(1) مېھرىبان ئاللاھ چەكسىز مەرھەمەتلىك زاتتۇر.
(2) ئىنسانلارغا قۇرئاننى قولاي يادلىيالايدىغان، مەنىلىرىنى ئاسان چۈشىنەلەيدىغان قىلىپ تەلىم بەردى.
(3) ئىنساننى قامىتى تۈپتۈز، تۇرقىنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ياراتتى.
(4) ئۇنىڭغا كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى ئېغىزچە ھەم يېزىقچە قانداق ئىپادىلەشنى ئۆگەتتى.
(5) ئىنسانلارنى يىللارنىڭ سانىنى ھېسابلاشنى بىلسۇن دەپ قۇياش بىلەن ئاينى ئىنچىكە ھېساب بويىچە سەير قىلىدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.
(6) غولسىز ئۆسۈملۈكلەرمۇ، دەل - دەرەخلەرمۇ بويسۇنغان ھەم تەسلىم بولغان ھالدا ئاللاھ تائالاغا سەجدە قىلىدۇ.
(7) ئاللاھ تائالا ئاسماننى يۈكسەك ئېگىزلىكتە يارىتىپ زېمىن ئۈستىگە ئۆگزە قىلدى، يەر يۈزىدە ئادالەتنى بەرپا قىلىپ، بەندىلىرىنى شۇ ئادالەت بويىچە ئىش قىلىشقا بۇيرىدى.
(8) ئەي ئىنسانلار! سىلەرنىڭ بىر - بىرىڭلارغا ئۇۋال قىلىپ، تارازا ۋە كەمچىلەردە خىيانەت قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئادالەتنى بەرپا قىلدى.
(9) ئۆز-ئارا ئۆلچەمدە ئادىل بولۇڭلار، باشقىلارغا ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەندە جىڭ - تارازىلاردا كەم قىلماڭلار.
(10) زېمىننى مەخلۇقاتلارنىڭ ئورۇنلىشىشىغا مۇۋاپىق شەكلىدە (يايپاڭ) قىلدى.
(11) زېمىندا ھەرتۈرلۈك مېۋە دەرەخلىرى ۋە بوغۇنلۇق خورما دەرەخلىرى بار.
(12) زېمىندا بۇغداي ۋە ئارپىغا ئوخشاش سامانلىق زىرائەتلەر ۋە سىلەر خۇشپۇرىقىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان ئۆسۈملۈكلەر بار.
(13) ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
(14) ،ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى چەكسە جاراڭلايدىغان پىشۇرۇلغان ساپالغا ئوخشاش قۇرۇق لايدىن ياراتتى.
(15) جىنلارنىڭ ئاتىسىنى تۈتۈن ئارىلاشمىغان ئوت يالقۇنىدىن ياراتتى.
(16) ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
(17) ئۇ قىشتا ۋە يازدا قۇياشنىڭ چىقىدىغان ھەم پاتىدىغان جايىنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر.
(18) ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
(19) ئاللاھ تائالا بىرى تۇزلۇق، يەنە بىرى تاتلىق ئىككى دېڭىزنى كۆز ئالدىڭلارغا ئۇچراشتۇرۇپ (ئەمما بىر - بىرىگە ئارىلاشتۇرەتمەي) ئاققۇزدى.
(20) بۇ ئىككى دېڭىزنىڭ ئارىسىدا توسما بار بولۇپ، ئۇ توسما ھەر بىر دېڭىز سۈيىنىڭ يەنە بىرىگە ئۆتۈپ كېتىشىدىن توسۇپ تۇرىدۇ. نەتىجىدە تاتلىق دېڭىز تاتلىق پېتى، تۇزلۇق دېڭىز تۇزلۇق پېتى قېپقالىدۇ.
(21) ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
(22) ئىككى دېڭىز قوشۇلغان جايدىن چوڭ - كىچىك مەرۋايىتلار چىقىدۇ.
(23) ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
(24) دېڭىزلاردا قاتناۋاتقان تاغدەك كېمىلەرنىڭ تەسەررۇپى يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر.
(25) ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
(26) يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل مەخلۇقات شەكسىز يوقىلىدۇ.
(27) ئەي پەيغەمبەر! ئۇلۇغ ھەم بەندىلىرىگە كەرەملىك پەرۋەردىگارىڭنىڭ زاتى قالىدۇ، ئۇ مەڭگۈ يوقالمايدۇ.
(28) ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
(29) ئاسمانلاردىكى پەرىشتىلەر، زېمىندىكى ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھتىن ئۆزلىرىنىڭ ھاجەتلىرىنى سورايدۇ. ئاللاھ تائالا ھەر كۈنى بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىدىن يارىتىش، ئۆلتۈرۈش ۋە رىزىق بېرىش دېگەندەك بىرەر ئىش بىلەندۇر.
(30) ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
(31) ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! بىز سىلەردىن ئېلىشقا يۈزلىنىپ، ھەر كىمگە تېگىشلىك مۇكاپات ياكى جازا بېرىمىز.
(32) ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
(33) ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئىنسان ۋە جىنلارنى توپلىغان چاغدا: ئەي جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئاسمان - زېمىننىڭ ھەر قانداق بىر يېرىدىن چىقالايدىغان يوچۇق تاپالىساڭلار، چىقىپ كېتىڭلار. كۈچ - قۇۋۋەتسىز ۋە دەلىل - ئىسپاتسىز ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايسىلەر. سىلەرگە بۇنداق كۈچ - قۇۋۋەت نەدە تۇرۇپتۇ؟
(34) ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
(35) ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! قىيامەت كۈنى سىلەرگە ئىس - تۈتەك ئارىلاشمىغان ئوت يالقۇنى ۋە يالقۇنسىز ئىس - تۈتەك ئەۋەتىمىز. سىلەر بۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر.
(36) ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
(37) قىيامەت كۈنى پەرىشتىلەرنىڭ چۈشۈشى ئۈچۈن ئاسمان يېرىلغان چاغدا ئاسماننىڭ رەڭگى قىپقىزىل چەمدەك بوپقالىدۇ.
(38) ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
(39) ئۇ بۈيۈك كۈندە ھېچبىر ئنسان ياكى جىندىن گۇناھلىرى ھەققىدە (سەن بۇ گۇناھنى قىلغانمۇ - ياقمۇ؟ دېگەندەك سوئاللار) سورالمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىش - ئەتمىشلىرىنى بىلىدۇ.
(40) ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
(41) قىيامەت كۈنى گۇناھكارلار ئۆزلىرىدىكى بەلگىلەردىن تونۇلىدىغان بولۇپ، بۇ بەلگىلەر قارا يۈزلەر ۋە كۆك كۆزلەردۇر. ئۇلارنىڭ كوكۇلىسى پۇتلىرىغا باغلىنىپ، جەھەننەمگە ئېتىلىدۇ.
(42) ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
(43) ئۇلارغا ئەيىبلەش يۈزىسىدىن: جىنايەتچىلەر دۇنيادا ئىنكار قىلىدىغان جەھەننەم مانا مۇشۇ. ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرۇپتۇ. ئەمدى ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلالمايدۇ.
(44) ئۇلار شۇ جەھەننەم بىلەن يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ ئارىسىدا بېرىپ - كېلىپ تۇرىدۇ.
(45) ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
(46) ئاخىرەتتە پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدىكى تۇرۇشتىن قورقۇپ، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشى ئۈچۈن ئىككى جەننەت بار.
(47) ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
(48) بۇ ئىككى جەننەتتە بۈك - باراقسان، مەنزىرىسى كۆركەم، مېۋىلىك دەرەخلەر بار.
(49) ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
(50) بۇ ئىككى جەننەت ئارىسىدا ئېقىپ تۇرىدىغان ئىككى بۇلاق بار.
(51) ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
(52) ئۇ ئىككى جەننەتتە ھەر قانداق مېۋىدىن ئىككى خىلدىن بار، (يەنى ئىككى جەننەتتىكى مېۋىلەرنىڭ تۈرى قارىماققا ئوخشىغاندەك قىلسىمۇ، تەمى ئۆزگىچىدۇر).
(53) ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
(54) ئۇلار ئەستەرلىرى قېلىن تاۋاردىن تەييارلانغان تۆشەكلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ. ئۇ ئىككى جەننەتنىڭ مېۋىلىرى يېقىن بولۇپ، ئۇنى ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان ھەم يېنى ياتقانلارمۇ ئۈزەلەيدۇ.
(55) ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
(56) ئۇ جەننەتلەردە ئەرلىرىدىن باشقىلارغا قارىمايدىغان جۈپتىلەر بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەرلىرىدىن بۇرۇن ئۇلارغا ھېچبىر ئىنسان ياكى جىن يېقىنچىلىق قىلىپ باقمىغان.
(57) ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
(58) ئۇلار گۈزەللىكتە ۋە سۈزۈكلۈكتە گوياكى ياقۇتقا ۋە مەرۋايىتقا ئوخشايدۇ.
(59) ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
(60) پەرۋەردىگارىغا ئىتائەتنى ئېھسان بىلەن قىلغانلارغا ئاللاھ تائالا مۇكاپاتىنى مۇكەممەل بېرىدۇ.
(61) ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
(62) مەزكۇر ئىككى جەننەتتىن تۆۋەنرەك تۇرىدىغان يەنە ئىككى جەننەت بار.
(63) ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
(64) ئۇ ئىككى جەننەت ياپيېشىلدۇر.
(65) ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
(66) بۇ ئىككى جەننەتتە ناھايىتى تېز ئېقىپ تۇرىدىغان ئىككى بۇلاق بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۈيى توختاپ قالمايدۇ.
(67) ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
(68) ئۇ ئىككى جەننەتتە نۇرغۇن مېۋىلەر، چوڭ - چوڭ خورما ۋە ئانارلار بار.
(69) ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
(70) بۇ جەننەتلەردە گۈزەل ئەخلاقلىق ھەم ھۆسن - جامالدا توشقان ئاياللار بار.
(71) ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
(72) ئۇلار (جەننەتنىڭ) چېدىرلىرىدىكى مەستۇرە ھۆرلەردۇر.
(73) ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
(74) ئۇلارغا ئەرلىرىدىن ئىلگىرى ئىنسى جىن يېقىنلىشىپ باقمىغان.
(75) ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
(76) ئۇلار يېشىل يوپۇقلۇق ياستۇقلارغا ۋە چىرايلىق بىساتلارغا يۆلەنگەن ھالدا ئولتۇرىدۇ.
(77) ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
(78) ئۇلۇغ ھەم بەندىلىرىگە پەزلى - مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى تولىمۇ كاتتا ھەم ياخشىلىقى كۆپتۇر.