89 - سۈرە پەجر ()

|

(1) ئاللاھ تائالا تاڭ بىلەن قەسەم قىلدى.

(2) زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى ئون كېچىسى بىلەن قەسەم قىلدى.

(3) جۈپ ۋە تاق نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلدى.

(4) كېلىپ، دۋاملىشىپ، كەتكەن چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەم قىلدى. بۇ قەسەملەرنىڭ جاۋابى: سىلەرگە چوقۇم ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىلىدۇ، دېگەن سۆزدۇر.

(5) يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە ئەقىل ئىگىسىنى قانائەتلەندۈرلەيدىغان قەسەم بارمۇ؟

(6) ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھۇد قەۋمى بولغان ئاد پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلغاندا ئۇلارنى قانداق قىلىۋەتكەنلىكىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟

(7) ئاد بولسا ئۇلارنىڭ بوۋىسى ئۇزۇن بويلۇق ئىرەمگە نىسبەت بېرىلگەن قەبىلىدۇر.

(8) بۇنداق ئادەملەر باشقا شەھەرلەردە يارىتىلىپ باقمىغان ئىدى.

(9) شۇنىڭدەك پەرۋەردىگارىڭنىڭ سالىھ قەۋمى بولغان سەمۇدنى قانداق جازالىغانلىقىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟ ئۇلار تاغلاردىكى قورام تاشلارنى كېسىپ، تاش ئۆيلەرنى ياسايتتى

(10) پەرۋەردىگارىڭنىڭ يەنە كىشىلەرنى قوزۇقلار بىلەن ئازابلايدىغان پىرئەۋننى قانداق جازالىغانلىقىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟

(11) بۇلارنىڭ ھەممىسى زومىگەرلىك ۋە زۇلۇمدا چەكتىن ئېشىپ كەتكەن، ھەممىسى شەھەرلەردە ھەددىدىن ئاشقان ئىدى.

(12) ئۇلار كۇپرى ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى تارقىتىش ئارقىلىق بۇزۇقچىلىقنى كۆپ قىلدى.

(13) شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا قاتتىق ئازابىنى تېتىتىپ، ئۇلارنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋەتتى.

(14) ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى پەرۋەردىگارىڭ ياخشىلىق قىلغانلارنى جەننەت بىلەن مۇكاپاتلاش، يامانلىق قىلغانلارنى دوزاخ بىلەن جازالاش ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ، نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ.

(15) ئىنسان تەبىئىتى شۇنداق: يەنى رەببى ئۇنى سىناپ، ئەزىز قىلىپ، مال - دۇنيا، بالا - چاقا ۋە يۈز - ئابروي ئاتا قىلسا، ئىنسان بۇنى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغانلىق دەپ ئويلاپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن: مەن پەرۋەردىگارىمنىڭ ھۆرمىتىگە لايىق بولغىنىم ئۈچۈن پەۋەردىگارىم مېنى ھۆرمەتلىدى، دەيدۇ.

(16) ناۋادا ئۇنى سىناپ، رىزقىنى تار قىلىپ قويسا، بۇنى پەرۋەردىگارىنىڭ نەزىرىدىكى خارلىق دەپ ئويلاپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن: پەرۋەردىگارىم مېنى خارلىدى، دەيدۇ.

(17) ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ، يەنى ئەمەلىي ئەھۋال بۇ ئىنسان خىيال قىلغاندەك، راھەت - پاراغەتكە ئېرىشىش ئاللاھنىڭ بەندىسىدىن رازى بولغانلىقىنىڭ دەلىلى ئەمەس. بەلكى سىلەر ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن رىزىقنىڭ بىر قىسمىنى يېتىملارغا بەرمەيسىلەر.

(18) بىر - بىرىڭلارنى يېگۈدەك بىر نەرسە تاپالمايدىغان كەمبەغەللەرگە تائام بېرىشكە تەۋسىيە قىلىشمايسىلەر.

(19) بىچارە ئاياللار ۋە يېتىملەرنىڭ ھەقلىرىنى سىلەرگە ھالال بولۇش - بولماسلىقىغا قارىماي ھە دەپ يەيسىلەر.

(20) مال - دۇنيانى تولىمۇ ياخشى كۆرگەنلىكتىن ئاللاھ يولىدا مال چىقىم قىلىشقا بېخىللىق قىلىسىلەر.

(21) بۇنداق قىلىش سىلەرگە راۋا بولمايدۇ. زېمىن ئارقىمۇ-ئارقا قاتتىق تەۋرىتىلگەن چاغدا.

(22) ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ بەندىلىرى ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن كەلگەن، پەرىشتىلەرمۇ سەپ - سەپ بولۇپ تىزىلغان چاغدا.

(23) ئۇ كۈندە جەھەننەم كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭ يەتمىش مىڭ ھالقىسى بار بولۇپ، ھەر بىر ھالقىنى يەتمىش مىڭ پەرىشتە تۇتۇپ، سۆرەپ ماڭىدۇ. ئۇ كۈندە ئىنسان سەلقارىغان ئاللاھنىڭ ھەقلىرىنى ئېسىگە ئالىدۇ. لېكىن ئۇ كۈنكى ئەسلەشنىڭ نېمىگە پايدىسى بولسۇن؟ چۈنكى ئۇ ئەمەل كۈنى ئەمەس، بەلكى دۇنيادا قىلغاننىڭ جازا - مۇكاپاتىنى كۆرىدىغان كۈندۇر.

(24) ئىنسان قاتتىق پۇشايماندىن: كاشكى ھەقىقىي ھايات بولغان ئاخىرەت ھاياتىغا ئەسقاتىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بولسامچۇ؟ دەيدۇ.

(25) ئۇ كۈندە ھېچكىم ئاللاھ ئازابلىغانغا ئوخشاش ئازابلىيالمايدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ ئازابى ئەڭ قاتتىق ۋە داۋاملىقتۇر.

(26) ھېچكىم ئاللاھ كاپىرلارنى باغلىغانغا ئوخشاش زەنجىرلەردە باغلىيالمايدۇ.

(27) مۇئمىنگە جېنى ئېلىنىدىغان چاغدا ۋە قىيامەت كۈنى مۇنداق دېيىلىدۇ: ئەي ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل بىلەن ئارام تاپقۇچى جان!

(28) ئېرىشكەن مول مۇكاپاتلاردىن مەمنۇن بولغان، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭ ئارقىلىق پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا رازىلىققا ئېرىشكەن ھالدا پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقىن.

(29) مېنىڭ ياخشى بەندىلىرىمنىڭ سىپىگە قوشۇلغىن.

(30) ئۇلار بىلەن بىرگە مەن ئۇلارغا تەييارلىغان جەننىتىمگە كىرگىن.