(1) مۇشرىكلاردىن بىرى قىيامەت كۈنى يۈز بېرىدىغان ئازابنى مەسخىرە قىلىپ، بۇ ئازاب زادى يۈز بېرىدىغان ئىش بولسا (تېزلا كەلسۇن دەپ) ئۆزىگە ۋە قەۋمىگە ئازاب تىلىدى.
(2) ئاللاھقا كاپىر بولغانلار ئۈچۈن بۇ ئازابنى قايتۇرىدىغان ھېچكىم يوقتۇر.
(3) ئۇ ئازاب بارچە ئۈستۈنلۈك، مەرتىۋە، پەزىلەت ۋە نېئمەت ئىگىسى بولغان ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەندۇر.
(4) بىر كۈننىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مىڭ يىل كېلىدىغان قىيامەت كۈنىدە پەرىشتىلەر بىلەن جىبرىئىل ئاشۇ دەرىجىلەرگە ئۆرلەيدۇ.
(5) ئەي پەيغەمبەر! قەۋمىڭنىڭ يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىگە نالە - پەرياد قىلماستىن سەۋر قىلغىن.
(6) كاپىرلار بۇ ئازابنىڭ يۈز بېرىشىنى رېئاللىقتىن يىراق سانايدۇ.
(7) بىز بولساق ئۇ ئازابنى چوقۇم يېقىندا بولىدۇ، دەپ قارايمىز.
(8) ئۇ كۈندە ئاسمان ئېرىتىلگەن مىس ۋە ئالتۇن قاتارلىق مېتاللاردەك بوپقالىدۇ.
(9) .تاغلار يەڭگىللىكتە ئېتىلغان يۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ
(10) ھەر كىم ئۆز ھالى بىلەن قالىدىغان بولغاچقا، يېقىن ئۇرۇق - تۇغقانلارمۇ ئۆزئارا ھال سوراشمايدۇ.
(11) ھەر ئىنسان يېقىن تۇغقىنىنى ئوپئوچۇق كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئۇ ۋاقىت ھەم جاينىڭ قورقۇنچىدىن بىر - بىرىدىن ھال سورالمايدۇ. دوزاخقا تېگىشلىك بولغانلار ئۆزىنىڭ ئورنىدا ئازابلىنىش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى، ئۆزى مەنسۇپ بولغان ھەمدە مۈشكۈل پەيتلەردە ئۆزى بىلەن بىر سەپتە تۇرغان قەۋم قېرىنداشلىرىنى، ھەتتا يەر يۈزدىكى ئىنسان، جىن ۋە باشقا پۈتۈن مەۋجۇداتنى پىدا قىلىش بەدىلىگە بولسىمۇ دوزاخ ئازابىدىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
(12) ھەر ئىنسان يېقىن تۇغقىنىنى ئوپئوچۇق كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئۇ ۋاقىت ھەم جاينىڭ قورقۇنچىدىن بىر - بىرىدىن ھال سورالمايدۇ. دوزاخقا تېگىشلىك بولغانلار ئۆزىنىڭ ئورنىدا ئازابلىنىش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى، ئۆزى مەنسۇپ بولغان ھەمدە مۈشكۈل پەيتلەردە ئۆزى بىلەن بىر سەپتە تۇرغان قەۋم قېرىنداشلىرىنى، ھەتتا يەر يۈزدىكى ئىنسان، جىن ۋە باشقا پۈتۈن مەۋجۇداتنى پىدا قىلىش بەدىلىگە بولسىمۇ دوزاخ ئازابىدىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
(13) ھەر ئىنسان يېقىن تۇغقىنىنى ئوپئوچۇق كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئۇ ۋاقىت ھەم جاينىڭ قورقۇنچىدىن بىر - بىرىدىن ھال سورالمايدۇ. دوزاخقا تېگىشلىك بولغانلار ئۆزىنىڭ ئورنىدا ئازابلىنىش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى، ئۆزى مەنسۇپ بولغان ھەمدە مۈشكۈل پەيتلەردە ئۆزى بىلەن بىر سەپتە تۇرغان قەۋم قېرىنداشلىرىنى، ھەتتا يەر يۈزدىكى ئىنسان، جىن ۋە باشقا پۈتۈن مەۋجۇداتنى پىدا قىلىش بەدىلىگە بولسىمۇ دوزاخ ئازابىدىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
(14) ھەر ئىنسان يېقىن تۇغقىنىنى ئوپئوچۇق كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئۇ ۋاقىت ھەم جاينىڭ قورقۇنچىدىن بىر - بىرىدىن ھال سورالمايدۇ. دوزاخقا تېگىشلىك بولغانلار ئۆزىنىڭ ئورنىدا ئازابلىنىش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى، ئۆزى مەنسۇپ بولغان ھەمدە مۈشكۈل پەيتلەردە ئۆزى بىلەن بىر سەپتە تۇرغان قەۋم قېرىنداشلىرىنى، ھەتتا يەر يۈزدىكى ئىنسان، جىن ۋە باشقا پۈتۈن مەۋجۇداتنى پىدا قىلىش بەدىلىگە بولسىمۇ دوزاخ ئازابىدىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
(15) ئەمما ئىش بۇ گۇناھكار ئارزۇ قىلغاندەك بولمايدۇ. شەكسىزكى دوزاخ ئوتى يالقۇنجاپ، يېنىپ تۇرىدۇ.
(16) دوزاخ ئوتىنىڭ يۇقىرى ھارارىتى ۋە يالقۇنجىشىدىن باشنىڭ تېرىسى شىلىنىپ ئاجراپ كېتىدۇ.
(17) دوزاخ ھەقتىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يىراقلاپ كەتكەن، ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن ۋە ئەمەل قىلمىغانلارنى، مال - دۇنيا توپلاپ، ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىشقا بېخىللىق قىلغانلارنى چاقىرىدۇ.
(18) دوزاخ ھەقتىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يىراقلاپ كەتكەن، ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن ۋە ئەمەل قىلمىغانلارنى، مال - دۇنيا توپلاپ، ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىشقا بېخىللىق قىلغانلارنى چاقىرىدۇ.
(19) ھەقىقەتەن ئىنسان ئىنتايىن چىدامسىز يارىتىلدى.
(20) ئۇنىڭغا كېسەللىك ياكى كەمبەغەللىك دېگەندەك بىرەر خاپىلىق يەتسە زارلانغۇچىدۇر.
(21) ئەگەر ئۇنىڭغا مولچىلىق ۋە بايلىق دېگەندەك خۇرسەن قىلىدىغان ياخشىلىق يەتكەن چاغدا، ئۇ ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىشقا بېخىللىق قىلىدۇ.
(22) پەقەت نامازلىرىنى ئادا قىلغۇچىلارلا ئاشۇ ناچار ئىللەتلەردىن ساغلام كىشىلەردۇر.
(23) ئۇلار داۋاملىق نامازلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، نامازلىرىدىن غەپلەتتە قالمايدۇ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتلىرىدا ئادا قىلىدۇ.
(24) ئۇلارنىڭ ماللىرىدا پەرز قىلىپ بېكىتىلگەن، مۇئەييەن ھەقلەر بار.
(25) ئۇلار ماللىرىدىكى بەلگىلەنگەن ھەقلەرنى ھەر قانداق بىر سەۋەب بىلەن رىزىقتىن مەھرۇم قالغانلار ئىچىدىن سورىغانلارغىمۇ، سورىمىغانلارغىمۇ بېرىدۇ.
(26) ئۇلار قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىدۇ. ئۇ كۈندە ئاللاھ تائالا ھەركىمگە تېگىشلىك جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
(27) ئۇلار شۇنداق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ تۇرۇپمۇ پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابىدىن قورۇققۇچىلاردۇر.
(28) ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابى قورقۇنۇچلۇق بولۇپ، ئەقىللىق ئادەم ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولالمايدۇ.
(29) ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى يېپىش ۋە ناشايان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ھارامدىن ساقلىغۇچىلاردۇر.
(30) پەقەت خوتۇنلىرى ۋە قول ئاستىدىكى دېدەك - چۆرىلىرىدىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەر ئۇلار بىلەن جىنسىي ئالاقىدە بولۇش ۋە باشقا شەكىللەردە مەنپەتلەنگەنلىكىگە قارىتا مالامەت قىلىنمايدۇ.
(31) يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان خوتۇنلىرى ۋە چۆرىلىرىدىن باشقىلاردىن جىنسىي تەلەپنى قاندۇرۇشنى كۆزلەيدىغانلار ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچىلەردۇر.
(32) ئۇلار ئۆزلىرىگە ئامانەت قويۇلغان مال - مۈلۈك، مەخپىي سىرلار ۋە باشقا نەرسىلەرنى جايىدا ساقلايدۇ. كىشىلەر بىلەن قىلىشقان ئەھدىلەرگە ۋاپا قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئامانەتلىرىگە خىيانەت قىلمايدۇ، ئەھدىلىرىنى بۇزمايدۇ.
(33) ئۇلار تەلەپ قىلىنغان رەۋىشتە توغرا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردۇركى، (گۇۋاھلىق بەرگەندە) يېقىنلىق ياكى دۈشمەنلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.
(34) ئۇلار نامازلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا، مۇكەممەل تاھارەت ۋە تەمكىنلىك بىلەن ئادا قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگۈچىلەردۇر. ئۇلارنى نامازلىرىدىن ھېچ نەرسە غەپلەتتە قالدۇرمايدۇ.
(35) ئەنە شۇ مەزكۇر سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان كىشىلەر جەننەتلەردە مەڭگۈلۈك نازۇنېئمەتلەرگە ۋە ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ مۇبارەك جامالىغا قاراش شەرىپىگە نائىل بولغۇچىلاردۇر.
(36) ئەي پەيغەمبەر! سېنىڭ قەۋمىڭدىن بولغان بۇ مۇشرىكلارنى سېنى ئىنكار قىلىشقا ئالدىرىغان ھالدا ئەتراپىڭغا يىغقان نەرسە نېمە؟
(37) ئۇلار سېنىڭ ئەتراپىڭغا ئولىشىپ، توپ - توپ بولۇپ ئولتۇرۇشىدۇ.
(38) ئۇلاردىن ھەر بىرى ئاللاھ ئۆزلىرىنى نېئمەتلىك جەننەتكە كىرگۈزسە، كاپىر تۇرۇپمۇ جەننەتتىكى مەڭگۈلۈك نېئمەتلەردىن ھۇزۇرلىنىشنى ئۈمىد قىلامدۇ؟
(39) ئىش ئۇلار خىيال قىلغاندەك بولمايدۇ. ھەقىقەتەن بىز ئۇلارنى ئۆزلىرى بىلىدىغان نەرسىدىن ياراتتۇق، يەنى ئۇلارنى ئەرزىمەس مەنىي ئىسپىرمىدىن ياراتتۇق. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پايدا - زىيىنىغىمۇ ئىگە بولالمايدىغان دەرىجىدە ئاجىز تۇرسا، قانداقسىگە تەكەببۇرلۇق قىلىدۇ؟
(40) ئاللاھ تائالا ئۆز زاتى بىلەن قەسەم قىلىپ، ئۇ شەرق، شىمال، غەرب، جەنۇپ، قۇياش، ئاي ۋە باشقا پىلانىتلارنىڭ رەببىدۇر، بىز ئەلۋەتتە ھەممىگە قادىر.
(41) ئاي ۋە قۇياشنىڭ چىقىدىغان جايلىرىنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، بىز ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدىغان باشقا كىشىلەرگە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ھالاك قىلىۋېتىشكە ئەلۋەتتە قادىرمىز. بىز ئۇنىڭدىن ئاجىز ئەمەسمىز. ئۇلارنى قاچان ھالاك قىلماقچى ۋە باشقىلارغا ئالماشتۇرماقچى بولساق، قىلالماي قالمايمىز.
(42) ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ باتىل، ئازغۇنلۇقلىرىغا چۆمگىلى ۋە قۇرئاندا ۋەدە قىلىنغان قىيامەت كۈنىگە مۇلاقات بولغانغا قەدەر دۇنيا ھاياتىدا ئوينىغىلى قويغىن.
(43) ئۇلار ئۇ كۈندە خۇددى بىر نىشان تەرەپكە قاراپ بەسلىشىۋاتقاندەك قەبرىلىرىدىن ئالدىراپ - ھۆمىدەپ چىقىدۇ.
(44) ئۇلار پەسكىلا قارايدىغان بولۇپ، ئۇلارنى خارلىق چىرمىۋالىدۇ. ئەنە ئاشۇ ئۇلار دۇنيادىكى ۋاقىتلىرىدا ۋەدە قىلىنغان، ئەمما پەرۋا قىلمىغان كۈندۇر.