93 - سۈرە زۇھا ()

|

(1) ئاللاھ تائالا كۈندۈزنىڭ ئەۋۋىلى بىلەن قەسەم قىلدى.

(2) قاراڭغۇلۇقى (ئەتراپنى قاپلىغان)، كىشىلەر ھەرىكەتتىن توختىغان چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەم قىلدى.

(3) ئەي پەيغەمبەر! ۋەھىي ئۈزۈلۈپ قالغان ۋاقىتتا مۇشرىكلار ئېيتقاندەك، پەرۋەردىگارىڭ سېنى تاشلىۋەتكىنى يوق، شۇنداقلا سېنى يامان كۆرۈپ قالغىنىمۇ يوق.

(4) ساڭا نىسبەتەن ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن ياخشىدۇر. چۈنكى ئۇنىڭغا ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان مەڭگۈلۈك نېئمەت بار.

(5) ئاللاھ چوقۇم ساڭا ۋە ئۈممىتىڭگە سىلەر مەمنۇن بولغۇدەك دەرىجىدە كۆپ ساۋاب - مۇكاپاتلارنى بېرىدۇ.

(6) ئاللاھ ھەقىقەتەن سېنىڭ دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن يېتىم ئىكەنلىكىڭنى بىلىپ، ساڭا پاناھلىنىدىغان جاي بەردى. يەنى بوۋاڭ ئابدۇلمۇتتەلىب، ئۇنىڭدىن كېيىن تاغاڭ ئەبۇتالىب ساڭا مېھرىبانلىق قىلدى.

(7) سېنىڭ كىتاب نېمە، ئىمان نېمە بىلمەيدىغانلىقىڭنى بىلىپ، ساڭا بىلمىگەننى ئۆگەتتى.

(8) سېنى يوقسۇل بىلىپ، بىھاجەت قىلدى.

(9) شۇڭا كىچىك تۇرۇپ دادىسىدىن ئايرىلىپ قالغان يېتىمگە قاتتىق مۇئامىلە قىلما، ئۇنى خارلىما.

(10) مۇھتاج بوپقالغان سائىلغا قوپاللىق قىلما.

(11) ئاللاھنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىپ، باشقىلارغا سۆزلەپ بەرگىن.