84 - سۈرە ئىنشىقاق ()

|

(1) .پەرىشتىلەرنىڭ چۈشۈشى ئۈچۈن ئاسمان يېرىلغان چاغدا

(2) پەرۋەردىگارىنىڭ (ئەمرىنى) ئاڭلاپ باش ئەگكەن ھەمدە شۇنىڭغا لايىق بولغان چاغدا.

(3) ئاللاھ تائالا زېمىننى خۇددى چەم سوزۇلغاندەك سوزغان چاغدا.

(4) زېمىن قوينىدىكى مەدەنلەرنى ۋە ئۆلۈكلەرنى چىقىرىپ، قۇرۇقدالغان چاغدا.

(5) پەرۋەردىگارىنىڭ (ئەمرىنى) ئاڭلاپ باش ئەگكەن ھەمدە شۇنىڭغا لايىق بولغان چاغدا.

(6) ئەي ئىنسان! سەن چوقۇم ياخشى ياكى يامان ئەمەل قىلغۇچى بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ سېنىڭ شۇ قىلمىشىڭغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىشى ئۈچۈن ئەمەللىرىڭ بىلەن ئۇچرىشىسەن.

(7) نامە - ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەمگە كەلسەك،

(8) ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن ئاسان ھېساب ئالىدۇكى، ئۇ ئەيىبلەنمەستىن پەقەت ئەمەللىرى ئۆزىگە شۇنداقلا كۆرسىتىپ قويۇلىدۇ.

(9) ئۇ جەننەتتە ئائىلىسى بىلەن خۇشال ـ خۇرام جەم بولىدۇ.

(10) نامە - ئەمالى كەينى تەرىپىدىن سول قولىغا بېرىلگەن ئادەمگە كەلسەك.

(11) ئۇ ئۆزىگە ھالاكەت تىلەپ نىدا قىلىدۇ.

(12) ئۇ جەھەننەم ئوتىغا ئۇنىڭ ھارارىتىنى تېتىغان ھالەتتە كىرىدۇ.

(13) شەكسىزكى ئۇ دۇنيادىكى چېغىدا ئائىلىسىدە كۇپرى ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن شاد - خۇرام ئىدى.

(14) شەكسىزكى ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن قەتئىي تىرىلمەيدىغاندەك ئويلايتتى.

(15) ئۇنداق ئەمەس، ئاللاھ ئۇنى دەسلەپ ياراتقىنىدەك چوقۇم ھاياتلىققا قايتۇرىدۇ. شەكسىزكى پەرۋەردىگارى ئۇنىڭ ھالىنى كۆرۈپ تۇراتتى، پەرۋەردىگارىغا ئۇنىڭ ھالىدىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايتتى. پەرۋەردىگارى ئۇنىڭ ئەمىلىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.

(16) ئاللاھ تائالا قۇياش پاتقاندىن كېيىن ئۇپۇقتا پەيدا بولىدىغان قىزىللىق بىلەن قەسەم قىلدى.

(17) ئاللاھ يەنە كېچە ۋە كېچىدە توپلانغان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلدى.

(18) ئاي پۈتۈنلىنىپ، تولۇن ھالىتىگە كەلگەن ۋاقتى بىلەن قەسەم قىلدى.

(19) ئەي ئىنسانلار! سىلەر چوقۇم بىر ھالەتتىن بىر ھالەتكە يۆتكىلىپ تۇرىسىلەر، يەنى مەنىي، ئاندىن لەختە قان، ئاندىن بىر چىشلەم گۆش، ئاندىن ھاياتلىق، ئاندىن ئۆلۈم، ئاندىن قايتا تىرىلىشتىن ئىبارەت باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتىسىلەر.

(20) بۇ كاپىرلار نېمە دەپ ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتمايدۇ؟

(21) ئۇلارغا قۇرئان ئوقۇپ بېرىلسە نېمىشقا پەرۋەردىگارىغا سەجدە قىلمايدۇ.

(22) ئەكسىچە كاپىرلار پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن نەرسىنى ئىنكار قىلىشىدۇ.

(23) ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇركى، ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.

(24) ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان دەرتلىك ئازابتىن خەۋەر بەرگىن.

(25) ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ئۇلارغا ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان مەڭگۈلۈك مۇكاپات، يەنى جەننەت بېرىلىدۇ.