(1) سۈرە بەقەرەنىڭ بېشىدا كەلگەندەك بۇ سۈرىنىڭمۇ باشلىنىشىدا (ھامىم) دەپ ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان.
(2) ئاللاھ تائالا ھەقىقەتكە ئېلىپ بارىدىغان ھىدايەت يولىنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدىغان قۇرئان بىلەن قەسەم قىلدى.
(3) بىز ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىمنى شەبى قەدر كېچىسىدە نازىل قىلدۇق. بۇ ياخشىلىقى كۆپ كېچىدۇر. ھەقىقەتەن بىز مۇشۇ قۇرئان بىلەن ئاگاھلاندۇرغۇچىمىز.
(4) بۇ كېچىدە رىزىقلارغا، ئەجەللەرگە ۋە ئاللاھ ئاشۇ بىر يىل ئىچىدە پەيدا قىلىدىغان بارلىق ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك ئېنىق ھۆكۈم كونكرېتلاشتۇرۇلىدۇ.
(5) بىز تەرىپىمىزدىن بېرىلگەن ھەر قانداق ھۆكۈمنى كونكرېت بايان قىلىمىز. شەكسىزكى بىز ئەزەلدىن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ تۇردۇق.
(6) ئەي پەيغەمبەر! بىز پەيغەمبەرلەرنى پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن كىشىلەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىمىز. ئاللاھ تائالا چوقۇم بەندىلىرىنىڭ گەپ - سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئىش - ھەرىكەتلىرىنى ۋە نىيەتلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا بۇلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
(7) ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئەگەر سىلەر بۇنىڭغا چىن پۈتىدىغان بولساڭلار مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىمگە ئىمان ئېيتىڭلار.
(8) ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر. ئاللاھ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرەلەيدۇ، تىرىكنىڭ جېنىنى ئالالايدۇ. ئاللاھتىن باشقا تىرىلدۈرگۈچى ۋە جان ئالغۇچى يوق. ئاللاھ سىلەرنىڭمۇ، سىلەردىن ئىلگىرىكى ئاتا - بوۋىلىرىڭلارنىڭمۇ پەرۋەردىگارىدۇر.
(9) بۇ مۇشرىكلار ئۇنىڭغا چىن پۈتمەيدۇ. ئەكسىچە ئۇلار قىيامەتنىڭ بولۇشىدىن شەكتە بولۇپ، ئۇ ھەقتە ئۆزلىرىنىڭ ئاساسسىز ئويدۇرمىلىرى بىلەن ئويۇن قىلىشىدۇ.
(10) ئەي پەيغەمبەر! قەۋمىڭگە پات يېقىندا كېلىدىغان ئازابنى كۈتكىن. ئۇ كۈندە ئاسمان ئوپئوچۇق ئىس - تۈتەك ھالىتىدە كېلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئۇنى قاتتىق بىئارام بولغان ھالدا ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرىدۇ.
(11) ئۇ ئىس - تۈتەك قەۋمىڭنى ئورىۋالىدۇ ھەمدە ئۇلارغا: سىلەرگە كەلگەن بۇ ئازاب دەرتلىك ئازابتۇر، دېيىلىدۇ.
(12) ئۇلار پەرۋەردىگارىغا يالۋۇرۇپ: ئەي پەرۋەردىگارىمىز! سەن بىزگە ئەۋەتكەن بۇ ئازابنى بىزدىن كۆتۈرۈۋەتكىن. ئەگەر ئۇنى بىزدىن كۆتۈرۈۋەتسەڭ، بىز ھەقىقەتەن ساڭا ۋە پەيغەمبىرىڭگە ئىمان كەلتۈرىمىز، دەيدۇ.
(13) (ئازاب كۆتۈرۈلسە) ئۇلار قانداقمۇ ۋەز - نەسىھەتنى قوبۇل قىلىپ، پەرۋەردىگارىغا قايتسۇن؟ ھالبۇكى ئۇلارغا روشەن پەيغەمبەر كېلىپ، ئۇلار ئۇنىڭ راستچىللىقىنى ھەم ئامانەتچانلىقىنى بىلگەن تۇرسا؟
(14) ئاندىن ئۇلار قۇرئانغا ئىشىنىشتىن يۈز ئۆرۈپ: ئۇ ئۆگىتىلگەن، يەنى ئۇنىڭغا ئۇنى باشقىلار ئۆگەتكەن. ئۇ پەيغەمبەر ئەمەس. ئۇ دېگەن بىر ساراڭ، دېيىشتى.
(15) بىز ھەقىقەتەن سىلەردىن ئازابنى ئازراق ۋاقىت كۆتۈرۈۋەتسەك، سىلەر چوقۇم يەنە كۇپۇرلۇق ۋە ئىنكارچىلىقىڭلارغا قايتىۋالىسىلەر.
(16) ئەي پەيغەمبەر! بىز سېنىڭ قەۋمىڭنىڭ كاپىرلىرىغا قاتتىق جازا بېرىدىغان كۈنگە قەدەر ئۇلارنى كۈتكىن. شەكسىزكى ئۇلار ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن بىز چۇقۇم ئۇلاردىن ئۆچ ئالىمىز.
(17) ئۇلاردىن ئىلگىرى بىز ھەقىقەتەن پىرئەۋننىڭ قەۋمىنى سىنىدۇق. ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇلارنى ئاللاھنى بىر بىلىشكە ھەمدە يالغۇز شۇنىڭغىلا قۇلچىلىق قىلىشقا چاقىرىدىغان ئېسىل بىر پەيغەمبەر كەلگەن بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەر مۇسا ئەلەيھىسسالامدۇر.
(18) مۇسا پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە: ماڭا ئىسرائىل ئەۋلادىنى تاپشۇرۇپ بېرىڭلار، چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ قۇللىرىدۇر، سىلەرنىڭ ئۇلارنى قۇل قىلىش ھەققىڭلار يوق. مەن ھەقىقەتەن ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر بولۇپ، ئاللاھ مېنى سىلەرگە يەتكۈزۈشكە بۇيرغان ئىشتا ئىشەنچلىكمەن، يەنى ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى كەممۇ قىلماي ھەم قوشۇپ قويماي (ئەينەن ھەم تولۇق يەتكۈزىمەن).
(19) ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشنى تەرك ئېتىش ۋە ئۇنىڭ بەندىلىرىگە چوڭچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭلار. مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدىم.
(20) مەن ھەقىقەتەن ھەممىمىزنىڭ پەرۋەردىگارىغا سىغىنىپ مېنى تاش بوران قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشىڭلاردىن پاناھ تىلەيمەن.
(21) مەن ئېلىپ كەلگەن مۆجىزىلەرگە ئىشەنمىسەڭلارمۇ، مەندىن يىراق تۇرۇڭلار، ماڭا يامانلىق قىلماڭلار.
(22) مۇسا ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: شەكسىزكى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ گۇرۇھى دەرھال ئازابلاشقا تېگىشلىك جىنايەتچى قەۋمدۇر، دېدى.
(23) شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ مۇسانى كېچىدە قەۋمىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇپ، ئۇنىڭغا پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ گۇرۇھىنىڭ ئۇلارنى چوقۇم قوغلاپ كېلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
(24) مۇسا بەنى ئىسرائىل بىلەن بىرلىكتە دېڭىزدىن ئۆتۈپ بولغاندا ئاللاھ تائالا ئۇنى دېڭىزنى (ئىككىگە ئايرىلىپ ئاقماي) تۇرغان پېتى تاشلاپ مېڭىشقا بۇيرۇدى. پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى چوقۇم دېڭىزغا غەرق قىلىنىپ ھالاك قىلىنغۇچىلاردۇر.
(25) پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى نۇرغۇن باغ - بوستانلارنى ۋە ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلاقلارنى قالدۇرۇپ كەتتى.
(26) ئۇلار يەنە نۇرغۇن ئېكىنزارلىقلارنى ۋە كۆركەم جايلارنى قالدۇرۇپ كەتتى.
(27) ئۇلار ھۇزۇر - ھالاۋەت سۈرگەن تۇرمۇشىنىمۇ قالدۇرۇپ كەتتى.
(28) سىلەرگە تەسۋىرلەپ بېرىلگەن ئاشۇنداق ئىشلار ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلدى. بىز ئۇلارنىڭ باغ - بوستانلىرى، زىرائەتلىرى ۋە تۇرالغۇلىرىنى باشقىلارغا، يەنى بەنى ئىسرائىلغا بەردۇق.
(29) پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى غەرق قىلىنغان چاغدا ئۇلارغا نە ئاسمان، نە زېمىن يىغلىمىدى. ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلىۋېلىشىغا مۆھلەتمۇ بېرىلمىدى.
(30) بىز ھەقىقەتەن بەنى ئىسرائىلنى خارلىغۇچى ئازابتىن قۇتۇلدۇردۇقكى، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىزلىرىنى تىرىك قالدۇراتتى.
(31) بىز ئۇلارنى پىرئەۋننىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇردۇق. شەكسىزكى پىرئەۋن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى ۋە دىنىدا چەكتىن ئېشىپ، تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلاردىن ئىدى.
(32) بىز ئىسرائىل ئەۋلادى ئىچىدە كۆپلەپ پەيغەمبەرلەرنى چىقىرىش ئارقىلىق ئۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆز زامانىسىدىكى پۈتكۈل جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلدۇق.
(33) بىز ئۇلارغا مۇسانى كۈچەيتكەن دەلىل - پاكىتلارنى بەردۇقكى، ئۇنىڭدا تەرەنجىبىن، بۆدۈنە ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئاشكارا نېئمەتلەر بار.
(34) ھەقىقەتەن بۇ ئىنكارچى مۇشرىكلار ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
(35) بىزنىڭ ئۆلۈمىمىز پەقەت بىرلا قېتىم بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ھاياتلىق بولمايدۇ، بىز مۇشۇ ئۆلگەنچە قايتا تىرىلمەيمىز
(36) ئەي مۇھەممەد! ئەگەر سىلەر چوقۇم ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرىدۇ، دېگەن دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، ئەگەشكۈچىلىرىڭ بىلەن بىرلىكتە بىزنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا - بوۋىلىرىمىزنى تىرىلدۈرۈپ بېقىڭلار.
(37) ئەي پەيغەمبەر! سېنى ئىنكار قىلغان بۇ مۇشرىكلار كۈچ - قۇۋۋەتتە ئۈستۈنمۇ ياكى تۇببەئ ۋە ئۇلاردىن ئىلگىرىكى ئاد ۋە سەمۇد قەۋمى ئۈستۈنمۇ؟ بىز شۇلارنىمۇ پۈتۈنلەي ھالاك قىلدۇق. چۈنكى ئۇلار ھەقىقەتەن جىنايەتچى قەۋم ئىدى.
(38) بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەخلۇقاتلارنى بىكار ياراتمىدۇق (بەلكى قۇدرىتىمىزنىڭ ئالامەتلىرى سۈپىتىدە ياراتتۇق).
(39) بىز ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى پەقەت چوڭقۇر ھېكمەت ئۈچۈن ياراتتۇق. لېكىن مۇشرىكلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇنى بىلمەيدۇ.
(40) ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا پۈتكۈل خالايىقنى توپلاپ، بەندىلىرى ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىشنى ۋەدە قىلغان كۈندۇر.
(41) ئۇ كۈندە تۇغقان - تۇغقانغا، دوست - دوستقا ئەسقاتمايدۇ، بىر - بىرىنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالالمايدۇ. چۈنكى ئۇ كۈندە مۇتلەق ئىگىدارچىلىق ئاللاھنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ، ھېچكىم ئىگىدارچىلىق دەۋاسى قىلالمايدۇ.
(42) پەقەت ئىنسانلاردىن ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەنلەرلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولۇپ، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان غالىب زاتتۇر، بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارغا مېھىر - شەپقەتلىكتۇر.
(43) ھەقىقەتەن زەققۇم دەرىخىنى ئاللاھ تائالا جەھەننەمنىڭ قەرىدە ئۆستۈرىدۇ
(44) بۇ، چوڭ گۇناھ سادىر قىلغانلارنىڭ يېمەكلىكى بولۇپ، كاپىرلار ئۇنىڭ بەتبۇي مېۋىسىدىن يەيدۇ
(45) بۇ مېۋە قارا مايغا ئوخشاش بولۇپ، ھارارىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغانلىقتىن كاپىرلارنىڭ قورساقلىرىدا قاينايدۇ
(46) خۇددى ھارارەتتە چېكىگە يەتكەن قايناق سۇدەك قاينايدۇ
(47) دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە: ئۇنى تۇتۇپ، قاتتىق تارتىپ دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىغا سۆرەڭلار.
(48) ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قاتتىق قىينايدىغان مۇشۇ قايناق سۇنى تۆكۈڭلار، دېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىن ئازاب كەم بولمايدۇ.
(49) مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا: بۇ دەرتلىك ئازابنى تېتىغىن. سەن قەۋمىڭ ئىچىدە ھېچكىمگە باش ئەگمەيدىغان كۈچلۈك ھەم ئۇلۇغ زات ئىدىڭ، دېيىلىدۇ.
(50) ھەقىقەتەن بۇ ئازاب سىلەر قىيامەت كۈنى يۈز بېرىدىغانلىقىدا شەكلەنگەن ئازابتۇر. ئەمدى سىلەر ئۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگەچكە سىلەردە شەك قالمىدى.
(51) پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغانلار ئۆزلىرىگە كېلىشىنى ياقتۇرمايدىغان ھەر قانداق ئىشتىن خاتىرجەم بولىدىغان جايدا بولىدۇ.
(52) بوستانلىقلار ئىچىدە ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلاقلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ.
(53) ئۇلار جەننەتتە نىپىز ھەم قېلىن يىپەك كىيىملەرنى كىيىپ، بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ، بىر - بىرىگە ئارقىسىنى قىلمايدۇ.
(54) بىز ئۇلارغا ئاشۇنداق ئىلتىپاتلارنى ئاتا قىلغىنىمىزدەك، ئۇلارنى يەنە جەننەتتە شەھلا كۆزلۈك ھۆر - پەرىلەر بىلەن جۈپلەپ قويىمىز.
(55) ئۇلار تۈگەپ كېتىشىدىن ۋە زىيان قىپقېلىشىدىن خاتىرجەم ھالدا جەننەتتىكى خىزمەتكارلىرىدىن كۆڭلى تارتقان ھەر قانداق مېۋىنى ئېلىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
(56) ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، دۇنيادىكى ئۆلۈمدىن باشقا ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىمايدۇ، پەرۋەردىگارى ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلايدۇ.
(57) ئۇلارنى جەننەتكە كىرگۈزۈش ۋە دوزاخ ئازابىدىن ساقلاشتىن ئىبارەت بۇ ئىشلار پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۇلارغا قىلغان پەزلى - ئېھسانىدۇركى، ئۇنىڭغا ھېچ قانداق مۇۋەپپەقىيەت تەڭ كەلمەيدىغان كاتتا غەلىبىدۇر.
(58) ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ پەند - نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن بىز بۇ قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بولغان ئەرەب تىلىدا نازىل قىلىش ئارقىلىق قولايلاشتۇرۇپ بەردۇق.
(59) سەن ئۆزۈڭنىڭ غەلىبىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھالاكىتىنى كۈتكىن. ئۇلارمۇ چوقۇم سېنىڭ ھالاكىتىڭنى كۈتكۈچىلەردۇر.