54 - سۈرە قەمەر ()

|

(1) قىيامەتنىڭ كېلىدىغان ۋاقتى يېقىنلاشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ئاي يېرىلدى. ئاينىڭ يېرىلىشى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن ماددىي مۆجىزىدۇر.

(2) مۇشرىكلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان دەلىل - پاكىتلارنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى قوبۇل قىلىشتىن يۈز ئۆرۈپ: بىز كۆرگەن دەلىل - پاكىتلار ئاساسسىز سېھىردۇر، دېيىشىدۇ.

(3) ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلدى ۋە ئىنكار قىلىشتا ئۆزلىرىنىڭ نەپسى - خاھىشلىرىغا ئەگەشتى. قىيامەت كۈنى ياخشى - يامان ھەممە ئىش ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ئورنىنى تاپىدۇ.

(4) ھەقىقەتەن ئۇلارغا كۇپۇرلۇقى ۋە زۇلمى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ھالاك قىلغان خەلقلەرنىڭ خەۋەرلىرىدىن كۇپرى ۋە زۇلۇمدىن قايتۇرۇشقا يېتەرلىك ئىبرەتلەر كەلگەن ئىدى.

(5) ئۇلارغا پاكىت بولۇشى ئۈچۈن مۇكەممەل ھېكمەت كەلگەن بولسىمۇ، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان قەۋمگە ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ پايدىسى بولمايدۇ.

(6) ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر ئۇلار توغرا يولغا ماڭمىسا ئۇلارنى (ئۆز ھالىغا) تاشلاپ قويغىن، سۇر چېلىشقا مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتە پۈتكۈل خالايىق ئىلگىرى ھېچ كۆرۈپ باقمىغان قورقۇنچلۇق ئىشقا چاقىرىدىغان كۈننى كۈتكەن ھالدا ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن.

(7) ئۇلار (قورقۇنچتىن) تىكىلىپمۇ قارىيالمىغان ھالدا قەبرىلىرىدىن چىقىپ كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھېساب مەيدانىغا ماڭغاندىكى ھالىتى گوياكى تارىلىپ كەتكەن چېكەتكىلەرگىلا ئوخشايدۇ.

(8) ئۇلار ئاشۇ ئورۇنغا چاقىرغۇچى تەرەپكە ئالدىراپ كېلىپ كاپىرلار: بۇ ئىنتايىن قىيىن كۈندۇر. چۈنكى بۇ كۈندە مۈشكۈلچىلىك ھەم قورقۇنچلۇق ئىشلار يۈز بېرىدۇ، دەيدۇ.

(9) ئەي پەيغەمبەر! سېنىڭ دەۋىتىڭنى ئىنكار قىلغان بۇ قەۋمدىن بۇرۇنمۇ نۇھنىڭ قەۋمى بەندىمىز نۇھنى ئىنكار قىلغان بولۇپ، بىز ئۇنى ئۇلارغا ئەۋەتكەن ۋاقتىمىزدا ئۇلار: بۇ بىر ساراڭ، دېيىشكەن ھەمدە ئۇنىڭغا تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ھاقارەت قىلىپ، دەۋىتىدىن ۋاز كەچمەيدىغان بولسا (ھەتتا ئۆلتۈرۈۋېتىمىز) دەپ تەھدىتمۇ سالغان ئىدى.

(10) شۇنىڭ بىلەن نۇھ پەرۋەردىگارىغا: ھەقىقەتەن قەۋمىم مېنى بوزەك قىلىپ، چاقىرىقىمغا ئاۋاز قوشمىدى. شۇڭا ئۇلارغا ئازاب چۈشۈرۈپ ماڭا ياردەم بەرگىن، دەپ ئىلتىجا قىلدى.

(11) ئاندىن بىز ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى ئارقىمۇ-ئارقا قۇيۇلۇپ ياغقۇچى يامغۇر سۈيى بىلەن ئېچىۋەتتۇق.

(12) زېمىننى يېرىۋېدۇق، تەرەپ - تەرەپتىن بۇلاقلار شەكىللىنىپ، سۇلار بۇلدۇقلاپ چىقىشقا باشلىدى. نەتىجىدە ئاسماندىن چۈشكەن يامغۇر سۈيى بىلەن زېمىندىن ئېتىلىپ چىققان سۇ ئاللاھ تەقدىر قىلغان رەۋىشتە ئۆز-ئارا ئۇچراشتى - دە، ئاللاھ قۇتۇلدۇرغاندىن باشقا ھەممەيلەن غەرق بولدى.

(13) بىز نۇھنى تاختايلار بىلەن مىخلاردىن ياسالغان كېمىگە چىقىرىپ، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى سۇغا غەرق بولۇشتىن قۇتۇلدۇردۇق.

(14) بۇ كېمە بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋە ھىمايىمىز ئاستىدا ئۆركەشلەپ تۇرغان سۇ دولقۇنلىرىنى يېرىپ ماڭاتتى. (بۇ) قەۋمى ئىنكار قىلغان نۇھقا ياردەم بېرىش ئۈچۈندۇركى، ئۇنىڭ قەۋمى ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەن نەرسىگە كاپىر بولغان ئىدى.

(15) ھەقىقەتەن بىز ئۇلارنى جازالىغان بۇ ئازابنى (يەنى توپان بالاسىنى) پەند - نەسىھەت قىلىپ قالدۇردۇق. بۇنىڭدىن پەند - نەسىھەت ئالغۇچى بارمۇ؟

(16) مېنىڭ ئىنكارچىلارغا قىلغان ئازابىم قانداقكەن؟ مېنىڭ ئۇلارنى ھالاك قىلىش بىلەن ئاگاھلاندۇرغىنىم قانداق بوپتۇ؟

(17) ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى پەند - نەسىھەت ئېلىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق. ئۇنىڭدىكى پەند - نەسىھەتلەردىن ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟

(18) ئاد قەۋمى پەيغەمبىرى ھۇد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلدى. ئەي مەككە خەلقى! ئۇلارنى قانداق ئازابلىغىنىمنى ئويلىنىپ بېقىڭلار. ئۇلارنى ئازابلاش ئارقىلىق باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرغىنىم قانداق بوپتۇ؟

(19) بىز ھەقىقەتەن ئۇلارغا شۇم كۈندە قاتتىق سوغۇق بوراننى ئەۋەتتۇقكى، بۇ شۇملۇق ئۇلار تاكى جەھەننەمگە كەلگەنگە قەدەر ئۈزۈلمەيدۇ.

(20) ئۇ بوران كىشىلەرنى يەردىن يۇلۇپ ئېلىپ، خۇددى قومۇرۇۋېتىلگەن خورما كۆتەكلىرىدەك بېشىچە يەرگە ئاتىدۇ.

(21) ئەي مەككە خەلقى! ئۇلارنى قانداق ئازابلىغىنىمنى ئويلىنىپ بېقىڭلار. ئۇلارنى ئازابلاش ئارقىلىق باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرغىنىم قانداق بوپتۇ؟

(22) ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى پەند - نەسىھەت ئېلىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق. ئۇنىڭدىكى پەند - نەسىھەتلەردىن ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟

(23) سەمۇد قەۋمى ئۆزلىرىنى ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبىرى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلدى.

(24) ئۇلار ئىنكار قىلغان ھالدا: بىز ئۆزىمىزگە ئوخشاش بىر ئىنسانغا ئەگىشىمىزما؟ ئەگەر بىز مۇشۇ ھالەتتە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قالساق ئەلۋەتتە توغرىدىن يىراققا چەتنەپ كەتكەن بولۇپ، جاپادا قالىمىز، دېيىشتى.

(25) ئۇ (ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە تەرەپدارلىرى يوق) تەنھا بىرى تۇرسا، بىزگە ئەمەس، يەنە شۇنىڭغا ۋەھىي چۈشەمدىكەن؟ ئۇنداق ئىش يوق. بەلكى ئۇ بىر يالغانچى، مۇتەكەببىردۇر.

(26) ئۇلار قىيامەت كۈنى كىمنىڭ يالغانچى، مۇتەكەببىر ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىپ قالىدۇ، يەنى سالىھمۇ ياكى ئۆزلىرىمۇ؟

(27) ھەقىقەتەن بىز قورام تاشتىن بىر چىشى تۆگىنى چىقىرىپ، ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن ئەۋەتتۇق. ئى سالىھ! كۈتۈپ تۇرغىن ھەمدە ئۇلارنىڭ تۆگىگە نېمە قىلدىغانلىقىنى، تۆگىنىڭمۇ ئۇلارغا نېمە قىلىدىغانلىقىنى كۆزەتكىن، ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلغىن.

(28) ئۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويغىنكى، قۇدۇقنىڭ سۈيى ئۇلار بىلەن تۆگىنىڭ ئارىسىدا ئورتاق بولۇپ، بىر كۈن تۆگە، بىر كۈن ئۇلار سۇ ئىچىدۇ. ھەر ئۆلۈشنىڭ ئىگىسى ئۆزىگە خاس بولغان كۈندە كەلسە بولىدۇ.

(29) ئۇلار بۇرادىرىنى تۆگىنى ئۆلتۈرگىلى چاقىردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىلىچىنى ئېلىپ، قەۋمىنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۆگىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.

(30) ئەي مەككە خەلقى! ئۇلارنى قانداق ئازابلىغىنىمنى ئويلىنىپ بېقىڭلار. ئۇلارنى ئازابلاش ئارقىلىق باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرغىنىم قانداق بوپتۇ؟

(31) ھەقىقەتەن بىز ئۇلارغا قاتتىق بىر ئاۋاز ئەۋەتىپ، ھالاك قىلدۇق. ئۇلار قوتان ياسىغۇچى قويلىرىغا قوتان قىلىدىغان قۇرۇق شاخ - شۇمبۇللاردەك بوپقالدى.

(32) ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى پەند - نەسىھەت ئېلىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق. ئۇنىڭدىكى پەند - نەسىھەتلەردىن ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟

(33) لۇتنىڭ قەۋمى پەيغەمبىرى لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى يالغانغا چىقاردى.

(34) ھەقىقەتەن بىز ئۇلارغا تاش بوران ئەۋەتتۇق. لېكىن لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىگە بۇ ئازاب كەلمىدى. چۈنكى ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئېلىپ كەتكەن بولغاچقا بىز ئۇلارنى ئۇ ئازابتىن قۇتۇلدۇردۇق.

(35) ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىپ ئازابتىن قۇتۇلدۇردۇق. بىز خۇددى لۇتنى مۇكاپاتلىغىنىمىزدەك، ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكرى قىلغانلارنىمۇ مۇكاپاتلايمىز.

(36) شۈبھىسىزكى لۇت ئۇلارنى بىزنىڭ ئازابىمىزدىن قورقۇتقان چاغدا ئۇلار لۇتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى ھەققىدە دەتالاش قىلىشىپ، ئۇنى ئىنكار قىلىشتى.

(37) ھەقىقەتەن لۇتنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ پەرىشتە مېمھانلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىغا كىرمەسلىكنى تەلەپ قىلىشتى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى ناچار ئىشنى (يەنى لىۋاتە) قىلىش ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىۋەتتۇق - دە، ئۇلارنى كۆرەلمىدى. بىز ئۇلارغا: مېنىڭ ئازابىمنى ۋە سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇمنىڭ ئاقىۋىتىنى تېتىڭلار، دېدۇق.

(38) ئۇلارغا چوقۇم تاڭ ۋاقتىدا تاكى ئۇلار ئاخىرەتكە بېرىپ، ئاخىرەتنىڭ ئازابىغا دۇچار بولغانغا قەدەر ئىزچىل داۋاملىشىدىغان ئازاب كېلىدۇ.

(39) ئۇلارغا: مېنىڭ سىلەرگە چۈشۈرگەن ئازابىمنى ۋە لۇتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنىڭ نەتىجىسىنى تېتىپ بېقىڭلار، دېيىلدى.

(40) ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى پەند - نەسىھەت ئېلىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق. ئۇنىڭدىكى پەند - نەسىھەتلەردىن ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟

(41) ھەقىقەتەن پىرئەۋننىڭ تەۋەلىرىگە مۇسا ۋە ھارۇننىڭ تىلى ئارقىلىق بىزنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمىز كەلدى.

(42) ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىن كەلگەن بارلىق دەلىل - پاكىتلارنى ئىنكار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ئىنكار قىلغانلىقىغا ئاساسەن جازالىدۇقكى، بۇ جازا ھېچكىم تەڭ كېلەلمەيدىغان غالىب، ھېچ ئىشتىن ئاجىز كەلمەيدىغان قۇدرەتلىك زاتنىڭ جازاسىدۇر.

(43) ئەي مەككە خەلقى! سىلەرنىڭ كۇپپارلىرىڭلار ئارتۇقمۇ ياكى نۇھ قەۋمى، ئاد، سەمۇد ۋە لۇت قەۋمى، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىكىدىن ئىبارەت يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاشۇ كاپىرلار ئارتۇقمۇ؟ ياكى سىلەرگە ساماۋى كىتابلار ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئازابىدىن كەچۈرۈم خېتى كەلگەنمۇ؟

(44) ئەكسىچە مەككىلىكلەر ئىچىدىن چىققان بۇ كاپىرلار: بىز بىزگە يامانلىق قىلماقچى ۋە بىرلىكىمىزنى پارچىلىماقچى بولغانلارنى يېڭىۋېتەلەيدىغان بىر توپ كىشىلەرمىز، دەمدۇ!؟.

(45) بۇ كاپىرلارنىڭ ھەممىسى مەغلۇب بولۇپ، مۇئمىنلەرنىڭ ئالدىغا كىرىپ قاچىدۇ. دەرۋەقە بەدرى كۈنىسى مۇشۇنداق ئىش يۈز بەرگەن ئىدى.

(46) ئۇلار ئىنكار قىلىۋاتقان قىيامەت بولسا ئۇلارنىڭ ئازابلىنىشى ۋەدە قىلىنغان ۋاقىتتۇر. قىيامەتنىڭ ئازابى كاپىرلار بەدرى كۈنى يولۇققان دۇنيا ئازابىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر ھەم قاتتىقتۇر.

(47) ھەقىقەتەن كۇپۇرلۇق ھەم گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن جىنايەت يولىغا ماڭغانلار ھەقتىن يىراق ئازغۇنلۇق، ئازاب ۋە كۈلپەت ئىچىدىدۇر.

(48) ئۇلار يۈزلىرىچە دوزاخقا سۆرىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئەيىبلەش يۈزىسىدىن: دوزاخ ئازابىنى تېتىڭلار، دېيىلىدۇ.

(49) ھەقىقەتەن بىز كائىناتتىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئالدىنئالا بېكىتىلگەن ئۆلچەم بىلەن، ئۆزىمىزنىڭ ئىلمى ۋە خاھىشىمىزغا ئۇيغۇن شەكىلدە، لەۋھۇلمەھپۇزغا پۈتۈپ قويغىنىمىز بويىچە ياراتتۇق.

(50) بىز بىرەر نەرسىنى پەيدا قىلماقچى بولساق، پەقەت «ۋۇجۇدقا كەل» دېگەن بىر ئېغىز سۆزنىلا قىلىمىز، ئۇ نەرسە شۇ ھامان كۆزنى يۇمۇپ ئېچىپ بولغۇچە بىز خالىغان شەكىلدە ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.

(51) بىز ھەقىقەتەن ئىلگىرىكى ئۇممەتلەردىن كۇپرىدا سىلەرگە ئوخشاش بولغانلارنىڭ نۇرغۇنىنى ھالاك قىلدۇق. بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، كۇپۇرلۇقىدىن يانىدىغانلار بارمۇ؟

(52) بەندىلەر قىلغان ھەر بىر ئىش پۈتۈكچى پەرىشتىلەرنىڭ قوللىرىدىكى نامە - ئەمەل دەپتەرلىرىگە پۈتۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈكلىرىدىن بۇ ئىشلاردىن ھېچ نەرسە چۈشۈپ قالمايدۇ.

(53) چوڭ - كىچىك ئىش - ھەرىكەت ۋە گەپ - سۆزلەرنىڭ ھەممىسى نامە - ئەمال دەپتەرلىرىگە ۋە لەۋھۇلمەھپۇزغا پۈتۈلگەن بولۇپ، بەندىلەرگە شۇنىڭغا ئاساسەن جازا - مۇكاپات بېرىلىدۇ.

(54) ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ھەم چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق تەقۋادار بولغانلار جەننەتلەردە بولۇپ، شۇ جەننەتلەردە، ئېقىپ تۇرىدىغان ئۆستەڭلەرنىڭ بويلىرىدا راھەت - پاراغەتتە ياشايدۇ.

(55) ئۇلار بىكار گەپ ۋە گۇناھ بولمىغان ياخشى سورۇنلاردا، ھەر نەرسە ئىلكىدە بولغان، ھېچ نەرسىدىن ئاجىز كەلمەيدىغان قۇدرەتلىك پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدا بولىدۇ. ئۇلار ئېرىشكەن مۇقىم نېئمەتلەرنىڭ مۇكەممەللىكىنى سورىمايلا قوي!