كاتوگۇرىيە تۈرى

معلومات المواد باللغة العربية

Islamic Jurisprudence

بۆلۇم سانى: 89

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    «روزا ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە»ناملىق بۇ ماقالىدا، روزىنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى، روزىنىڭ كىملەرگە پەرز بولىدىغانلىقى، روزا تۇتۇشنىڭ شەرتلىرى، روزىنىڭ پەرز ۋە سۈننەتلىرى، روزىنى بۇزىدىغان ئامىللار، روزىدىكى مۇستەھەب ئەمەللەر قاتارلىقلار ھەققىدە قۇرئان، ھەدىس ۋە مەشھۇر ئولىمالارنىڭ كۆز قاراشلىرى بىلەن تەپسىلى چۇشەنچە بىرىدۇ

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    يازغۇچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «روزا تۇتقۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاق ۋە چۇشەنچە» ناملىق بۇ ماقالىدا، رامىزان ئېيىدا گۇناھ – مەئسىيەتتىن، چەكلەنگەن گەپ- سۆزدىن، ھارامغا قاراشتىن، ھارام قىلىنغان يەرگە قاراشتىن، ھارام قىلىنغان نەرسىنى ئاڭلاشتىن، ھارام يېيىش، ھارام ئىچىشتىن ساقلىنىش ئارقىلىق جەھەننەم ئازابىدىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشىشىمىز لازىملىقى، بىر ئاي روزا تۇتۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭدىن قازانغان روھانى كۈچنى داۋاملىق ساقلاپ قىلىشىمىزنىڭ مۇھىملىقى،رامىزاننىڭ ئەدەب- ئەخلاقلىرىغا رىئايە قىلىشىمىز كېرەكلىكى...قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا چۇشەنچە بىرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    يازغۇچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «روزا ھەققىدە دەسلەپكى چۇشەنچە» ناملىق بۇ ماقالە، روزا تۇتقۇچىلارنىڭ ئالدىن بىلىشى زورۇر دەپ قارالغان، روزىغا ئائىت بەزى مەسىلىلەر، روزىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى، روزىدىن مەقسەت نېمە ئىكەنلىكى، رۇزىنىڭ تەرىپى، رۇزىنىڭ پەزىلىتى ...قاتارلىق مەسىلىلەرنى رامىزاننىڭ كېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن كەڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھۆزۇرىغا سۇنۇلدى.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    يازغۇچى : ئىسلام جان ئۇيغۇرى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «ئىسلام ۋە كەمبەغەللىك»ناملىق بۇ ماقالىدا، ئىسلام دىنىنىڭ بىكار تەلەپلىكنى ياقتۇرمايدىغانلىقى، خىزمەت قىلىشقا ۋە دۇنيانىڭ ھەر تەرەپلىرىدىن رىزىق ئىزدەشكە قىزىقتۇرىدىغانلىقى، رىزىق ئۈچۈن جاھان كەزگەنلىكنى-نىيەت توغرا بولسا، ئامانەتكە رىئايە قىلىنسا، ئىبادەت ۋە جىھاد دەپ قارايدىغانلىقى، زاكات ۋە ئىقتىسادلىق كىشىلەرنىڭ يوقسۇللۇقنى تۇگۇتۇشتىكى رولى قاتارلىقلارنى ئىسلامى كۆز قاراشنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ تەپسىلى بايان قىلىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    يازغۇچى : ئا.قاراقاش تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭ ئاقىۋىتى» ناملىق بۇ ماقالىدا، نامازنى تەرك قىلغۇچى قىيامەت كۈنىدە فىرئەۋن ۋە ھامانلار بىلەن ھەشر قىلىنىدىغانلىقى. نامازنى تەرك قىلغۇچى پەيغەمبىرىمىزنىڭ شاپائىتىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقى. ئاللاھ پەيغەمبىرىمىزگە ئاتا قىلغان ھەۋزى كەۋسەردىن سۇ ئىچەلمەيدىغانلىقى، ؛كىمكى نامازنى تولۇۇق ئادا قىلسا، قىيامەت كۈنىدە نامىزى نۇر ۋە ھۆججەت بولۇپ نىجاتلىققا ئىرىشىدىغانلىقى توغرىسىدا قۇرئان سۇننەتكە ئاساسلىنىپ بايان قىلىدۇ .

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    يازغۇچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «ئىسلامدا ئاياللارنىڭ ئورنى» بۇ ماقالىدا ئاياللار ھاياتتا ئىززەت- ئىكرامغا ئىرىشىش ئۈچۈن ئەسلىيىتىگە قايتىشى لازىملىقى. بىراق، دىن دۈشمەنلىرى دائىم ئىلىمنى يالىڭاچلىقتىن، مەدەنىيەتنى ئۆزلۈكتىن تېنىشتىن ئايرىغىلى يول قويمايدىغانلىقى، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى خۇنۇكلەشتۈرۇش ئۈچۈن ھەر دائىم بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى باغلاشقا تۈرلۈك ۋاستىلارنى قوللىنىدىغانلىقى جانلىق مىساللار بىلەن ئەكىس ئەتتۇرۇپ بىرىلگەن.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    يازغۇچى : ئا. مۇھەممەد ئەلى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    ئىستىخارە ئىسلام ئەقىدىسى بىلەن زىچ باغلانغان بىر ئىبادەتتۇر. ئىنسان بولسا جانابى ئاللاھ ياراتقان ئاجىز بىر مەخلۇق، غەيبنى بىلەلمەيدۇ، قايسى ئىشتا خەيرلىك، قايسى ئىشتا زىيان بارلىقىنىمۇ ئايرىيالمايدۇ، بۇنىڭدىن قارىغاندا ئىستىخارە سېلىشنى كۆرسىتىپ بېرىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالا بىر تەرەپتىن بەندىلىرىنى ئۆزىگە يېلىنىشنى ئۈگەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنى تېخىمۇ خەيرلىك يوللارغا مۇيەسسەر قىلىش پۇرسىتىنى بەرگەنلىكتىن ئېبارەتتۇر.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    ئۇيغۇر ئىسلام قىزى سىڭىلچىقىمغا، ناملىق بۇ ماقالىدە، ئۇيغۇر قىز-خانىملىرى ئارىسىدا كۆرۈلۈۋاتقان دىنى ۋە مىللى ئۆرپ-ئادەتكە زىت كىلىدىغان بەزى ئەھۋاللار، خۇسۇسەن كىشىلىك جەمىيەتتىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش...قاتارلىقلار قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ئەكىس ئەتتۇرۇپ بىرىلگەن.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    ئاپتور ئەسىرىدە ئۇيغۇر توربەتچىلىكىدە يۈز بىرىۋاتقان دىنى ئېتىقاد، مىللى غۇرۇر، ئىنسانىي ئەخلاققا زىت بەزى بىر ئەھۋاللارنى ئىچىپ بېرىش بىلەن بىرگە، توربېكەت ساھىبلىرى ئۇستىدىكى دىنى ۋە مىللى بۈرچلىرىنى ئېسىگە سالىدۇ. ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى دىنى زىيالىيلارنىڭ ئاللاھتىن قورقۇپ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن خىزمەت قىلىشى ۋە ئۆز-ئارا ھەمكارلىق تۇرغۇزۇش ئارقىلىق مىللىتىمىزنىڭ دىنى بىلىملەرگە بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ جىددى تەقەززاسى ئىكەنلىكىنى قۇرئان ۋە ھەدىس نۇرى ئاستىدا ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.