96 - سۈرە ئەلەق ()

|

(1) ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ ساڭا قىلغان ۋەھىينى پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن باشلاپ ئوقۇغىن.

(2) ئۇ ئىنساننى مەنىيلىك ھالىتىدىن كېيىن بىر پارچە ئۇيۇل قاندىن ياراتتى.

(3) ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ ساڭا قىلغان ۋەھىينى ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىك زاتتۇركى، ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا ھېچبىر ئۇلۇغ تەڭ كەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ سېخىيلىقى ۋە ئېھسانى كۆپ زاتتۇر.

(4) ئۇ قەلەم بىلەن خەت يېزىشنى ۋە يېزىقچىلىقنى ئۆگەتتى.

(5) ئىنسانغا ئىلگىرى بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلدۈردى.

(6) دەرۋەقە ئەبۇجەھىل كەبى گۇناھكار ئىنسان ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىكى چەكتىن ئېشىپ كېتىدۇ.

(7) ئۇ يۈز - ئابرويى ۋە مال - مۈلكى بىلەن ئۆزىنى بىھاجەت سانىغانلىقتىن ھەددىدىن ئاشىدۇ.

(8) ئەي ئىنسان! شەكسىزكى قىيامەت كۈنى قايتىپ بارىدىغان جايىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇركى، ئۇ ھەر كىمگە لايىق جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.

(9) سەن (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسقان ئەبۇجەھىلنىڭ ئىشىدىنمۇ غەلىتىرەك بىر ئىشنى كۆردۈڭمۇ؟

(10) بەندىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كەبىنىڭ يېنىدا ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئۇنى توستى.

(11) قېنى ئېيتقىنا؟ چەكلەنگۈچى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن ھىدايەت ۋە پاراسەت ئۈستىدە بولسىچۇ؟

(12) ياكى تەقۋادارلىققا بۇيرۇغان بولسىچۇ؟

(13) قېنى ئېيتقىنا، پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن دىننى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن بۇ توسقۇچى ئاللاھتىن قورقمامدۇ؟

(14) بۇ بەندىنى نامازدىن توسقان ئادەم ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟

(15) ئەمەلىي ئەھۋال بۇ نادان خىيال قىلغاندەك ئەمەس، ئەگەر ئۇ بەندىمىزگە ئەزىيەت بېرىپ، ئۇنى ئىنكار قىلىشتىن توختىمىسا، بىز چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن چىڭ تۇتۇپ جەھەننەمگە سۆرەيمىز.

(16) ئاشۇ كوكۇلا چاچنىڭ ئىگىسى سۆزىدە يالغانچى، ئىشىدا خاتالاشقۇچىدۇر.

(17) ئۇ كوكۇلىسىدىن تۇتۇلغان چاغدا دوزاختىكى ھەمراھلىرىنى ۋە سورۇنداشلىرىنى ئۆزىنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇشى ئۈچۈن ياردەمگە چاقىرىپ باقسۇن.

(18) بىزمۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئاسىيلىق قىلمايدىغان، بۇيرۇلغاننى قىلىدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەرنى چاقىرىمىز. ئىككى تەرەپنىڭ قايسى كۈچلۈكرەك ئىكەنلىكىنى كۆرسۇن.

(19) ئەمەلىي ئەھۋال بۇ زالىم ئويلىغاندەك ئۇنىڭغا ھېچبىر خاپىلىق يەتمەيدىغان ئىش يوق. شۇڭا مەيلى بۇيرۇقتا، مەيلى چەكلىمىدە ئۇنىڭغا بويسۇنما، ئاللاھقا سەجدە قىلغىن، ئۇنىڭغا ئىتائەت بىلەن يېقىنلاشقىن. چۈنكى ئۇنىڭغا ئىتائەت بىلەن يېقىنلاشقىلى بولىدۇ.