كاتوگۇرىيە تۈرى

معلومات المواد باللغة العربية

ماقالىلار

بۆلۇم سانى: 300

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    يازغۇچى : مېركامىلجان قەشقەرى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «قۇربان ھېيتى بىزدىن زادى قانداق روھنى تەلەپ قىلىدۇ؟» بۇ ماقالىدا، قۇربان ھېيتىنىڭ ھەقىقى ماھىيتى، نېمە ئۈچۈن ھېيت قىلىدىغانلىقىمىز، قۇربان ھېيتنىڭ ئۆرپ-ئادەت خاراكتىرگە ئىگە بايرام بولماستىن، بەلكى ئىسلام دىنىدا رەسمى يولغا قويۇلغان دىنى تۈس ئالغان بايرام ئېكەنلىكى ...قاتارلىقلارنى قۇرئان ھەدىستىن دەلىللەپ چۈشەندۇرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    يازغۇچى : جۇندۇللاھ ئۇيغۇرى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «ھىجابىڭىز نەگە كەتتى؟»ناملىق بۇ ماقالە ئاچا-سىڭىللىرىمىزغا قارىتىلغان بولۇپ، ھىجابنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ھېكمەت،ھىجابنىڭ شەرتلىرى ۋە ئۇنىڭ جەمىيەتنى ئىسلاھ قىلىشتىكى رولى، ھىجابتىكى ئىمانى روھ ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى،ھىجاب قىلىشنى كىم بۇيرىغانلىقى قاتارلىقلارنى قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ساغلام ھەدىسلەر بىلەن ئۇيغۇر ئاچا-سىڭىللىرىمىزگە چۇشەندۇرۇپ بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    «نېمە ئۈچۈن مەسئۇلىيەتتىن قاچىمىز؟ »ناملىق بۇ ماقالىدا بىز ئۇيغۇر مىللىتىدىكى تارىخى خاراكتىرلىق بەزى ئېللەتلەرنىڭ مەۋجۈتلىقىنى ئېچىپ بىرىش بىلەن بىرگە، ساقلىنىپ كىلىۋاتقان بەزى بىر ئارتۇقچىلىقلار نىڭ سىلىشتۇرمىسى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر جەمىيىتىدە يۇز بىرىۋاتقان بەزى بىر رېئاللىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بېرگە ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ ئۆزىنى بىر تەكشۇرۇپ چېقىشىنىڭ زۈرۈر ئېكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    يازغۇچى : ئىسلام جان ئۇيغۇرى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «قۇربان ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش ئۇسۇلى» بۇ ماقالىدا قۇربان ھېيت نامىزىنىڭ ئۆقۇلۇش ئۇسۇلىنى ھەنەپىي مەزھەبىگە كۆرە قۇرئان ھەدىسگە ئۈيغۇن ھالدا تەپسىلى چۈشەندۇرۇپ بېرىدۇ. قۇربان ھېيت بايرىمىنىڭ يېقىنلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ ماقالىنى بېكىتىمىزدە ئېلان قىلدۇق.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    يازغۇچى : شەيخ ئەمىن ھاجى مۇھەممەد تەرجىمە قىلغۇچى : ئىسلام جان ئۇيغۇرى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «قۇربان ھېيتى»ناملىق بۇ ماقالىدا ئاپتۇر سۆزىنى تۆۋەندىكىدەك باشلايدۇ: مۇسۇلمان قېرىندىشىم! شۇ نەرسىنى ئېنىق بىلىڭكى، مۆمىنلەر ئۈچۈن دۇنيادا پەقەتلا ئۈچ ھېيىت بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى ھەر ھەپتىدە تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان جۈمە كۈنى، قالغان ئىككىسى يىلدا بىر قېتىمدىن كېلىدىغان رۇزا ۋە قۇربان ھېيتلىرىدىن ئىبارەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەن چاغدا ئۇلارنىڭ ئوينايدىغان ئىككى كۈنى بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىپ،  "ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئىككى كۈنىڭلارنى ئۇنىڭدىنمۇ خەيرلىك بولغان رۇزا ۋە قۇربان ھېيتىدىن ئىبارەت ئىككى كۈنگە تېگىشتۈرۈپ بەردى" دېدى. بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا بىزگە ئويۇن ـ تاماشاغا تولغان ئىككى كۈننى، زىكىر، شۈكۈر، مەغپىرەت ۋە ئەپۇچانلىق كۈنىدىن  ئىبارەت بۇ ئىككى كۈنگە تېگىشتۈرۈپ بەردى.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    تەرجىمە قىلغۇچى : مۆمىن جان تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «قۇربانلىققا دائىر ئەھكاملار ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى» ناملىق بۇ ماقالىدا، قۇربانلىق قىلىش ئورپ-ئادەت بولماستىن،بەلكى ئىسلام دىنىدىكى ئىقتىسادى ئىبادەتلەردىن ئىكەنلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلمانلارنى قۇربانلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكى، قۇربانلىق قىلىشقا قادىر بولالايدىغان كىشىلەرنىڭ قۇربانلىق قىلىشى تەكىتلەنگەن سۈننەت ئىكەنلىكى، ئۇنىڭغا ئائىت ھۆكۈم ۋە شەرت قاتارلىقلار توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    يازغۇچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتى»جانابى ئاللاھ بەندىلىرىگە بولغان رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىدىن ئۇلارنى ئىبادەتكە قىزىقتۇرۇش، سالىھ ئەمەللەرنى كۆپلەپ قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قۇزغاتقىلى ۋاقىتنى يارىتىپ، ئۇنى بىر ـ بىرىدىن ئارتۇق پەزىلەتكە ئىگە قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ كۈنلەرنىڭ دۇنيادىكى كۈنلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردى. بەلكى ئاللاھنىڭ بۇ كۈنلەر بىلەن قەسەم قىلغانلىقىنىڭ ئۆزى، ئۇ كۈنلەرنىڭ شەرەپلىك ۋە پەزىلەتلىك ئېكەنلىكىگە يېتەرلىك ئىسپاتتۇر.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    يازغۇچى : مەۋلانا يۇسۇپ ئىسلاھى تەرجىمە قىلغۇچى : مېركامىلجان قەشقەرى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «قۇربانلىق قىلىشنىڭ ماھىيىتى »ناملىق بۇ ماقالە،قەلبى گويا مىھرى ــ شەپقەتنىڭ سەرچەشمىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن بىر بوۋاينىڭ (يەنى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ) ئۆز يۈرەك پارىسىغا: "ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىشنى چۈشەپتىمەن، ئويلاپ باققىنا! سېنىڭ قانداق پىكرىڭ بار؟" دېگىنىدە، ياراملىق پەرزەنتىنىڭ "ئى ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجرا قىلغىن، خۇدا خالىسا (ئۇنىڭغا) مېنى سەۋر قىلغۇچى تاپىسەن" دەپ قىلچە ئىككىلەنمەستىن،  جاۋاپ بەرگەنلىگىدىن ئىبارەت ئىمان، ساداقەتنى لەرزىگە سالىدىغان ئەشۇ تەسىرلىك مەنزىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ئۆتىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    يازغۇچى : سۇمەييە رامىزان تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «ھەج تۇيغۇلىرى» بۇ ماقالىدا، ھەجنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى، ئىنسان ھاياتىغا كورسىتىدىغان تەسىرى، تۈنجى قىتىم ئاللاھنىڭ بەيتىنى كورگەندە ئىنسان قانداق تۈيغۇلاردا بولىدىغانلىقى،ئۇ جايدىكى ئىلاھى قۇدرەتلەرنى كورگەندە، ئىي ئاللاھ ! سەن پاكتۇرسەن ... سەن ھەقدۇرسەن، دىنىڭ ھەقىقەتتۇر، رەسۇل ئەلەيھىسسلام راسچىل پەيغەمبەردۇر ،سەن ئەڭ قۇدرەتلىك شېرىكسىز ئاللاھسەن دىمەي تۇرالمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بىرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    پەزىلەتلىك جەمئىيەت قەدىمدە كۆپلىگەن پەيلاسوپلار ياشاپ كەلگەن شىرىن خىيال بولۇپ، نۇرغۇنلىغان مۇتەپەككۇرلارنىڭ ۋە ئۆلىمالارنىڭ نەزەرىدە ئۇلۇغۋار نىشان سانىلىپ كەلدى. ھەركىم پەزىلەتلىك بۇ جەمئىيەتنى ئارزۇ قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭدا ياشاشنى تىلەيدىغان بولغان ئىدى. كۆڭۈل راھەتلىنىدىغان مۇنداق بىر جەمئىيەتنى كىممۇ ئارمان قىلمىسۇن؟!

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    «قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئەدەپ ۋە پەزىلەتلىرى» ناملىق بۇ ماقالىدا ، قۇرئان ئوقۇغۇچىنىڭ، قۇرئان ئوقۇغاندا نېمە ئىشلارغا ئەمەل قىلىشىنىڭ كېرەكلىكى ، قۇرئان ئوقۇش ۋە ئۇنى يادلاشنىڭ پەزىلىتى قاتارلىق مۇسۇلماننىڭ بىلىشى مۇھىم دەپ قارالغان قۇرئانغا دائىر بەزى مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە ھەدىس بىلەن ئىسپاتلاپ ئوقۇرمەنلەرگە ئوچۇق ۋە ئېخچام ھالدا يورۇتۇپ بىرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    تەرجىمە قىلغۇچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «ياشلارغا 75 نەسىھەت» بۇ ماقالە يەتمىش بەش نەسىھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مۇسۇلماندا بولۇشقا تېگىشلىك، ئىبادەت،ئىجتىمائى مۇناسىۋەت، ئەدەپ-ئەخلاق قاتارلىقلارغا ئائىت مۇھىم نەسىھەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    يازغۇچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن رۇزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا»ناملىق بۇ ماقالىدا ، شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن نەپلە روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ پايدىلىرى، ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇنىڭ ئۈچۈن بىرىلىدىغان ساۋاپلار ۋە ئۇنىڭغا ئائىت بەزى ھۆكۇملەر ساغلام ھەدىسلەرگە تايانغان ھالدا ئوقۇرمەنلىرىمىزگە بايان قىلىنىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    «فىتىر سەدىقىسى ھەققىدە» ناملىق بۇ ماقالىدا ،ئىسلام شەرىئىتىدە فىتىر سەدىقىسىىنىڭ قاچان يولغا قويۇلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ھېكمەت،ئۇنىڭ كىملەرگە بىرىلىدىغانلىقى ۋە مىقدار ئۆلچىمى...قاتارلىق فىتىر سەدىقىسىگە ئائىت ھۆكۇملەرنى تەپسىلى بايان قىلىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    «ئېتىكاپ توغرىسىدا»ناملىق بۇ ماقالىدا، ئېتىكاپنىڭ ماھېيىتى ۋە ئۇنىڭ پەزىلەتلىرى،ئېتىكاپنىڭ تۇرلىرى، قەيەردە بولىشى كېرەكلىكى ۋە ئۇنىڭ نىيەتلىرى،ئېتىكاپنىڭ شەرتلىرى ۋە ئۇنى بۇزىدىغان ئامىللار قاتارلىق ئېتىكاپقا ئائىت مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە ھەدىسنى چىقىش قىلغان ئاساستا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    «روزىنىڭ تۇرلىرى»ناملىق بۇ ماقالىدا , دىنىمىزدا روزىنىڭ 6 تۈرلۈك بولىدىغانلىقى، ئۇلار: پەرز، ۋاجىب، سۈننەت، ھارام، مەكرۇھ ۋە نەپلە قاتارلىق روزىلار ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇ روزىلارغا دائىر شەرىئەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى قۇرئان كەرىم ۋەھەدىس شەرىپلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ تەپسىلى چۇشەنچە بەرگۇسى.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    «روزا ھەققىدە كۆپرەك سورىلىدىغان سۇئاللارغا جاۋابلار» ناملىق بۇ ماقالە رامىزان ئېيىدا كۆپ سورىلىدىغان، پەرز ۋە نەپلە روزىلارغا ئائىت ھەر قانداق كىشىنىڭ بىلىۋىلىشى زورور بولغان ۋە مۇھىم دەپ قارالغان 40 سوئالنىڭ جاۋابى بولۇپ، ئۇيغۇر روزىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ چۇشۇنۇشلىك ۋە ئېخچام ھالدا ئوقۇرمەنلەر ھۆزۇرىغا سۇنۇلدى.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    «رامىزاننىڭ شاراپىتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشتىكى 10 تەۋسىيە » ناملىق بۇ ماقالىدا،رامىزان ئېيى ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش، يامان ئادەتلەرنى تاشلاش، ئېسىل پەزىلەتلەرنى، گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆزىدە يەرلەشتۈرۈش، ئىستىقامەتتە مۇستەھكەم بولۇش ۋە ئىماننى يېڭىلاش پۇرسىتى ئىكەنلىكى، رامىزان ئېيىدىكى روزا تەربىيە خاراكتېرلىك ئىبادەت بولۇپ، بۇ روزىدىن مەقسەت ئەتىگەندىن كەچكىچە قورساقنى ئاچ قويۇپ بېھۈدە قىينىلىش ئەمەس، بەلكى نەپسىنىڭ ئىستەكلىرىنى كونترول قىلىشنى ۋە سەبىرچانلىقنى ئۆگىنىش، چىدام ۋە ئىرادىنى تىكلەشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    PDF

    «رامىزاندىكى پەزىلەتلىك ۋاقىتلار»ناملىق بۇ ماقالىدا، رامىزان ئېيىدىن ئىبارەت بۇ ئۈلۈغ ئايدا قۇرئاننىڭ نازىل بولغانلىقى،ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلىنغان ئىبادەتكە ھەسسىلەپ ئەجىر بىرىدىغانلىقى، تەرەۋىھ نامىزىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭغا ئائىت بەزى ئەھكاملار،ئاخىرقى ئونىنىڭ پەزىلىتى،قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ ئىسلام ئەھلىگە بىرىلگەن بۈيۈك نىمەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    DOC

    «روزىنىڭ پەرز قىلىنىشىدىكى ھېكمەت ۋە ئۇنىڭ پايدىلىرى» ناملىق بۇ ماقالىدا، روزىنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى ۋە قاچان پەرز قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭ كىشىلىك جەمئىيەتكە بولىدىغان، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك پايدىلىرى، روزىنىڭ ئىنسانغا، سىلە-رەھىم، سەۋىرچانلىققا ئوخشاش بۈيۈك ئىنسانى ئەخلاقنى يېتىلدۇرۇش بىلەن بىرگە مۇسۇلمانغا خاس ئىرادىنى تاۋلاپ چىقىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بىرىدۇ.