92 - سۈرە لەيل ()

|

(1) ئاللاھ تائالا قاراڭغۇلۇقى ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىنى قاپلىغان چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەم قىلدى.

(2) تاڭ يورۇپ، ئاشكارا بولغان چاغدىكى كۈندۈز بىلەن قەسەم قىلدى.

(3) ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت ئىككى جىنسنى يارىتىشى بىلەن قەسەم قىلدى.

(4) ئەي ئىنسانلار! شەكسىزكى سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلار خىلمۇخىلدۇر. يەنى ئەمەللىرىڭلاردىن ياخشىلىقلارمۇ بار بولۇپ، بۇنداق ئەمەللەر جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەبىدۇر، يامانلىقلارمۇ بار بولۇپ، بۇنداق ئەمەللەر دوزاخقا كىرىشنىڭ سەۋەبىدۇر.

(5) زاكات، نەپىقە ۋە كاپپارەت دېگەندەك بېرىشكە تېگىشلىك بولغان مالنى بەرگەن ھەمدە ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلاردىن ساقلانغان،

(6) شۇنداقلا ئاللاھ ۋەدە قىلغان ساۋاب - مۇكاپاتلارغا ئىشەنگەن ئادەمگە كەلسەك،

(7) بۇ بۇنداق ئادەمگە ياخشى ئەمەللەرنى ۋە ئاللاھ يولىدا مال سەرپ قىلىشنى قولايلاشتۇرۇپ بېرىمىز.

(8) مېلىغا بېخىللىق قىلىپ، بېرىشكە تېگىشلىك مالنىمۇ بەرمىگەن ھەمدە ئۆز مېلى ئارقىلىق ئاللاھتىن ئۆزىنى بىھاجەت ساناپ، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن ھېچنەرسە تىلىمىگەن،

(9) ھەمدە ئاللاھ تائالا ئۆز يولىدا سەرپ قىلىنغان ماللارنىڭ بەدىلىگە بېرىشنى ۋەدە قىلغان ساۋاب - مۇكاپاتلارنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك،

(10) بۇنداق ئادەمگە بىز يامان ئەمەللەرنى قولايلاشتۇرۇپ، ياخشىلىق قىلىشنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىمىز.

(11) بۇ ئادەم ھالاك بولۇپ، دوزاخقا كىرگەن چاغدا ئۇنىڭ بېخىللىق قىلىپ چىڭ تۇتقان مال - مۈلكى ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدۇ.

(12) شەكسىزكى بىزنىڭ ۋەزىپىمىز توغرا يولنى خاتا يولدىن ئېنىق ئايرىپ بېرىشتۇر.

(13) ئاخىرەت ۋە بۇ دۇنيا ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئىلكىمىزدىدۇركى، بىز ئىككىلىسىدە ئۆزىمىز خالىغاننى قىلىمىز. بىزدىن باشقا ھېچكىمنىڭ بۇنداق قىلىش ھوقۇقى يوق.

(14) ئەي ئىنسانلار! ئەگەر ئاللاھقا ئاسىي بولغان بولساڭلار، مەن سىلەرنى لاۋۇلداپ يېنىپ تۇرغان ئوتتىن ئاگاھلاندۇردۇم.

(15) بۇ ئوتنىڭ ھارارىتىنى پەقەت كاپىر بولغان بەدبەخت ئادەملا تېتىيدۇ.

(16) ئۇ پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغان ھەمدە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشتىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدۇر.

(17) ئەڭ تەقۋادار بولغان ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ ئوتتىن يىراق قىلىنىدۇ.

(18) ئۇ گۇناھلاردىن پاكلىنىش ئۈچۈن مېلىنى ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىدۇ.

(19) ئۇ مېلىنى بىراۋنىڭ ئۆزىگە قىلغان ياخشىلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇش يۈزىسىدىن سەرپ قىلمايدۇ.

(20) ئۇ مال سەرپ قىلىش ئارقىلىق پەقەت مەخلۇقاتلىرىدىن يۈكسەك بولغان پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقىنىلا كۆزلەيدۇ.

(21) ئۇ ئاللاھ بەرگەن ئېسىل مۇكاپاتلاردىن چوقۇم مەمنۇن بولىدۇ.