(1) ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى پۈتكۈل مەخلۇقات ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق كەلمەيدىغان بارچە ئەيىب - نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ ۋە ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ. ئاللاھ غالىبتۇركى، ھېچكىم ئۇنى يېڭەلمەيدۇ. يارىتىشىدا، ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ۋە ھۆكۈملىرىدە ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
(2) ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەر! سىلەر نېمىشقا ئەمەلىيەتتە قىلمىغان ئىشنى قىلدۇق دەيسىلەر؟ بۇ خۇددى بىرىڭلارنىڭ قىلىچى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ھېچكىمنى چاپماي تۇرۇپ: مەن قىلىچىم بىلەن ئۇرۇش قىلدىم ۋە (كاپىرلارنىڭ بويۇنلىرىنى) چاپتىم، دېگىنىگە ئوخشايدۇ.
(3) سىلەرنىڭ قىلمىغان ئىشنى قىلدىم دېيىشىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئۆچ كۆرۈلىدىغان ئىشتۇر. ئاللاھقا سەمىمىي بولۇپ، ئىش - ھەرىكىتى سۆزى بىلەن بىردەك بولۇشتىن باشقىسى مۇئمىنگە ياراشمايدۇ.
(4) ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ، خۇددى بىر - بىرىگە مەھكەم چاپلىشىپ تۇرغان بىنالارغا ئوخشاش مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ سەپ بولۇپ ئۇرۇش قىلغان مۇئمىنلەرنى ياخشى كۆرىدۇ.
(5) ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمىگە: ئى قەۋمىم! سىلەر مېنىڭ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ بۇيرۇقۇمغا قارشى چىقىش ئارقىلىق نېمىشقا ماڭا ئازار بېرىسىلەر؟ ئۇلار ئېزىپ، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتتىن چەتنەپ كەتكەندە ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى ھەقتىن ۋە توغرا يولدىن بۇرۇۋەتتى. ئاللاھ ئۆزىگە ئىتائەتسىزلىك قىلغانلارنى ھەقىقەتكە مۇۋەپپەق قىلمايدۇ.
(6) ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقىتدا مەريەم ئوغلى ئىيسا: ئەي ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىمەن. ئاللاھ مېنى سىلەرگە مەندىن بۇرۇنقى تەۋراتنى تەستىقلىغۇچى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. مەن پەيغەمبەرنىڭ تۇنجىسى ئەمەس. مېنى ئۆزۈمدىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇشبېشارەت بەرگۈچى قىلدى. ئىيسا ئۆزىنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان دەلىل - پاكىتلارنى كەلتۈرگەن چاغدا، ئۇلار: بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر، شۇڭا بىز ئۇنىڭغا قەتئىي ئەگەشمەيمىز، دېيىشتى.
(7) ئاللاھنىڭ ساپ ھەم تەۋھىد دىنى بولغان ئىسلامغا دەۋەت قىلىنىپ تۇرۇپمۇ ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلارغا چوقۇنۇپ ئۇنىڭغا شېرىكلەرنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان كىشىدىنمۇ زالىمراق بىرى بارمۇ؟ ئاللاھ تائالا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلمايدۇ.
(8) بۇ ئىنكارچىلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. چۈنكى ئۇلاردىن ناچار سۆزلەر ۋە ھەقىقەتنى بۇرمىلاش قاتارلىق قىلىقلار سادىر بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي، زېمىننىڭ مەشرىق ۋە مەغرىبلىرىدە دىنىنى غالىب قىلىش ۋە كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئارقىلىق ئۆز نۇرىنى مۇكەممەللىككە ئىگە قىلغۇچىدۇر.
(9) ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھىدايەت ۋە ياخشىلىققا باشلايدىغان دىن بولغان ھەمدە مەنپەئەتلىك ئىلىم ۋە ياخشى ئەمەل دىنى بولغان ئىسلام بىلەن ئەۋەتتى. (ئاللاھنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بۇ دىن بىلەن ئەۋەتىشى) بۇ دىننىڭ زېمىندا قۇدرەت تېپىشىنى خالىمايدىغان مۇشرىكلارنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي ئۇنى بارچە دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈندۇر.
(10) ئى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئاللاھ يولغا قويغان ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! سىلەرگە دەرتلىك ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان پايدىلىق بىر تىجارەتنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟
(11) بۇ پايدىلىق تىجارەت بولسا، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشىنىش، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ماللىرىنى چىقىم قىلىش ۋە جانلىرىنى پىدا قىلىش بىلەن ئۇنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتۇر. ئەگەر بىلسەڭلار مەزكۇر ئەمەل سىلەر ئۈچۈن تولىمۇ ياخشىدۇر. شۇڭا ئۇنى قىلىشقا ئالدىراڭلار.
(12) بۇ تىجارەتنىڭ پايدىسى بولسا، ئاللاھ گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى سارايلىرى ۋە دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە، مەڭگۈ كۆچمەي تۇرىدىغان جەننەتلەردىكى ئېسىل تۇرالغۇلارغا كىرگۈزىدۇ. مەزكۇر مۇكاپات ھېچقانداق ئۇتۇق تەڭ كەلمەيدىغان ئىنتايىن كاتتا ئۇتۇقتۇر.
(13) بۇ تىجارەتنىڭ سىلەر ياخشى كۆرىدىغان ھەم مۇشۇ دۇنيانىڭ ئۆزىدىلا نەخلىشىدىغان يەنە بىر پايدىسىمۇ بار بولۇپ، ئۇ بولسا ئاللاھنىڭ سىلەرگە دۈشمىنىڭلارغا قارشى ياردەم بېرىشى، سىلەرگە پات يېقىندا ئاتا قىلىدىغان پەتھىسى، يەنى مەككە ۋە باشقا جايلارنىڭ پەتھى قىلىنىشىدۇر. ئەي پەيغەمبەر! مۇئمىنلەرگە مۇشۇ دۇنيادا غەلىبە - نۇسرەتكە ۋە ئاخىرەتتە جەننەتكە ئېرىشىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئۇلارنى خۇرسەن قىلىدىغان خەۋەرنى يەتكۈزگىن.
(14) ئى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئاللاھ يولغا قويغان ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! ھەۋارىيلارنىڭ ياردەم بەرگىنىگە ئوخشاش، سىلەرمۇ پەيغەمبىرىڭلار ئېلىپ كەلگەن ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرى بولۇڭلار. ئۆز ۋاقتىدا ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەۋارىيلارغا: ئاللاھ تەرەپكە مېڭىشتا كىم مېنىڭ ياردەمچىلىرىم بولىدۇ؟ دېگەندە ئۇلار دەرھال ئىنكاس بىلدۈرۈپ: بىز ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرى بولىمىز، دېگەن ئىدى. ئاندىن ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر بۆلۈك كىشىلەر ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتىپ، يەنە بىر بۆلۈكى كاپىر بولدى. بىز ئىيساغا ئىمان ئېيتقانلارنى ئۇنىڭغا كاپىر بولغانلارغا قارشى كۈچلۈك قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئىمان ئېيتقانلار كاپىر بولغانلاردىن غالىب كەلدى.