(1) يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە مۇشرىكلاردىن بولغان كاپىرلارنىڭ بىرلىكىنىڭ چۇۋۇلۇشىمۇ، كۇپرى ئۈستىدە بىرلىككە كېلىشىمۇ ئۇلارغا ئېنىق پاكىت ۋە روشەن دەلىل كەلگەندىن كېيىن بولدى.
(2) بۇ روشەن دەلىل - پاكىت بولسا ئاللاھ تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى پاكلاردىن باشقىلار تۇتسا بولمايدىغان، پاك سەھىپىلەرنى ئوقۇيدىغان پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن.
(3) ئۇ سەھىپىلەردە راست خەۋەرلەر ۋە ئادىل ھۆكۈملەر بار بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنى پايدىلىق ئىشلارغا ۋە توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ.
(4) تەۋرات بېرىلگەن يەھۇدىيلار بىلەن ئىنجىل بېرىلگەن ناسارالار ئاللاھ تائالا ئۆز پەيغەمبىرىنى ئۇلارغا ئەۋەتكەندىن كېيىن ئىختىلاپلاشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇسۇلمان بولغانلارمۇ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ راستلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ كۇپرىسىدا تېخىمۇ ئەزۋەيلىگەنلەرمۇ بار.
(5) يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ تەرسالىقى ۋە جىنايىتى شۇنىڭدا ئېنىق نامايان بولىدۇكى، ئۇلار بۇ قۇرئاندا پەقەت ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىدىمۇ بۇيرۇلغان يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش، شېرىكتىن يىراق تۇرۇش، ناماز ئوقۇش ۋە زاكات بېرىش قاتارلىق ئەمەللەرگە بۇيرۇلغان ئىدى. ئۇلار بۇيرۇلغان ئىش بولسا قىلچە ئەگرىلىك بولمىغان، توغرىغا يىتەكلەيدىغان دىندۇر.
(6) شەكسىزكى يەھۇدىي، ناسارا ۋە مۇشرىكلاردىن كاپىر بولغانلار قىيامەت كۈنى جەھەننەمگە كىرىدۇ، ئۇلار جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلار ئاللاھقا كاپىر بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى يالغانغا چىقارغانلىقلىرى ئۈچۈن مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ يامىنىدۇر.
(7) شەكسىزكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار، ئەنە شۇلار مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.
(8) ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدىكى مۇكاپاتى سارايلىرى ۋە دەرەخلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بولۇپ، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلار ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، ئىتائەت قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە نائىل بولغانلىقتىن مەمنۇن بولىدۇ. بۇ رەھمەتكە پەقەت پەرۋەردىگارىدىن قورقۇپ، ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنغان ھەمدە چەكلىمىسىدىن يانغان كىشىلا ئېرىشەلەيدۇ.