغان ئەمىلىنىڭ ساۋابى كىمەيتىلمەيدۇ، كاپىرلار يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چېقىرىۋىتىپ، ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغانلار، پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلىش يولىدا ئەزىيەتكە ئۇچرىسا، ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىپ، ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئالى قىلىش ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلسە، مەن ئەلۋەتتە قىمايەت كۈنىدە ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى كەچۈرىمەن، كەمچىلىكىنى ئەپۇ قىلىمەن، ئۇلارنى قەسىرلىرىنىڭ ئاستىدىن ئېرىقتا سۇلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن، بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا تەڭداشسىز مۇكاپاتلار بار.

(196) ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! كاپىرلارنىڭ شەھەرمۇ شەھەر كېزىپ يۈرىشى، يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشىشى، تىجارىتىنىڭ روناق تېپىشى ۋە رىزقىنىڭ كەڭرى بولىشى سېنى ئالداپ قويمىسۇن، ئۇلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىدىن غەم-قايغۇنى ھېس قىلىسەن.

(197) بۇ دۇنيا داۋاملاشمايدىغان ئازغىنە مەنپەئەتتىن ئىبارەتتۇر، ئاندىن كېيىن قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ قايتىدىغان جايى ۋە بارىدىغان ئورنى جەھەننەمدۇر، ئوت ئۇلار ئۈچۈن نېمىدېگەن يامان تۆشەك.

(198) لېكىن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بوسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغانلارغا قەسىرلىرىنىڭ ئاستىدىن ئېرىقتا سۇلار ئېقىپ تۇرىدىغان، ئەبەدىي قالىدىغان، ئاللاھ تائالا ھوزۇرىدىن ئۇلارغا تەييارلانغان مۇكاپات بار. ئاللاھ تائالانىڭ سالىھ-ياخشى بەندىلىرى ئۈچۈن تەييارلىغان نېئمەتلىرى كاپىرلار مەنپەئەتلىنىۋاتقان دۇنيا لەززىتىدىن ياخشىدۇر.

(199) ئەھلى كىتابلار ئوخشاش ئەمەس، ئۇلاردىن بىر جامائە ئاللاھقا ئىشىنىدۇ، سىلەرگە نازىل قىلىنغان ھەقىقەت ۋە ھىدايەتكە ۋە ئۆزلىرىگە كىتابلىرىدا نازىل قىلىنغان نەرسىلەرگىمۇ ئىشىنىدۇ، ئۇلار پەيغەمبەرلەرنىڭ ھېچ بىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتمەيدۇ، تۆۋەنچىلىك بىلەن ئاللاھقا بويسۇنىدۇ، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ساۋابقا ئېنتىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يوقالغۇچى دۇنيانىڭ نەرسىلىرىگە تىگەشمەيدۇ، مۇشۇ سۈپەت بىلەن سۈپەتلەنگەن ئاشۇ كىشىلەر ئۈچۈن پەرۋەردىگارىنىڭ ھوزۇرىدا كاتتا ساۋاپ بار، ئاللاھ بەندىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىدىن ھېسابنى تىز ئالغۇچىدۇر، شۇنىڭغا ئاساسەن تىز جازا ياكى مۇكاپات بەرگۈچىدۇر.

(200) ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە پەيغەمبەرگە ئەگەشكەن مۆمىنلەر! شەرىئەت بەلگىلىمىلىرىگە ۋە دۇنيا قىيىنچىلىقلىرىدىن دۇچ كەلگەن مۇسىيبەتلەرگە سەۋىر قىلىڭلار، سەۋىر قىلىش بىلەن كاپىرلاردىن غالىپ كىلىڭلار، ئۇلار سىلەردىن بەكرەك سەۋىرچان بولمىسۇن، ئاللاھ يولىدا جىھادنى بەرپا قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىسىدىن يىراق بولۇش بىلەن ئاللاھدىن ھەقىقى قورۇقساڭلار جەننەتكە كېرىش ۋە دوزاختىن سالامەت قىلىش بىلەن تەلەپ قىلغان نەرسەڭلارغا ئېرىشەلەيسىلەر.