(1) ئۇ مۇشرىكلار، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتكەندىن كېيىن نېمە ھەققىدە سورىشىدۇ؟
(2) ئۇلار بىر - بىرىدىن چوڭ بىر خەۋەر ھەققىدە سورىشىدۇ. ئۇ چوڭ خەۋەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلىنغان مۇشۇ قۇرئاننىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىدۇر.
(3) بۇ قۇرئاننى ئۇلار سېھىر، شېئىر، رەمماللىق، ئىلگىرىكىلەردىن قالغان ئەپسانە دېگەندەك خىلمۇخىل سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەشتى.
(4) ئەمەلىي ئەھۋال ئۇلار ئويلىغاندەك ئەمەس. قۇرئاننى ئىنكار قىلغان بۇ كاززاپلار ئىنكارلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئېچىنىشلىق بولىدىغانلىقىنى ئۇزۇنغا قالماي بىلىپ قالىدۇ.
(5) كەلگۈسىدە بۇ ئىش ئۇلارغا ئېنىق بولىدۇ.
(6) بىز زېمىننى ئۇلار ئۈچۈن ياشىغىلى بولىدىغان بىسات قىلمىدۇقمۇ؟
(7) تاغلارنى زېمىنىڭ تەۋرەپ كېتىشىدىن ساقلايدىغان قوزۇقنىڭ ئورنىدا قىلمىدۇقمۇ؟
(8) ئەي ئىنسانلار! بىز سىلەرنى تۈرلەر ھالىتىدە ياراتتۇقكى، سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ئەرلەرمۇ، ئاياللارمۇ بار.
(9) ئۇيقۇڭلارنى ئارام ئېلىش ئۈچۈن ئىش - پائالىيەتتىن ئۈزگۈچى قىلدۇق.
(10) خۇددى لىباس ئەۋرەتلىرىڭلارنى ياپقىنىغا ئوخشاش، كېچىنى ئۆز قاراڭغۇلۇقى بىلەن سىلەرنى ياپىدىغان سۈترە قىلدۇق.
(11) كۈندۈزنى تىرىكچىلىك قىلىش ۋە رىزىق ئىزدەش مەيدانى قىلدۇق.
(12) ئۈستۈ ڭلاردا قۇرۇلمىسى مۇستەھكەم، پۇختا يەتتە قات ئاسماننى بىنا قىلدۇق.
(13) قۇياشنى يورۇقى ۋە نۇرى ئىنتايىن كۈچلۈك چىراق قىلدۇق.
(14) ۋاقتى كەلگەندە بۇلۇتتىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردۇق.
(15) بۇ، تۈرلۈك زىرائەتلەرنى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى چىقىرىپ بېرىشىمىز ئۈچۈندۇر.
(16) بىز ئۇ ئارقىلىق دەل - دەرەخلىرىنىڭ شاخلىرى بىر - بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن، ئىنتايىن بولۇق باغلارنى چىقىرىپ بېرىمىز.
(17) شەكسىزكى خالايىقلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدىغان كۈن ۋاقتى ئېنىق بېكىتىلگەن بىر كۈندۇركى، ئۇنىڭدا قەتئىي كېچىكىپ قېلىش يوق.
(18) پەرىشتە ئىككىنچى قېتىم سۈرنى پۈۋلىگەن چاغدا -ئەي ئىنسانلار- سىلەر توپ - توپ بولۇپ كېلىسىلەر.
(19) ئاسمان ئېچىلىپ، ئۇنىڭ ئوچۇق ئىشىكلەرگە ئوخشاش تۆشۈكلىرى بولىدۇ.
(20) تاغلار ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ، نىھايەت ئۇچۇپ يۈرگەن توزانغا ئايلىنىپ، سەرابتەك بوپكېتىدۇ.
(21) شەكسىزكى جەھەننەم (كاپىرلارنى) كۈتۈپ تۇرىدۇ.
(22) جەھەننەم زالىملارنىڭ ئاخىرى قايتىدىغان جايىدۇر.
(23) ئۇلار جەھەننەمدە چەكسىز ئۇزۇن زامان قالىدۇ.
(24) ئۇلار جەھەننەمدە دوزاخ يالقۇنىنىڭ ھارارىتىنى سوۋۇتىدىغان سالقىن ھاۋاغا ئېرىشەلمەيدۇ، يەنە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان بىرەر ئىچىملىكنى تېتىيالمايدۇ.
(25) ئۇلار پەقەت ھارارىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان قايناق سۇ ۋە دوزىخىيلارنىڭ بەدەنلىرىدىن ئېچىقىپ چىقىدىقان قان - يېرىڭ ئارىلاشمىلىرىنىلا ئىچىدۇ.
(26) بۇ، ئۇلارنىڭ كۇپرىسى ۋە ئازغۇنلۇقلىرىغا مۇۋاپىق جازادۇر.
(27) ئۇلار دۇنيادىكى ۋاقىتلىرىدا ئاللاھنىڭ قىيامەتتە ئۆزلىرىدىن ھېساب ئېلىشىدىن قورقمايتتى. چۈنكى ئۇلار قايتا تىرىلىشكە ئىشەنمەيتتى. ئەگەر ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشتىن قورققان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلار ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بولاتتى.
(28) ئۇلار يەنە بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە نازىل قىلىنغان ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلاتتى.
(29) بىز ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئەمىلىنى خاتىرلەپ، ساناپ تۇرغان ئىدۇق. يەنى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەل دەپتەرلىرىگە پۈتۈلگەندۇر.
(30) ئەي زالىملار! بۇ ئۈزلۈكسىز ئازابنى تېتىڭلار. بىز سىلەرنىڭ ئازابىڭلارغا پەقەت ئازابنىلا قوشىمىز.
(31) پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغانلار ئۆزلىرى ئۈمىد قىلغان جەننەتكە ئېرىشىدۇ.
(32) ئۇ نېئمەتەلەر بوستانلىق ۋە ئۈزۈمزار باغلاردۇر .
(33) كۆكسى كۆتۈرۈلگەن، تەڭتۇش قىزلاردۇر.
(34) شاراپ تولدۇرۇلغان جاملاردۇر.
(35) ئۇلار جەننەتتە ھېچبىر بىكار گەپ ئاڭلىمايدۇ، يالغان سۆز ئاڭلىمايدۇ، ئۇلار بىر - بىرىگە يالغان گەپ قىلمايدۇ.
(36) مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالا ئۇلارغا مەرھەمەت قىلىپ بەرگەن يېتەرلىك مۇكاپاتتۇر.
(37) ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ شەپقەتچىسىدۇركى، زېمىندىكى ياكى ئاسماندىكى ھەر كىم ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچبىر سوئال سورىيالمايدۇ.
(38) ئۇ كۈندە جىبرىئىل ۋە پەرىشتىلەر سەپ - سەپ بولۇپ تۇرىدۇ، شاپائەت قىلىش ھەققىدە ئاللاھنىڭ رۇخسەت قىلمىغان ۋە پەقەت تەۋھىد كەلىمىسىگە ئوخشاش توغرا سۆزنى دېمىگەن ھېچكىمنىڭ شاپائەت قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.
(39) سىلەرگە سۈپەتلەپ بېرىلگەن ئاشۇ كۈن يۈز بېرىشىدە قىلچە شەك بولمىغان كۈندۇر. شۇڭا كىم شۇ كۈندە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇپ قېلىشنى خالىسا، پەرۋەردىگارى رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى قىلسۇن!
(40) ئەي ئىنسانلار! شەكسىزكى بىز سىلەرنى يېقىندا يۈز بېرىدىغان ئازابتىن ئاگاھلاندۇردۇق. بۇ كۈندە ئىنسان دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىگە قارايدۇ ۋە كاپىر بولغان ئادەم ئازابتىن قۇتۇلۇپ قېلىشنى ئارزۇ قىلىپ: كاشكى مەنمۇ قىيامەت كۈنى: تۇپراققا ئايلىنىپ كەت، دېيىلىدىغان ھايۋانلارنىڭ قاتارىدا تۇپراققا ئايلىنىپ كەتسەمچۇ! دەيدۇ.