(1) ئۆلچەمدە كەم بەرگۈچىلەر ھالاك بولسۇن ۋە زىيان تارتسۇن!
(2) ئۇلار باشقىلاردىن ئۆلچەپ ئالغاندا ئۆزلىرىنىڭ ھەقلىرىنى تولۇق، قىلچە كەم قىلماي ئالىدۇ.
(3) باشقىلارغا ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەندە ئۆلچەم ۋە تارازىدا كەم بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەسلەپ ھىجرەت قىلىپ كەلگەن چاغدا مەدىنىلىكلەرنىڭ ئەھۋالى مۇشۇنداق ئىدى.
(4) مۇشۇنداق ناچار قىلمىشنى قىلىدىغان بۇ ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ تەرەپكە تىرىلىپ بارىدىغانلىقىغا چىن پۈتمەمدۇ؟
(5) بۈيۈك كۈندىكى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن تىرىلىدىغانلىقىغا چىن پۈتمەمدۇ؟ ئۇ كۈندە قىيىنچىلىق ۋە قورقۇنچ بار.
(6) ئۇ كۈندە ئىنسانلار پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا ھېساب بېرىش ئۈچۈن تىك تۇرىدۇ.
(7) ئەمەلىي ئەھۋال سىلەر تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئۆلۈمدىن كېيىن تىرىلمەيدىغان ئىش يوق. شەكسىزكى كاپىرلار ۋە مۇناپىقلاردىن گۇناھكارلار ئەلۋەتتە ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكى زىيانكارلىق ئىچىدىدۇر.
(8) ئەي پەيغەمبەر! سىججىننىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
(9) شەكسىزكى، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى يېزىلغان، ئۆچۈپ كەتمەيدىغان، قوشۇپمۇ قويۇلمايدىغان، كەممۇ قىلىنمايدىغان دەپتەردۇر.
(10) ئۇ كۈندە ئىنكارچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
(11) ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە بۇ دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىگە قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدىغان ئۇ كۈننى ئۇلار ئىنكار قىلىشىدۇ.
(12) ئۇ كۈننى پەقەت ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچى ھەم گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى كۆپ قىلغۇچىلا ئىنكار قىلىدۇ.
(13) ئۇنىڭغا بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە نازىل قىلىنغان ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلگىنىدە: بۇ ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ ھېكايىلىرى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەن ئەمەس، دەيدۇ.
(14) ئەمەلىي ئەھۋال بۇ ئىنكارچىلار ئويلىغاندەك ئەمەس. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھ - مەئسىيەتلىرى ئەقىللىرىدىن ئۈستۈن كېلىپ، ئۇنى يېپىۋالغان، شۇڭا ئۇلار قەلبلىرى بىلەن ھەقنى كۆرەلمىدى.
(15) دەرۋەقە ئۇلار قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىنى كۆرۈشتىنمۇ مەھرۇم قىلىنىدۇ.
(16) ئاندىن ئۇلار چوقۇم دوزاخقا كىرىپ، ئۇنىڭ ھارارىتىنى تېتىيدۇ.
(17) ئاندىن قىيامەت كۈنى ئۇلارغا كايىش تەرىقىسىدە: سىلەر دۇچار بولغان بۇ ئازابنى دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا پەيغەمبىرىڭلار خەۋەر بەرگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغان ئىدىڭلار، دېيىلىدۇ.
(18) ھەقىقىي ئەھۋال سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەسكى، سىلەردىن ھېساب ئېلىنمايدىغان، جازا - مۇكاپات بېرىلمەيدىغان ئىش يوق. شەكسىزكى ئىتائەت قىلغۇچىلارنىڭ نامە - ئەمەل دەپتىرى ئىللىييوندا بولىدۇ.
(19) ئەي پەيغەمبەر! ئىللىييوننىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
(20) شەكسىزكى (ئۇ) ياخشىلارنىڭ ئەمەللىرى يېزىلغان، ئۆچۈپ كەتمەيدىغان، قوشۇپمۇ قويۇلمايدىغان، كەممۇ قىلىنمايدىغان دەپتەردۇر.
(21) بۇ كىتابقا ھەر ئاسماندىكى ئاللاھنىڭ يېقىن پەرىشتىلىرى ھازىر بولىدۇ.
(22) شەكسىزكى ياخشىلىق ۋە تائەت - ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلغۇچى قىيامەت كۈنى ئەلۋەتتە ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان نېئمەتلەر ئىچىدە بولىدۇ.
(23) ئۇلار ئېسىل بېزەلگەن كارىۋاتلار ئۈستىدە پەرۋەردىگارىغا ھەمدە دىللارنى شادلاندۇرىدىغان نېئمەتلەرگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ.
(24) ئۇلارنى كۆرگىنىڭدە يۈزلىرىدە باياشاتلىقنىڭ گۈزەللىكى جىلۋىلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسەن.
(25) خىزمەتكارلىرى ئۇلارغا ئاغزى پىچەتلەنگەن شارابلارنى سۇنىدۇ.
(26) ئۇ شاراب تامامەن تۈگىگەنگە قەدەر ئىپارنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ. بەسلىشىدىغانلار ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىلىش، ئۇنى غەزەبلەندۈرىدىغان ئىشنى قىلماسلىق بىلەن مانا مۇشۇنداق ئېسىل مۇكاپاتلار ئۈچۈن بەسلەشسۇن.
(27) بۇ پىچەتلەنگەن شارابقا تەسنىم دېگەن بۇلاقنىڭ (سۈيى) ئارىلاشتۇرۇلغان.
(28) تەسنىم دېگەن ئەڭ ئالىي جەننەتتىكى بىر بۇلاق بولۇپ، ئاللاھنىڭ يېقىن بەندىلىرى ئۇنىڭدىن سۈزۈڭ ھەم ساپ ھالەتتە ئىچىدۇ. باشقا مۇئمىنلەرمۇ ئۇنىڭ ئارىلاشما ھالەتتىكى سۈيىدىن ئىچىدۇ.
(29) شەكسىزكى كۇپۇرلۇق قىلىش ئارقىلىق جىنايەت قىلغان گۇناھكارلار مۇئمىنلەرنى مەسخىرە قىلىپ كۈلەتتى.
(30) كاپىرلار مۇئمىنلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتكىنىدە ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش مەقسىتىدە ئۆزئارا كۆز قىسىشاتتى.
(31) ئۇلار ئۆيلىرىگە قايتقىنىدا ئۆزلىرىنىڭ كۇپۇرلۇقى ۋە مۇئمىنلەرنى مەسخىرە قىلىۋالغانلىقىغا خۇشال بولغان ھالدا قايتىشاتتى.
(32) ئۇلار مۇسۇلمانلارنى كۆرگىنىدە: بۇلار ئۆز ئاتىلىرىنىڭ دىنىنى تاشلاپ شەكسىز ھەق يولدىن ئاداشقانلاردۇر، دېيىشەتتى.
(33) ئۇلار بۇنداق دەيدىغانغا ئاللاھ تائالا ئۇلارنى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىشكە مەسئۇل قىلغىنى يوق.
(34) خۇددى كاپىرلار دۇنيادا مۇئمىنلەرنى مەسخىرە قىلىپ كۈلگەندەك، قىيامەت كۈنى بولغاندا ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرمۇ كاپىرلارنىڭ ئىچىنىشلىق ئەھۋالىغا قاراپ كۈلىدۇ.
(35) مۇئمىنلەر چىرايلىق بېزەلگەن كارىۋاتلار ئۈستىدە ئاللاھ تائالا ئۆزلىرىگە تەييارلىغان ئۈزۈلمەس نېئمەتلەرگە قاراپ] ئولتۇرىدۇ.
(36) كاپىرلار دۇنيادىكى قىلمىشلىرىغا قارىتا خورلىغۇچى ئازاب بىلەن چوقۇم جازالىنىدۇ.