(1) ئىنسان ئەسلىدە يوق بولۇپ، تىلغىمۇ ئېلىنمايدىغان ئۇزۇن بىر مەزگىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن.
(2) ھەقىقەتەن بىز ئىنساننى ئەر ۋە ئايالنىڭ ئارىلاشما مەنىيسىدىن ياراتتۇق. بىز ئۇنى بىر بۆلۈك ئەمەللەرنى يۈكلەش ئارقىلىق سىنايمىز. شۇڭا بىز ئۇنىڭغا بىز يۈكلىگەن ئەمەللەرنى بەجا كەلتۈرسۇن دەپ قۇلاق، كۆز ئاتا قىلدۇق.
(3) ھەقىقەتەن بىز ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىرىمىزنىڭ تىلىغا ئارقىلىق توغرا يولنى كۆرسەتتۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا گۇمراھلىق يولى روشەن بولدى. ئىنسان ئاشۇنىڭدىن كېيىن يا توغرا يولدا مېڭىپ، ئاللاھقا شۈكرى قىلغۇچى مۇئمىن بەندە بولىدۇ، ياكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىنكار قىلغۇچى كاپىر بەندە بولىدۇ.
(4) ھەقىقەتەن بىز ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە كاپىر بولغانلارغا زەنجىرلەرنى تەييارلىدۇق، ئۇلار شۇ زەنجىرلەر بىلەن دوزاخقا يالاپ ئاپىرىلىدۇ. يەنە (بويۇنلىرىغا) سېلىنىدىغان تاقاقلارنى ۋە يالقۇنجاپ تۇرىدىغان ئوتنى تەييارلىدۇق.
(5) ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلغۇچى مۇئمىنلەر قىيامەت كۈنى كاپۇر ئارىلاشتۇرۇلغان، خۇشبۇي شاراپلار تولدۇرۇلغان جاملاردىن (تۈرلۈك شاراپلارنى) ئىچىدۇ.
(6) ئىتائەتمەنلەرگە تەييارلانغان بۇ شاراپ ئېلىشقا ناھايىتى قولاي بۇلاقلاردىن ئېقىپ چىقىدىغان بولۇپ، ناھايىتى كۆپ، سىڭىپ كەتمەيدۇ، ئاللاھنىڭ مۇئمىن بەندىلىرى ئۇنىڭدىن قېنىپ ئىچىدۇ، خالىغان يەرلەرگە ئېقىتىپ ئاپىرالايدۇ.
(7) بۇ شاراپلارنى ئىچىدىغان بەندىلەرنىڭ سۈپەتلىرى شۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىگە يۈكلەنگەن ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىدۇ، دەھشىتى كەڭ دائىرىلىك بولغان قىيامەت كۈنىدىن قورقىدۇ.
(8) ئۇلار يېمەكلىكلەرنى ئۆزلىرى موھتاج ھەم كۆڭلى تارتىدىغان تۇرۇپمۇ يوقسۇللار، يېتىملەر ۋە ئەسىرلەردىن ئىبارەت موھتاجلارغا بېرىدۇ.
(9) ئۇلار ئاجىز - مىسكىنلەرگە پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپلا تائام بېرىدىغانلىقىدىن كۆڭلىدە خۇرسەن بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار يوقسۇللارغا تائام بەرگەنلىكىگە قارىتا ئۇلاردىن مۇكاپات ۋە مەدھىيە كۈتمەيدۇ.
(10) ھەقىقەتەن بىز پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن كېلىدىغان بىر كۈندىن قورقىمىز. ئۇ كۈننىڭ دەھشىتى ۋە قورقۇنچىسىدىن بەختسىزلەرنىڭ يۈزلىرى قارىداپ كېتىدۇ.
(11) ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئۆز پەزلى بىلەن ئاشۇ بۈيۈك كۈننىڭ يامانلىقىدىن ساقلايدۇ، ئۇلارنى ئىززەتلەش ۋە خۇرسەن قىلىش يۈزىسىدىن يۈزلىرىگە نۇر ھەم گۈزەللىك ئاتا قىلىدۇ.
(12) ئۇلار تائەت - ئىبادەتلەرگە چىدامچان بولغانلىقى، ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا سەۋرچان بولغانلىقى، گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن ئۆزىنى تۇتۇۋالغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى راھەت - پاراغەتتە ياشايدىغان جەننەت ۋە يىپەك كىيىملەر بىلەن مۇكاپاتلايدۇ.
(13) ئۇلار جەننەتتە چىرايلىق زىننەتلەنگەن تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ، ئۇ جەننەتتە نە قۇياش نۇرىنىڭ، نە قاتتىق سوغۇقنىڭ بىئارام قىلغانلىقىنى كۆرمەيدۇ. ئەكسىچە ئۇلار قىززىقمۇ ئەمەس، سوغۇقمۇ ئەمەس مۇقىم سايە ئاستىدا بولىدۇ.
(14) جەننەت دەرەخلىرىنىڭ سايىلىرى ئۇلارغا يېقىن، مېۋىلىرىمۇ قولىنى سوزغان ئادەم ئالالايدىغان دەرىجىدە يېقىنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئالماقچى بولغانلار يېنى ياتقان، ئولتۇرغان ۋە ئۈرە تۇرغان ھەر قانداق ھالەتتە ئاسانلا ئالالايدۇ.
(15) خىزمەتچىلەر ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا (تۈرلۈك يېمەكلىكلەر تىزىلغان) كۈمۈش قاچىلارنى ۋە مەي تولدۇرۇلغان شىشىدەك سۈزۈك جاملارنى ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. ساقىلار ئىچىملىكلەرنى ئىچكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا يارىشا، ئېشىپمۇ قالمايدىغان، كەملەپمۇ قالمايدىغان ، ئۆلچەملىك ھالەتتە ئاپىرىدۇ.
(16) خىزمەتچىلەر ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا (تۈرلۈك يېمەكلىكلەر تىزىلغان) كۈمۈش قاچىلارنى ۋە مەي تولدۇرۇلغان شىشىدەك سۈزۈك جاملارنى ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. ساقىلار ئىچىملىكلەرنى ئىچكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا يارىشا، ئېشىپمۇ قالمايدىغان، كەملەپمۇ قالمايدىغان ، ئۆلچەملىك ھالەتتە ئاپىرىدۇ.
(17) بۇ ھۆرمەتلىك بەندىلەرگە زەنجىبىل ئارىلاشتۇرۇلغان شاراپلار تولدۇرۇلغان جاملار سۇنۇلىدۇ.
(18) ئۇلار جەننەتتىكى سەلسەبىل دېيىلىدىغان بۇلاقتىن ئىچىدۇ.
(19) جەننەتتە ئۇلارنى داۋاملىق ياش پېتى تۇرىدىغان غىلمانلار ئايلىنىپ يۈرۈپ خىزمىتىنى قىلىدۇ. ئۇلارنى كۆرگىنىڭدە چىرايلىرىنىڭ گۈزەللىكى، رەڭگىنىڭ كۆركەملىكى، سانىنىڭ كۆپلۈكى ۋە ھەر يەردە پەرۋانە بولۇپ يۈرگەنلىكىدىن چېچىلىپ كەتكەن مەرۋايىتمىكىن دەپ قالىسەن.
(20) قاچانكى جەننەتتىكى (راھەت - پاراغەت ۋە ھۇزۇر - ھالاۋەتلەرگە) قارايدىغان بولساڭ، تەسۋىرلىگۈسىز نازۇنېئمەتلەرنى ۋە ھېچبىر پادىشاھلىق تەڭلىشەلمەيدىغان شاھانە پادىشاھلىقنى كۆرىسەن.
(21) ئۇلارنىڭ ئۇچىلىرىدا يۇمشاق يىپەكتىن ۋە قېلىن يىپەكتىن تەييارلانغان ناھايىتى ئېسىل، شاھانە كىيىملەر بولىدۇ. (بىلەكلىرىگە) كۈمۈش بىلەيزۈكلەرنى تاقايدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ھەر قانداق كۆڭۈلسىزلىكتىن خالىي شاراپلارنى ئىلتىپات قىلىدۇ.
(22) ئۇلارغا ئىززەتلەش يۈزىسىدىن: شەكسىزكى سىلەرگە ئاتا قىلىنغان بۇ نازۇنېئمەتلەر سىلەرنىڭ سالىھ ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر. ئەمەللىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەقبۇل بولدى، دېيىلىدۇ.
(23) ئەي پەيغەمبەر! ھەقىقەتەن بىز ساڭا قۇرئاننى بۆلۈپ - بۆلۈپ نازىل قىلدۇق، ئۇنى ساڭا بىر قېتىمدىلا نازىل قىلمىدۇق.
(24) ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە يوليورۇقلىرىغا سەۋر قىلغىن، گۇناھقا چاقىرىدىغان ھېچبىر ئاسىيغا ۋە كۇپۇرلۇققا چاقىرىدىغان ھېچبىر كاپىرغا ئىتائەت قىلمىغىن.
(25) ئەتىگەندە ئوقۇلىدىغان بامدات نامىزىنى، پىشىن نامىزىنى ۋە كەچتە ئوقۇلىدىغان ئەسىر نامازلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق پەرۋەردىگارىڭنى ياد ئەتكىن.
(26) كېچىلىكتە ئوقۇلىدىغان شام ۋە خۇپتەن نامازلىرىنى ئوقۇش ھەمدە ئۇنىڭدىن باشقا تەھەججۈد نامازلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق پەرۋەردىگارىڭنى ياد ئەتكىن.
(27) ھەقىقەتەن بۇ مۇشرىكلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، دۇنياغا قاتتىق ھېرىسمەنلىكىدىن كەلگۈسىدىكى قىيامەت كۈنى بىلەن كارى بولمايدۇ. قىيامەت كۈنى ئىنتايىن ئېغىر بىر كۈنكى، ئۇنىڭدا تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەتلەر بار.
(28) بىز ئۇلارنى ياراتتۇق، ئۇلارنىڭ بۇغۇملىرى، ھەر قايسى ئەزالىرى ۋە باشقا پۈتۈن بەدەن قۇرۇلمىلىرىنى مەزمۇت قىلدۇق. ناۋادا بىز ئۇلارنى ھالاك قىلىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا باشقىلارنى كەلتۈرۈشنى خالىساق، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىشقا قادىرمىز.
(29) ھەقىقەتەن بۇ سۈرە پەند - نەسىھەتتۇر. شۇڭا كىمكى رەببىنىڭ رازىلىقىغا يەتكۈزىدىغان يول تۇتۇشنى خالىسا تۇتسۇن.
(30) سىلەرنىڭ ئاللارنىڭ رازىلىقىغا يول ئېلىشنى خالىشىڭلار ئاللاھ سىلەردىن شۇنى خالىغاندىلا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. چۈنكى بارچە ئىش ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر. ھەقىقەتەن ئاللاھ بەندىلىرىگە نېمىنىڭ پايدىلىق، نېمىنىڭ پايدىلىق ئەمەسلىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، يارىتىشىدا، ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ۋە يوليورۇقلىرىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
(31) ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە رەھمىتىگە ئېلىپ، ئىمانغا ۋە سالىھ ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ. كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارغا ئاللاھ ئاخىرەتتە دەرتلىك ئازاب تەييارلىدى، ئۇ بولسا دوزاخ ئازابىدۇر.