69 - سۈرە ھاققە ()

|

(1) ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننىڭ بېشىغا چوقۇم كېلىدىغان قايتا تىرىلىپ قوپۇش ۋاقتىنى ئەسلىتىدۇ.

(2) ئاندىن ئاللاھ تائالا: قىيامەت نېمىدۇر؟ دېگەن سوئال بىلەن قىيامەتنىڭ كاتتىلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.

(3) قىيامەتنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟

(4) دەھشىتىدىن پۈتۈن ئىنسانلار قورقۇپ كېتىدىغان قىيامەتنى، سالىھنىڭ قەۋمى سەمۇد ۋە ھۇدنىڭ قەۋمى ئاد ئىنكار قىلدى.

(5) سەمۇد قەۋمىگە كەلسەك، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى قاتتىقلىقى ۋە قورقۇنچلۇقلۇقىدا چېكىگە يەتكەن ئاۋاز بىلەن ھالاك قىلدى.

(6) ئاد قەۋمىنى بولسا، ئاللاھ تائالا ناھايىتى قاتتىق سوغۇق شامال بىلەن ھالاك قىلدى.

(7) ئاللاھ ئۇلارغا يەتتە كېچە، سەككىز كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي بوران ئەۋەتكەن بولۇپ، بوران ئۇلارنى ئۆيلىرىنىڭ بوسۇغىلىرىدىلا ھالاك قىلدى. سەن ئۇ قەۋمنى ئۆز دىيارلىرىدا ھالاك بولغان ھالدا، ھالاكەتتىن كېيىن خۇددى چىرىپ قېلىپ يەرگە چۈشكەن خورما كۆتەكلىرىگە ئوخشاش يەردە ياتقانلىقىنى كۆرۈسەن.

(8) ئۇلارغا ئازاب كەلگەندىن كېيىن ئۇلاردىن بىرەر ئادەمنىڭ ساق قالغانلىقىنى كۆرەلەمسەن؟

(9) پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئۈممەتلەر ھەمدە ئاھالىسى دۈم كۆمتۈرۈۋېتىلگەن لۇت قەۋمى، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن ئىبارەت خاتا قىلمىشلارنى قىلدى.

(10) ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلىرىگە ئاسىيلىق قىلدى ۋە ئۇلار ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىۋېتىدىغان ئازاب بىلەن جازالىدى.

(11) شەكسىزكى سۇ بەك يۇقىرى ئۆرلەپ كەتكەن چاغدا بىز سىلەر پۇشتىدا بولغان ئەجدادلىرىڭلارنى نۇھ ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ ئەمرىمىز بىلەن ياسىغان كېمىگە سالدۇق. ئاندىن ئۇ كېمە سىلەرگە قاتناش ۋاستىسى بولدى.

(12) بىز نۇھنىڭ كېمىسىنىڭ ۋەقەلىكىنى كاپىرلارنىڭ ھالاك بولۇپ، مۇئمىنلەرنىڭ قۇتۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدىغانغا دەلىل قىلدۇق. ئۇنداق بولغانىكەن، ئۇنى ئاڭلاپ ئېسىدە تۇتىدىغانلار ئېسىدە تۇتسۇن.

(13) سۈر چېلىشقا مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتە ئىككىنچى قېتىملىق سۈرنى بىر چالغاندا،

(14) زېمىن ۋە تاغلار ئورۇنلىرىدىن كۆتۈرۈلۈپ، بىر - بىرىگە قاتتىق ئۇرۇلۇپ، كۇكۇم - تالقان بوپكېتىدۇ.

(15) ئاشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مەيدانغا كەلگەن كۈندە قىيامەت قايىم بولىدۇ.

(16) ئۇ كۈندە پەرىشتىلەرنىڭ چۈشۈشى ئۈچۈن ئاسمان يېرىلىدۇ. ئۇ كۈندە يەنە ئىنتايىن مۇستەھكەم بولغان ئاسمان ئاجىزلاپ قالىدۇ.

(17) پەرىشتىلەر ئاسماننىڭ ئەتراپىدا تۇرىدۇ. بۇ بۈيۈك كۈندە پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەرشىنى مۇقەررەب پەرىشتىلەردىن سەككىز پەرىشتە باشلىرى ئۈستىدە كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.

(18) ئەي ئىنسانلار! بۈ كۈندە ھېساب بېرىش ئۈچۈن ئاللاھقا توغرىلىنىسىلەر. سىلەرنىڭ ھېچ بىر مەخپىيەتلىكىڭلار ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ، بەلكى ئاللاھ ئۇنى بىلگۈچىدۇر ۋە خەۋەرداردۇر.

(19) نامە - ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەر خۇشاللىق ۋە خۇرسەنلىكتىن: بۇ مېنىڭ نامە - ئەمال كىتابىم، قېنى ئوقۇپ بېقىڭلار. مەن ھەقىقەتەن دۇنيادىكى ۋاقتىمدا ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە جازا - مۇكاپاتقا تارتىلىدىغانلىقىمىزنى بىلىپ، چىنپۈتكەن ئىدىم، دەيدۇ.

(20) نامە - ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەر خۇشاللىق ۋە خۇرسەنلىكتىن: بۇ مېنىڭ نامە - ئەمال كىتابىم، قېنى ئوقۇپ بېقىڭلار. مەن ھەقىقەتەن دۇنيادىكى ۋاقتىمدا ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە جازا - مۇكاپاتقا تارتىلىدىغانلىقىمىزنى بىلىپ، چىنپۈتكەن ئىدىم، دەيدۇ.

(21) ئۇ مەڭگۈلۈك نازۇ-نېئمەتلەرنى كۆرگەنلىكتىن كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا بولىدۇ.

(22) ئالى ۋە مەرتىۋىسى يۇقىرى بولغان جەننەتتە بولىدۇ.

(23) ئۇ جەننەتنىڭ مېۋىلىرى ئالماقچى بولغانلارغا يېقىن بولىدۇ.

(24) ئۇلارنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن: يەڭلار، ئىچىڭلار، (جەننەتتىكى بۇ يېمەكلىكلەر ۋە ئىچىملىكلەر) سىلەرگە زىيان قىلمايدۇ. سىلەر دۇنيادا ئۆتكەن كۈنلىرىڭلاردا سالىھ ئەمەللەرنى قىلغان ئىدىڭلار، دېيىلىدۇ.

(25) نامە - ئەمالى سول قولىغا بېرىلگەنلەر قاتتىق پۇشايمان قىلغانلىقتىن دەيدۇكى، كاشكى ماڭا نامە - ئەمالىم بېرىلمىسە بوپتىكەن. چۈنكى ئۇنىڭغا ماڭا ئازاب كەلتۈرىدىغان يامان ئەمەللەر توشۇپ كېتىپتۇ.

(26) كاشكى مەن ھېسابىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمىگەن بولسامچۇ!

(27) كاشكى مېنىڭ ئۆلىمىم مەڭگۈ تىرىلمەيدىغان ئۆلۈم بولسىچۇ!

(28) مال - مۈلكۈم مەندىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى توسۇپ قالالمىدى.

(29) ئەمدى مېنىڭ دەلىل - پاكىتىم ھەمدە مەن تايىنىپ كەلگەن كۈچ - قۇۋۋەت ۋە يۈز - ئابرۇي ھەممىسى يوق بولدى.

(30) ئاللاھ پەرىشتىلەرگە ئېيتىدۇ: ئى پەرىشتىلەر! بۇنى تۇتۇپ، بوينىغا تاقاق سېلىڭلار.

(31) ئاندىن ئۇنى ئوتنىڭ ھارارىتىنى تېتىشى ئۈچۈن دوزاخقا تاشلاڭلار.

(32) ئاندىن ئۇنى ئۇزۇنلۇقى 70 گەز كېلىدىغان زەنجىر بىلەن باغلاپ دوزاخقا تاشلاڭلار.

(33) (ئۇنىڭ بۇنداق ئازابلىنىشى شۇ سەۋەبتىندۇركى) ئۇ ئۇلۇغ ئاللاھقا ئىمان ئېيتمىغان ئىدى.

(34) باشقىلارنى كەمبەغەللەرگە تاماق بېرىشكە رىغبەتلەندۈرمەيتتى.

(35) قىيامەت كۈنى ئۇنىڭدىن ئازابنى توسۇپ قالىدىغان دوست يوق.

(36) ئۇنىڭغا دوزاخ ئەھلىنىڭ بەدەنلىرىدىن ئاققان يىرىڭدىن باشقا يېمەك-ئىچمەك بېرىلمەيدۇ.

(37) بۇ يېمەكنى پەقەت گۇناھكارلار ۋە ئاسىيلارلا يەيدۇ.

(38) مەن سىلەر كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن.

(39) سىلەر كۆرمەيۋاتقان نەرسىلەر بىلەنمۇ قەسەم قىلىمەن.

(40) ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ كالامى بولۇپ، ئۇنى ھۆرمەتلىك پەيغەمبەر كىشىلەرگە تىلاۋەت قىلىپ بېرىدۇ.

(41) بۇ شائىرنىڭ سۆزى ئەمەس، چۈنكى ئۇ شېئىر نەزمىسىگە ئوخشىمايدۇ. سىلەر تولىمۇ ئاز ئىشىنىسىلەر.

(42) ئۇ كاھىننىڭ سۆزىمۇ ئەمەسكى، كاھىننىڭ سۆزلىرى بۇ قۇرئانغا تامامەن ئوخشىمايدۇ. سىلەر ناھايىتى ئاز پەند - نەسىھەت ئالىسىلەر.

(43) لېكىن ئۇ قۇرئان ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.

(44) ئەگەر مۇھەممەد بىزگە بىز دېمىگەن بەزى سۆزلەرنى توقۇسا،

(45) بىز ئۇنىڭدىن ئەلۋەتتە ئىنتىقام ئالغان بولاتتۇق، ئۇنى كۈچ - قۇدرىتىمىز بىلەن جازالايتتۇق.

(46) ئاندىن ئۇنىڭ يۈرىكىگە تۇتىشىدىغان قىزىل قان تومۇرىنى كېسىپ تاشلايتتۇق.

(47) ئۇ چاغدا ئۇنىڭ سىلەرنى دەپ بىزگە يالغاننى توقۇشى ئۇياقتا تۇرسۇن، سىلەردىن ھېچكىم ئۇنى قوغداپ قالالمايتتى.

(48) ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىم پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ھەم چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش ئارقىلىق تەقۋادارلىق قىلغۇچىلارغا ۋەز - نەسىھەتتۇر.

(49) بىز ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بۇ قۇرئاننىڭ روشەن ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ بارلىقىنى ئوبدان بىلىمىز.

(50) ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىمنى ئىنكار قىلىش قىيامەت كۈنىدە قاتتىق ھەسرەت - نادامەتتۇر.

(51) ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىم ئەلۋەتتە چىن ھەقىقەتتۇركى، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەنلىكىدە ھېچ قانداق شەك - شۈبھە يوقتۇر.

(52) ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭنى ئۇنىڭغا نالايىق سۈپەتلەردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن، ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى ياد ئەتكىن.