(1) ئاللاھ تائالا قۇياشنىڭ، ئاينىڭ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا سەييارىلەرنىڭ ئورۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسمان بىلەن قەسەم قىلدى.
(2) پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنى توپلايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان قىيامەت كۈنى بىلەن قەسەم قىلدى.
(3) ئۆز ئۈممىتىگە گۇۋاھچى بولىدىغان پەيغەمبەرگە ئوخشاش ھەر بىر گۇۋاھچى بىلەن، ئۆز پەيغەمبىرىگە گۇۋاھچى بولىدىغان ئۈممەتكە ئوخشاش ھەر بىر گۇۋاھلىق بېرىلگۈچى بىلەن قەسەم قىلدى.
(4) زېمىندا چوڭ خەندەكلەرنى كولىغانلارغا لەنەت بولسۇن!
(5) ئۇ ئورەكلەرگە ئوتلار يېقىلغان بولۇپ، ئۇلار مۇئمىنلەرنى تىرىك پېتى ئوت ئورەكلىرىگە تاشلايتتى.
(6) ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئوتقا تولغان ئاشۇ ئورەكلەرگە (تاشلانغان مۇئمىنلەرنىڭ نالە - پەريادلىرىنى) تاماشا قىلىپ ئولتۇرۇشاتتى.
(7) ئۇلارمۇ نەخ مەيداندا بولغاچقا ئۆزلىرنىڭ مۇئمىنلەرگە قىلغان ئازاب - ئوقۇبەتلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇشاتتى.
(8) بۇ كاپىرلار مۇئمىنلەرگە پەقەت ئۇلارنىڭ ھەممىدىن غالىب، ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان، ھەر ئىشتا مەدھىيەگە لايىق بولغان ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا شۇنداق قىلىشقان ئىدى.
(9) ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىدىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىدىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
(10) شەكسىزكى مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنى يالغۇز ئاللاھقا بولغان ئىمانىدىن قايتۇرۇش ئۈچۈن ئوت بىلەن قىينىغان، ئاندىن كېيىن گۇناھلىرىدىن ئاللاھقا تەۋبە قىلمىغانلار قىيامەت كۈنى جەھەننەم ئازابىغا دۇچار قىلىنىدۇ، ئۇلار دۇنيادا مۇئمىنلەرنى كۆيدۈرگەنلىكلىرىنىڭ جازاسى سۈپىتىدە دوزاخنىڭ ئوتىمۇ ئۇلارنى كۆيدۈرىدۇ.
(11) شەكسىزكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا سارايلىرى ۋە دەرەخلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بار. ئۇلار ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ مۇكاپات ھېچنېمە تەڭ كەلمەيدىغان كاتتا مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
(12) ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى پەرۋەردىگارىڭ زالىمغا -مەلۇم مەزگىل مۆھلەت بەرگەن تەقدىردىمۇ- ئۇنى جازالاشقا ئەلۋەتتە كۈچى يېتىدۇ.
(13) شەكسىزكى ئۇ يارىتىش ۋە ئازابنى دەسلەپتىمۇ يوقتىن بار قىلىدۇ ھەم قايتا قىلالايدۇ.
(14) ئۇ بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغان كىشىنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، شەكسىزكى ئۇ تەقۋادار دوستلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ.
(15) ئۇ ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر، ناھايىتى ئۇلۇغدۇر.
(16) ئۇ خالىغان كىشىنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلىش، خالىغان كىشىنى جازالاشتىن ئىبارەت ئۆزى خالىغان ئىشنى قىلغۇچىدۇر، ئۇنى مەجبۇرلىغۇچى يوقتۇر.
(17) ئەي پەيغەمبەر! ساڭا ھەقكە قارشى تۇرۇش ھەمدە باشقىلارنى ئۇنىڭدىن توسۇش ئۈچۈن توپلانغان لەشكەرلەرنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟
(18) يەنى پىرئەۋننىڭ ۋە سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بولغان سەمۇدنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟
(19) بۇلارنىڭ ئىمان ئيېتىشىغا توسالغۇ بولغان نەرسە ئۇلارغا ئىنكارچى ئۈممەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھالاكىتى ھەققىدىكى خەۋەرلەر يېتىپ كەلمىگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلار ھاۋايى - ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىپ پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن نەرسىنى يالغانغا چىقىرىشىدۇ.
(20) ئاللاھ كاپىرلارنىڭ ئەمەللىرىنى تولۇق بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېچنەرسە ئۇنىڭ ئىلمىنىڭ سىرتىدا قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا ئەمەللىرىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
(21) قۇرئان ئىنكارچىلار ئېيتقاندەك شېئىر ياكى قاپىيەلىك سۆز ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۇلۇغ قۇرئاندۇر.
(22) ئۆزگەرتىلىشتىن، بۇرمىلىنىشتىن، كەم - زىيادە قىلىنىشتىن ساقلانغان ئۇلۇغ قۇرئاندۇر.