(1) ئاللاھ تائالا پۈتكۈل ئىنسانلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئالدىدا تۇرىدىغان قىيامەت كۈنى بىلەن قەسەم قىلدى.
(2) ئاللاھ يەنە ئۆز ساھىبىغا سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشقا سەل قاراپ، يامان ئەمەللەرنى قىلغانلىقىغا قارىتا مالامەت قىلىدىغان پاك نەپس بىلەن قەسەم قىلدى. ئاللاھ تائالا مۇشۇ ئىككى ئىش بىلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ ئىنسانلارنىڭ ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
(3) ئىنسان بىزنى ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن (چىرىپ كەتكەن) سۆڭەكلىرىنى توپلىيالمايدۇ، دەپ گۇمان قىلامدۇ؟
(4) ئۇنداق ئەمەس، ئۇنى ئىلگىرى قانداق ياراتقان بولساق، يەنە ئۇنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئۇچلىرىغا قەدەر يىغىپ، مۇكەممەل ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىرمىز.
(5) بەلكى ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق كەلگۈسىدە يەنە چەكلىمىسىز ھالدا ئۆزىنىڭ پىسقى - پۇجۇرلىرىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولىدۇ.
(6) ئۇ قىيامەت كۈنىنى يىراق ساناپ: قىيامەت قاچان بولىدۇ؟ دەپ سورايدۇ.
(7) ئىنسان ئۆزى ئىنكار قىلغان نەرسىنى كۆرگەندە چۆچۈپ كۆزلىرى تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، قۇياش بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا: قاچىدىغان جاي قەيەردە؟ دەيدۇ.
(8) ئىنسان ئۆزى ئىنكار قىلغان نەرسىنى كۆرگەندە چۆچۈپ كۆزلىرى تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، قۇياش بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا،
(9) ئىنسان ئۆزى ئىنكار قىلغان نەرسىنى كۆرگەندە چۆچۈپ كۆزلىرى تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، قۇياش بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا: قاچىدىغان جاي قەيەردە؟ دەيدۇ.
(10) ئىنسان ئۆزى ئىنكار قىلغان نەرسىنى كۆرگەندە چۆچۈپ كۆزلىرى تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، قۇياش بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا: قاچىدىغان جاي قەيەردە؟ دەيدۇ.
(11) ئۇ كۈندە ھېچ يەرگە قېچىش يوق. پاجىرلارغا پاناھلىنىدىغان، سىغىنىدىغان جاي يوق.
(12) ئەي پەيغەمبەر! ئۇ كۈندە ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قايتىپ بارىدىغان ئاقىۋەت پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىگىدۇر.
(13) ئۇ كۈندە ئىنسانغا ئىلگىرى - كېيىن قىلغان بارلىق ئەمەللىرى ئېيتىپ بېرىلىدۇ.
(14) بەلكى ئىنسان ئۆز - ئۆزىگە گۇۋاھچىدۇر، يەنى ئۇنىڭ ئەزالىرى ئۇ ئىشلىگەن گۇناھلارغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
(15) ئۇ ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن قانداق باھانە كۆرسىتىشىدىن قەتئىينەزەر قىلچە پايدىسى بولمايدۇ.
(16) ئەي پەيغەمبەر! قۇرئان (نازل بولۇۋاتقاندا) ئۇنى ئېسىڭدە تۇتۇۋېلىشقا ئالدىراپ تىلىڭنى ھەرىكەتلەندۈرمە.
(17) ئۇنى سېنىڭ دىلىڭدا توپلاپ، قىرائىتىنى تىلىڭغا سابىت قىلىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر.
(18) ئەي مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! بىزنىڭ ئەلچىمىز جىبرائىل ئەلەيھىسسالام ساڭا قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىپ بەرگەندە، جىم تۇرۇپ ئۇنىڭ تىلاۋېتىگە قۇلاق سالغىن.
(19) ئاندىن ئۇنى ساڭا چۈشەندۈرۈشمۇ بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر.
(20) ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىش سىلەر دەۋا قىلغاندەك ئىمكانىسز ئىش ئەمەس. سىلەر ئۆزۈڭلارنى دەسلەپتە يارىتىشقا قادىر زاتنىڭ ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىنمۇ قايتا تىرىلدۈرۈشتىن ئاجىز كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ قالىسىلەر. لېكىن سىلەرنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلىشىڭلارنىڭ سەۋەبى سىلەرنىڭ ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كېتىدىغان دۇنيا تىرىكچىلىكىگە دۈم چۈشكەنلىكىڭلاردۇر.
(21) سىلەرنىڭ بىردىنبىر يولى ئاللاھ بۇيرۇغان تائەت - ئىبادەتلەرنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىگەن ھارام ئىشلاردىن يېنىش بولغان ئاخىرەت ھاياتىنى تەرك ئەتكەنلىكىڭلاردۇر.
(22) بۇ كۈندە ئىمان ئەھلى ۋە سائادەتمەنلەرنىڭ چىرايلىرى خۇشخۇي، نۇرلۇق بولىدۇ.
(23) ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ جامالىغا قاراپ ھۇزۇرلانغۇچىدۇر.
(24) ئۇ كۈندە كاپىرلار ۋە بەدبەختلەرنىڭ يۈزلىرى تۇتۇق بولىدۇ.
(25) ئۇلار ئۆزلىرىگە قاتتىق جازا بېرىلىدىغانلىقىغا ۋە دەرتلىك ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىغا چىن پۈتىدۇ.
(26) ئەمەلىيەت مۇشرىكلار خىيال قىلغاندەك ئەمەس. يەنى ئۇلار ئۆلگەندە ئازابلانمايمىز، دەپ ئويلايدۇ. ئەمما ئۇلاردىن بىرىنىڭ جېنى ھەلقۇمىغا يەتكەن چاغدا كىشىلەر بىر - بىرىگە: بۇ كېسەلگە كىم ئامال قىلالايدۇ؟ دېيىشىدۇ.
(27) ئەمەلىيەت مۇشرىكلار خىيال قىلغاندەك ئەمەس. يەنى ئۇلار ئۆلگەندە ئازابلانمايمىز، دەپ ئويلايدۇ. ئەمما ئۇلاردىن بىرىنىڭ جېنى ھەلقۇمىغا يەتكەن چاغدا كىشىلەر بىر - بىرىگە: بۇ كېسەلگە كىم ئامال قىلالايدۇ؟ دېيىشىدۇ.
(28) سەكراتقا چۈشكەن ئادەم ئۆزىنىڭ ئۆلۈم بىلەن تەڭ دۇنيادىن ئايرىلىدىغانلىقىغا ھەقىقىي ئىشىنىدۇ.
(29) دۇنيادىكى مىنۇتلىرى ئاخىرلىشىپ، ئاخىرەت باشلانغان چاغدا بارچە خاپىلىقلار توپلىشىدۇ.
(30) بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە مېيت پەرۋەردىگارى تەرەپكە ئاپىرىلىدۇ.
(31) بۇ كاپىر ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئېلىپ كەلگەن قۇرئانغا ئىشەنمىدى، ئاللاھ ئۈچۈن نامازمۇ ئوقۇمىدى.
(32) لېكىن ئۇ پەيغەمبىرى ئېلىپ كەلگەن قۇرئاننى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى.
(33) ئاندىن بۇ كاپىر ناھايتى تەكەببۇرلۇق بىلەن گىدەيگىنىچە ئۆيىگە قايتتى.
(34) ئاللاھ بۇ كاپىرغا قاتتىق ئازابلايدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئازابنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقى بىلەن تەھدىت سالدى.
(35) ئاندىن تەكىتلەش ئۈچۈن بۇ جۈملىنى قايتا تەكرارلىدى.
(36) ئىنسان ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۇنى ھېچ قانداق بىر ئەمەلگە تەكلىپ قىلماستىن بىكار قويۇۋېتىدۇ، دەپ ئويلامدۇ؟
(37) بۇ ئىنسان بىر ۋاقىتلاردا بەچچىدانغا تۆكۈلگەن بىر تامچە مەنىي ئەمەسمىدى؟
(38) ئاندىن كېيىن قېتىشقان بىر پارچە قان بولدى، ئاندىن ئاللاھ ئۇنى مۇكەممەل ئىنسان قىلىپ ياراتتى.
(39) ئاللاھ مەنىيدىن ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت ئىككى تىپنى ياراتتى.
(40) ئىنساننى مەنىيدىن، ئاندىن لەختە قاندىن ياراتقان زات ئۇنى ئۆلگەندىن كېيىن ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قايتا يارىتىشقا قادىر ئەمەسمۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنى قايتا يارىتىشقا قادىردۇر.