- The Noble Quran
- قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى تەپەككۇر قىلىش، ئۇنى تىلاۋەت قىلىشنىڭ ئەدەبلىرى ۋە يادلاش
- تەپسىر
- Quran Sciences
- The Noble Quran
- Quran Recitations
- Translation of the Meanings of the Quran
- Distinctive Audio Translations
- Recitations with Translating the Meanings of the Quran
- Distinctive Recitations
- Manners of Quran's Memorization and Memorizers
- Sunnah of Prophet Muhammad
- Islamic Creed
- Tawhid (Monotheism)
- Worship
- Islam
- Imān (Faith)
- Matters of Faith
- Benevolence
- Disbelief (Infidelity)
- Hypocrisy
- Shirk (Polytheism)
- Religious Innovation: Types and Examples
- Companions and Family of Prophet Muhammad
- Tawassul (Solicitation)
- The Concept of the Miraculous Acts Done by Some Righteous People
- Jinn
- Loyalty and Friendship vs Disavowal and Enmity
- Ahl-us-Sunnah wa al-Jama‘ah
- Doctrines and Religions
- Sects
- Attributed Sects to Islam
- Contemporary Ideological Doctrines
- Islamic Jurisprudence
- Acts of Worship
- Purification and its Rulings
- Prayer
- Rulings of Funeral
- Zakah
- Fasting
- Pilgrimage and Umrah
- Friday Sermon
- Prayer of the Sick
- Prayer of the Traveler
- Prayer during Fear
- Transactions
- Oaths and Vows
- Family
- Marriage
- Divorce
- Recommended and Disliked Divorce
- Revocable and Irrevocable Divorce
- Woman’s Waiting Period
- Li‘ān (Husband Swearing His Wife Had Intercourse with Another Man)
- Zihār (Likening One’s Wife to His Mother; To Prevent Her On Himself)
- ilā’ (Swearing Not to Intercourse with One's Wife)
- Wife Seeking Divorce
- Taking back One's Divorced Wife
- Breastfeeding
- Child's Custody
- Alimony
- Clothes and Adornment
- Entertainment
- Muslim Society
- Youth Affairs
- Women Affairs
- Children Affairs
- Medicine and Treatment and Islamic Faith-Healing
- Foods and Drinks
- Islamic Criminal Law
- Judiciary System in Islam
- Jihad
- Fiqh of Contemporary Issues
- Fiqh of Minorities
- Islamic Policy
- Schools of Islamic Jurisprudence
- Fatāwa (Fatwas)
- Fundamentals of Islamic Jurisprudence
- Books on Islamic Jurisprudence
- Acts of Worship
- Virtues/Noble Characteristics
- Arabic Language
- Calling to Allah's Religion
- Issues That Muslims Need to Know
- Softening Hearts Reminders
- Promotion of Virtue and Prevention of Vice
- Current State of Calling to Allah's Religion
- The Noble Quran
Virtues/Noble Characteristics
بۆلۇم سانى: 76
- باش بەت
- بەت تىلى : ئۇيغۇرچە
- تىل تۈرى : بارلىق تىللار
- Virtues/Noble Characteristics
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
ئاپتور ماقالىسىدا مۇسۇلمان قىز-خانىملارنىڭ ئائىلىدىكى رولى، ئىبادەت مەۋسۇملىرىدىكى ئەھمىيىتى، ئېرى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ روزا، تەھەججۈد نامازلىرىنى خاتىرجەم ئادا قىلىشى ئۈچۈن قانداق ياردەمدە بولىدىغانلىقى، ئاللاھقا بوي سۇنۇش، ئېرىگە ئىتائەت قىلىش، ئۇرۇق-تۇغقانچىلىقنى يەتكۈزۇش، كەمبەغەل-يوقسۇللارغا ھېسداشلىق قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا قانداق قىلغاندا ئائىلىسىدە چاقنىغان يۇلتۇز بولۇپ ئاللاھ رازىلىقىنى قازىنىشتا ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالايدىغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى مۇھەممەد قاسىم تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ12/9/1429 ھـ / 2008-يىلى09-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى قاسىم سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا رامىزان ئېيى ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئىشىكى ئىكەنلىكى، تائەت-ئىبادەت ۋە گۇناھ-مەسىيەت تۈرلۈك بولغاندەك ساۋاپ ۋە جازالارمۇ تۈرلۈك بولىدىغانلىقى، رامزاندا قىلىنغان ئىبادەتنىڭ پەزىلىتى، تەراۋىھ نامىزى، زاكات ۋە سەدىقە پىتىرنىڭ ئەھمىيىتى، ياخشى ئەمەللەرگە رىغبەتلەندۈرۈپ رىياكارلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇپ رامزان ياخشىلىقنىڭ ئېيى ئىكەنلىكى توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : ئابدۇللاھ ئىبنى ئەھمەد ئال ئەللاپ ئەلغامىدى تەرجىمە قىلغۇچى : ئوبۇلقاسىم ئەھمەدىي تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
ئاپتور بۇ ماقالىسىدا روزىنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە يولغا قويۇلىشى، روزىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى ۋە ئەھمىيىتى، تەراۋىھ نامىزىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئەھمىيىتى، روزىدارنى ئىپتارلاتقاننىڭ ساۋابى،قەدىر كېچىسى ۋە پىتىر سەدىقىسىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئەھمىيىتى، روزىنىڭ تۈرلىرى قاتارلىق مۇسۇلماننىڭ بېلىشى زۆرۈر بولغان رامىزان ۋە روزا تۇتقۇچىغا ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەر تەپسىلى چۇشەندۇرۇلىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 5/9/1429 ھـ / 2008-يىلى 09-ئاينىڭ 05-كۈنىدىكى جۇمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەين ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.بۇ خۇتبىدا رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى، روزىنىڭ ماھىيىتى، روزىدارنىڭ ئاللاھ نەزىرىدىكى ئورنى، بۇ مۇبارەك ئايدىن قانداق پايدىلىنىش كېرەكلىكى، قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى قاتارلىق رامىزان ۋە روزىغا ئائىت مۇھىم مەسىلىلەر ئۇستىدە توختالغان.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلبارى سۇبەيتى تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 28/8/1429ھ 2008-يىلى 08-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلبارى سۇبەيتى سۆزلىگەن.بۇ خۇتبىدا رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى، رامىزان ئېيى كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ساپلىققا قايتۇرىدىغان، نەپسىنى نۇرلاندۇرىدىغان، كۆڭلىنى پاكلايدىغان بىر مەكتەپ بولۇپ كىشىلەر قەلبىگە ئاق كۆڭۈللۈك ۋە ياخشىلىق ئۇرىغىنى چاچىدىغانلىقى، بۇ ئايدا تەلەپ قىلىنىدىغان ئەڭ چوڭ ئىش قەلبنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق تەقۋادارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ ئۇسامە ئىبنى ئابدۇللاھ خەييات تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 28/8/1429ھـ 2008-يىلى08-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئۇسامە ئىبنى ئابدۇللاھ خەييات سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا رامزاننىڭ پەزىلىتى، بۇ ئايدا ئىنسانلارنىڭ روزىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى، ئاللاھقا تائەت-ئىبادەتنى قىزغىنلىق بىلەن قىلىش، گۇناھ-مەسىيەتتىن يىراق بولۇش، رامىزان ئېيىنى ئۈلگە قىلىپ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ياخشى ئىشلارنى داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە چۈشەنچە بېرىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم شۇرەيم تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 7/8/1429ھـ 2008-يىلى 08-ئاينىڭ 08-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم ئەششۇرەيم سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا، بەزى ئىنسانلارنىڭ ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ئىشلارنى بۇزۇپ قويىدىغانلىقى، بەزىلەرنىڭ بولسا سەبىر ۋە ئېغىرلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ بوران-چاپقۇنلارنى يېڭىپ چىقىدىغانلىقى، ئالدىراقسانلىق ھەسرەت-نادامەتنى كەلتۈرسە، ئېغىر بېسىقلىق بولسا ئىنساننى مۈشكۈلات ۋە كىرىزىسلار ئالدىدىمۇ باش ئەگمەستىن تەمكىنلىك بىلەن ئىشلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ ئۇسامە ئىبنى ئابدۇللاھ خەييات تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 1/7/1429ھـ 2008-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئۇسامە ئىبنى ئابدۇللاھ خەييات سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىدا مۇستەھكەم بولىشى، باتىل ئەقىدە ۋە بۇزۇق پىكىرلەردىن ساقلىنىشى ئۈچۈن، قۇرئان كەرىم ۋەسىيەتلىرىگە ئەمەل قىلىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەگىشىشتىن ئىبارەت ساغلام يولنى تاللىشى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنىڭ ئاساسلىق ئامىلى ئىكەنلىكى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلبارى سۇبەيتى تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 1429/6/9ھـ /2008- يىلى6-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى جۇمە خۇتبىسى بولۇپ، بۇ خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلبارى سۇبەيتى سۆزلىگەن.بۇ خۇتبىدا ئاللاھنى زىكىر قىلىشنىڭ ئەڭ بۈيۈك ۋە مەنپەئەتلىك ئىبادەت ،ئۇنى تەرك ئىتىش مۇسۇلمان ئۈچۈن ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەنلىكى، مۆمىننىڭ ھەر ۋاقىت- ھەر زامان ئاللاھنى ئىسىدىن چىقارماسلىقىنىڭ مۇھىملىقى،كىمىكى ئاخىرقى نەپىسىدە« لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ» دىگەن مۇبارەك سۆزنى قىلىشقا مۇيەسسەر قىلىنسا ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىدىن دىرەك بىرىدىغانلىقى قاتارلىق زىكىرگە دائىر مەسىلىلەر توغرىسىدا چۇشەنچە بىرىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : نىزامىددىن تەمكىنى يازغۇچى : ئالىمجان داموللا تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
«غەيۋەت-شىكايەت ۋە ئۇنىڭ زىيىنى توغرىسىدا» ناملىق بۇ ماقالىدا، غەيۋەتنىڭ زىيىنى، جەمىيەتكە بولغان سەلبىي تەسىرى، ئۇنىڭ بۈيۈك گۇناھلاردىن ئىكەنلىكى، مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقىدىن ئەمەسلىكى، غەيۋەتخور دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە تېگىشلىك جازاسىنى تارتىدىغانلىقى توغرىسىدا قۇرئان ھەدىسكە تايانغان ھالدا بايان قىلىپ بېرىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
«رامىزاننىڭ شاراپىتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشتىكى 10 تەۋسىيە » ناملىق بۇ ماقالىدا،رامىزان ئېيى ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش، يامان ئادەتلەرنى تاشلاش، ئېسىل پەزىلەتلەرنى، گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆزىدە يەرلەشتۈرۈش، ئىستىقامەتتە مۇستەھكەم بولۇش ۋە ئىماننى يېڭىلاش پۇرسىتى ئىكەنلىكى، رامىزان ئېيىدىكى روزا تەربىيە خاراكتېرلىك ئىبادەت بولۇپ، بۇ روزىدىن مەقسەت ئەتىگەندىن كەچكىچە قورساقنى ئاچ قويۇپ بېھۈدە قىينىلىش ئەمەس، بەلكى نەپسىنىڭ ئىستەكلىرىنى كونترول قىلىشنى ۋە سەبىرچانلىقنى ئۆگىنىش، چىدام ۋە ئىرادىنى تىكلەشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
«رامىزاندىكى پەزىلەتلىك ۋاقىتلار»ناملىق بۇ ماقالىدا، رامىزان ئېيىدىن ئىبارەت بۇ ئۈلۈغ ئايدا قۇرئاننىڭ نازىل بولغانلىقى،ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلىنغان ئىبادەتكە ھەسسىلەپ ئەجىر بىرىدىغانلىقى، تەرەۋىھ نامىزىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭغا ئائىت بەزى ئەھكاملار،ئاخىرقى ئونىنىڭ پەزىلىتى،قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ ئىسلام ئەھلىگە بىرىلگەن بۈيۈك نىمەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«روزا تۇتقۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاق ۋە چۇشەنچە» ناملىق بۇ ماقالىدا، رامىزان ئېيىدا گۇناھ – مەئسىيەتتىن، چەكلەنگەن گەپ- سۆزدىن، ھارامغا قاراشتىن، ھارام قىلىنغان يەرگە قاراشتىن، ھارام قىلىنغان نەرسىنى ئاڭلاشتىن، ھارام يېيىش، ھارام ئىچىشتىن ساقلىنىش ئارقىلىق جەھەننەم ئازابىدىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشىشىمىز لازىملىقى، بىر ئاي روزا تۇتۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭدىن قازانغان روھانى كۈچنى داۋاملىق ساقلاپ قىلىشىمىزنىڭ مۇھىملىقى،رامىزاننىڭ ئەدەب- ئەخلاقلىرىغا رىئايە قىلىشىمىز كېرەكلىكى...قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا چۇشەنچە بىرىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : خالىد ئىبنى ئابدۇراھمان دۇۋەيش تەرجىمە قىلغۇچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«مۇبارەك رامىزان ئېيىنى قانداق قارشى ئالىمىز؟» ناملىق بۇ ماقالىدا، ئۆزىنى مۇسۇلمان ساناپ يۈرگەن ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ رامىزاندىن ئىبارەت، بۇ ئىبادەت مەۋسۇمىنى قولدىن بەرمەسلىكى، ئىبادەتكە، خەير ـ ساخاۋەتكە ھېرىسمەن بولۇشى، ھەر قانداق بىر سالىھ ئەمەل بولسا باشلامچىلىق بىلەن گويا مۇسابىقىگە چۈشكەندەك بەسلىشىپ تۇرۇپ ئادا قىلىشقا تىرىشىشى لازىملىقى توغرىسىدا چۇشەنچە بىرىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«رامىزاننى قانداق قارشى ئېلىش توغرىسىدا تەكلىپ ۋە لايىھەلەر» ناملىق بۇ ماقالىدا، قانداق قىلغاندا روھانىيىتىمىزنى تەربىيەلەيمىز؟ رامىزاندا ئائىلىدە ئىلىپ بىرىلىدىغان تەربىيە خاراكتىرلىق پائالىيەتلەر، مەسجىدلەرنىڭ رامىزاندىكى رولى...قاتارلىق بىر قىسىم مۇھىم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«كېمىكى ئاللاھ يۇلىدا بىر نەرسىدىن ۋاز كەچسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشىسىنى تولۇقلاپ بىرىدۇ» ناملىق بۇ ماقالىدا ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن دىندا چەكلەنگەن ئىشلاردىن ئاللاھ رىزالىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنىڭدىن قول ئۇزسە ئاللاھ ئۇنىڭ بارلىق مۇشەققەتلىرىنى ئاسانلاشتۇرىدىغانلىقى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سائادەتكە ئىرىشىدىغانلىقىنى 20 نۈقتىغا يىغىنچاقلاپ بايان قىلىدۇ.