كاتوگۇرىيە تۈرى

معلومات المواد باللغة العربية

Introducing Islam to Muslims

بۆلۇم سانى: 119

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    ئاپتور : ئەبۇلمۇنزىر خەلىل ئىبراھىم ئەمىن تەرجىمە قىلغۇچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيى»بۇ كىتاپ ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆي ياسىشىغا دائىر قۇرئاندىكى ئىلمى مۆجىزىلەرنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.ئاللاھ تائالانىڭ ئۆمۈچۈكنى مىسالغا ئېلىشى، ئۆزىدىن باشقا تاش،ھايۋانات،ئۆسۈملۈك،ئۆلگەن ۋە ھايات ئىنسانلارغا ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىشىنى ئۈمۈت قىلغان ئاساستا چوقۇنغۇچى ئىنسانلارغا قارىتا كەلتۇرگەن بەدىئى ئوخشۇتۇش ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى ئىلمىي ئاساستا ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ ۋەھدانىيىتىگە چاقىرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    ئاپتور : مۇرشىدە ئۇيسال خانىم تەرجىمە قىلغۇچى : ئا.مەجىد تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «دىنىمنى ئۆگۇنىمەن» ناملىق بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ ئەسەر سۇرەتلىك كىتاپ بولۇپ، بالىلار تىلى بىلەن ياش ئوسمۇرلەرنىڭ دىنى ۋە ئەخلاقى چۇشەنچىسىنى يىتەكلەشتە تۈرتكۈلۇك رول ئوينىغۇسى.بۇ كىتاپ 2 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ،1-قىسمىدا، ئىماننىڭ ئاساسلىرى ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدا تەپسىلى ۋە قىزىقارلىق ھىكايىلەر، سوئال-جاۋاپ ئۇسلۇبى بىلەن ئوسمۇرلەر چۇشەنچىسىگە ماس ھالدا بايان قىلىنىدۇ.2- قىسمىدا، ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئوسمۇرلەرگە تەلىم بىرىش مۇھىم دەپ قارالغان دىنى ئەھكاملارنى سوئال-جاۋاپ شەكلىدە ۋە قىزىقارلىق بالىلار ھىكايىلىرى بىلەن تەپسىلى چۇشەنچە بىرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    ZIP

    «ئىسلامنىڭ شەرتلىرى» ناملىق بۇ رىسالىدە، ئىنساننىڭ، ئاللاھ تائالانى توغرا رەۋىشتە تونۇشى،دىننىڭ ھەقىقى ماھېيىتىنى بىلىشى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئۇ زاتنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىشى، " لائىلاھە ئىللەللاھ" كەلىمىسىنىڭ شەرتلىرى ۋە ئۇنىڭغا زېت كىلىدىغان ئامىللار، ئىنساننى دىندىن چىقىرىپ تاشلايدىغان ئەقىدىگە ئائىت مۇھىم مەسىلىلەر ...قاتارلىقلارنى قۇرئان ۋە ساغلام ھەدىسگە ئاساسلانغان ھالدا بايان قىلىپ بىرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    «دۇئانىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا» ناملىق بۇ ماقالىدا دۇئانىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدا نەقەدەر مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكى، دۇئا ئېجابەت بولۇشنىڭ شەرتلىرى ۋە ئۇنىڭغا زېت ئامىللار، دۇئانىڭ ئىنسان ھاياتىغا بولىدىغان تەسىرى ۋە ئۇنىڭ ئېجابەت بولىدىغان ئەڭ مۇناسىپ ۋاقىتلار ...قاتارلىق مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە ھەدىس بىلەن ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    ئاپتور : قارچۇغا تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «بىدئەتكە قارشى تۇرۇپ سۈننەتنى قوغدايلى» ناملىق بۇ ئەسەردە، كەڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ئومۇملىشىپ كەتكەن، دىن بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان، ئىبادەت ۋەياكى ساۋاپ بولىدۇ دېگەن ئۇقۇم بىلەن، جەمئىيىتىمىزدە بۇگۇنكى قەدەر داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان بەزى بىر مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق ئانالىز قىلىش بىلەن بىرگە، جەمئىيەتتىكى بەزى بىر ناشايان ئىشلارغا شەرىئەتنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىغىمۇ يەر بېرىلگەن. ئىسلامدا سۈننەتنىڭ ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئەھمېيىتى قاتارلىقلارنى قۇرئان ۋە ساغلام ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ بايان قىلىپ بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    يازغۇچى : ئا.قاراقاش تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «تەۋھىدنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ قىسىملىرى» ناملىق بۇ ماقالىدا، ئاللاھ تائالانى بىر دەپ تونۇش ۋە ئۇنى تەربىيەتچىلىكتە، ئىسىم ـ سۈپەتتە يىگانە دەپ ئېتىقاد قىلىش، سۆز ياكى ھەرىكەتتە بولسۇن ئىبادەت قىلىشقا لايىق بىردىن بىر زات ئاللاھ دەپ بىلىش قاتارلىقلار ئىسلامنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرى ئىكەنلىكى، بۇنىڭدىن ئىسلامنىڭ بارلىق نىزاملىرى، ھۆكۈملىرى، بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىنىڭ بىخلىنىپ چىقىدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    يازغۇچى : ت.شەھىدى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «ساغلام ئەقىدە ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى» ھايات بىر دېڭىز، ئىنسان ئۇ دېڭىزدا كېمىدە يولغا چىققان بىر سەيياھ، دىنى ئېتىقاد ئۇ كېمىنىڭ كاپىتانى. كاپىتانسىز كېمىنىڭ مەنزىلگە يېتىپ بېرىشى ئىمكانسىز بولغىنىدەك، دىنى ئېتىقادسىز ئادەممۇ ئۆمۈر مەنزىلىگە يېتىپ بارالمايدۇ. ئۇنداق بولغاندا دىنىي ئېتىقاد ئىنساننىڭ زۆرۈر ئېھتىياجى ۋە ئايرىلالماس ھايات قوماندانى.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جانلىق ۋە جانسىز ھەر قانداق نەرسە بىر ئىلاھى قانۇن بىلەن ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلماقتا ئىكەنۇ.. ، بۇ ئىنساننىڭ كۆزى ۋە ئەقلى خۇددى غۇۋا پەردىلەر بىلەن توسۇلۇپ قالغاندەك بۇ ھەقىقەتلەرگە كۆز يۇمغان ۋە ئۇنىڭغا خىلاپ چۈشەنچىدە بولۇش بىلەن بىرگە كۇپۇرنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا ئەتراپنى تىمىسقىلاپ يۇرمەكتە.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    يازغۇچى : ئا. مۇھەممەد ئەلى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «ئىخلاس- ساداقەت رەمزىدۇر» ناملىق بۇ ماقالىدە، مۇسۇلمان ھاياتىدا ئىخلاسنىڭ نەقەدەر مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى، بەلگىلەنگەن ئىبادەت ۋە ھەر قانداق بىر ياخشى ئىشلاردا ھېچقانداق بىر مەنپەئەت ياكى پايدىنى كۆزلىمەستىن، پەقەت ئاللاھ تائالا رازىلىقىنى مەقسەت قىلىش ئىخلاسنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    «نېمە ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىزىڭ ھاياتىنى ئۇگۇنىشىمىز كېرەك؟» ناملىق بۇ ماقالىدا، پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھاياتى پۈتۈن ئىنسانىيەت ھاياتىنىڭ ئۈلگىلىك ئوبرازى، ئىسلام دىنى ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ جانلىق تەرجىمىسى، كىشىلەرگە ئىسلامنىڭ داغدام يولىنى كۆرىسىتىپ بېرىدىغان نۇرلۇق چىراق ئىكەنلىكى ۋە ئۇ زاتنى تونۇشنى پەرز قىلىدىغا بىر نەچچە مەسىلە ئۇستىدە ئەتراپلىق چۇشەنچە بىرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    ياخشىلارنىڭ باغچىسى ناملىق بۇ كىتاپ ھەدىسشۇناس ئىمام مۇھيىددىن ئىبنى شەرەپىددىن نەۋەۋىنىڭ ئۈلۈغ خىزمەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ كىتاپ ئۆزىنىڭ ئاممىباپلىقى بىلەن كىشىلىك جەمىيەت، ئىجتىمائى تۇرمۇش، ئىبادەت قاتارلىق ئىنسان ھاياتىدا بىلىشگە تېگىشلىك بولغان مۇھىم مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كىتاپ ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى رىياسەتچىلىكى ئاستىدا بىر گورۇپ دىنى زىيالىلار تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى.

  • ئۇيغۇرچە

    يازغۇچى : دوكتۇر مانىئ ئىبنى ھەماد جۇھەنى تەرجىمە قىلغۇچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    سوپىزىم ھەققىددىكى بۇ ماقالە كەڭ ئۆقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ئۇزاقتىن بىرى زېھنىدە يىشىلمەي كىلىۋاتقان، تەسەۋۋۇپ ئەھلى قانداق كىشىلەر؟ ئۇلارنىڭ تەرىقىتى ئىسلام پائالىيەتلىرىدىنمۇ، ئەمەس؟ ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە ئۇلارغا قانداق قارايدۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللار بولۇپ، بۇ ئىلمى ماقالىنى ئۆقۇپ چىققاندىن كېيىن سوپىزىم يولىنىڭ قانداق پرىنسىپ ئىكەنلىكىگە ئۆزىڭىز باھا بىرىڭ!.

  • ئۇيغۇرچە

    يازغۇچى : دوكتۇر مانىئ ئىبنى ھەماد جۇھەنى تەرجىمە قىلغۇچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىسى ۋە پىرىنسىپلىرى ناملىق بۇ ماقالە دۇنيا ئىسلام ياشلىرى بىرلىگى تەرىپىدىن ھازىرلىنىپ نەشىرگە سۇنۇلغان «دىن، مەزھەب ۋە پىكىر ئېقىملىرى قىسقىچە ئېنسىكلوپېدىيىسى» ناملىق كىتابتىن ئەينەن تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە ئەقىدىسى نېمىلەرنى ئاساس قىلىدىغانلىقى، نېمىلەرگە تايىنىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئوقۇرمەنلەرگە ئەتراپلىق يورىتىپ بىرىدۇ... قېنى مەرھەمەت!

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    تەرجىمە قىلغۇچى : مۇھەممەد سالىھ قاراجىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «قۇرئان كەرىمنىڭ ئۈيغۇرچە تەرجىمىسى» بۇ تەرجىمە ئۇيغۇر خەلقى بىلەن تۈنجى يۇز كۆرۇشكەن قۇرئان كەرىمنىڭ تولۇق تەرجىمىسى بولۇپ ھەر ساھەدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە قۇرئان ئىلىملىرىغا بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلمەكتە.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    هه ج پاتالیتی

  • ئۇيغۇرچە
  • ئۇيغۇرچە

    MP4

    تاھارەتنى بۇزىدىغان ئامىللار

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    پەزىلەتلىك شەيخ د. ھەيسەم سەرھان تەييارلىغان ئۇيغۇر تېلىدىكى"بەختلىك ھاياتنىڭ ۋاستىلىرى" ناملىق كىتاپچىدا ئەللامە سەئدى رەھىمە ھۇللاھنىڭ"بەختلىك ھاياتنىڭ ۋاستىلىرى"ناملىق رىسالىسى قىسقارتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەقىقى بەخت-سائادەتكە ئىلىپ بارىدىغان سەۋەپلەر، ئۇنىڭ ۋاستىلىرى، يوللىرى ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشىشنىڭ سەۋەپلىرى قۇرئان ھەدىستىن ئىلىنغان شەرئى دەلىللەر بويىنچە روشەن بايان قىلىنغان.ئاپتۇر بۇنى قىسقا نۇقتىلار شەكىلدە رەتلەپ، چىرايلىق شەكىلدە بايان قىلغان.

  • ئۇيغۇرچە

    MP4

    تۆت مەسىلە

  • ئۇيغۇرچە

    MP4

    قەبىردە سورىلدىغان بىرىنچى سۇئال